Posts

  دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى   2022-يىل 2-يانۋار ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن  سۆھبەتتە سۆزلەنگەن نۇتۇق   قەدىرلىك ياشلىرىمىز،   بۈگۈن سىلەر بىلەن «دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇلاقەتتە بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى قەۋەتلا بەختلىك ھېس قىلى ۋاتىمەن.  مەشھۇر رەسسام پابلو پىكاسسو «ياشل ىق قېرىمايدۇ » دېگەنىكەن. بۇ دېگەنلىك، ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىزدە بىر ياشلىق  بار . بۇ ياشلىق  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى  بىلەن قېرىمايدۇ. بەلكى  قەلبىمىزدە  بىزنىڭ مەڭگۈ قېرىمايدىغان قىزغىنلىقىمىز سۈپىتىدە ياشايدۇ. ئەمما، نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ياشلىقنى يا ھېس قىلمايمىز، يا بىلمەيمىز ،  يا ئۇنىڭغا ئىرەن قىلمايمىز. مېنىڭ بۈگۈن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىم دەل قەلبىمدىكى مۇشۇ ياشلىقنى   قايتا  ئويغاتتى .  ھازىر  ئۆزۈمنى روھىي جەھەتتە خۇددى سىلەردەكلا ياش، جۇشقۇن، قىزىققان ۋە ئىدېئالىست  سۈپىتىدە  ھېس قىلماقتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. ​  ھايات ھەققىدە قەدىمدىن نۇرغۇن ھېكمەتلەر ئېيتىلغان. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇنى بىر كارۋاننىڭ سەپىرىگە ئوخشىتىدۇ. 20-ئەسىردە ئوخشاش ئىدىيە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر