Posts

Showing posts from May, 2019

مىللەتنىڭ روھى نەدە؟

مىللەتنىڭ روھى نەدە؟ پەقەت كۈچلۈك كىشىلەرلا ئازابىنى پەقەت ئۇنىڭ ئەڭ زۆرۈر قىسمىنىلا تارتىيالاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. --ئېمىل دورىئان 1940-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى ئەنگىلىيە تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر كۈندۇر. بۇ كۈنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ياۋروپادىكى تاجاۋۇزچىلىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان، ياۋروپالىقلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان ۋە ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈنى ئۆزىنىڭ پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىن بارغانسېرى بېسىم قىلىنىپ، ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە زورلىنىۋاتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋېنستېن چېرچىل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «بىز ساھىللاردا ئۇرۇش قىلىمىز» تېمىسىدىكى مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلەپ، ئەنگىلىيە خەلقىگە مۇنداق مەردانە خىتاپ قىلىدۇ: ھەتتا ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمى ھەمدە نۇرغۇن كونا ۋە مەشھۇر يېڭى دۆلەتلەر گېستاپو ۋە ناتسىست ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن ۋە چۈشىدىغان بولسىمۇ، بىز ئاق بايراق چىقارمايمىز ياكى يېڭىلمەيمىز. بىز ئاخىرى

قالايمىقانچىلىق ۋە تەرتىپ--ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي پسىخىكىسىغا قىسقىچە نەزەر

قالايمىقانچىلىق ۋە تەرتىپ -ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي پسىخىكىسىغا قىسقىچە نەزەر مۇھاكىمىمىزنى مۇنۇ مىسالدىن باشلايلى. سىزنىڭ ناھايىتى شوخ، گەپ ئاڭلىمايدىغان ۋە ھەممىنى بۇزمىغۇچە كۆڭلى تىنچىمايدىغان 5 ياشلىق بىر بالىڭىز بار دەيلى. بىر كۈنى سىز قوشنىلارنىڭكىگە بىر ئىشقا چىقىپ، سەل ھايال بولۇپ كىرگىنىڭىزدە بالىڭىزنىڭ ئۆيىڭىزنى تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆردىڭىز. ئۆيىڭىزدە ھەممە نەرسە دېگۈدەك ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلگەنىدى. بۇ مۇھىتتا ئۆزگەرمىگەن بىردىنبىر نەرسە بالىڭىزنىڭ شوخلۇقى ئىدى. بۇ قالايمىقانچلىقنى كۆرۈپ، بېشىڭىز ئەلۋەتتە پىررىدە قايىدۇ. چۈنكى ئۆينى ئەسلىدىكى تەرتىپكە ئەكىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىڭىز كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى نەرسىلىرىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن. خوش، بۇ قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش ئۈچۈن قانداق قىلىسىز؟ ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن بالىڭىزنىڭ ئەدىپىنى راۋۇرۇس بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ئۇنى ئەدەبلەش بىلەن ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىق ئوڭشىلىپ قالمايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان شەخسكە   بېقىپ