قالايمىقانچىلىق ۋە تەرتىپ--ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي پسىخىكىسىغا قىسقىچە نەزەر

قالايمىقانچىلىق ۋە تەرتىپ

-ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي پسىخىكىسىغا قىسقىچە نەزەر


مۇھاكىمىمىزنى مۇنۇ مىسالدىن باشلايلى. سىزنىڭ ناھايىتى شوخ، گەپ ئاڭلىمايدىغان ۋە ھەممىنى بۇزمىغۇچە كۆڭلى تىنچىمايدىغان 5 ياشلىق بىر بالىڭىز بار دەيلى. بىر كۈنى سىز قوشنىلارنىڭكىگە بىر ئىشقا چىقىپ، سەل ھايال بولۇپ كىرگىنىڭىزدە بالىڭىزنىڭ ئۆيىڭىزنى تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆردىڭىز. ئۆيىڭىزدە ھەممە نەرسە دېگۈدەك ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلگەنىدى. بۇ مۇھىتتا ئۆزگەرمىگەن بىردىنبىر نەرسە بالىڭىزنىڭ شوخلۇقى ئىدى. بۇ قالايمىقانچلىقنى كۆرۈپ، بېشىڭىز ئەلۋەتتە پىررىدە قايىدۇ. چۈنكى ئۆينى ئەسلىدىكى تەرتىپكە ئەكىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىڭىز كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى نەرسىلىرىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن. خوش، بۇ قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش ئۈچۈن قانداق قىلىسىز؟ ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن بالىڭىزنىڭ ئەدىپىنى راۋۇرۇس بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ئۇنى ئەدەبلەش بىلەن ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىق ئوڭشىلىپ قالمايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان شەخسكە  بېقىپ ئوخشىمايدۇ. ئەمما، بىر قەدەر ئورۇنلۇق بىلىنىدىغان ۋە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلگەن نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئورنىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىشتۇر. ئەگەر ئەسلىدىكى ئورنى ئەستە بولمىسا، ئۇ تەۋە بولۇشى كېرەك ئورۇنغا (ياكى كاتېگورىيىگە ۋە ياكى سىستېمىغا—مەسىلەن، ئاشخانىنىڭ جابدۇقىنى ئاشخانىغا، تەرەتخانىنىڭ جابدۇقىنى تەرەتخانىغا قويۇش كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئاشخانىنىڭكىنى تەرەتخانىغا ياكى تەرەتخانىنىڭكىنى ئاشخانىغا قويۇشقا بولمايدۇ) قايتۇرۇش كېرەك. شۇندىلا ئۆي ئەسلىدىكى ھالىتىگە—ئەسلىدە قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالىغا—قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. ئۆيدىكى قالايمىقانچىلىق تەرتىپلىنىدۇ.

بۇ مىسالدىن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇقۇملارغا ئېرىشىمىز:
1.   قالايمىقانچلىق دېگەن نېمە؟
2.  قالايمىقانچلىق ئادەمگە نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟
3.   قالايمىقانچلىقنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇل قايسى؟

مۇھاكىمىمىزدىكى «قالايمىقانچىلىق» ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگلىزچىسى “chaos” دۇر. ئۇنىڭ تىلىمىزدىكى لۇغەت مەنىسى تەرتىپسىزلىكتۇر. بۇ شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى، تەرتىپسىزلىك بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇرىدىغان بىر تەرتىپ ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا نېمىنىڭ ئەسلىدىكى تەرتىپتىن پەرقلىق شەكىلگە كىرگەنلىكىنى ۋە تەرتىپسىزلەشكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ مەنىدىن، ئەسلىدىكى تەرتىپ كېيىن ھالەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى بېكىتىشتىكى پايدىلىنىش نۇقتىسىدۇر، گەرچە ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك نىسبىي بىر تەرتىپ بولسىمۇ.
يۇقىرىقى مىسالدىن شۇنى كۆردۇقكى، بالىنىڭ بۇزغىنى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان قالايمىقانچىلىق ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى مەۋجۇت تەرتىپتۇر—ياكى تەرتىپلىك ھالەتتۇر. بۇ ھالەت ئۆزگەرگەندىلا—مەيلى ئۇ تەبىئىي ياكى سۈنئىي شەكىلدە ئۆزگەرسۇن—ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى ھالەت ئالىدۇ. ئەگەر بۇ ھالەتنىڭ ئەسلىدىكى ھالەت بىلەن بولغان پەرقى بەك چوڭ بولسا ۋە بۇ پەرق بىزنىڭ ئۇنى تونۇش ھەم ئىدراكلىشىمىزغا كاشىلا تۇغدۇرسا، بىز بۇنداق ھالەتنى قالايمىقانچىلىق دەپ تەبىرلەيمىز.

تەرتىپسىزلىك كەڭ مەنىدىن ئىلگىرى ئەقلىي دەپ قارالغان، ئىدراكىي قوبۇل قىلىنغان ۋە تۇيغۇغا ئۆزلەشكەن ھالەتنىڭ بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەقلىي بولمىغان، ئىدراك قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە تۇيغۇ بىلەن قارشىلىشىدىغان يېڭى ھالەتنىڭ ئېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەزىدە تاشقى كۈچ تەرىپىدىن مەۋجۇت ھالەتنىڭ ۋە سۈپەتنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىشىنى كۆرسەتسە، يەنە بەزىدە ئەسلىدىكى كۆزگە چېلىقىپ كېتىلمىگەن، ئىدراك ھەم قىياس قىلىنمىغان ھالەتنىڭ كېيىن ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بالىققا كەلتۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى ماتېماتىكىدىن تۈرلىنىپ چىققان قالايمىقانچلىق نەزەرىيىسىدىكى (the chaos theory) مەشھۇر «كېپىنەك ئېففېكتى» (the butterfly effect)  دۇر. ئۇنىڭدا تۈز لىنىيىلىك بولمىغان ئالدىن بېكىتىلگەن (دېتېرمىنىستىك) دۇنيانىڭ بىر ھالىتى سۈپىتىدىكى  كىچىك ئۆزگىرىشنىڭ كېيىنكى ھالەتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان ئېدۋارد لورېنزنىڭ قارىشىچە، ئوخشىتىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى برازېلىيىدە قاناتلىرىنى قاققان بىر كېپىنەك  ئامېرىكىدىكى تورنېيدونىڭ (قۇيۇنلۇق بوراننىڭ) شەكىللىنىشىنىڭ دەل ۋاقتىغا ۋە ئۇنىڭ مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. يەنى ئەنئەنىۋى قاراشقا كۆرە كىچىك ئۆزگىرىشلەر كىچىك نەتىجىلەرنى، چوڭ ئۆزگىرىشلەر چوڭ نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى بەزىدە كىچىك ئۆزگىرىشلەر ئويلىمىغان يەردىن چوڭ نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئىلمىدىن سىرت، پسىخولوگىيە ئىلمىدىمۇ تەدرىجىي قوللىنىلىشقا باشلىغان بۇ ئۇقۇم قالايمىقانچلىققا تولغان پسىخىك ھاياتنىڭ مېتافورىدۇر. ئۇ كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ (قالايمىقانچىلىققا تولغان) رېئاللىققا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. روھىي بۆلۈنۈش كېسەللىكلىرى (schizophrenia) بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

         ئادەتتە، ئادەملەر قالايمىقانچلىقنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا شەيئىلەر ياكى ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئورنىدىن يۆتكىلىپ، ياكى بىر-بىرى بىلەن چۈشەندۈرگۈسىز بىر شەكىلدە ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، ياكى بىر ياكى بىر قانچە شەيئىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىن نېمىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ، ياكى ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان قايمۇقۇش ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ مەنىدىن، قالايمىقانچىلىق ئادەمنىڭ سەزگۈسىگە، ئىدراكىغىلا ئەمەس، بەلكى ئەقلىگىمۇ خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ سەزگۈمىزدە گۈزەللىكنىڭ كۆپ ھاللاردا تەرتىپلىك جايلاشقان شەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىن بارلىققا كېلىشتەك ئالاھىدىلىكىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولىدۇ. ئىدراكىي نۇقتىدىن، ئۇ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش، ماسلىشىش، بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدىكى (ئىچكى) باغلىنىشنى رەت قىلىدۇ. ئەقلىي نۇقتىدىن، ئۇ مەلۇم سىستېمىدىكى شەيئىلەرنىڭ قىلمىشىنى ئالدىن پەرەز قىلىشنىڭ ئۇنىڭدىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارغانسېرى كۈچىيىشى ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەرگە قېتىلىپ كېتىشى سەۋەبلىك مۇمكىنسىزلىككە ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنى قىياس قىلغىلى بولمىسا، ئۇنى ھېچقانداق قانۇنىيەتكە بوي سۇنمىدى دېيىشكە بولىدۇ (گەرچە ماھىيەتلىك مەنىدىن، قالايمىقانچلىققا تولغان ھەرقانداق بىر سىستېمىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ئەمما بىزگە تېخىچە مەلۇم بولمىغان بىر قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقالمىساقمۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇنىسى ئەستىن چىقماسلىقى كېرەككى، قالايمىقانچلىق نەزەرىيىسى ئالدىن بېكىتىلگەن دېتېرمىنىستىك دۇنيادا يۈز بېرىدىغان شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق ئوبيېكتى قىلىدۇ. بۇنداق دۇنيادا ئەسلىدىن ھەر قانداق شەيئىنىڭ ھەرىكىتى ئالدىن بېكىتىلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قالايمىقانچلىقىنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن تەسكە چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇ قانۇنىيەتكە بوي سۇنمىسا، ئۇنى قىياس قىلىش مۇمكىنسىز بوپ قالماي، بەلكى يەنە ئۇنى چۈشىنىشمۇ يوققا چىقىدۇ. چۈنكى، دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىر ماھىيەتلىك ۋە ئاداققى قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىشىغا ئىشىنىشتۇر. بۇ قانۇنىيەت ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئوخشاش شارائىتتا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش مۇمكىنچلىكىگە كېپىللىك قىلىدۇ. دۇنيادىكى شەيئىلەر مانا مۇشۇنداق چۈشىنىلىدۇ. ئەگەر بۇ شەيئىنىڭ ھەرىكىتىدىكى تۇراقسىزلىق، خالىغانچىلىق ۋە تەرتىپسىزلىك سەۋەبلىك ئۇنىڭ كەلگۈسىنى قىياس قىلغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى يېتەكلەۋاتقان بىرەر قانۇنىيەتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىدىن شۈبھىلىنىشكە ھەقلىقمىز.

بۇ مەنىدىن، قالايمىقانچلىق دېگىنىمىز تۆۋەندىكى ھالەتلەرنى كۆرسىتىدۇ:
1.   ئەسلىدىكى ھالەتنىڭ ئورنىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن تۆتكىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەرتىپسىزلىك. بۇنىڭدىن يېڭى ھالەتكە نىسبەتەن ئەقلىيسىزلىك، ئىدراكىيسىزلىق ۋە تۇيغۇ مۈجمەللىكى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن (بالا تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ئۆي مىسالىنى ئەسلەڭ)؛
2.  مۇرەككەپ سىستېمىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ پەرەز قىلغۇسىز دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلىرى (ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن بىرەر قانۇنىيەتنى بايقىيالماسلىق ۋە كەلگۈسىدە ئوخشاش ھەرىكەتنىڭ ئوخشاش شارائىتتا يۈز بېرىش-بەرمەسلىكىنى بىلگىلى بولماسلىق. چۈنكى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي تاسادىپىي، تاققا-تۇققا ۋە خالىغانچە يۈز بېرىۋاتقان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ)؛
3.   شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن چۈشىنىكسىز تەرىزدە بىرلىشىپ كېتىشى؛
4.    ۋاقىت نۇقتىسىدىن شەيئىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئىلگىرى-كېيىنلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى، شۇنداقلا شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىكى قانۇنىيەتلىكنى بىلدۈرىدىغان سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىپ كېتىشى، قاتارلىقلار. 
ئەمدى، مۇھاكىمىمىزنىڭ مەركىزىگە كەلدۇق—ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ئەھۋالى دەل قالايمىقانچلىققا تولغان ئەھۋالدۇر.  ئۇنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكلىرىنى  يۇقىرىقى تەبىرلىرىمىزگە تەدبىقلىساق، مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىمىز:
1.   ئۇيغۇرلارنىڭ (مەۋجۇتلۇقىنىڭ) ئورنى (ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز) يۆتكىلىپ كەتتى. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ئۇلار ئىلگىرى تەۋە ئائىلە، مەھەللە ۋە يۇرت-كويلاردىن خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىشنى كۆزلەپ بىنا قىلغان لاگېرلارغا يۆتكەلدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى بىلىنمەس ھالغا كەلدى. ئانا-ئانىلار بالا-چاقىلىرىدىن ئېچىنىشلىق تەرىزدە ئايرىۋېتىلدى. پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى مىسلىسىز تراگېدىيىگە دۇچار بولدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بولسا مۇساپىرلىق ھاياتىغا يۆتكەلدى--كۆچتى. ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە بېرىشى چەكلەندى. فىزىكىلىك جەھەتتىكى بۇ ئورۇن يۆتكىلىشتىن مەنبەلەنگەن قالايمىقانچلىقنىڭ پسىخىك جەھەتتىن ئېلىپ كەلگەن قالايمىقانچىلىقى ئوخشاشلا غايەت زور بولدى—ئۇيغۇرلار مەيلى ۋەتەندە، ياكى مۇھاجىرەتتە بولسۇن، ئەقلى كۆتۈرەلمەس، ئىدراكى بىر تەرەپ قىلالماس ۋە تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر روھىي قىيناققا كوللېكتىپ سۈپىتىدە تېخىمۇ كىردى.  
2.  چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى قەھرىمان بىلەن خائىن، ۋەتەنپەرۋەر بىلەن خىتتايپەرۋەر، لىدېر بىلەن ئەگەشكۈچى، دىنىي زات بىلەن ئاتېئىست، زىيالىيلار بىلەن ئامما، ساخاۋەتچى بىلەن بىلەن زالىمنىڭ پەرقى بىر-بىرىدىن ئايرىۋالغۇسىز دەرىجىدە يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ بېشىنى تېپىش بىر قارىسا ئاسانلاشتى، بىر قارىسا تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى—ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ قايسى كۆرۈش نۇقتىسىدا قاراۋاتقانلىقىڭىزغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بولۇپمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى قالايمىقانچىلىقلار، ھەددىدىن زىيادە قۇرۇق گەپلەر، باش-ئاخىرى يوق جېدەل-ماجىرالار يۇقىرىقى پەرقلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋھۇم رېئاللىقتىكى تەرتىپسىزلىكنى تېخىمۇ ئەدىتىۋەتتى؛
3.   ۋاقىت نۇقتىسىدىن، يىراقتىكىنى قويۇپ تۇرۇپ، يېقىننى ئالغاندا، ياقۇپبەگ زامانىدا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنىڭ جىددىيىتىنى مەركىزىي خاندانلىققا داۋاملىق بەيئەت قىلىشقا تەڭ قىلمىغان بۇ كەچۈرگۈسىز تارىجىي خاتالىق ۋە ھەتتا جىنايەتنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان دەۋرىلىرىدە ئوخشاش شەكىلدە ئەمما تامامەن ئوخشاش بولمىغان مەزمۇندا تەكرارلىنىشى ۋە ھەتتا بۇنىڭ كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىشى ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ھەمدە ھازىر بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىدىن بارلىققا كېلىشى كېرەك بولغان تەرتىپنى ھېلىھەم ئاستىن-ئاستۈن قىلىپ كەلدى؛
4.   ئاممىۋى ئىدراكتا تېخىچە ھەل بولمىغان ياكى ھېچ بولمىغاندا كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقتا بولسىمۇ ساقلىنىپ قېلىنىغلىق مۇنداق قالايمىقانچلىقلار بار: ئۇيغۇرلارنىڭ
زالالىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبكارى كىم ياكى نېمە—ئۆزلىرىمۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ روھىيىتىدىكى كېسەلمەنلىكلەرمۇ؟ تارىخىدىكى كېلىشمەسلىكلەرمۇ؟ جۇغراپىيىسىدىكى كاج تەلەيلىكمۇ؟ دىنىمۇ؟ ياكى خىتتايلارمۇ؟

ئۇيغۇرلار غەرق بولغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى يەنە مۇنداق ئۈچ تەرەپتىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: ئىدېئولوگىيلىك، سىياسىي ۋە پسىخولوگىيىلىك.
1.   ئىدېئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئالغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئىدېئولوگىيىسى مۇنتىزم ئەمەس--سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ئىدېئولوگىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىرلىككە كەلگەن ئەمەس. سىياسىي نىشان ئېنىق ئەمەس. بۇ ئېنىقسىزلىق ئۇنىڭغا يېتىدىغان ۋاسىتىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئويلاشنى مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندۇرۇپ كەلگەن. چۈنكى،نىشان بولمىغان يەردە،ئۇنىڭغا يېتىدىغان نىشاننى ئويلاشقا ھېچ ھاجەت قالمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئىدېئولوگىيلىك جەھەتتىن، ئۇيغۇرلار خىتتاينىڭ ئۆزىگە قارشى قۇرۇلغان بىرلا خىل ئىدېئولوگىيىسىگە قارشى يېڭى ئىدېئولوگىيە ئىشلەپ چىقىرالمىدى. كىشىلەر قارىمۇ قارشى ئىدېئولوگىيىلەرنىڭ ئىچىدە قالدى. ياكى، ئىدراكىدا بىر-بىرىنى دۈشمەن قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پاتقىقىغا پاتتى ھەم خىتتاي تەرىپىدىن پاتۇرۇلدى. ئوتتۇرىدىكى توقۇقۇنۇشنى كېلىشتۈرىدىغان ياكى ئۈچىنچى يول، شەخس، نوپۇز ياكى ئىدىيە بولمىدى. بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇش تاكى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشقىچە داۋاملىشىشقا باشلىدى؛
2.   سىياسىي جەھەتتە سىياسىيونلۇق ھەقىقىي كەسپلىشىش باسقۇچىغاكۆتۈرۈلگەن كەسكىن بىر ساھە بولماي كەلدى. ئەكسىچە،ئۇ ياكى ئۇيغۇرلارغا لىدېر بولۇشنىڭ (بىردىنبىر) يولى ياكى ئۇ ئەنئەنىۋى مۇقامغا يورغىلاپ ئۆزىگە شايكا توپلاپ ئۆزىنىڭ مەشھۇرلىنىش ھەۋىسىنى قاندۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە خاتا ئىشلىتىلىپ كېلىندى. بەزىدە ئۇ ھەقىقىي سىياسىيونلار كەمچىللىكى سەۋەبلىك ساختا، مۈجمەل ۋە خەتەرلىك سىياسىيونلار قاپلاپ كەتكەن مەيداننى كۆرسەتتى.  شۇڭا ئۇنىڭدا كەسكىنلىك، يىراقنى كۆرەرلىك ياكى ھېچ بولمىسا بىر ئەقەللى مەسئۇلىيەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولماي كەلدى؛
3.   پسىخىك نۇقتىدىن،ئۇ خىتتاينىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ ھالدا جازا لاگېرلىرىغا سولىشى ۋە ئۇلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە قىلىشىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدىكى غايەت زور پسىخىك قالايمىقانچىلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ تۈپكى  ئالاھىدىلىكى كوللېكتىپ خورلىنىش ھېسسىدىن كېلىپ چىقىدىغان ياردەمچىسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىكتۇر. ئۇنىڭدا ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئۆلۈمنىڭ ھەر كۈن، ھەر سائەت ۋە ھەر مىنۇتتا ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىشى ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ تىرەن ئېنىقسىزلىقىدۇر: ئۆلۈمنىڭ كىمگە قاچان ۋە قانداق يۈز بەرگەنلىكى ۋە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئېنىقسىزلىقتۇر. ئۇ ئۆلۈشتە قىينىلىش ئەمەس،بەلكى ئۆلەلمەسلىكنىڭ چەكسىز ئۇزىرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېيتقۇسىز قىينىلىشتۇر. ئۇ مەڭگۈ يوقالماس گۇناھ تۇيغۇسىنى ئېلىپ يۈرۈشتۇر. ئۆز-ئۆزىنى ئىچ-ئىچىدىن جازالاش شەكلىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى قەتلىئام چەتئەل ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا مۇنداق ئىككى خىل پسىخىك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ—بىرى ئازابنى، ھاقارەتنى ۋە ئاسارەتنى ئاڭسىزلىقىدىكى ئۆزىنى قوغداش مېخانزمىغا تايىنىپ تۇرۇپ نورماللاشتۇرالىغانلار—قوبۇل قىلالىغانلار ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ھالقىيالىغانلار. بۇنىڭدا، ئاسارەتنىڭ كاللىنى ۋەيران قىلىشىنىڭ خەتىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولىدۇ. ئۇلارغا ئەمدى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاسارەت ئاساسەن تەسىر قىلمايدۇ. يەنە بىرى ئاسارەتنىڭ تەسىرىدىن تېخىچە قۇتۇلالمايۋاتقانلار—يەنى ئاسارەتنى نورماللاشتۇرالمىغانلار ۋە نورماللاشتۇرالمايدىغانلار. ئۇلارنىڭ پسىخىكىسى كۆپ ھاللاردا داۋاملىق تەسىرگە ئۇچراش، غىدىقلىنىش، قايتا-قايتا ئاسارەتلىنىش ۋە ۋەيران بولۇش خەۋپىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلاردا ئەنسىرەش ۋە سترېس قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى چۈشكۈنلەشكەنلەردۇر. ئېغىرلاشقانلىرى ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.  ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇلارنىڭ چىدىغۇسىز ئازابنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، پسىخىك ئاسارەتتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇ پسىخىك قالايمىقانچىلىقلار كوللېكتىپتا قۇتۇپلاشقان ئوي ئەندىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ—ئۆزىگە زىيادە مەپتۇن بولۇش بىلەن ئۆزىدىن زىيادە يىرگىنىش؛ دۈشمىنىگە زىيادە مۇھەببەت كۆرسىتىش بىلەن ئۇنىڭغا زىيادە ئۆچمەنلىك قىلىش، قاتارلىقلار ئوخشاش شەخستە ۋە ئىجتىمائىي-دىنىي گۇرۇپپا ئەزالىرىدا ئوخشىمىغان شارائىتتا تەڭلا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. بۇ قالايمىقانچىلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىن رايون ۋە يۇرت ئارقىلىق تەبىرلىنىپ كەلگەن بوستانلىق كىملىكىدىن كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقلار ۋە چەتئەل ھاياتىدىكى قايمۇقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە غېرىبلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا قالايمىقانچىلىقلار بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ مۇرەككەپ شەكىلگە كىرىدۇ. 
دېمەك، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ قالايمىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا،بۇقالايمىقانچىلىقلارغا قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇنىڭغا مەن تۆۋەندە يۇقىرىدىكى مۇھاكىمىمىزنىڭ ئاساسلىق روھى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن قىسقىچە مۇنداق جاۋاب بەرمەكچىمەن:
1.   مەيلى بىر شەخس ياكى بىر كوللېكتىپ ئۈچۈن، قالايمىقانچىلىق ئالدىدا ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەقلىي سوغۇققانلىقنى ساقلاشتۇر. چۈنكى، ئىنسان كاللىسى قالايمىقانچىلىققا يولۇققاندا كۆپ ھاللاردا بىئارام بولۇش، قايمۇقۇش ۋە ھەتتا يىرگىنىش تۇيغۇسىدا بولىدۇ. بەزىلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر قالايمىقانچىلىق فىزىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە (مەسىلەن، بوشلۇق ياكى ۋاقىت خاراكتېرلىق) بولسا، كاللا سوغۇققان تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئۇمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، فىزىكىلىق قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشايدۇ دەپ قارىلىدىغان كاللىنىڭ ئۆزى قالايمىقانلىشىپ كېتىپ، ھېچنېمە ئوڭشالمايدۇ. ئوڭشايمايدۇلا ئەمەس، بەلكى ئەسلىدىكى قالايمىقانچلىق ئىككى بولۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە، ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتىدىكى ھازىرقى قالايمىقانچلىقنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرت كوللېكتىپ ئاڭنىڭ قالايمىقان بولماسلىقىدۇر؛
2.  بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى مۇھاكىمىمىزنىڭ بېشىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، قالايمىقان مۇھىتتىكى ھەممە شەيئى ۋە ئادەم ئامال بار ئۆزى تەۋە ۋە ياكى تەۋە بولۇشى كېرەك ئورۇنغا قايتا جايلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شارائىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىياسىىيون سىياسىيونلۇقىنى قىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ بىر ئاددىي ئەگەشكۈچىنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ ئاشۇ ۋەزىپىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بولىدۇ. بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بىر پائالىيەتچى بولۇشى كېرەككى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى مىللەتنىڭ بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچسى سۈپىتىدىكى لىدېر سۈپىتىدە كۆرۈۋالماسلىقى كېرەك. بىر دىندار چوقۇم خەلقنىڭ دىنىي ھاياتىنى يېتەكلىشى كېرەككى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك؛
3.   ئۇيغۇرلار چوقۇم ئۆزىنىڭ روھىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلىرىنى ئوڭشاشنى نىشان قىلغان بىر بىرلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇ بىر يېڭى پىكىر ئەمەس. ئەمما، ئۇنىڭ كونىلىقى ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ جىددىي قارىلىشىغا  پۇتلىكاشاڭ بولسا بولمايدۇ. بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ كۆپ جەھەتتە تۇراقسىز، ئەقلىيلىكىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە كۆپ ھاللاردا ئادەمنى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان چىرايلىق ۋەزلەرگە، چاقىرىقلارغا ۋە رېتورىك خىتاپلاغا تېزلا ئەگىشىپ (ئالدىنىپ) كېتىش خاھىشىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، بۇنداق بىر بىرلىكنىڭ بالدۇرراق قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇزلۇق ئورگانغا ئايلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تەرتىپكە سېلىشقا، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە غايەت زور ياردەم بېرىدۇ؛
4.   خىتتايدىكى ھەرقانداق كىچىك ئۆزگىرىشلەرگە سەل قارىماسلىق كېرەك. ئېھتىمال ۋاشىڭتوندىكى بىرەر كېپىنەكنىڭ قانات قېقىشى كېيىن خىتايدا بولىدىغان غايەت زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي داۋالغۇچقا—«تورنېيدوغا»—سەۋەب بوپ قېلىشى مۇمكىن. ئىشىنىڭكى، قالايمىقانچىلىق ئالىمى بىر مۇمكىنچىلىك ئالىمىدۇر؛
5.   ئاخىرقىسى، قالايمىقانچلىق ئۆز  نۆۋىتىدە پۇرسەتكە، مۇمكىنچىلىكلەرگە ۋە ھەتتا ئىجادىيلىققا تولغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ياۋروپانىڭ مېدىتسىنا ساھەسى ئۇرۇش يارىدارلىرىنىڭ ھەددىن زىيادە كۆپلۈكى سەۋەبلىك، ئەسلىدىكى تەرتىپ ئوربېتىسىدىن چىقىپ كېتىپ، ئىلگىرى مېدىتسىنا ساھەسىگە ئۇنچە بىلىنىشلىك بولمىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى نەق مەيداندا، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا قالغان. نۇرغۇن دوختۇرلار بەزى كېسەللىكلەر ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئالدىنقى كۆرسەتمە بولمىغان شارائىتتا تەۋەككۈل قىلىپ، ئىلگىرى ئىشلىتىپ باقمىغان بەزى ئۇسۇللارنى ئامالسىز قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما، كۈتۈلمىگەن يەردىن بەزى كېسەللەر بۇ ئۇسۇللاردىن ئوبدانلا مەنپەئەت كۆرۈپ ساقىيىپ كەتكەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ دوختۇرلارنىڭ تەجرىبىسى غەرب تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەۋەككۈلچىلىكلىرى كېيىن تىنچلىق مەزگىلىدە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن قاتتىق ۋە ئاسان ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان كەسپىي بيۇروكراتسىيىدە ئاستا-ئاستا كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتىدىكى قالايمىقانچلىق ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق، كەڭ كۆلەملىك ۋە مىسلىسىزدۇر. شۇنداقتىمۇ، بۇ قالايمىقانچىلىقتا قانچىلىك يوقىتىش بولسا، يەنە شۇنچىلىك ھاياتى كۈچمۇ باردۇر. گەپ ئەنسىز يىللاردا تەۋەككۈلچىلىك، ئىجادچانلىق ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ساقلىيالاشتۇر.  


Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز