Posts

Showing posts from May, 2018

قەتلىئام ۋە ئۇنىڭ پسىخىك تەسىرلىرى

Image

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز

كىرىش سۆز مەمتىمىن ئەلا گېرمانىيە شائىرى ھولدېرلىن ئۆزىنىڭ «بولكا ۋە قىزىل ھاراق» دېگەن مەرسىيىسىدە مۇنداق يازىدۇ:«موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرلارنىڭ رولى نېمە؟» ھولدېرلىننىڭ موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرنىڭ رولىغا مۇراجىئەت قىلىشى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئازابىنىڭ شېئىرىيەت يولى ئارقىلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىشارىلەيدۇ. ھولدېرلىننىڭ شېئىرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ھايدېگېر ئۈچۈن، موھتاجلىق دەۋرىدە، شائىر ئىنسانلار بىلەن مۇقەددەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئەلچىدۇر. بۇ ئەلچى بۇ مۇقەددەسلىكتىن ھېچ شەپە بولمىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نىشانى نائېنىق بولغان ئاشۇ موھتاجلىق دەۋرىدە بىر ئىزلىگۈچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بىزچە، موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرنىڭ رولى نېمە؟: ئۇ بىر تەسەللىچىمۇ؟ قايغۇرغۇچىمۇ؟ ئۈمىدلەندۈرگۈچىمۇ؟ ئۇنتۇلدۇرغۇچىمۇ؟ ياكى قۇتقۇزغۇچىمۇ؟ ئىنسان پانىي، ئۆلۈم باقىيدۇر. شائىرلار باشقا ھەرقانداق ئىنساندىنمۇ بەكرەك پانىيلىققا ئىگە. چۈنكى ئۇلار ھەممىدىن بەكرەك   ئۇرۇنغۇچىلاردۇر—ئۇلار شېئىرلىرىدا ھېچكىم ئۇرۇنۇپ باقمىغان بوشلۇققا، تەگسىزلىككە ئۇرۇنغۇچىلاردۇر. بۇ بوشلۇقتا بىر موھتاجلىق ب