«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز



كىرىش سۆز

مەمتىمىن ئەلا

گېرمانىيە شائىرى ھولدېرلىن ئۆزىنىڭ «بولكا ۋە قىزىل ھاراق» دېگەن مەرسىيىسىدە مۇنداق يازىدۇ:«موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرلارنىڭ رولى نېمە؟» ھولدېرلىننىڭ موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرنىڭ رولىغا مۇراجىئەت قىلىشى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئازابىنىڭ شېئىرىيەت يولى ئارقىلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىشارىلەيدۇ. ھولدېرلىننىڭ شېئىرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ھايدېگېر ئۈچۈن، موھتاجلىق دەۋرىدە، شائىر ئىنسانلار بىلەن مۇقەددەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئەلچىدۇر. بۇ ئەلچى بۇ مۇقەددەسلىكتىن ھېچ شەپە بولمىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نىشانى نائېنىق بولغان ئاشۇ موھتاجلىق دەۋرىدە بىر ئىزلىگۈچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بىزچە، موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرنىڭ رولى نېمە؟: ئۇ بىر تەسەللىچىمۇ؟ قايغۇرغۇچىمۇ؟ ئۈمىدلەندۈرگۈچىمۇ؟ ئۇنتۇلدۇرغۇچىمۇ؟ ياكى قۇتقۇزغۇچىمۇ؟
ئىنسان پانىي، ئۆلۈم باقىيدۇر. شائىرلار باشقا ھەرقانداق ئىنساندىنمۇ بەكرەك پانىيلىققا ئىگە. چۈنكى ئۇلار ھەممىدىن بەكرەك  ئۇرۇنغۇچىلاردۇر—ئۇلار شېئىرلىرىدا ھېچكىم ئۇرۇنۇپ باقمىغان بوشلۇققا، تەگسىزلىككە ئۇرۇنغۇچىلاردۇر. بۇ بوشلۇقتا بىر موھتاجلىق بار. بۇ موھتاجلىق خۇددى مەڭگۈ تولمايدىغان ھەم يوقىمايدىغان قارا تۆشۈككە ئوخشايدۇ. مانا مۇشۇ موھتاجلىققا تولغان بوشلۇق شائىرنىڭ سۈرگۈنگاھىدۇر.
 شائىرنى قوينىغا ئالىدىغان ئاشۇ يىراق سۈرگۈنگاھتا ئىپادىلەش ئىنتايىن قىيىن بولغان مەھرۇمىيەت تۇيغۇسى بار. ئەنە شۇ چاغدا، ئەنە شۇ يەردە قۇپقۇرۇقلۇق ھەممە مەۋجۇداتنىڭ تەبىرىگە ئايلانغاندا شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرىيەت دۇنياسى ئۆزىنى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلايدۇ. قولىڭىزدىكى  بۇ شېئىرلار توپلىمى ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجاننىڭ يېگانىلىققا، سەرسانلىققا ۋە مەھرۇملۇققا تولغان دۇنياسىنىڭ سىزمىسىدۇر.
ئۇنداقتا، قولىڭىزدىكى بۇ شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى بولمىش ئەخمەتجان ئوسمان زادى كىم؟ كىم بۇ شېئىرلاردا سۆزلەۋاتىدۇ؟ شۇنىڭدەك، بۇ شېئىرلار ئەخمەتجاندىن ئىبارەت بۇ شائىر ئارقىلىق نېمىلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ؟
ئەخمەتجان ئوسمان ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدا كەم كۆرۈلىدىغان، كۆلىمى زور ۋە تەسىرى چوڭقۇر بولغان بىر ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسىدۇر. ئۇنى بىر ئېستېتىك ئويغىنىش—ئاقارتىش—ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى دېيىش مۇمكىن. ئۇ شېئىرلىرىدا ئەنئەنە بىلەن مودېرنلىقتىن ھالقىغان بىر بوشلۇقنى بەرپا قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا شاھ مەشرەپتىكى ئىسيانكارلىق، نەۋائىيدىكى نەپىس تىل، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىكى پىغان ۋە سادىر پالۋاندىكى دەللىك بار. مەلۇم مەنىدىن، ئۇ مەشرەپنى، نەۋائىينى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ۋە سادىر پالۋاننى بىزگە قانچىلىك ئەسلەتسە، ئۇلارمۇ بىزگە ئەخمەتجاننى شۇنچىلىك ئەسلىتىدۇ: ئۇ ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە قانچىلىك تەۋە بولسا، ئۇيغۇر مودېرن شېئىرىيىتىگىمۇ شۇنچىلىك تەۋەدۇر. ئەمما، رېئاللىقتا خۇددى ئۇلار  ئەخمەتجان بولمىغىنىدەك، ئەخمەتجانمۇ ھەم ئۇلار ئەمەس—گەرچە ئۇلار يەنە بىر مۇمكىنچىلىك ئالىمىدە ئېھتىمال سەنئەت نۇقتىسىدىن بىر-بىرىگە ئەركىن ئۆتۈشەلىسىمۇ.
«ئەخمەتجان ئوسمان» دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە خاس ئىسىم كۆپ ھاللاردا ئاممىۋى ئىدراكتا 1980-يىللىرى ئوتتۇرىغا چىققان «گۇڭگا» شېئىرىيەت  ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر ھەرىكەت  مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي كېيىنكى-ئاسارەتلىك سترېس (بېسىم) قالايمىقانچىلىقىنى (post-traumatic stress disorder) بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىدا كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىلكىنىشكە قايتۇرغان ئىنكاسى ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا ھەيرانلىق، قايمۇقۇش ۋە ھەتتا تەشۋىش بولسا، مۇرەككەپرەك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەنئەنە سۈپىتىدىكى ئستېتىك ئادەتلەرگە قايتىدىن قاراپ چىقىش بولىدۇ. ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرى ھەممە جەھەتتىن بىر ئەقلىي ئېنىقلىققا ۋە ھېسسىيات تۇراقلىقىغا موھتاج بىر دەۋرنىڭ  كۇلتۇر مۇھىتىغا يېڭى بىر خىل ئېنىقسىزلىق ۋە تۇراقسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەخمەتجان قاتارلىق «گۇڭگاچىلار» نىڭ شېئىرلىرى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان كوللېكتىپ ئىجتىمائىي تەشۋىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئەخمەتجان كىشىلەرگە ئېنىقلىقنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلىق بىلدۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى مەنە جەھەتتىكى ئېنىقلىق ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن يوقايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھەقىقەتنى ئىپادىلەشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىدىن ئىبارەت بۇ «ھەقىقەت» ئۈن-تىنسىز ئىپادىلىنىدۇ. 1949-يىلىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سىياسىي ئىدېئولوگىيىدىكى بىردىنبىر مۇتلەق «ھەقىقەت» نى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تۇنجى قېتىم ئەخمەتجاننىڭ قەلىمىدە ئۆز ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەندەك بولىدۇ. ئەمما، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەشۋىشى بۇنىڭلىق بىلەن ھېچ پەسەيمەيدۇ. ئۇلار «گۇڭگا» شېئىرلار ئېلىپ كەلگەن ئېنىقسىزلىقتىن راھەتسىز بولىدۇ.  شېئىرنىڭ «مەنىسىزلىك» كە ئايلانغانلىقىدىن  بىسەرەمجانلىق ھېس قىلىدۇ. بىردىنبىر ھەقىقەت دەپ قارىلىپ كېلىنگەن ئىدىيىلەرنىڭ شېئىردىن كۆچۈشىگە نارازى بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن شېئىر چوقۇم بىر ھەقىقەت ئۈچۈن ۋە ئېنىق بىر ئىجتىمائىي تەرتىپ ئۈچۈن—ھەتتا بۇ بىر ئىدېئولوگىيىلىك تەرتىپ بولۇشىغا قارىماي—خىزمەت قىلىشى ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك ئىدى.
ئەخمەتجان ئۈچۈن، شېئىر ئەمدى ھېچقانداق بىر ئىدېئولوگىيە ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش ھەقىقىتى ئۈچۈن سۆزلىمەيتتى—ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن سۆزلەيتتى. ئەگەر شېئىرنى ھەقىقەت بىلەن باغلاپ چۈشىنىش زۆرۈر دەپ قارالغىنىدا، شۇنىلا دېيىش مۇمكىن ئىدىكى، ئۇ–مەيلى «گۇڭگا» ياكى «ئېنىق» يېزىلسۇن—پەقەت ئۆزىگىلا ھەقىقەت بولالايتتى. ئۇ باشقا ھەقىقەتلەرنى ئىپادىلەشنىڭ ۋاسىتىسى ئەمەس ئىدى: شېئىر پەقەت ئۆزىنىڭلا ھەقىقىتى ئىدى.   
ئەخمەتجان بۇ ھەرىكەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان بېسىمغا ۋە قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر مىللەتنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى شەكىللەنگەن ئېستېتىك زوقلىنىش ئادىتىگە خىرىس ئېلىپ كەلگەنىدى—ئۇ شېئىردىن ئۇنىڭدىن سىرت تۇرىدىغان ھەرقانداق ھەقىقەتنى ھەمدە ھەرقانداق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي نوپۇزنى چىقىرىۋەتكەندىن تاشقىرى، شېئىرنى يەنە ئەنئەنىۋى دېداكتىكىچىلىق (تەلىم-تەربىيىچىلىك)، ئوتتۇرا ۋە يېقىنقى ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تىل ئويۇنلىرىغا پاتقان رومانتىكىلىق بىلەن قۇرۇق ھېسسىياتچىلىق ۋە دىنىي تەرغىباتچىلىقتىن ئايرىۋېتىشكە قاتتىق ئۇرۇنغانىدى. ئۇنىڭچە، شېئىر ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئەمەس؛ ئەكسىچە، ئىدىيىلەر شېئىردا ئالمىشاتتى. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، شېئىر بىرەر ئىدىيىنى تارقىتىشنىڭ ۋاسىتىسى ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزىگە مەقسەت ئىدى.
ئەخمەتجان يەنە «تاغلار» نىڭ «خائىن» ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم جاكارلىغۇچىدۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر شائىرى «تاغ» نى «خائىن» لىقتا ئۇنىڭدەك قاتتىق ئەيىبلىگەن، ھېچكىم ئۇنىڭدەك ئۆز ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر شەيئىنى ئۇ قەدەر كەسكىن خىتابلىمىغانىدى:

قېنى...
مېنىڭ...
ئەكس...
سادايىم؟!...
«خائىن تاغلار»
ياققال قارىماققا، بۇ شېئىر خۇددى بىر جۈملىنىڭ قەستەن پەسكە ساڭگىلىتىلغان تىزمىسىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشىگە، تۇنجى تۇيغۇلۇق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، خۇددى پەسكە شۇڭغىۋاتقان بۈركۈتنىڭ ھەرىكىتىدەك بىلىنىدۇ.  ئۇ تىل ئارقىلىق تەگسىزلىككە ئىچكىرىلەپ كىرىۋاتقان بىر كۈچلۈك قىزىقىشنىڭ تۆۋەن تامان بىراقلا ئېتىلىشىدەك بىلىنىدۇ. شېئىرىي گۈزەللىك دەل مانا مۇشۇ ئۆزگىچە قۇرۇلمىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ—شېئىر «غەلىتە» بىلىنىدىغان قۇرۇلما ئارقىلىق «غەلىتە» ئاڭلىنىدىغان بىر نىدانىڭ پارتلىشىنى سۆزلەيدۇ.  
1986-يىلى ئېلان قىلىنغان «خائىن تاغلار» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى پىكىر ئادىتىگە كۈچلۈك تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ شېئىر—شۇ قەدەر ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ شېئىر—ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتلەنگەن ۋە كېيىنچە ئادەتلەندۈرۈلگەن  ئېستېتىك تەلىپىگە قىلىنغان بىر خىتاب ئىدى. تاغنىڭ ئالدىدىكى يېگانە سۇبيېكت سۈپىتىدىكى ئادەم (مەن) بىلەن نەرسە (تاغ) ئوتتۇرىسىدىكى سىمۋوللۇق—تېخىمۇ مۇۋاپىقى—دراماتىك ئۇچرىشىش ۋە ھەتتا توقۇنۇشتا، ئادەم ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئەكس ساداسىنى يىتتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئاۋازىغا ئېرىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەكس سادا ئاۋازنىڭ ئەسلىنىڭ قايتا ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن يوقىلىدۇ—ئادەم ئۆزىگە يات ئاۋازلارنىڭ ئەكس ساداسى بولۇشتىن  ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئەكس ساداسىنى ئىزدەشكە ئۆتىدۇ. ئۆز ئاۋازىنى ئىزدەش جەريانىدا، ئادەم ئىلگىرىكى يوشۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئاشكارىلىققا –نامايانلىققا—چىقىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا نامايان قىلىنىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شېئىر ھەممىدىن گۇمانلىنىشقا تەييارلانغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىتىدۇ.   ئۇنىڭدا نەچچە ئون يىللىق مەنىۋى ئاسارەتكە سەۋەب بولغان كوللېكتىۋىزم ئەپسانىسى، مەغلۇب بولغان ئورتاق گۈللىنىش ۋەدىسى ۋە خام خىيالغا تولغان سوتسىيالىزم ئوتوپىيىلىرىدە ئۆزىنى يىتتۈرگەن ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز كۆتۈرگەن چۇقانى بار. ئۇنىڭدا  ئۇزۇن يىللىق ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئادەمنىڭ ۋىجدانىنىڭ ساداسى بار. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭدا، خۇددى دېكارت ئېيتقاندەك، ھەممىدىن گۇمانلىنىدىغان بىر «سۇبيېكت»--يەنى «مەن» بار.
دېمەك، ئەخمەتجان بىر گۇمانلانغۇچىدۇر. ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن بىرلا ئىدىيىنىڭ، بىرلا ئىدېئولوگىيىنىڭ، بىرلا ھەقىقەتنىڭ، بىرلا رېئاللىقنىڭ ۋە بىرلا ئەنئەنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلانغۇچىدۇر.  بۇ سۇبيېكت، خۇددى دېكارتنىڭ كوجىتوسى (دېكارتنىڭ لاتىنچە «مەن ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ «مەن ئويلايمەن» قىسمى) غا ئوخشاش، ھەممىدىن گۇمانلىنىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ  گۇمانلانغىلى بولمايدىغان ئاداققى نۇقتىدا توختايدۇ. دېكارتنىڭ ھۆكۈمى ئەخمەتجاننىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە مۇنداق شەكىلگە كىرىدۇ--«ئىجاد قىلىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت». (قەدىمكى گرېك تىلىدا شېئىرىيەتنىڭ ئاتىلىشى ποιεω (poieo) بولۇپ، «مەن يارىتىمەن»، «ئىجاد قىلىمەن» دېگەن مەنىدە ئىدى. ئۇنىڭدا ئىنسان تىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇقۇملۇق ۋە سېمانتىك مەزمۇنىدىن سىرت ياكى ئۇنىڭغا يانداش ھالدا ئېستېتىك سۈپەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ).  بۇ سۇبيېكتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئىپتىدائىي مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدى  بىلەن ئېستېتىكىلىقتۇر: ئۇ دۇنيا، ئۆزگە ۋە ئۆزلۈك ھەققىدە ئۇيلىنىدىغان سۇبيېكت بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنى شېئىرىي تۈستە ھېسلايدىغان، تۇيىدىغان ۋە ئىدراكلايدىغان سۇبيېكتتۇر. ئۇنىڭدا تاشقى دۇنيانى ئۇنىڭ يەككىلىكى بىلەن ئىپادىلەشتىن كۆرە، ئۇنى سۇبيېكتقا باغلانغان ئۇنىۋېرساللىقى بىلەن ئىپادىلەش خاھىشى بار. ئۇ دۇنيانى سۇبيېكتنىڭ تۇيغۇسىنىڭ تاشقىيلىشىشىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇكى،  ھەرگىزمۇ ئۇنى يەككە-يېگانە ۋە ئۆزىدىن يېتەرلىك تاشقى شەيئى سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ.
شېئىرنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭدا دۇنيانى شېئىر ئارقىلىق يېزىش سۇبيېكتنىڭ ئۇنىڭدىن ئېپستىمولوگىيىلىك (بىلىم نۇقتىسىدىن) گۇمانلىنىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزى تەۋە تىلنى قايتا-قايتا قوزغىتىش ئارقىلىق  تۇيۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.  شېئىرلىشىش، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ دۇنيا بىلەن تىل ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئىپتىدائىي مۇناسىۋەتلىشىش شەكلىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ دۇنيادا بولۇشىدىكى ساپ تۇيغۇلىرىنىڭ مۇئەييەن شەكىلگە كىرىشى—دەسلەپكى قەدەمدە رەتلىنىشىدۇر.
ئوقۇرمەن ئۈچۈن، ئەخمەتجاننىڭ شېئىرىدا تەۋەللۇت بولغان بۇ ئادەم يوچۇن—گۇڭگا—بىر تىلدا سۆزلەيدۇ. بۇ تىلنى شۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىم ئۇنىڭدەك سۆزلەپ باقمىغانىدى. بۇ تىل شۈ تىڭ ۋە بېي داۋ قاتارلىق «گۇڭگا» شائىرلارنىڭ تىلىغا تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. گەرچە ھەر ئىككى تەرەپ تارىخىي تاسادىپىيلىق سەۋەبىدىن «گۇڭگا شائىرلار» دەپ ئاتىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ «گۇڭگالىقى» نىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاراكتېرى بىر- بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. يەنى، ئوخشاش «گۇڭگالىق» نامى بىلەن ئاتالغان ئىككى شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئوخشاشلىقى ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى يوق. ئەخمەتجان ئېلىپ كەلگەن «گۇڭگالىق» ماھىيەتتە تەكلىماكاننىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى «ئۇنتۇلغان» بىر تىلنىڭ قايتا بايقىلىپ، يېڭىچە شەكىلدە شېئىرلەشتۈرۈلۈشى ئىدى. ئەمما، كىشىلەر بۇ تىلنى دەماللىققا چۈشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان ئارقىلىق سۆزلىنىۋاتقان تىلىنى ئىتتىك تونۇيالمايدۇ.  

ئەينەكنىڭمۇ بار سۈكۈناتى...
ئۇندا تېخىچە
ئەلمىساقنىڭ ئۆمۈچۈكى تۇرار بىزگە تىكىلىپ،
ڧوسڧورلۇق تورلىرىنىڭ ئارقىسىدىن.
ئۇ يورۇتار داۋاملىق
ئازاب دەستىدىن
ڧوسڧوردەك ئالىيجاناب ھەمدە بىتەرەپ
ئۆمۈچۈكلەرگە ئايلانغان ھەم زامان شورى ئۆرلىگەن
ئىپادىسىز يۈزلىرىمىزنى.

تۈن نىسپىدە،
تىمسىقلاپ ئەرۋاھلار چىقىشىدۇ ئەينەكتىن
چۈش كەينىدىن چۈش بولۇپ.

بىر دەمدىن كېيىن،
ئايدىن كېيىن، قۇياشتىن كېيىن
ھەمدە ساما يولىدىن كېيىن...
تۇرار زېمىن
چۈشلىرىمىزدە ئايدىڭلاشقان ئۇيقۇسىدىن،
ئاچار، داغدام، سۈكۈناتنىڭ دەرۋازىسىنى.

ئاسمانغا ئۇ بېغىشلار ئىسىم:
ئادەملەر بورىنى!

زېمىنىمىز
ئازابىمىز قەدىردان زېمىنىمىز.

«ئۇندا تورۇس ۋە زامان شەكىللەنمەكتە»
سۈكۈنات ئىككى ئاۋاز، ئىككى سۆزلەش ياكى ئىككى سۆزلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتۇر—ئۇ ئۇلارنىڭ ھالاقىتقا ئۇچرىشى، توختاپ قېلىشى ۋە ياكى ئوتتۇرىلىققا چۆكۈپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۆزلەشنىڭ يىتكەنلىكى، مەھرۇملۇقى ۋە ياكى، تېخىمۇ رادىكال مەنىدىن، يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا سۆزلەشنىڭ يوقلۇقىدىن ئىبارەت سۈكۈناتنى  «سۆزلىمەك» ئۇ قەدەر «مۈشكۈل.» دىققەتنى تارتارلىقى، تاغنى «خائىنلىق» تا ئەيىبلىگەن ئەخمەتجانچە «سۇبيېكت» ئەمدى چوڭقۇر، تەرىپلىگۈسىز، ئۇزاقتىن-ئۇزاق ۋە قۇتۇلغۇسىز بىر تۈرلۈك سۈكۈناتقا چۆكىدۇ. ئۇنىڭ سۈكۈتى نوقۇل ھالدىكى ئاۋاز يىتكەن ھالەتنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى سۈكۈناتقا تولغان ئەينەككە يۈزلىنىشتەك چۈشسىمان بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئەينەكتە ھەممە نەرسە بىتەرەپ، ئىپادىسىز ۋە قىزىقىشسىز ئەكس ئېتىدۇ—خۇددى بىزنىڭ «يۈزلىرىمىزدەك.» بۇ قېتىم، «خائىن تاغلار» نىڭ ئەكسىچە، «ئۇندا تورۇس ۋە زامان شەكىللەنمەكتە» تىكى«ئەينەك» «ئەكس سادا» قايتۇرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايتۇرغان ساداسى ئۇ قايتۇرماسلىقى مۇمكىن بولغان سادادەكلا—خۇددى ئۆزىدە ئەكس ئېتىدىغان ئوبرازلاردەكلا—ئەھمىيەتسىز بىلىنىدۇ. ئىلگىرى تاغلارنى سوراقلىغان «سۇبيېكت» ئەمدى «ئەينەك» تە ئەكس ئېتىۋاتقان سادالارغا—ئوبرازلارغا—قىزىقمايدۇ. ئۇ ھارغىن تېنىنى سۆرەپ چۈشكە كىرىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يېنىپ چىقىدۇ—دۇنيانىڭ سۈكۈناتىغا جۆر بۈلىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى سۇبيېكتنىڭ ئاۋازى ۋاقىتتەك تېز بولسا، كېيىنكى سۇبيېكتنىڭ سۈكۈتى مەڭگۈلۈكتەك تىرەندۇر؛  ئەگەر ئالدىنقى سۇبيېكت ئاۋاز، دۇنيا ئۇنىڭ ترايوكتورىيىسى بولسا، كېيىنكى سۇبيېكت سۆزلەيدىغان تىل سۈكۈناتقا چۆكىدۇ.  
دۇنيا بۇرۇنقىدەك ئەمدى ئىنساننىڭ پاناھگاھى ياكى ئۇنىڭ مەقسىتى بولمايدۇ—ئۇ سۈكۈناتقا پاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ئايلىنىدۇ. دۇنيانىڭ سۈكۈناتى مەۋجۇداتلارنىڭ سۈكۈناتىغا تولىدۇ. بۇ يەردە پەقەت مەۋجۇتلۇقلا قالىدۇ. سۇبيېكتنىڭ سۆزلىشى يىتكەن دۇنيادا پەقەت بىرلا نەرسە سۆزلەيدۇ ۋە سۈكۈناتتىن ھالقىيدۇ—تىل. سۈكۈناتتا تىل ئۆزىنىڭ مەنىسىنى ئەڭ نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئەڭ باي ھالەتكە كىرىدۇ. ئاخىرىدا، سۇبيېكت سۈكۈتكە پاتقان دۇنيادا، تىل ئۆزىنى ئۆزىگە سۆزلەيدۇ.  
يەنە بىر نۇقتىدىن، ئەخمەتجان ئۇيغۇر تىلىغا شېئىرىيەت نامىدىن ئەڭ «زوراۋان» بىر شەكىلدە چېقىلغۇچىدۇر. ھەر بىر قېتىملىق چېقىلىشتا، ئۇ بېسىش خاراكېتېرلىق سىياسىي تۈزۈلمىنى قوغدايدىغان تىلنىڭ تەرتىپىنىڭ نوپۇزىغا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ شېئىرىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىسىغا چېقىلىش ئارقىلىق سۆزنى قۇرۇلمىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىغا، زىچلىقىغا ۋە مۇستەقىل مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ—ئۇ سۆزنى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن قۇرۇلمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
            ئەخمەتجاننىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان قۇرۇلمىدىن ۋە ئالدىنئالا بېكىتىلگەن مەنىدىن ئازاد قىلىنغان شېئىرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شېئىر ئوقۇش ئادىتىگە جىددىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. شېئىر، ھەتتا ئۆزىنىڭ گۇڭگالىقى بىلەن، ئوقۇرمەنلەرگە ئىلتىجا قىلىدۇ—ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ. دۇنيانى ئەركىن ھېسلايدىغان، ئويلايدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغان ئادىمىيلىك بۇ شېئىرلار ئارقىلىق قايتا قوزغىتىلىدۇ. بۇ شېئىرلارنىڭ ئوقۇرمەنلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئۇلار ئىلگىرى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان يېڭى بىر ئېستېتىك جەريانغا ئەركىن يۈزلىنىشتۇر. ئەگەر شېئىر مۇئەييەن تۇيغۇنىڭ، ھېسسىياتنىڭ ۋە ئىدىيىنىڭ بىر قۇرۇلما ئىچىدە (ياكى ئىچىگە) ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، ئۇ ئەركىن ئوقۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ئەڭ تۈپكى روھىي ئەركىنلىكىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە يەنە بىر ئىدراكنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ئوقۇشىغا دالالەت قىلىدۇ. شېئىر يېزىش ئەركىن بولغان ئەقلىي ۋە ھېسسىي پائالىيەت ئىكەن، ئۇنى ئوقۇشمۇ ئەركىن ئەقلىي ۋە ھېسسىي پائالىيەت بولۇشى كېرەك. شېئىر ئوقۇش، مۇشۇ مەنىدىن، ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە مۇراجىئەت قىلىشتۇر. بۇ ئەخمەتجاننىڭ شېئىرىيەت ئالىمىدە نامايان بولىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدۇر. ئەخمەتجان ئۈچۈن، شېئىر ماھىيىتىدىن بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيىتىدۇر.  
ئەمدى ئەخمەتجاننىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئېلىپ كىرگەن تەسىرىنى تىل نۇقتىسىدىن كۆرۈپ باقايلى. ئەخمەتجان ئالدى بىلەن سۆزلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلما تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى ۋە باشقۇرۇلۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلار  ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھېچقانداق تاشقىي ئامىلنىڭ مۇداخىلىسىز ئورنىتىدۇ. شېئىرنىڭ سىرتىدا سۆزلەر لوگىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. شېئىرغا كىرگەندە بولسا ئۇلار تەسەۋۋۇرنىڭ، ھېسسىياتنىڭ ۋە ئاھاڭدارلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭغا شۇ نەرسە ئايانكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرقانداق بىر سۆز شېئىرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالايدۇ. تىل شېئىرىيەتتە ئەركىن ئىپادىلەشكە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.  يەنى، تىل شېئىرىيەتتە ئەركىنلىكىگە قايتۇرۇلۇشى كېرەك.  
شائىرنىڭ تىلدىكى سۆزلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تاشچىنىڭ تاشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. ئالدىنقىسىدا بىر شائىر ئۈچۈن ئۆزى سۆزلەۋاتقان تىلدىكى ھەر قانداق بىر سۆز مۆرىتى كەلسە شېئىردا ئورۇن ئالالىغىنىدەك، تەبىئەتتىكى ھەرقانداق بىر تاشمۇ مۆرىتى كەلسە تاشچىنىڭ پىلانىغا قاتنىشالايدۇ. شۇڭا، شائىر ھەرقانداق سۆزنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغىنىدەك، تاشچىمۇ ھەرقانداق بىر تاشنى ئىشلىتەلەش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە. ۋەھالەنكى، بۇ يەردە شائىر بىلەن تاشچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق بىر ماھىيەتلىك پەرقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ: تاشچىنىڭ قولىدا تىزىلغان تاشلار بىر ئىمارەتتە ياكى بىر ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇمىدا جانسىز شەكىلدە بىر- بىرىگە ياندىشىپ تۇرىدۇ. ۋەھالەنكى، تىلدىكى سۆزلەر شېئىرغا كىرىپ بىر-بىرىگە يانداش قويۇلغاندىلا، جانسىزلىقىدىن قۇتۇلۇپ جانلىنىدۇ.
مەن بۇ يەردە، شېئىرىيەتتىكى كلاسسىك چۈشىنىش بولغان «شەكىل مەزمۇننى بەلگىلەيدۇ» نى قايتا تەكىتلىمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنىم شۇكى، تىلدىكى سۆزلەرنىڭ شېئىردا بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشى ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى يەككە سېمانتىكىلىق مەنىسىنى يېڭى يۈزلىنىشكە، يېڭى ئالاقىلىشىشكە ۋە يېڭى تۈسكە ئىگە قىلىدۇ. يەككىلىك (شېئىردىكى يەككە سۆز) بىر پۈتۈنلۈككە (شېئىرنىڭ ئومۇمىي تېكىستىگە) بوي سۇنىدۇ؛ شۇنىڭدەك، بىر پۈتۈنلۈكمۇ يەككىلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، يەككىلىك بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە باشقا يەككىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىش جەريانىدا ئۆز ئىچىدىن تېخىمۇ ئۇششاق يەككىلىكلەرگە بۆلۈنۈپ، مەنىنى كۆپ خىللىققا ئىگە قىلىدۇ. نەتىجىدە، بىر پۈتۈنلۈكمۇ، خۇددى پرىزمىغا ئوخشاش، تېخىمۇ ئۇششاق بىر پۈتۈنلۈكلەرگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ھەم مىكرو ھەم ماكرو نۇقتىلاردىكى ئۇششاقلىنىشلار تاكى شېئىردىكى يەككە بىرلىك سۈپىتىدىكى سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى ئاداققى يول قويغۇدەك دائىرىگىچە كېڭىيەلەيدۇ. بىر پۈتۈنلۈك، خۇددى تارتىش كۈچىگە ئوخشاش، بۇ ئۇششاقلىنىشلارنىڭ بىر- بىرىگە يېپىشىپ، شېئىرنىڭ مەركىزىگە يۈزلىنىپ تۇرۇشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى شېئىرنىڭ (مەنە جەھەتتىكى) ئېكولوگىيىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.  
            شۇنىسى ئېنىقكى، ئەخمەتجان بىر تىل سېھرىگەرىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن كۆرىدىغىنىمىز سۆزلەرنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە بىر-بىرىگە يانمۇ يان ھەمدە ئۈستى-ئاستى قويۇلۇشىدىن بارلىققا كەلگەن جانلىنىشتۇر. بۇ شېئىرنىڭ دەسلەپكى تەسىرىدۇر. بۇ تەسىر ئوقۇرمەنلەردە قوزغىلىدىغان مۇناسىپ تەسىراتلارنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ جانلىنىشتا تىلدىكى ئادەتتكى سۆز يەنە بىر ئادەتتىكى سۆز بىلەن بىرىككەندە ئۆزىنىڭ ئادەتتىكىچىلىكىنى يوقىتىپ، مۇئەييەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ—شېئىر سۆزلەرنى جانلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۆزلەرمۇ شېئىرنى جانلاندۇرىدۇ، ئۇنى سۆزلىتىدۇ.

تەنھا،
ئولتۇرىمەن يۆلىنىپ ئايغا.
مىنۇتلارنىڭ نەپەسلىرى
چېقىلماقتا تىنىقلىرىمدا.
يوللار
ئايىقىمغا يىقىلىپ مېنىڭ،
تىلەر ھىدايەت.
ئېغىزىمدا ماگمىلار،
تومۇرۇمدا يۈگرەيدۇ باھار.

«تەنھا»
            ھەر قانداق بىر تىلدا بىر سۆز بىلەن يەنە بىر سۆزنىڭ خالىغانچە بىرىكىش مۇمكىنچىلىكى بار، ئەگەر شۇ تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلىرى يول قويسىلا. بىر سۆز بىلەن يەنە بىر سۆزنىڭ خالىغانچە ۋە ھەتتا تاسادىپىي بىرلىشىشى ھەرقانداق بىر قۇرۇلمىنىڭ ئالدىنئالا بېكىتىشىدىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. بۇ شېئىرىي تىلدىكى ئىختىيارىلىق ۋە تاسادىپىيلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ—ئۇلار دەل شېئىرنىڭ ھاياتىي كۈچىدۇر. چۈنكى، شېئىردىكى ئىجادىيلىق سۆزلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىشىشىدىكى تۇرغۇنلۇق ۋە بىر خىللىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي ۋە تاسادىپىي مۇناسىۋەتلىشىشىدىن بىخ سۈرۈپ چىقىدۇ. سۆزلەر بىلەن سۆزلەرنىڭ شېئىردا ئەركىن بىرلىشىشى تۇيغۇنىڭ ئەركىنلىكىنى نامايىش قىلىدۇ. تۇيغۇنىڭ شېئىردا ئەركىن ئىپادىلىنىشى ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنىڭ مەنىسىدىن كەلگەن: دۇنيا بىلەن ئادەم ئەڭ تىرەن نۇقتىدا—ئەقىلدىن ئىلگىرى تۇرىدىغان بوشلۇقتا—ئۇچراشقاندا، دۇنيا دېمەك ئادەمنىڭ ئېڭىدا خالىغانچە پەيدا قىلغىلى بولىدىغان ۋە ھاسىلاتى بىز ئىلگىرى ئاللىقاچان ئاللىقەيەرلەردە ئاللىقانداق بىر ھالدا كۆرگەن  مەلۇم چىرايغا، تۇيغۇغا، ئۇقۇمغا ياكى بىر ئىدىيىگە تاسادىپىي ئوخشاپ قالىدىغان ياكى ئۇنى ئەسكە سېپ قويىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ. مانا مۇشۇ تىرەنلىكتە شېئىر دېمەك ئىنسان تۇيغۇسىدىكى تەسىراتلارنىڭ،  شەكىللەرنىڭ ۋە ھېسلارنىڭ ئۆزىنى شائىر ئارقىلىق تىلغا ئايلاندۇرۇشى—شېئىرلىشىشى—بولىدۇ:

ئەي، ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان زامان،
ئەي، ساراڭلىق ئېغىزىدا گۈللىنىۋاتقان تەن،
ئەي، ھەيرەت چېچىكى،
ساڭىلا خاستۇر بۇ بايرام، ئەي—
قايتۇرۇۋېلىنغان ئۈمىدسىزلىكىمىز!

مانا بۇ—چاقماق،
ھەل قىلغۇچ  قەدەم ئىچرە ياتقاچ سوزۇلۇپ،
تاپشۇرماقتا ئۆزىنى شۇ ئالدىرىماي خىيال سۈرۈش لەززىتىگە،
ھەمدە ئۇسسۇل دۇئا قىلار ئىشىكلىرىدە پاجىئەنىڭ.
«ئۆركەش»
            ئۇشبۇ شېئىر پارچىسى بىزگە تۇيغۇلاشقان دۇنيانىڭ شېئىرغا كىرگەندىن كېيىنكى پارچە-پارچە بولغان نۇسخىسىنى يوللايدۇ.  ئۇنىڭدا ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان زامان، كونتروللۇقسىز لەيلەۋاتقان تەن، ئۈمىدسىزلىك ۋە خىيالغا بەنت بولغان روھ قاتارلىقلار تۇيغۇمىزغا بۆسۈپ كىرىدۇ. گەرچە شېئىردا نۇرغۇن ئوبرازلار—مەسىلەن، گۈللىنىۋاتقان تەن، ھەيرەت چېچىكى، چاقماق، ئۇسسۇل—بولسىمۇ، ئۇلار سېكۇنتلۇق تەسىراتتا تۇيغۇمىزدا لاپپىدە ئۆچۈپ، يەنە لاپپىدە يانىدۇ—ئاخىرىدا ھېچ نەرسە قالمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ ئوبرازلار بىر-بىرى بىلەن قانچىلىك تېزلىكتە بىرلەشسە، يەنە شۇنچىلىك تېزلىكتە ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى پىكاسسونىڭ رەسىملىرىدەك ئاددىي، قوپال ۋە بۇرمىلانغان ئابستراكت شەكىللەرگە ئوخشايدۇ. ياكى، ئۇلارنىڭ تەسىراتلىرى خۇددى كالېيدوسكوپتا كۆرۈنىدىغان ۋە چەكسىز ئۆزگىرىشچان شەكىللەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا ھېچنېمىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ، ھەم ھېچنېمىنىڭ تۇراقلىق شەكلى يوق. ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت بىر ئۆزگىرىش بار—بىر شەكىل يەنە بىر شەكىلگە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قېتىلىپ كېتىپ، يەنە بىر يېڭى شەكىل ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى شەكىللەرنىڭ (ياكى شەكىللەرنى مەنىلەۋاتقان سۆزلەرنىڭ) مۇناسىۋىتى خۇددى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا—تەبىئەتتە—بىز ھېس قىلالمايدىغان ئەمما بىزنىڭ ئېڭىمىزنىڭ سىرتىدا ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدىغان خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ بىر تاسادىپىيلىق دۇنياسىدۇر—ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە ھېچ قانداق تەييارلىقسىز ھالدا بىز ئىسمىنى ئاتاپ بېرەلمەيدىغان ئاللىقانداق بىر ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ.  شېئىر مانا مۇشۇ ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۇنىڭ تۇيغۇدىكى تۇتۇۋېلىنىشىنىڭ ئامالنىڭ بارىچە سۆزلەمگە ئايلاندۇرۇلغان شەكلىدۇر.
ئۇنىڭدىن سىرت، شېئىرنىڭ شەكلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چەكسىز بىرىكىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە سۆزلەر شېئىرنىڭ چەكلىك قۇرۇلمىسىغا ھەر ۋاقىت سوقۇلۇپ تۇرىدۇ. شېئىر مانا مۇشۇ چەكسىزلىك بىلەن چەكلىكلىكتىن پۈتكەن بىر دەم، بىر ھالەت ياكى بىر بوشلۇق ھالىتىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ئەنە ئاشۇ دەمدە، ھالەتتە ۋە بوشلۇقتا ئۈزلۈكسىز سوقۇلۇشتىن كېيىنكى بىر كېرىلىشنى بايقايمىز—بۇ مەنىنىڭ بارلىققا كېلىش يولىدۇر. مەنە چەكسىز بىرىكىش پوتېنساللىقىغا ئىگە سۆزلەرنىڭ چەكلىك بوشلۇقتا مۇئەييەن كىملىككە ئىگە شائىردىن كەلگەن ھېسسىياتلارنىڭ، تۇيغۇلارنىڭ ۋە تەسەۋۋۇرلارنىڭ تىل ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.  مەنە شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەزمۇننى ياكى ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن سۆزلەرنىڭ شائىر سۈپىتىدىكى سۇبيېكتتىن ۋە ئالدىنئالا تەييارلانغان قۇرۇلمىدىن ھالقىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنىڭ «بۇ يەردە پوئېزىيىلىك يېزىقچىلىق بارمۇ؟» دېگەن ماقالىسىدە، غولا بارت مۇنداق دەيدۇ: « ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە، ... سۆزلەر تەدرىجىي ھالدا ئۇلارسىز مۇمكىن بولمايدىغان ئەقلىي ياكى ھېسسىي زىچلىقنى تارىتىپ، بىر خىل رەسمىي داۋاملىشىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ... سۆزنىڭ بۇ يەردە بىر ئومۇميۈزلۈك شەكلى بار؛ ئۇ بىر كاتېگورىيىدۇر.  شۇڭلاشقا، ھەر بىر شېئىرىي سۆز كۈتۈلمىگەن ئوبيېكت، تىلنىڭ پۈتكۈل پوتېنساللىقلىرى ئۇچۇپ چىقىدىغان پاندورا قۇتىسىدۇر؛ ئۇ شۇڭلاشقا بىر خىل ئۆزگىچە قىزىقىش ۋە مۇقەددەس زەۋق بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ ۋە ئىستىماللىنىدۇ.»
شېئىردىكى مەنە دېگەن نېمە؟ بەلگىشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىردىكى ھەر بىر سۆز بىر بەلگە بولۇش سۈپىتى بىلەن مەنىلىگۈچى (سۆز) بىلەن مەنىلەنگۈچى (نەرسە) ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆز مەنىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. مەنىلىگۈچى بەلگە شېئىرنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان مەنىلەنگۈچى نەرسىنى كۆرسىتىدۇ—مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەنىلەنگۈچى شېئىردا بولمايدۇ. مەسىلەن، شېئىردا ئىشلىتىلگەن «چېچەك» دېگەن سۆز بىر سۆزكى، ھەرگىزمۇ رېئاللىقتىكى بىر ھەقىقىي چېچەك ئەمەس. «چ»، «ې»، «چ»، «ە»، «ك» دىن ئىبارەت تاۋۇشلاردىن تەركىب تاپقان «چېچەك» دېگەن بۇ سۆز شېئىردا فىزىكىلىق سۈپەتتە مەۋجۇت بولمايدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ—ئۇنى مەنىلەيدۇ. بۇ يەردە سۆز  بىلەن مەۋجۇتلۇق ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بار. شېئىردىكى سۆز شېئىردا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەھالەنكى، شېئىردىكى بەلگە (سۆز) بىلەن نەرسە (مەۋجۇدات) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ بىرگە بىر ھالىتىدە بولمايدۇ. ئاۋازلار بىلەن مەنىلەشلەر ھەر ۋاقىت دەلمۇ دەل—ئۈستمۇ ئۈست—چۈشمەيدۇ. بۇ دەل شېئىرنىڭ تىلىدىكى ئىختىيارىيلىق ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.  مانا مۇشۇ ئىختىيارىيلىق شېئىرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەگەر تىل مۇكەممەل بولغان بولسىدى، ئىنسانلارنىڭ شېئىرغا ھاجىتى چۈشمىگەن بولاتتى. ڧرانسىيە شائىرى مالارمې سۆز بىلەن نەرسە ئوتتۇرىسدىكى ئوخشاپ قېلىشنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ئۇنى شېئىرىي تىلنىڭ ماھىيىتى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ: « شېئىردىكى بىر كۇپلېتنىڭ قۇدرىتى  ئۇنىڭ نېمىنى سۆزلىشى بىلەن ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى تەرىپلىگۈسىز ماسلىشىشقا باغلىقتۇر».
ئەگەر تىلدا مەنىلىگۈچى بىلەن مەنىلەنگۈچى ئوتتۇرىسىدا ھەر ۋاقىت ئۈستمۇ ئۈست ۋە دەل كېلىش مۇناسىۋىتى بولمايدىكەن، ئۇ زامان مەنىلىگۈچىنى يېڭى سېمانتىك تەرتىپكە ئېلىپ كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. يەنى، مەنىلىگۈچىنى يېڭىدىن ئىجاد قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ مەۋجۇت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تەبىئىي تىلنىڭ ئىچىدە يۆتكىۋېتىشكە بولىدۇ: ئۇنى يەنە بىر سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىنى ئېگىش، بۇرمىلاش ۋە ئۇنى يېڭى بىر مەنە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، يېڭى بىر مەنە يېڭىچە سۆز ئىشلىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خىل ئورنىنى يۆتكەشنى ۋېرلىن ناھايىتى دەل قىلىپ «خاتالىق»   (méprise)    دەپ ئاتايدۇ.
  يوقلۇق ۋەھىمىلىرى تەزىيە چېچەكلىرىدۇر.
شاھىد بولغىن ئۇلار ئۈچۈن، ئەي، روھ پاكلىقى.
يىقىلماقتا ئۇلار سىرتتا تۈندە جان ئۈزۈپ،
ھەسرەت ۋاقتى يوق ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە
سۇ پۇتلۇق ھەم  ئىككى كۆزى ئويۇق زاماننىڭ
بىر كۈن ئالتۇن باغلىرىدىن ئۆتۈشنى.
ھېس قىلغاندۇر ئۇلار پانىينى
ئەلمىساقنىڭ ساتارىدىن ئاققان كۈي كەبى،
بىزگە، بىزدەك تىرىكلەرگە مىراس قالدۇرۇپ
ئەتىردىنمۇ، قاندىنمۇ پاك شۇ چۈشنى.

«تويلار سىرى»
بۇ مىسرالاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرىپلىگۈسىز سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «يوقلۇق»، «زامان»، ئەلمىساق» ۋە «چۈش» قاتارلىق سۆزلەر بىر-بىرى بىلەن ئىختىيارىي مۇناسىۋەتلىشىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىزگە بولغان ئەسلىدىكى تونۇشلۇقىدىن ئايرىلىپ، يېڭى بىر ناتونۇش شېئىرىي بوشلۇققا ئېلىپ كىرىلىدۇ. بىر-بىرىگە ھەم يېقىندىن، ھەم يىراقتىن باغلانغان بۇ سۆزلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى مەنىلىگۈچىلىك ڧۇنكسىيىسىنى توختاۋسىز كېڭەيتىدۇ—ئۇلار ھەم ئۆزىنىڭ ئەسلى ڧۇنكسىيىسىنى ئارتقۇزىدۇ، ھەم بىر- بىرىنىڭ ڧۇنكسىيىسىگە ئاستىرتتىن ماسلىشىشتىن ۋە ئۆز-ئارا تىزگىنلەپ تۇرۇشتىن تۈزۈلگەن يېڭى بىر مەنە رامكىسىغا كىرىدۇ ۋە شېئىر بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭى بىر جەريانغا قاتنىشىدۇ.  ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مەنە جەھەتتىن، ئۇلار ھەم ئۆزلىرى بولىدۇ، ھەم ئۆزگىنىڭ ئۆزى بولۇشىغا قاتنىشىدۇ—ئۇلار ھەم ئۆزى، ھەم كوللېكتىپ سۈپىتىدە ئۆزىدىن سىرت تۇرىدىغان مەنىلەنگۈچىلەر ئالىمىنى--«يوقلۇق» ئالىمىنى—مەنىلەيدۇ.
بۇ دېمەك، شېئىرىدىكى مەنىلىگۈچىلەر كۆرسىتىۋاتقان مەۋجۇتلۇقلار ئۇنىڭدىكى «يوقلۇق» ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ بىزگە ھايدېگېرنىڭ 1930-يىللىرى گوللاندىيىنىڭ ئامېستېردام شەھىرىدە كۆرگەن ۋان گوكنىڭ قارىماققا تولىمۇ ئادەتتىكىچە سىزىلغان بىر جۈپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئاياقنىڭ رەسىمىگە بەرگەن باھاسىنى ئەسلىتىدۇ. ھايدېگېر مۇنداق دەيدۇ: «دېھقاننىڭ بۇ بىر جۈپ ئايىقىنى ئۇ تەۋە بولىدىغان ۋە بولۇشى كېرەك بولغان ھېچنېمە ئوراپ تۇرىدۇ.»  ھايدېگېرنىڭ دەۋاتقىنى شۇكى، بۇ يەردىكى ھېچنېمە ھېچ نەرسىنى—بىرەر نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى—كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مۇتلەق ياكى ساپ ھالەتتىكى يوقلۇقنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ «ھېچ نەرسە» نى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش نەرسە بولمىغان  مەلۇم بىر نەرسىگە ماسلىشىش بولۇپ، ئۇ بىزنى نەرسىلەر ھەققىدىكى بارلىق تەجرىبىلىرىمىزنىڭ ئاساسىغا ئېلىپ بارىدۇ. يەنى، ئۇ بىزنىڭ دۇنيالىرىمىزنى ماھىيەتلىك نۇقتىدىن بار قىلىدىغان ھەم بىزنىڭ سۇبيېكتىۋىزملىق تارايتىش ئۇرۇنۇشلۇرىمىزدىن—يەنى ئۇقۇملۇق كونترول قىلىشىمىزدىن—قاچىدىغان مەلۇم نەرسە سۈپىتىدە تەجرىبىمىزدىن ئۆتىدىغان مۇئەييەن شەيئىنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلغاندا، يوقلۇق (ھېچ نەرسە) مەۋجۇداتنى (بىر نەرسىنى) ئوراپ تۇرىدۇ—ئۇنى نامايان قىلىدۇ، كۆرۈندۈرىدۇ ۋە ھازىر قىلىدۇ. ئۇنىڭسىز، بىر نەرسە بارلىققا كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ تەجرىبىمىزگە يوشۇرۇن قاتنىشالمايدۇ. بىزنىڭ تەجرىبىمىزدە بولسا، بىر نەرسە ئىدراكلىنىدۇكى، ئۇنى ئوراپ تۇرغان ھېچ نەرسە ئادەتتە ئىدراكلانمايدۇ. چۈنكى ئۇ يوقالغان—تېخىمۇ توغرىسى، چېكىنگەن—بولىدۇ.  ھادىشىسۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مانا مۇشۇ يوقلۇق ئارقىلىق ۋان گوكنىڭ رەسىمىدىكى بىر جۈپ ئاياقنىڭ بارلىقى ئايان بولىدۇ.
شېئىر بولسا، مۇنداق ئىككى خىل يوقلۇقتىن تەركىب تاپىدۇ: شائىرنىڭ شېئىردا بولماسلىقى (يوقلۇقى) ۋە مەنىلەنگۈچىنىڭ شېئىردا ھازىر بولماسلىقى. شېئىردا ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىكى مەنىلىگۈچىلەر ئارقىلىق مەنىلەنگۈچىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان شائىر بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەردە ئۆز شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان شائىر يوق. شېئىردا ئېھتىمال شائىرنىڭ مەقسىتى يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. شائىرنىڭ مەقسىتى دېگەندە شائىرنىڭ شېئىردىكى ھېسسىياتى، كەيپىياتى ۋە بولۇپمۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ شېئىرنى يازغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، شائىرنىڭ مەقسىتىنى ياكى شېئىر ئارقىلىق، ياكى شېئىرنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ تولۇقى بىلەن بىلىش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ، شائىر «مەن» دەپ بىرىنچى شەخس تىلىدا سۆزلىگەندە، شېئىردىكى ھەر بىر سۆز خۇددى شېئىردا «مەن» تىلىدا سۆزلەۋاتقان شائىرنىڭ سۆزىدەك ئاڭلىنىپ كېتىدۇ. بۇ بىزدە خاتا تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خۇددى «مەن» سۈپىتىدىكى شائىر بىزگە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى بىلدۈرۈۋاتقاندەك. ئەمەلىيەتتە،  شېئىرنىڭ نېمە مەقسەتتە يېزىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ دېيىش ئوقۇرمەننى شائىرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ياكى ئۇ شېئىرنى شائىرنىڭ مەقسىتىگە خىزمەت قىلىدىغان ۋاسىتە دەپ قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭدەك، شېئىر پۈتكەندە، شائىر يوقايدۇ—خۇددى غولا بارت دېگەندەك «ئاپتور ئۆلىدۇ». شېئىرنىڭ «مەقسىتى» نىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدىغان شائىر يوقىلىدىكەن، شېئىرنىڭ «مەقسىتى» مۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقايدۇ . 
تېمىمىزغا قايتساق، ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرىدا، يوقلۇق ھەققىدە تىرەن ئىزدىنىش بار. ئۇ بىزگە خۇددى يوقلۇقنى ئۆز شېئىرلىرىدا توختىماستىن تەجرىبە قىلىۋاتقاندەك تەسىرات بېرىدۇ. مۇھىمى، ئۇ شېئىرلىرىدا نېمىنى بارلىقتا ئاشكارىلاپ، يەنە نېمىنى يوقلۇققا يوشۇرۇشنى بىلىدىغان شائىردۇر. ئۇنىڭ شېئىرىيەت دۇنياسىدا، يوقلۇق بىلەن بارلىق ھەر ۋاقىت مۇرەككەپ مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە—ئۇنىڭچە، مەۋجۇداتلارنىڭ بارلىقتا ئۆزىنى نامايان قىلىشى يوقلۇقتىن كېلىدۇ، يوقلۇقتا تۇرىدۇ ۋە يوقلۇققا قايتىدۇ. بۇنى  ھايدېگېرچە ئېيتقاندا، بارلىقسىز يوقلۇقنى قىياس قىلغىلى بولمىغىنىدەك، يوقلۇقسىز بارلىقنىمۇ قىياس قىلغىلى بولمايدۇ.
            شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئەخمەتجان شېئىرىي تىلنى چېچىۋەتكۈچىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ چاچما قۇرۇلمىسى بىزگە ئۇنىڭ روھىنىڭ ئۆزىنى قانداق تاشقىيلايدىغانلىقىنى—قانداق قىلىپ بىر شېئىرىي شەكىلگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ شېئىرنى چاچما شەكىلدە يازغان تۇنجى ۋە ياكى ئاخىرقى ئۇيغۇر شائىرى ئەمەس. بۇ يەردە بىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرلىرىدىن ماياكوۋسكىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچراپ، چاچما شېئىرلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بار. ۋەھالەنكى، ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى چاچمىلىقنىڭ تۈپكى پەرقى شۇكى، ئەخمەتجان شېئىرلىرىدا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئۇنتۇلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىىڭ ئەسلى شەكلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ چاچما شېئىر يېزىشى، بۇ مەنىدىن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەسىرىگە ئالغان ماياكوۋسكى قاتارلىق شائىرلاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ—ئۇ بىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي—ئېھتىمال «ياۋايى»—شېئىرلاش  ئادىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېتىدۇ.
 تۆۋەندە بىز قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلىنىش ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن مۇنۇ شېئىرىي پارچىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

زامان كۈنلىرى ئالدىراۋاتىدۇ،
ئىنساننىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ.
ئادەملەردىن دۇنيانى بوشىتىدۇ،
قاچسا يەنە ئارتىلىدۇ.
(2-توم، 490-بەت)

ئەمدى بىز يۇقىرىقى شېئىرىي پارچە بىلەن ئەخمەتجاننىڭ تۆۋەندىكى شېئىرىي پارچىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:
بىز، خارابە ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان تونېللاردا يۈرگۈچىلەر
بەزىدە، بىمەنىلىكنى رىۋايەتتىكى مەشۇقتەك تەسەۋۋۇر قىلىپ
غودۇڭشيمىز:
دار ئارغامچىسىدەك كۆپكەن تومۇرلىرىمىزدا بوغۇلماقتىمىز
مېتاڧىزىكا دەرۋازىسىغا ئېسىلغان قوڭغۇراقنى چېلىۋاتقان تەشۋىشتەك
ئىككىلەنگەن قەدەمنى
ھېچ ئىككىلەنمەي سىلجىت
...

«ئىككىنچى يىقىلىش»
گەرچە بۇ ئىككى شېئىرىي پارچىدا سۆزلىنىۋاتقان مەزمۇن بىر-بىرىگە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا شۇنداق بىر يېقىنلىق بار. ھەر ئىككىسى پېئىل شەكىللىرى ئارقىلىق، شېئىرنىڭ زامانىنى مېتاڧىزىكىلىق تۈسكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭدا، پېئىللارنىڭ كۆپ ھاللاردا مىسرانىڭ ئارقىسىدا كېلىشى (خۇددى ئۇيغۇر تىلىدا ئادەتتە پېئىل جۈملىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ خەۋىرى بولۇپ كەلگەندەك) شېئىردىكى ئوبرازلارنىڭ، تۇيغۇلارنىڭ ۋە مەنىنىڭ ھەرىكەتچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىشارىلەيدۇ. ئۇ شېئىرنى ئۈچ ئۆلچەملىك ۋاقىت رامكىسىدىن قوتۇلدۇرۇپ، بىر خىل ئېچىۋېتىلگەن تامانغا—يۆنىلىشكە—ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلما، قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ساددا پەلسەپىۋى قاراشلىرىدىكى مۇنۇ چۈشىنىشنى ئىپادىلەيدۇ: «ھەممە نەرسە ھەرىكەتتىدۇر. ھەرىكەت ھاياتلىقنىڭ تۈگەنچىدۇر.» (بۇ ھەم بىزگە قەدىمقى گرېك پەيلاسوپى ھېراكلېسنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان قارىشىنى ئەسلىتىدۇ). شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شېئىر قەدىمدىن تارتىپ ئەڭ تۈپكى ھاياتلىق شەكىللىرىنىڭ بىرىدۇر.  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرى قۇرۇلما نۇقتسىدىن مانا مۇشۇ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق ئامىلىنىڭ بىر خىل ئېستېتىك پائالىيەت سۈپىتىدە قايتا ئايان بولۇشىدۇر.
            ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرى، خۇددى قەدىمقى ئۇيغۇر شېئىرلىرىغا ئوخشاش، پېئىلنى شېئىرنىڭ پۈتكۈل ئىچكى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. ئەگەر تۇيغۇمىز دۇنيانىڭ توختاۋسىز ھەرىكىتىنىڭ ئىنكاسى بولسا، شېئىردىكى تىل بۇ تۇيغۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قالدۇق ئوبرازىدۇر. مانا مۇشۇ قالدۇق ئوبرازلارنىڭ بىر-بىرىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى—خۇددى كىنو سەنئىتىدىكى مونتاج تېخنىكىسىغا ئوخشاش—شېئىردىكى ئوبرازلارنىڭ ھەرىكىتىنى رېئاللىققا يېقىن بولغان بىر خىل ئۈزلۈكسىزلىكتە (داۋاملىشىشتا) ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئوبرازلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىتتىك ھەرىكەت رېتىمىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر سۆزلەرنىڭ بىر بىرىگە چايقىلىشى، ئۇرۇلۇشى ۋە ھەرىكەتلىنىشىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈزۈلمەس ئوبرازلار ئېقىنىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.  
شۇنىڭغا كۆرە، شېئىر ئىنساننىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ خاتىرىسىگە ئايلىنىدۇ. يەنى ئۇ بىر خەلقىنىڭ دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىنىڭ تىۋىشىغا—ھەرىكىتىگە ئايلىنىدۇ. ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرى، بۇ مەنىدىن، نوقۇل ھالدىكى ئېستېتىك پائالىيەتلا ئەمەس، بەلكى بىر كەسكىن كۇلتۇر ھادىسىسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.  
            زامان نۇقتىسىدىن، ئەخمەتجان ئۆتمۈشنى كەزگۈچىدۇر. ئۆتمۈش، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا، ئاللىبۇرۇن ئۆتكەن ۋاقىت ئېقىنىنىلا ئەمەس، بەلكى يىتتۈرىۋېتىش ھېسسىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆتمۈش بىر خىل مەھرۇمىيەت شەكلىدۇر—ئۇنىڭدا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز يوقىتىش بار. ئۆتمۈش، ئونتولوگىيىلىك مەنىسىدىن ئالغاندا، بارلىقنىڭ مەھرۇملىنىش شەكلىدۇر—ئۇ بارلىقنىڭ يوقىلىش شەكلىدۇر. ئەسلىمە نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۆتمۈش يوقلۇقنىڭ ئىنسان ئېڭىدا بارلىققا قايتا كىرىش جەريانىدۇر. مانا مۇشۇ زىتلىققا تولغان كونتېكىستتە، ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرى يوقلۇقنىڭ بارلىقىنى ۋە بارلىقنىڭ يوقلۇقىنى ئەسلىمە يولى بىلەن سۆزلەيدۇ.
يەنە بىر مەنىدىن، ئۆتمۈش ئەخمەتجاننىڭ قەلب يارىسىدۇر. ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ئازابى خۇددى ئالەمنىڭ ئازابىدەك ئاڭلىنىدۇ. بۇ بىر مېتاڧىزىكىلىق ئازاب بولۇپ، ئەلمىساقتىن بېرى مەۋجۇت ھەمدە ھەممە مەۋجۇتلۇققا پۈتۈلگەن: مەۋجۇتلۇق تېگى-تېگىدىن ئازاب دېمەكتۇر. مەۋجۇتلۇق مەيلى ئۆتمۈش، مەيلى ھازىر ۋە مەيلى كەلگۈسىدە بولسۇن، ئازابتا تۇرىدۇ—ئۇنىڭدا زاھىر بولىدۇ. شۇڭا، ئۆتمۈش شائىر ئۈچۈن يەنە بىر نۇقتىدىن كەلگۈسىدۇر. چۈنكى، بۇ ئازاب كەلگۈسىگە قايتىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭدا قايتا-قايتا نامايان قىلىدۇ.
            ئەخمەتجاننىڭ نەزەرىدىكى ئۆتمۈش يەنە بىر قوۋمنىڭ ئۆتمۈشىدىن تارتىپ، ئۆزىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىگىچە بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ «ئەجدادلار»، «مەن ئىزدەيمەن بالىلىقىمنى»، «كەينىڭلاردىن ئەۋەتتىم قاراڭغۇلۇقنى»، «تونۇش نەرسىلەرگە بولغان يات تۇيغۇ»، «بالىلىق ئايلىرى» ۋە «ئايدىن سورايمەن» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئۆتمۈشكە بولغان سېغىنىش، ئۇنىڭ يوقلۇقىغا بولغان تەشۋىش، ئۇنىڭ تەسىرىگە بولغان چوڭقۇر سېزىمچانلىق بار.  ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئۇرۇنۇشى بار: ئادەم  ئاللىبۇرۇن يىتكەن ئۆتمۈشتە ئۆزىنى ئىزدەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئىزدەپ تاپالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ. مانا مۇشۇنداق ئەلەملىك ئىزلەشتە، تىركىشىشتە، ئۇرۇنۇشتا، شائىر ئەمدى مەڭگۈ قايتا كەلمەيدىغان ئۆتمۈشنى ئەسلىمە شەكلىدە شېئىردىكى سۆزلەر ئارقىلىق تۇتۇپ قالماقچى بولىدۇ، گەرچە بۇ بىر مۇمكىنسىز ئۇرۇنۇش بولسىمۇ:

گويا سوغۇق يۇلتۇزلار سەلكىنىدەك،
كىرپىكلىرىم ئارا، شۇئان، ئۆتمەكتىسىلەر،
ئەي، ئۆلۈم قىتئەسىدە ئولتۇراقلاشقانلار،
بۇندا: تېنىمدە
ئەي، ئەجدادلىرىم!
نېمىدېگەن سارغايغان-ھە، ئارمىنىڭلار،
غەزىنىلەردەك!
ھەم تاشلاندۇق ئىبادەتگاھتا
توزان باسقان جىنچىراقلاردەك-
يۈزۈڭلار تىمتاس.
«ئەجدادلار»
بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپلا
يىرتقۇچ ئىستەك قۇشلىرىغا ئۇچراشتىن بۇرۇن،
زۇلمەتلىك مۇساپىلەر بورىنىدا
ئۆمۈر بويى خىيال سۈرگەنلەر!
ئەي، ئەجدادلىرىم،
مەندىن كېيىن ياشايدىغانلار!
ئەي تۈن شاخلىرىدا ئېچىلغان،
مېۋە بەرمىگەن
چېچەكلەر!
«كەينىڭلاردىن ئەۋەتتىم قاراڭغۇلۇقنى»
            ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرىدا قايتا-قايتا ئىپادىلەنگەن يەنە بىر تېما—تۇغۇم بىلەن ئۆلۈمنىڭ دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىدۇر. بۇنىڭدا تۇغۇم يېڭى باشلىنىشنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئاخىرلىشىش سۈپىتىدىكى ئۆلۈمنى ئۆزىدە ئېلىپ ماڭىدىغان باشلىنىشتۇر. شۇ سەۋەب، تۇغۇم تەلتۆكۈس يېڭى، ئۆزگىچە ۋە ھەتتا رادىكال بولغان باشلىنىشنى ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى ئېنىق بولغان ئۆلۈمنى قوزغىتىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ («ئۆلۈمنى ئىزدەش» كە قاراڭ). ئۇنىڭچە، ئۆلۈم ئەڭ سىرلىق ۋە مىستىكىلىق بىر ھالەت بولۇپ، ئۇنى تەلتۆكۈس چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، ئۆلۈمنى شېئىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەنىدىن، ئەخمەتجاننىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىدا ئۆلۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ئەلەڭلەپ تۇرغانلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق قالايمىقانچىلىققا تولغان رېئاللىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنى—ياكى ئېھتىمال يەنە بىر يېڭى باشلىنىشقا ھامىلىدار ھالىتىنى—ئىپادىلەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ بىر بەرباتلىقنىڭ، گۇمرانلىقنىڭ بېشارىتىدەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا مەۋجۇتلۇق «ئاپئاق» پاجىئەدەك ئاقىرىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ئاق گۈللىرى ھەممە يەرنى قاپلايدۇ. ئېزىقىش، ۋەيرانلىق ۋە ۋەھىمە ھەممىنى ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى قۇرلاردىن ئېسكاتولوگىيىلىك (دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى) ئالدىن كۆرۈشلەرنى ئوقۇش مۇمكىن.
            ئۇنىڭدىن سىرت، شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بالىلىق دۇنياسى ئۇنىڭ ئۆتمۈش توغرىسىدىكى بارلىق تۇيغۇلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ غۇبارسىز، شۇنىڭدەك ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز قىسىمدۇر. بولۇپمۇ، «مەن ئىزدەيمەن بالىلىقىمنى» دېگەن شېئىر شائىرنىڭ ئۆزى بىلەن ئەسلىمە شەكلىدە ئۇچرىشىشىنىڭ يادنامىسىدۇر. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئەسلىمە بىزگە شائىرنىڭ مەلۇم تەجرىبىلىرىنىڭ ئېھتىمال ئۆزىگىمۇ نامەلۇم بولغان بىر خىل تۇيغۇدا ئىپادىلىنىشىنى سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭدا بالىلىق ھەم يېقىن، ھەم يىراق تۇيۇلىدۇ—ئۇ يېقىن كەلگەندە، ئۇ سېنى ئۆزۈڭ بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ؛ ئۇ يىراقلاشقاندا، ئۇ سېنىڭ ئەمەس خۇددى باشقا بىرىنىڭ ئەسلىمىسىدەك بىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا سەن خۇددى باشقا بىرىنىڭ ئەسلىمىسىنى ئەسلەۋاتقاندەك ھېس قىلىسەن. ئۇ يېقىن كەلگەندە، سەن ئۆزۈڭگە ئېرىشىسەن؛ ئۇ يىراقلاشقاندا، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدا يىتتۈرىسەن. بالىلىق، شۇڭا، ئالۋۇنغا ئوخشايدۇ—ئۇنىڭ تۇيغۇسى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۆزىدەك رېئال بولمايدۇ. ئەمما ئۇ بارلىق رېئاللىق تۇيغۇلىرىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭا ئادەم ئۇنى جان-جەھلى بىلەن ئەسلەشكە تىرىشىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق، يىتكەن رېئاللىقنى قايتا-قايتا نامايان قىلماقچى بولىدۇ. ئەمما بالىلىق قانچە ئەسلەنگەنسېرى شۇنچە ناتونۇشلىشىدۇ، يىتىدۇ ۋە رېئالسىزلىشىدۇ. ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرى مانا مۇشۇ خىل ئازابلىق ئىزلەشنىڭ ھەم قېچىپ قۇتۇلغۇسىزلىقى، ھەم بىھۇدىلىقىغا بولغان ئىقرارنامىگە  ئوخشايدۇ.
            ماكان نۇقتىسىدىن، ئەخمەتجان سەرسانلىق سەنئەتكارىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتى سەرسانلىققا تولغان ھاياتتۇر. ئۇ 1964-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى سۇرىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، كېيىن يەنە تۇغۇلغان يۇرتى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. ئۈرۈمچىدە ئۇزاق تۇرالماي، يەنە سۇرىيىگە قايتقان. ئۇ يەردە مۇرەككەپ سىياسىي ئويۇنلارنىڭ تەسىرىدە ئائىلىسى بىلەن چېگرىدىن چىقىرىۋېتىلىپ، ئاۋۋال تۈركىيىدە پاناھلانغان، ئاندىن كاناداغا يەرلەشكەن. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلىنىپ كانادادا توختىغان ھايات سەپىرىگە قارىساق، ئۇنىڭدا بىر روھنىڭ—بىر شائىرنىڭ تىنچسىز روھىنىڭ—ھېچ بىر ئالدىنئالا تەييارلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇ يەردىن بۇ يەرگە توختاۋسىز تاشلىنىشىدەك ئاچچىق كەچمىشنىڭ ئىزناسى بار. ئەخمەتجاننىڭ سەرسانلىقىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ئۇنىڭ ڧىزىكىلىق يۆتكىلىشىدە ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى يۆتكىلىشىگە تۈگەللەنگەن.   
ئەخمەتجان ئۈچۈن، سەرسانلىق، تەگ مەنىسىدىن، ئەسلى بىرلىكتىن ئايرىلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ—بۇ ئانىدىن، ۋەتەندىن ۋە مۇقەددەسلىكتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئونتولوگىيىلىك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. سەرسانلىق ئىنساننىڭ بىئىلاجلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇ ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا بىئىختىيار تاشلىنىشىنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدىكى بىسەرەمجانلىق تۇيغۇسىنىڭ داۋاملىشىشىدۇر.  ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن سەرسانلىق تېمىسىدىن شۇنىسى ئېنىقكى، سەرسانلىقتا ئىنسان دۇنيادا قانچىلىك خاتىرجەمسىز بولسا، ئۆزىدىمۇ ھەم شۇنداق خاتىرجەمسىز بولىدۇ. ئۇ تۇغۇم بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى قېچىپ قۇتۇلغۇسىزلىقنىڭ خۇددى بىرى تەرىپىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغاندەك يۈز بېرىشىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان، ئۆزى بىلمەيدىغان، قىياس قىلالمايدىغان، ئالدىنى ئالالمايدىغان بىر ناتونوشلۇققا—ھەتتا بىر يوقلۇققا—ئاستا-ئاستا غۇلىشىدۇر.    
            شۇ نەرسە ھېچ بولمىغاندا ئېنىقى بىلەن ئېيتىلىشى كېرەككى، ئەخمەتجاندەك بىر گۇمانلانغۇچى ئۈچۈن، سەرسانلىق ساقلانغۇسىز مەۋجۇتلۇق ھالىتىدۇر. چۈنكى، گۇمانلىنىش ئادەمنى ھېچقانداق قىممەتتە ئۇزاق تۇرغۇزمايدۇ. ئۇ ھامان ئۆزى ئىشەنگەن ئىدىيىدىن گۇمان قىلىدۇ. ئۆزى مەپتۇن بولغىنىدىن تېخىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇنىڭ كاللىسى ھېچ ۋاقىت بىرلا ئىدىيىدە توختاپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ روھى ھەر ۋاقىت يۆتكىلىپ تۇرىدۇ.
شۇنداقلا، سەرسانلىقتا ئادەم ئۆزىنىڭ روھىنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ ئېنىقى بىلەن ئاڭلىيالايدۇ، ئۆزى بىلەن ئەڭ تىرەنلىكتە بىللە تۇرالايدۇ ۋە ئۆزىنى ئۆزىدە ئەڭ ئېنىق كۆرەلەيدۇ.  ئادەم سەرسانلىقتا ئۆزىگە تاشلىنىدۇ—دۇنيادىن يېگانە قەلبىگە چېكىنىدۇ. ئەنە شۇ چېكىنىشتە، ئادەم ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بارلىق قۇدرەتنى ئەڭ ئېنىقى بىلەن ھېس قىلالايدۇ. ئۇنى تاشقىيلىيالايدۇ. روھى يېڭى بىر مەنزىلنى كۈتۈۋالالايدۇ—ئۇنىڭدا ئۆزىنى قايتا تونۇش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش پۇرسەتلىرى بولىدۇ. ئەخمەتجاننىڭ شېئىرلىرىدا، روھ ھەم سەرسان بولغۇچى، ھەم سەرسانلىقتىن ھالقىپ مۇقەددەسلىككە يەتكۈچىدۇر. ئۇنىڭدا ھەم چوڭقۇر ئازاب ئېڭى بار، ھەم نىجادىيەتكە بولغان تەلپۈنۈش بار. ئۇ ھەم باشلىنىش ھەم ئاخىرلىشىشتۇر.  
شېئىرلىرىدا دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا قارىتا ئۆزگىچە بىشارەتلىك تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەخمەتجان بىر ئاخىرلىشىشنى كۆرگۈچىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ سەرسانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنىمۇ ئالدىن كۆرگۈچىدۇر. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەسەللى، ياكى بىر مەنىۋى ئويغىنىش ۋە ياكى بىر ئارىڧلىققا يېتىش بولۇشى مۇمكىن. شۇنى دېيىش مۇمكىنكى، ئۇ سەرسانلىق داۋامىدا، خۇددى شاھ مەشرەپتەك، روھىنىڭ ھەتتا ئۆزىمۇ يېتەلمەيدىغان ئۇپۇقلىرىدا بىر ئاداققى پارلاشنى خىرە-شىرە كۆرىدۇ.
ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ مەشھۇر شائىرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەخمەتجان دۇنياۋى دېئالوگقا قاتناشقۇچىدۇر. ئۇ تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان بوستانلىقلارغا ئەسىرلەردىن بېرى ماكانلىشىپ، ئۇنى ۋەتەن قىلىپ كەلگەن، تارىخىدا دۇنيادىكى بارلىق چوڭ دىنلارنىڭ ئاساسەن كۆپ قىسمىغا ئىشەنگەن، يىپەك يولى ئارقىلىق دۇنياۋى ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان ۋە تارىخىدا نۇرغۇن ئەللەرنى ئىستىلا قىلغان ۋە تۇپرىقىنى ئىستىلاچىلاردىن قوغداش ئۈچۈن قان تۆككەن  ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي بىر مىللەتنىڭ ئۇنتۇلغان چۈشىنى ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلىق دۇنياغا قايتىدىن سۇنغۇچىدۇر.  ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە موتىفلىرى دېگۈدەك بار؛ ئۇنىڭدا ئوغۇزخاننىڭ، سادىر پالۋاننىڭ ۋە يەنە نۇرغۇن قەھرىمانلارنىڭ ئاۋازى بار. ئۇنىڭدا، ئۆز خەلقىنىڭ قان- ياشلىق تارىخى بار. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئىرادىسىنىڭ چۇقانى بار. ئۇنىڭدا قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئورتاق تىلى بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرغىچە يوقالماي كەلگەن سېھرىي كۈچى ۋە سەلتەنىتى بار. يىغىپ ئېيتقاندا، ئەخمەتجان شېئىرلىرىدا مانا مۇشۇ مىللەتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئارزۇ-ئارمانلىرى  بار.   
            ئاخىرىدا، ئەخمەتجان داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر. 1980-يىللىرى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى تېخىچە ئاخىرلاشقىنى يوق. خۇددى بارلىق ئويۇنلار، درامىلار ۋە جەريانلارغا ئوخشاش، كىشىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتىدۇ. ئۇنىڭ قىرىق يىللاردىن ئىلگىرى ئۇجۇر-بۇجۇرىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمىگەن، ئېنىقسىز ئەمما توسۇۋالغۇسىز بىر ئىشتىياقتىن قوزغالغان  ۋە تا ھازىرغىچە داۋام ئېتىۋاتقان شېئىرىيەت سەپىرىمۇ ئاخىرلاشقىنى يوق. ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقتا كېتىۋاتقان مىللىتىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك چۈشى ئاخىرلاشقىنى يوق. ئۇنىڭ يەنە دۇنيا بىلەن قىلىشىدىغان پاراڭلىرىمۇ تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق.
ئۇ بىر موھتاجلىق دەۋرىنىڭ شائىرىدۇر.
مۇشۇنداق بىر دەۋردە، ئۇيغۇر شائىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەخمەتجاننىڭ رولى نېمە بولۇشى كېرەك؟ ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن روللارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە يەنە نۇرغۇن روللارنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىشى مۇمكىن. ئەمما مۇھىمى ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەھرۇملۇقىنى يازغۇچى، بىر سەرسانلىقنى توختىماستىن كەزگۈچى، بىر ۋەتەننىڭ مەڭگۈلۈك ھەسرىتىدە قالغۇچى  ۋە بىر تىل ئۈچۈن ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتەنگۈچىدۇر. بۇ دەۋردە، ئۇنىڭ سۈرگۈنگاھى ئۇنىڭ يىراقتىكى ۋەتىنى بولسا، ئۇنىڭ ۋەتىنى ئۇنىڭ ئانا تىلىدۇر.

2015-يىل 9-مارت، سىدنىي

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم