ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

 ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم 


كەسكىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يۈز يىلدا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئىشىنىش سىستېمىىىىىىدا بوپ كەلدى--ئېتىقاد سۈپىتىدىكى ئىسلام ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدىكى سوتسىيالىزم. ئىسلام دىنى 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنى تونۇشتۇردى—ئۇ بۇددا دىنىدىن پەرقلىق بولغان، شامانىزمدىنمۇ مۇرەككەپ بىر دۇنياۋى مۇقەددەس ئېتىقاد يولى ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادىتىنىڭ يولىنىى ئاچتى. سوتسىيالىزم بولسا بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ  خام خىيالىنى تونۇشتۇردى. ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇ دۇنيادىكى دوزاق بىلەن جەننەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--قىسقىسى، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--ئىشىنىشكە ئېرىشتى؛ سوتسىيالىزم بولسا بۇ ئىككى قارىمۇ قارشىلىقنى پانىيلاشتۇرىدۇ—يوقسۇزلارنىڭ دۇنياسى «دوزاق»، بارلىقلارنىڭ دۇنياسى «جەننەت» كەبى تەسۋىرلەندى. ئاندىن، سوتسىيالىزم يوقسۇزلارنىڭ بۇ جەننەتتە ياشاش ھوقۇقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى «جەننەتتىكىلەر» نى دىكتاتورا يولى بىلەن رەھىمسىزلەرچە قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە بۇنى قانۇنىيلاشتۇردى. 

بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ سوتسىيالىزمغا مەپتۇن بولدى. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا خۇددى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش «نىجادلىق» ئېلىپ كەلمەكچى بولدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بۇ سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق گۈللىنىش نامى ئاستىدىكى رۇس مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىدى ياكى دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. 

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدىزمنىڭ ئاشقۇن شەكلى سوتسىيالىزمدا توختىدى. ئۇيغۇرلاردىمۇ تېخى تەلتۆكۈس ئاخىرلىشىپ كەتمىگەن جەدىدىزمنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىزمنى قوغلىشىش بىلەن تۈگەللەندى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىدە سوتسىيالىزمدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈش خاھىشى ئېغىر بولدى. ئەمما سوتسىيالىزم ئۇيغۇرلارنىڭ قارا بېسىشقا تولىدىغان كەلگۈسىنى بېشارەتلىدى. مۇستەملىكە بۇ كىرىزىسنىڭ سەۋەبى بولدى. ئەينى ۋاقىتتا، تارىخنىڭ ئېنىقسىزلىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى قىزىل سوۋېت مۇستەملىكىسى، ياكى قىزىل خىتاي مۇستەملىكىسى بوپ قالاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىدەك قورقۇنچلۇق بولمايتتى. مۇھىمى، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بۇنى تاللىيالمايتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاخىرى خىتاينىڭ قىزىل مۇستەملىكىسىگە مەجبۇرىي چۈشتى. 

مىڭ يىلدىن بېرى، بىر ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز 1949-يىلىدىن كېيىن ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدىغان ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى دىننى يوقىتىشنى بىر تارىخىي زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە كۆرىدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ--خىتاي ئاتېئىست كوممۇنىستلىرىنىڭ-- مۇستەملىكىسىگە چۈشۈشى ھەممىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتتى. بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى خىل بىلىشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئىدراكىدىن يەر ئېلىشى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تراگېدىيەسىنىڭ سەھنىسىنى ھازىرلىدى. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئىسلام دىنىدا ئاللاھتىن باشقا يەنە بىر زاتقا--مەيلى ئۇ ئىلاھىي ياكى ئادىمىي بولسۇن--چوقۇنماسلىققا ۋە قۇللۇق بىلدۈرمەسلىككە بۇيرۇلغان ئۇيغۇرلار بىر شەخس--يەنى، بىر داھىي-- ئىلاھلاشتۇرۇلغان بىر ئەسەبىي جەمئىيەتتە ئۇنىڭغا چەكسىز قۇللۇق بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاندى--«دانا داھىمىز ماۋ جۇشى تۈمەن مىڭ يىللار ياشىسۇن!» 

شۇندىمۇ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» دا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئاغزىدا ماۋ زېدۇڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئوقۇسا، قەلبىدە «قۇرئان كەرىم» نىڭ سۈرىلىرىنى يادلاپ تۇردى. پارتىيەگە كىرىشتە بىر قولىنى كۆتۈرۈپ پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ قەسەم بەرسە، يۈرىكىدە يەنىلا قىبلىگە يوشۇرۇن سەجدە قىلدى. نۇرغۇنلىرى پارتىيە ئەزاسى بولغاندىن كېيىن پارتىيەنىڭ دېگىنىنى بەجانىدىل ۋە ھەتتا ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. ئەمما ھېچ زامان ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى بىر دىنىي بۇرچى سۈپىتىدە قىلىشتىن توختاپ قالمىدى.  

ئۇيغۇرلار مانا شۇنىڭدىن تارتىپ، بىر-بىرىگە ئەسلىدىن كېلىشمەيدىغان ئىككى ئىشىنىشنى ئىدراكىدا كېلىشتۈرۈشكە قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ قەلبى بۇ توقۇنۇشتىن--مەيلى ھېس قىلسۇن-قىلمىسۇن--بىر سېكۇنتمۇ نېرى بولالمىدى. بۇ توقۇنۇش يىللار ئۆتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىپ ماڭدى. خىتاي ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىغا تەگمەسلىك ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، بۇ مايىللىق ۋە ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا تەمە قىلىش سەۋەبلىك كۆرۈلگەن قۇل مىجەزلىك ئۇلارنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ نازۇك قىسىملىرىغا تېگەلەيدىغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا چەك قويالايدىغان قىلدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» دا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چوشقا باقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىتايلارغا قارشى ھېچقانداق بىر ئىنقىلاپ پارتلىمىدى. پەقەت ھايات داۋاملىشىۋەردى. 

خىتاي كوممۇنىستلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ھەجگە ماڭغۇزۇپ، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلسا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج قىلىشقا ئىچكى جەھەتتىن قاتتىق چەك قويدى. كېيىنچە پەقەت خىتايغا يارىغان ھەم زىيان سالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭلا ھەج قىلىشىغا يول قويۇلدى. ئۇيغۇرلار زالىم كاپىرغا قارشى تۇرۇشنى پەرز بىلىدىغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىقلىق تۇرۇپ، ئۇنى چەكلەۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ھەج قىلىشقا يول قويۇش «مەرھەمىتىنى» ھېچ ئۇيالماستىن قوبۇل قىلدى. ۋەتىنىنى ئاياق-ئاستى قىلغان ۋە ئىسلامنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان بۇ كوممۇنىستلارنىڭ بۇ مەرھەمەتىنى ئاساسەن ھېچكىم رەت قىلمىدى. ئەكسىچە، بۇ مەرھەمەت ئۈچۈن، بەزىلەر بىر ئۆمۈر يىغقان مال-مۈلكىنى سەرپ قىلىشتىن ئايانمىدى. 

خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ قوللىنىلىپ كېلىنگەن ئەندىزە بويىچە ئۆزىنىڭ دىنىغا، ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا مەلۇم دەرىجىدە ھوقۇق-ئىمتىياز ئاتا قىلدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار باش-ئاخىرى يوق بۇنداق توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېتىقادىغا تەۋرەنمەستىن سادىق بولۇشتىن پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئەلا كۆردى. بەزىلەر مەسچىتتە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇپ ئاللاھقا سەجدە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، قەلبىدە پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىكىدىن ساقلىنىشى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 

بۇ توقۇنۇش جەريانىدا، مەيلى كوممۇنىست ئۇيغۇرلار ياكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بولسۇن، مۇنداق بىر نۇقتىدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇردى--ئۇيغۇر كىملىكى. كوممۇنىست ئۇيغۇرمۇ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرمۇ، گەرچە بىر-بىرىنىڭ مەسلىكىنى ئىنكار قىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. 

بۇ يۈز يىلدا ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ھېچ زامان بىر مۇنتىزم ۋە مۇپەسسەل ئىشىنىش سىستېمىسى بولالمىدى. ھەم بىر سىياسىي ئىدېئولوگىيە دەرىجىسىگىمۇ كۆتۈرۈلۈپ باقمىدى. ئەمما، ئۇ بىر ئاممىۋى زېھنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ جۇشقۇن ۋە ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىر كىملىك ئامىلى بوپ كەلدى. ئېچىنىشلىقى، ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم ئاشقۇن سوتسىيالىزمچىلارنىڭ ھەم ئاشقۇن ئىسلامچىلارنىڭ  ئورتاق دۈشمىنى بولدى. بۇ بىمەنىلىكتە، ئۆزىنى كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىق بۇ تەلۋىلىكتە، ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام ئاشقۇنلىرى مىللەتچىلككە بىر-بىرىگە بولغان ئۆز ئارا ئۆچمەنلىكتىنمۇ ئۆتە ئۆچمەن بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان بۇ مەسلەك ئۇيغۇر رېئاللىقىدا باشتىن-ئاخىر گىرۋەكتە تۇرۇپ كەلدى.  

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان ئۇيغۇر» دېگەن شېئىرىنىڭ پىغانلىق زىلزىلىسى ھېلىھەم يۈتكىنى يوق. چۈنكى بۇ مىللەتنىڭ ئويغىنىشىدا 100 يىل مابەينىدە ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەمما،  ئۇيغۇرلار بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلۇقىدىن تانمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلامدىن تاندى، بەزىلىرى سوتسىيالىزمدىن تاندى، ئەمما ئۇيغۇر بولۇشتىن تانمىدى--تېخىمۇ توغرىسى، تانالمىدى. ھەتتا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەتلىك دۈشمىنى بولغان خىتايلار بۇنى ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇردى--ئۇلارنى پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىدى، يەكلىدى ۋە ئۆلتۈردى.   

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «مەن ئاق بايراق ئەمەس» دېگەن شېئىرى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» دا شۈكلەپ كەتكەن ۋە قەلبى ئاسارەتكە تولغان بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىنى كۆتۈردى. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ئۇيغۇر ستۇدېنتلار ئۈرۈمچىدە كوچىلارغا چىقىپ شەرقىي تۈركىستاندا مەغلۇپ بولغان ئاپتونومىيەگە قارشى نامايىش قىلدى. ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېمىغا نامەلۇم بىر خىتاي تەرىپىدىن 1988-يىلى يېزىلغان ۋە بىلگە قاغاننىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئەنسىرىشىنىڭ ئەبەدىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدىغان  مۇنۇ ھاقارەتكە ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىچ-ئىچىدىن كېلىدىغان غۇرۇر بىلەن جاۋاب بەردى--«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى جالاپ قىلىمىز.» 

ئەڭ قاراڭغۇ شارائىتتا، ئۇيغۇرلاردىن ھېچكىم ئاق بايراق كۆتۈرمىدى. ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «مەن تەسلىم، مەن خىتاي بوي كېتەي» دېمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىداشلىرىنىڭ فامىلىسى ئاللىبۇرۇن رۇس مۇستەملىكىسى تەسىرىدە ئومۇميۈزلۈك «ئوپ»، «يوپ» لاشقاندىمۇ، ھېچكىم فامىلىسىنى «ۋاڭ» ياكى «جاڭ» قىلىۋالمىدى. ئەمما، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار--بولۇپمۇ زىيالىيلار--قوللىرىغا ئاللىبۇرۇن يوشۇرۇن ھالدا قىزىل بايراق ئېلىۋالدى. ئۇلار ئاق بايراق كۆتۈرمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا قىزىل بايراق ئالدى. خەلق ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن مىللىي غۇرۇرنىڭ ياڭراق ساداسىنى ئاڭلىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كەبى بىر ئۈزۈل كېسىللىكنىڭ ئۆرنىكىنى كۆرەلمىدى. كۆرەلمىسىمۇ، بۇ خەلق ئۇنى يەنىلا ئەڭ ئۇلۇغ زىيالىيسى سۈپىتىدە بېشىدا ئېلىپ كەلدى. بۇ زىيالىيلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇستەملىكىنىڭ خورلۇقلىرىدا ئابلىز مەخسۇمدەك ساراڭ بولۇپ، غەزەب-نەپرەت، بوغۇلۇش ھەم ئار-نومۇستا ئۆزىنى پويىزنىڭ ئالدىغا ئېتىۋالمىدى. قىسقىسى، مۇتلەق كۆپ قىسىم زىيالىيلار ئوڭلۇق ياشىدى. 

ئەمما، خەلق ئۆزىنىڭ قۇللۇقتا--مۇستەملىكىدە--ئىكەنلىكىنى خىرە-شىرە ئاڭقىرىشقا باشلىدى. «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ۋە «ئانا يۇرت» قاتارلىق تارىخىي رومانلار خەلققە بۇ قۇللۇقنىڭ شەجەرىسىنى سۆزلىدى.  خەلق ئەگەر بىرەر كەسكىن تەدبىر قوللىنىلمىسا، تاڭلا ئەتە خىتايلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قۇل، ئاياللىرىنىڭ جالاپ قىلىنىشىنى ۋەھىمە ئىچىدە ھېس قىلدى. ئۇلار زىيالىيلارغا تەلمۈردى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى غۇرۇرى تۇرغۇن ئالماستا ئىپادىلىنىش بىلەن كۇپايىلەندى. «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى غۇرۇرىنى جەۋلان قىلدى. ئەمما، كۆز ئالدىدىكى مۇستەملىكە رېئاللىقىنى قانداق قىلىش ھەققىدە ھېچكىم بىر نېمە  دېيەلمىدى. شانلىق تارىخ نومۇسلۇق مۇستەملىكە رېئاللىقى ئالدىدا كېكەچلىدى. ھېچكىمدە بىر چارە بولمىدى. جۇمھۇرىيەت ئاتىلىرىنىڭ روھى قورۇندى. 

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن رايى قايتقان بىر قىسىم ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئىسلامنىڭ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى. بارىن ئىنقىلاۋى بۇ ھەقتىكى رادىكال ھەم ئاچقۇچلۇق بىر ئۇرۇنۇش بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي قارشىلىقىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن، دۇنياۋى ئىسلامىي مەسلەكلەر ۋە مۇمكىنچىلىكلەر ئىزدىنىلدى. بۇ مەزگىلدە، خىتايمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر تالىپلارنى چەتكە چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق بىرى ئۆزىگە كېلىدىغان ئىچكى بېسىمنى يەڭگىللەتتى؛ يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى قارشىلىقىنى تېخىمۇ كونترول قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى. دىققەت تارتارلىق يېرى شۇ بولدىكى، ئۇيغۇرلار ئىسلامىي بۇرچ ئارقىلىق بىرلىشىشكە قانچە يۈزلەنگەنسېرى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ كونترول قىلىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى. چۈنكى بارلىق تۇخۇملار بىرلا سىۋەتكە ئاسانلا سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى كۆتۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە زۆرۈر تېپىلسا چېقىۋېتىش تېخىمۇ قولايلاشتى. كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان، ئەمما قەلبىدە سوتسىيالىزمغا قول بەرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر موللىلىرىنىڭ بۇ تۇخۇملارنىڭ چېقىلىشىدا ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ.  

ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە سىياسىي جەھەتتە ئىككى قېتىم ئەجەللىك ئالداندى--بىرى رۇسلارغا، يەنە بىرى خىتايلارغا. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت رۇسلارنىڭ قولى بىلەن خىتايلارغا بېرىلدى. رۇسلارغا ئالدىنىش ئۇلارنى خىتايلارنىڭ قولىغا تاشلىدى. ئۇيغۇرلار قولىغا كېلەي دەپ قالغان مۇستەقىللىقتىن ئېچىنىشلىق ئايرىلدى. ئاندىن، ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ 60 يىلدىن كېيىن، ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيىسىگە قانچىلىك ئالدىنىپ كەلگەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن، ئەمما كېچىكىپ، ھېس قىلدى. 

تاكى شۇ چاغقىچە، سوتسىيالىزم بىلەن ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا غەلىتە ھالدا بىرلىشىپ كەلدى. بۇ شۇنداق بىر خام خىيال ئىدىكى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەمخورلۇقىدا ئىسلام سوتسىيالىزىمدا يەنىلا گۈللىنەلەيتتى. بۇ ھېچ بولمىسا، بىر ئالدامچى تەشۋىقاتقا ئىشىنىش ساددىلىقى ئىدى.  ياكى بۇ ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ ئالداش ئىدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، پەقەت كوممۇنىستلار ئۇلارغا چوشقا گۆشىنى يېيىشنى زورلاپ تاڭمىسىلا، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدە تۇرۇۋېرىش ئۇنچە يامان ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىنى بارغانسېرى سوتسىيالىستىكلاشتۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتكە ھەرگىز ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرغۇزۇپ كەتمەيتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، ھەرقانداق شەكىلدىكى جىھات خىتايلارغا ئالدىراپ قارىتىلمايتتى. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزاق يىللىق مۇستەملىكە ئىسلام بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشىنى  مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلغانىدى--بۇ خۇددى ئوت بىلەن سۇنىڭ بىللە تۇرۇشىدەكلا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغماس بىر ئىش ئىدى. ئەمما، بۇ بىر ئاچچىق رېئاللىق ئىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ ئىككىسىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلالماس شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇپ بولغانىدى. كېيىنچە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلماسلىقى كوممۇنىستلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى؛ يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ بىر قىسىم زىيالىيلار ئۈچۈن، كوممۇنىستلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشقۇن دىنىي ئېتىقادىغا ۋە دىنىي كىيىم-كېچەكلىرىگە قاتتىق چەك قويۇشى ئۇلارنىڭ رادىكاللىشىپ كەتمەسلىكىنىڭ كاپالىتى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن باشقۇرۇپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولدى. بۇنىڭ ھەر ئىككىسى ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يوشۇرۇن ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھەتتا خىتايلىشىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئىدى. 

ئەمما، بۇ ھالەت--بۇ تەڭپۇڭلۇق--5-ئىيۇل قەتلىئامىدا پۈتۈنلەي بۇزۇلدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىشەنگەن سوتسىيالىزىم ئىدېئولوگىيەسى تەرىپىدىن مىسلىسىز زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا تېخىمۇ يېپىشتى. چۈنكى، لىڭگىرتاقتاققا ئوخشايدىغان بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ بىر ئۇچى چۈشسە، يەنە بىر ئۇچى كۆتۈرۈلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا يېپىشىشى كۈچەيگەنسېرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىزمغا باغلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق قەتلىئام ئېلىپ بېرىشى شۇنچە ئاسانلاشتى. تۈركىيەدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سىرلىق ئۇيغۇر دەۋەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىن چىقىپ سۇرىيەدە توختىشىدا ئاجايىپ «ئۇتۇقلۇق» خىزمەت كۆرسەتتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە يېتەكچىلىرى، كۆز  ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان غايەت زور بالايى-ئاپەتنى بىلسىمۇ، ئۇنى توسالمىدى. ياكى بىلمەسلىككە سالدى. ئۇلار ھەتتا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆيمۇ ئۆي كېزىپ ئاتالمىش «جىھات» قا چاقىرىۋاتقان ئۇيغۇر تىللىق دەۋەتچىلەرگە ھېچ نېمە دېيەلمىدى. خىتاي ئاخىرى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى--ئۇيغۇرلارنى سۇرىيەدە تولۇق تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، قەتلىئامنى جىددىي باشلىۋەتتى. 

قەتلىئام جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرگىنى ئىشىنىش سىستېمىسى بىلەن ئىشەنگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگۈسىز پەرق بولدى. سوتسىيالىزىمغا ئىشەنگەن ئۇيغۇرلار دەل ئاشۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن جازالانغىنىدەك، ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن ئۇيغۇرلار دەل ئاشۇ ئېتىقادقا ئىشىنىدۇ دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى تەرىپىدىن كوممۇنىستلارنىڭ قۇشخانىلىرىغا يوللاندى. شۇنىڭدەك، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر بولمىغان باشقا مۇسۇلمانلار--تۈركلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە-- تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدى ياكى خىتايغا تۇتۇپ بېرىلدى. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئىدراكى شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاندىكى، مەلۇم ئىشىنىش بىلەن ئۇنىڭغا ئشىەنگۈچىلەر بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىككى ئىشتۇر. ئىشىنىش ئىدېئال بولۇشى بىلەن ئۇلۇغدۇر، ئەمما ئىشەنگۈچىلەر ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن رەزىلدۇر. 

ئەمدىلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدراكىدا توقۇنۇش ھاسىل قىلىۋاتقىنى ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى خەتەرلىك ئايرىلىپ كېتىشتۇر. شۇنىسى ئاخىرى ئايان بولدىكى، ئىسلام دىنى ۋاقتى كەلسە ئۆزىنى ئەڭ مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان نارسىستلار تەرىپىدىن ئاياق-ئاستى قىلىنىدۇ. ئۇلار ۋاقتى كەلسە ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بىلەن ئەڭ يېقىن دوست بولالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاش بەدىلىگە كوللېكتىپ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دەل مۇشۇ ئېتىقادنىڭ سۇيىئىستىمالچىلىرى ئاسىيلىق قىلالايدۇ. نەتىجىدە، ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىدىن ياتلىشىشى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا ئېغىر قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلدى. 

نۆۋەتتىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ھايات-ماماتى قىلنىڭ ئۈستىدە قالغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ سۈپىتىدە نېمىگە ئىشىنىشى ھەققىدە جىددىي، تەنقىدىي ۋە ئېھتىمال ئاخىرقى ئويلىنىشقا كىرىشى كېرەك. ئۇلار بىر ئىدېئولوگىيەگە موھتاج--ئۇ مىللەتچىلىكمۇ، ئىسلامچىلىقمۇ ئەمەس، بەلكى بۇلارنىڭ بىرىكمىسىدۇر. مۇھىمى، بۇ ئىدېئولوگىيە چوقۇم ئۇلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا بىر يول يوق، ھېچ بولمىسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە. ئىسلام دىنى ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ يادرولۇق قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن؛ ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنى ئېلىپ يۈرۈشتە يەنىلا ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ جەڭگىۋار بىر مەسلەكتۇر. ھازىر شەپقەتسىزلەرچە يوقىتىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلامكى، ھەرگىزمۇ پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىسلام ئەمەس. ئۇيغۇرلار يوقالسا ئىسلام دىنى قېلىۋېرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار قالمايدۇ. ئۇيغۇر قۇتقۇزۇلسا، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدا، پەقەت مىللەتچىكلا--مىللىتىنى ئىمانىي مەسئۇلىيەتتە جان-جەھلى بىلەن سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاشلا--بىزگە بىر چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. 




Comments

Popular posts from this blog

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز