Posts

Showing posts from June, 2019

تىلنىڭ چېكى

تىلنىڭ چېكى ئوسۋېنچىندىن كېيىن، شېئىر يېزىش ياۋايىلىقتۇر. --ئادورنو تىل ئىنسانلار ياراتقان بىردىنبىر چەكسىزلىكتۇر. ئۇنىڭ چەكسىزلىكى بۇ چەكسىز ئالەمگە تەققاسلىنىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئەرزىمەس ھېسلىرىدىن تارتىپ ئەڭ بۈيۈك غايىلىرىگىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ بىمەنە غەلدى-غەشلىرىدىن تارتىپ ئەڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىرىغىچە ھەممىنى پۈتمەس-تۈگىمەس مۇمكىنچىلىكتە ئىپادىلىيەلەيدۇ. تىل، بۇ مەنىدىن، ئىنساننى چەكسىزلىكتە تەبىرلىيەلەيدۇ. ئۇنى چەكسىزلىككە ئاچالايدۇ.   ئەمما، بىر قەتلىئامدىن كېيىن ئۇ چەكسىزلىكىدىن قالىدۇ. ئادورنو ئۈچۈن،شېئىر ئوسۋېنچىندىن بۇرۇن مەدەنىيلىك بولسا، ئوسۋېنچىندىكى ناتزى قەتلىئامىدىن كېيىن   ياۋايىلىققا ئۆزگىرىدۇ. مەن ئۈچۈن، تىل ئۇيغۇر قەتلىئامىدىن ئىلگىرى چەكسىزلىك بولسا، بۇ قەتلىئامدىن كېيىن چەكلىكلىككە ئۆزگىرىدۇ. ئادورنو ئۈچۈن، شېئىر يېزىش ئوسۋېنچىندىن كېيىن شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايىلىقكى، ئۇنىڭدا سۆزلىگۈسىز بىر ۋەھشىيلىكنى بىلىپ-بىلمەي گۈزەللەشتۈرۈپ قويۇش قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ھەتتا ئۇ مەھرۇمىيەت مىنۇتلىرىدا، يوقىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ئىنسان ئۈچۈن بىر تەسەللى بولالىسىمۇ. ش