Posts

Showing posts from November, 2014

تەننىڭ ئېتىكىسى: قىسقىچە شەرھ 1

«بەدەن قۇياشلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن؟» دەپ سۈرەن سالدى كىچىكلەر. --روبېرت بروۋنىڭ، «مەلۇم خەلق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش»
تەنلىنىش ياخشىلىقتۇر. --ۋىليام دېزموند، «مەۋجۇتلۇق ۋە ئوتتۇرىلىق»

ئادەمنىڭ پېشانىسىگە ماتېرىياللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دۇنيادا ياشاش قىسمىتى پۈتۈلگەن، شۇنداقلا  ئۇنىڭ ماتېرىياللىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تېنى بار. رېنې دېكارتنىڭ  «ئويلاۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېگەن نۇقتىئىينەزەرىنى «مېنىڭ تېنىم بار، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئېيتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى شۇ يەردىكى، خۇددى دېكارت ئېيتقاندەك، ئادەم ئويلايدىغان نەرسىدۇر.  گەرچە بىز ماددىيلىق تەرىپىدىن قورشالغان بولساقمۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ماددىيلىقىدىن ئەڭ قايمۇقساق كېرەك. تۆۋەندىكى سوئاللار بۇ قايمۇقۇشنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىۋېتىدۇ: مەن تەندىن بۆلەك نەرسە ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ تېنىم مەن ئۈچۈن نېمە: ئۇ مېنىڭ ئۆيۈممۇ، مېنىڭ مەن خالىمايدىغان سەپەرداش ھەمراھىممۇ، مەن ۋاقتىنچە تۇرىدىغان تۇرالغۇمۇ ياكى تۆرەلمىشمنىڭ ياخشىلىق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىمۇ؟             تەننى تەپەككۇر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەر يازغان پ…

سىيىت نوچى ۋە ئۆلۈم

مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات، نائۇستاڭ يېقىن كەلمە. —سىيىت نوچى
ھەر دائىم بىر نەرسە يېزىشتىن بۇرۇن ناھايىتى تىرەن دېلىغۇللۇققا چۆمىمەن. بۇ ھەرگىزمۇ نېمىنى يېزىش ياكى قانداق يېزىش ھەققىدىكى ئەمەس، بەلكى يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى دېلىغۇللۇقتۇر. يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن مانا مۇشۇ دېلىغۇللۇق بىلەن مادارا قىلىشجەريانىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. يېزىقچىلىقتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش بىلەن ئۇنىڭغا يېپىشىش ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا قاتتىق قىينىلىمەن ھەمدە ھەر بىر يازمامنى خۇددى ئەڭ ئاخىرقى يازمامنى يېزىۋاتقاندەك كەيپىياتتا يازىمەن. گەرچە دېلىغۇللۇقنىڭ ئادەم قارشى تۇرۇپ بولغۇسىز كۈچى مېنى بەزىدە ئۈمىدسىزلىككە ۋە ھەتتا ۋاز كېچىشكە دۇچار قىلسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېزىشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ تۇرىمەن.             مېنىڭ بۇ خىياللىرىم مەن ئۆلۈم توغرىسىدا—ئاددىي، سىدام ۋە ساپ ئۆلۈم توغرىسىدا، يەنى ناھايىتى ئاددىي ئادەمنىڭ يەنە كېلىپ بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا—قەلەم  تەۋرەتكىنىمدە تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. ئۆلۈم توغرىسىدا يېزىش مېنى يېزىقچىلىقنىڭ ماھىيىتىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا يېزىقچىلىق ئۆلۈم ئالدىدىكى تۈگىم…

ئەدەبىيات ۋە ئەنئەنە

كشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئەنئەنە بۇرۇنقى قىممەت قاراشلىرىنىڭ، ئىشىنىشلەرنىڭ، ئېستېتىك ھېس - تۇيغۇلارنىڭ ۋە ئۆلچەملەشكەن ھەرىكەت شەكىللىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنئەنە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشكە تەۋە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزنىڭ ھازىرقى ھايات شەكىللىرىمىزگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھازىر بىز ئىشىنىدىغان نۇرغۇن قىممەت قاراشلىرى ئەنئەنىدىن ھالقىشنىڭ، تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا، ئەنئەنىگە قارىتا توختاۋسىز يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەنئەنە گەرچە ھازىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، ھازىر پەقەت ئۇنىڭدىن ھالقىش، تېخىمۇ كەسكىنرەك مەندىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھازىرنىڭ تەلەپلىرىدىن چىقالمايدىغان نۇرغۇن تەركىبلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە شاللىۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئاۋانگارتلىق دەل ئەنئەنىنىڭ رادىكال ھالەتتە ئىنكار قىلىشنى ۋە يېڭى ئىدىيىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسىتىلىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. ناھايىتى كەڭ مەنىدىن شۇنى ئېيتىش تامامەن مۇمكىنكى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن نەرسە پەقەت بىر نەچچە قېتىملىق ئ…