ئەدەبىيات ۋە ئەنئەنە




كشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئەنئەنە بۇرۇنقى قىممەت قاراشلىرىنىڭ، ئىشىنىشلەرنىڭ، ئېستېتىك ھېس - تۇيغۇلارنىڭ ۋە ئۆلچەملەشكەن ھەرىكەت شەكىللىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنئەنە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشكە تەۋە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزنىڭ ھازىرقى ھايات شەكىللىرىمىزگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھازىر بىز ئىشىنىدىغان نۇرغۇن قىممەت قاراشلىرى ئەنئەنىدىن ھالقىشنىڭ، تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا، ئەنئەنىگە قارىتا توختاۋسىز يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەنئەنە گەرچە ھازىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، ھازىر پەقەت ئۇنىڭدىن ھالقىش، تېخىمۇ كەسكىنرەك مەندىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھازىرنىڭ تەلەپلىرىدىن چىقالمايدىغان نۇرغۇن تەركىبلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە شاللىۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئاۋانگارتلىق دەل ئەنئەنىنىڭ رادىكال ھالەتتە ئىنكار قىلىشنى ۋە يېڭى ئىدىيىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسىتىلىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. ناھايىتى كەڭ مەنىدىن شۇنى ئېيتىش تامامەن مۇمكىنكى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن نەرسە پەقەت بىر نەچچە قېتىملىق ئىسلاھاتچىلىق ۋە ئاۋانگارتچىلىق ھەرىكىتىدۇر.
ئەدەبىياتتا ئاۋانگارتلىق بىلەن ئەنئەنچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە، چۈنكى ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن يېڭى ئېقىملار تا ھازىرغىچە ئالدىنقى ئېقىملار ئۆزىدە ئاشكارا قىلغان چەكلىملىكنى بۇزۇپ تاشلاش، ئۇنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ئىنسانپەرۋەرلىك، كلاسسىزم، رومانتىزم، مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم قاتارلىق ئەدەبىيات ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسى، يۇقىرىقى قاراشقا كۆرە، بىر - بىرىنى تەنقىدلەشنىڭ — كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى تەنقىدلەشنىڭ، يەنى ئەدىبلەرنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى، دۇنيانى كۆزىتىش مېتودى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا قەدەر ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىش سۈپىتى بىلەن مۇئەييەن ئەنئەنىۋى قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان، لېكىن نۆۋەتتە ئىنسان دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشتىن بارغانسېرى قېلىۋاتقان كونا ئىزمنى تەنقىدلەشنىڭ مەھسۇلىدۇر. دېمەك، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى بىر نەچچە گىگانت ئەدىبلەرنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن باشقا )گىگانت( ئەدىبلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنى قوبۇل قىلىش، تەسىرىگە ئۇچراش ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنى قوبۇل قىلىش، تەسىرىگە ئۇچراش ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىدلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ۋە ئىلغارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى كونىسىدىن ھالقىش ئارقىلىق ئارتقۇرىلىدىغان تەرەققىيات بولۇپ، يېڭىسى كۆپىنچە ھاللاردا كونىسى ئۆزىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشكارىلاپ قويىدىغان يېتىشسىزلىك، بىر تەرەپلىملىك ۋە ھەتتاكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش زۆرۈرىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى قاراشلار شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلغانكى ئەدەبىيات، ئۆزىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆتمۈشتىن ھازىرغا، ئەنئەنىدىن يېڭىلىققا، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن ئىگە. دېمەك ئەدەبىيات )كەلگۈسىدىكى( مۇئەييەن مەقسەتنى كۆزلىگەن ئاساستا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىدۇ. لېكىن ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى زادى قايسى نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟ جامېس جويس شېكىسپېرنىڭ ئەدەبىياتتا ئورۇندىيالمىغان ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، )ئاڭ ئېقىمى( پروزىچىلىقىدا يېتىلىدىغان ئېستېتىك ئۈنۈمنىڭ شېكىسپېرنىڭ تراگېدىيىلىرىدىكى ئېستېتىك ئۈنۈمدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىمۇ؟ جامېس جويسنىڭ ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلرىىنىڭ ئەخلاقىي، ئېتىقد ۋە روھىي چۈشكۈنلۈكى يۈكسەك ماھارەتتە جويسنىڭ ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ئېتىقاد ۋە روھىي چۈشكۈنلۈكى يۈكسەك ماھارەتتە ئىپادىلەنگەن مەشھۇر ئەسىرى «ئۇلىسىس» نى ھومېرنىڭ شۇ نامدىكى داستانىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى دېيىشكە بولامدۇ؟ يۇقىرىقى سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش بىزنىڭ نۆۋەتتە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان تېمىمىزدىكى مەركىزىي مەسىلە بولغان ئەنئەنە بىلەن ھازىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداقلىقىنى تېخىمۇ ئىچكرىلەپ تەھلىل قىلىشىمىزنى يېتەكلەيدۇ. ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتى بىلەن پەلسەپىنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك.
ئىلىم - پەننىڭ ئىزدەيغىنى ھەقىقەتتۇر. يەنى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم - پەن نەتىجىلىرىگە تايىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى يېڭىدىن يېڭى بايقاشلىرىغا، قىياسلىرىغا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان قىسمىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا ھەقىقەتكە يېقىنلىشىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلىم - پەندە ھەقىقەت ئىزدەشنى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا ئوخشىتىش مۇمكىن: ئىلىم - پەن ئىزدىنىشى نەچچە ئەۋلاد ئىلىم - پەنچىلەرنىڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ تەدرىجىي يوسۇندا بېيىتىلىشى، سىستېمىلاشتۇرۇلۇشى ۋە توغرىلىنىپ مېڭىشى بولۇپ، دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ئەسلىدىن زادى قانداقلىقىدىن ئىبارەت تۈپكى مەسلىنى بىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ھەقىقەتنى ياراتمايدۇ، بەلكى بايقايدۇ: ھەقىقەتنى بايقاش ئادەمنىڭ ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنى ئايان قىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىدۇر. ئىلىم - پەن ھەقىقىتىنىڭ يەنە بىر ماھىيىتى ئۇنىڭ ئوبيېكتىپلقىدۇر. ئوبيېكتىپلىق دۇنيانىڭ ھېچكىمگە تەۋە بولمايدىغان ئالاھىدە كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزىتىلىشى ۋە شەرھلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. مانا مۇشۇ كۆزىتىش نۇقتىسى ئارقىلىق شەيئىنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى بىلىش ئوبيېكتى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ بايقاش جەريان خاراكتېرلىك بولۇپ، تەدرىجىبىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگىدۇر. ھەقىقەتنى تەدرىجىي بايقاش ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنىڭ چېكى دائىرىدە بايقىلىشىدۇر. دېمەك، ئىنسان ئىلىم - پەن ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئۆزى توغرىسىدىكى ھەقىقەتكە تەدىرىجىي يېقىنلىشىدۇ.
لېكىن، ئەدەبىياتنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ دەپ قاراش ئىنتايىن كۈچلۈك ئىلىم - پەنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ خىل قاراش ئەدەبىياتمۇ خۇددى باشقا تەبىئىي پەنلەرگە ئوخشاش ئۆزى ئىزدىنىۋاتقان ئوبيېكتىقا نىسبەتەن تەدرىجىي بايقاش خاراكتېرىنى ھازىرلىغان، دېگەن ئالدىنقى شەرت ئۈستىگە قۇرۇلغان. ۋەھالەنكى، ئىلىم - پەننىڭ ئاداققى نىشانى ھەقىقەتنى قىياس قىلىش، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەھقىلەش بولسا، ئەدەبىياتنىڭ نىشانى بىر قەدەر ئابستراكت بولۇپ، ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئىنتايىن قىيىن؛ ھەتتا مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ بۇ پەقەت باش ئاخىرى چىقمايدىغان بەس - مۇنازىرىنى قوزغايدۇ، خالاس. شۇنداقتىمۇ ئەدەبىياتنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېھتىمال بەزىلەر ئەدەبىياتنىڭ تېمىسى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى كۈچلۈك تارىخىيلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، شۇڭا ئۇلارنى زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ، دېيىش مۇمكىن.
ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ تېمىسى ئۈستىدە قىسقىچە ئۆتەيلى: ئەدەبىياتتىكى تېمىلار راستىنلا تەدرىجىي يېڭىلىنىپ مېڭۋاتامدۇ؟ ئۇشبۇ سوئالغا  20 - ئەسەردە كارل گۇستاف يۇڭنىڭ روھ ئانالىز نەزەرىيىسىدىن ئىلھاملانغان بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ۋە قۇرۇلمىشۇناسلار كەسىن قىلىپ «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەدەبىياتقا تەدبىقلانغان كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسىگە — ئەسلى تىپ تەنقىدچىلىكىگە — كۆرە، ئىنسانلارنىڭ ئىتپىدائىي دەۋرلەردىكى بىر يۈرۈش فۇندامېنتال تەجرىبىلىرى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق سۈپىتىدە ئەۋلاد ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ ۋە نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە خىلمۇ شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق دېگىنىمىز ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھەم ھەربىر شەخسنىڭ ئېڭىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى (ئاستىدىكى) بىر يۈرۈش ئىپتىدائىي ئەسلىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ. يۇڭنىڭ قارىشىچە، ئۇ قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ ھاياتىدا «پسىخىك قالدۇق» سۈپىتىدە تەكرارلانغان، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن >ئاڭسىزلىقھالىتىدە ۋارىسلىق قىلىنغان، شۇنداقلا ئەپسانە، دىن، چۈش ۋە شەخسىي فانتازىيىلەر ھەم ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن >ئىپتىدائىي ئوبرازلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوت، سۇ، قۇياش، ئاي، رەڭلەر، ئۇلۇغ ئاتا - ئانا ۋە دانىشەمن ئادەم قاتارلىقلار تارىختىن بېرى ھەر قايسى مەدەنىيەتكە تەۋە نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەردە خىلمۇخىل ئۇسۇلدا قايتا - قايتا تەكرارلانغان ئۇنىۋېرسال ئەسلى تىپلاردۇر.
قۇرۇلمچىلىق بولسا فرانسىيىلىك ئانتروپولوگ كلود لېۋى — سترائۇسنىڭ مەركەزچىلىكىدە 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قانات يايغان، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى (ئەپسانە – رىۋايەتلەردە) ھەم لوگىكىلىق سىمۋولىزمدا ئىپادىلەنگەن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئابستراكت مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلمىلارنىڭ (يەنى بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر - بىرىگە باغلانغان قورۇلمىلار — ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھالىتىنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق ئاشۇ قۇرۇلما ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان مەنىنى ئېنىقلايدۇ) ياردىمى ئارقىلىق ئانالىز قىلىش ئىزدەيدىغان كۇلتۇر ئېقىمىنى كۆرسىتىدۇ. ياكى تېخىمۇ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرۇلمىچىلىقنىڭ قارىشىچە، مۇئەييەن شارائىتتىكى ھەر قانداق ئېلېمېنتنىڭ خاراكتېرى ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئاشۇ شارائىتتىكى باشقا ئېلېمېنتلار ئېيتقاندا ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئاشۇ شارائىتتىكى باشقا ئېلېمېنتلار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ھەر قانداق شەيئى ئۆزى شۇنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان مەلۇم قۇرۇلمىغا كىرگۈزۈلگەندىلا، ئاندىن مەنىگە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. قۇرۇلمىچىلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇركى، ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن پائالىيىتى تەبىئىي ياكى «ماھىيەتلىك» بولماستىن، بەلكى قۇراشتۇرۇلغاندۇر. ئەدەبىياتتا تەكرار يۈز بېرىدىغان ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ شەكلىنى ئاساس قىلغان ۋە بىر خىل ئانالىز مېتودى سۈپىتىدىكى بۇ ئېقىم تېكىستنىڭ يۈزىنىڭ ئارقىسىدىكى «تېرەن قۇرۇلما» نى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ قۇرۇلما ئەمەلىيەتتە بىر قاتار شەخسسىز، تارىختىن ھالقىغان ۋە قارىمۇقارشى ئامىللاردىن تەركىب تاپقان ۋە ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىدىن روياپقا چىقىدىغان ئەدەبىي ئەسەر ئەڭ ئاخىرىدا يەككە ئىندىۋىدۇئال سۇبيېكتىپ «شەخس» قا تەۋە ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئاشۇ شەخستە ئۆزىنىڭ فۇنكسىيىسىنى پەرقلىق يوسۇندا ئارتقۇزۇشىنىڭ ئىنكاسىدۇر.
يۇقىرىقى ھەر ئىككى نەزەرىيىۋى ئېقىم سۇيېتكتنىڭ پەقەت شەخسىسىز ۋە ھالقىلىمىلىق (يەنى شەخسنىڭ تارىخىيلىقىدىن ۋە كەڭ مەنىدىكى تارىختىنمۇ ھالقىغان) خاراكتېرىگە ئىگە قۇرۇلمىلارنىڭ ھەم ئىپتىدائىي مودېللارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىدەك ئانتى - سۇبيېكتلىق (ئىنسان سۇبيېكتىنىڭ مۇستەقىل ئىندىۋىدۇئال بىرلىك ھەم ئەركىن ئىرادىگە ئىگە بولۇشىغا قارشى) مەسلەكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۈچۈن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ھەم ئوقۇرمەننىڭ ئېستېتىك قوبۇل قىلىشىدا يازغۇچى — شائىرنىڭ ئەسەر يېزىشتىكى مۇددىئاسىنى بىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق؛ بەلكى ئۇلار قايسى خىل مودېل ۋە قۇرۇلمىنىڭ ئەسەردە قايسى خىل تەكرارلىقتا ئىپادىلەنگەنلىكىگە ۋە مۇۋاپىق ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسەردە ئىلگىرى سۈرۈلگە ئىدىيە پەقەت ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان ئىچكى قۇرۇلما ۋە ئىپتىدائىي مودېلنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە ئۆزگىرىشىدىن ئىدىيە پەقەت ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان ئىچكى قۇرۇلما ۋە ئىپتىدائىي مودېلنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە ئۆزگىرىشىدىن بارلىقا كېلىدۇ. سۇبيېكتنىڭ (مەسىلەن ئەدىبنىڭ) ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدە بەلگىلىگۈچى ھەم مەنبە خاراكتېرلىك ئامىل بولۇشتىن قېلىشى مۇنداق ئاقىۋەتلەرگە ئىگە: سۇبيېكتنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىيلىقى، يەنى ئۇنىڭ قايسى دەۋردە قانداق ياشىشى، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ تارىخىيلىقتىن ھالقىغان شۇڭا مەڭگۈلۈك بولغان ئىپتىدائىي تىپلار ۋە فۇندامېنتال مودېللار ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئىچكى ئاساسىدۇر. ئەدىبلەر بۇ تىپلار ۋە مودېللارنىڭ ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ۋاسىتە دەپ قارالغاچقا، ئەدەبىي ئىجادىيەت پەقەت ئەدىبلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىرادىسىن كېچىپ، شەخسسىز بولغان ھەم ئىنتايىن تىرەن ئەنئەنىلىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىپتىدائىي مودېللارنىڭ ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ تۈپكى ھالەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە دىققىتىنى ئاڭسىز ھالدا بېرىشىگە باغلىق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەدىبلەر ئەنئەنە سۈپىتىدىكى ئۆتمۈشتىن ھالقىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا ئاڭسىز ھالدا قايتىش ئارقىلىق ئەسىردە ئۆزىنىڭ چەكلىك ئىندىۋىدۇئاللىقىغا ئېرىشىدۇ: ئەدىبلەر ئەنئەنىنى ئەمەس بەلكى ئەنئەنە ئەدىبلەرنى يارىتىدۇ.
ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا كەلسەك، قەدىمى گرېك درامىلىرى ۋە تراگېدىيىلىرىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى شېكسىپېرنىڭ تراگېدىيىلىرىدىن، سەميۇل بېككېتنىڭ درامىلىرىدىن ۋە ھەتتاكى خارولد پىنتېرنىڭ درامىلىرىدىن تېپىش مۇمكىن. درامىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى بىر قەدەر ماكرو شەكىل قۇرۇلمىسى ھەم كېرىلىش كۈچى، بايانچىلىقتا ۋاقىتنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك قۇرۇلمىسى بىلەن بوشلۇقنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىكىنىڭ بىرىكىشى، سەھنىدە ئايان قىلىنغان تەننىڭ ماكاندىكى چەكلىملىكى بىلەن روھنىڭ ھالقىش ئىزدىشى قاتارلىقلار ھەتتا تا ھازىرغىچە دراماتورگىيىدىكى ئەڭ فۇندامېنتال شەكىل ئامىللىرى سۈپىتىدە قارىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. شېئىرغا كەلسەك، ۋىرگىلنىڭ شېئىرلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى كولېرىجنىڭ ۋە ۋوردسۋورسنىڭ شېئىرلىرىدىن تېپىش مۇمكىن. ياۋروپا ئەدەبىياتنىڭ ئۇلى بولمىش قەدىمكى گرېك ئەدەبىياتى ۋە شەرق ئەدەبىياتىغا نەزەر سالساق شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، ئىنساننىڭ پائالىيىتى ۋە ئوي - پىكىرىنى ئىپادىلەشتىكى بەدىئىي ۋاسىتىلەر — يەنى كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، سۈپەتلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى — قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. ھېكايىچىلىقتىمۇ شۇنداق، يىغىپ ئېيتقاندا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىنمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا بولغان بەلگىلەش خاراكتېرلىك رولىنى كۆرۈۋېلىش ئۇنچ تەس ئەمەس.
ۋەەھالەنكى، پەلسەپىنىڭ ئەنئەنىگە بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىلىم - پەننىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. پۈتۈن غەرب پەلسەپىسىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەپلاتوننىڭ ئەسەرلىرىگە يېزىلغان بىر يۈرۈش شەرھلەش دېيىش مۇمكىن. بۇ خىل قاراش شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلغانكى، ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىسىدىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان بارلىق پەلسەپە ئەسەرلىرى ماھىيەتتە ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىۋى ئۇقۇملىرى ۋە ئىدىيىسى ئاساسىدا پىكىر قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ۋەھالەنكى، بۇنداق قاراشنىڭ نەزىرىيىۋى ئاقىۋىتىنى قىياس قىلىش مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلۈشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ۋەھالەنكى، بۇنداق قاراشنىڭ نەزىرىيىۋى ئاقىۋىتىنى قىياس قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس: ئەگەر ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىسى مەنبە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان پەلسەپىنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلاپ بولغان بولسا، پەلسەپىدە تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا رادىكال مەنىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مەۋجۇت بولمايدۇ؛ ئۇنىڭدا دېيىلگەنلىرى ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىسىدە ئاللىبۇرۇن دېيىلىپ بولغۇنغانلارنىڭ خىلمۇخىل شەكىلدە ئاز تولا پەرقلىق تەكرارلىنىشى خالاس. شۇڭلاشقا ئەپلاتوندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن پەلسەپە ماھىيەتتە ئەپلاتون تەكرارلىنىشى خالاس. شۇڭلاشقا ئەپلاتوندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن پەلسەپە ماھىيەتتە ئەپلاتون پەلسەپىسىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدۇر. پەلسەپىدە ئۇنىڭ تارىختىكى تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان بىر كۈچ بولۇپ، ئۇنى ئەنئەنە دېيىش مۇمكىن. شۇڭلاشقا پەلسەپە كەلگۈسىگە قاراپ ئۆزىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات زۆرۈرىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىستىمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئەنئەنىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنئەنىدە ئەكس ئېتىدۇ. پەلسەپىدىكى يېڭىلىق ئاللىبۇرۇن ئەنئەنىدە بارلىققا كېلىپ بولغاچقا، پەلسەپە ئۈچۈن كەلگۈسىدە بىرەر يېڭىلىق مەۋجۇت ئەمەس. پەلسەپە كەلگۈسىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئۆتمۈشكە شۇنچە قايتقان بولىدۇ: مانا بۇ پەلسەپىدە ئەنئەنىنىڭ كەينىگە يېنىش ھادىسىسىدۇر.
ئەدەبىياتقا قايتىپ كەلسەك، ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇنىڭدا كەلگۈسىگە قاراپ مۇكەممەللىشىدىغان ھېچقانداق ئىچكى يۈزلىنىش يوق؛ ئۇنى مۇئەييەن نىشاننى كۆزلەپ تەرەققىي قىلىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بەزىلەر ئېھتىمال ئەدەبىياتتا تارىختىن بېرى قوغلىشىپ كېلىنىۋاتقان مۇنداق بىر ئىدېئال نىشان بار دېيىشى مۇمكىن: گۈزەللىك، بۇ قاراشقا كۆرە، ئەدەبىياتنىمۇ، خۇددى پەلسەپە ھەقىقەتنى ئىنساننىڭ بىلىشى ۋە ئەقلى دائىرىسىدە ئىزدەشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغاندەك، ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرنىڭ دائىرىسىدىكى ئېستېتىك پائالىيەت سۈپىتىدە گۈزەللىكنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ يەردە گۈزەللىكنىڭ تارىختىن ھالقىغان تۆۋەنكىدەك تۈپكى ئالاھىدىلىكلىرى — يەنى گارمونىيىلىك تەرتىپ، شادلىق، ھاياتقا بولغان ئاكتىپ مەنىدىكى ھېسسىي سەزگۈلەر، تەبىئەت بىلەن بىرلىشىش ھەققىدىكى پىكىرلىنىش، پانىيلىقتىن - ھالقىما روھنى ئىپادىلەش ۋە تەۋۋۇرلۇق قايتا قۇراشتۇرۇپ چىقىش جەريانى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، بۇلار ئەدەبىياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ مەڭگۈللۈك مۇمكىنچىلىكلىرىدۇر. ئەگەر پەلسەپىنى ئەپلاتوننىڭ ئەنئەنىسىگە تەۋە ئىدىيىلەرنىڭ شەكلىنىڭ خىلمۇخىل نەزىرىدە ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىساق، ئەدەبىيا بولسا ئىنساننىڭ فۇندامېنتال تەجرىبىلىرى سۈپىتىدىكى ھېسسىياتلىرىنىڭ ۋە ھېسسياتلىرىنىڭ ۋە ھېس - تۇيغۇلىرىنىڭ يەنى قورقۇنچ، پەخىرلىنىش، تەشۋىش، نومۇس ۋە شادلىنىش قاتارلىقلارنىڭ تۈرۈلۈك شەكىلدە ئىپادىلىنىشىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قاراش مۇمكىن.
لېكىن ھەقىقەت بىلەن گۈزەللىك بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تەرتىپكە تەۋەدۇر. ھەقىقەت ئادەمنىڭ دۇنياغا سىغىشىشىنىڭ دەللىككە ئىگە ئۆلچەم بىرلىكى بولسا، گۈزەللىك ئادەمنىڭ ئۆزىنى ھېس قىلىش ۋە دۇنيانى سەزگۈلەشتىكى فىگۇرىلىق (شەكىللىك) سېىزىمچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ گۈزەللىك ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ئېنىق بولغان بىرەر ئاداققى نىشاننى كەلگۈسىدە تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئەمەس بەلكى ئۆز - ئۆزىنىڭ قەدىمىي ئەنئەنە سۈپىتىدىكى ئىچكى ماھىيىتىنى بىر خىل فۇندامېنتال مۇمكىنچىلىك سۈپىتىدە ئىپادىلەشنى ئىزدەيدۇ. ئەدەبىيات ئىنساننىڭ ھالقىما تارىخىيلىققا ئىگە بولغان ئىپتىدائىي ھەم تۈپكى ھېس - تۇيغۇلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىنىڭ گۈزەللىكنىڭ ئىچكى تەلەپلىرى بويىچە مۇئەييەن شەكىلدە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.
مەشھۇر شائىر توماس ئېلىئوت ئۆزىنىڭ «ئەنئەنە ۋە ئىندىۋىدۇئال تالانت» دېگەن ماقالىسىدە: «… شائىرنىڭ ئىپادىلىگۈدەك شەخسىيىتى يوق، بەلكى ئۇ تەسىراتلار ۋە تەجرىبىلەرنىڭ ئۆزگىچە ۋە كۈتۈلمىگەن شەكىللەردە بىرلىشىشىدىكى ئالاھىدە بىر ۋاسىتىدۇر» دېگەن. بۇ ماقالىدە ئۇ يەككە ئىندىۋىدۇئالنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەرغىب قىلىدىغان  لىبېرالىزم، رومانتىزم ۋە ئىقتىسادىي ئىندىۋىدۇئالىزم قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇپ، شەخسنى چوقۇم شەخسسىز تەرتىپكە بوي سۇنۇشقا چاقىرىدۇ. بۇ تەرتىپ ئەلۋەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە ئەنئەنىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۇلۇغ ئەدەبىي ئەسەرلەر ئەنئەنىدىكى ئىنتايىن قەدىمىي بولغان فۇندامېنتال تەجرىبىلەرنىڭ يېڭىچە شەكىلدە شائىردىن ئىبارەت ۋاسىتىدىن ئۆتۈشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شائىر ۋە ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئال تالانتىنى پرىزمىغا ئوخشاتساق، ئەنئەنە ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان نۇر، ئەسەر بولسا ئۇنىڭ مۇئەييەن بوشلۇقتا يېيىلما ۋە كۆپ خىل رەڭلەردىن تەركىب تاپقان ھالەتتە كۆرۈنۈشىدۇر. شۇڭلاشقا ئەدەبىي ئەسەرلدەر ئىپادىلەنەىنى يەككە شەخسنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرى بولماستىن، بەلكى ئەنئەنىدە ئاللىبۇرۇن بىر خىل ھالقىما - تارىخىيلىق «تارىختىن ھالقىغانلىق» سۈپىتىدە مەۋجۈت بولغان ھېس - تۇيغۇلارنىڭ يەككە شەخس ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلىشىدۇر. شۇڭلاشقا، ئېلىئوتنىڭ نەزىرىدىكى تالانت دەل شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈن دىققىتىنى شەخسسىز ھېس تۇيغۇلارنىڭ يېڭىچە قۇراشتۇرۇلۇشىغا بېغىشلاش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىدىن قانچە ۋاز كەچسە، ئۇ شەخسسىز تەرتىپكە شۇنچە يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشىنى شۇنچە راۋانلىققا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىدۇ.

* ** **

ئەدەبىياتنىڭ ئەنئەنە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۆرىدىگەن يۇقىرىقى قاراشلاردىن، يەنى ئەسلى تىپ تەنقىدچىلىكى، قۇرۇلمىچىلىق ۋە ئېلىئوتنىڭ شېئىرىيە توغرىسىدىكى قاراشلىرىدىن، شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، ئەسەر ھەرگىزمۇ يەككە ئەدىبنىڭ ئاڭلىق بولغان ئەقلىي ۋە ھېسسىي پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن ھەم ئىلگىرى ھەم ئۈستۈن تۇرىدىغان شۇنداقلا ئۆزىدە فۇندامېنتال مودېللارنى ۋە قۇرۇلمىلارنى جەۋھەرلەپ كەلگەن ئەنئەنىنىڭ خىلمۇخىل شەكىلدە ئىپادىلىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەككە شەخس ئىرادىسىنىڭ ئەسەردىكى رولىنىڭ ئاجىزلىشىشى مۇقەررەر يوسۇندا ئەسەرنى ئەدىبنىڭ مۇئەييەن مەقسىتىنى ئىپادىلىشىنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراشقا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. نەتىجىدە ئەدىب ئەنئەنىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلىنىدۇ.
يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ بىزنى ئىزتىراپقا سالىدىغان مۇنداق تەرىپى بار. يەنى ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئىنتايىن رادىكال ھالدا تارىختىن ھالقىغان بىر قاتار شەخسسىز تەرتىپلەرنىڭ بەلگىلەشچانلىقىنىڭ ئاڭسىز ۋە ھالقىما شەكلىدىكى مەھسۇلى دەپ قاراش ئەدىبنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى رولىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي، يەنى ئۇنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەسىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئەنئەنىنىڭ ھەممىنى بەلگىلىشى ۋە كونترول قىلىشى مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن يەككە تالانتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھېچقانداق ئورۇن قويمايدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ئەسەرنى ئىنتايىن تار دائىرىدىن چىقىپ ئىندىۋىۋىدۇئال تالانتنىڭ ئۆزىنى داڭلىق ئىپادىلىشىنىڭ ھەم رېئاللىقنىڭ ئەدىب ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنكاسى دەپ قارىغىنىدەك، يۇقىرىقى تەشەببۇرسلارمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى شەخسنىڭ مۇددىئاسى دائىرىسىدىن ھالقىغان ئاڭسىز ۋە شەخسىز كۈچلەرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. ئالدىقىسى ئەسەر ئاپتورنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىپادىلىنىش يولى دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرسە، كېيىنكىسى ئەسەر ئەنئەنىنىڭ ئاپتوردىن ئۆتۈشىنىڭ مەھسۇلى دېگەن قاراشنى قوللايدۇ. ھەر ئىككى خىل قاراشنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى سۈپىتىدىكى تۆۋەندىكى مەسىلىگە، يەنى ئەدەبىي ئەسەردە ئاپتورنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىگە مەلۇم ئورۇن ھازىرلايدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلدىغانلىقنى ئەسەرنى مۇئەييەن شەخسىكە تەۋە ئەقلىي مۈلۈك قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىغا چىقىشتۇر.
سۆزىمىزنى ئالدى بىلەن بورخېسنىڭ «فرانز كافكا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر» دېگەن ھېكايىسىدىن باشلايمىز. مەزكۇر ھېكايىدا ئاپتور شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئۆتمۈش ھازىرنى ئەمەس بەلكى ھازىر ئۆتمۈشنى يارىتىدۇ. ئەنئەنىنىڭ يۆنىلىشىنى تەتۈرگە بۇراش ئارقىلىق ئۇ شۇنى ئىلگىرى سۈرىدۈكى، بۈگۈنكى داڭلىق ئەسەرلەر بىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەسەرلەرنى يېڭىۋاشتىن تونۇشىمىز، ئوقۇشىمىز ۋە شەرھلىشىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. مەسىلەن، كافكانىڭ «قەلئە» دېگەن ئەسىرى روبېرت بروۋنىڭنىڭ ئاللىبۇرۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن شېئىرلىرىغا يېڭىچە نۇر چۈشۈرىدۇ. بىزنىڭ ئۇنى يېڭىچە قىزىقىش بىلەن قولىمىزغا قايتا ئېلىپ ئوقۇشىمىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. بورخېسنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنە پۈتۈنلەي ئۆلگەن نەرسە ئەمەس، ياكى ئۇ ھازىرنى مۇتلەق كونترول قىلىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ھازىر تەرىپىدىن قايتا - قايتا بايقىلىدىغان مۇمكىنچىلىكىتۇر.
بورخېسىنىڭ  قارىشىنىڭ بىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇنداق تەرىپى بار: ئۇ ئەنئەنىنى ھازىرغا باغلانغان دىنامىكىلىك جەريان دەپ قارايدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئەدەبىياتتا ئەنئەنە ھازىرنى ۋە كەلگۈسىنى ئالدىنئالا بەلگىلەش كۈچىگە ئىگە ھەم مۇتلەق ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نوپۇزنىلا كۆرسىتىپ بايقىلىدىغان، بەلكى ھازىر تەرىپىدىن قايتا - قايتا قۇراشتۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق يېڭىۋاشتىن بايقىلىدىغان ھەم ئىسپاتلىنىدىغان مۇمكىنچىلىكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەنئەنە بىلەن ھازىر ھەم تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا ئەنئەنە بىلەن ئاۋانگارتلىق ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارالىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇتتۇر. خۇددى ئەنئەنە ھازىرنى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شەخسىز مودېل ۋە قۇرۇلمىلار ئارقىلىق بەلگىلەش ھەم كۆپ خىل شەكىلدە ئۇيۇشتۇرۇش فۇنكسىيىگە ئىگە بولغاندەك، ھازىرمۇ ئەنئەنىنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. يەنى خۇددى ئەنئەنە بولمىسا ھازىر ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى يوقىتىپ قويغىنىدەك، ھازىر بولمىسىمۇ ئەنئەنە ئۆزىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىدۇ.
ئۆتمۈشكە تەۋە بولغان ھەر قانداق ئەسەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى شەرھلەش ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگقا مۇھتاج. ئۆتمۈشتىكى ھېچقانداق ئەسەر يەككە - يېگانە ھالدا چۈشىنىلمەستىن بەلكى باشقا ئەسەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلگەن ئاساستا چۈشىنىلىدۇ. ھەربىر ئەسەرنى بىر ناتونۇش ئاۋاز دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلىرىمىزنى سوئاللايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزمۇ ئۇنى ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتىن چىقىپ تۇرۇپ سوئاللايمىز. شۇڭا، ئۇشبۇ ئەسەر بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزى تەۋە تارىخىيلىققا چىقىپ تۇرۇپ سوئاللايمىز. شۇڭا، ئۇشبۇ ئەسەر بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزى تەۋە تارىخىيلىققا قايتۇرۇلۇپ چۈشەندۈرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ تارىختىكى ئالاھىدە نۇقتىمىزدىن چىقىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ تارىختىكى ئالاھىدە نۇقتىمىزدىن چىقىپ تۇرۇپ چۈشىنىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىجادىيلىققا ئىگىدۇر. ئۇلار كىشىلەر تەرىپىدىن كۆپ ھاللاردا باشقىچە چۈشىنىلىدۇ، ئۇلارغا سىڭگەن يېڭى - يېڭى مەنە قاتلاملىرى بايقاپ مېڭىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەربىر ئەسەرنى چۈشىنىش ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشتىن ئايرىلمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنى ئۆزى تەۋە باشقا ئەسەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىش كونتېكستىغا قويغاندىل چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ خىل قاراشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، ئۆتمۈشتىكى ئەسەرلەر بىلەن ھازىردىكى ئەسەرلەر بىر - بىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدىغان ئەينەكتۇر.
ھازىرنى پەقەت ئۆتمۈش ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆتمۈشنىڭ ھازىرغا قەدەر سوزۇلغان جەريانلىقى تېخىمۇ ئايان بولىدۇ؛ شۇنداقل ئۆتمۈشمۇ بىزنىڭ ھازىردىكى ئالاھىدە كۆرۈش نۇقتىمىز تەرىپىدىن قايتا - قايتا بايقىلىدۇ ۋە قايتا قۇراشتۇرۇلىدۇ. بۇ يەردە يېپىق شەكىلدىكى ئەنئەنە مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ئۇ ئېچىۋېتىلگەندۇر. ئەنئەنىنىڭ ھازىردا ئايان بولمىغان يات بوشلۇقلىرى بولسا تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا پىنھان ياكى بېسىۋېلىنغان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى «ھازىر» نىڭ بايقىشىغا مۇھتاجدۇر.

* ** **


ئەگەر ئەنئەنە ھازىرغا قايتا پۈتۈنلەي بەلگىلەش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتمىسە، ئەدىبلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ يۇقىرىقى سوئالنىڭ جاۋابىنى يەنىلا بىزنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئەنئەنە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە قاراپ چۈشىنىش مۇمكىن. نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن شۇ نەرسە ئايانكى، ئەنئەنە ئۇلار ئۈچۈن ياكى ئۆزگەرتىش ياكى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك بولغان ئاساسىي ئېقىمنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقىلار نەزىرىنى كۆپ ھاللاردا ئەنئەنىدىكى تا ھازىرغىچە ھەل بولمايۋاتقان ياكى سەل قارىلىۋاتقان نۇقتىلارغا تىكىۋاتقانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ ۋە ئەدەبىياتتا ئەنئەنىگە يات ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىغان يېڭى ئېقىمنى يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كېيىنكلىرى بولسا ئەنئەنىنىڭ نوپۇزىنى تەل تۆكۈس ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ يېتەكلىشىگە پۈتۈنلەي بوي سۇنىدۇ. ئالدىنقىلارنىڭ ئەدەبىياتتىكى يېڭىلىق ياقىلاش ھەم ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇ نوقۇل ھالدىلا ئەنئەنىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ەرىكىتىنى كۆرسەتمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇلار تېخىمۇ چوڭقۇرراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەنئەنىنى باشقىچە شەرھلەش (ياكى ئەنئەنىنى ئالدى بىلەن ناھايىتى تار دائىرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىككە يىغىنچاقلىۋېلىش، ئاندىن ئۇنىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قارىتا يېڭى ئۇسۇلنى كۆرسىتىش نەزەردە تۇتىلىدۇ) ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ھالقىشنى ئىزدەيدۇ. بۇ خىل خاھىشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئەدىبلەر ئەنئەنىگە قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان نەزەردە قاراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەخسىي ھەم مۇستەقىل ئاۋازىغا ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل قاراشتىكى ئەدىبلەر ئەنئەنىنى (يوشۇرۇن) ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە رېئاللىقتىن (يەنى ئەنئەنە بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ئادەتتە ئېتىراپ قىلىنمايدىغان رېئاللىقتىن) جاي ئىزدەيدۇ، ئىندىۋىدۇئاللىقنى ئەنئەنىنىڭ تۇمانلىرى ئارىسىدا خىرەلىشىپ كېتىشتىن پۈتۈن كچى بىلەن توسىدۇ. تۆۋەندە ئەدەبىيات قارشى بىر - بىرىگە تۈپتىن قارىمۇقارشى بولغان ۋىرجىنيا ۋۇلف بىلەن ئالې غوبې - گغىيېنىڭ «ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقى» دېگەن مەشھۇر ماقالىسىدا ئۆزىنى ئەنئەنىگە بولغان قارىشىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭچە ھېكايىچىلىق ئەنئەنىگە يېڭىلىق ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ ئاڭ ئېقىمى پروزىچىلىقىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى شەرھلەيدۇ ۋە بۇ ئېقىمنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولغان جامېس جويسنىڭ  «ئۇلىسىس» دېگەن ئەسىرىدىكى بەدىئىي تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنى تۇنجى قېتىم بايقايدۇ. ۋۇلفنىڭ قارىشىچە كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى يازغۇچىلار «… مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرنى يازىدىغان ماتېرىيالىسلاردۇر. يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن ھۈنىرىنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ تايىنى يوق ۋە ئۆتكۈنچى نەرسىلەرنى ھەقىقىي ۋە ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان نەرسە سۈپىتىدە كۆرۈنىدىغان قىلىشقا تىرىشىدۇ». ئۇنىڭ قارىشىچە، جويېس ماتېرىيالىستلارغا قارشى بولغان روھچىلارغا مەنسۈپ بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئۆزلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئادەم مېڭىسى ئارقىلىق يوللايدىغان ئەڭ ئىچكىرى ئۇچقۇننىڭ جىمىرلاشلىرىنى» ئېچىپ بەرگەن يازغۇچىدۇر. روھچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تاشقى دۇنياغا ئامال بار تەقلىد قىلىش ئەمەس بەلكى ھەقىقىي رېئاللىق بولغان تەسىراتلار، ھېس تۇيغۇلار ۋە ئوي - خىياللارنىڭ جەريانىنى «ئاڭ ئېقىمى» نى ئىپادە قىلىشتۇر. شۇڭلاشقا ئۇ ۋە جويېس تەكىتلەۋاتقان پروزا ماتېرىيالىزملىق قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەنئەنىۋى پروزىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
ئالې غوبې - گفىيېنىڭ ئەنئەنە توغرىسىدىكى كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ۋۇلفىنڭكى بىلەن قارىمۇقارشى دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەنئەنە توغرىسىدىكى تۈپكى مەقسىتى تۈپكى مەقستى بالزاك قاتارلىق ئالدىنقى ئەۋلاد يازغۇچىلار ياراتقان ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەلگۈسىگە تەۋە بولغان يېڭىچە پروزا كۇلتۇرىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بالزاك قاتارلىق يازغۇچىلار ۋەكىللىكىدىكى بۇرژۇئا ئەدىبلەرنىڭ قوغلاشقىنى پسىخولوگىيىلىك ئانالىز بولۇپ، ئۇنى «قىزغىنلىق ھەققىدىكى تەتقىقات» دېيىش مۇمكىن. ئۇ بالزاك قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مۇنۇ ئۇرۇنۇشنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ: «ئىنساننىڭ قىزغىنلىقلىرىنىڭ تىرەنلىرىگە شۇڭغۇش ئارقىلىق» «قارىماققا تىمتاس تۇرغان دۇنياغا )قارىماققا مۇنداقلا دۇنياغا( ئۆزىنىڭ قولى بىلەن بىۋاسىتە تۇتقان سىرلىقلىقلر تەسۋىرلەنگەن غەلىبە خەۋىرىنى يەتكۈزۈش». بۇ يەردە ئىنساننىڭ ئەقلى بۆسۈپ كىرىشى كېرەك بولغان ۋە ماددىلارنىڭ ئىچكرىسىگە جايلاشقان ۋە سىرلىقلىققا ئىگە (تىرەنلىك ئەپسانىسى) مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭچە، ئۇنڭىدىن ئىلگىرىكى ئەدەبىياتنىڭ «نەرسىلەرنىڭ يوشۇرۇن روھىنى» ئىپادىلەشكە ۋە شۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ سۆزلەر ئارقىلىق بويسۇندۇرۇلغان ئوبرازىنى جەمئىيەتكە يوللىشى پۈتۈنلەي خاتادۇر. دۇنيادىكى نەرسىلەر پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ شولىسى ئەمەس، ئۇنى ئىپادىلەشنىڭ ۋاسىتىسى تېخىمۇ ئەمەس، ئۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە، ئادەتلىرىمىزگە ۋە تۈرلەرگە بۆلۈشلىرىمىزگە بېقىنمىغان ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئوبيېكىتلاردۇر. كەلگۈسىدىكى پروزىنىڭ ئىپادىلىشى كېرەك بولغىنى مانا مۇشۇ نەرسىلەرنى ئەسلى ھالىتى، ھەرىكىتى بويىچە تەسۋىرىلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى تەبىئىي ھالدا قايتا قۇرۇپ چىقىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
      20-ئەسىر غەرب پروزىچىلىقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە ئەدەبىياتقا ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارغان يۇقىرىقى ئىككى يازغۇچىنىڭ ئەنئەنىگە تۇتقان مۇئامىلىسى رادىكاللىق خاھىشىغا ئىگە. ۋۇلفنىڭ قارىشىدىكى ئەنئەنە ماتېرىيالىزم ئۈستىگە قۇرۇلغان، شۇڭا ئىنساننىڭ روھىنى پسىخىك دۇنياسىنى ۋە ئۇنڭىدىكى خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەشنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئەنئەنىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىدىكى ھازىر بىلەن ئۆتمۈش ماتېرىيالىزم بىلەن روھچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان توقۇنۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ھەقىقىي رېئاللىق بىز كۆرۈپ تۇرغان ھادىسى رېئاللىق ئەمەس بەلكى تىنىمسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئاڭدۇر، چۈنكى رېئاللىقنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ئادەم ئۆز ئېڭى ئارقىلىق تۇيالايدىغان، بىلەلەيدىغان ھەم ئىشنەلەيدىغان رېئاللىق پەقەت ئۇنىڭ ئاڭ پائالىيەتلىرىدۇر. ئادەمنىڭ ئېڭىنىڭ سىرتىدىكى دۇنيا ھامان ئىشەنچىسىز ھەم مۇھىم ئەمەس، چۈنكى ئادەمنىڭ ئەڭ ئىچكى ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئالې غوبې - گفىيېنىڭ قارشى دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭچە تاشقى دۇنيا ئىنساننىڭ قەلب رېئاللىقىنىڭ سايىسى ياكى تاشقىيلىشىشى ئەمەس، بەلكى ئۆز - ئۆزىدىن يېتەرلىك بولغان مەۋجۇتلۇقتۇر. دۇنيا ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنمايدۇ، ئىنساننىڭ ئوي - خىياللىرى ۋە ئىلمىي ئۇقۇملىرىنىڭ ئۇنى ھەقىقىي يوسۇندا بىلىشكە قۇربى يەتمەيدۇ. دۇنيادىكى ئوبيېكتلار ئۆزىگە خاس قىياپەتكە، ھەرىكەتكە ۋە مۇناسىۋەتكە ئىگە. يازغۇچىنىڭ قىلىدىغىنى پەقەت مۇشۇ ھالەتلەرنى ئوبيېكتىپ كۆرۈش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ كۆزىتىش ۋە خاتىرىلەشتۈر. ئەنئەنىچىلەرنىڭ، يەنى بالزاك قاتارلىق بىر تۈركۈم يازغۇچىلارنىڭ خاتالىقى شۇكى، ئۇلار ئەسلىدىن تەرتىپسىز بولغان دۇنياغا تەرتىپ ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۇنى بوي سۇندۇرۇش خام خىيالىدا؛ نەتىجىدە دۇنيانىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى بۇرمىلاپ ئىپادىلىدى ھەمدە ئۇنى ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلىشىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالدى.
يۇقىرىقى ئىككى خىل قاراشتىن قايسىسىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك؟ قايسى قاراش بىزگە رېئاللىق ۋە ئەنئەنە توغرىسىدا بىر قەدەر توغرىراق ئۇچۇر بېرەلەيدۇ؟ يۇقىرىقى ئىككى يازغۇچىنىڭ تەرغىب قىلىۋاتقان نۇقتىئىينەزەرلىرىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ئەمەلىيەتتە پەلسەپىدە ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزم ئوتتۇرىسىدىكى بەس - مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نېمىنى ئەدەبىيات چوقۇم ئىپادىلىشى كېرەك بولغان رېئاللىق دەپ  قارىشى ئۇلارنىڭ قايسى خىل مەسلەكنى قوبۇل قىلىشىنى بەلگىلىگەن. يۇقىرىقى ئىككى يازغۇچىنىڭ قارىشىدىن بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ياكى تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قاراش ماھىيەتتە بىزنىڭمۇ قايسى خىل مەسلەكنى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن تۈستە ئالدىنقى شەرت قىلىۋېلىشىمىزغا باغلىق. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىمىز دىققىتىمىزنى ئۇلارنىڭ ئەنئەنىنى قانداق شەرھلەۋاتقانلىقىغا نېگىزلىك قارىتىشتۇر.
ۋۇلف بىلەن غوبې - گفىيې ئىككىسىنىڭ ئەنئەنە توغرىسىدىكى تەنقىدىلىرىنىڭ ئاساسى ئادەمنىڭ دىققىتىدىن ئاسان قېچىپ كېتىدىغان بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي ئەمەس. لېكىن بۇ ئىنتايىن ھالقىلىق بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، كۈچلۈك ئىجابىيلىققا ئىگە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ۋە ھەتتاكى پۈتۈن ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنى بىراقلا ماتېرىيالىزمچىلىق  ياكى ئىدېئالىزىمچىلىقتىن ئىبارەت مەسلەككە تەۋە قىلىۋېتىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى ئۆزى ئىنكارلاۋاتقان مەسلەكنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىشى مانا مۇشۇ بىر تەرەپلىمىلىك ئارقىلىق مۇمكىنچىلىككە ئايلانغان.
ئەدەبىيات تاكى ھازىرغىچە ماتېرىيالىزملىق، ئىدېئالىزملىق، رېئالىزملىق ۋە ھالقىمىزمدىن (Transcendentalism) ئىبارەت نۇرغۇن ئىزملارنى تۈرلۈك شەكىلدە ئۆزىدە ئىپادە قىلىپ كەلدى، چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە دۇنيانى بىلىش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولۇپ، بۇلارنى يۇقىرىقى ئېقىملاردا ئوخشاش بولمىغان تەرىزدە ئەكس ئەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئەنئەنە ئادەمنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشىنىڭ تارىخىيلىققا ئىگە بولغان سىستېمىسىنىڭ مەنبەلىك داۋاملىشىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدە دۇنيانى بىلىشنىڭ كۆپ خىل مەسلەكلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مېتودلىرىنى ساقلىغان. خۇددىي ئەسلىي تىپلار ۋە ھالقىما قۇرۇلمىلىق مودېللار شەخسنىڭ ھاياتىنى يوشۇرۇن ھالدا قۇراشتۇرۇپ چىققاندەك، ئەنئەنە سۈپىتىدىكى تۈرلۈك مەسلەكلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادىلەپ كەلدى. شڭڭلاشقا، ۋۇلف بىلەن غوبې - گغىېيېنىڭ بۇ يەردە قىلىۋاتقىنى پەقەت ئەنئەنىنىڭ كۆپ خىل مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى رادىكاللىققا كۆتۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. ۋۇلف تەكىتلەۋاتقان روھىيەتچىلىكنى بىرلەمچى دەپ قاراش  ئەنئەنىدە - مەيلى پەلسەپە ئەنئەنىسى مەيلى ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بولسۇن - ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان بىر خاھىش بولسىمۇ، لېكىن دەل ۋۇلف ئۇنى رادىكاللىشىش باسقۇچىغا كۆتۈردى ۋە شۇ ئارقىلىق بىزنى ئەنئەنىدىكى روھچىلىق بىلەن ماتېرىيالىزمنىڭ مۇناسىۋىتىگە يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقتى. ۋەھالەنكى ئۇنىڭ تەنقىدىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى يۇقىرىقى نۇقتىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئەنئەنىنىڭ شەخسىسز خاھىشقا ئىگە بولغان  قىسمىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنڭ ئىپادىلىنىشىگە جاي ھازىرلاشتۇرش غوبې - گغىيېنىڭ قىلغىنىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇلار ئاكتىپ مەنىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە رادىكاللىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدىن پايدىلاندى. يەنى، ئۇلار ئەنئەنىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇئەييەن مەسلەككە ياكى خاھىشقا تارايتىش ئارقىلىق ئىنكار قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى ياقلايدىغان >يېڭىمەسلەكنى رادىكال نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۈردى. مانا بۇ بىزنى ماقالىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بىزنى ئىزتىراپقا سېلىپ كەلگەن مۇنۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىشتا مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدۇ: ئەسەردە ئاپتورنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە ئىجادىيلىقى قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟ رادىكاللىق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش ئۆزلۈكنىڭ ئەنئەنىگە قارىتا ۋە ئەنئەنە ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە ئىجادىيلىقىنى نامايان قىلىش يولىدۇر. شەخسنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى ئىپادىلىشى ۋە ئىجادىيلىقىنى يارىتىشقا ئىنتىلىشى ئۆزىنىڭ رادىكال شەكلىنى ئەدەبىياتتىكى ئاۋانگارتلىقتا كۆرىدۇ.
ئەدەبىياتتىكى ئاۋانگارتلىق كىشىلەر ئەنئەنىدە ئانچە دىققەتكە سازاۋەر بولمىغان، ياكى ئۇنتۇلغان، ياكى بېسىۋېلىنغان تەركىبلەرنىڭ يېڭىۋاشتىن دىققەتكە سازاۋەر بولۇشى ھەم رادىكال ھالەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىدۇر، يەنى ئەنئەنىنىڭ يېڭىچە شەرھلىنىشىدۇر.
ئاۋانگارتلىق ئەنئەنىنىڭ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىشى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تېخىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە بولۇشى، گەۋدىلىنىشى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر. تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتقاندا، ئاۋانگارتلىق، شەخسسىز ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەنئەنە ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىل مۇمكىنچىلىككە تولغان تەركىبلىرىنىڭ ھازىردا شەخسنىڭ مۇستەقىل ئاۋازغا ئېرىشىش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭىۋاشتىن قۇراشتۇرۇلۇشىنى تەبىئىي مەھسۇلىدۇر. بۇ يەردە ئاۋانگارتلىق ئېلىپ كېلىدىغان يېڭىلىق ئەنئەنىنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە رادىكار ھالەتتە قايتا يېزىلىشىدۇر. ئاۋانگارلىق يېڭى ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئەمەس، بەلكى ئەنئەنىنى يېڭىچە شەرھلەشنى كۆزلەيدۇ. ئەدەبىيات تەرەققىي قىلىدۇ دېسە، ئۇ دەل ئەنئەنىگە قاراش نۇقتىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ، خالاس.

* ** **

ئەنئەنە ئۆزىگە خاس نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، ئىنساننىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىشىنىشلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە ھەرىكەت شەكىللىرىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنساننىڭ ھازىرىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى ئەڭ تۈپكى ئامىل ئۇنىڭ شەخسسىز خاراكتېرىدىكى ئەسلى تىپلار، مودېللار ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنىڭ ئەدىبلەرنىڭ ئەسىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى نامايان قىلىشىدۇر. بۇ يەردە ھازىردا تۇرغان ھەم ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئىستەيدىغان ئەدىب بىلەن ئۇنىڭ ئەنئەنىگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇرلۇقى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇتتۇر. ئەنئەنىگە بىر تەرەپلىمە ھالدا بوي سۇنۇش شەخسنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى نامايان قىلىشنى مۇمىنسىزلىككە ئايلاندۇرسا، ئەنئەنىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بولسا ئادەمنى شەخس ئېرىشكەن ئىجادىي ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ. ھەقىقىي ئۇلۇغ ئەدىب دەل مۇشۇ توقۇنۇشتىن يېڭى يول تاپقۇچىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرىدىغىنىمىز ئەنئەنىنىڭ تەلتۆكۈس بىكار قىلىنىشى ئەمەس بەلكى ئەنئەنىنى ئەنئەنىگە قارشى قويۇش ئارقىلىق ئەنئەنىنى يېڭىۋاشتىن يېزىپ چىقىشتۇر.
ئۆتمۈشكە ئايلانغان لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەنئەنىنى بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ ياردىمىدە كەلگۈسىدىكى بىر خىل مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇش يېڭى ئەدەبىيات مەسلىكىنىڭ ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىش يولىدۇر. شۇڭلاشقا، ئەنئەنىدىن كەلگۈسىنى كۆرۈش ئاۋانگارتلىقنىڭ تۈپكى ئۇتۇقىدۇر. لېكىن بۇ ئەنئەنىنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋر تەلەپ قىلىدىغان تەركىبلىرىنى ئەنئەنىنىڭ باشقا تەركىبلىرى بىلەن يېڭىۋاشتىن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مەشھۇر شائىر شېللېي بۇ يەردە بىرلا ئۇلۇغ شېئىر بار، ئۇنى ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئوخشىمىغان شائىرلار ئورتاق يېزىپ چىقىدۇ، دېگەنىدى. شۇنىڭدەك، بۇ يەردە پەقەت بىرلا ئەنئەنە بار، ئۇنى ئۇلۇغ ئەدىبلەر ئورتاق ھالدا قايتا يېزىپ چىقىدۇ. بارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر مانا مۇشۇ ئەنئەنىگە قاتنىشىشىدۇ ۋە ھازىردا ھەم كەلگۈسىدە قايتا - قايتا بايقىلىدۇ.


ئىزاھاتلار:
 بۇ ھەقتە مەشھۇر ئەنگىلىيە پەيلاسوپى ئا·ن·ۋايىتخېد غەرب پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىسىنى نەقىل ئېلىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ.
 توماس ئېلىئوت، ئەنئەنە ۋە ئىندىۋىدۇئال تالانت، (ئېنگلىزچە) «تاللانغان ماقالىلار» دىن ئېلىندى، (خاركورت: براس نەشرىياتى، 2193 – يىل) 8 - بەت.
 ۋىرجىنيا ۋۇلف، «تاللانغان ماقالىلار» ئىككىنچى توم (ئېنگلىزچە) (ئىبۇرى: ۋىنتاج كىتابلىرى، 1966 – يىل)، 129 - بەت.
 ئالې غوبې – گفىيې، «يېڭى پروزىچىلىق ئۈچۈن» (فرانسۇزچە) (پارس: دى مىنۋى، 1963 – يىل)،  98-بەت.



Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز