دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى

 

2022-يىل 2-يانۋار ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 

سۆھبەتتە سۆزلەنگەن نۇتۇق

 

قەدىرلىك ياشلىرىمىز،

 

بۈگۈن سىلەر بىلەن «دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇلاقەتتە بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى قەۋەتلا بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. مەشھۇر رەسسام پابلو پىكاسسو «ياشلىق قېرىمايدۇ» دېگەنىكەن. بۇ دېگەنلىك، ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىزدە بىر ياشلىق بار. بۇ ياشلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىمايدۇ. بەلكى قەلبىمىزدە بىزنىڭ مەڭگۈ قېرىمايدىغان قىزغىنلىقىمىز سۈپىتىدە ياشايدۇ. ئەمما، نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ياشلىقنى يا ھېس قىلمايمىز، يا بىلمەيمىز، يا ئۇنىڭغا ئىرەن قىلمايمىز. مېنىڭ بۈگۈن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىم دەل قەلبىمدىكى مۇشۇ ياشلىقنى قايتا ئويغاتتىھازىر ئۆزۈمنى روھىي جەھەتتە خۇددى سىلەردەكلا ياش، جۇشقۇن، قىزىققان ۋە ئىدېئالىست سۈپىتىدە ھېس قىلماقتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

 ھايات ھەققىدە قەدىمدىن نۇرغۇن ھېكمەتلەر ئېيتىلغان. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇنى بىر كارۋاننىڭ سەپىرىگە ئوخشىتىدۇ. 20-ئەسىردە ئوخشاش ئىدىيە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» شېئىرىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دېمەك، ھايات ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر جەرياننى—مۇشەققەتلىك بىر جەرياننى—كۆرسىتىدۇ.  

دەرھەقىقەت، ھايات تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى مۇشەققەتلىك بىر سەپەردۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ھەر بىرىمىزگە پەقەت بىر قېتىملا بېرىلگەن سەپەر پۇرسىتىدۇر. ھاياتىمىزدىكى باشقا بارلىق پۇرسەتلەر ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە پۇرسەتنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇ خۇددى رەسسامنىڭ ئالدىدىكى قۇپقۇرۇق كانۋاسقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا نېمىنى قانداق سىزىش بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىشتۇر. ھەممىمىز ھاياتتىن ئىبارەت بۇ جەرياننىڭ ئالدىدا قولىدا تۈرلۈك رەڭلەرنى تۇتقان بىر رەسسامغا ئوخشايمىز. ئۇنىڭغا نېمىنى سىزىش ئۇنى قانداق سىزىشتەكلا مۇھىمدۇر. بۇ مەنىدىن، بىز ئۇستا رەسسام بولۇپ، ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان بىر رەسىمنى ، ياكى ناباب بىر رەسسام بولۇپ چاكىنا بىر رەسىمنى سىزىشىمىز ياكى ئۇنىڭغا ھېچنېمە سىزالماي، ئۇنى ئاق قالدۇرۇشىمىز مۇمكىن. مەيلى نېمىنى سىزايلى، بۇ رەسىمنى ھاياتىمىزدا بىرلا قېتىم سىزىمىز. بىز ئ‍ۆلگەندە، بىزدىن بىر رەسىم قالىدۇ. بۇ يا ئەسلىنىدۇ، يا ئۇنتۇلىدۇ.

بىزگە بېرىلگەن ھايات مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭدەك،ھايات بىزگە قانداق بېرىلگەن بولسا، ئ‍ۇنى سىزىدىغان رەسساملىق پۇرسىتىمۇ شۇنداق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇ رەسساملىق پۇرسىتى بىر رەسسامنى تەلەپ قىلىدۇ. رەسسامسىز رەسىم پۈتمەيدۇ. بۇ رەسسام دەل بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىزدۇر. يەنى، مەنلىكىمىزدۇر

بىزنىڭ دۇنيانى ھېس قىلىپ، ئۇنى چۈشىنىشكە باشلىغان ۋاقتىمىز ئاللىبۇرۇن ئۆزىمىزنى ھېس قىلغان ۋە چۈشىنىشكە باشلىغان ۋاقتىمىزدۇر. بۇ ئۆزلۈك بىزگە بېرىلگەن. شۇڭا، ئالدى بىلەن ئۇنى سىزىپ چىقىشىمىز—ئۇنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھاياتتىكى ئۇستا رەسساملارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەلبىدە ھەقىقىي ۋە ئىجادىي شەكىلدە سىزىپ چىققانلاردۇر. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۇلار ئاندىن دۇنيانى سىزالايدىغان بولغان. كەسكىن ئېيتقاندا، ئ‍ۆزىنى قەلبىدە سىزالمايدىغانلار دۇنيانى سىزالمايدۇ. 

ئەمدىكى سوئال—ئۆزىنى قانداق سىزىش كېرەك؟ ئۆزىنى سىزىش ئالدى بىلەن ئ‍ۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ.ئۇ كىمنى سىزىشنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ. بۇ تولۇق بىلىش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، بۇ بىلىش رەسىم سىزىلغۇچە بارا-بارا ئېنىقلىشىدۇ، تولۇقلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. بۇ دەل ئۆزىنى بايقاش جەريانىدۇر.

سوقراتنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار: «ئۆزۈڭنى تونۇ!» ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭ سەل ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى بار: «ئۆزىنى سورىغان شە[ھەر] سوراپتۇ». يەنى، دۇنيانى بىلىش،چۈشىنىش ۋە سوراش—يەنى باشقۇرۇش—ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان ۋە سورايدىغان «مەن» نى بىلىش، چۈشىنىش ۋە سوراش كېرەك. ئۆزىنى بىلمىگەن ئۆزگىنى بىلمەيدۇ؛ ئۆزگىنى بىلمىگەن دۇنيانى بىلمەيدۇ. 

شۇڭا، ھاياتتىكى ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ ئالىيجاناپ خىزمەت ئۆزىنى بايقاشتۇر. ئاندىن، ئۆزىنى چۈشىنىش، يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ پوتېنسىياللىقىنى تولۇق رېئاللاشتۇرۇشتۇر. بۇ مەنىدىن، ھەقىقىي ھايات بەختلىك ياشاشنى كۆرسەتمەستىن، ئۆزىنى بايقاش ۋە ھاياتىدا بۇ ئۆزلۈكنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئ‍ۆزى رازى بولغۇدەك دەرىجىدە رېئاللاشتۇرۇپ ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. 

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، بۇ ئۆزلۈكنى يېتىلدۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇنى ئۆزى سۈپىتىدە يېتىلدۈرۈشكە قارىتىلغان خىرىسنىڭ چوڭى دەل بىز ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىن دەپ قارىغان ئادەملىرىمىزدىن كېلىدۇ: بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ۋە جامائىتىمىزدىكى باشقىلار. بىزگە كىچىكىمىزدىن ئاتا-ئانىمىزنىڭ، جامائ‍ىتىمىزنىڭ ۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى يۈكلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ—ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس—كۈتكەن يېرىدىن چىقىش ھاياتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىگە ئايلىنىدۇ. كاللىمىزغا بىر يۈرۈش «ئۇنى قىل، بۇنى قىلما» دەيدىغان بۇيرۇقلار تولدۇرىلىدۇ. بىزنىڭ ئالدىراپ ئۆزىمىزگە خاس قاراشلىرىمىزنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بىز باشقىلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئاقلاشقا شەرتسىز بۇيرۇلىمىز. ئۇلار كەمدىنكەم بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئويلايدۇ. بىز ياشايدىغان جەمئىيەت تېخىمۇ شۇنداق—ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش قىممەت قاراشلىرى بولىدۇ. بۇ قىممەت قاراشلىرى ئائ‍ىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن كاللىمىزغا ئاللىبۇرۇن قۇيۇلۇپ بولىدۇ. 18 كىرىپ، ئەقلىمىز تولغان ۋاقىتتا كۆپىمىزدە مۇستەقىل قاراش دېگەندىن ئ‍اساسەن ئەسەر قالمايدۇ. ھەممىمىز باشقىلار بىلەن ئوخشاش ھالدابىر يۈرۈش قىممەتلەر بىلەن تەربىيەلەنگەچكە، ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش ئويلايمىز، ئوخشاش ئىش قىلىمىز ۋە ئوخشاش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. بۇ سەۋەبلىك، جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان نوپۇزغا بوي سۇنىمىز. تەنقىدىي ئويلىنىشقا ئۇنچە مايىل بوپ كەتمەيمىز، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا بىز ئاللىبۇرۇن 18 يىل تەنقىدسىز قوبۇل قىلغان بىر يۈرۈش قىممەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىمىز. ھەتتا، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئىرادىمىزمۇ سۇسلاپ كېتىدۇ، چۈنكى بىز ئۆزگەرتىدىغان جەمئىيەت ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇن سۈپىتىدىكى قىممەتلىرىنى بىزگە ئىچكىيلەشتۈرۈپ بولغان بولىدۇ. ماھىيەتلىكى، بىز جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنلا بۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزگەرتىلىپ بولغان بولىمىز. دېمەك، بىز بۇ ۋاقىتتا—بىز قورامىمىزغا يەتكەندەك—يەككە ئادەملىكتىن ئىجتىمائىي ئادەملىككە ئۆزىمىزمۇ تۇيماي ئۆزگىرىپ بولىمىز. ئ‍ۆزگىچىلىكىمىزنى (ھېسلاشتىكى، ئويلاشتىكى، قىلمىشتىكى ۋە ۋىزيوندىكى ئۆزگىچىلىكىمىزنى)يوقىتىپ قويىمىز.

ھاياتتا باشقىلاردەك ئويلاش ۋە ئىش قىلىش پەقەت بىر ئادەتتىكى ئىشتۇر؛ ئەمما، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئويلاش ۋە ئىش قىلىش پەۋقۇلئاددە ئىشتۇر. بۇ پەۋقۇلئاددىلىققا قانچىلىك ئەقىل كەتسە، شۇنچىلىك جۈرئەت كېتىدۇ. بۇ ئۆزى بولۇش جۈرئىتىدۇر. ئ‍ۆزىنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە قۇرالاش جۈرئىتىدۇر. بۇ جۈرئەت ھەممىمىزدە بولمايدۇ. ئەمما، بۇ ھەممىمىزدە بولۇشقا تېگىشلىك بىر جۈرئەتتۇر. مۇشۇ جۈرئەت بىزنى ئ‍ۆزىمىزنىڭ يەككە يارىتىلغانلىقىدەك مۆجىزە بويىچە ياشىيالىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچتۇر. 

ئۇيغۇر رېئاللىقىنى ئالساق، بىز ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخى بار بىر كۈلتۈرەل قىممەتلەرنىڭ مەھسۇلى. بىز ئۇيغۇر بولۇشنى تاللىمىغان، ئەمما ئۇنىڭدىن تانالمايمىز، چۈنكى بىز ئۇ تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن كىملىكلەشتۈرۈلگەن—ھەم ئۆزىمىز ھەم ئۇيغۇر كوللېكتىپىنىڭ بىر ئەزاسى قىلىنغانشۇنىڭدەك، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىغا مەسئۇل ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئاقىۋەتلىرىگە مەسئۇلمىز. بىز خىتاي ئارمىيەسى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندا تېخى تۇغۇلمىغان. ئ‍ەمما، ھازىر بۇ مۇستەملىكىنىڭ دەھشەتلىك ئاقىۋىتى سۈپىتىدىكى قەتلىئامىنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز—ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ مۇستەملىكىنىڭ قورقۇنچلۇق بەدىلىنى تۆلەۋاتىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى، ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلۇققا قانچىلىك مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇلغان بولسا، بىزمۇ شۇنداق مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇلىمىز. ئارىمىزدىكى بۇ ئوخشاشلىق كوللېكتىپ كىملىكتىن مەنبەلەنگەندۇر. دېمەك، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا باغلاپ تۇرىدىغىنى ئورتاق مانا مۇشۇ مەسئۇلىيەتتۇر.

شۇندىمۇ. بىزنىڭ مىللىتىمىز ۋە ۋەتىنىمىز ئالدىدىكى بارلىق مەسئۇلىيىتىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇشتىن باشلانمىسا بولمايدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاننى قايتا قۇرۇشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى قايتا-قايتا قۇرمىساق بولمايدۇ. قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇپ بېرىشتىن، باشقىلارغا قارىغۇلارچە بوي سۇنۇشتىن ۋە شۇ ئارقىلىق ساختا خاتىرجەملىككە ئېرىشىشتىن ئازاد قىلمىساق بولمايدۇ. 

ئەركىنلىك ئىنساننى ئىنسان سۈپىتىدە يۈكسەلدۈرىدىغان ئەڭ بۈيۈك خىيالدۇر. ئۇ بىزنى ئىرادىمىزنى دۇنياغا پرويېكسىيەلەشتەك ئاجايىپ ئۇلۇغۋار تۇيغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىزنى خوجايىنلىق ھېسسىگە چۆمۈلدۈرىدۇ. ئەمما، ئۇنى بىر تەرەپ قىلماق، ئىشلەتمەك ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇ خىياللا ئەمەس، بەلكى يەنە كەسكىن بىر ئەمەلىيەتتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپى بىزدىن مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىشىدۇر. ئەركىنلىكسىز مەسئۇلىيەت بولمىغىنىدەك، مەسئۇلىيەتسىز ئەركىنلىكمۇ بولمايدۇ. بۇ مەنىدىن، ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشكە تىرىشقان، بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەشكەن ۋاقتىمىز دەل بىزنىڭ ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولغان ۋاقتىمىزدۇر. شۇڭا، ئ‍ۆزىگە مەسئۇل بولۇش بىزنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئاساسىدۇر.

بۇ يەردە سىلەرگە بىرىنچى تەۋسىيەمنى ئېيتقاقچىمەن—ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار بولۇشىڭلار كېرەك بولغان شەكىلدە قۇرۇپ چىقىڭلار. ئۆزۈڭلار بولۇڭلار. ئەركىن بولۇڭلار، ئەركىن پىكىر قىلىڭلار. ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭلارغا مەسئۇل بولۇڭلار. 

ئىككىنچى تەۋسىيەم شۇكى، ئ‍ۆزۈڭلارنى يارىتىش، قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۆمۈرلۈك غايەڭلەر بولسۇن. ھايات ئارزۇ-ئارمانغا تولغان بىر جەرياندۇر. مەشھۇر پۇقراۋى ھەرىكەت لىدېرى مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ «مېنىڭ بىر چۈشۈم بار» دېگەن مەشھۇر نۇقتىدا مۇنداق بىر جۈملە بار: «بۈگۈن سىلەرگە—دوستلىرىمغا—ئېيتىمەنكى، ھازىرقى ۋاقتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا ۋە ئىزتىراپلارغا قارىماي، مېنىڭ يەنىلا بىر چۈشۈم بار». بۇ يەردىكى چۈش غايىدۇر. ئۇنىڭ غايىسى ئىرقىچىلىك يوقالغان، ئىنسان بارۋەرلىكى ئىشقا ئاشقان ۋە ئىنساننىڭ بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بىر ئەركىن جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىدى. ئ‍ۇنداقتا، سىلەرنىڭ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، چۈشى نېمە بولۇشى كېرەك؟ ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ھەركىمنىڭ چۈشى بولىدۇ. ھەركىم چۈشىنى ئ‍ۆزى كۆرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە ھەممىمىز ئورتاق كۆرىدىغان چۈشمۇ بار. بۇنىڭ ئېچىنىشلىق مىسالى شۇكى، ھەممىمىز ۋەتىنىمىزگە، يۇرتىمىزغا قايتقان ئەمما قەدىردانلىرىمىزنى تاپالماي ئىزتىراپ چەككەن ۋە ئارقىدىنلا خىتاي فاشىستلىرىنىڭ ئىز قوغلىشىدىن قارا بېسىپ، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن ھالدا ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتكەن چۈشلەرنى كۆرۈپ باققانمىز. بۇ دەل بىزنىڭ ھازىرقى ئورتاق چۈشىمىزدۇر. بىزنىڭ قارا بېسىشىمىزدۇربۇ چۈش بىزنىڭ ئورتاق قاباھەتلىك رېئاللىقىمىزنى تەھقىقلەيدۇ. ھېچكىم بۇ چۈشنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئەمما، بۇ بىر چۈش—بىز يەنىلا ئويغىنىپ كېتەلەيدىغان ۋە كېتىشىمىز كېرەك بولغان بىر چۈشتۇر، گەرچە ئۇ نەقەدەر ئازابلىق بىر چۈش بولسىمۇ. 

ئۇيغۇر رېئاللىقىنىڭ ئەڭ تراگېدىيەلىك تەرىپى شۇكى،ئۆتمۈشىمىزگە ئائىت ھەممە نەرسە دېگۈدەك خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى ۋە ھېلىھەم قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز يۈتىۋاتقان، ھازىرىمىز قالايمىقانچلىققا تولغان، كەلگۈسىمىز قاراڭغۇدۇر. بۇنداق ھالەتتە كاللىدىن ئاجراپ كەتمەي ياشاشنىڭ ئۆزى بىر كاتتا سۈرپىرىزدۇر. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئارىمىزدا ئەڭ قاراملىرىمىزئېھتىمال بەختلىك ھاياتنى خىيال قىلالىغانلار ئەمەس، بەلكى بۇ قاراڭغۇلۇقتا ئېزىپ كەتمەي، قورقماي ۋە توختاپ قالماي مېڭىۋاتقانلاردۇر. ھازىرقى قەتلىئامدا قىرىلىۋاتسىمۇ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى يوقاتمىغانلاردۇر. ھەممە نەرسىسى يوقالغان ئادەمدە ھاياتقا بولغان بىر چۈش—بىر غايە يوقالسا بولمايدۇ. بۇ چۈش ئۈمىدنىڭ شولىسىدۇر. تارىختىن مەلۇمكى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ۋەقەنىڭ قارشىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بالانىسلىشىدىغان يەنە بىر ۋەقە، ئىدىيە ياكى ھېسسىيات بولىدۇ. قىرغىنچىلىقنىڭ قارشىسىدىمۇ ئۇ ۋەيران قىلالمايدىغان ئۈمىد تىك تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بىر ماقال بار: «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار». تىرىكلىكنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، بىر سەلتەنەت ۋە بىر ئۈمىدتۇربىر ئادەمنى ۋەيران قىلىش مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ۋەيران قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا، ئۇ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈمىدى ئۆلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ئۈمىدىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ ئ‍ۆزى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىسىلا. 

بۇ ئۈمىد دەل بىزنى تۇتۇپ تۇرىدىغان غايەت زور مەنىۋى كۈچتۇر. ھەممىمىز ھازىر چەكسىز دېڭىزدا ئامان قېلىش ئۈچۈن بۇ كۈچنىڭ ھېمايىسىدە قاتتىق تىركىشىۋاتىمىز ئالدىمىز قاراڭغۇ بولسىمۇ، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش سەپىرىمىزدىن قالساق بولمايدۇ. ھەتتا، ئاخىرىدا سۇغا غەرق بولۇپ، ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرساقمۇ، ئىنسانلىققا يات ھېچ بىر ئىشنى قىلمىغانلىقىمىز بىلەن يۈزىمىز يورۇق، ۋىژدانىمىز راھەت ئ‍ۆلىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھاياتتا دۈشمىنىمىزنىڭ بىزگە بولغان چەكسىز نەپرىتىنىڭ قارشىسىدا بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان مېھر-مۇھەببىتىمىز تىككىدە تۇرۇشى كېرەك. ئەمما، ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنداق بولمايۋاتىدۇ. ئېسىمىزدىن چىقمىسۇنكى، بىزنى دۈشمىنىمىزنىڭ نەپرىتى ئەمەس بەلكى بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھەببەتسىزلىك ئۆلتۈرىدۇ. بىز بىر-بىرىمىزگە نەپرەتلىنىش ئارقىلىقدۈشمىنىمىزنىڭ بىزگە نەپرەتلىنىشىنى توغرىغا چىقىرىپ بەرگەن بولىمىز. بۇ ئۆزىمىزنى دۈشمىنىمىز ئۈچۈن كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈپ بېرىشتۇر. 

ياشلار، ھاياتىڭلارنىڭ قىممىتى كىمنى ۋە نېمىنى قانچىلىك سۆيەلىگەنلىكىڭلار بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مۇھەببەت كوچىسىغا سەۋدالارچە كېزىپ باقمىغان ئادەم بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇنداق ئادەم ھاياتنىڭ ھەقىقىي پەيزىنى سۈرۈپ باقمىغان ئادەمدۇر. ھاياتتا سەۋدايى بولماي تۇرۇپ، ئاقىل بولغىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئ‍ۇلۇغ مۇھەببەت ئەڭ خەتەرلىك تەۋەككۈلچىلىكتۇر. بۇ تەۋەككۈلچىلىككە يۈزلىنەلمىگەنلەرنىڭ ھاياتى ئەسلەشكە ئەرزىمەيدۇ.

شۇنىڭىدەك، سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلارنى سۆيۈشۈڭلارمۇ، سۆيگەندىمۇ ئەسەبىيلىك بىلەن سۆيەلىشىڭلارمۇ، ئۇلۇغ بىر تەۋەككۈلچىلىكتۇر. ھاياتىڭلار مانا مۇشۇ مۇھەببەتتە يۈكسىلىدۇ. بۇنداق ھاياتنى قېرىغاندا چوقۇم رازىمەنلىك بىلەن ئەسلەيسىلەرئۇنى بۇ مۇھەببەتنىڭ خاسىيىتىدە ئەركىن ياشاۋاتقان نەۋرەڭلەرگە پەخىر بىلەن ئېيتىپ بېرەلەيسىلەر. بۇ ھاياتنى ياشاشنى قورقماي قوغلىشىڭلار. مۇھەببتە ئازاب چېكىشتىن، تاشلىۋېتىلىشتىن ۋە يوقىتىشتىن قورقماڭلار. ئەمەلىيەتتە، ھاياتىڭلاردا سىلەرنى ئەڭ قورقۇتقان نەرسە ئېھتىمال سىلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمۇ، ئۇ سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ئەڭ ئايان قىلىدىغان ھەقىقەت بولۇشى مۇمكىن. 

ئاخىرقى تەۋسىيەم—چىدامچان بولۇڭلار. بۇ دۇنيا رەھىمسىزدۇر. مۆرىتى كەلسە، سىلەرنىڭ بارلىقىڭلارغا ھېچكىم قىزىقمىغاندەك، يوقلۇقۇڭلارغىمۇ ھېچكىم قىزىقمايدۇ. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، دۇنيانىڭ بىزگە بولغان ھازىرقى قىزىقىشى ۋە ھېسداشلىقى قىرىلىۋاتقانلىقىمىز سەۋەبلىكتۇر. ئەمما بۇلار ۋاقىتلىقتۇر. ئۆزىمىزنى ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىمىز قۇتقۇزىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى خالىمايدىغان ئادەمنى ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ

ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتى ھېچ زامان ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سىلكىنىشىدەك كەسكىن ۋە دەھشەتلىك بولمايدۇ. بىز كوللېكتىپ ئۆلۈم ئالدىدا قاتتىق سىلكىنمىسەك، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزمىساق بولمايدۇشۇنداقلا، ھېچقانداق بىر ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈمىدتىن مۇستەسنا ئېلىپ بېرىلمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشقا چوقۇم ئۈمىد باغلىشىمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشقا ئۈمىد باغلاش ۋە باغلىيالاش ئ‍ۆزىمىزنى يېرىم قۇتقۇزۇشقا باراۋەردۇر

بۇ قۇتقۇزۇش مۇجادىلىسىدە ئېھتىمال قەشقەرنى (ياكى خوتەننى، ئاقسۇنى ياكى غۇلجىنى) كۆرەلمەي كۆز يۇمۇشىمىز مۇمكىن. ئېھتىمال نەۋرە-چەرىلىرىمىزمۇ ئۇنى كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، ھەرۋاقىت قەشقەرنى ئەتە كۆرىدىغاندەك ياشىمىساق بولمايدۇچۈنكى، قەشقەرنى سېغىنمىساق، ئۇ ئ‍ۇنتۇلىدۇ. ئۇ ئۇنتۇلسا، بىزمۇ تەبىئ‍ىي ئۇنتۇلىمىز. ئۇ خىتايلارتەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭ سىماسى ئاخىرقى بىر ئۇيغۇر قالغۇچە يوقالمايدۇ ۋە يوقالماسلىقى كېرەكقەشقەر بىز مەڭگۈ تەلپۈنىدىغان ئانا شەھەردۇر. مانا مۇشۇ تەلپۈنۈشلا بولىدىكەن، بىز تارىخنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئازمايمىز. نەگە قايتىدىغانلىقىمىز ئېنىق بولىدۇ. قەشقەرنى قايتا كۆرەلمەي، ئارماندا ئۆلسەكمۇ جەسىدىمىز قەشقەرگە غايىۋانە دەپن قىلىنىدۇ. سەرسان-سەرگەردانلىقتا تۈگىمەس دىشۋارچىلىق تارتقان قەلبىمىز پەقەت قەشقەردىلا تىنچلىققا ئېرىشىدۇ. 

بۇنىڭ ئۈچۈن، بىزدە بىزدە غايەت زور چىدامچانلىق، سەۋر-تاقەت ۋە جاسارەت بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ھەر تەرەپتىن كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ جەرياندا مەغلۇب بولۇشتىن قورقماسلىق، ئەكسىچە ئۇنى مۆرىۋەت بىلەن قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات خاتالىقسىز ھايات ئەمەس، بەلكى خاتالىقنى بىر ساۋاق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، توختىماي تىرىشىلغان ۋە ئاخىرى غەلىبە قازىنىلغان ھاياتتۇر. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىزنى ئەپۇ قىلىشنى، ئۆزىمىزگە رەھىم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. نۇرغۇنلىرىمىز ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بىرەر ئۈنۈملۈك ياردەم قىلالماسلىق سەۋەبلىك ئامان قالغۇچىنىڭ گۇناھ تۇيغۇسىغا پېتىقلىق. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ قەتلىئامنى ئېلىپ بارغۇچىلار بىز ئەمەس، بەلكى خىتاي فاشىستلىرىدۇر. ئالدى بىلەن ئۇلار ئەيىبلىنىشى ۋە جازالىنىشى كېرەك. بىز قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز. بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىز بىز يوقاتقان نەرسىلەرنىڭ سالمىقىغا سېلىشتۇرغاندا ئەلۋەتتە بەكلا يېتەرسىز. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى زىيادە ئەيىبلىسەك، گۇناھكار ھېس قىلساق، ئاقىۋەتتەچۈشكۈنلىشىمىز. چۈشكۈنلەشسەك، كەلگۈسىمىز تېخىمۇ قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ. مەن بۇ يەردە سىلەرنى چۈشكۈنلەشمەڭلار دېمەكچى ئەمەسمەن—چۈشكۈنلەشسەڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتا جازالىماڭلار. سىلەردە بىرلا ئۆزلۈك بار. بىرلا مەن، بىرلا ئىرادە بار. بۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ چوڭ روھىي دەسمايەڭلاردۇر.بۇلارنى يوقىتىپ قويماڭلار. بولسا، ئۇلارنى كۆز قارچۇغۇڭلاردەك ئاسراڭلار. ئۆزۈڭلارنى سۆيۈشنى ئۆگىنىڭلار. شۇندىلا باشقىلارنى سۆيەلەيسىلەر.

ئاخىرىدا، بىر ئۇيغۇر بولۇشنى ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ بۈيۈك شەرەپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىڭلار، ھەتتا بۇ قوبۇل قىلىش سەۋەبلىك ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا بولساڭلارمۇ. چۈنكى، سىلەر پەقەت ئۇيغۇرلۇقتىلا ئۆزۈڭلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق رەسسامى بولالايسىلەر. شۇندىلا، دوپپا كىيگەن، كۆزى ياش، بېشى چۈشكەن، ئەمما تىزى پۈكۈلمىگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ—ئۆزۈڭلارنىڭ—يارقىن ۋە مەڭگۈ ئەستىن چىقماس پوترېتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ چىقالايسىلەر. ئۆزۈڭلارنى ھەقىقىي ياراتقانلىقنىڭ شادلىقىدىن ھۇزۇرلىنالايسىلەر. بۇ ھەم ھەممىمىزنىڭ مۇقەددەس ۋە كوللېكتىپ شادلىقىمىزدۇر. 

سىلەرگە بەخت تىلەيمەن. 

 

رەھمەت. 

 

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز