Posts

Showing posts from March, 2016

ئاقارتىش ھەققىدە

ئاقارتىش ھەققىدە ئازاب چېكىش يامان چۈش كۆرگەنلىكىڭنى، خۇشاللىق ياخشى چۈش كۆرگەنلىكىڭنى بىلدۈرسە، ئاقارتىش چۈشتىن تەلتۆكۈس ئويغانغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. --جېد مەككېنا گېرمان پەيلاسوپى ئېممەنۇئېل كانت ئۆزىنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى «ئاقارتىش دېگەن نېمە؟» دېگەن ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:« ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىشىپ يېتىلمەسلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ. پىشىپ يېتىلمەسلىك ئادەمنىڭ ئۆز ئەقلىنى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىسىز ئىشلىتەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىشىپ يېتىلمەسلىكنى ئادەم ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  يەنى بۇنىڭ سەۋەبى چۈشىنىشنىڭ كەمچىللىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىسىز ئىشلىتىش نىيىتىنىڭ ۋە ئىرادىسىنىڭ كەمچىللىكىدىدۇر. Sapere Aude !  <ئەقلىڭنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىل!>--مانا بۇ ئاقارتىشنىڭ شوئارىدۇر.» كانتنىڭ قارىشىچە، بىلىشكە بولغان ھۇرۇنلۇق، ئۆزىدىن تاشقىرى تۇرىدىغان نوپۇزنىڭ ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا يول قويۇش ۋە ھەقىقەتكە ئەقلى ئارقىلىق يېتىشتە قورقۇنچاقلىق قىلىش ئادەمنىڭ مەرىپەتسىز قېلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىدۇر.