ئاقارتىش ھەققىدە







ئاقارتىش ھەققىدە

ئازاب چېكىش يامان چۈش كۆرگەنلىكىڭنى، خۇشاللىق ياخشى چۈش كۆرگەنلىكىڭنى بىلدۈرسە، ئاقارتىش چۈشتىن تەلتۆكۈس ئويغانغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ.
--جېد مەككېنا
گېرمان پەيلاسوپى ئېممەنۇئېل كانت ئۆزىنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى «ئاقارتىش دېگەن نېمە؟» دېگەن ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:« ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىشىپ يېتىلمەسلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ. پىشىپ يېتىلمەسلىك ئادەمنىڭ ئۆز ئەقلىنى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىسىز ئىشلىتەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىشىپ يېتىلمەسلىكنى ئادەم ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  يەنى بۇنىڭ سەۋەبى چۈشىنىشنىڭ كەمچىللىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىسىز ئىشلىتىش نىيىتىنىڭ ۋە ئىرادىسىنىڭ كەمچىللىكىدىدۇر. Sapere Aude!  <ئەقلىڭنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىل!>--مانا بۇ ئاقارتىشنىڭ شوئارىدۇر.» كانتنىڭ قارىشىچە، بىلىشكە بولغان ھۇرۇنلۇق، ئۆزىدىن تاشقىرى تۇرىدىغان نوپۇزنىڭ ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا يول قويۇش ۋە ھەقىقەتكە ئەقلى ئارقىلىق يېتىشتە قورقۇنچاقلىق قىلىش ئادەمنىڭ مەرىپەتسىز قېلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىدۇر.
            كانتنىڭ ئاقارتىش (مەرىپەتچىلىك) ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇنىڭ ئەقىل بىلەن ئىنسان ئەركىنلىكىنى بىر-بىرىگە باغلاپ قارىغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ مەرىپەتسىز قېلىشىنى باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى دەل ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان—ئۇنى ئادەمنىڭ ئۆز ئەقلىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ماھىيەتتە ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن ياتلىشىپ، ئەركسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.   
ئەقىل ئۇنۋېرسالدۇر—ئۇ ھەممە ئىنسانغا ئورتاق ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتتۇر. ئەمما، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇنداق ئەمەس—بەزىلەر ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان ئەقىلنى تولۇق ئىشلەتسە، يەنە بەزىلەر ئۇنداق قىلمايدۇ. كانتچە ئېيتقاندا، بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس. كىمىكى باشقىلارغا، باشقا نوپۇزغا ۋە باشقا ئىدىيىلەرگە بېقىنىپ ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىكەن، ئۇ ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ۋاسىتىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەقىل ئادەمنى دۇنيانى بىلىش، چۈشىنىش ۋە ئۆزگەرتىشتە ئەركىن قىلالايدۇ. كانتنىڭ بۇ يەردىكى مۇھىم ئىدىيىسى ئادەمنىڭ ئەقلىنىڭ ئۆزىدىن سىرت تۇرىدىغان نوپۇزغا ئەمەس، بەلكى نوپۇزنىڭ ئەقىلگە بوي سۇنۇشى كېرەكلىكىدۇر.   
            كانت شەرھلىگەن ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپادا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ياۋروپالىقلارنىڭ بىر ئەقلىي دەۋرگە كىرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ—ئادەم ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قانداقتۇر ئىلاھىي ياكى ئالدىن بېرىلگەن مېتاڧىزىكىلىق ھالەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئويلايدىغان، ئىدراكلايدىغان ۋە تەنقىد ئېلىپ بارالايدىغان مۇمكىنچىلىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. ئاقارتقۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاقارتىش ئىنساننى شۇنىڭغا يېتەكلەيدۇكى، ئۇ قائىدە-تۈزۈملەرنى كۆكتىكى خۇدادىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەقلىنىڭ يېتەكلىشىگە تايىنىپ تاپىدىغان، بۇ دۇنيالىق بەخت-سائادىتىنى چېركاۋلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىزدىنىشىگە تايىنىپ بەرپا قىلىدىغان، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى مىستىك ۋە سىرلىقلاشتۇرۇلغان نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەقىلنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغان ئىلمىي جەريانلار ئارقىلىق چۈشىنىدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغان بولىدۇ.  
            كانتتىن كېيىن، ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ياۋروپادا شەخسىيەتپەرەسلىك، ئەركىنلىك ۋە ڧورمال باراۋەرلىك ئىدىيىلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئاقارتىش ئىدىيىسى دىن بىلەن سىياسىينىڭ ئايرىلىشىنى مۇرەسسەسىز ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ (دىنىي) تولېرانس (كەڭ قورساقلىق) نى تەرغىب قىلىدۇ. كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرى سەۋەبلىك دىنىي ۋە ھۆكۈمەت ئىنستىتۇتلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماسلىقى، ئەيىبلەنمەسلىكى ۋە جازاغا تارتالماسلىقى كېرەك. ئادەم ئەركىن ئويلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغىنىدەك، ئۇنى ئەركىن ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگىمۇ ئىگە. ھۆكۈمەت كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئويلىشى ۋە ئۇنى ئىپادىلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. چۈنكى مائارىپنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسى ئىنسانلارغا قانداق ئويلاشنى ۋە باشقىلارنىڭ ئويىنى قانداق قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۇلار بىلەن قانداق قىلىپ بىللە ياشاشنى ئۆگىتىشتۇر. 
ئاقارتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئەللەر—جۈملىدىن غەربىي ياۋروپا ئەللىرى—جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق قىسمىنى ئادەمنى ئۇنىڭ كاللىسىنى كونترول قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۇنى كاللىسىنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشقا يۆتكەيدۇ. بۇ دېمەك، ئاقارتىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، غەربتە ئادەم باشقۇرۇش ئۇنىڭ تەپەككۈرىنى قورقۇنچ، جازالاش ۋە زوراۋانلىق ئارقىلىق كونترول قىلىشتىن قانۇن يولى ئارقىلىق ئۇنى ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىشقا يېتەكلەشكە ئۆتىدۇ. خانىش ئېلىزابېس I تەپەككۈرگە قارىتىلغان سېنزۇرنى (تەكشۈرۈشنى)  ئەنگلىيىدە 16-ئەسىردىلا بىكار قىلىدۇ. چۈنكى، ڧرانسىس بېيكېننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ «ئىنسانلارنىڭ روھىغا ۋە ئۇلارنىڭ مەخپىي ئويلىرىغا دېرىزىلەرنى ئورنىتىشنى خالىمىغان».
شۇنىڭدەك، ئاقارتىش ھەرىكىتى 18-ئەسىردىن باشلاپ جەمئىيەتنىڭ ماھىيەتلىك قۇرۇلمىسىنى ئىنساننىڭ ئەقلىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىدۇ—بىر جەمئىيەتنىڭ ئەقلىي بولۇشى ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەتنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ئەقىلنىڭ ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتىگە ئايلىنىدۇ.  جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسى ئىنساننىڭ ئەڭ تۆۋەن تەلەپلىرىدىن (ھايات قېلىش تەلەپلىرىدىن)  تارتىپ ئەڭ يۇقىرى تەلەپلىرىگىچە (ئۆزىنىڭ ئىنسانىي يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى سەنئەت، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىيەت يولى ئارقىلىق رېئاللاشتۇرۇش تەلەپلىرىگىچە) بولغان بارلىق ئامىللارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان قىلىپ لايىھىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرى ئەقلىيلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. دېمەككى، ئىجتىمائىي تەرتىپ قانداقتۇر ئىلاھىي تەرتىپنىڭ يەر يۈزىدىكى سايىسىغا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئەقلى تەلەپ قىلىدىغان زۆرۈرىيەتنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشىغا ئايلىنىدۇ. ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي تەبىقە تۈزۈمى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەقىلنىڭ پرىنسىپلىرىنى چىقىش قىلىدىغان ۋە شەخسنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي باراۋەرچىلىك دەسسىتىلىدۇ. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدا پېشانىسىگە پۈتۈلگەن نەسەبى ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بايلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئەقلىيلىشىشى ۋە ئادالەتلىك بولۇشى ئۈچۈن قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.  بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش شۇ بولىدۇكى، كاپىتالىزم ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يەنى كاپىتالىزم ئىنساندىكى ئەقلىي بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈم قارىشى ئارقىلىق توختاۋسىز ئېشىشى كۆزلىنىدىغان ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل ئىقتىسادىي تەرتىپ سىستېمىسىغا ئايلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئاقارتىش ھەرىكىتى غەربتە بارلىققا كەلگەن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ۋە مەزمۇنلىرى مۇرەككەپ بىر ئىدىيە سىستېمىسىدۇر. ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرى كۈچلۈك رومانتىزملىق ۋە ئىدېئالىستىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشقا قارىماي، ئۇ ھېلىھەم بىزنىڭ بۈگۈنكى زامان جەمئىيىتىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن يەنىلا مۇھىم ئەھمىيەتلىكتۇر. شۇ سەۋەب، بىز تۆۋەندە  ئاقارتىش ئىدىيىسىنىڭ بىر قانچە نۇقتىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىر ئىنسان، بىر جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا قىسقىچە قاراپ چىقماقچىمىز. 
1
ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەرەققىياتى ئوخشىمايدۇ. دۇنيادىكى ھەممە جەمئىيەت ئاقارتىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەس. بەزى جەمئىيەتلەر ئاقارتىش ھەرىكىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئېلىپ بارغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنى يېرىم-يارتا ئېلىپ بارغان ۋە يەنە بەزىلىرى ئۇنى پەقەت ئېلىپ بارمىغان. مۇھىمى، قايسى جەمئىيەت ئاقارتىش ئېلىپ بارىدىكەن، ئۇ تەدرىجىي ھالدا پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىر ئىجتىمائىي پرىنسىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. قايسى جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلىدىكەن، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ دۇنيانى كۆزىتىشى تارايغان؛ ئۇنىڭ كۆزىتىش دائىرىسى تارىيىدىكەن، ئۇنىڭ رېئاللىقىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا تارايغان؛ ئۇنىڭ رېئاللىقى تارىيىدىكەن، ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە ھەتتا كەلگۈسىمۇ تارايغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، پىكىر ئەركىنلىكىسىز ئىپادە ئەركىنلىكى مەنبەسىز ئېقىنغا ئوخشىسا، ئىپادە ئەركىنلىكىسىز پىكىر ئەركىنلىكى ئېقىنسىز مەنبەگە ئوخشايدۇ.  
گەرچە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئۇ قەدەر يېقىن بولسىمۇ، پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ئىپادە ئەركىنلىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئۇقۇمدۇر. مەسىلەن، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر ئادەم ئىپادە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئەركىن پىكىر قىلىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم قالمايدۇ: ئۇ ھەرۋاقىت—ھەتتا زوراۋانلىققا ئۇچراپ تۇرۇقلۇقمۇ—ئۆزىنىڭ ئويىنى كاللىسىدا داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ئويىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئايلىنىدۇ، خۇددى دېكارت ئېيتقاندەك: «ئويلاۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت». مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم ئۆزىنى ئىپادىيەلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئويلىيالىشى؛ ئويلىيالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەۋجۇت بولۇشى كېرەك—ياكى، ئويلاش، ماھىيىتىدىن، ئەڭ تىرەن مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر. چۈنكى ئۇيلاشتا دۇنيا ئادەمگە زاھىر بولىدۇ—ھەتتا بۇ دۇنيا ئۇنىڭ ئويىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولسۇن- بولمىسۇن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئەنە ئاشۇ زاھىرلىقتا ئادەم ئۆز-ئۆزىگە ئايان بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان تەپەككۈرى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىۋى ھادىسە دەپ قارالسا، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئادەمنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئېۋولۇتسىيە جەريانىدا سىنتېزلىنىپ چىققان ئوي قۇرۇلمىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ تەگ قۇرۇلمىسى بىر-بىرىگە ئۈستمۇ ئۈست چۈشىدۇ—ھەر ئىككىسى ئوخشاش ئەقلىي قۇرۇلمىغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم دۇنيانى چۈشىنەلەيدۇ؛ شۇنداقلا، دۇنيانى چۈشىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى چوڭقۇرلىشىدۇ.  
 ئۇنىڭدىن سىرت، ئادەمنىڭ  كاللىسىدىكى ئىدىيىلەرنىڭ كۆرۈنمەسلىكى ئۇنىڭ ئەركىن پىكىر قىلالىشىنى ماددىي ۋە ڧىزىئولوگىيىلىك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىنساننىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى سېنزور (تەكشۈرۈش) ئارقىلىق قاتتىق كونتروللۇققا ئېلىنىشى مۇمكىن؛ ئەمما، بۇ ئۇنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش قابىلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئادەم سىرتتا ۋە ياكى تۈرمىدە ئۆزىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئاشۇ يېپىق كاللىسىدا نۇرغۇن ئىدىيىلەرنى بىخەتەر ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئادەمنىڭ كاللىسى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بەلگىسى بولغان ئويىنىڭ بىخەتەر، شەخسىي ۋە كۆرۈنمەس بوشلۇقىدۇر. مانا مۇشۇ بوشلۇققا ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى جايلاشقان—ئادەم مانا مۇشۇ بوشلۇقتا ئۆزى خالىغان پىكىرلىنىشنى بىمالال ئېلىپ بارالايدۇ. مۇشۇ بوشلۇق ئۇنىڭ شەخسىيىتىنىڭ مۇقەددەس بوشلۇقىدۇر. ئۇيلاش ئادەمنىڭ تۈپكى ئەركىنلىك ھالىتىدۇر—ئويلاش ئەركىنلىك دېمەكتۇر.
ئىنساننى ئىستىلا قىلىش ئۇنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش، ئۇنى جازالاش ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق   ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئەمما، قىيىنى ئۇنى كاللىسىدىن ئىستىلا قىلىشتۇر—ئۇنى كاللىسىدىكى ياشاش ئىرادىسىنى ئۈزۈل-كېسىل سۇندۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق ئىستىلا قىلىشتۇر. ئادەم باشقا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆزىدىكى—ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى—ئىرادە، غۇرۇر ۋە ئەقىلدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ مەھرۇمىيەت دۇنياسىدا دەس تۇرالايدۇ.
يېپىق—مۇستەبىت—جەمئىيەتنىڭ كۆزلەيدىغىنى ئادەمنىڭ كۆرۈنمەس ئويلىرىنى كۆرۈشكە ئۇرۇنۇشتۇر—ياكى ئۇنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىلىشتۇر. ياكى ئۇنىڭغا خانىش ئېلىزابېس I رەت قىلغان بىر «دېرىزە» نى ئېچىشتۇر. يېپىق جەمئىيەت بىلەن ئوچۇق جەمئىيەتنىڭ تالىشىدىغىنى ئادەمنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە كاللىسىدىكى كۆرۈنمەس تەپەككۈردۇر. تېخىمۇ دەل ئېيتقاندا، ئاشۇ كاللىدىكى ئەركىن ئويلاردۇر. دەل شۇ سەۋەب، يېپىق جەمئىيەت ئۆز ئەزالىرىغا قارىتا توختىماستىن  تەشۋىقات، مېڭە يۇيۇش ۋە تەپەككۈر مەنىپۇلاتسىيىسى (ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن كونترول قىلىش) ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئەركىن ئويلارنى بوي سۇندۇرماقچى بولىدۇ. ئوچۇق جەمئىيەتنىڭ رىغبەتلەندۈرىدىغىنى قانداق ئويلاش بولسا، يېپىق جەمئىيەتنىڭ كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدىغىنى نېمىنى ئويلا(تقۇزۇ)شتۇر. يېپىق جەمئىيەتتىكى مائارىپ ئۆگەنگۈچىلەرگە پەقەت نېمىنى ئويلاشنىلا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇئەييەن دائىرىدە چەكلەپ تۇرىدۇ. بۇنداق مائارىپ ئوقۇغۇچىلارغا  ئەركىن تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگەتمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئەركىن پىكىر قىلىشتىن توسىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، جەمئىيەت ئۈچۈن بىر ئەۋلاد ئىتائەتمەنلەرنى تەربىيىلەپ چىقىشتۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، ئادەمگە قانداق قىلىپ ئەركىن ئويلاشنى، نوپۇزنى سوئاللاشنى، دۇنيانى تەنقىدىي كۆز بىلەن كۆزىتىشنى ۋە ھاياتىنى ئىجادچانلىق بىلەن قايتا قۇرۇشنى ئۆگەتمەيدىغان مائارىپ شەكسىزكى روھىي قۇللۇققا يېتەكلەيدىغان مائارىپتۇر.  
يەنە شۇنداق مۇستەبىت ۋە قارشى-ئاقارتىشلىق جەمئىيەتلەر باركى، ئۇنىڭدا ئادەم ئۇزاق مۇددەتلىك يۇقىرى بېسىم سىياسىتى، سىڭىپ كىرىش خاراكتېرلىك سېنزور ۋە توختاۋسىز رېكلام-تەشۋىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ—ئۇ تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە بېرىلگەن «بىخەتەر سۆزلەر» ئارقىلىقلا تەپەككۈر قىلىدىغان، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدىغان ھالەتتە كېلىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، ئۇلار ئۆزىنىڭ تەپەككۈرىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق دەپ قارايدۇ—ھەتتا ئۇلار باشقىلار ئالدىنئالا بېكىتىپ بەرگەن رامكىدا پىكىر قىلىۋاتقان بولسىمۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى كاللىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيىتىدىمۇ ئىجرا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ—ئۆزىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشتىن مەھرۇم قېلىپ، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئىجرا قىلغۇچى ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.  
ئادەم تۈرمىگە كىرىپ قالغانلىقى سەۋەبتىنلا ئەركسىز بوپ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەنىلا ئەركىن پىكىر قىلالايدۇ. ھەقىقىي ئەركسىزلىك ئادەمنىڭ ئۆزىنى مەن ئەركىن دەپ تۇرۇپ، كاللىسىنى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىشىغا تاشلاپ بېرىشىدۇر. بۇ ئۆز-ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئىستىلاسىغا تاشلاپ بېرىش بىلەن باراۋەردۇر. شۇنداقلا، ھەقىقىي ئىستىلا ئادەمنىڭ كاللسىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا قىلىنغان ئىستىلادۇر— مانا مۇشۇ ئىستىلالا ئادەمنى ھەممە نېمىسىدىن مەھرۇم قىلىۋېتەلەيدۇ.  چۈنكى، بۇ ئىستىلادا ئادەم ئۆزىنىڭ قانداق ئىستىلا قىلىنغانلىقىنى بىلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىقتىدارىدىنمۇ تەلتۆكۈس ئايرىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي ۋەتەنسىزلىك زېمىننى قولدىن بېرىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ ئەڭ تىرەن، ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە ئەڭ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز ۋەتەنسىزلىك دەل ئەركىن پىكىر قىلىدىغان كاللىنىڭ قولدىن كېتىشىدۇر.
2
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە مۇنداق بىر ئورتاقلىق بار: قورقۇنچ. بۇنداق ھاكىمىيەتلەرنىڭ قورقىدىغىنى ئەقىلگە ئىگە مەلۇم ئادەم ۋە گۇرۇھتىن كۆرە، ئالدى بىلەن ياكى تېخىمۇ تىرەن نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئەقلىي پىكىر قىلىش يولى بىلەن ئېرىشىلىدىغان ھەقىقەتتۇر. چۈنكى، ئەقىل توسالغۇسىز پىكىرلىنىش پۇرستىگە ئېرىشكىنىدە، ھادىسىدىن چىقىپ ماھىيەتكە يېتىدۇ. مۇستەبىتلىكنىڭ زوراۋانلىقتىن ئىبارەت بۇ ماھىيىتى ئەقىلنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەمنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىدىن قورقىدىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قىلىدىغىنى ئاۋامنى مۇستەقىل ۋە ئەركىن پىكىر قىلغۇزماسلىقتۇر. بۇ يەردە مۇنداق بىر رەزىل ئايلىنىش بار: پىكىر ئەركىنلىكىدىن قورقىدىغان مۇستەبىتنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلىدىغىنى ئاۋامنى ئەركىن پىكىر قىلىشتىن قورقىدىغان قىلىشتۇر. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇستەبىتلىككە تولغان زوراۋانلىقتۇر. زوراۋانلىققا تايىنىپ ئورنىتىلغان مۇستەبىتلىك قورقۇنچتىن مەنبەلەنگەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاۋامنى كەڭ كۆلەملىك توۋا قىلدۇرۇش، مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئەركىن پىكىر قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق، تەدرىجىي ھالدا ئەركىن پىكىر قىلىشتىن قورقۇشقا، ئۇنىڭدىن بىرلا خىل پىكىر قىلىشقا، ئۇنىڭدىن ئاخىرى پىكىر قىلالماسلىققا ئېلىپ بېرىشنى كۆزلەيدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق سىياسىي تۈزۈمدە، ئادەملەر كۆزى كۆرۈپ تۇرغان ھادىسىلەردىن ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈشتىن، ماھىيىتىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزگەرتىشتىن ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن ۋە قابىلىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىزكى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتتە كۆپ ھاللاردا بىرلا خىل ئىدىيە ياكى ئىدېئولوگىيە ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇ ئىدىيە ئەڭ مۇكەممەل ئىدىيە سۈپىتىدە توختىماستىن تەشۋىق قىلىنىدۇ ۋە باشقىلارغا تېڭىلىدۇ. پۈتكۈل مائارىپ مانا مۇشۇ ئىدىيىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مېڭىسىگە ئۇستىلىق بىلەن قۇيىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى ئىدىيە چەكلىنىدۇ ۋە ھەتتا جىنايەت دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق تۈزۈمدىكى ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلار ئۇشبۇ ئىدىيىنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ قارىلىدۇ.
ئىنسانغا قىلىنىدىغان زوراۋانلىقنىڭ ئەڭ مۇرەككەپى ۋە ئەڭ خەتەرلىكى ئىدىيە زوراۋانلىقىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ماھىيىتى بولغان پىكىر قىلىشىنى توسۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئەركىن پىكىر قىلىشتىن قورقىدىغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن بىلىپ- بىلمەس ۋاز كېچىدىغان قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق زوراۋانلىقتا، ئادەم پىكىر ئىشلەپ چىقىرىشتىن قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىپ بەرگەن پىكرىنى ئۆزىنىڭ پىكرى سۈپىتىدە تونۇشقا، ئىشلىتىشكە ۋە ئۇنى ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىماستىن بار كۈچى بىلەن قوغداشقا ئۆتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار باشقىلار بىلەن ئەقلىي دېئالوگ قىلىشتىن بارغانسېرى قالىدۇ. ئۇلار مەسىلىنى ھەل قىلىشتا خۇددى ئۆزىنى باشقۇرۇپ كەلگەن تۈزۈلمىگە ئوخشاش زوراۋانلىقنى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغىمۇ تاڭىدۇ. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا شۇنداق بىر ئۈنۈم قارىشى يېتىلىدۇكى، زواۋانلىقلا ئىدىيىۋى توقۇنۇشنىڭ ھەم ئالدىنى ئېلىشتىكى ھەم ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يولدۇر. مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزلىرى بىلىپ- بىلمەي، ئۆزى كۆندۈرۈلگەن ئىدىيە زوراۋانلىقىنى بىر-بىرىگە، ياتلارغا ۋە ھەتتا ئۆزلىرىگە ئىشلىتىدۇ. دېمەك، ئۇزاق مۇددەت پىكىر ئەركىنلىكىسىز ياشاش ئاۋامدا  مۇستەبىتچىلىك كۇلتۇرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.  بۇ كۇلتۇر ھەم مۇستەبىتنىڭ ھەم ئاۋامنىڭ ئىدىيە زوراۋانلىقىنى ئاسترىتتىن قانۇنىيلاشتۇرىدۇ.  
3

بىر جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك ئەقلىيلىكىنى ئۆلچەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇنىڭ ئاۋامنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى ۋە ئۇنى ئىپادىلىشىگە قانچىلىك يول قويۇشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئاۋامنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى ئىدراكلاش ۋە تەنقىد قىلىش روھىنىڭ قانچىلىك يېتىلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۆزىنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ، ئىدراكلىنىپ ۋە تەنقىدلىنىپ تۇرۇلمايدىغان ھەرقانداق جەمئىيەت شەكسىزكى يېپىق جەمئىيەتتۇر.
يەنە بىر مەنىدىن، بىر ئەقلىي جەمئىيەت شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوچۇق جەمئىيەتتۇر. يەنى بىر جەمئىيەتنىڭ ئەقلىيلىكى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئوچۇقلۇقىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەقلىيلىك مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن تەركىب تاپىدۇ: بىرى، ئۇ شەخسنىڭ جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتەلىشىنى، ئىپادىيەلىشىنى ۋە قايتا ئىجاد قىلالىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، بىر جەمئىيەتنىڭ مۇئەسسەسىلىرىنىڭ ئادەمنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە پىسخىك تەلەپلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قانچىلىك ئەقلىي قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە شەخسنىڭ ئەقلىي ئەزا ئىكەنلىكىدەك بىئولوگىيىلىك پاكىت ئىجتىمائىي مۇئەسسەسىلەر تەرىپىدىن دەستەكلەنمەيدىكەن، ئۇ شەخسلەرنىڭ شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەقلىيلىشىش مۇساپىسىگە قاتنىشىشىنى رىغبەتلەندۈرمەيدىغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان جەمئىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسى شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەقلىيلىك جەريانىغا قانچىلىك ئاكتىپ قاتنىشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى شۇنچىلىك كۈچىيىدۇ. چۈنكى، بىر جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغىنى ھېسسىي ئامىللارلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەقلىي ئامىللاردۇر. ئەقلىيلىكتە شۇنداق بىر ئۇنىۋېرساللىق باركى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ھادىسىلەرنى ئويلاشتا ئەقىلنىڭ ئومۇمىي تەلەپلىرىگە بويسۇنۇشىدىن ئىبارەت ئۆلچەم ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پىكرىنىڭ مۇئەييەن ئورتاقلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  ئەگەر كوللېكتىپ ئەقلىيلىكنى ئۆزىنىڭ پىكىر قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىدىكەن، كۆپ خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشسىمۇ، ئاخىرىدا ئەقلىيلىك ئۇلارنىڭ پىكرىنى مەلۇم بىر ئورتاقلىققا يېتەكلەيدۇ. چۈنكى ئەقلىيلىكنىڭ ئاداققى نىشانى ئادەمنىڭ شارائىتىنى ھەممە ئادەم ئىدراكى بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشتۇر.
قاتناش قائىدىسىنى مىسال ئېلىش بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. قاتناش قائىدىسى ئالدىن بېكىتىلگەن ئەقلىي سىستېمىدۇر. ئۇنىڭ مەقسىتى قاتناشنى قېلىپلاشتۇرۇش،  راۋانلاشتۇرۇش، قاتناش ھادىسىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىشتۇر. ئۇ ماھىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىخەتەر ياشاشتىن ئىبارەت تۈپكى ئارزۇسىنى كوللېكتىپ ئىرادە شەكلىدە بىر ئەقلىي سىستېمىغا سېلىشنىڭ ھاسىلاتىدۇر. ھەرقانداق شەكىلدىكى قاتناش قائىدىسى، بىر ئەقلىي كۆرسەتمە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلغانكى، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم بوي سۇنۇشى كېرەك؛ شۇنداقلا، ھەر بىر ئادەممۇ شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇكى، ئۇ رىئايە قىلىۋاتقان قائىدىگە يەنە بىرىمۇ شۇ خىل يوسۇندا رىئايە قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئالدىنقى شەرتلەر بولمايدىكەن، قاتناش ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە قالايمىقانلىشىدۇ—چۈنكى، ئادەملەر قاتناش قائىدىسىنى بۇزۇپ، ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ھېچكىم ھېچكىمنىڭ قاتناش ھەرىكىتىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. نەتىجىدە، ھېچكىم ھېچكىمگە ئىشىنەلمەيدۇ. قاتناش قالايمىقانچىلىققا پاتىدۇ.  
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، قاتناش مەلۇم جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك ئەقلىيلىكىنى كۆزىتىشتىكى ئاددىي روجەكتۇر. ئىجتىمائىي ئەقلىيلىك تۆۋەنرەك جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي كۆرسەتمىلەر ئېنىق بولمايدۇ ۋە ھەتتا كۆپ ھاللاردا زىددىيەتلىك بولىدۇ. قانۇن تۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئىجراسى بولمايدۇ. شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتى كوللېكتىپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت، خۇددى قاتناش تەرتىپسىزلىكىگە ئوخشاش، ئۈنۈمسىز ئىش ئېلىپ بارىدۇ—ئۇنىڭدا ئادەم بايلىقى، ماددىي بايلىق ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇشى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتلەردە كۆپىنچە ھاللاردا ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلار كۆپ يۈز بېرىدۇ، پارىخورلۇق ئەۋج ئالىدۇ، ھۆكۈمەت ھوقۇقى قالايمىقان ئىشلىتىلىدۇ، ھاكىمىيەت تۇراقسىز بولىدۇ ۋە ھەتتا ئىچكى ئۇرۇش پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  
بۇ خىل ھالەتنى تېخىمۇ كەڭرى بوشلۇقلارغا تەدبىقلاشقىمۇ بولىدۇ.  سەميۇل خانتىڭتوننىڭ قارىشىچە، ئوخشاشمىغان كۇلتۇرلار بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇش خاھىشىنى ئۆزىدە ساقلىغان بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ يەردە توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى بولىۋاتقىنى كۇلتۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاقارتىش دەرىجىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتۇر. بىزگە ئايان بولۇپ كەلگەن ئىسلامىزم بىلەن غەرب، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن تەرەققىي قىلغان ئەللەر ۋە تېخىمۇ قەدىمىي بولغان شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش، پەرق ۋە توقۇنۇشنى ئاقارتىش ئىدىيىسىنىڭ ئۇلاردا قانچىلىك رېئاللاشقانلىقى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئاقارتىش ھەرىكىتى بىر قەدەر ئۈزۈل-كېسىل ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇنى ئېلىپ بارمىغان ياكى يۈزە ئېلىپ بارغان گۇرۇھ، ئەل ۋە مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي ئەقلىيلىشىش جەھەتتە چوڭقۇر پەرق بولىدۇ. باشقا نەرسە ئەمەس دەل مۇشۇ پەرقنىڭ كېڭىيىشى توقۇنۇشنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. بۇ يەردىكى ماھىيەتلىك پەرق دۇنيانى ئىدراك قىلىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەقلىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ئوخشىماسلىقلار ئوخشاشمىغان كوللېكتىپ زېھنىيەتلەرنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا بۇ پەرقلەر توپلىنىپ، شەخسىي ئەركىنلىك، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمدارلىق قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگۈسىز پەرق سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ پەرق ئاخىرى ئولار ئوتتۇرىسدىكى مەنىلىك دېئالوگنىڭ بولۇشىنى مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندۇرىدۇ.
ھازىرقى دۇنيادىكى تۈپكى توقۇنۇش نوقۇل ھالدىكى قوراللار ئوتتۇرىسىدىكى ياكى ئىدىيىلەر ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشتىن بولۇشتىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى ئاقارتىلغان جەمئىيەتلەر بىلەن يېرىم ياكى ئاقارتىلمىغان جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر. ئەلۋەتتە، تولۇق ئاقارتىلغان جەمئىيەتلەرنىڭ باشقا جەمئىيەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھالقىلىق كۈچى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى، ئارمىيىسى ۋە سەر خىل تېخنىكىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئوچۇق-يۇرۇق مائارىپى، ئوچۇق-يورۇق قانۇن سىستېمىسى ۋە ئوچۇق- يورۇق جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىدۇر. بۇ مائارىپ شۇنداق ئىدىيىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىدۇكى، ھەر بىر شەخستە نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىقتىدار بولىدۇ. مائارىپنىڭ مەقسىتى ئۇنى ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى بايقاشقا ۋە ئۇنى رېئاللاشتۇرۇشقا يېتەكلەشتۇر.  بۇنداق جەمئىيەتتىكى قانۇن بولسا ئۇنىڭ ئەقلىيلىشىش جەريانىنىڭ ئىزچىللىقىنى قوغدايدۇ. ئوچۇق-يورۇق جەمئىيەتلەر گەرچە ھەر ۋاقىت ئەزالىرى تەرىپىدىن سوئاللىنىش، ئىدراكلىنىش ۋە تەنقىدلىنىش سەۋەبلىك ئاجىز كۆرۈنگىنى بىلەن، دەل مانا مۇشۇ ئاجىزلىق، قارىمۇ قارشى نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاساسىدۇر. تەنقىدنى رىغبەتلەندۈرەلەيدىغان جەمئىيەتلا ئۆزىنىڭ كەمچىللىكىنى تۈزىتەلەشتەك جاسارەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاۋامنى ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشتىن قورقماسلىققا ئۈندەيدىغان جەمئىيەتلا تەنقىدتىن قورقمايدۇ. تەنقىد، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئەقلىيلىكنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىتىلغان تەنقىدلا، جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ. چۈنكى، تەنقىد، تېگى-تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خۇددى كانت ئېيتقاندەك، ئادەمنىڭ ئۆز ئەقلىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇ ئەقىلنىڭ ئىچكى زۆرۈرىيىتىدۇر.
            ئەلۋەتتە، ئەقىل ئارقىلىق ھەممە نەرسىنى تەنقىد چېكىگە يەتكەندە، ئۇ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ۋە ھەتتا ئىنقىلابنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. يەنى ئەقىل نامۇۋاپىق تۈزۈمنى بايقىغاندا، ئۇ ھەقتە ئويلانغاندا ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بەل باشلىغاندا، ئۇ توسۇۋالغۇسىز ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئەگەر مىليونلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياشاش شارائىتىنى سوئاللىغاندا، ئۇنى تەنقىدىي كۆزەتكەندە ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلگەندە، ئۇنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمايدۇ—ھەتتا ئۇ دۆلەت زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن بولسىمۇ. ئۇ بىر ئىنقىلاب شەكلىدە پارتلاپ چىقىدۇ. گەرچە تارىختىكى ئىنقىلابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبىنى بىرلا ئەقلىي نۇقتىغا يىغىش مۇمكىنسىز بولسىمۇ، گەرچە كىشىلەرنىڭ ئۇلار ئارقىلىق يەتمەكچى بولغىنىنىڭ بىرلا ئەقلىي نىشان بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ قوللىنىدىغان ۋاسىتىسىدە ئەقلىيلىك ئامىللىرى تۆۋەن بولسىمۇ، ئاۋامنىڭ ئىنقىلابلار ئارقىلىق ئاخىرىدا ئىشقا ئاشۇرماقچى  بولىدىغىنى  ئادەمنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ئادىل، پاراۋان  ۋە ئەقلىي جەمئىيەت قۇرۇشتۇر—ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىنقىلابلارنىڭ مېۋىسىنى بىر ئوچۇم كىشىلەرگە تارتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن بولسىمۇ.   
4

ئاۋسترىيىلىك روھئانالىزچى گۇستاڧ كارل يۇڭنىڭ قارىشىچە، «بىراۋ پەقەت يورۇقلۇقنىڭ شەكىللىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قاراڭقۇلۇقنى ئىدراكتا ئايان قىلىش ئارقىلىق ئاقارتىلىدۇ. كېيىنكى بۇ جەريانغا كۆپ كىشىلەر قوشۇلمايدۇ، شۇڭا ئۇ ئۇنچە ئالقىشقا ئېرىشمىگەن.» ئاقارتىشىنى ھەرقانداق شەكىلدە سۆزلەش، تەسەۋۋۇرلاش ياكى ئىپادە قىلىش ئەلۋەتتە، دىئالېكتىكىلىق مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاقارتىشنىڭ قارشى تەرىپىىدىكى ئامىللارنىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئەگەر ئاقارتىش يورۇقلۇققا تەققاس قىلىنسا، قارشى-ئاقارتىش قاراڭقۇلۇققا—ياكى قاراڭغۇلۇقتىكى ئۇيقۇلۇق ھالەتكە تەققاسلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئاقارتقۇچىسى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياخشى نەمۇنىدۇر.
جەدىدىزم ھەرىكتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئويغان» دېگەن شېئىرىدا ئاچچىق پىغان بىلەن، «ئەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئۇيقۇڭ يېتەر، سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر» دەپ نالە كۆتۈرىدۇ. ئەنە ئاشۇ دەملار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئاقارتىش ھەققىدىكى ئويلىنىش كانتتەك بىرەر بۈيۈك پەيلاسوپنىڭ يېتەكلىشى ياكى غەربنىڭكىدەك ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە  ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدەك ھەرىكەتلەرنى ئۆزىگە ئاساس قىلىش بىلەن باشلانمىغان. ئۇ دۇنيادىن ئۇنتۇلغان تۈركىستاننىڭ دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن ئاستانىسى بولمىش تۇرپاننىڭ يۈرىكىدە ياشاۋاتقان ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر شائىر تەرىپىدىن يۇقىرىقىدەك بېزەكسىز، رېتورىك ۋە ئەلەملىك چۇقان بىلەن شېئىرىي تىلدا باشلانغان. 
            ئابدۇخالىقچە ئاقارتىش مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى كۈچلۈك ئىزتىراپنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنى ئۇ ئونتولوگىيىلىك ئىزتىراپنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ ئىزتىراپ دۇئالىستىك توقۇنۇشتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ—قاراڭغۇلۇق (غاپىللىق\ئۇيقۇ) ۋە يورۇقلۇق (ئويغىنىش\قۇتۇلۇش).  ئۇيقۇ نادانلىققا، ئويغىنىش ئاقارتىلىشقا تەققاسلىنىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيقۇ بىر تەرەپتىن بىغۇبارلىقنى،گۇناھسىزھلىقنى ۋە ئارامبەخشلىكنى سىمۋوللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن  مىستىكىلىق ۋە ئۆلۈمگە ئوخشاپ كېتىدىغان—ئۆلۈمگە يېقىن—ھالەتنى كۆرسىتىدۇ . كۇلتۇرال نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيقۇ ھورۇنلۇقنىڭ، سەگەكسىزلىكنىڭ ۋە روھنىڭ ئۆچۈشىنىڭ ياكى خىرەلىشىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقىنى قاراڭغۇدا ئېغىر ئۇيقۇدا  ئۇخلىغۇچىنىڭ روھىنىڭ ئاستا-ئاستا خىرەلىشى بىلەن ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن تەدرىجىي ئايرىلىپ، ئۆلۈمگە يېقىنلىشىشىدۇر. ئۇنىڭدا ئۇخلىغۇچى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ۋە تېخىمۇ يامىنى ئۆزىگە دۈشمىنى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئۆلۈم خەۋپىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىزتىراپلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئارامبەخشلىككە تولغان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ئۇنى  بىسەرەمجان قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئويغىنىشنى خالىمايدۇ. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئويغانماسلىقى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا--«ئۆلۈمگە»--ئايلىنىدۇ.
            ئابدۇخالىقچە ئاقارتىشتا «ئۇيقۇ» ئۇقۇمى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ رېئاللىقى ھەققىدىكى بىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرۈلىدۇ. ئۇيقۇدا ئادەم دىققىتىنى ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ئاز-تولا لوگىكىلىق تەرتىپتە بىر-بىرىگە باغلانغان ھېسلار، ئويلار ۋە قايتا قۇراشتۇرۇلغان ئوبرازلارغا بېرىدۇ. چۈش كۆرۈش ئۇيقۇلۇق ھالەتنىڭ مۇھىم باسقۇچىدۇر. ئادەم چۈش قوينىغا شۇڭغۇغاندا، ئۆزىنىڭ ئاڭسىزلىقى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىققان تەسىراتلارنى تاشقى رېئاللىقنىڭ تەسىراتلىرىدەك كۆرىدۇ. چۈشنىڭ ئادەمنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان شۇنداقلا ئەڭ قايمۇقتۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئۆزلۈك تۈرلۈك نىقابلاردا ۋە شەكىللەردە ئۇخلىغۇچىنىڭ ئېڭىدا ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىن مۇستەسنا ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭدا چۈش كۆرگۈچى بىلەن چۈش كۆرۈلگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يوقايدۇ. ئادەم ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىلا، ئۆزىنىڭ ئاڭسىز تەسىراتلىرى بىلەن رېئال تەسىراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قايتىدىن ھېس قىلىدۇ.
            ئۇيقۇدىن ئويغىنىش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈچۈن، بىخۇتلۇقتىن قۇتۇلۇش شەكلىدۇر. ئادەم ئويغاندا، قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلىدۇ. ئويغىنىش يورۇقلۇققا يۈزلىنىشتۇر. ئۆزىگە قارىتا ئاكتىپ ئاڭغا قايتا ئېرىشىشتۇر. يورۇقلۇقتا، ئادەم ئۆزىنىڭ كىم ۋە نەدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. قاراڭقۇلۇقتا بولسا، ئادەم بۇلارنى پەرق قىلالمايدۇ.  
            ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شارائىتىنىڭ يەنە مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى زاماننىڭ قاراڭقۇلۇقىدۇر. شائىرنىڭ ئويغانغىنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭقۇلۇقتۇر. بۇ ھەقتە شائىر مۇنداق يازىدۇ: «كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار». شائىر ھەممە يەر گۆردەك قاراڭقۇلۇققا پاتقان زېمىندا يۇرۇقلۇق تاپالمايدۇ. ئەمما يانىدۇ—يۇرۇقلۇق تارقىتىدۇ. دېمەك، ئۇيقۇدىن بالدۇر ئويغانغان شائىر غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارنىڭ ئارىسىدا نۇردا ئەمەس، بەلكى ئۇيقۇسىدىكى قاراڭقۇلۇقتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان يەنە بىر قاراڭقۇلۇقتا ئويغىنىدۇ. ئۇنىڭ ئويغىنىشى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا ئويغىنىش بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇنۇ ھەقىقىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ—زامان يورۇق بولمايدىكەن، ئادەمنىڭ ئويغىنىشى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا يۈزلىنەلمەيدۇ؛ ئادەم قاراڭقۇلۇقتا ئويغىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئويغىنىشى ھەقىقىي ئويغىنىش بولمايدۇ. ئادەم ھەقىقىي ئويغىنىشى ئۈچۈن، زامان يورۇق بولۇشى كېرەك؛ زاماننى يورۇق قىلىش ئۈچۈن، ئادەم ھەقىقىي ئويغىنىشى ۋە باشقىلارنىمۇ، خۇددى ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك، ئويغىتىشى كېرەك.
            تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك، ئاقارتىش، تەسۋىرىي نۇقتىدىن ئالغاندا، قاراڭغۇلۇق (ئۇيقۇ) بىلەن يورۇقلۇق (ئويغىنىش) ئوتتۇرىسىدىكى دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇيقۇسىز ئويغىنىشنى ۋە ئويغىنىشسىز ئۇيقۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، قاراڭقۇلۇقسىز يورۇقلۇقنى ۋە يورۇقلۇقسىز قاراڭغۇلۇقنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر يورۇقلۇق ئۆز-ئۆزىدىن مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى ئۆزىنى قاپلاپ تۇرغان ياكى ئۆزىدە بار بولغان قاراڭغۇلۇق ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاقارتىش ئۆزىدە ئۆزىگە قارشى ئامىللارنى ساقلىغان بولىدۇ: ئەنئەنىنىڭ كۈچى، سىياسىي نوپۇز، ئاۋامنىڭ پىكرى، خۇراپىيلىق ۋە مۇستەبىتلىك. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش شۇنى ئىشارىلەيدۇكى، ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئۆزلۈكىگە چۆكۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشنى، ئۆزىگە سادىق بولۇشنى، ئۆزى ئۈچۈن پەقەت ئۆزىلا قارار بېرىشنى ۋە كەلگۈسىنى ئۆزى مۇستەقىل ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاقارتىش ساپ نەزەرىيە ئەمەس، كونسېرۋاتىپ ياكى لىبېرال ئىدىيىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن بايقاش، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش جەريانىدۇر. شۇنداق، ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ئاتالغان ئاخىرلاشماس مۇساپىدۇر.
            ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئەقلىنى ئەركىن ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپلا قالماستىن، ئۇنى يەنە ئۆزىگە قايتىشقا—ئۆزىگە سادىق بولۇشقا چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى ۋارىيانتى شۇكى، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشى يولىدا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىقىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىك، قورقۇنچ، قايمۇقۇش ۋە ئېزىقىشتەك ھالەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىدراكىغا ئېلىپ كېلىشنى، ئۇلارنى تۇيۇشنى ۋە ئۇلاردىن ھالقىشنى كۆزلەيدىغان ئۆزلۈك مەرىپەتچىلىك پائالىيىتىدۇر. شۇڭا، ئاقارتىش ئالدى بىلەن ئادەمدىن باشلىنىدۇ—ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاڭقىرىشىدىن باشلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئادەمدە ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدا قەدىمكى گرېكلەرنىڭ 2500 يىل ئىلگىرى دېلڧېدە ئويۇپ قالدۇرغان مۇنۇ ھەقىقىتىنىڭ ئەكس ساداسى ھېلىھەم بار: «ئۆزۈڭنى تونۇ.»
            ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئۆزىگە قايتا ئويغىنىش  جەريانىدۇر. ئۇ ياكى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ياكى قاراڭغۇلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا ئويغىنىش بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قايسى شەكىلدىكى ئويغىنىش بولسۇن، ئاقارتىش ئادەمنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ—ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا قايتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ھەرۋاقىت قېچىپ تۇرىدىغان تىرەن--ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ مەركىزىدىكى--ئۆزلۈكىگە قايتۇرىدۇ. بۇ ئۆزلۈكنى قاراڭغۇلۇقتا ئۆزىگە نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، قاراڭغۇلۇقتا ئادەمنىڭ ئۆزلۈكى ئۇنىڭ ئېڭىدا تېخىمۇ رۇشەن ئايان بولىدۇ.
5
            ئاقارتىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ۋە چۈشىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدىكى  ئۈلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئاقارتىشنىڭ تۈپكى مەنىسى ھەر بىر ئىنساننى ھەقىقىي ئىنسان قىلىدىغان بارلىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئامىللارنى پەرۋىشلەشتۇر—ئەقىل، ئەركىنلىك، ياخشىلىق، ۋىجدان ۋە ئادالەت. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرسى كەم بولىدىكەن، ئىنساننىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمايدۇ—ئۇ تولۇق ئىنسانىيلىق بىلەن ئاقارتىلمىغان بولىدۇ.
بىز زۇلۇم، مۇستەملىكە، ئىمپېرىيالىزم، سىياسىي رېكلامنىڭ تەسىرى، ئۆرپ-ئادەتنىڭ كۈچى، ساختا ۋە خەتەرلىك دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان ئەمما ئۆزىنىڭ ياشاش شارائىتىنى سوئاللىمايدىغان مىليونلىغان كىشىلەر بىلەن بىللە ياشاۋاتىمىز. مەسىلە شۇكى، ئۇلار ئەركسىزلا ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا ئۆزىنىڭ شارائىتىنى سوئاللىغۇدەك جاسارەت يوق. ئۇلار جاسارەتلىنىشكە موھتاجدۇر. بۇ جاسارەت بىر مەيدان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى ۋە ھەتتا ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى سوئاللاشقا جۈرئەت قىلىشىدۇر—ئۆزىنى سوراقلاشقا جۈرئەت قىلىشىدۇر. ئۆزىنىڭ بىلىشلىرى، قاراشلىرى ۋە ئېتىقادىنى سوراقلاشقا جۈرئەت قىلىشىدۇر. بۇ مەنىدىن، ئۇلار ئۆزىنى يېتەكلەپ، يېپيېڭى دۇنيانى ئۇلارغا ۋەدە قىلىدىغان ئىدىيىنى، نوپۇزنى ۋە ئىدىئولوگىيىنى سوراقلىيالىشى كېرەك. ئۇلار يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ مەنبەسى دەپ قاراشقا يېتەكلەيدىغانلارنى سوراقلىيالىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۈگۈنىنى ۋە ئەتىسىنى سوراقلىيالىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنچە مەپتۇن قىلغان بارلىق ئۈمىدۋارلىقلارنى سوراقلىيالىغاندەك، ئۆزلىرىنى چۈشكۈنلۈككە غەرق قىلىدىغان بارلىق ئىدىيىلەرنى، كەچمىشلەرنى، تەجرىبىلەرنى ۋە نوپۇزلارنى سوراقلىيالىشى كېرەك. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ ۋاقىتقىچە بۇلارنى سوراقلىيالمىغانلىقىنى سوراقلىيالىشى كېرەك! بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۆزىنى سوراقلىيالمىغان ئادەم دۇنيانى سوراقلىيالمايدۇ. ئۆزىنى تەنقىدلىيەلمەيدىغان ئادەم دۇنيانى تەنقىدلىيەلمەيدۇ. ئۆزىدىكى قورقۇنچنى يېڭەلمىگەن ئادەم دۇنياغا دادىل يۈزلىنەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى سوراقلىيالمايدىغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىدىيىسىنى سوراقلىيالمايدۇ.
            شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقارتىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئادىللىق، ياخشىلىق ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشىنى بىر نەزەرىيىۋى رامكا بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى ئۇ بىر رامكىكى، رامكىنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇن ئەمەس. ئۇ ئىنساننى ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا باب كېلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشقا ھەر ۋاقىت ئۈندەپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىنساننى ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ رېئاللىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئامىللاردىن ھالقىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. رادىكال مەنىدىن، ئۇ ئىنساننى ئۆزىدىن ياتلاشتۇرىدىغان بارلىق قاماللاردىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. بۇ رامكا ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنى قايتا-قايتا تەبىرلەيدۇ، دۇنياسىنى كېڭەيتىدۇ، ئۆز-ئۆزىدىن توختاۋسىز ھالقىيدۇ—ئۇنىڭدا ھەم ئىزچىللىق ھەم يۈكسىلىش بار. ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ چەكلىمىلىكلىرىگە بولغان ھەم چوڭقۇر چۈشىنىش  ھەم ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە بولغان ئىشەنج بار. بۇ نۇقتىدىن، ئاقارتىش ئىنسانپەرۋەرلىككە تەۋە كاتېگورىيىدۇر.
            ئەلۋەتتە، ئاقارتىش ھەرىكىتى چەكلىمىسىز بىر جەريان ئەمەس. ئۇنىڭ چەكلىمىسى دەل ئۇ تەرغىب قىلىدىغان ئەقىلنىڭ چەكلىمىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. كانتقا كەلگەندە، بۇ چەكلىمە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ئانالىز قىلىنىدۇ. ئۇ ئەقىلگە تەنقىد ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چەكلىمىسىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئادەم ۋاقىت ۋە زاماندىن ھالقىغان مەۋجۇدىيەتنى (خۇدانى) بىلىشكە قادىر ئەمەس. شۇڭا، ھەقتە ئويلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، دىققىتىنى ئەقىلنىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان دائىرىگە تىكىشى كېرەك. ئەمما ئۇ ئەقىلنىڭ ئەمەلىي ھاياتتا قوللىنىلىشىنىڭ ئىنساننىڭ ئاقارتىلىشىدىكى غايەت زور رولىنى تەكىتلەيدۇ.
            ئاقارتىش ھەرىكىتى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئەقىلنىڭ قۇدرىتىنى تەكىتلىگەندە، ئۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ يوقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىشىشىنى تەرغىب قىلىشتەك خەتەرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئەقىلدىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا قوغلىشىش ئادەملەرنىڭ ئوخشاش تەپەككۈر قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدا ئادەملەردىن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئوخشاش نەرسىنى تەپەككۈر قىلىش كۈتىلىدۇ. ئادەملەر ئاخىرى ئۆزىنى يۇقىرى دەرىجىدە سىستېمىلاشتۇرۇلغان، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئەقلىيلەشتۈرۈلگەن دائىرىنىڭ ئىچىدە كۆرىدۇ. بۇنداق سىستېما ئەركىن پىكىر قىلىشنى ۋە ئىجادكارلىقنى رەت قىلىدۇ. ئۇ زامان، ئادەم بۇنداق سىستېمىنىڭ بىر ۋېنتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكىنى ئۇنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى ئارقىلىق ئورنىتىشنى كۆزلەيدىغان ئاقارتىش ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقىتىدۇ.
يەنە بىرى، ئەقىلنى زىيادە تەكىتلەش ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى تۈپكى ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى بولغان ھېسسىيات ئامىللىرىنىڭ چەتكە قېقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقارتىشنىڭ چەكلىمىسى شۇكى، ئۇ ئەقىلنى زىيادە تەكىتلەش ئارقىلىق  ھېسسىياتنى يوققا چىقىرىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلماسلىقى كېرەك. بولمىغىنىدا، ئادەم پىكىر قىلالايدىغان، ھېسسىياتسىز ماشىنا سۈپىتىدە قارىلىدۇ. ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئەقىل جەھەتتىكى يۈكسىلىشىنى قانچىلىك تەرغىب قىلغىنىدەك، ھېسسىيات جەھەتتە پىشىپ يېتىلىشىنىمۇ شۇنچىلىك تەرغىب قىلىدۇ. چۈنكى، ئاددىي ئېيتقاندا، ئاقارتىشنىڭ رېئاللىقىدا، ئادەم ئەقىلگە ئىگە ھېسسىياتلىق جانلىقتۇر.
            ئاقارتىش يەنە شۇنىڭغىمۇ ئاداققى نۇقتىدا دىققەت قىلىدۇكى، ئەقلىي جەھەتتىن مۇكەممەللىشىش ئىنسانىيلىقنىڭ تولۇق ۋە ئاخىرقى نىشانى ئەمەس. چۈنكى، ئەگەر شۇنداق بولغىنىدا، كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىغا بارغانسېرى سىڭىپ كىرىۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان سۈنئىي ئەقىل ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بوپ قالىدۇ. ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، سۈنئىي ئەقىل ئالدىمىزدىكى 20-30 يىلدا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن كۆپ ھالقىپ كېتىدۇ . ھەتتا ئۇ ئىنسانلاردەك خاتالىقىدىن ساۋاق ئالالايدىغان قابىلىيەتكە، ھېسسىي تۇيغۇغا، تاشقى دۇنياغا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ۋە پىسخىك كەيپىياتلارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىت ئىنسان بىلەن سۈنئىي ئەقىل ئوتتۇرىسدىكى ماھىيەتلىك پەرق يوقايدۇ. ئەمما ئۇلار ئوتتۇرىسدىكى ئىقتىدار جەھەتتىكى پەرق تېخىمۇ زورىيىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانلار سۈنئىي ئەقىلنىڭ باشقۇرۇشىغا چۈشۈپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇ ئىنسانلارنى يېڭىۋاشتىن، سىستېمىلىق، كەڭ كۆلەملىك ۋە مەڭگۈلۈك باشقۇرۇشنى كۆزلەيدىغانلارنىڭ قولىدىكى كوزېرغا ئايلىنامدۇ؟ ئۇ زامان، ئاقارتىشنىڭ نىشانى نېمە بولىدۇ؟
            ئىنساننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان ۋە جەۋھەرلەنگەن سۈنئىي ئەقىل دەۋرى ئېنىقكى ئىنسانىيەت ئۇچرىشى مۇمكىن بولغان ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ تىرەن خىرىسقا تولغان دەۋردۇر. ئۇنىڭدا، مەسخىرىلىك يوسۇندا، ئاقارتىش ئارتقۇرماقچى بولغان ئەقىلنى ئىشلىتىشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماكسىماللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كلاسسىك ئىدىيە ئىنسانلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا يات بولغان سۈنئىي ئەقىللىق پروگراممىلار ۋە ماشىنىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇندىمۇ، شۇنىسى ئەستىن چىقماسلىقى كېرەككى، ئىنسانىيەت  ئۆزىدە قەدىمدىن بولۇپ كەلگەن مۇنۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىدۇ—ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تونۇش ئاتا قىلىدىغان تۈپكى قوزغىلىش كۈچى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا تولغان ئىجادكارلىق بىلەن قايتا-قايتا قۇرۇپ چىقىشتەك قۇدرەتكە ئىگىدۇر. ئادەم ئۆزىنىڭ تۈپكى ياشاش ئىرادىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئادالەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا بولغان توسۇۋالغۇسىز ئىنتىلىش، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماسلىقتەك روھ ۋە ئومۇمنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەشتەك ئالىيجانابلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىكى ماھىيەتلىك ئىنسانىي ئامىللارنى بارغانسېرى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەملەر ھوقۇقتا باراۋەر بولغان، ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئادىل تەقسىملىنىدىغان ۋە مۇستەبىتلىك يوقىلىدىغان دۇنيانى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ. مانا بۇ ئاقارتىشنىڭ ھەم تۈنۈگۈنكى ھەم بۈگۈنكى ھەم ئەتىكى ھەم ئۇنىڭدىن ھالقىغان نىشانىدۇر.
            بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل يەنىلا ئاقارتىشنىڭ بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ئىكەنلىكىدۇر—سۈنئىي ئەقىل ئادەمنىڭ ئىنسانىيلىقىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن  خىزمەت قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئادەم ئۇنىڭ غەيرىي ئىنسانىيلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئاقارتىشنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىنسانىيلىقنىڭ ئادەمدىكى ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ قابىلىيەت ئارقىلىق يۈكسىلىشىكى، ھەرگىزمۇ ئەقىلنىڭ ئىسانىيلىق ئارقىلىق يۈكسىلىشى ئەمەس. ئادەم ئۆز-ئۆزىگە مەقسەتكى، ھەرگىزمۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلانمايدۇ. بۇ ئاخىرىدا شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاقارتىش ئەقىلنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيلىقنىڭ تەنتەنىسىدۇر.


Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز