Posts

Showing posts from 2019

پەلسەپە ۋە مەن

Image

ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش

ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ، ئەنقەرەدىكى مەشھۇر Wonderland دېگەن ئويۇنخانىغا باردىم. ئۇنىڭدىكى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، قىزىقارلىقى بىزنى قەۋەتلا مەھلىيا قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك زوق -شوق بىلەن ئوينىدۇق. مەنمۇ خۇددى كىچىك بالىدەكلا بۇ ئويۇنلارغا كىرىشىپ ئويناپ كەتتىم .  بىز ئويۇننىڭ ئاخىرىدا تەقلىدىي ئۇرۇش قىلىدىغان Laser Tag دېگەن ئويۇننى ئوينىدۇق. بۇ ئويۇن ئادەتتە ئويۇنچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر-بىرى بىلەن كومپۇتېر بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەۋھۇم دۇنيادا لازېر نۇرىلىق قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيتتى .  ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە، مەن بالىلىرىم ۋە يەنە باشقا ئىككى چەتئەللىك بىلەن بىر گۇرۇپپىغا، يەرلىك ياشلاردىن بەشەيلەن يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق. دەسلىپىدە ئويۇننىڭ قائىدىسى، لازېر مىلتىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، يارىلانغاندا جىددىي داۋالىنىش ۋە ئوق -دورا قاچىلاش قاتارلىقلار ھەققىدە ساۋات خاراكتېرلىق بىلىمگە ئىگە بولدۇق. ئاخىرىدا چۈشەندۈرگۈچى سۆزلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:    --بۇ ئۇرۇش ھەقىقىي ئۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. كۆز

ياقا يۇرتتا ئۆلۈش

ياقا يۇرتتا ئۆلۈش نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ شۋېتسىيەدىكى قەۋرىسىنى زىيارەت قىلدىم. بۇ بىر قەھرىتان قىش كۈنى ئىدى. ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈپ قەۋرە بېشىغا بارغۇچە، ئىچ-ئىچىمدىن مۇزلاپ كەتتىم. قارنىڭ ئاستىدا جىممىدە بوپ قالغان ساناقسىز قەۋرىلەردىن ئۆتكۈچە، ئۆلۈم بىلەن نەقەدەر يېقىن ياشايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەن ئالدىم. ھەتتا بۇ دۇنيا كۆزۈمگە  چوڭ بىر قەۋرىستانلىقتەك، ئۇنىڭدا بىز ھاياتلىقىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، توختىماستىن پالاقشىپ يۈرۈيدىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. خۇددى ھەممىمىز ئاللىبۇرۇن قېزىلغان قەۋرىمىزدىن چىقىپ، يەر يۈزىدە بىر ھازا تىركىشىپ، يەنە قايتىدىن ئۇنىڭغا كىرىپ كېتىدىغاندەك...                ئەتراپىمدىكى قەۋرىلەرگە قىزىقسىنىپ نەزەر سالدىم. ھەر بىر قەۋرىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر ئامالسىزلىق ۋە غېرىپلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بەزى قەۋرىلەر ئۇ قەدەر دەبدەبىدىلىك بېزەلگەنكى، ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ھەشەمەتلەردىن يەنىلا بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ، ئۇلار دەل مۇشۇ غېرىۋانىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي شۇنداق بېزەلگە

سىياسەت پەلسەپىسى نۇقتىسدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز

Image

A Brief Analysis of the Current Political Situation of the Uyghurs from a Political Philosophy Perspective

Image

تىلنىڭ چېكى

تىلنىڭ چېكى ئوسۋېنچىندىن كېيىن، شېئىر يېزىش ياۋايىلىقتۇر. --ئادورنو تىل ئىنسانلار ياراتقان بىردىنبىر چەكسىزلىكتۇر. ئۇنىڭ چەكسىزلىكى بۇ چەكسىز ئالەمگە تەققاسلىنىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئەرزىمەس ھېسلىرىدىن تارتىپ ئەڭ بۈيۈك غايىلىرىگىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ بىمەنە غەلدى-غەشلىرىدىن تارتىپ ئەڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىرىغىچە ھەممىنى پۈتمەس-تۈگىمەس مۇمكىنچىلىكتە ئىپادىلىيەلەيدۇ. تىل، بۇ مەنىدىن، ئىنساننى چەكسىزلىكتە تەبىرلىيەلەيدۇ. ئۇنى چەكسىزلىككە ئاچالايدۇ.   ئەمما، بىر قەتلىئامدىن كېيىن ئۇ چەكسىزلىكىدىن قالىدۇ. ئادورنو ئۈچۈن،شېئىر ئوسۋېنچىندىن بۇرۇن مەدەنىيلىك بولسا، ئوسۋېنچىندىكى ناتزى قەتلىئامىدىن كېيىن   ياۋايىلىققا ئۆزگىرىدۇ. مەن ئۈچۈن، تىل ئۇيغۇر قەتلىئامىدىن ئىلگىرى چەكسىزلىك بولسا، بۇ قەتلىئامدىن كېيىن چەكلىكلىككە ئۆزگىرىدۇ. ئادورنو ئۈچۈن، شېئىر يېزىش ئوسۋېنچىندىن كېيىن شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايىلىقكى، ئۇنىڭدا سۆزلىگۈسىز بىر ۋەھشىيلىكنى بىلىپ-بىلمەي گۈزەللەشتۈرۈپ قويۇش قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ھەتتا ئۇ مەھرۇمىيەت مىنۇتلىرىدا، يوقىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ئىنسان ئۈچۈن بىر تەسەللى بولالىسىمۇ. ش

مىللەتنىڭ روھى نەدە؟

مىللەتنىڭ روھى نەدە؟ پەقەت كۈچلۈك كىشىلەرلا ئازابىنى پەقەت ئۇنىڭ ئەڭ زۆرۈر قىسمىنىلا تارتىيالاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. --ئېمىل دورىئان 1940-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى ئەنگىلىيە تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر كۈندۇر. بۇ كۈنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ياۋروپادىكى تاجاۋۇزچىلىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان، ياۋروپالىقلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان ۋە ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈنى ئۆزىنىڭ پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىن بارغانسېرى بېسىم قىلىنىپ، ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە زورلىنىۋاتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋېنستېن چېرچىل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «بىز ساھىللاردا ئۇرۇش قىلىمىز» تېمىسىدىكى مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلەپ، ئەنگىلىيە خەلقىگە مۇنداق مەردانە خىتاپ قىلىدۇ: ھەتتا ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمى ھەمدە نۇرغۇن كونا ۋە مەشھۇر يېڭى دۆلەتلەر گېستاپو ۋە ناتسىست ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن ۋە چۈشىدىغان بولسىمۇ، بىز ئاق بايراق چىقارمايمىز ياكى يېڭىلمەيمىز. بىز ئاخىرى