ياقا يۇرتتا ئۆلۈش




ياقا يۇرتتا ئۆلۈش


نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ شۋېتسىيەدىكى قەۋرىسىنى زىيارەت قىلدىم. بۇ بىر قەھرىتان قىش كۈنى ئىدى. ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈپ قەۋرە بېشىغا بارغۇچە، ئىچ-ئىچىمدىن مۇزلاپ كەتتىم. قارنىڭ ئاستىدا جىممىدە بوپ قالغان ساناقسىز قەۋرىلەردىن ئۆتكۈچە، ئۆلۈم بىلەن نەقەدەر يېقىن ياشايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەن ئالدىم. ھەتتا بۇ دۇنيا كۆزۈمگە  چوڭ بىر قەۋرىستانلىقتەك، ئۇنىڭدا بىز ھاياتلىقىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، توختىماستىن پالاقشىپ يۈرۈيدىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. خۇددى ھەممىمىز ئاللىبۇرۇن قېزىلغان قەۋرىمىزدىن چىقىپ، يەر يۈزىدە بىر ھازا تىركىشىپ، يەنە قايتىدىن ئۇنىڭغا كىرىپ كېتىدىغاندەك...  
            ئەتراپىمدىكى قەۋرىلەرگە قىزىقسىنىپ نەزەر سالدىم. ھەر بىر قەۋرىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر ئامالسىزلىق ۋە غېرىپلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بەزى قەۋرىلەر ئۇ قەدەر دەبدەبىدىلىك بېزەلگەنكى، ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ھەشەمەتلەردىن يەنىلا بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ، ئۇلار دەل مۇشۇ غېرىۋانىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي شۇنداق بېزەلگەندەكمۇ قىلاتتى. ئەمما، بۇ بېزەكلەر بۇ قەۋرىلەرنىڭ ئىچ-ئىچىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان يالغۇزسىراشنى يوشۇرۇش تۈگۈل، ئۇنى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق شەكىلدە ئاشكارا قىلاتتى. بۇ ھەيۋەت قەۋرىلەردىن چىقىپ تۇرىدىغىنى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىكى ئادەمنىڭ ھايات ۋاقتىدا كىم ئىكەنلىكىدىن كۆرە، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن ئۆلۈمنىڭ قۇدرىتىنىڭ قانداقلىقى ئىدى. ھەر بىر قەۋرە ئالەمدىن ئۆتكەن بىر ھاياتلىقنى خاتىرىلەشلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۇ ھاياتنىڭ قارشىسىدىكى ئۆلۈمنىڭ خاتىرىلىنىشى ئىدى. ئۇ ئادەمنى قوينىغا يۇتقان يوقلۇقنىڭ نامايىشى ئىدى.
            كۈرەش كۈسەننىڭ قەۋرىسى ئىچىگىرەك جايلاشقاچقا، ئۇزاق يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ قەۋرىسى ئالدىدا توختىدىم. بۇ ئاددىي ئەمما چىرايلىق بېزەلگەن قەۋرە ئىدى. مۇھىمى، ئۇ ۋەتىنىگە قايتالمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ—يەنى كېيىنكى ھاياتىنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىدە دېگۈدەك ۋەتىنىگە تەلپۈنگەن، ئۇنىڭغا قايتىشقا غايىۋانە تەييارلىقتا تۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ—قەۋرىسى ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» دېيەلىگەن ۋە ئىسمى كۈرەش بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ ئىزناسى ئىدى

            توساتتىن ئۇنى ئېلىپ كەتكەن ئۇ دۇنيا كۆز ئالدىمدا تاشلىنىپ تۇرۇۋاتقاندەك بىلىندى. خۇددى ئۇ دۇنيا بىلەن بۇ دۇنيا ئوتتۇرىسىدا پەرق يوقتەكلا بىلىنىپ كەتتى. بىرىمىز يەر ئۈستىدە ، يەنە بىرىمىز يەر ئاستىدا ئىدۇق. ئارىلىقىمىز بىر مېتىرمۇ كەلمەيتتى. ئۇ قەدەر يېقىن ئىدۇقكى، بىزنى پەقەت نېپىز بىر قەۋەت تۇپراقلا ئايرىپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىدى. بۇ تۇپراق مۇسۇلمانغىمۇ، خرىستيانغىمۇ، يەھۇدىيغىمۇ ئوخشاش تۇپراق ئىدى. بۇ تۇپراق، مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھى، مەيلى خرىستىيانلارنىڭ خۇداسى ۋە مەيلى يەھۇدىيلارنىڭ يەھۋاسى ئىرادە قىلغاندەك، بىز كەلگەن ۋە بىز قايتىدىغان ئاشۇ تۇپراق ئىدى.

كۆز ئالدىمدىكى بۇ قەۋرىدىكى كۈرەش كۈسەننىڭ روھى ھەق دەرگاھىغا يەتكەنىدى، ئەمما مېنىڭكى بولسا بۇ ئېزىتقۇ دۇنيانى ھېلىھەم دەرۋىشلەرچە كېزىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ كۆزى ۋەتىنىنىڭ ئاسمىنىدا كۆك بايراقنىڭ لەپىلدىگىنىنى كۆرەلمەي ئارماندا ئوچۇق كەتكەنىدى. مېنىڭ بولسا كۆزۈم ئوچۇق تۇرۇقلۇق ۋەتىنىمنى كۆرەلمەي ئارماندا ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدى نەدە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىشىگە ھېچقانداق ئېھتىياج قالمىغانىدى. ئەمما مەن يېقىننىڭياقى تۇرۇپ-تۇرۇپ نەدە ۋە قانداق ئۆلىدىغانلىقىمنى قىياس قىلىدىغان بوپ قېلىۋاتاتتىم

كۆڭلۈمنى ئەڭ غەش قىلغىنى ئۇنىڭ روھىنىڭلا ئەمەس بەلكى تېنىنىڭمۇ سۈرگۈنلۈكى ئىدى. ئۇ ئۆزى تۇغۇلغان، ئۆزى ياشىغان، ئۆزى كۈرەش قىلغان ۋە جان بەرگەن ئاشۇ تۇپراققا قايتالمىدى. ئۇنىڭدا ياتالمىدى. بۇ ئۇنىڭ دۈشمىنىنىڭ ئۇنى جازالىشى ئىدى. بۇ ئۇنىڭ تېنىنى ئۇ قايتا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقىدىن ئەبەدى ئايرىۋېتىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ۋەتەن—پەقەت بۇ ۋەتەنلا—ئۇ پەخر بىلەن يۈرەلەيدىغان ۋە خاتىرجەم ئۆلەلەيدىغان تۇپراق ئىدى.
ياكى ئۇ قارىماققا بىر قىسمەت ئىدى—بەندىچىلىكنىڭ قىسمىتى ئىدى. بۇ نەدە تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدىغان بەندىنىڭ نەدە ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەسلىكى ئىدى. شۇندىمۇ،ئۇ بۇنى بىلەلىسۇن-بىلەلمىسۇن، ئۇنىڭ تېنى ھەرقانداق تۇپراققا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاپىرىدە بولغان ئاشۇ تۇپراققا—تەكلىماكاننىڭ چوغدەك تەپتىدىن تىۋىغا كېلىپ، يېلىنجاپ تۇرىدىغان ئاشۇ تۇپراققا—قايتىشنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك تارتىشاتتى.
ئۇيغۇر ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى مۇساپىرلىق ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس؛قورقۇنچلۇقى، ياقا يۇرتلاردا جەسىدى قېلىشتۇر. بۇ ئۆلگەندىن كېيىنكى مۇساپىرلىقتۇر—ئۆلگەندىن كېيىن ياقا يۇرتلاردا قالىدىغان تەننىڭ مەڭگۈلۈك سەرسانلىقىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىنىڭ تېگىدە جەسەت ياقا يۇرتلاردا قالسا، روھ نام-نىشانسىزلىشىدۇ، دەيدىغان  ئەنسىرەش بار. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقداشلىرىنىڭ ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىنكى روھىي پەرۋىشىدىن مەھرۇم قېلىشتۇر. بۇ مەھرۇم قېلىش شۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇنچلۇقكى، ئۇنىڭدا ئۆلگەن تەن تۇپراقداشلارنىڭ روھىي پەرۋىشىدە بولمىسا، چىدىغۇسىز بېگانلىققا دۇچار بولىدۇ.
يەنە بىر مەنىدىن، ۋەتەن ئۇلار تۇغۇلىدىغانلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆلىدىغان دائىرىدۇر. بۇ دائىرىدىن ھەر ۋاقىت چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ياكى ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش دائىرىسىزلىكنى—مەنسۇبىيەتسىزلىكنى—بىلدۈرىدۇ. ئۇ يوقلاشسىزلىقنى بىلدۈرىدۇ—ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى يوقلىماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەڭگۈلۈك تاشلىۋېتىلىش—ئۇنتۇلۇش—قورقۇنچىدۇر
بۇنى مەن بۇنىڭدىن توققۇز يىل مۇقەددەم پالاۋدا گۇئانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئالتە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن ئالتە ئاي بىللە بىللە ئىشلەش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشقا شاھىد بولۇش سەۋەبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. بىر كۈنى پالاۋنىڭ پايتەختى كوروردا بۇ ئالتە قېرىندىشىمىز بىلەن پالاۋ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بوپ ئۆتتى. ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەقسىتى بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېپ باقماقچى ئىدى. پالاۋ ھۆكۈمىتىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە پېشقەدەم بىر سېناتور ئالتە ئۇيغۇردىن گەپ ئارىلىقىدا مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ قالدى:
--ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەڭلار، جەسىدىڭلارنىڭ پالاۋدا دەپن قىلىنىشىنى خالامسىلەر؟
مەن بۇ سوئالنى ئۇلارغا تەرجىمە قىلىپ بەردىم. ئەمما، ئۇلار دەماللىققا مەڭدەپ قالدى. مەن ئۇلارنى چۈشەنمەيۋاتقان چېغى دەپ، ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمە قىلماي، ئازراق ئىزاھلاپراق قايتا تەرجىمە قىلىپ بەردىم. ئۇلار بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، خۇددى ئىلگىرى مەھلىھەتلىشىۋالغاندەك بىرلا ئاۋازدا:
--ياق. جەسىتىمىزنىڭ بۇنداق ياقا يۇرتتا قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز،--دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى قەتئىيلىككە ئارىلىشىپ كەتكەن تىرەن ۋەھىمىنى ئېنىق كۆردۈم. ئۇلار ئۈچۈن، تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ كىچىك ئارال دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان پالاۋدا ئۆلۈشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا دەپن قىلىنىشمۇ ئوخشاشلا قورقۇنچلۇق ئىدى.  ئۇلار ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق يوقلۇققا يۈزلىنىشنى خالايتتىكى، ياقا يۇتلاردىكى ناتونۇش يوقلۇقلاردا نام-نىشانسىز قېلىشنى ھەرگىز خالىمايتتى.

دېمەك، ئۆلۈمنىڭ ئۇ قەدەر پەرەز قىلغۇسىز بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۆلۈشنى خالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆلۈمنى دائىرىلىمەكچى بولىدۇ.   ئۆز دائىرىسىدە ئۆلۈشنى تاللاش ئۆلۈمدىن كېيىنكى يوقلۇقنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر—ئۇ ئادەمنىڭ چەكسىز يالغۇزسىرىماسلىقى ئۈچۈن، تۇپراقداشلىرىنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ تۇرۇشىنى كۈتۈشىدۇر، گەرچە بۇ يوقلاپ تۇرۇشلار ئۇنىڭ روھىغا ئاداققى نۇقتىدا ھېچقانداق تەسەللى بېرەلمىسىمۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن ئۆزى چۆككەن يوقلۇقنى باشقىلارنىڭ بارلىقى ئارقىلىق ئىنكار قىلىشقا تىرىشىشتۇر. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈمنىڭ مۇتلەق ناتونۇشلۇقىنى تۇغۇلغان جاينىڭ ئۇنتۇلغۇسىز تونۇشلۇقى ئارقىلىق ئاجىزلىتىش تىرىشىشىدۇر. ئاخىرىدا، بۇ بىر ۋەتەنسىزنىڭ جەسىتىنىڭمۇ ۋەتەنسىز قېلىشىدىن ۋەھىمىگە چۈشىشىدۇر. بۇ ۋەتەنسىزلىكنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ تۈگىمەيدىغان دەھشىتىدۇر


Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز