Posts

Showing posts from November, 2021

ھېيتخان

ھېيتخان ئېسىمنى بىلسەم، كىشىلەر ئۇنى ھېيتخان دەپ چاقىرىدىكەن. بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلاردا ئۇنچە كۆپ قويۇلمايتتى. خۇددى ئىسمىدەكلا، ھېيتخان كەم كۆرۈلىدىغان بىر ئايال ئىدى. ئۇ ئاتۇشتىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە ناھىيەنى بىر مەھەل ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى.  تاغ باغرىغا جايلاشقان،شېغىل-تاشلىق ۋە سۇ كەمچىل قاغجىراق بۇ كىچىككىنە يەردە ھېيتخاننىڭ ھاياتى بىر كوللېكتىپ قىزغىنلىقنى قوزغىغان ھايات ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭدەك ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاجايىپ ھاياتنى ياشاپ باقمىغانىدى.  ئەينى ۋاقىتتا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن تارتىپ، ھېيتخاننى ئاتۇشتا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمى ئاتۇشلۇقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى لەھجىسىگە قەدەر كىرگەنىدى: «ھېيتخاندەك.» بۇ تاپتىن چىققان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە نەپرەتلىك بىر ھالەتنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلاتتى. بولۇپمۇ، بۇ مەلۇم بىرىنىڭ كىيىنىشىدىكى ھەددىدىن زىيادىلىكنى—ئەنئەنىۋى ئ‍ۆلچەمدىن چەتنەپ كەتكەنلىكنى—سەلبىي باھالاشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۈپەت ئىدى. كېيىن، بۇ سۆزنىڭ ئىستىمال مەنىسى كېڭىيىپ، كىشىلىك خاراكتېردى