ھېيتخان

ھېيتخان


ئېسىمنى بىلسەم، كىشىلەر ئۇنى ھېيتخان دەپ چاقىرىدىكەن. بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلاردا ئۇنچە كۆپ قويۇلمايتتى. خۇددى ئىسمىدەكلا، ھېيتخان كەم كۆرۈلىدىغان بىر ئايال ئىدى. ئۇ ئاتۇشتىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە ناھىيەنى بىر مەھەل ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى.  تاغ باغرىغا جايلاشقان،شېغىل-تاشلىق ۋە سۇ كەمچىل قاغجىراق بۇ كىچىككىنە يەردە ھېيتخاننىڭ ھاياتى بىر كوللېكتىپ قىزغىنلىقنى قوزغىغان ھايات ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭدەك ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاجايىپ ھاياتنى ياشاپ باقمىغانىدى. 

ئەينى ۋاقىتتا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن تارتىپ، ھېيتخاننى ئاتۇشتا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمى ئاتۇشلۇقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى لەھجىسىگە قەدەر كىرگەنىدى: «ھېيتخاندەك.» بۇ تاپتىن چىققان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە نەپرەتلىك بىر ھالەتنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلاتتى. بولۇپمۇ، بۇ مەلۇم بىرىنىڭ كىيىنىشىدىكى ھەددىدىن زىيادىلىكنى—ئەنئەنىۋى ئ‍ۆلچەمدىن چەتنەپ كەتكەنلىكنى—سەلبىي باھالاشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۈپەت ئىدى. كېيىن، بۇ سۆزنىڭ ئىستىمال مەنىسى كېڭىيىپ، كىشىلىك خاراكتېردىكى غەلىتىلىك، ئاساس ئېقىمغا قارشىلىق ۋە باشباشتاقلىقنىمۇ سۈپەتلەشتە قوللىنىلىدىغان بولدى. 

ھېيتخاننى بەكمۇ چىرايلىق ئايال دەپ كەتكىلى بولمايتتى. ئۇ ئەسلى قەشقەر ھەزرەتلىك ئىكەن. بىر ھەربىيگە ياتلىق بولۇپ، ئېرىنىڭ خىزمىتى ئاتۇشتا بولۇشى سەۋەبلىك ئاتۇشتا پەيدا بوپتىكەن. كېيىن ئاللىقانداق بىر سەۋەبلەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، ئاجراشقاندىن كېيىن خىزمىتى ئاتۇشتا بولغاچقىمىكىن، بۇ يەردە تۇرۇپ قاپتىكەن. 

ئۇ ھەر دائىم بەدىنىگە چىپپىدە كېلىدىغان يوپكا-پىلاتى، ئۇزۇن پاشنىلىق ئاياق كىيىپ ۋە چاچلىرىنى سۈنئىي بۈدۈر قىلدۇرۇپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرى بەدىنىگە ھەددىدىن زىيادە چىپپىدە كەلگەچكە، ئۇنىڭ تولغان ساغرىسى بىلەن كۆكرەكلىرى ئالاھىدە نامايان بوپ تۇراتتى. ئۇ ماڭغاندا ئۆزىنى ئەركىن تاشلاپ ماڭغاچقا، ئۇنىڭ بەدىنى چايقىلىپ، سېھىرلىك، خىرىسلىق ۋە ئىپادىلىگۈسىز بىر رېتىم پەيدا قىلاتتى. يەنى، رېتىم تارقىتاتتى، خۇددى كۆلگە چۈشكەن تاش ئەتراپقا كېڭىيىدىغان نۇرغۇن يۇمۇلاق دولقۇنلارنى تارقاتقاندەك.  ئ‍اتۇشتا ئەينى ۋاقىتتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ۋاقىتقىچە ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ئايال ئۇنىڭدەك كىيىنىپ يۈرەلمىگەنىدى. 

ئۇنىڭ كوچىلاردىكى مەغرۇر مېڭىشلىرى، ھاياجاندا سۆزلەشلىرى ۋە ئوچۇق كىيىنىشلىرى بۇ چەت ناھىيەنىڭ نومۇسلۇق قىسمى ئىدى. ئۇنىڭدا ھەممىنى قانچىلىك يىرگىندۈرسە، يەنە شۇنچىلىك جەلپ قىلىدىغان بىر كۈچ بار ئىدى. ئۇنىڭدا ھەممە ئەرلەر دېگۈدەك قوغلىشىدىغان ئەمما، ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەشتىن قورقىدىغان بىر ئەسەبىيلىك بار ئىدى. بەزى ئەرلەر ئۇنىڭغا قاراش، ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىش ۋە ئۇ ھەقتە ئاللىقانداق شېرىن خىياللارنى سۈرۈش ئارقىلىق ھاياتىدا كۆپ ھاللاردا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدىغان زېرىكىشلىكتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى.  كونسېرۋاتىپلار ئۈچۈن، ئۇ غايەت زور ئېزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بىر خەتەرلىك «جالاپ» ئىدى؛ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان لىبېرال زىيالىيلار ئۈچۈن ئۇ سىرلىق ۋە ئادەمنى ئەنسىرىتىغان ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىدى؛ ياشلار ئۈچۈن، ئۇ كونىلىق بىلەن يېڭىلىق ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىكسىز بىر پاسىل ئىدى؛ ئاياللار ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى كاللىسىدا قىينايدىغان بىر ئېزىتقۇلۇق ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھەركىم ئۈچۈن ئۇلار ئاغزىدا جان جەھلى بىلەن ئىنكار قىلىدىغان، ئەمما قەلبىدە يوشۇرۇن ئىنتىلىدىغان ۋە ھەتتا مەپتۇن بولىدىغان بىر يۈزلىنىشنىڭ كۆز ئالدىدا روي بېرىشى ئىدى. دېمەك، ئۇ بىر قورقۇنچلۇق ۋە ئەجەللىك يالىڭاچلىق ئىدى. يەنى، ئۇ روھىمىزنىڭ بىز ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان يالىڭاچلىقى ئىدى  . 

بەزىدە ئۇنىڭغا قاراپ، ئىچى-ئىچىدىن «ئاناڭنى، جالاپ» دەپ تىللايدىغانلارنىڭ تىللىشىدىن چوڭقۇر بىر تەشنالىقنى ھېس قىلىپ ھەيران قالاتتىم. غەلىتە يېرى، ئۇلارنىڭ تىللىشى قانچىلىك ئەسەبىي بولغانسېرى، ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشىمۇ شۇنچىلىك ئامالسىز ئىدى. ئۇ ئادەمنى بىر-بىرىگە زىتلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئاشۇنداق بىر «شەيتاندەك»-- «ھېيتخاندەك» ئايال ئىدى. 

ھېيتخان ئاتۇشنىڭ كۆزىدىكى بازارغا جايلاشقان بىر يېمەك ئىچمەك دۇكىنىدا پىركازچىك ئىدى. بۇ دۇكان ئاتۇشتىكى مۇشۇ خىلدىكى ساناقلىق دۇكانلاردىن بىرى بولغاچقا، خېرىدارلار ئۈزۈلمەيتتى. مەنمۇ ئۇ يەرگە پات-پات باراتتىم، كۆرەتتىمكى نۇرغۇن ئەرلەر ھېيتخانغا بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى. پۇرسىتى كەلسىلا، يا چاقچاق ياكى ئۇنى تېرىكتۈرىدىغان بىرەر گەپنى قىلىۋالاتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا قانچىلىك يوشۇرۇن گەپ قىلالىسا، يېقىنلىشالىسا، شۇنچىلىك شادلىناتتى. يوشۇرۇنلۇق ئۇلارنى ئەقلىدىن ۋاقىتلىق ئاداشتۇرۇشقا يارايتتى. ئۇلار ئاشۇ ئەقلى ئادىشىش ئارقىلىق تۇرمۇشىدىكى زىيادە ئەقلىيلىكتىن بىردەملىك قۇتۇلغانغا خۇش ئىدى. شۇندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېيتخانغا بىر گەپ قىلىۋېلىش جاسارىتىدە بىر ھېيىقىش بار ئىدى. ئۇلار ھېيتخاندىن ئەيمىنىدىغاندەك ئىدى، چۈنكى ھېيتخان ھېچكىمنى پوش دېمەيدىغان «ئەركەك زەدەك» ئايال ئىدى. ئۇنىڭ چىشىغا تەگكەن ئەرلەر ئۇنىڭ تىل-ھاقارىتىگە كۆمۈلۈپ كېتەتتى. ئۇ ھېچنېمىدىن، ھېچكىمدىن قورقمايدىغاندەك بىر تەرىزدە ياشايتتى.

بەزىدە ئۇنى دۇكاندا بوش ۋاقىتلاردا پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىم. ئاڭلىسام، ئۇ كىتابخۇمارمىش. بۇ ماڭا بەكلا غەلىتە بىلىنگەنىدى. چۈنكى، ئۇ مەڭگۈ خاتا ئورۇندا، خاتا ۋاقىتتا خاتا كۆرۈنىدىغان بىر بەدەنلا ئىدى، خالاس. بۇ بەدەننىڭ ئىچىدە ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان، ئېزىقتۇرىدىغان ئاياللىقتىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. ھەم يوق بولۇشى كېرەك ئىدى. 

«ھيېتخاندەك» بىرقارشى ئېقىمنى سۈپەتلەيتتى. يەنى،ئۇ ئاتۇشتا پرىنسىپتا قاتتىق تۇرىدىغان بىر توپنىڭ قارشىسىغا يېگانە چىققان بىر تۇل خوتۇننىڭ سۈپىتى ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئاتۇشنىڭ كوچىلىرىنى نەپرەتكە، قىزىقىشقا، ھەۋەسكە ۋە ئىبرەتكە تولدۇرغان بىر ئەپسانىۋى ھاياتىنىڭ جۇغلانمىسى ئىدى.  

ھېيتخان ھازىر ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇ ئېھتىمال پەقەت ئ‍ۆزىنىڭ دەۋرداشلىرىنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن.  ئاتۇشتا نۇرغۇن مۇھىم ئادەملەر ياشىدى، كېيىن ئۇنتۇلدى. ھېيتخانمۇ شۇنداق بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېيتخاندەك يۈرۈش كېيىن ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش بولمىدى.  ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە غەلىتە يۈرىدىغان ئاياللار چىقتى. ئۇلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشتى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغان ۋە ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى. ئادەم ئۆزى نەپرەتلىنىدىغان ئادەمنى ئەڭ ئۇنتۇيالمايدۇ. ئۇزاققىچە ئۇنتۇلماسلىق ئۈچۈن، مۇھەببەتتىن كۆرە نەپرەت مۇھىمدۇر. بۇ ئۆچمەنلىكنىڭ قۇدرىتى ئەمەس، بەلكى نەپرەتنىڭ بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ ئاتۇشلۇقلارغا بەرگىنى ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشىلىقى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن كوللېكتىپ نەپرىتىدۇر، ئىنتىلىشىدۇر، ئېزىقشلىرىدۇر. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ ئورتاق خام خىيالىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئېھتىمال ئاسان ئۇنتۇلماسلىقىمۇ مۇمكىن. 

ھازىر ئويلىسام، بۇنداق بىر «تاپتىن چىققان» ئايالنىڭ غەزىپى كەلسە، دۈشمىنىنى بوغۇزلاپ تاشلاشتىن يانمايدىغان ئاشۇ ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئارىسىدا تىرىك مېڭىپ يۈرگەنلىكى ۋە ئاخىرىدا ئەجىلىدە ئ‍ۆلگەنلىكى بىر مۆجىزە ئىدى. ئۇ غەزەپلىنىشكە خۇمار بولغان ئاشۇ ئادەملەرنىڭ غەزىپىنىڭ ئىچ-ئىچلىرىدە ھېچنېمە بولماي ياشىدۇ. ئەمما، ئۇ بۇ غەزەپلەنگۈچىلەرنىڭ كۈتكىنىدەك ياشاشنى رەت قىلدى. ياكى، ئۇ بۇ غەزەپلەنگۈچىلەرنى يۇشورۇن ھالدا ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق يۈرۈشىنى قوللايدۇ دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. نېمىلىكى بولمىسۇن، ئۇ ئېھتىمال بۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئ‍ۆلتۈرۈلۈشتىن قورققان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ يولىدىغان ھېچ يانمىدى. ھېيتخاندەك ياشىدى، ھېيتخاندەك ئ‍ۆلدى. غەزەبكە مۇھەببەت كۆرسەتمىدى. يەكلەشكە بوي سۇنۇش بىلەن جاۋاب بەرمىدى. ھاقارەتكە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش بىلەن تاقابىل تۇرمىدى. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى بولۇپلا ياشىدى—ھەممىنىڭ كۆزىدە تىك تۇرۇپ ياشىدى. بۇ ئارقىلىق، ئۆزى بولماي ياشاشنىڭ نومۇسلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھەتتا ئۇ «جالاپ» دەپ تىللانسىمۇ، يولىدىن قايتمىدى، چۈنكى يولىدىن قايتسا ئ‍ۆزىگە ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ بۇنىڭ «جالاپ» دېگەن ئاتاققا قېلىشتىنمۇ ئ‍ۆتە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئاخىرىدا ئۇ بىر بوي سۇنمىغۇچى سۈپىتىدە ياشاپ ئ‍ۆتتى. بوي سۇنمىغۇچىلار بەزىدە خۇددى ھېيتخاندەك ھەممە ئادەم «جالاپ» دەپ ھاقارەتلەيدىغان، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى دەسلىپىدە «ھېيتخاندەك» دەيمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ساناقسىز «ھېيتخانلار» چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇشقا باشلايمىز.  

  


Comments

  1. ۋاي توۋا دېگۈزگۈدەك يازما ئىكەن، كىشىنى تەپەككۇرغا سالىدىغان،راست جۇمۇ دېگۈزىدىغان.

    ReplyDelete

Post a Comment

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز