Posts

Showing posts from 2010

ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت

مەمتىمىن ئەلا --سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدە ژان پول سارتر (1905-1980) ڧرانسىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپى، يازغۇچىسى، درامماتورگى، ئوبزورچىسى، سىياسىي پائالىيەتچىسى، تەرجىمىھالچىسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىسىدۇر. ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئويلىنىشقا، ئەدەبىي تالانتىنى ئىپادىلەشكە ۋە دىققىتىنى دۇنيانىڭ مۇھىم سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا بېغىشلىغان ھاياتى ئۇنى دۇنياغا مەشھۇر قىلغان، گەرچە ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىلمۇ خىل ئىدېئولوگىيىلەر ۋە پەلسەپىۋى ئىدىيىلەرنى چىقىش قىلغان تەنقىدلەرگە تا ھازىرغىچە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ. شۇنداقلا، ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتى بىلەن ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ڧرانسىيىنىڭ ۋە ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئىلىم ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندا، پارىژدىكى مەلۇم بىر گېزىت «ڧرانسىيە ئۆزىنىڭ ۋىجدانىدىن ئايرىلىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ ھەسرەتلەنگەنىدى. [1]                   مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپە ئېقىمىنىڭ مۇھىم ۋ