Posts

Showing posts from May, 2017

رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى

رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى   يېقىندا   بېرلىندا چاقىرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان سترات ې گىيە يىغىنىدىن كېيىن باشلانغان   قالايمىقانچىلىقلار ۋەتەند ىكى زۇلۇم ئوتى نىڭ دەردىدە   يۈرىكى پۇچىلىنىۋاتقان خەلقىمىزگە بىر روھىي زىلزىلە ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ، رابىيە خانىمنىڭ ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۆمە ر   قاناتلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەقق ى دىكى يازما   قارارىنىڭ   ۋە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىسمى بار ئەمما ئىمزاسى يوق خېتىنىڭ تورلاردا ئۇچۇپ يۈرۈشى بۇ زىلزى لىنى ڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.   بۇ يەردە ئۇ قەدەر كۆپ ئاۋاز، قاراش ،   غەرەزلەر ،   يىللارسېرى پىشقان غۇملار ۋە غەزەبلەر باركى، ئادەم كىمنىڭ توغرا ۋە كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. ئەمما،   ھازىرچە   بىلىدىغىنىمىز شۇكى، ب ۇ بىر   سىياسىي سەتچىل ى كتۇر.   بۇ خەلقىمىز ياردەمگە ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ۋاقىتت ا يۈز بېرىۋاتقان كۆڭۈلسىز ۋە نومۇسلۇق بىر سەتچىلىكتۇر.   مەيلى بۇ سەتچىلىكنىڭ ماھىيىتى نېمە بول سۇن ،   شۇنىسى ئېنىقكى بۇ سەتچىلىكتە ھېچقايسىمىز يەڭگۈچى   ئەمەس.   بۇنىڭدا پەقەت خىتايلا يەڭگۈچى دۇر.