رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى

رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى 

يېقىندا بېرلىندا چاقىرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ستراتېگىيە يىغىنىدىن كېيىن باشلانغان قالايمىقانچىلىقلار ۋەتەندىكى زۇلۇم ئوتىنىڭ دەردىدە يۈرىكى پۇچىلىنىۋاتقان خەلقىمىزگە بىر روھىي زىلزىلە ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ، رابىيە خانىمنىڭ ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۆمەر قاناتلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدىكى يازما قارارىنىڭ ۋە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىسمى بار ئەمما ئىمزاسى يوق خېتىنىڭ تورلاردا ئۇچۇپ يۈرۈشى بۇ زىلزىلىنىڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۇ يەردە ئۇ قەدەر كۆپ ئاۋاز، قاراش، غەرەزلەر، يىللارسېرى پىشقان غۇملار ۋە غەزەبلەر باركى، ئادەم كىمنىڭ توغرا ۋە كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. ئەمما، ھازىرچە بىلىدىغىنىمىز شۇكى، بۇ بىر سىياسىي سەتچىلىكتۇر. بۇ خەلقىمىز ياردەمگە ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتقان كۆڭۈلسىز ۋە نومۇسلۇق بىر سەتچىلىكتۇر. مەيلى بۇ سەتچىلىكنىڭ ماھىيىتى نېمە بولسۇن، شۇنىسى ئېنىقكى بۇ سەتچىلىكتە ھېچقايسىمىز يەڭگۈچى ئەمەس. بۇنىڭدا پەقەت خىتايلا يەڭگۈچىدۇر. خىتاي شۇنداق بىر يەڭگۈچى بولىدۇكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن رابىيە قادىرنى د ئۇ ق دا چەتلەشتۈرۈۋاتقان ۋە د ۇ ق نىڭ پارچىلىنىشىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاۋاتقان بىر يەڭگۈچىدۇر. 
مەسىلىگە ياققال قارىساق، بۇ يەردە رابىيە خانىمدىن باشقا ھەممەيلەن ھەق ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چىقىۋاتقاندەك، خانىم  بولسا «ساۋاتسىزلىقى» دىن ستراتېگىيە يىغىنىنى توسۇپ، ياشلارغا يول بەرمەيۋاتقان ھوقۇقپەرەس مۇستەبىتتەك ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ يەردە تار مەنىدىن رابىيە خانىم بىلەن زىيالىيلار، كەڭ مەنىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۈچىيىۋاتقاندەك مەنزىرە شەكىللىنىۋاتىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ يەردە بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنج ئاخىرلىشىدىغان يەردىن باشلىنىدىغان ئۆچمەنلىك ئۇلغىيىۋاتىدۇ.  شۇنى كۆرۈش قىيىن ئەمەسكى، بۇ ئۆچمەنلىكنىڭ مەركىزىدە رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى بار. 
خوش، بۇ يەردە زادى نېمە يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئالدى بىلەن، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىقنى مۇنداق سوئالغا يىغىنچاقلايمەن: ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئۆز ئالدىغا ستراتېگىيە يىغىنى ئاچالاش ھوقۇقى بارمۇ؟ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنداق يىغىننى ئاچسا تامامەن بولىدۇ ھەم ئېچىشى كېرەك. ئەمما، بۇنىڭ پرىسىپال ئالدىنقى شەرتى شۇكى، بۇنداق بىر يىغىن رابىيە خانىمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئېچىلىشى كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ رابىيە خانىمنىڭ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولۇشتەك نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ستراتېگىيىنىڭ رابىيە قادىرسىز باشلىنالماسلىقىدۇر. چۈنكى، خانىم ئاللىقاچان ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر ئوبراز، سىما ۋە نىشانىدۇر. مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۇ ھەرقانداق ستراتېگىيىنىڭ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان ۋە ئاچقۇچلۇق تەركىۋى قىسمىدۇر. ئەگەر بۇ يىغىن ھەقىقىي جىددىي يىغىن بولسا، رابىيە خانىم قاتناشمىسىمۇ، ئۇنىڭدىن چوقۇم مەسلىھەت ئېلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولماي، خانىم خىلمۇ خىل باھانىلەر بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويۇلسا، بۇ ئەخلاققىمۇ، پرىنسىپقىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. (مېنىڭ بۇ يىغىننى ئېچىشنىڭ ئالدىدا رابىيە خانىم بىلەن يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ قانداق سۆھبەتلەردە بولغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىم بولمىغاچقا قارىشىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىمەن.)  
تەكىتلىنىشى كېرەككى، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى، خانىمنى قارىلاش ۋە ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈش خەتەرلىكتۇر.خىتاي ئۈچۈن، رابىيە خانىم بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ بىر ئوچۇم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن دۈشمەندەك قارىلىنىشى دىققەت قوزغايدۇ. ئۇ ھەم خىتاينىڭ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى بولسا، بىز بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ھېچ پەرق قالمىغان بولىدۇ. ئۇ زامان، بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز خىتاينىڭ كۈتكىنىنى خۇددى ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىدەك ئىجرا قىلىش بولىدۇ. قېچىپ قۇتۇلغۇسىز سوئال شۇكى، بۇ يەردە يېڭى ستراتېگىيە تۈزۈلۈۋاتامدۇ ياكى خىتاينىڭ كونا ستراتېگىيسى يېڭى شەكىلدە ئورۇنلىنىۋاتامدۇ؟  
مانا مۇشۇ ھادىسىلەر ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىخىي ئاداۋەتلەر تۈپەيلى د ئۇ ق پارچىلىنىش گىرداۋىغا كېلىۋاتىدۇ. ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەككى، د ئۇ ق نىڭ ھازىرقىدەك نوپۇزلۇق تەشكىلات ھالىغا كېلىشىدە خانىمغا ئىمزاسىز خەت يوللىغان يىگىرمە نەچچە سەپدىشىمنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسى ۋە قان-تەرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، د ئۇ ق خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ئالدىنقى 20 يىلدىن بېرى رابىيە خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا قۇرالىغان بىردىنبىر  تەشكىلاتتۇر. ئەگەر د ئۇ ق دەك خەلقىمىز تەلپۈنىدىغان، دۇنيا ئىشىنىدىغان ۋە خىتاي چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر تەشكىلات ۋەيران بولسا، ئەجەبا، دۇنيا مۇشۇنداق بىر تەشكىلاتنى باشقۇرالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرالىشىغا ئىشىنەلەمدۇ؟ ئۆزىمىز ئىشىنەلەمدۇق؟ ئارىمىزدا دۇنيا ئىشەنگەن رابىيە خانىمدىنمۇ قابىلىيەتلىك يەنە بىرى بارمۇ؟ ئىمزاسىز خەتنى يازغان سەپداشلىرىم، ئاراڭلاردا بۇنىڭغا مۇۋاپىق كىشى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، مۇشۇ ئستراتېگىيە يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق بۇنداق بىر كىشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئويلىشىپ كۆردۈڭلارمۇ؟  
د ئۇ ق رابىيە خانىم ئەمەس، رابىيە خانىممۇ د ئۇ ق ئەمەس. دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دەپ قارىلىۋاتقان خىتايغا بار ئىمكانى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقان د ئۇ ق نۇرغۇن نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس. ئۇنداقتا، رابىيە قادىر راستىنلا بۇ قەدەر دۈشمەنلىكنى ئۆزىگە ئارتىۋالغان لاياقەتسىز لىدېرمۇ؟ رابىيە خانىم بىر ئاددىي ئىنسان، بىر ئۇيغۇر، بىر مۇسۇلمان ئايالدۇر. ئەمما، ئۇنىڭ ئاددىيلىقىدا باشقىلارغا نېسىپ بولمىغان پەۋقۇلئاددىلىق بار—ئۇ 12 يىللىق دەۋا ھاياتىدا خەلئارالىق سىياسىي سەھنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا يۈكسەك ناتىقلىق، مۇرەسسەسىز سىياسىي مەيدان ۋە نازۇك دىپلوماتىيە بىلەن ئاڭلىتىپ، زور غەلىبە قازانغان بىر سىياسىيوندۇر. ئۇنىڭ ئاتالمىش «ساۋاتسىز» بولۇشى ئۇنىڭ كەمچىلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر—ئۇ «ساۋاتسىز» تۇرۇقلۇق نى-نى زىيالىيلار ۋە سىياسىيونلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى ھەم قىلىدۇ. خۇددى ئەركىن ئالپ تېكىن ئەپەندى ئۆتكەن يىلى پارىژدا ئېچىلغان د ئۇ ق نىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، «رابىيە خانىم چەتئەلدىكى دەۋا ھاياتىدا ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرالار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى.» ئەمما، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ، بىزگە ئوخشاشلا، ئازغۇچىدۇر—گۇناھتىن ساقىت ئەمەستۇر.  
مەن لىدېرغا بېقىپ خەلقى، خەلقىگە بېقىپ لىدېرى بولىدۇ، دېگەن قاراشقا ئشەنگۈچىمەن. د ئۇ ق نىڭ ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا رابىيە خانىم باشلىق ھەممەيلەننىڭ—بولۇپمۇ ئىمزاسىز خەتنى يازغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ—تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار. بۇ ھەقتە ھەممىمىزنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىدىغان ۋاقتى كەلدى. مەسىلىنى بىرلا رابىيە خانىمغا ئارتىپ قويۇش ناھەقچىلىكلا ئەمەس، بەلكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشتۇر. يۈز يىلدىن بېرى بىر دۆلەت قۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن خەلقىمىز نۇرغۇن پىسخىك ئىللەتلەرنى يېتىلدۈردى. بۇنىڭ سىياسىيدىكى تىپىك مىسالى بىزدىكى تەشكىلسىزلىكتۇر. بۇ قېتىمقى مۇشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەردىن بۇنىڭ تەسىرىنىڭ ھېلىھەم قانچىلىك زور بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.  
مېنىڭ چۈشىنىشىمدىكى ستراتېگىيە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشاننىڭ سەرپ قىلغلى بولىدىغان ئىمكانلار (بايلىقلار) بىلەن ئىشقا ئېشىشىنى پىلانلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن تەركىب تاپىدۇ—مەۋجۇت خىرىسنى تېپىپ چىقىش، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى بەلگىلەش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. شۇنىڭغا كۆرە، ئۇيغۇرلارنىڭ ستراتېگىيىسىنى بەلگىلەيدىغان ھەرقانداق ئويلىنىش ھازىرقى كرىزىسنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بېكىتىشتىن باشلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ۋەتەندە زۇلۇم چېكىگە يەتتى. ئەمما چەتئەلدىكىلەرنىڭ، جۈملىدىن چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارنىڭ، ئۇنىڭغا قايتۇرۇۋاتقان ئىنكاسى بەكلا ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ۋە پىلانسىز بولۇۋاتىدۇ. ئېچىنىشلىقى، بۇنداق ھايات-ماماتلىق كرىزىسكە پېتىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالايدۇ دەپ قارىلىدىغان د ئۇ ق نىڭ پالەچ ھالغا چۈشكىنىگە بىر يىلدىن ئاشتى. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق بىر ستراتېگىيە دەل مانا مۇشۇ ئىتىپاقسىزلىقنى قانداق تۈگىتىشتىن باشلىنىشى كېرەك. مەن ئۈچۈن، د ئۇ ق نىڭ ھازىرقى ئىچكى كرىزىسىنى ئويلاشماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ستراتېگىيە تۈزۈش ئەمەلىيەتچانلىقى تۆۋەن ۋە رېئاللىق تۇيغۇسى كەمچىل سىياسىي رومانتىكىدۇر. ئەگەر مۇشۇ يىغىنغا قاتناشقان ۋە خانىمغا ئىمزاسىز خەت يازغانلار بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، مەن ئۇلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار قاتناشقان يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭمۇ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىمەن.   
ئاخىرىدا، رابىيە خانىمغا قارىتىلغان ئىمزاسىز خەتتا 20 دەك سەپدىشىم  ئۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەپتۇ. بۇ دەل بىز ھاياتىمىزنى بېغىشلىغان ئەركىنلىكنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئەمما، ئەركىنلىكنىڭ بەدىلى شۇكى، ئۇنىڭدا مەسئۇلىيەت بولىدۇ—مانا مۇشۇ خەتنى يازغانلار، ئەگەر نىيىتىڭلار ئۆزۈڭلار قايتا-قايتا ئېيتقاندەك دۇرۇس بولسا، رابىيە خانىم بىلەن يۈزلىشىڭلار—ئۇنىڭغا يۈرەك سۆزۈڭلارنى ئېيتىڭلار. د ئۇ ق نىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زوكۇنلىشىڭلار. خانىممۇ ئۆزىنىڭكىنى دەپ باقسۇن. ئېھتىياج بولسا، 25 مىليون ئۇيغۇرغا ۋەكالىتەن چەتئەلدىكى ئىككى-ئۈچ جامەئەت ئاقساقاللىرى سىلەرنى لىللا مەيداندا تۇرۇپ كلىشتۈرسۇن. ئەركىن ئالپتېكىندەك ئاقساقاللىرىمىز بىتەرەپ تۇرۇپ، سىلەرنى كېلىشتۈرسۇن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، چەتتە تۇرۇۋېلىش تۇقۇنۇشنى يوشۇرۇن قوللاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، خەلق كىمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن—بۇنىڭ خاسىيىتىدە، ئارىمىزدا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى ئاشكارا-يوشۇرۇن چېچىۋاتقانلار بايقالسۇن ۋە تېگىشلىك جازاسىنى تارتسۇن. ئاخىرىدا، ئارىمىزدىن دۈشمەنلىك كۆتۈرۈلۈپ كەتسۇن. رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى تۈگىسۇن.  

Comments

  1. "بۇنداق بىر يىغىن رابىيە خانىمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئېچىلىشى كېرەك". مەن بۇ سۆزنى چۈشۈنەلمىدىم. بەلكىم مەن چۈشەنمەيۋاتقان تېخىمۇ موھىم بىر نەرسە باردۇر، بۇ چۈشەنمەسلىك شۇنىڭدىن مەنبەلەنگەندۇر . ئىشقىلىپ، زىيالىلار بىر يىغىن ئاچماقچى بولسا رابىيە قادىردىن سورىشى، رۇخسەت ئېلىشى كېرەكلىكى مېنى ئەجەپلەندۈردى. بۇ ئارقىلىق بېرلىندا ئېچىلغان يىغىننى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن، ئۇ يىغىننىڭ يوشۇرۇن مەخسەتلىرى ھەققىدە ھەرقانداق بىر ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمەن. ئۇنىڭدىن نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن، نىيىتىنىڭ دۇرۇستلۇقى ھەققىدىكى گۇمانىم ھەركىمدىن جىقراق. ئەمما، زىيالىلار بىر يەرگە كېلىپ، ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە نېمە قىلىش كېرەك؟ نېمە قىلالايمىز دېگەندەك بىرەر يىغىن ئاچماقچى بولسا، رابىيە قادىردىن سورۇلامدۇ؟ بۇ مېنى ھەيران قالدۇردى. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت ئېلىش كېرەك؟

    ReplyDelete

Post a Comment

Popular posts from this blog

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت