Posts

Showing posts from 2020

ئۇيغۇرلارنىڭ ئامان قېلىشى

  https://youtu.be/RPI9T-hNhvc

قۇتۇپلاشقان تەپەككۈر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى

قۇتۇپلاشقان تەپەككۈر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىر مىللەتنىڭ تەپەككۈرىنىڭ فورمىلىرى نۇرغۇن بولىدۇ. ئۇ بەزىدە بىر-بىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش قىيىن بولغان مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ھايات-ماماتلىق مەسىلىلەردە، قارىمۇ قارشىلىققا تولغان پىكىر ئەندىزىسى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، چېرچىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە قىستالغاندا، خەلقىنىڭ يا ھىتلېرگە قارشى تۇرۇش يا ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشتىن ئىبارەت بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان تاللىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە قالغاندا، ئۇ 1940-يىلى 4-ئىيۇندا ئۆزىنىڭ مەشھۇر «قان، مېھنەت، كۆز ياشلار ۋە تەر» دېگەن نۇتقىنى سۆزلەپ، «بىز ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز»؛ ئەكسىچە «بىز ساھىللاردا ئۇرۇش قىلىمىز» دەپ خەلقىگە خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنى غالىبىيەتكە يېتەكلەيدۇ. ئەمما، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تەپەككۈرى ھەر ۋاقىت قارىمۇ قارشىلىققا تولسا ۋە ئۇ بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمىسە ياكى بىر تەرەپ قىلىشتا مەغلۇپ بولسا، ئۇ چاغدا بۇ مىللەت مانا مۇشۇ زىددىيەت ئى