دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى 2022-يىل 2-يانۋار ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە سۆزلەنگەن نۇتۇق قەدىرلىك ياشلىرىمىز، بۈگۈن سىلەر بىلەن «دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇلاقەتتە بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى قەۋەتلا بەختلىك ھېس قىلى ۋاتىمەن. مەشھۇر رەسسام پابلو پىكاسسو «ياشل ىق قېرىمايدۇ » دېگەنىكەن. بۇ دېگەنلىك، ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىزدە بىر ياشلىق بار . بۇ ياشلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىمايدۇ. بەلكى قەلبىمىزدە بىزنىڭ مەڭگۈ قېرىمايدىغان قىزغىنلىقىمىز سۈپىتىدە ياشايدۇ. ئەمما، نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ياشلىقنى يا ھېس قىلمايمىز، يا بىلمەيمىز ، يا ئۇنىڭغا ئىرەن قىلمايمىز. مېنىڭ بۈگۈن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىم دەل قەلبىمدىكى مۇشۇ ياشلىقنى قايتا ئويغاتتى . ھازىر ئۆزۈمنى روھىي جەھەتتە خۇددى سىلەردەكلا ياش، جۇشقۇن، قىزىققان ۋە ئىدېئالىست سۈپىتىدە ھېس قىلماقتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھايات ھەققىدە قەدىمدىن نۇرغۇن ھېكمەتلەر ئېيتىلغان. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈس...
Popular posts from this blog
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم كەسكىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يۈز يىلدا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئىشىنىش سىستېمىىىىىىدا بوپ كەلدى--ئېتىقاد سۈپىتىدىكى ئىسلام ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدىكى سوتسىيالىزم. ئىسلام دىنى 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنى تونۇشتۇردى—ئۇ بۇددا دىنىدىن پەرقلىق بولغان، شامانىزمدىنمۇ مۇرەككەپ بىر دۇنياۋى مۇقەددەس ئېتىقاد يولى ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادىتىنىڭ يولىنىى ئاچتى. سوتسىيالىزم بولسا بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ خام خىيالىنى تونۇشتۇردى. ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇ دۇنيادىكى دوزاق بىلەن جەننەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--قىسقىسى، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--ئىشىنىشكە ئېرىشتى؛ سوتسىيالىزم بولسا بۇ ئىككى قارىمۇ قارشىلىقنى پانىيلاشتۇرىدۇ—يوقسۇزلارنىڭ دۇنياسى «دوزاق»، بارلىقلارنىڭ دۇنياسى «جەننەت» كەبى تەسۋىرلەندى. ئاندىن، سوتسىيالىزم يوقسۇزلارنىڭ بۇ جەننەتتە ياشاش ھوقۇقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى «جەننەتتىكىلەر» نى دىكتاتورا يولى بىلەن رەھىمسىزلەرچە قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىر...
رەزىللىكنىڭ تەبىرى
رەزىللىكنىڭ تەبىرى رەزىللىككە مەپتۇن بولمىغان كىم بار؟ --مەرۋىن گېي مەشھۇر يەھۇدىي سىياسىي پەيلاسوپ خانناھ ئارېنت 1963-يىلى «ئايچمان قۇددۇستا: رەزىللىكنىڭ ئاددىيلىقى ھەققىدە دوكلات» دېگەن كىتاۋىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا توشۇلۇشىنى باشقۇرغان بىر گېرمان قوغداش ئەترىتى خادىمىنىڭ قۇددۇستا ئېچىلغان سوتىغا قاتناشقاندىن كېيىن يېزىپ چىقىدۇ. كىتاب رەزىللىك ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ. سوتتا ئايچمان يەھۇدىي قەتلىئامىغا قاتناشقانلىق ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىك بىلەن جىنايى ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەس جۈملىلەر، تون ۋە كەيپىيات بىلەن ئۆزىنىڭ پەقەت يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغان ئاددىي بىر بيۇروكرات ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ. ئۆزى قاتناشقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا ھېچقانداق ئالاھىدە ئوي، پىكىرلىنىش ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ سوتتا سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «يىغىنچاقلىغاندا، شۇنى چوقۇم دېيىشىم كېرەككى، مەن ھېچنېمىگە پۇشايمان قىلمايمەن.» ۋەھال...
Comments
Post a Comment