Posts

Showing posts from 2021

بىز ئىشەنج كىرىزىسىدىمۇ؟

Image
 

ھېيتخان

ھېيتخان ئېسىمنى بىلسەم، كىشىلەر ئۇنى ھېيتخان دەپ چاقىرىدىكەن. بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلاردا ئۇنچە كۆپ قويۇلمايتتى. خۇددى ئىسمىدەكلا، ھېيتخان كەم كۆرۈلىدىغان بىر ئايال ئىدى. ئۇ ئاتۇشتىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە ناھىيەنى بىر مەھەل ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى.  تاغ باغرىغا جايلاشقان،شېغىل-تاشلىق ۋە سۇ كەمچىل قاغجىراق بۇ كىچىككىنە يەردە ھېيتخاننىڭ ھاياتى بىر كوللېكتىپ قىزغىنلىقنى قوزغىغان ھايات ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭدەك ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاجايىپ ھاياتنى ياشاپ باقمىغانىدى.  ئەينى ۋاقىتتا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن تارتىپ، ھېيتخاننى ئاتۇشتا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمى ئاتۇشلۇقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى لەھجىسىگە قەدەر كىرگەنىدى: «ھېيتخاندەك.» بۇ تاپتىن چىققان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە نەپرەتلىك بىر ھالەتنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلاتتى. بولۇپمۇ، بۇ مەلۇم بىرىنىڭ كىيىنىشىدىكى ھەددىدىن زىيادىلىكنى—ئەنئەنىۋى ئ‍ۆلچەمدىن چەتنەپ كەتكەنلىكنى—سەلبىي باھالاشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۈپەت ئىدى. كېيىن، بۇ سۆزنىڭ ئىستىمال مەنىسى كېڭىيىپ، كىشىلىك خاراكتېردى

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

  ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم   كەسكىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يۈز يىلدا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئىشىنىش سىستېمىىىىىىدا بوپ كەلدى--ئېتىقاد سۈپىتىدىكى ئىسلام ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدىكى سوتسىيالىزم. ئىسلام دىنى 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنى تونۇشتۇردى—ئۇ بۇددا دىنىدىن پەرقلىق بولغان، شامانىزمدىنمۇ مۇرەككەپ بىر دۇنياۋى مۇقەددەس ئېتىقاد يولى ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادىتىنىڭ يولىنىى ئاچتى. سوتسىيالىزم بولسا بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ  خام خىيالىنى تونۇشتۇردى. ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇ دۇنيادىكى دوزاق بىلەن جەننەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--قىسقىسى، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--ئىشىنىشكە ئېرىشتى؛ سوتسىيالىزم بولسا بۇ ئىككى قارىمۇ قارشىلىقنى پانىيلاشتۇرىدۇ—يوقسۇزلارنىڭ دۇنياسى «دوزاق»، بارلىقلارنىڭ دۇنياسى «جەننەت» كەبى تەسۋىرلەندى. ئاندىن، سوتسىيالىزم يوقسۇزلارنىڭ بۇ جەننەتتە ياشاش ھوقۇقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى «جەننەتتىكىلەر» نى دىكتاتورا يولى بىلەن رەھىمسىزلەرچە قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە بۇ