Posts

Showing posts from December, 2017

ئاۋسترالىيە، ئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە، ئاۋسترالىيە 1922-يىلى ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، سىدنىيدا ئايالى ڧرېدا بىلەن قىسقا مەزگىل تۇرغان ئەنگلىيە يازغۇچىسى د. خ. لاۋرېنس «كەنگېرۇ» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا ئاۋسترالىيىلىكلەرنى يۈزە ۋە ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىنى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى ئىنكار قىلىدىغان مودېرن خەلق دەپ يازىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇلارنى «ئۆي سىرتىدا يۈرىدىغان ھايۋانلار» دەپ ئاتايدۇ. لاۋرېنسنىڭ سۆزلىرىدىن نۇرغۇن ئاۋسترالىيىلىكلەر تا ھازىرغىچە ھاقارەت ھېس قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنىڭ نومۇسلۇق، قاراڭغۇ ۋە رەزىل تەرەپلىرىنى ئەڭ شەپقەتسىزلەرچە ئىپادىلىگەن يازغۇچى دەپ قارىلىدىغان لاۋرېنىسنىڭ ئاۋسترالىيىلىكلەرگە قاراتقان شەپقەتسىز باھاسىدا ئەلۋەتتە يەڭگىلتەكلىك بار. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ مەسخىرىلىك تەنقىدىدە قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھاكاۋۇرلۇق بار.  ئەمما، ئۇنىڭ مەسخىرىسىدە يەنىلا بىر كىچىككىنە ھەقىقەت بار—ياققال قارىماققا، ئاۋسترالىيىدە ھەممە نەرسە تېيىز كۆرۈنىدۇ: تۇپراق، سۇ، ئېلېمېنتلار ۋە باشقىلار.  بۇ دېمەك، ئاۋسترالىيىدە ياكى زىيادە چوڭقۇرلۇق ياكى زىيادە ئېگىزلىك يوق. ئۇ بىر پايانسىز تۈزلەڭلىكتۇر.

پسىخىك ساغلاملىق ھەققىدە ساۋات» نىڭ بىرىنچى لېكسىيىسى

Image
https://www.facebook.com/mamtimin.ala/videos/2174160855934770/:تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز

نەزەرلەردە ئادەم

نەزەرلەردە ئادەم             قەدىمدە ئىنسانلار كۆزنىڭ چەكلىمىلىكلىرىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇش خىيالىدا بولغان. رىۋايەتلەردىكى سېھىرلىك ئەينەك مانا مۇشۇنىڭ جۈملىدىسىدىن ئىدى. ئۇ ئىنسانلارنى ھەممە يەردىكى ئىشلارنى خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىگە قىلاتتى. بۇ بىر ئوپتىكىلىق خىيالىي تۇيغۇ ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ۋاقىت ۋە ماكانغا قاپسىلىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ھەققىدىكى خام خىيالى ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ  بىر ھالقىما نەزەرگە ئېرىشىش ھەققىدىكى ئەسەبىيلىك ئىدى.               شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانلار تا ھازىرغىچە بۇنداق بىر نەزەرگە ئىگە بولۇپ باقمىدى. ئەمما، ئۇلار مۇشۇنداق نەزەرلەرنىڭ ئاستىدا ياشايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق نەزەرلەر باركى، ئۇلار ئادەمگە ھەر ۋاقىت تىكىلىپ تۇرىۋاتقاندەك، ئۇنى كۆزىتىۋاتقاندەك ۋە ئۇنى باھالاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. بۇ نەزەرلەرنى ئادەم قايتۇرۇپ نەزەرلىيەلمەيدۇ. ئۇلارغا قايتۇرۇپ تىكىلەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ھەر ۋاقىت تىكىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ بەزىدە مانا مۇشۇ نەزەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىك ئۆزىنى

شاھىدلارنىڭ تەرەپسىزلىكى

ھاياتتا بىز ھەر ۋاقىت مەلۇم ئىشلارغا شاھىد بولۇپ تۇرىمىز. شۇنداقلا، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغىمۇ باشقىلار شاھىد بولۇپ تۇرىدۇ. شاھىد بولۇش ۋە بولۇنۇش بىزنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىدۇر. بىز ھەم كۆزەتكۈچى ھەم كۆزىتىلگۈچىمىزدۇر. بۇ مەنىدىن، شاھىدلىق بىزنىڭ ئىجتىمائىيلىقىمىزنىڭ مۇھىم قىسمىدۇر. ئاددىي ئېيتقاندا، شاھىد بولۇش مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى كۆزىتىشنى، ئاڭلاشنى، بىلىشنى، باھالاشنى ۋە ئۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشنى  كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بۇ مۇھاكىمىدە توختىلىدىغىنىمىز زوراۋانلىققا شاھىد بولغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدۇر. سۆزىمىزنى ئالدى بىلەن مۇنداق بىر مىسالدىن باشلايلى. بىر ئادەم ۋېلىسىپىتى بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قېرى ئايالنى قاتتىق سوقۇۋەتتى، دەيلى. ۋېلسىپىتچى ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالدىن ئەپۇ سوراش تۈگۈل ئۇنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن بولسۇن. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ۋېلىسىپىتچىنى ، يەنە بىر قىسمى ئۇ ئايالنى يولنى خاتا ماڭغانلىق بىلەن ئەيىبلىسۇن ۋە يەنە بىر قىسمى ھېچنېمە دېمەي جىم تۇرغان بولسۇن. ئالدى بىلەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىنتايىن ئاددىيل