ئاۋسترالىيە، ئاۋسترالىيە

ئاۋسترالىيە، ئاۋسترالىيە

1922-يىلى ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، سىدنىيدا ئايالى ڧرېدا بىلەن قىسقا مەزگىل تۇرغان ئەنگلىيە يازغۇچىسى د. خ. لاۋرېنس «كەنگېرۇ» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا ئاۋسترالىيىلىكلەرنى يۈزە ۋە ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىنى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى ئىنكار قىلىدىغان مودېرن خەلق دەپ يازىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇلارنى «ئۆي سىرتىدا يۈرىدىغان ھايۋانلار» دەپ ئاتايدۇ. لاۋرېنسنىڭ سۆزلىرىدىن نۇرغۇن ئاۋسترالىيىلىكلەر تا ھازىرغىچە ھاقارەت ھېس قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنىڭ نومۇسلۇق، قاراڭغۇ ۋە رەزىل تەرەپلىرىنى ئەڭ شەپقەتسىزلەرچە ئىپادىلىگەن يازغۇچى دەپ قارىلىدىغان لاۋرېنىسنىڭ ئاۋسترالىيىلىكلەرگە قاراتقان شەپقەتسىز باھاسىدا ئەلۋەتتە يەڭگىلتەكلىك بار. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ مەسخىرىلىك تەنقىدىدە قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھاكاۋۇرلۇق بار.  ئەمما، ئۇنىڭ مەسخىرىسىدە يەنىلا بىر كىچىككىنە ھەقىقەت بار—ياققال قارىماققا، ئاۋسترالىيىدە ھەممە نەرسە تېيىز كۆرۈنىدۇ: تۇپراق، سۇ، ئېلېمېنتلار ۋە باشقىلار.  بۇ دېمەك، ئاۋسترالىيىدە ياكى زىيادە چوڭقۇرلۇق ياكى زىيادە ئېگىزلىك يوق. ئۇ بىر پايانسىز تۈزلەڭلىكتۇر. چەكسىز ئوچۇقچىلىقتۇر. مانا مۇشۇ ئوچۇقچىلىقتا، ئادەمنىڭ سەزگۈسىنى لال قىلىدىغان بىر نەپىس ۋە ئۆزگىچە گۈزەللىك بار .
 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر ئاۋسترالىيە يازغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە 1973-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەتچرىك ۋايت ئەسەرلىرىدە ئاۋسترالىيىنىڭ ئۆزگىچە كلىماتىنىڭ ئادەملەرنىڭ كەيپىياتى ۋە ھېسسىياتىغا قانداق يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن بايانلار بار. بولۇپمۇ، ئۇ ئەسەرلىرىدە ياتلارنىڭ بۇ گۈزەل زېمىنغا قانداق كىرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوبرازى بويىچە قايتىدىن ئۆزگەرتىپ چىققانلىقىنى يازىدۇ. بۇ ياتلار شۇ قەدەر قايمۇققان، ھۇجۇمچان، زەئىپ، ئىچ ئاغرىتارلىق ۋە دەھشەتلىك كىشىلەركى، ئۇلار بۇ زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقلەرنى ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە مەقسىتىگە بىنائەن ئۆزگەرتىپ چىقىدۇ.  
ئاۋسترالىيىنى ۋايتنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھالقىپ كۆزەتكىنىمىزدە، بۇ زېمىنمۇ ئۆزىنىڭ قۇرغاق، ئۆزگىرىشچان ۋە تاتىراڭغۇ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ روھىنى ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە مەقسىتىگە بىنائەن ئۆزگەرتىپ چىقىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن، ئاۋسترالىيە تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ روھى بىر-بىرىنى توختىماستىن قۇرۇپ چىقىدىغان جايدۇر. بۇ ئۆز-ئارا قۇرۇپ چىقىشتا ئادەم ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تەبىئەتتىن ئىزدىسە، تەبىئەت ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىغا قالدۇرىدۇ. ھېچكىمگە باقمايدىغان بۇ ئوچۇقچىلىق ئاداققى نۇقتىدا ئادەمنى ئۆزىدە تەنھالاشتۇرىدۇ.
ئاۋسترالىيە ئادەمگە تەبىئەتتىكى تەنھالىقىنى ئەڭ ئېنىق تۇيدۇرىدىغان جايدۇر. باش-ئاخىرى چىقماس دالالاردا، چەكسىزلىككە يېيىلغان دېڭىز ساھىللىرىدا، ھەيۋەتلىك قىيالاردا، كۆز يەتكۈسىز ئېدىرلىقلاردا ۋە چاتقاللىقلاردا ئادەم دۇنيانىڭ ئۇچىغا كېلىپ توختىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ—خۇددى بۇ يەردە ھەممە نەرسە چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكتەك. ھەتتا، بەزىدە بۇ تۇيغۇ ھاڭغا كېپ قالغان ئادەمدە كۆرۈلىدىغان چەكسىزلىكتىن ھەم قورقۇش ھەم ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇش تۇيغۇلىرىنىڭ تەڭلا يۈز بېرىشىگە ئوخشاش كېتىدۇ.
كەسكىن ئېيتىش كېرەككى، ئاۋسترالىيىدە مۇنداق ئۈچ خىل مەۋجۇتلۇق ھالىتى ھۆكۈمراندۇر—تەنھالىق،  غېرىبلىق ۋە زېرىكىش. بۇ يەردە بىر تىرەن تەنھالىق بار—ئاۋسترالىيە ھەم دۇنيادىن ئايرىلغان ھەم ئۇنىڭغا باغلانغان. بىر ئارال قۇرۇقلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ دېڭىز ئارقىلىق قورشىلىپ، تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ دۇنياغا ھەرۋاقىت يۈزلىنىشنى ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ تەنھالىقتا، ئادەم ئۆزىنىڭ تەبىئەت ئالدىدىكى قىممىتىنى ئىختىيارسىز سوئاللاپ قالىدۇ. بۇ بىر مەۋجۇدىيەتچە تەنھالىقتۇر--ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يەككە بىر ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغان. دەل مانا مۇشۇ تەنھالىقنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا، ئاشۇ چەكسىزلىكلەردە، ئادەم قۇتۇلغۇسىز ۋە چۈشەندۈرگۈسىز بىر زېرىكىشنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئاۋسترالىيىدە بولىدىغان قاتتىق ئىسسىقنىڭ ئىچ-ئىچىدىن كېلىدىغان بىرخىللىقىدا ئادەم بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. زېرىكىشتە ئۇ ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان گۈزەللىكلەرنىڭ مەنىسىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ.
ئاۋسترالىيىگە تۇنجى كېلىپ يەرلەشكەنلەر ئەنگلىيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەن جىنايەتچىلەردۇر. ئۇلار 1787-يىلى ئەنگلىيىدىن ئايرىلىپ، «بىرىنچى ڧلوت» ناملىق پاراخوت بىلەن سىدنىيغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى بۇ جىنايەتچىلەر ئارقىلىق بۇ «ئادىمىزاتسىز» دەپ قارالغان زېمىنغا يۈرگۈزىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك مۇستەملىكىسىنى تىكلىمەكچى بولىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئاۋسترالىيىكلەرنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىدا ھەر ۋاقىت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەسلىدە جىنايەتچىلەردىن ئىكەنلىكىدەك بىر كۆڭۈلسىز داغ قالىدۇ. جىنايەت بىلەن چېتىلىپ قېلىشتىن قورقۇش ئۇلارنىڭ قەلبىنى توختاۋسىز كېزىپ تۇرىدۇ. 20-ئەسىردە ئاۋسترالىيىكلەرنىڭ جىنايەتچى ئەجدادىغا باغلىنىش سەۋەبلىك كۈچلۈك ئەندىشە ھېس قىلىدىغان ئىجتىمائىي سېزىمچانلىقىنى كوللېكتىپنىڭ ئېڭىغا قايتا ئېلىپ كەلگەن  جورج ۋۇد ئۇلارنى ئۆتمۈشىگە يۈزلىنىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەنقىدىنىمۇ يوشۇرۇپ قويمايدۇ: «جىنايەتچىلەر ئەنگلىيىدىن كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بىرمۇ ياخشى ئادەم قالمىدى.» ۋۇدنىڭ سۆزلىرى پادىشاھلىق ئاۋسترالىيە تارىخ جەمئىيىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئەمما، ۋۇد سۆزىدىن ھەرگىز قايتمايدۇ. ئۇنىڭ دادىللىقى ئاۋسترالىيىلىكلەرنى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن نومۇس ھېس قىلىشتىن ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئاۋسترالىيىگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاشلىنىش تۇنجى يەرلەشكۈچىلەرگە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەركىنلىك بېرىدۇ—ئۇلار ئۈچۈن، ئوچۇقچىلىق چەكلىمىسىزلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. چەكلىمىسىزلىك ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا بېسىلىپ تۇرغان بارلىق ئىپتىدائىي ئىنستىڭكىتلارنىڭ ھەممىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ. يەرلىك ئاۋسترالىيىلىكلەر (ئابورىجىنلار) بىلەن ئۇچرىشىش تۇنجى ئولتۇراقلاشقۇچىلارغا چەكلىمىنى تونۇشتۇرىدۇ—ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ چېكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، چەكلىمىسىزلىكنى قوغلىشىش ھېچنېمىگە پىسەنت قىلمايدۇ. زوراۋانلىق چەكلىمىسىزلىكنىڭ قۇترىتىشى بىلەن تاشقىرىغا ئېتىلىپ چىقىدۇ. روھىدىكى جىنايەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار يېڭى جىنايەتكە قەدەم قويىدۇ—يەرلىك ئاۋسترالىيىلىكلەرنى كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش.  شۇنىڭ بىلەن، ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆتمۈش تېخىمۇ مۇرەككەپ تۈس ئالىدۇ. ھەتتا، سابىق ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كېۋىن راد 2008-يىلى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن تارتىپ 1960-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشقان ۋە يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى كۆزلىگەن «ئوغرىلانغان ئەۋلاد» تۈرىنى تەنقىد قىلىپ، يەرلىك ئاۋسترالىيىلىكلەردىن ئوچۇق-ئاشكارا ئەپۇ سورىغاندىمۇ، قانلىق ئۆتمۈشنىڭ سايىسى يەنىلا يوقىمايدۇ.
ئاۋسترالىيە ئەزەلدىن تەۋەككۈلچىلەرنىڭ جەننىتىدۇر. ھەممىگە «ئادىل پۇرسەت بېرىش» (fair go) ئاۋسترالىيىكلەرنىڭ تۈپكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانىدۇر. بۇ مىزان ئىلگىرى تۈركۈم-تۈركۈم ياۋروپالىقلارنى ئاۋسترالىيىگە قانچىلىك جەلپ قىلغان بولسا، ھېلىھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلارنى ۋە تەۋەككۈلچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىرىنچى يەرلەشكۈچىلەردىن تارتىپ كېيىن 1850-يىللىرى مېلبورندىكى ئالتۇن كان ئېچىش دولقۇنىدا ئاۋسترالىيىلىگە كېلىپ يەرلەشكەن كۆچمەنلەرنىڭ ھەممسى قارىماققا قۇپقۇرۇق كۆرۈنىدىغان بۇ تۇپراقنى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى، دېموكراتىك ۋە ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. بۇ دۆلەت قانچىلىك ياش بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس بىر قۇدرەتنى دۇنياغا نامايان قىلدى. بۇ ياش دۆلەتنىڭ روھىدا بىر ئېغىر ئۆتمۈش، ھازىرىدا بىر بۈيۈك ئۆزگىرىش، كەلگۈسىدە بىر ئۇلۇغ يۈزلىنىش بار. شۇڭا، ئۇنى كۆرمەك ئۈچۈن، بۇ روھىنىڭ ۋەزنىنى بىلمەك، ئۇنىڭ تەنھالىقىدىن ھۇزۇرلانماق ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى سېھرىگە چىن پۈتمەك لازىمدۇر.
ئاۋسترالىيە روھىي جەھەتتە قانچىلىك دەرىجىدە ھازىرىدا ياشىسا، شۇنچىلىك دەرىجىدە ئۆتمۈشىدە ياشايدۇ. شۇنداقلا، ئۇ كەلگۈسىگە سىلجىغانسېرى، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىلجىيدۇ. ئۇ ئۆتمۈشى بىلەن كېلىشەلمىسە، كەلگۈسى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. كەلگۈسى بىلەن كېلىشەلمىسە، ئاداققى نۇقتىدا ئۆزى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. خۇددى بىر ئادەمنىڭ بالىلىق خاتىرىسى ئۇنىڭ پسىخىكىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، ئاۋسترالىيىنىڭ بالىلىق خاتىرىسىمۇ ئۇنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىغا شۇنداق تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. قانچىلىك كۆڭۈلسىز بولۇشىغا قارىماي، ئاۋسترالىيىنىڭ بالىلىق خاتىرىسى يەنىلا ئاۋسترالىيىكلەرنىڭ روھىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بالىلىق خاتىرىسىدىن ۋاز كەچكىلى ياكى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنى ئىنكار قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ئالداش بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بىر كۆڭۈلسىز بالىلىق خاتىرىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى ئۇنىڭ بىلەن قانداق بىللە ياشاشنى ئۆگىنىشتۇر. شۇندىلا، بۇ كوللېكتىپ ئاڭ ئۆزى بىلەن كەلگۈسىدە كېلىشەلەيدۇ، ئۆزىدىكى گۇناھ تۇيغۇسىغا تەسكىن تاپالايدۇ ۋە ئۆز-ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنەلەيدۇ.  

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز