پسىخىك ساغلاملىق ھەققىدە ساۋات» نىڭ بىرىنچى لېكسىيىسى Get link Facebook X Pinterest Email Other Apps - December 17, 2017 https://www.facebook.com/mamtimin.ala/videos/2174160855934770/:تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز Get link Facebook X Pinterest Email Other Apps Comments
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم - September 01, 2021 ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم كەسكىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يۈز يىلدا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئىشىنىش سىستېمىىىىىىدا بوپ كەلدى--ئېتىقاد سۈپىتىدىكى ئىسلام ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدىكى سوتسىيالىزم. ئىسلام دىنى 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنى تونۇشتۇردى—ئۇ بۇددا دىنىدىن پەرقلىق بولغان، شامانىزمدىنمۇ مۇرەككەپ بىر دۇنياۋى مۇقەددەس ئېتىقاد يولى ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادىتىنىڭ يولىنىى ئاچتى. سوتسىيالىزم بولسا بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ خام خىيالىنى تونۇشتۇردى. ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇ دۇنيادىكى دوزاق بىلەن جەننەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--قىسقىسى، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--ئىشىنىشكە ئېرىشتى؛ سوتسىيالىزم بولسا بۇ ئىككى قارىمۇ قارشىلىقنى پانىيلاشتۇرىدۇ—يوقسۇزلارنىڭ دۇنياسى «دوزاق»، بارلىقلارنىڭ دۇنياسى «جەننەت» كەبى تەسۋىرلەندى. ئاندىن، سوتسىيالىزم يوقسۇزلارنىڭ بۇ جەننەتتە ياشاش ھوقۇقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى «جەننەتتىكىلەر» نى دىكتاتورا يولى بىلەن رەھىمسىزلەرچە قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىر... Read more
- January 03, 2022 دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى 2022-يىل 2-يانۋار ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە سۆزلەنگەن نۇتۇق قەدىرلىك ياشلىرىمىز، بۈگۈن سىلەر بىلەن «دەۋرىمىز ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇلاقەتتە بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى قەۋەتلا بەختلىك ھېس قىلى ۋاتىمەن. مەشھۇر رەسسام پابلو پىكاسسو «ياشل ىق قېرىمايدۇ » دېگەنىكەن. بۇ دېگەنلىك، ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىزدە بىر ياشلىق بار . بۇ ياشلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىمايدۇ. بەلكى قەلبىمىزدە بىزنىڭ مەڭگۈ قېرىمايدىغان قىزغىنلىقىمىز سۈپىتىدە ياشايدۇ. ئەمما، نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ياشلىقنى يا ھېس قىلمايمىز، يا بىلمەيمىز ، يا ئۇنىڭغا ئىرەن قىلمايمىز. مېنىڭ بۈگۈن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىم دەل قەلبىمدىكى مۇشۇ ياشلىقنى قايتا ئويغاتتى . ھازىر ئۆزۈمنى روھىي جەھەتتە خۇددى سىلەردەكلا ياش، جۇشقۇن، قىزىققان ۋە ئىدېئالىست سۈپىتىدە ھېس قىلماقتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھايات ھەققىدە قەدىمدىن نۇرغۇن ھېكمەتلەر ئېيتىلغان. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈس... Read more
ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت - March 10, 2017 ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىمىز، پېقىر ئۇشبۇ خەتنى سىلەر بىلەن ھازىرقى دەۋرىمىزنى تەبىرلەيدىغان ئېنىقسىز ۋاقىتتا ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئىستىكىدە يېزىۋاتىمەن. ئەگەر ئۇشبۇ سۆھبەتنىڭ خاسىيىتىدە دىققىتىڭلارغا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىز، قىممەتلىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزدىن ئىبارەت تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلەلىسەم، قەۋەتلا خۇرسەن بولىمەن. سىلەرگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرمەكچىمەنكى، سىلەرنىڭ ئەمدى بالىلىقنىڭ بۇرۇنقى غەمسىز، ساددا ۋە ھېسسىياتچان شادلىقلىرىنى ۋە قورامىغا يەتكەنلىكنىڭ ساختا باھانە-سەۋەبلىرىنى تاشلاپ، ھاياتىڭلاردىكى ماھىيەتلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پەيتىڭلار كەلدى—ئۆزۈڭلارغا ۋە ئۆزۈڭلار تەۋە ۋەتەنگە سادىق بولۇش. چۈنكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى يەلكەڭلەرگە چۈشىدۇ، شۇنداقلا سىلەر ھەر ۋاقىت ۋەتىنىڭلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرىلىسىلەر. ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىمىز، سىلەر سەلتەنەتلىك تارىخ ياراتقان بىر قوۋمنىڭ ئەۋلادىسىلەر. ئەپسۇسكى، قانچىلىك سەلتەنەتلىك بولۇشىغا قا... Read more
Comments
Post a Comment