نەزەرلەردە ئادەم

نەزەرلەردە ئادەم



            قەدىمدە ئىنسانلار كۆزنىڭ چەكلىمىلىكلىرىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇش خىيالىدا بولغان. رىۋايەتلەردىكى سېھىرلىك ئەينەك مانا مۇشۇنىڭ جۈملىدىسىدىن ئىدى. ئۇ ئىنسانلارنى ھەممە يەردىكى ئىشلارنى خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىگە قىلاتتى. بۇ بىر ئوپتىكىلىق خىيالىي تۇيغۇ ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ۋاقىت ۋە ماكانغا قاپسىلىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ھەققىدىكى خام خىيالى ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ  بىر ھالقىما نەزەرگە ئېرىشىش ھەققىدىكى ئەسەبىيلىك ئىدى.  
            شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانلار تا ھازىرغىچە بۇنداق بىر نەزەرگە ئىگە بولۇپ باقمىدى. ئەمما، ئۇلار مۇشۇنداق نەزەرلەرنىڭ ئاستىدا ياشايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق نەزەرلەر باركى، ئۇلار ئادەمگە ھەر ۋاقىت تىكىلىپ تۇرىۋاتقاندەك، ئۇنى كۆزىتىۋاتقاندەك ۋە ئۇنى باھالاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. بۇ نەزەرلەرنى ئادەم قايتۇرۇپ نەزەرلىيەلمەيدۇ. ئۇلارغا قايتۇرۇپ تىكىلەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ھەر ۋاقىت تىكىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ بەزىدە مانا مۇشۇ نەزەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ مۇتلەق شەخسىيىتىنىڭ يوقلۇقىغا چىن پۈتۈپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ نېمىنى قانچىلىك مەخپىي قىلىشقا تىرىشمىسۇن، ئۇنىڭ كاللىسىدا شۇنداق بىر جەزم ئەلەڭلەپ تۇرىدۇكى، ئۇنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بىرى بار. ئۇ ئۆزىنى بۇ نەزەرلەردىن ئېلىپ قېچىشقا  قانچىلىك تىرىشمىسۇن، ئۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاللىقەيەرلەردە ئۇنى جىممىدە كۆزىتىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرالايدۇ. مۇتلەق خۇپىيانىلىق يوق دۇنيا بەزىدە ئۇنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدۇ—ھېچيەرگە ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي قاچقىلى بولمىغىنىدەك، ھېچيەرگىمۇ ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي مۆكۈنىۋالغىلى بولمايدۇ.
            ئۇنداقتا، بۇ نەزەرلەر قايسى؟  ئۇلار خۇدانىڭ، تارىخنىڭ ۋە ۋىژداننىڭ نەزەرلىرىدۇر. شۇنىسى ئېيتىلىشى كېرەككى، بۇ نەزەرلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا كۆز يوق؛ ئەمما، ھەممىسى ئادەمنى «كۆرۈپ تۇرالايدۇ.» ئۇلارنى ھېچ يەردە كۆرگىلى بولمايدۇ؛ ئەمما ئۇلار ھەممە يەردە. ئۇلاردا كۆزسىمان نەزەرنىڭ بولۇشى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس—مۇھىمى، بۇ نەزەرلەرنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ ياكى نېمىنىڭ بارلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا خۇدا (ياراتقۇچى)، ۋىژدان (قەلبنىڭ ئاۋازى) ۋە تارىخ (باشقىلارنىڭ خاتىرىسى) بار.
خۇدانىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ ئۈستىدە، ۋىژدان ئىچىدە، تارىخ ئۇنىڭ ئارقىدا ۋە ئالدىدا  ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. خۇدانىڭ نەزەرى، دىنىي نۇقتىدىن، ھەممىنى كۆرگۈچى، بىلگۈچى ۋە يېتەكلىگۈچىدۇر. شۇنىڭدەك، ئۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەلبىدە، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدە ۋە كەلگۈسىدە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىلىپ تۇرىدۇ. يەنى، ئەگەر ئۇ قەلبتە ۋىژداننىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئىچكىيلەشسە ۋە شۇ ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرسا ھەمدە تارىختا ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشىنى ۋە ئالاقە قىلىشىنى بارلىققا كەلتۈرسە، قىيامەت كۈنى نېمىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىگە ئاساسەن نېمىلەرنىڭ قىلىنغانلىقىنى بىر-بىرلەپ سۈرۈشتۈرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ۋىژدان ئادەمنىڭ قەلبىدە—قەلبىدىن—ئۇنى، باشقىلارنى ۋە دۇنيانى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، خۇددى ياتۋاشتەك سۆزلەيدۇ. ئۇ ئادەمگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان ئەڭ يىراق ياتۋاشتۇر. ئۇ ھەم ئادەمنى ئەخلاقىي مۇكەممەللىككە يېتەكلىگۈچى ھەم ئۇنىڭغا يېتىشتە كۆرۈلگەن مەغلۇبىيەت ۋە نۇقسانلارنى ئەڭ شەپقەتسىز ئەيىبلىگۈچىدۇر. ئۇنىڭ «كۆرۈشى» نى كونترول قىلغىلى بولمىغاندەك، سۆزلىشىنىمۇ كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. ۋىژداننىڭ «كۆزى» نى ئېتىپ قويغىلى، ئاغزىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ—ئۇ ھەرۋاقىت ئادەمگە جىممىدە قاراپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلسە ئۇنىڭغا قاتتىق تېگىدۇ. ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەيىبلەيدۇ. ۋە ھەتتا ئۇنى گۇناھكار ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆتمۈشىنى باشقىلارنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن خاتىرىلەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ كەلگۈسىنىمۇ خاتىرىلەيدۇ—ۋاقتى كەلسە، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەرىكىتى، ئويى ۋە سۆزىگىچە خاتىرىيەلەيدۇ. ئۇنى بۇلارغا مەسئۇل بولۇشقا چاقىرىدۇ—ۋاقتى كەلسە، قىستايدۇ. دېمەك، ئادەم ئۆتمۈشىنى ئۆچۈرەلمەيدىغاندەك، كەلگۈسىدىمۇ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. بۇ تارىخقا پۈتۈلۈپ كېتىشتۇر. ئۇنىڭغا پۈتۈلۈپ قېلىشتىن ھايات ۋاقتىدىلا ئەمەس، ئۆلگەندىمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ—قانداق پۈتۈلۈشنى كونترول قىلغىلى بولمىغىدەك، ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ بىر توختىماستىن باھالىنىش جەريانىدۇر. ياخشى بولغىنىدا، ئادەم كېلەچەكتىكىلەر تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغىنىدا، يىللار ۋە ئەسىرلەر بويى نەپرەتكە ئۇچرايدۇ.  
            دېمەك، ئادەم ھەر ۋاقىت كۈزىتىلگۈچىدۇر—ئۈستىدىن، ئىچىدىن، ئارقىدىن ۋە ئالدىدىن. مانا مۇشۇ كۆرۈش بۇلۇڭلىرى ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە، ھەتتا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ كۆزىتىلىپ تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا، ئادەم ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ئاستىدا تۇرىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزسىلا ئەيىبلىنىدىغان بىر مەۋجۇداتتۇر. فلوبېر ئېيتقاندەك، «بۇ يەردە ھەقىقەت يوق، بەلكى ئىدراك بار». ئۇنىڭ دەۋاتقان ئىدراكى ئوخشىمىغان كۆرۈش نۇقتىلىرىدا ئېرىشىلىدىغان كۆپ خىل ھالەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىدۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن، يۇقىرىقى ئۈچ كۆرۈش نۇقتىسىدىكى ھەقىقەت مۇنداق بولىدۇ—خۇدانىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ ئىرادىسى مۇتلەق ھەقىقەتتۇر. تارىخ باشقىلارنىڭ سۇبيېكتىپ ھەقىقىتىدۇر. ۋىژدان سېنىڭ ھەقىقىتىڭدۇر. ئۇلارنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا—ئەگەر مۇشۇنداق  بىر نۇقتا مۇمكىن بولسا—سەن ئۆزۈڭ ھەققىدە ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ يۈز خاتىرە قىلىنمايدىغان ۋە ئەڭ پايدىلىق باھاغا ئېرىشىسەن.
شۇنىسى ئېيتىلىشى كېرەككى، ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنىڭ ئورناتماقچى بولىدىغىنى ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ ئىلاھىي كۆرۈش بۇلۇڭىنى ئېلىشقا تىرىشىشتۇر. ئۇ ئادەمنى ئۆزى كۆرۈپ تۇرىدىغان ئەمما ئۇ كۆرەلمەيدىغان نۇقتىدا تۇتۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئويى-خىيالى ۋە قىلمىشىنى كۆزىتىپ تۇرالاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق، ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئۆزىگە ئەڭ تەھدىدلىك دەپ قارايدىغان مۇنۇ فرونتنى بوي سۇندۇرۇشنى كۆزلەيدۇ—ئادەمنىڭ ئەركىن تەپەككۈر قىلىدىغان كاللىسى. مانا مۇشۇ كاللىنى ئۈزۈل-كېسىل بوي سۇندۇرۇش ئۇنىڭ يىراقتىن كۆزىتىلىشىنىلا ئەمەس بەلكى باشقۇرۇلۇشىنىمۇ ئىنتايىن ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ كاللىسى—خۇددى باشقا ئوبيېكتلارنىڭكىدەك—ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنمىلىكى بار جىسىمغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىككىنچى ئىشى تارىخنى بۇرمىلاش ۋە قايتا يېزىپ چىقىشتۇر—ئۇنىڭدىكى قەھرىمانلىقلارنى ۋە قەھرىمانلارنى پۈتۈنلەي ئەكسى قىلىش، زوراۋانلىقلارنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلارنى ئاقلاشتۇر. بۇنىڭ ئاداققى مەقسىتى شۇنى بىلدۈرۈشكى، تارىخ تەرەپسىز، ئوبيېكتىپ ۋە مەڭگۈلۈك ئەمەس. تارىخ بەزىدە ھۆكۈمراننىڭ ئاشنىسىدۇر—ئۇ زامان، تارىخ ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى كۆزىتىشىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمراننىڭ  ھوقۇق ئىرادىسىنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما، تارىخنى بوي سۇندۇرماقچى  بولغان ھەرقانداق بىر مۇستەبىت تارىخىنىڭ مەڭگۈ بوي سۇندۇرغىلى بولمايدىغان ھەمدە ئۇنى ھامىنى بوي سۇندۇرىدىغان مۇنداق خىرىسىغا دۇچ كېلىدۇ: ئۇنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشى—خۇددى ئۇنىڭ باشقا بارلىق رەزىل قىلمىشلىرىغا ئوخشاش—يەنە شۇ تارىختا خاتىرىلىنىدۇ. ئۇ تارىخنى ۋاقتىنچە بۇرمىلالىشى ۋە چەكلىيەلىشىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ بۇرمىلاش ۋە چەكلەش ھەققىدىكى خاتىرىلىرىنىڭ ئاخىرىدا تارىختا قېلىشىدەك پاكىتنى بۇرمىلىيالمايدۇ ۋە چەكلىيەلمەيدۇ. دېمەك، ئۇ تارىخنىڭ «كۆزى» دىن ھېچ ۋاقىت قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاخىرىدا، مۇستەبىت ئادەمنىڭ ۋىژدانىنىڭ ئاۋازىنى يوقىتىشنى ئىزلەيدۇ. بۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى رېكلام، تېررور، سۇيىقەست ۋە نەيرەڭۋازلىق بىلەن مۈجمەللەشتۈرۈش ۋە يوقىتىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەخلاقىي كومپاسىنى يوقاتقان ئادەمنىڭ ۋىژدانىنىڭ ئاۋازىمۇ ھاياتنىڭ بورانلىق تۈنلىرىدە ئاستا-ئاستا ئادىشىدۇ. ئادەم ۋىژدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمايدىغان بولىدۇ؛ تارىخ ۋە خۇدانىڭ نەزەرىمۇ ئۇنىڭغا ئەرزىمەس نەرسىدەك بىلىنىدۇ.
            مۇھاكىمىمىزنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق بىر سوئال بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: ھاياتى بويى ۋە ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ بۇ قەدەر ئۈزلۈكسىز ۋە قاتمۇ قات كۆزىتىلىدىغان ئادەم يەنە نېمىشقا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ؟ ئادەمنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشى، بولۇپمۇ بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشى، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ئۇنىڭ كۆزىتىلىشتىن خالىيلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆزىتىلىش ئاستىدا ئەركىن تاللىيالىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. شۇ سەۋەب، كۆزىتىش ئاستىدا ئەركىن تاللىيالىغۇچى يەنە شۇ كۆزىتىش ئاستىدا ئۆزىنىڭ تاللىشىغا مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ھەممە يەردە ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرىدىغان كۆزلەرنىڭ نەزەرىدە بىلىپ تۇرۇپ خاتا تاللاش ئېلىپ بارالاش ئۇنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنىڭ خاتالىقىدۇر—ئۇنىڭ ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدىلىدۇر. مانا مۇشۇ نۇقتىدىن، ئۇ ياكى خۇدا بىلەن توۋا ئارقىلىق يارىشىشنى ئىزدەيدۇ ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ياكى ۋىژدانىغا قۇلاق سالىدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئىرەن قىلمايدۇ؛ ياكى ئۇ تارىخچىلارغا ئۇلار كەلگۈسىدە يازغۇدەك بىر نەرسە قالدۇرۇپ قويغۇدەك ياشايدۇ ياكى ئۇنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلىدۇ.  
                                                                  

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز