شاھىدلارنىڭ تەرەپسىزلىكى





ھاياتتا بىز ھەر ۋاقىت مەلۇم ئىشلارغا شاھىد بولۇپ تۇرىمىز. شۇنداقلا، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغىمۇ باشقىلار شاھىد بولۇپ تۇرىدۇ. شاھىد بولۇش ۋە بولۇنۇش بىزنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىدۇر. بىز ھەم كۆزەتكۈچى ھەم كۆزىتىلگۈچىمىزدۇر. بۇ مەنىدىن، شاھىدلىق بىزنىڭ ئىجتىمائىيلىقىمىزنىڭ مۇھىم قىسمىدۇر. ئاددىي ئېيتقاندا، شاھىد بولۇش مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى كۆزىتىشنى، ئاڭلاشنى، بىلىشنى، باھالاشنى ۋە ئۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشنى  كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بۇ مۇھاكىمىدە توختىلىدىغىنىمىز زوراۋانلىققا شاھىد بولغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدۇر.
سۆزىمىزنى ئالدى بىلەن مۇنداق بىر مىسالدىن باشلايلى. بىر ئادەم ۋېلىسىپىتى بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قېرى ئايالنى قاتتىق سوقۇۋەتتى، دەيلى. ۋېلسىپىتچى ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالدىن ئەپۇ سوراش تۈگۈل ئۇنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن بولسۇن. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ۋېلىسىپىتچىنى ، يەنە بىر قىسمى ئۇ ئايالنى يولنى خاتا ماڭغانلىق بىلەن ئەيىبلىسۇن ۋە يەنە بىر قىسمى ھېچنېمە دېمەي جىم تۇرغان بولسۇن. ئالدى بىلەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىنتايىن ئاددىيلاشتۇرۇلغان بىر مۇمكىنچىلىك ئالىمىدە، شاھىدلارنىڭ كۆزىتىشىدە ئۇشبۇ ھادىسە ئېھتىمال بىر ۋېلىسىپىت بىر ئادەمنى سۇقۇۋەتكەن شەكىلدە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا، ۋېلىسىپىتنى بۇ يولۇچىنى سوقۇۋېتىشتىن بارلىققا كېلىدىغان ڧىزىكىلىق ئۈنۈمنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ خۇددى بىراۋنى چاقماق سوقۇۋەتكەنگە ئوخشايدۇ. بۇنى مۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ: «بىر ۋېلىسىپىت بىر ئايالغا ئۇرۇلدى.» ئەمما، بۇ مۇمكىنچىلىك رېئاللىقىمىزدا رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، ھادىسە يۈز بەرگەندە، ۋېلىسىپىت ئۆزى ھەيدەلمەستىن، بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن ھەيدەلگەندۇر. دېمەك، ۋېلىسىپىتنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى باشقۇرغان بىر ئادەم—ياكى، تېخىمۇ توغرىسى، بىر ئاڭ—بار. ئۇنداقتا، بۇ ئاڭنىڭ ئۇشبۇ ھادىسىگە قاتنىشىشى شاھىدلارنىڭ بۇ ھادىسە ھەققىدىكى ئىدراكىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بىز يۇقىرىدا ۋېلىسىپىتچىنىڭ ۋېلىسىپىتىنى ھەيدەپ—باشقۇرۇپ تۇرۇپ—ۋەقە سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتتۇق. ئۇنداقتا، ئۇشبۇ ھۆكۈمىمىزنى تەكشۈرۈپ باقايلى—ئەگەر ئۇ ۋېلىسىپىتنى باشقۇرغان (كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان) بولسا، يەنە نېمە ئۈچۈن مۇنداق بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ؟ ھادىسە يۈز بەرگەندە ۋېلىسىپىتچى ھەقىقەتەن ۋېلىسىپىتنى ياخشى باشقۇرغانمىدى؟ ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۇنىڭ دىققىتىنى جىددىي چالغىتىدىغان بىرەر خىيال ياكى ئەسلىمە كېلىپ، ئۇنىڭ دىققىتى چېچىلغان بولسىچۇ؟ ياكى، ئۇنىڭ كۆزلىرى كوچىنىڭ ئۇ قېتىدا قۇياش نۇرىنى قايتۇرغان بىر ئەينەكتىن قامىشىپ كېتىپ، يولنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىچۇ؟ ياكى، ئۇ ھاياتىدىكى كېلىشمەسلىكلەردىن روھى چۈشۈپ، يېقىندىن بېرى دىققىتىنى يىغالماس بوپ قالغان بولسىچۇ...؟ ئۇنداقتا، سوقۇلغۇچى ئايالچۇ—ئۇمۇ دىققىتى چېچىلىش سەۋەبلىك، پىيادىلەرنىڭ مېڭىشى چەكلىنىدىغان تەرەپتە مېڭىپ سېلىپ، ئۇشبۇ ھادىسىگە ئۇچرىغان بولسىچۇ...؟ قىزىقارلىقى، بۇنىڭ شۇنچىلىك ئاددىي ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ۋەقە بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي سۈرۈشتۈرۈشكە چۈشسەك، بىر چەكسىزلىككە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رېئاللىقتا ھېچكىم بۇنداق چەكسىزلىكنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر چۈشەندۈرۈش:  —«بىر ئادەم ۋېلىسىپىتىدە (ياكى قەستەن ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن) بىر ئايالنى سوقىۋەتتى.» قەستەنلىك بىلەن ئېھتىياتسىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئېنىق ئايرىلىشى ئەمەلىيەتتە ۋېلىسىپىتچىنىڭ توغرا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىلدۇر. ئەگەر قەستەنلىك بىلەن قىلىنغان بولسا، ئۇ گۇناھكار؛ ئەكسىچە بولسا، گۇناھسىز سانىلىدۇ.
يۇقىرىقى ئوي تەجرىبىسىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بىزنىڭ يۇقىرىقى ھادىسىگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمىز ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىگە مەركەزلىشىدۇ. يەنى بىز ۋېلىسىپىتلىق بىر ئادەمنىڭ زادى نېمە ئويدا (مەقسەتتە) ئۇ ئايالنى سوقۇۋەتكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىلسەكمۇ، ئۇ پەقەت ۋېلىسىپىتچىنىڭ بايانى بولۇشى مۇمكىنكى، ھەرگىزمۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بىلىدىغىنىمىز پەقەت  ئۇنىڭ بىر ئايالنى كۈپكۈندۈزدە سوقۇۋەتكەنلىكىدۇر. ئۇنىڭ مەقسىتىنى كۆزىتەلمەيمىز—چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەستۇر. ئەمما، ئۇنى ئۇنىڭ قىلمىشىغا قاراپ تۇرۇپ بىلەلەيمىز. شۇڭا، ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق بېكىتىش ئۇنىڭ ھاسىلاتى سۈپتىدە قارىلىدىغان نەتىجىگە مەركەزلىشىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋەقەدە سەۋەبنى كۆزەتكىلى بولمىغان بىلەن، نەتىجىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، كۈزەتكىلى بولىدىغان مۇشۇ ئامىل بىزنىڭ ئۇنى ئەيىبلىيەلىشىمىزگە ئاساس بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھەرىكىتىگىلا باھا بېرەلەيمىزكى، ھەرگىزمۇ ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن بارلىق مەنىۋى ۋە پسىخىك ئامىللارغا باھا بېرەلمەيمىز. ھەم كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ باھايىمىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىمىز—چۈنكى، بىز كۆزىمىز كۆرگەنگە ئىشىنىشنى كۆزىمىز كۆرمىگەنگە ئىشىنىشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. بىز يەنە شۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىدىن ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ كۆرەلەيدىغىنىمىز بىزنى ئالدىمايدۇ.
ئەمدى كۆرۈش نۇقتىمىزدىكى يۇقىرىقى ۋەقەدىكى ئۆزگەرمەس ئامىللارنى (قىممەتلەرنى) نى ئۇنىڭ يۈز بېرىشىگە قاتناشقۇچىلار، ئۇنى كۆرگۈچىلەر (تاماشىبىنلار) ۋە ئۇنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شارائىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە  چەكسىز ئۆزگىرىدىغان مودېلغا كىرگۈزۈپ باقايلى. بۇنىڭدىكى مېتود ئۆزگەرمەس قىممەتلەرنى چەكسىز ئۆزگىرىدىغان قىممەتلەرگە  ئۆزگەرتىشتۇر. بىرىنچى  ئۆزگەرگۈچى قىممەتلەر ئالىمىدە ۋېلىسىپىت مىنگۈچى دالاي لاما، سوقۇلغۇچى بىر قېرى خىتاي ئايال ھەمدە بۇ ھادىسە ھىندىستاننىڭ دارمسالا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولسۇن. بۇنىڭدىن بارلىققا كېلىدىغان ئۈنۈم قانداق بولىدۇ؟ دۇنيا، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن؟ ئەمدى، بۇ قىممەتلەرنى ۋە كۆرۈش نۇقتىمىزنى ئالماشتۇرايلى—ۋېلىسىپىت مىنگۈچى بىر خىتاي ئايال، سوقۇلغۇچى دالاي لاما بولسۇن. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟ دۇنيا، جۈملىدىن خىتايلار، بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن؟ چەكسىز ئېھتىماللىق بولمىسا، ھېچقانداق رېئاللىق مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆزگەرگۈچى قىممەتلەرنى چەكسىز ئالماشتۇرۇش رېئاللىقىمىزنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ چەكسىز ئۆزگىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
ئەمدى، باشقا مۇمكىنچىلىكلەرنى كۆرۈپ باقايلى: ۋېلىسىپىت مىنگۈچى بىر ئاق تەنلىك ئايال، سوقۇلغۇچى قارا تەنلىك ئەر بولسۇن؛ ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە بولسۇن. بۇ ۋەقە ئامېرىكىدىكى ئىرقىي جىددىيلىك كۈچلۈك بولۇۋاتقان شارلوت شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھەم بۇ ھادىسە يەرلىك مېدىيادا كەڭ كۆلەمدە ئېلان قىلىنغان بولسۇن. ئۇنداقتا، بۇ ۋەقە ئامېرىكا جەمئىيىتدە قانداق ئىنكاسلارنى قوزغىشى مۇمكىن؟
بۇ ئۆزگىرىشلەرنى توختىماستىن، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتچىللىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئېھتىمال بەزى ئۆزگىرىشلەر رېئاللىقتا ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن (ئاق تەنلىك-قارا تەنلىك مىسالدىكىدەك) ياكى قىياسىي ھالەت (دالاي لاما-خىتاي ئايال مىسالىدىكىدەك) بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بىزدە بىر ۋېلىسىپىتلىك ئادەمنىڭ يەنە بىر پىيادىنى سوقۇۋېتىشىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىق مودېلى مەۋجۇتتۇر. بۇنى رېئاللىقنىڭ ئەسلى تەگلىكى دەپ ئاتايلى. بۇ تەگلىك رېئاللىقنىڭ ئاساسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگەرمەستۇر. ئەمما، ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ئامىللار ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ—ئادەم، ۋاقىت، مۇددىئا، ئورۇن، شارائىت ۋە شاھىدلار. ئۇشبۇ مودېل ئۆزىنى ھەر بىر ۋېلىسىپىت ھادىسىسىدە رېئاللاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر رېئاللىشىشى يېڭى شەرھنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مودېل يۆتكىلىپ يېڭى ھادىسىگە قاتنىشىدۇ. باشقا بىر ئادەم باشقا بىر شارائىتتا يەنە باشقا بىر ئادەمنى سوقۇۋېتىدۇ. كىشىلەر يەنە توختىماستىن ئۇ ھەقتە سۆزلىشىدۇ، ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا ئۇنىڭغا قانۇن ئارىلىشىدۇ، شاھىدلار سوتقا چاقىرىتىلىپ، گۇۋاھلىققا تارتىلىدۇ.  
ئۇشبۇ مودېل شاھىدلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ قانداق بولۇشىنى تەگ مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر ئىچكى بىر تەرەپلىمىلىكنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، كۆپ ھاللاردا شاھىدلار، نورمال شارائىتتا، ۋېلىسىپىت ھەيدىگۈچىنى يولۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك ئەيىبلەشكە مايىلراق كېلىدۇ. چۈنكى، تەگ مودېلدا يوشۇرۇن ئەخلاقىي مەزمۇن ساقلانغان بولۇپ، ۋېلىسىپىتلىك ئادەم پىيادىگە قارىغاندا ھەرىكەت قىلىش ۋە ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئاز تولا ئەۋزەللىككە شۇڭا ئۈستۈنلۈككە ئىگە دەپ قارىلىدۇ. شۇ سەۋەب، ۋېلىسىپىتلىك كۈچلۈكرەك ئورۇنغا، يولۇچى ئاجىزراق ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ ئالدىنئالا ئىدراك قىلىنىدۇ. شۇڭا، بىزدە ئادەتتە ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، مەسىلە چىقسا كۆپرەك ئەيىبلىنىشى كېرەك دېگەندەك ئالدىنئالا شەكىللەنگەن بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. ھەتتا گۇناھ يولۇچىدىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ، شاھىدلار كاللسىدىكى بۇ بىر تەرەپلىمىلىك سەۋەبلىك، بەزىدە ئالدى بىلەن ۋېلىىسپىتچىنى ئەيىبلەيدۇ.
بىزنىڭ بۇ يەردە تەكشۈرىدىغىنىمىز گۇناھنىڭ ئالدى بىلەن كىمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بىر ھادىسىگە شاھىدلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىدۇر. يۇقىرىقى مىسالغا قايتساق، كەڭ مەنىدىن، شاھىدلارنىڭ ئىنكاسى ۋېلىسىپىتچىنىڭ قىلمىشىغا ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىتا ئادەتتە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ—قارشى تۇرۇش، قوللاش ۋە پەرۋاسىزلىق (تەرەپسىزلىك ياكى نېتراللىق). ئۇلارنىڭ ئىنكاسى ئالدى بىلەن، ئۇلار ئۇنچە ئاڭقىرىپ كەتمەيدىغان تەگ مودېلغا تايىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي پوزىتسىيىسى ئۇلارنىڭ مەزكۈر ۋەقەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ تەگ مودېلنى ئىدراك قىلىشى ۋە ئەخلاق قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاشلا، شاھىدلارنىڭ ئايالنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئىنكاسىمۇ يۇقىرىقىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ. دېمەك، شاھىدتا ئۆزى كۆزىتىۋاتقان ھادىسىگە قارىتا چوقۇم بىر ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، ھەتتا ئۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋالسىمۇ. چۈنكى، سۈكۈتنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئىنكاستۇر—ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئىنكاستۇر. بىزنى بۇ مىسالدا ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ مەلۇم ھادىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا سۈكۈتنى تاللايدىغانلىقىدۇر.
دالاي لاما مىسالىغا قايتايلى. بۇ ھادىسىنى كۆرۈپ تۇرغان 100 دەك شاھىد بار دەيلى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر ھادىسىگە قارىتىدىغان ئىنكاسى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.  گەرچە بۇ بىر ئاددىي قاتناش ھادىسىسى بولسىمۇ، ئۇ ئوخشىمىغان رامكىلاردا—مەسىلەن سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئەخلاقشۇناسلىق ۋە دىنىي رامكىلاردا—قارالغاندا، ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.  مەسىلەن، بۇ ھادىسە تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش نۇقتىسىدىن باھا بېرىلىشى مۇمكىن. ئەگەر شاھىد تىبەت مۇستەقىللىقىگە مايىل بولسا، ئۇ گۇناھنى—ئۆزى بىلىپ-بىلمەي—خىتاي پىيادىچىگە ئارتىشى مۇمكىن، ھەتتا خاتالىق دالاي لامادا بولسىمۇ. ئەگەر ئۇ تىبەت مۇستەقىللىقىگە  قارشى بولسا، ئۇ گۇناھنى—ئۆزى بىلىپ-بىلمەي—دالاي لاماغا ئارتىشى مۇمكىن، ھەتتا خاتالىق پىيادىچىدە بولسىمۇ. دېمەك، بۇ يەردىكى شاھىدلارنىڭ كاللىسىدىكى قاراشلار—بىر تەرەپلىمىلىكلەر—ئۇلارنىڭ ھادىسىگە قانداق قارىشىنىلا ئەمەس، بەلكى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنى قايسى نۇقتىدىن قانداق كۆرۈشىنىمۇ يوشۇرۇن بەلگىلەيدۇ. بىز ئادەتتە شاھىدلاردىن كۈتىدىغان بىتەرەپلىك بەزى چاغلاردا بىر تەرەپلىمە قاراشلار تەرىپىدىن تەرەپلىك قاراشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەتتا ئۇلارمۇ ھېس قىلالمايدىغان ئاڭسىز كۈچلەر، ئىستەكلەر ۋە قاراشلار (بىر تەرەپلىمىلىكلەر) ئۇلارنىڭ دۇنيانى قانداق كۆزىتىشى، باھا بېرىشى ۋە ئەسلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

*

ئەمدى يەنە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. مۇشۇ يىل ئالتىنچى ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم شەھەردە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ماشىنا يولىدا پىيادىلەر ئۆتىدىغان بىخەتەر زېبرا ئاق سىزىقىدا تۇرغان  بىر ئايالنىڭ بىر قىزىل رەڭلىك تاكسى تەرىپىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ۋىدىئو خەۋىرى تارقالدى. مەزكۈر ۋىدىئو خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، بىخەتەر سىزىقتىكى ئاق كىيىملىك ئۇ ئايالنى بېسىۋەتكەن شوپۇر ۋەقەدە ماشىنىسىنى توختاتماي كېتىۋېرىدۇ. ئايال يىقىلغان يېرىدىن قوپۇشقا بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ بېقىپ، قوپالماي يەردە ياتقاندا، كۈلرەڭ سۇۋدىن بىرى ئۇنى ئۈستىدىن يەنچىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئايال نەق مەيداندا قازا قىلىدۇ. ئۇشبۇ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە يولدا ئۆتكەن-كەچكەنلەر خۇددى ئۇنى كۆرمىگەندەك، كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغاندەك زېبرا سىزىقىدىن ئۆتۈۋېرىدۇ. يولنىڭ قارشى يۆنىلىشىدىن كېلىۋاتقان يەنە بىر بولكىۋايدىن باشقا ماشىنلار خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك زېبرا سىزىقىدىن ئۆتۈپ، مېڭىشىنى ئاۋۋالقىدەك داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. يەردە ئاۋۋال بىرىنچى ماشىنا تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان، كېيىن ئىككىنچى ماشىنىنىڭ دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشىدە جان ئۈزگەن ئايالغا ھېچكىمدىن ھېچقانداق ياردەم كەلمەيدۇ.[1]
 بۇ ھادىسە خىتاي جەمئىيىتىدە زىلزىلىلىك خەۋەر بوپ قالىدۇ. خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەر ئۇشبۇ ۋەقەگە قارىتا تۇشمۇ تۇشتىن باھا بېرىدۇ—بەزىلەر ئۆزىنىڭ بۇ قاتناش ۋەقەسىدىن قاتتىق زىلزىلە ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتسا، بەزىلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يۈرىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قارىداپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق چۈچىگەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلەر بازار ئىگىلىكىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ھايۋانسىمان مەخلۇقاتلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى ھەققىدە ئاھ ئۇرۇشىدۇ.
بۇ قاتناش ۋەقەسىدە ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدىغىنى جىنايەتنىڭ قاباھەتلىكىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەتراپتىكى 30 دەك شاھىدلارنىڭ قورقۇنچلۇق  پەرۋاسىزلىقىدۇر. شاھىدلارنىڭ پەرۋاسىزلىقىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تەرىپى ئۇلاردا ھېسداشلىقنىڭ ئىپادىلەنمەسلىكى ئەمەس، بەلكى بىر ئايالنىڭ ئاۋۋال بىر تاكسى، كېيىن بىر سۇۋ تەرىپىدىن قايتا-قايتا يەنچىلىپ كېتىشىنى كۆرمەسلىككە سالالىشىدۇر.  پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆرمەسكە سالالاش قارىماققا ئىككى خىل ئۇقۇم بولسىمۇ، بۇ كونتېكىستتە ئوخشاش مەنىگە ئىگە—كۆرمەسككە سېلىۋېلىش پەرۋاسىزلىقنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. چۈنكى، ئۇ پاجىئەنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىۋېتەلەش ماھارىتى ۋە جاسارىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئادىللىقنىڭ تامامەن بەربات بولۇشىدۇر. شۇڭا، بۇ يەردە ئۆلگىنى بىر ئاق كىيىملىك ئاياللا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرۈپ تۇرغان بارلىق شاھىدلارنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىدۇر. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، بۇ يەردە ئۆلگىنى ئادەم بىلەن ئادەمنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئەڭ تىرەن مېھىر- مۇھەببەتتۇر.
ۋەقەنى ئانالىز قىلىشقا قايتايلى. يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى بىز ئۈچۈن چۈشىنىش ئىنتايىن قىيىن بولىدىغان بىر ئىنكاستۇر. شۇ سەۋەب، بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىش كېرەك دەپ قارايمىز—بۇ شاھىدلار ئۆزىدىكى پەرۋاسىزلىقنى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا يوشۇرۇن ئاقلاش ئۈچۈن بۇ پاجىئەنى كۆرمىگەنگە سېلىۋالدىمۇ ياكى ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەنى پەرۋاسىزلىق بىلەن مەقسەتلىك كۆرمەسكە سېلىۋالالايدىغان ئەخلاقىي قارىغۇلۇق بارمۇ؟
ئىجتىمائىي پسىخولوگىيىدە شاھىد ئۈنۈمى (شاھىد پەرۋاسىزلىقى) دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار.[2] بۇ ئۇقۇم شاھىدلارنىڭ (نەق مەيداندا بولغۇچىلارنىڭ) سانىنىڭ قانچىلىك بولۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇشبۇ نەزەرىيىگە كۆرە، شاھىدنىڭ پەرۋاسىزلىقى ناتوغرا قوللىنىلغان ئاتالغۇدۇر، چۈنكى ئادەتتە كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ دەرىجىسى، قېتىم سانى ۋە خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. بۇ نەزەرىيە ئاخىرىدا شۇنى خۇلاسىلەيدۇكى، ئەگەر نەق مەيداندا شاھىدلار قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.  بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە—مۈجمەللىك (شاھىدلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەقىقەتەن زەخمىلەنگەن-زەخمىلەنمىگەنلىكىنى ۋە زەخمىسىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى دەماللىققا بىلەلمىگەچكە، جىددىي ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ)، ئۇيۇشۇشچانلىق (شاھىدلار ئوخشاش ياكى ئوخشاشراق كىملىككە ئىگە بولسا ۋە مەلۇم بىر ئىدىيە، قىممەت قارىشى ۋە ياكى قىزىقىش بىلەن بىرلەشكەن بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولسا، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكى چوڭراق بولىدۇ)، مەسئۇلىيەتنىڭ چېچىلىپ كېتىشى (شاھىدتا كۆرۈلىدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا مەن ياردەم قىلمىسام باشقىلار ياردەم قىلار دېگەن قاراش سەۋەبلىك، تۆۋەنرەك شەخسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش خاھىشىنى كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ بەزىدە ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرنىڭ ۋە ھەتتا ھېچكىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ھەقىقىي ياردەم قىلىشنى خالىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)، مەسئۇلىيەت ھەققىدىكى قايمۇقۇش (بۇنىڭدا شاھىدلار باشقىلارغا ھادىسىنىڭ سەۋەبكارى سۈپىتىدە كۆرۈلۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ياردەم بېرىشتىن يالتىيىدۇ) ۋە «كۆپ مەنبەلىك سەل قاراشتۇر (نەق مەيداندىكىلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئېغىر-بېسىق ھالىتىدىن، ھېچقانداق جىددىي ئىشنىڭ بولمايۋاتقانلىقىغا ئىشىنىپ قېلىش سەۋەبلىك، ھېچكىمنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېغىر-بسىقلىقىنى بۇزۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.)
ئۇشبۇ نەزەرىيىنى يۇقىرىقى مىسالىمىزغا تەدبىقلىساق، قىيىنچلىق ھېس قىلىمىز. ئۇشبۇ مىسالىمىزدىكى شاھىدلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى ئۆزگىچە بىر پەرۋاسىزلىقتۇر. يەنى ئۇلار قاتناش ھادىسىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، توختاپمۇ قويمايدۇ. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئۇلارنىڭ بۇ ھادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقنىڭ بىرەر ئالامىتىنى ئېنىق كۆرۈش ھەقىقەتەن تەس. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ چىرايىدا ھېسسىياتتىن ئەسەر يوق. شۇڭا، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا، ئىدراكىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يوق. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۈچۈن، بۇنداق بىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن.
بۇ يەردىكى شاھىدلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئەڭ قايمۇقارلىق يېرى ئۇلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى ئەمەس، بەلكى، تېخىمۇ دەھشەتلىكى، ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر ھادىسىگە نورماللىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلالىشىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھادىسىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقانلارنىڭ خۇددى ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك پېتىنى بۇزماي، يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەلىشىدۇر. ئۇ ئايالنى بېسىۋەتكەن ھەر ئىككى شۇپۇرمۇ خۇددى ھېچنېمە بولمىغاندەك ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن ئاۋۋالقىدەكلا مېڭىۋېرىدۇ. دېمەك، ھېچكىم بۇ ھادىسىدىن بىرەر نورمالسىزلىق ھېس قىلمايدۇ.
پەرۋاسىزلىق بىلەن نورماللىقنىڭ ئۇشبۇ كونتېكىستتىكى پەرقى شۇكى، ئالدىنقىسىدا كۆرمەسلىك ۋە كۆرمىگەنگە سېلىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ؛ ئەمما، كېيىنكىسىدە كۆرسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇلمايدۇ. كېيىنكىسى شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى پسىخىك جەھەتتە تېخىمۇ بىسەرەمجان قىلىدۇكى، ئۇنىڭدا كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق غەيرىيلىك ھېس قىلماسلىقتەك ئەخلاقىي قارىغۇلۇق بولىدۇ. ھەتتا، ئېغىرراق ئەھۋالدا، ئىشلار ئەسلىدىن شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك ھېس قىلىنىدۇ—ناھەقچىلىك، ئازابلىنىش ۋە خورلۇق ھېچ زامان غەيرىلىك ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتىنىڭ ماھىيەتلىك بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىدراك قىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، نورماللىقنىڭ ئەكسىچە ئىش تۇتۇش ئۇلارنىڭ نەزەرىدە نورمالسىزلىققا كىرىدۇ.
ئۇنداقتا، خىتاي جەمئىيىتى قانداق قىلىپ، بىراۋ ماشىنىدا بېسىلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتسىمۇ، ھېچكىمنىڭ چاتىقى بولمىغۇدەك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق بىر جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى؟ بىر ھادىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئالدى بىلەن ئۇنى قانداق ئىدراك قىلىشقا باغلىق. بۇ قاتناش ھادىسىسى، خۇددى يۇقىرىقى ۋېلىسىپىت مىسالىدا كۆرۈپ ئۆتكەن ئېھتىماللىق دۇنياسىدىكىدەك، تاكسى دەپ ئاتالغان بىر جىسىمنىڭ بىر ئادەمنى ئۇرۇۋېتىشىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەگەر شاھىدنىڭ كاللىسىدىكى بۇ تەگ مودېلغا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئادىمىيلىك قىممىتى قېتىلمىسا، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق بىر ئىنكاسنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. يەنى، ھاياتنى سۆيىدىغان ۋە ھايات ياشاش ھوقۇقى بار بىر ئادەمنىڭ ماشىنىدا سوقۇۋېتىلىشى بىر كەسكىن ئەخلاقىي، ئىنسانىي ۋە قانۇنىي مەسىلە بولمىسا، بۇ يەردە ھېچقانداق ئىنكاس شەكىللەنمەيدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ دەپ قارالسا، بۇ ھاياتنىڭ تىرىك بولۇشى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ پەرقى يوقايدۇ. شۇنداق بولسا، بۇ ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىجتىمائىي دىققەتتىن شۇنچە يىراق بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ بۇنداق دىققەتتىن شۇنچىلىك يىراق بولىدۇ. ئۇنىڭ ياشىشىغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىغىنىدەك، ئۇنىڭ ئۆلۈشى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشىگىمۇ ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ.
ئەمدى، بۇ قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەگ مودېلغا قايتۇرۇپ كۆرەيلى. تەگ مودېلدا، بىر شوپۇر يەنە بىر ئادەمنى ماشىنىسىدا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسۇن. ئەمدى بۇ مودېلغا ئۆزگىرىشچان قىممەتلەرنى قويايلى. بۇنىڭدا، تاكسىدا بېسىۋېتىلگەن ئايال خالىغان بىر خىتاي پۇقراسى بولالايدىغاندەك، ئۇنى بېسىۋەتكەن شوپۇرمۇ خالىغان بىر خىتاي پۇقراسى بولالايدۇ. شۇنىڭدەك، شاھىدلارمۇ خالىغان خىتاي پۇقرالىرىدىن بولالايدۇ. بىز بۇ يېڭى قىياسىي ھالەتتىن مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىمىز—خالىغان بىر خىتاي خالىغان يەردە، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان بىر ئادەم تەرىپىدىن مەيلى غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز بولسۇن زەخملەندۈرۈلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە، خالىغان بىر شاھىد بۇنى نورماللىق سۈپتىدە قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. ھەتتا، بۇ شاھىد ئۆزىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى تامامەن بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ بۇنداق ۋەقەگە يەنىلا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقى مۇمكىن.
ئۇشبۇ مىسالدىكى شاھىدلارنىڭ پەرۋاسىزلىقىغا زادى كىم مەسئۇل بولۇشى كېرەك؟ ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ئالدى بىلەن يۇقىرىقى ئىككى شوپۇر مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئاندىن، بۇنىڭدا نەق مەيداندا مۇشۇنداق بىر پاجىئەگە ھېچقانداق پەرۋا قىلمىغان ئوتتۇزدىن ئارتۇق  شاھىدنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما، بۇلار يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، مەسئۇلىيەت نوقۇل ھالدا شوپۇرلار ۋە شاھىدىلاردىن ئىزدىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇلار ياشىغان جەمئىيەتتىنمۇ ئىزدىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، دېموكراتىك جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتسىز شاھىدلار بولغىنىدەك، دېموكراتسىز جەمئىيەتتىمۇ مەسئۇلىيەتلىك شاھىدلار بولىدۇ. ئەمما، ھەرقانداق جەمئىيەت پۇقرالارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىغا تايىنىدۇ. بىر جەمئىيەت ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئەۋج ئالدۇرالمىسا، ئۇ بىر  قورقۇنچلۇق، بىكۆيۈم ۋە شەخسىيەتچىلىك ئەۋج ئالغان جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە بىرى سۇدا تۇنجۇقۇپ كېتىۋاتسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇشنىڭ كويىدا بولمايدۇ؛ بىرىنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتسە، قۇلۇم-قوشنىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنمايدۇ؛ بىراۋ ماكانسىز قېلىپ كوچىدا قالسا، ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر سېنت  پۇل ياردەم قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويمايدۇ. كوللېكتىپ باغرىتاشلىق ئادەملەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى تەدرىجىي ھالدا بىر-بىرىگە ئىشەنمەس ۋە ھەتتا يوشۇرۇن تەھدىد ھېس قىلىدىغان قىلىۋېتىدۇ. ئىجتىمائىي ياخشىلىق ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان ئۆزگەدىللىق رىغبەتلەندۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق جەمئىيەت ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي ياخشلىقنى تۈرلۈك شەكىلدە ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ئۈستىگە قۇرۇشقا كۈچىشى كېرەك. ئىجتىمائىي ئادالەت بۇ مەقسەتكە يېتىشتىكى مۇھىم يولدۇر. ئەگەر بىر جەمئىيەت ئادىل قانۇن-تۈزۈمگە ئىگە بولمايدىكەن، ئەدلىيە سىستېمىسىنى يۈرگۈزمەيدىكەن، پۇقرالىرىنى مائارىپ پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن، ئۇنىڭ پۇقرالىرىمۇ تەبىئىي ھالدا بۇنداق جەمئىيەتكە ئىشەنمەيدۇ، ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدۇ. ئۆز جەمئىيىتىدىن مېھىر ئالالمىغان بىر ئادەم باشقا بىر يات ئادەمگە ھەقىقىي مېھىر يەتكۈزۈشتە قىينىلىدۇ. جەمئىيىتى تەرىپىدىن سۆيۈلمىگەن ئادەم يەنە بىر ئادەمنى يۈرىكىنىڭ قېتىدىن سۆيەلمەيدۇ. نەتىجىدە، جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئەزالىرىغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلسا، ئەزالارمۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى، كۆڭلى قېلىشى ۋە ئۈمىدسىزلىنىشىنى بىر-بىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە پەرۋاسىز بولۇۋېلىش ئارقىلىق ئاڭسىز ئالىدۇ.

*
ئادەتتە كىشىلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار تەرىپىدىن «يەھۇدىي مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھەل قىلىش پىلانى» غا بىنائەن بىر تەرەپ قىلىش لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىن بىخەۋەر ئېلىپ بېرىلغان دەپ قارايدۇ. ئەمما يېقىنقى تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ قاراشنىڭ تامامەن توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەن بۇ قىرغىنچلىق يۈز بېرىۋاتقاندا، ياۋروپادىكى بىر قىسىم سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىيونلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن يېتەرلىك خەۋىرى بار ئىدى. 1941-يىلى ئاۋغۇستتا ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى چېرچىل يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك بۇ قىرغىنچلىقنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «بىز نامسىز يۈز بىرىۋاتقان بىر قىرغىنچىلىق ئىچىدىمىز». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادا مەزكۈر قىرغىنچىلىققا ۋاسىتىلىق ۋە بىۋاسىتە قاتناشقان بەزى ئاممىمۇ نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاز-تولا بىلەتتى. مەسىلەن، كوچىلاردىن يەھۇدىيلارنى تۇتۇپ يوقىتىش لاگېرلىرىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ يوللاۋاتقان ساقچىلار، تۆمۈر يول خادىملىرى ۋە ھەتتا بۇلارنىڭ يۈ بېرىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئامما  بۇلاردىن خەۋەردار ئىدى.
            ئەمدى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن باشقا قىرغىنچىلىقلارغا سېلىشتۇرۇپ باقايلى—كامبودژىدىكى، سابىق يۇگوسلاۋىيىدىكى، خىتايدىكى، رۋاندادىكى، سۇداندىكى ۋە سۇرىيىدىكى قىرغىنچىلىقلار. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن پەرقلىق ھالدا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بارلىق قىرغىنچىلىقلار دۇنيا جامائىتىگە بىلىنىپ تۇردى. بولۇپمۇ، ئۇلار زامانىمىزغا قانچە يېقىن يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ دۇنيا جامائىتىگە بىلىنىشى شۇنچە كەڭ دائىرىلىك بولدى.  بولۇپمۇ، ئىجتىمائىي مېدىيالارنىڭ 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەر شارى خاراكتېرلىق شىددەت بىلەن قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار ئاساسەن دۇنيا جامائىتىگە بىلىنىدىغان بولدى. (ئەلۋەتتە، خىتايدەك ئۇچۇرنى ھەددىدىن زىيادە كونترول قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەرگە قارىتىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار يەنىلا دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزەرىدىن يىراق تۇتۇلىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ قىرغىنچىلقلارنىڭ كۆلىمى، خۇددى 2 -دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخپارات ئورگانلىرى ۋە ھاكىمىيەتتىكى سىياسىيونلىرىغا ئاياندۇر. ئۇ پەقەت مېدىيادىن ئورۇن ئالمايدۇ، خالاس).
كۈنىمىزدىكى مېدىيا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قىرغىنچىلىقلارنى بىلىشكە مۇۋەپپەق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى شاھىدلارغا ئايلاندۇردى. ئىلگىرى كىشىلەر رۋاندادا تۇتسىلارنىڭ خۇتىلار تەرىپىدىن قانداق ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى، جەريانى ۋە خاتىمىسىنى بىلمىگەن بولسا، ھازىر ئۇنى ۋە ئۇنىڭدەك قىرغىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى دەل ۋاقتى-سائىتىدە بىلەلەيدىغان بولدى. نەتىجىدە، مېدىيا بىزنىڭ دۇنيادا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى، ھادىسىلەرنى ۋە قىرغىنچىلىقلارنى بىلىشىمىزگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئۇ شاھىد بولۇشنىڭ شەكلىگىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. يەنى، ھازىرقى شاھىدلارنىڭ قىرغىنچلىق يۈز بېرىۋاتقان ئورۇن ۋە ۋاقىتتا بولۇشى ئۇنىڭ شاھىد بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولمايدىغان بولدى. بىر شاھىد بىرەر قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى بىرەر ئىشەنجلىك رەسىم، خەۋەر ۋە فىلىمنى خالىغان جايدا، خالىغان يەردە ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئوقۇيالايدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان بولدى. ھەتتا ئۇلارنى قايتا-قايتا كۆرەلەيدىغان بولدى. ئەگەر ئۇ قىرغىنچىلىق ھەققىدە چۈشىنىكسىزلىك كۆرۈلسە، ئۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارنى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە سېلىشتۇرالايدىغان بولدى. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بېرىدىغان باھاسىنى خالىغان ۋاقىتتا، يەردە ۋە ئۇسۇلدا بېرەلەيدىغان بولدى. دېمەك، ھازىر ھەممىمىز شاھىدلارغا ئايلاندۇق. ئومۇمىي مەنىدىن، ھەممىزمىز شاھىدمىز.
            كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەسلىدىكى شاھىدلىق مودېلىدا شاھىدنىڭ نەق مەيداندا بولۇشى تەلەپ قىلىناتتى. ئەمما، ھازىرقى يېڭى مودېلدا بۇنداق تەلەپ زور دەرىجىدە ئاجىزلىدى. شۇنداقلا، يېڭى مودېلدا شاھىدلىق مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ—نەق مەيداندىكى بىۋاسىتە شاھىدلار ۋە نەق مەيداندا بولمىغان ئەمما تۈرلۈك ئىجتىمائىي مىدىيا ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان ۋاسىتىلىق شاھىدلار.  ئەلۋەتتە، ئەسلىدىكى مودېل بويىچە قارىغاندا، نەق مەيداندا قانچىلىك كۆپ بىۋاسىتە شاھىدلار بولسا، ئۇلارنىڭ نەق مەيداندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ شۇنچىلىك ئاز بولۇشى يېڭى مودېلغىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەمما، يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەن شاھىدنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان پسىخىك ئامىللار يېڭى مودېلدا ئۇنچىلىك كۈچلۈك رول ئوينىمايدۇ. مەسىلەن، ۋاسىتىلىق شاھىدلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ زەخىملەنگەن-زەخىملەنمىگەنلىكىنى دەل شۇ ۋاقىتتا بىلەلمىسىمۇ، ئۇنى ھامان كېيىنچە خەۋەرلەر ۋە  ئىجتىمائىي مېدىيالار ئارقىلىق بىلىۋالايدۇ. شۇڭا، مۈجمەللىك ئامىلىنى يېڭى مودېلدا تەسىر كۆرسەتكۈچى پسىخىك ئامىل بولۇشتىن قالدۇرۇۋېتەلەيمىز. ئۇيۇشۇشچانلىققا كەلسەك، ئىجتىمائىي مېدىيالاردا شەكىللىنىدىغان ئۇيۇشۇشچانلىق ئەسلدىكى مودېلدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈكتۇر. شۇڭا، ئۇنىمۇ يېڭى مودېلدىن تەسىر كۆرسەتكۈچى پسىخىك ئامىللىقتىن چىقىرىۋېتەلەيمىز. مەسئۇلىيەتنىڭ چېچىلىپ كېتىشى ئەسلىدىكى ۋە يېڭى مودېلدا تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئامىل شاھىدنىڭ ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك پسىخىك ئامىل بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. شۇڭا ئۇنى يېڭى مودېلدا تەسىر كۆرسەتكۈچى پسىخىك ئامىل سۈپىتىدە ساقلاپ قالىمىز. مەسئۇلىيەت ھەققىدىكى قايمۇقۇش يېڭى مودېلدا ئاساسەن مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنى يېڭى مودېلدىن چىقىرىۋېتىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا كۆپ مەنبەلىك سەل قاراشمۇ يېڭى مودېلدا ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئىپادىلەنمەيدۇ.
            يىغىپ ئېيتقاندا، يېڭى مودېلدىكى ۋاسىتلىق شاھىدلىقتا شاھىدنىڭ بولۇۋاتقان ۋە بولغان ھادىسە، ۋەقە، قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىنكاس قايتۇرۇشىدا ئۇنىڭ ئەخلاقىي جاسارەت كۆرسىتىشى ۋە ھەرىكەت قوللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پسىخىك ئامىللار زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، يېڭى مودېل كونا مودېلغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ دادىل ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك شاھىد ئىنكاسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئەمما، ئەمەلىيەت ھەر ۋاقىت ئۇنداق بولماي كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، پۈتۈن دۇنيا ئەينى ۋاقىتتا رۋاندادا بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قانداق قاراپ تۇرغان بولسا، سۇرىيىلىكلەرنىڭ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ، بېرمىدىكى روخىڭيالارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتتىكى تىبەتلىكلەرنىڭ ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىغا شۇنداق قاراپ تۇرىۋاتىدۇ (بەزى ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ  ئۇلارغا بېرىۋاتقان ياردەملىرى بۇنىڭ سىرتىدا). ئۇلارنىڭ ئاھۇ زارىغا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
            بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل. شۇندىمۇ، ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە. بىرىنچىسى، كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەسئۇلىيەتنىڭ چېچىلىپ كېتىشى ھېلىھەم ناھايىتى كۈچلۈك پسىخىك ئامىل سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقاندا ب د ت دىن تارتىپ غەربتىكى چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرگىچە ھەممسىسى دېگۈدەك مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قېچىۋاتىدۇ. يېقىندا روخىڭيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەھشەتلىك قىرغىن قىلىنىشغا دۇنيا ئاساسەن سۈكۈت قىلدى—بىر نەچچە دۆلەتتىن باشقا ھېچقايسى بىر دۆلەت بېرمىنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ روخىڭيا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى  جىددىي توختىشى ھەققىدە ھەرىكەت قوللانمىدى. نەتىجىدە، نەچچە يۈز مىڭلىغان روخىڭيالار 21-ئەسىردىمۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەر بىلەن دۇنيانىڭ كۆزىچە تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئىككىنچىسى، شاھىدلار ئۆزلىرى شاھىد بولۇشۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشتىن قورقىدۇ. چۈنكى، ئۇلار زوراۋانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزىدىن قىساس ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا ئارىلىشىش ۋە ئۇنى توسۇش ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريانلارنى ۋە خەلقئارالىق ھەمكەرلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى دۇنيادا كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاجىز مىللەتلەرگە قارىتىۋاتىدۇ (مەسىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇلار ۋە تىبەتلىكلەرگە قارىتىۋاتقان سىستېمىلىق قىرغىنچلىقى). دۇنيا كۈچلۈكتىن قورقۇپ، ئاجىزغا ئىگە چىقىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلىنىدىغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقلار ھامان ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي تۇيغۇسى ۋە ئىدراكىغا تەسىر قىلىدۇ، ئۇلارنى خىرىسلايدۇ. دۇنيا جامائىتى ئىلگىرى يۈز بەرگەن يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى بىلمەپتۇق دېيەلىگەن بىلەن، ھازىرقى قىرغىنچىلىقلارنى ھەرگىز ئۇنداق دېيەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇ قىرغىنچىلىقلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە مەجبۇرلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ياكى خىتايدەك ياكى بېرمىدەك دۆلەتلەرگە ئەخلاقىي جاسارەت بىلەن قارشى چىقىپ، ئۇلاردىن قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى ياكى، ئۇنداق قىلالمىسا، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي قىممەتلىرى بىلەن يوشۇرۇن مادارا قىلىپ، سۈكۈت قىلىشى كېرەك. مانا مۇشۇ ئەخلاقىي توقۇنۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا يېڭى پسىخىك مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ—يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارىتا كاللىدا بىلىش خاراكتېرلىق بىماسلىق شەكىللەندۈرۈش.بۇنىڭدا ئادەم ئۆزى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەخلاقىي توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىگە بىر باھانە ئىزدەيدۇ—مەسىلەن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇنداق باھانە ئىزدەيدۇ--«ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلاردۇر. شۇڭا ئۇلار تېررورىستلاردۇر. ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشتەك نىشانىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر.» بۇ بىماسلىق شەكلى ئۆزگەرگەن پەرۋاسىزلىق بولۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدىغان باھانىلەرنى تېپىش ئارقىلىق ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدۇر. ئۈچىنچىسى، كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي مىدىيا كۈندە يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان چوڭ-كىچىك زوراۋانلىق، قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش بىلەن تولغان. بۇنداق خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئورۇن تالىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال مۇنداق ئىككى خىل ئىنكاسنى شەكىللەندۈرىدۇ—بىرى، ۋاسىتىلىق شاھىدلار بۇنداق ۋەقەلەرنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تاللاپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ. يەنە بىرى، كۈندە يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان ھادىسە، خاپىچىلىق ۋە قىرغىنچىلىقلارنى كۆرۈۋېرىش ئۇلارنى نورماللاشتۇرىۋېلىش يۆنىلىشىگە باشلايدۇ.  نەتىجىدە، جىددىي دىققەتنى قوزغىشى كېرەك بولغان، ئەخلاقىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەمدە كۈچلۈك ئەيىبلىنىشى كېرەك بولغان قىرغىنچىلىقلار ئىنتايىن نورمال ھادىسىلەر سۈپىتىدە قارىلىدۇ. ئۇنىڭغا قارىتا ھېچقانچە كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈلمەيدۇ. نەتىجىدە، زوراۋانلىق توسالغۇسىز داۋاملىشىۋېرىدۇ. ۋاسىتىلىق شاھىدلار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن  ئۆزىنى ئەپچىللىك بىلەن قاچۇرالايدۇ. ئاخىرىدا، كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدىغان قىرغىنچىلىقلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىشنى ھېس قىلىش شاھىدلارنىڭ ئەخلاقىي سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەرشارىۋى ئەخلاقىي ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. تۆتىنچىسى، كۈنىمىزدە ھېچقايسى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات دۇنياۋى ئەخلاقىي رەھبەرلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەمەس. شۇڭا، ھېچكىمنىڭ زوراۋانلارنى ئەيىبلەشكە شەرتى توشمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئىنتايىن غەلىتە تەرىزدە زوراۋانلىقنى ئەيىبلەپ، ئەخلاقىي رەھبەرلىكنى نامايان قىلىشنى خالىمايدۇ.
*
ئەخلاقىي قىممەتلەرنى  ۋەيران قىلىۋاتقان ۋەقەلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىش ئەخلاقىي پەرۋاسىزلىقتۇر. ئۇنىڭغا قارشى ھېچنېمە دېمەسلىك ئۇنى ئاسترىتتىن قوللىغانلىقتۇر. شۇڭا، پەرۋاسىزلىق ماھىيەتتە ئەخلاقىي ئىنكاسنىڭ توختاپ قالغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق قىلغۇچىغا ئەخلاقىي جەھەتتىن مەدەت بېرىۋاتقانلىقنىمۇ كۆرسىتىدۇ. تەگ مەنىدىن، ئۇ ئادەمنىڭ ئادەمگە كۆيۈنۈشىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خولوكوستتىن (يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن) ئامان قالغان ۋە بۇ قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىق ھەققىدە نۇرغۇن ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى ۋە باشقا ئەسەرلەرنى يازغان  ئېلى ۋىزېل 1986-يىلى 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئوسلودا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسمىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز چوقۇم تەرەپ تۇتۇشىمىز كېرەك. تەرەپسىزلىك ئەزگۈچىگە ياردەم بەرسە بېرىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئېزىلگۈچىگە ياردەم بەرمەيدۇ. سۈكۈت ئازابلىغۇچىنى ئىلھاملاندۇرىدۇكى،ھەرگىزمۇ ئازابلانغۇچىنى ئىلھاملاندۇرمايدۇ.[...] مۇھەببەتنىڭ قارشىسى ئۆچمەنلىك ئەمەس، بەلكى پەرۋاسىزلىقتۇر.» تەرەپسىزلىك ئادەمنىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئەخلاقىي مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما، ئۇ مەسىلىنى چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا تەرەپسىزلىكىدە تۇرۇۋەرسە، ناھەقچىلىككە قارشىلىق بىلدۈرمىسە، ئەخلاقىي مەسىلىدە تەرەپسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بۇ تەرەپسىزلىك ھەرىكەتسىزلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ. شاھىدنىڭ ئەخلاقىي جاسارىتىنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەرىكەتسىزلىكتە ئەزگۈچى زوراۋانلىق قىلىشتا تېخىمۇ جاسارەتلىنىدۇ.
شاھىدنىڭ پەرۋاسىزلىقى ئازابلىغۇچى بىلەن ئازابلانغۇچىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ يۈرىكىنى قاتۇرىۋېتىدۇ—ئازابلىغۇچى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئازابلانغۇچىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنى تېخىمۇ ئويلىمايدىغان بولىدۇ؛ ئازابلانغۇچى بولسا شاھىدلارنىڭ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن ئادەملەرگە بولغان ئىشىنىشىدىن قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ شاھىدلارنىڭ پەرۋاسىزلىقىغا شاھىد بولىدۇ، خۇددى شاھىد ئازابلانغۇچىنىڭ ئازابىغا شاھىد بولغاندەك. ھەر ئىككى تەرەپ ئاخىرىسىدا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى يولغا ماڭىدۇ: ئالدىنقىسى باغرىتاشلىقنى نورماللاشتۇرىدۇ؛ كېيىنكىسى پەرۋاسىز ۋە سۈكۈتتىكى شاھىدلاردىن ھالقىپ باشقا ئادەملەرنىڭ ۋە ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ باغرىتاشلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئالدىنقىسى شاھىدلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قېتىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، كېيىنكىسى ئادەملەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان، ھاياتنى تۇتۇپ تۇرىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدا سۇس تەۋرەپ تۇرىدىغان ئىزگۈلۈككە بولغان ئۈمىدىنى يوقىتىدۇ. نەتىجىدە ئازابلىغۇچى، ئازابلانغۇچى ۋە شاھىدلارنىڭ ھەممىسى پەرۋاسىزلىقنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشىدۇ—ئازابلىغۇچى ئازابلانغۇچىنىڭ قىينىلىشلىرىغا ۋە دادۇ پەريادلىرىغا  پەرۋاسىز قارايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرنىڭلا پەرۋا قىلىدىغانلىقىنى ياكى ھېچكىمنىڭ پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شاھىد بولسا ئازابلىغۇچىنىڭ ئازابلانغۇچىنى قىينىشىغا پەرۋاسىزلىق كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. ئازابلانغۇچى بولسا كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ۋەدىلىرىگە پەرۋا قىلماس بولىدۇ. ھەتتا ئۇ كەلگۈسىدە يەنە بىر ئادەمنىڭ باشقا بىر ئازابلىغۇچى تەرىپىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسە پەرۋا قىلماسلىق تەرىپىگە ئۆتىدۇ—ياكى ھېچ بولمىسا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشتە ئىككىلىنىدۇ. ھەتتا، ئۆزى بىلەن قېرىنداش، مىللەتداش، دۆلەتداش ۋە گۇرۇپپىداش بىرىنىڭ ئازابىمۇ ئۇنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ—ئۇمۇ، خۇددى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى شاھىدلىرىغا ئوخشاش، سۈكۈتتىكى، ھەرىكەتسىزلىكتىكى بىر شاھىد بولۇش يولىنى تاللايدۇ. ئۇنى باش ئاغرىمايدىغان ۋە بىخەتەر يول سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى ئازابلىشى ھېچقانداق چەكلىمىسىز داۋاملىشىۋېرىدۇ.
            ئىنساننىڭ ھېسسىياتلىرى ئىچىدە ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىرىنىڭ بىرى ھەمدەرتلىكتۇر (ئېمپاتى). ھەمدەرتلىك بىراۋنىڭ دۇنياسىنى ئۇنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ كۆرەلەش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆزگىنىڭ ھېسسىياتلىرى، ئويلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى چۈشىنىش، سېزىش ۋە بىلىش ھەرىكىتىدۇر. ھەمدەرتلىك، ئېۋولۇتسىيە نۇقتسىدىن، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىنى ئەڭ چوڭقۇر چۈشىنىش ئارقىلىق، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا ھەقىقىي يېتىش ئېھتىياجىدىن كەلگەن. بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرسەك، بۇ ئېھتىياج ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇرىدىغان مۇنداق ماھىيەتلىك ئېھتىياج ئۈستىگە قۇرۇلغان—ھەرقانداق ئادەم ھايات قېلىش ئۈچۈن يەنە بىر ئادەمگە موھتاج بولىدۇ: ئادەم ئادەمنىڭ قاياشىدۇر. چۈنكى، بۇ دۇنيادا ھېچكىم مۇكەممەل بولمىغىنىدەك، ھېچكىممۇ ئۆز-ئۆزىدىن يېتەرلىك ئەمەس. ھايات قېلىش ۋە ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، ئادەم ھامان يەنە بىر ئادەمگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆيۈنۈشىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىنى، چۈشىنشىنى ۋە سۆيۈشىنى ئىزدەيدۇ.
ئىنسانىيەت مانا مۇشۇ ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش نۇقتىسىدا بىر-بىرى بىلەن ئەڭ تىرەن مۇناسىۋەت قۇرالمىغان بولسا، بۇ كۈنگىچە مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. چۈنكى ئۆز-ئارا كۆيۈمسىزلىك ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش ئۆز-ئارا ۋەيران قىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر. مانا مۇشۇ ئامان قېلىشتا ھەمدەرتلىك ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ—ئۇ ئادەملەرگە بىر-بىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە شادلىقلىرى بىلەن قوبۇل قىلىشنى، چۈشىنىشنى ۋە سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى ئارقىلىقلا ئامان قالىدۇ. ئادەملەر پەقەت بىر-بىرىگە ھەمدەرتمەن بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بىر-بىرىنى ھەقىقىي سۆيەلەيدۇ.
            ئەگەر بىر جەمئىيەتتە ھەمدەرتلىك تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇنداق جەمئىيەت قورقۇنچلۇق جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىدىن ياتلىشىدۇ، بىر-بىرىگە باغرىتاشلىق قىلىدۇ ۋە بىر-بىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا، بىرى يەنە بىرىنى ئازابلىسا تاكى بۇ ئازاب ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلمىگۈچە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىدۇ. پەرۋاسىزلىق كۆرسىتىدۇ. ئەخلاقىي ھەرىكەتسىزلىكىنى ئاقلايدۇ. شاھىدلىق مەسئۇلىيىتىدىن ئۇستىلىق بىلەن ۋە يوشۇرۇن ۋاز كېچىدۇ. شاھدلىق ئاداققى نۇقتىدا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمدەرتلىكنىڭ ئىپادىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شاھىدنىڭ سۈكۈتىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى باھانىسىنى ھەمدەرتمەن بولۇش مەسئۇلىيىتى قوبۇل قىلالمايدۇ.
            گېرمان پاستور مارتىن نيېمۆللېر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيالىيلارنىڭ ناتسىستلارنىڭ ھوقۇققا چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ كېيىن يەھۇدىيلار، رومالار، ھەمجىنىسلىقلار ۋە مېيىپلارنى قەتىل قىلىشغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرغانلىقى ۋە قورقۇنچاقلىقىنى تەنقىدلەپ «ئۇلار دەسلىپىدە كەلگەندە» سەرلەۋھىلىك بىر شېئىر يازىدۇ:

ئۇلار دەسلىپىدە سوتسىيالىستلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، مەن گەپ قىلمىدىم—چۈنكى مەن سوتسىيالىست ئەمەس ئىدىم.
ئاندىن ئۇلار سودا ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، مەن گەپ قىلمىدىم—چۈنكى مەن سودا ئۇيۇشمىسى ئەزاسى ئەمەس ئىدىم.
ئاندىن ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، مەن گەپ قىلمىدىم—چۈنكى مەن يەھۇدىي ئەمەس ئىدىم.
ئاندىن ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمگە كەلگەندە، مەن ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ھېچكىم قالمىدى.

نيېمۆللېرنىڭ ئۇشبۇ شېئىرى جازالاش، گۇناھ ۋە مەسئۇلىيەت ھەققىدىدۇر. ئەگەر ئىنسانلاردىكى ھايات قېلىش ئىستىكى ھەمدەرتلىك تۇيغۇسىنى بېسىۋالسا ۋە ئادەملەر بىر-بىرىنىڭ دەردۇ ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سالسا، زوراۋانلىق تۇسقۇنسىز يۈز بېرىۋېرىدۇ. ئەمما، كۆز كۆرمەسككە سېلىۋالغاننى قەلب كۆرۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا، قەلبنىڭ چوڭقۇرلىرىدىكى ھەرمدەرتلىك «قارىغۇ» بولىۋالغاندىمۇ، ۋىژدان ئالدىراپ قارىغۇ بولىۋالالمايدۇ. ئەگەر ئۇ زۇلۇمغا سۆزلىيەلمىسە، ئۇنىڭ قەلبى سۈكۈتتە تۇرالمايدۇ—ئۇنىڭغا ئۈنسىز سۆزلەپ تۇرىدۇ. دەل مانا مۇشۇ قۇدرەت ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ھەمدەرتلىك يوقالسا، يەنىلا ئادەمگە مەسئۇلىيىتىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان ۋىژدان قالىدۇ. ئەگەر ۋىژدانمۇ يوقالسا، ئادەم ھەممە ئىشنى قالالايدۇ. دۇنيا قورقۇنچلۇق جايغا ئايلىنىدۇ.

















[1] مەزكۈر قاتناش ھادىسىسىنى  مۇنۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز: 
http://toutiaoabc.com/index.php?act=view nid=328513&
[2]  مەزكۈر ئۇقۇم 1964-يىلى نيۇ يوركتا يۈز بەرگەن بىر قاتىللىق دىلوسىدىن كېيىن پسىخولوگلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۈر ۋەقەدە كىتى جىنوۋىز ئىسىملىك بىر ئايال كېچىسى ئۆزىنىڭ بىنا ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر زەنجىرسىمان قاتىل تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. دىلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ 38 قوشنىسى ئۇنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى تەن ئالىدۇ؛ ئۇلاردىن پەقەت ئۈچىلا مەزكۈر قاتىللىقنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلاشمايدۇ. مەزكۈر قاتىللىق ئامېرىكىنى زىل-زىلىگە سالىدۇ. ئىجتىمائىي پسىخلوگلار مۇشۇ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك قوشنىلارنىڭ قىلمىشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇشبۇ ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.




Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز