Posts

Showing posts from July, 2017

سەن

سەن ئەي مەڭگۈلۈكتە ياشىغۇچى! مەن سېنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان. ئەمما، سەن مېنى كۆرۈپ تۇرىسەن—مېنىڭ ئىچ-ئىچرىلىرىمگە قەدەر كۆرۈپ تۇرىسەن.  مېنى كۆرۈپ تۇرىسەنلا ئەمەس، بەلكى مېنى باشقىلارغا كۆرسىتىسەن—مېنى زاھىرلايسەن، كۆرۈندۈرىسەن. سەن كۆرۈنمىكىمنىڭ سەۋەبىدۇرسەن—ئەگەر قۇياش پەلەكتە چاقنىسا، سەن ئىچىمدە چاقنايسەن؛ ئەگەر قۇياش بەدىنىمنى يورۇتۇپ كەلسە، سەن روھىمنى يورۇتۇپ كېلىسەن. سەنسىز قەلبىمدىكى زۇلمەتنى كۆرۈندۈرەلمەيمەن. سەنسىز ئىچىمنى ئايان قىلالمايمەن. سەنسىز مەن مەن بولالمايمەن.                   ئەي چەكسىز سۈكۈتچى! سەن ماڭا ئەزەلدىن سۆزلەپ باقمىغان. ئەمما، مەن ساناقسىز كېچىلەرنى ساڭا پىچىرلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن. سەن تىل ئەمەسسەن، ئەمما تىل سەنسىز بولماس. سەن سۆز ئەمەسسەن، ئەمما سۆز سەنسىز بولماس. سەن ئاۋاز ئەمەسسەن، ئەمما ئاۋاز سەنسىز بولماس. سەن سۈكۈتسەن—ئۆزىنى سۆزلىگەندەك ھېس قىلدۇرالايدىغان. سەن سۆزلىمىدىڭ—ئەمما مېنى توختاۋسىز سۆزلەتتىڭ. مېنى ئادەمنىڭ، شەيتاننىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ تىلىدا سۆزلەتتىڭ. ماڭا سۈكۈت بەرمىدىڭ، چۈنكى، ئەي چەكسىز سۈكۈتچى، سەن مېنىڭ سۈكۈتۈمنىڭ سېنىڭ سۈكۈ