Posts

Showing posts from August, 2019

پەلسەپە ۋە مەن

Image

ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش

ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ، ئەنقەرەدىكى مەشھۇر Wonderland دېگەن ئويۇنخانىغا باردىم. ئۇنىڭدىكى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، قىزىقارلىقى بىزنى قەۋەتلا مەھلىيا قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك زوق -شوق بىلەن ئوينىدۇق. مەنمۇ خۇددى كىچىك بالىدەكلا بۇ ئويۇنلارغا كىرىشىپ ئويناپ كەتتىم .  بىز ئويۇننىڭ ئاخىرىدا تەقلىدىي ئۇرۇش قىلىدىغان Laser Tag دېگەن ئويۇننى ئوينىدۇق. بۇ ئويۇن ئادەتتە ئويۇنچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر-بىرى بىلەن كومپۇتېر بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەۋھۇم دۇنيادا لازېر نۇرىلىق قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيتتى .  ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە، مەن بالىلىرىم ۋە يەنە باشقا ئىككى چەتئەللىك بىلەن بىر گۇرۇپپىغا، يەرلىك ياشلاردىن بەشەيلەن يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق. دەسلىپىدە ئويۇننىڭ قائىدىسى، لازېر مىلتىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، يارىلانغاندا جىددىي داۋالىنىش ۋە ئوق -دورا قاچىلاش قاتارلىقلار ھەققىدە ساۋات خاراكتېرلىق بىلىمگە ئىگە بولدۇق. ئاخىرىدا چۈشەندۈرگۈچى سۆزلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:    --بۇ ئۇرۇش ھەقىقىي ئۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. كۆز

ياقا يۇرتتا ئۆلۈش

ياقا يۇرتتا ئۆلۈش نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ شۋېتسىيەدىكى قەۋرىسىنى زىيارەت قىلدىم. بۇ بىر قەھرىتان قىش كۈنى ئىدى. ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈپ قەۋرە بېشىغا بارغۇچە، ئىچ-ئىچىمدىن مۇزلاپ كەتتىم. قارنىڭ ئاستىدا جىممىدە بوپ قالغان ساناقسىز قەۋرىلەردىن ئۆتكۈچە، ئۆلۈم بىلەن نەقەدەر يېقىن ياشايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەن ئالدىم. ھەتتا بۇ دۇنيا كۆزۈمگە  چوڭ بىر قەۋرىستانلىقتەك، ئۇنىڭدا بىز ھاياتلىقىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، توختىماستىن پالاقشىپ يۈرۈيدىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. خۇددى ھەممىمىز ئاللىبۇرۇن قېزىلغان قەۋرىمىزدىن چىقىپ، يەر يۈزىدە بىر ھازا تىركىشىپ، يەنە قايتىدىن ئۇنىڭغا كىرىپ كېتىدىغاندەك...                ئەتراپىمدىكى قەۋرىلەرگە قىزىقسىنىپ نەزەر سالدىم. ھەر بىر قەۋرىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر ئامالسىزلىق ۋە غېرىپلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بەزى قەۋرىلەر ئۇ قەدەر دەبدەبىدىلىك بېزەلگەنكى، ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ھەشەمەتلەردىن يەنىلا بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ، ئۇلار دەل مۇشۇ غېرىۋانىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي شۇنداق بېزەلگە