ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش


ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش

ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ، ئەنقەرەدىكى مەشھۇر Wonderland دېگەن ئويۇنخانىغا باردىم. ئۇنىڭدىكى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، قىزىقارلىقى بىزنى قەۋەتلا مەھلىيا قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك زوق -شوق بىلەن ئوينىدۇق. مەنمۇ خۇددى كىچىك بالىدەكلا بۇ ئويۇنلارغا كىرىشىپ ئويناپ كەتتىم
بىز ئويۇننىڭ ئاخىرىدا تەقلىدىي ئۇرۇش قىلىدىغان Laser Tag دېگەن ئويۇننى ئوينىدۇق. بۇ ئويۇن ئادەتتە ئويۇنچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر-بىرى بىلەن كومپۇتېر بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەۋھۇم دۇنيادا لازېر نۇرىلىق قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيتتى
ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە، مەن بالىلىرىم ۋە يەنە باشقا ئىككى چەتئەللىك بىلەن بىر گۇرۇپپىغا، يەرلىك ياشلاردىن بەشەيلەن يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق. دەسلىپىدە ئويۇننىڭ قائىدىسى، لازېر مىلتىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، يارىلانغاندا جىددىي داۋالىنىش ۋە ئوق -دورا قاچىلاش قاتارلىقلار ھەققىدە ساۋات خاراكتېرلىق بىلىمگە ئىگە بولدۇق. ئاخىرىدا چۈشەندۈرگۈچى سۆزلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:
  --بۇ ئۇرۇش ھەقىقىي ئۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. كۆز ئالدىڭلاردىكى بۇ چوڭ بىناغا كىرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقىنىڭلاردىلا بۇ سۆزۈمنىڭ توغرىلىقىغا چىن پۈتىسىلەر
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ بىزنى بىر قاپقاراڭغۇ بىناغا ئېلىپ كىردى. بىز ئىككى رەڭ ئارقىلىق پەرقلىنىدىغان ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تەرەپ-تەرەپكە تاراپ كەتتۇق. قولىمىزدىكى لازېر مىلتىق بىلەن دۈشمىنىمىزنى قارىغا ئېلىپ ئېتىشقا باشلىدۇق. ئەگەر قارشى تەرەپ ئېغىر زەخملەنگەن بولسا، ئېتىشىشتىن قالاتتى
مەن ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ، دۈشمىنىمنى ساقلاپ ياتتىم. ئەمما ئۇ ئورۇندىن ھېچقانداق دۈشمەن ئۇچرىتالمىدىم. ئۇ يەردە ھېچكىمنى ئۇچرىتالماي يېتىۋېرىش مېنى زېرىكتۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ دۈشمەن ئىزلىدىم. ئىككىنچى قەۋەتتە كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز پەستە كېتىۋاتقان بىر دۈشمەننى كۆرۈپ قېلىپ زەرپ بىلەن ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېپ بولغىچە مەندىن يەتكۈچە زەربە يېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن يوقالدى
مەن بىر تونېلدىن ئۆتۈۋاتقىنىمدا ئارقىمدىن بىرىنىڭ ئوق ياغدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ غالجىرلىق بىلەن ماڭا ئوق ئېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلىمەن دەپ قولۇمنى يارىلاندۇرۇۋالدىم. ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئاچچىق ئىڭراپ كەتتىم. دەردىمنى ئۆزۈم بىلدىم
ئېغىر يارىلانغانلىقىم سەۋەبلىك يېقىن ئارىدىكى مەۋھۇم جىددىي قۇتقۇزۇش نۇقتىسىغا بېرىپ داۋالاندىم. بۇ داۋالاش ئورنى ئوچۇقچىلىققا جايلاشقاچقا، ھەر ۋاقىت دۈشمەننىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇش مۇمكىنچىلىكىم بار ئىدى. شۇڭا تامغا چاپلاپ قويۇلغان كومپيۇتېردا ئۆزۈمنى داۋالىغۇچە، دۈشمەنلىرىمنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشتىن ئەنسىرەپ، قاتتىق ئەندىشىدە تۇردۇم
داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا يېڭىۋاشتىن كىرىشىپ كەتتىم. دۈشمەنلىرىمنى كۆرگەنلا يەردە ئاتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار تەرىپىدىنمۇ كۆپ قېتىم ئېتىلدىم
بىر ھازادىن كېيىن، كانايدىن «ئۇرۇش » نىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىدۇق. ئۇرۇش توختىدى. پۈتۈن بەدىنىم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ھېرىپ كەتكەنىدى. كۈتۈۋېلىش بۆلۈمىگە چىققىنىمدا بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ يەڭگەنلىكىنى ئۇقتۇم. سۇسقىنا كۈلۈپ قويدۇم
ئوغۇللىرىم بۇ مەۋھۇم ئۇرۇشتىن شۇ قەدەر ھاياجانغا چۆمگەنكى، دۈشمىنىنى قانداق ئاتقانلىقىنى بىر -بىرىگە ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بېشىم ئاغرىشقا باشلىدى. كاللام قۇپقۇرۇقلىشىپ، ئەتراپىمدىكى نەرسىلەر مەنىسىز بىلىنىپ كەتتى.
توققۇز ياشقا كىرگەن ئوتتۇرانچى ئوغلۇم تۇيۇقسىز سوئال سوراپ دىققىتىمنى بۆلدى
               --دادا، بۈگۈنكى ئۇرۇشتىن ھوزۇرلاندىڭمۇ؟ 
--سەنچۇ؟ 
ئۇ ھاياجان بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك ھوزۇرلانغانلىقىنى سۆزلەپلا كەتتى ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئۇيغۇرچىسى ئۇ ھاياجانلىنىپ سۆزلىگەندە، تېخىمۇ چوۋۇلۇپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز ئېنگلىزچىسىگە كۆچۈپ سۆزىنى داۋام قىلاتتى. بولۇپمۇ، مۇرەككەپ ئىپادىلەشنى تەبىئىي ھالدا ئېنگلىزچە قىلاتتى.
            --دېمەك، ئۇرۇش ھوزۇرلۇق ئىشمىكەن؟ 
ئۇ دەماللىققا مەڭدەپ قالدى. كۆزلىرىدىن سوئالىمدىن قايمۇققانلىقى چىقىپ تۇراتتى
--سوئالنى باشقىچە سوراي: ئادەم ئۆلتۈرۈش، مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە مەۋھۇم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھوزۇرلۇقمىكەن؟ 
ئۇ سوئالىمنى سەل چۈشەنگەندەك بولغاي، ئۇنىڭدىن غودۇراشقا باشلىدى
--دادا، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ سەن مېنى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ھوزۇرلىنىدۇ دېمەكچىغۇ؟ ئۇ پەقەتلا بىر ئويۇنغۇ؟ سەن ئۇنى بەك مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىسەن؟
ئوغلۇم تېرىكىۋاتاتتى. ئۇ ئادىتىدىكىدەك مەن بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىشكە تەييارلاندى
--ئەلۋەتتە بىز پەقەت بىر ئويۇن ئوينىدۇق. ئەمما بۇ ئويۇننىڭ نۇرغۇن يەرلىرى راست ئۇرۇشقا ئوخشاپ كەتتى. مەسىلەن، بۇ ئويۇندا ئىككىگە ئايرىلدۇق. قارشى گۇرۇپپىدىلىلەرنى يوقىتىش ھەققىدە تەلىمات بېرىلدى
ئوغلۇم تاقەتسىزلەندى:
--بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈشقۇ؟ بۇنىڭ نەرى يامان؟
--ئالدىرىما، مەن ئۇنى يامان ياكى خاتا دەۋاتقىنىم يوق. ئويۇنغا كىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداق ئويۇن ۋە ئۇنى قانداق ئويناش كېرەكلىكى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئويۇننىڭ بىر قائىدىسى بولغىنىدەك، بىز ئوينىغان ئۇرۇش ئويۇنىنىڭمۇ قائىدىسى بار
-شۇغۇ!—ئوغلۇم سەل سالقىنلاشتى
--ئەمما، بىز چۈشەندۈرۈش تۈگەپ، قاراڭغۇ بىناغا ئېلىپ كىرىلىپ، دۈشمىنىمىز بىلەن روبىرو تۇرغاندا نېمىلەرنى ئويلىدۇق بىلەمسەن؟
ئوغلۇم كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن جاۋابلار بار ئىدى. ئەمما، ئۇ قايسىسىنىڭ توغرا جاۋاب بولۇشى مۇملكىنلىكىنى بىلەلمەي، بىر ھازا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.
--دېگىنە، بىز ئاشۇ چاغدا ئەمدى ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىمىزنى، ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇققۇ دەيمەن، توغرىمۇ؟
--توغرا،--ئۇ جەزملەشكەن ئاۋازدا جاۋاب قايتۇردى.
--ئەڭ مۇھىمى كاللىمىزدىن شۇنداق بىر خىيال چاقماق تېزلىكىدە كەچتىكى، ئەگەر بىر دۈشمەننى «ئۆلتۈرمىسەك»، دۈشمەن بىزنى «ئۆلتۈرىدۇ»؛ شۇڭا، دۈشمەن تەرىپىدىن ئاۋۋال «ئۆلتۈرۈلمەسلىك» ئۈچۈن، بىز ئۇنى ئالدى بىلەن «ئۆلتۈرۈشىمىز» دېرەك. بۇ مانا مۇشۇ ئىدىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق، شۇنداقمۇ؟
--شۇنداق.
--شۇڭا، بىز بۇ ئىدىيە بىلەن دۈشمىنىمىزنى «ئۆلتۈرۈپ»، ئۆزىمىزنى قوغدىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى «ئۆلتۈرۈشىمىز» دىن ھېچ گۇناھ تۇيغۇسى ھېس قىلمىدۇق. ئەكسىچە، ئۇنى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش سۈپىتىدە قىلدۇق. قىلغاندىمۇ ناھايىتى جىددىيەت بىلەن…
--بىزلا ئەمەس، قارشى تەرەپمۇ شۇنداق قىلدىغۇ،--سۆزۈمنى بۆلدى ئوغلۇم.
--گەپ مۇشۇ يەردە. ھەر ئىككى تەرەپ بىز-بىرىمىزنى «ئۆلتۈرمىگۈچە»، ئۆزىمىزنىڭ ئامان قالالمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپنى كۆزدىن يوقىتىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلاندۇق.
--مەن ئۇلارنى قانچە كۆپ «ئۆلتۈرسەم» شۇنچە غەلىبە قىلىمەن دەپ، ئۇلارنى توختىماي ئىزلەپ يۈردۈم. بەزىلىرىنى ئۇكام ئىككىمىز ئىككى تەرەپتىن قورشاپ «ئۆلتۈردۇق.»
ئۇنىڭ «ئۆلتۈرۈش» دېگەن سۆزنى ئۇ قەدەر شادىمان ۋە بىئىختىيار دېيىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ دۈشمەنلىرىنى «ئۆلتۈرگەنلىكىدىن» قەۋەتلا رازى ئىدى.
ئۇنىڭدىن سورىدىم:
--بىز ئۇلارنى «ئۆلتۈرگۈدەك» ئۇلارنى ئىلگىرى تونۇيتتۇقمۇ؟
--ياق،--ئۇغلۇمنىڭ ئاۋازىدىن سوئالىمدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ قالدى.
--ئۇلار بىزگە بىرەر زىيان سالغانمىدى؟
--ياق. ھېچقاچان زىيان سېپ باقمىغان.
--ئۇنداقتا بىز نېمىشقا بىز ھەم تونۇمايدىغان ھەم بىزگە زىيان سېپ باقمىغانلارنى «ئۆلتۈرمەكچى» بوپ قالدۇق؟ ئەلۋەتتە، بىز ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنى «ئۆلتۈرمىسەك»، ئۆزىمىز ئامان قالالمايدىغان بىر شارائىتقا تاشلاندۇق. ياكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن ئالغاندا، بۇنداق بىر شارائىتنى تاللىدۇق. شۇنىڭ بىلەن، بىر-بىرىمىزگە بىر-بىرىمىزنى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ھەم كېيىنمۇ كۆرمەيدىغان تۇرۇقلۇق، دۈشمەنلەشتۇق. بىز-بىرىمىزگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىلدۇق، ھەمدە بىر-بىرىمىزنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يوقىتىشقا ئاتلاندۇق، توغرىمۇ؟
--توغرا، ئەمما، بۇ ئويۇن شۇنداق لايىھىلەنگەن تۇرسا؟
--شۇنداق، بۇ ئويۇن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانكى، بىز ناھايىتى تېزلا دۈشمەنلەشتۈرۈلدۇق. چۈنكى، بىز قارشى تەرەپنى دۈشمەن دېمىگەن تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپ بىزنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ. ئۇ زامان، ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىكىگە دۈشمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز. بىز خالايلى-خالىمايلى، بۇ دۈشمەنلىك چەمبىرىكىگە كىرگىنىمىز كىرگەن. ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇش بەكلا تەس. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
--ئۇغۇ شۇ. لېكىن بىز خالىساق، بۇ ئويۇندىن خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ كېتەلەيمىزغۇ؟
--بۇ ئويۇندا شۇنداق قىلالايسەن. شۇندىمۇ، بۇ ئويۇننى ئويناشنى ئۆزۈڭ ئۇ قەدەر قىزغىنلىق بىلەن تاللىغان. ھېلىھەممۇ يەنە بىر قېتىم ئويناپ كېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىسەن. تېخىمۇ مۇھىمى، سەن بۇ ئويۇندا، ھېچ بولمىسا قارشى تەرەپنى «ئۆلتۈرۈش» نىڭ بارلىقىنى بىلەتتىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ دەل مۇشۇ قىسمى سېنىڭ بۇ ئويۇنغا قەۋەتلا قىزىقىشىڭنىڭ ۋە ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ھاياجانلىنىشىڭنىڭ مەنبەسى بولدى، شۇنداقمۇ؟
--مەن بۇنى پەقەت بىر ئويۇن كۆرۈپ قاتناشتىم.
--ئەلۋەتتە. ئەمما، بۇ ئەسلىدىن «ئادەم ئۆلتۈرۈش» تىن ھۇزۇرلىنىش ئويۇنى ئىدى، گەرچە بۇ قانچىلىك دەرىجىدە مەۋھۇم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.
--ھىممم، بەلكىم.
--ئەمدى، ئاخىرقى بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى. بۇ ئويۇننى كىم باشتىن ئاخىر كونترول قىلىپ تۇردى؟
--بۇ نېمە دېگىنىڭ؟--ئوغلۇم سوئالىمدىن قايمۇقۇپ قالدى.
--يەنى بۇ ئويۇننى ئارقىسىدا تۇرۇپ كونترول قىلغۇچى كىم؟
--ئەلۋەتتە بىز ئۆزىمىز. بىز ئۆزىمىز خالىغان ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە ئوق چىقاردۇق. ئۇلارنى «ئۆلتۈردۇق.» ئەمما، ھەممە نەرسە ئالدىنئالا پروگراممىلانغان. كومپۇتېردا باشقۇرۇلىدۇ. بىزنىڭ «دۈشمىنىمىزنى» قانداق «ئۆلتۈرۈشىمىز» ئالدىنئالا بەلگىلىنىپ كەتمىگەن بىلەن، بىزنىڭ بۇ ئۇرۇش ئويۇنىنى قاچان ۋە قانداق باشلايدىغانلىقىمىز، بىر-بىرىمىز بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشى ۋە ئۇنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز ھەققىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا…
--ئەگەر بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، بۇنى ئويۇن دەپ ئوينىغىلى بولاتتىمۇ،--ئوغلۇم سۆزۈمنى يەنە كەستى.
--مېنىڭ دەۋاتقىنىممۇ دەل شۇ. بۇنداق ئويۇنلار باشقىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغاندەك، ھەقىقىي ئۇرۇشمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭغا لىدېر ياكى قوماندان دەپ ئاتالغان بىر ياكى بىر نەچچە ئادەم ۋەتەننى قوغداش، مىللەتنى ياكى ئىرقنى قوغداش نامىدا چاقىرىق قىلىدۇ. سەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى كىشىلەر خۇددى مۇشۇ ئويۇنغا قانداق قىزغىنلىق بىلەن قاتناششاق، ئۇلار چاقىرىق قىلغان ئۇرۇشقىمۇ شۇنداق قاتنىشىمىز. ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەيمىز. ئۆزىمىز ھاياتىمىزدا ھېچ كۆرۈپ باقمىغان ۋە بىزگە ھېچ زىيان سېپ باقمىغان قارشى تەرەپتىكىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئاتلىنىمىز. چۈنكى، بىز ھەقىقىي ئۇرۇش ئويۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار تەرىپىدىن شۇنداق بىر مۇھىتقا تاشلىنىمىزكى، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرمىسەك، ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشلا، ئۆزىمىزنى ئامان قالدۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىغا ئايلىنىدۇ.
--بۇ ئويۇن بىلەن ھەقىقىي ئۇرۇش پەرقلىنەر؟
--ئۇلار ئاساسەن ئوخشاش. پەرقى بار دېيىلسە، بۇ پەرق شۇكى ئۇرۇش ئويۇنىدىن چىقىپ كېتىش مۇمكىن، ئەمما ھەقىقىي ئۇرۇشتىن چىقىپ كېتىمەن دېسەڭ، ۋەتەن ساتقۇچ دېگەن نومۇسلۇق ئاتاقنى بىر ئۆمۈر كۆتۈرۈپ يۈرىيسەن. يەنە بىرى، ھەقىقىي ئۇرۇشنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ باشقۇرۇۋاتقانلار كومپيۇتېر ئەمەس، بەلكى ئادەملەردۇر—ئۇلارنى كۆرەلمەيسەن. ئۇلارنىڭ ئۇلار بازارغا سېلىۋاتقان ۋەتەننى قانچىلىك ساتقانلىقىنى بىلىشىڭ بەكلا قىيىن بولىدۇ. ھەتتا بىلسەڭمۇ، ئۇلارنى  ئادالەتنىڭ جازاسىغا تارتالمايسەن. ئەكسىچە، ئۇلار سېنى ۋەتەن ساتقۇچلۇقتا بەكلا ئاسان جازالىيالايدۇ. تارىختىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلار دەل سەن بۈگۈن ئوينىغان بۇ ئويۇن كەبى بۇ ئادەملەرنىڭ باشقۇرۇشىدا ئوينىلىپ كەلدى. سەندەك، مەندەكلەر بۇنىڭ ئۈچۈن قان تۆكتۈق، جان بەردۇق. ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشتۇق. ئەمما، بۇنىڭ خوۋلۇقىنى مۇشۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆرۈپ كەلدى. ئۇلار بىزنى ھەر ۋاقىت ۋەتەن، مىللەت، ئىرقنىڭ بەخت-سائادىتى دېگەندەك ئابستراكت ئاتالغۇلار بىلەن ئالداپ كەلدى.
               قىزىشىپ سۆزلەپ كېتىپ، ئوغلۇمنىڭ سۆزلىرىمنى تولۇق چۈشىنەلمەي، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. سۆزۈمنى توختاتتىم. ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلمەي، تۇرۇپ كەتتى. مەنمۇ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم.
ئاخىرىدا ئۇنىڭغا پەس ئاۋازدا:
--بۈگۈن ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» باقتىم. ئەسلىدە بۇ ئۇنچىلىكمۇ قىيىن ئىش ئەمەسكەنتۇق. غەلىتە،--دېدىم.





Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز