Posts

Showing posts from April, 2018

رەزىللىكنىڭ تەبىرى

رەزىللىكنىڭ تەبىرى رەزىللىككە مەپتۇن بولمىغان كىم بار؟ --مەرۋىن گېي مەشھۇر يەھۇدىي سىياسىي پەيلاسوپ خانناھ ئارېنت 1963-يىلى «ئايچمان قۇددۇستا: رەزىللىكنىڭ ئاددىيلىقى ھەققىدە دوكلات» دېگەن كىتاۋىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا توشۇلۇشىنى باشقۇرغان بىر گېرمان قوغداش ئەترىتى خادىمىنىڭ قۇددۇستا ئېچىلغان سوتىغا قاتناشقاندىن كېيىن يېزىپ چىقىدۇ. كىتاب رەزىللىك ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ. سوتتا ئايچمان يەھۇدىي قەتلىئامىغا قاتناشقانلىق ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىك بىلەن جىنايى ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەس جۈملىلەر، تون ۋە كەيپىيات بىلەن ئۆزىنىڭ پەقەت يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغان ئاددىي بىر بيۇروكرات ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ. ئۆزى قاتناشقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا ھېچقانداق ئالاھىدە ئوي، پىكىرلىنىش ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ سوتتا سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «يىغىنچاقلىغاندا، شۇنى چوقۇم دېيىشىم كېرەككى، مەن ھېچنېمىگە پۇشايمان قىلمايمەن.» ۋەھال

يىغلىيالماسلىق

يىغلىيالماسلىق «ئاسمانغىمۇ قارىيالمايمىز...» --شەرقىي تۈركىستاندىن يېقىندا كەلگەن ئۇچۇر ئاپام دوختۇر ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىچىكىمدە بەك قاتتىق يىغلايدىكەنمەن. كېچە-كېچە توختىماي يىغلاپ چىقىدىكەنمەن. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرلا ئەمەس، ھەتتا قوشنا-قۇلۇملارمۇ يىغامدىن جاق تويغانىكەن. مېنى يىغىدىن پەس قىلىش ئۈچۈن، ئاپامنىڭ قىلمىغىنى قالمىغانىكەن. مېنى ئۇخلىتىش ۋە ئۆزىمۇ شۇ باھانىدە ئازراق ئۇخلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئاخىرى بىر كۈنى ماڭا ئاز مىقداردا ئۇيقۇ دورىسىمۇ بېرىپ بېقىپتۇ. ئەمما، ئۇ كار قىلماپتۇ. بىر كۈنى ئۇ يىغامغا داۋا ئىزدەپ يۇرتىمىزدا نامى بار بىر ئايال بۈۋىمگە مېنى كۆرسىتىپ بېقىشقا ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ ئايالمۇ يىغامنى توختىتالماي، ئاپامغا ئىچ ئاغرىتىپ: «بۇ بالىڭىز كەلگۈسىدە كۆرىدىغان كۈنىگە يىغلايدۇ» دەپتۇ.             يېشىم سەل ئۇلغايغاندا، يىغىدىن ئۆزلۈكۈمدىن قالدىم. نېمە تەسىر قىلغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. پەقەت ئەسلىيەلەيدىغىنىم يېزىدىكى بىر ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتناشقاندىلا، ئۆزۈمنىڭ يىغلىماس—تېخىمۇ توغرىسى، يىغلىيالماس—بوپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم. ئۇ جەمەتىمىزدىكى كاتتا بىر ز