يىغلىيالماسلىق


يىغلىيالماسلىق



«ئاسمانغىمۇ قارىيالمايمىز...»
--شەرقىي تۈركىستاندىن يېقىندا كەلگەن ئۇچۇر


ئاپام دوختۇر ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىچىكىمدە بەك قاتتىق يىغلايدىكەنمەن. كېچە-كېچە توختىماي يىغلاپ چىقىدىكەنمەن. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرلا ئەمەس، ھەتتا قوشنا-قۇلۇملارمۇ يىغامدىن جاق تويغانىكەن. مېنى يىغىدىن پەس قىلىش ئۈچۈن، ئاپامنىڭ قىلمىغىنى قالمىغانىكەن. مېنى ئۇخلىتىش ۋە ئۆزىمۇ شۇ باھانىدە ئازراق ئۇخلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئاخىرى بىر كۈنى ماڭا ئاز مىقداردا ئۇيقۇ دورىسىمۇ بېرىپ بېقىپتۇ. ئەمما، ئۇ كار قىلماپتۇ. بىر كۈنى ئۇ يىغامغا داۋا ئىزدەپ يۇرتىمىزدا نامى بار بىر ئايال بۈۋىمگە مېنى كۆرسىتىپ بېقىشقا ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇ ئايالمۇ يىغامنى توختىتالماي، ئاپامغا ئىچ ئاغرىتىپ: «بۇ بالىڭىز كەلگۈسىدە كۆرىدىغان كۈنىگە يىغلايدۇ» دەپتۇ.
            يېشىم سەل ئۇلغايغاندا، يىغىدىن ئۆزلۈكۈمدىن قالدىم. نېمە تەسىر قىلغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. پەقەت ئەسلىيەلەيدىغىنىم يېزىدىكى بىر ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتناشقاندىلا، ئۆزۈمنىڭ يىغلىماس—تېخىمۇ توغرىسى، يىغلىيالماس—بوپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم. ئۇ جەمەتىمىزدىكى كاتتا بىر زاتنىڭ ھەيۋەتلىك ئۆلۈم مۇراسىمى ئىدى. مۇراسىمغا يۇرتتىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك قاتنىشىپ، بىر خىل تەكشى ئاھاڭدا قوشاق ئېيتىشىپ ئۈن سېلىپ يىغلىشىۋاتاتتى. ئۇلار يىغلىغانسېرى، شۇنچە ئەدەپ يىغلايتتى. بىر-بىرىگە گىرە سېلىپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلايتتى. ئۇلارنىڭ يىغا-زارى كىچىككىنە يۇرتنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە پۈتۈن ئەرشى-ئەلانىمۇ كۆتۈرۈۋەتكۈدەك ئىدى.
            مەن بىر بۇلۇڭدا نېمە قىلىشىمنى بىلمەي شۈمشىيىپ تۇردۇم. ھازىدارلارنىڭ ئىچىدىن ئاپامنى ئىزلىدىم. بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭ ئاللىكىملەرگە ئېسىلىپ، توختىماي مەرسىيە ئېيتىپ، ئىچ-ئىچىدىن تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئېسىلىپ، بىللە يىغلىماقچى بولدۇم. توغرىسى، ئۇنىڭغا يىغلاپ بەرمەكچى بولدۇم. ئەمما، كۆزۈمگە ھېچ ياش ئولاشمايتتى. ھېچ يىغلىيالمايۋاتاتتىم. كىچىككىنە قەلبىم قوبۇل قىلغۇسىز، چۈشىنىكسىز ۋە قالايمىقان بىلىنىدىغان بىر يوقىتىشتىن قېتىپلا قالغاندەك ئىدى. ئۇ كۈن ئۆزۈم يىغلىيالمىساممۇ، ئەمما قەلبىم پۈتۈن جەمەتىمىزنىڭ مىسلىسىز يىغىسىدىن لەرزىگە كەلدى. تۇنجى قېتىم يىغىنىڭ ئاجايىپ سېھرىگە ھەيران قالدىم. ھەتتا مەپتۇن بوپ قالدىم، دېسەممۇ بولىدۇ. ئەمما، ئۆزۈمنىڭ يىغلىيالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئىچىم سىقىلدى. يىغلىيالىغانلارغا—بولۇپمۇ ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ ھازا ئېچىپ، ۋۇجۇدىدا قاپسىلىپ قالغان بارلىق پىغانلىرىنى بىراۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چىقىرالىغانلارغا—ھەۋەس قىپ قالدىم.
            كېيىن ئاپام بىلەن دادام ئايرىلىپ كەتتى. ئۇنىڭغىمۇ يىغلىيالمىدىم. دادام مېنى يېزىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا چىقىرىپ قويغاندا، ئۇ يەردىكى بالىلار مېنى بوزەك قىلىپ، كېچىسى مەھەللىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى ئاق تاغنىڭ ئىچىدە ئازدۇرۇۋېتىپ قېچىپ كەتكەندە، قاتتىق سۇغۇقتا دۈگدەرەپ، قورقۇپ ۋە قايمۇقۇپ، ئۆلۈمنىڭ تىۋىشىنى خىرە-شىرە ئاڭلىغاندىمۇ يەنىلا يىغلىيالمىدىم. ئاپام بىلەن 1999-يىلى تېلېفوندا ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقاندا، ئاپام ماڭا چىدىماي خۇددى كىچىك ۋاقتىمدىكى ئاشۇ ئۆلۈم مۇراسىمىدىكىدەك ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلىغاندىمۇ يەنىلا بەزدەك تۇردۇم. يىغلىيالمىدىم. ئۆزۈمگە نەپرەتلەندىم. مەن يىغلىيالىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما، نېمىشقىدۇر يىغلىيالمىدىم. ھەتتا مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئاپام مەندىن ۋاز كەچكەندىمۇ، يىغلىيالمىدىم. يىغلاپ-يىغلاپ بۇ دەردلەرگە تەسكىن تېپىشنى قانچە ئارزۇ قىلغانسېرى، قېرىشقاندەك شۇنچە يىغلىيالمىدىم.
            چەتئەلدىكى سەرسانلىق ھاياتتا يىغلاشقا نەچچە رەت تەمشىلىپ باقتىم—يوقاتقانلىرىمغا ۋە يوقاتقانلىرىمىزغا، تەلەيسىزلىكلىرىمگە ۋە تەلەيسىزلىكلىرىمىزگە، ئاجىزلىقىمغا ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزغا يىغلىماقچى، يىغلىغاندىمۇ ئۆلۈم مۇراسىمىدىكى ئاشۇ ھازىدارلاردەك ئۈنۈمنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، كۆك تامان قاتتىق يىغلىماقچى بولدۇم. يالغۇز قالغىنىمدا، مۇڭ باسقاندا، ھايات ماڭا يۈزسىزلىك قىلغاندا، ھۆڭرەپ يىغلىماقچى بولدۇم. ئەمما، يەنىلا يىغلىيالمىدىم.
            ئېسىمدىكى، مەن يىغىنى ئىچ-ئىچىمدىن سېغىندىم—ئۆزۈمنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئاچچىق-ئاچچىق يىغلاشنى ساناقسىز قېتىم ئارزۇ قىلدىم. ئەمما يەنىلا يىغلىيالمىدىم. ئەجەبلەندىم. ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم. كاللامنىڭ جايىدىلىقىنى سوئاللاشقا باشلىدىم. شۇنداق كۈنلەردىن بىرى، مەشھۇر ئېنگلىز شائىرەسى ئېلىزابېس بەرېت بروۋنىڭنىڭ «ھەسرەت» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ قالدىم. ئۇنىڭدا يىغلىيالماسلىقنى «خۇددى ئۆلۈمدەك سۈكۈتتۇر» دەپ ئاتىغانىدى. ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق مىسرالارمۇ بار ئىدى: «ئۇنى تۇتقىن، مەرمەر كىرپىكلەر ھۆل ئەمەس: ئەگەر ئۇ يىغلىيالىسىدى، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مېڭىپ كېتەتتى.» ئۆزۈمگە پسىخىك ئانالىز ئېلىپ بېرىپ باقتىم: يىغلىيالماسلىق خۇددى كارل گۇستاف يۇڭ دېگەندەك «بىراۋدا ھېچقانداق ھېسسىياتنىڭ قالمىغانلىقىنى ۋە ئوينىڭ سۇبيېكتىپ توسۇلۇپ قېلىشىنى» كۆرسىتەمدۇ؟  
            ئۆزۈمنى—يىغلىيالماس بوپ قالغىلى ئۇزۇن يىللاپ بوپ كەتكەن ئۆزۈمنى—كۆزەتتىم. يىغلىيالماسلىقنىڭ ھەقىقەتەن ھېسسىيات جەھەتتىن ھېچنېمىنى سەزمەس بوپ قېلىشنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ئۇنىڭ چۈشكۈنلۈك بىلەن قانچىلىك باغلىنىشى بارلىقىغا سەپ سالدىم—ئۆزۈمنى بىر مەزگىل ئوقۇپ يۈردۈم. ئەمما، ئاخىرى مەندىكى يىغلىيالماسلىقنىڭ باشقىچە بىر يىغلىيالماسلىق ئىكەنلىكىگە چىن پۈتتۈم.
            ھېس قىلاتتىمكى، يىغلىيالماسلىقىم ھەرگىزمۇ ھېسسىياتىمنىڭ بارغانسېرى گاللىشىۋاتقانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ ھېچنېمىنى ھېس قىلماس، سەزمەس بوپ قالغانلىقىم ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، ئۇ يىغلاپ-يىغلاپ بولغاندىن كېيىن، ھايات بىلەن يىغا ئارقىلىق مادارا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەن ئېلىش ئىدى. يىغلىيالمىغانسېرى، شۇنى تۇتۇق ئويلايتتىمكى، دۇنيا يىغامغا ئىشەنمەيدۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. يىغلىماسلىقتا  ئۆزۈمنى يەنە شۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتىمكى، ئەمدى يېشىمنى ئۆزۈم سۈرتۈشۈم، يىغلىغان يېرىمدىن دەس تۇرۇشۇم ۋە يىغا ۋەدە قىلالمايدىغان بىر قاراڭغۇ بوشلۇققا تەنھا قەدەم تاشلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ مەنىدىن، يىغلىيالماسلىق يىغلاش ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىن بولغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنتۇش ئىدى. ئۇ يالغۇزلۇققا تاشلىنىشنى، مۇھەببەتسىزلىككە دۇچار بولۇشنى ۋە ئۆزىگە تاشلىۋېتىلىشنى قوبۇل قىلىشقا بولغان بىر پوزىتسىيە ئىدى.
يەنە شۇنىمۇ ئويلايتتىمكى، يىغلىيالماسلىقتا ئاۋازىمنى ھېچكىم ئاڭلىماسلىقى ۋە ھەتتا مەۋجۇتلۇقۇم ھېچكىمنىڭ نەزەرىگە چۈشمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، دەل ئاشۇ مۇمكىنسىزلىكتە يەنىلا ئۆزۈمگە ئەڭ ئىگە بولالاش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. ئەلۋەتتە، شۇنىمۇ بىلەتتىمكى، يىغلىيالماسلىقتا غايەت زور بوغنۇقۇش، ئىچىگە تىنىپ كېتىش ۋە ھەتتا ئاۋازى پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىش خەۋپى بولىدۇ. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ روھىنى يىغلاش ئارقىلىق پەپىلىگەندىن كۆپ ئەۋزەلدۇر—ھەتتا ئۇ ھەسرەتنىڭ سىرتقا تېپىپ چىقىشىنى، ئۆزىنى قويۇپ بېرىشىنى توسۇپ قويسىمۇ.
ئەمەلىيەتتە، يىغلىيالماسلىقتا ئۆزۈمنى سىرتقا تېخىمۇ بىمالال قويۇپ بېرىمەن. چۈنكى مەن يىغلىيالماسلىقتا ھېچكىمنىڭ خەيرىخاھلىقىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن—ئۆزۈمنى دۇنياغا باغلاپ تۇرىدىغان بارلىق تەمەلەردىن ئازاد قىلالايمەن. ئەنە شۇ مىنۇتتا، ۋۇجۇدۇم يىغلىيالماسلىقتىن پۈتكەن قاتتىقلىقتىن ۋە چىدامدىن لەرزىگە كېلىدۇ. ئەنە شۇ مىنۇتتا، كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام كۆرۈشكەن ئاشۇ بۈۋىم ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەرنى قايتا-قايتا ئەسلەيمەن--«بۇ بالىڭىز كەلگۈسىدە كۆرىدىغان كۈنىگە يىغلايدۇ». ئېھتىمال ئۆتمۈشۈمدە كەلگۈسۈمدە كۆرۈدىغان كۈنۈمگە يىغلاپ بولغاندىمەن. ياكى ئۇنىڭغا يىغلىماسلىقتا ئۈنسىز يىغلاۋاتقاندىمەن. ئېھتىمال يىغلىيالماسلىق ئازابنى ئەڭ تىرەن نۇقتىدىن سۈكۈتتە--خۇددى ئېلىزابېس ئېيتقاندەك «ئۆلۈمدەك سۈكۈتتە»--جىممىدە باشتىن كەچۈرۈشتۇر. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۈنۈم ۋە كۈنىمىز بۇنىڭدىن بەتتە بولسىمۇ يەنىلا يىغلىمايمەن—يىغلىيالمايمەن. شۇنى بىلىمەنكى، يىغلىيالماسلىقتا يىغلاۋاتقانلارنىڭ يىغىسىنىڭ ۋەزنىنى ئەڭ تىرەن تۇيالايمەن. كۆككە قارىيالمايۋاتقانلارغا بۈگۈن ئۇلارنى يىغلىتىۋاتقانلارنىڭ تاڭلا ئەتە يىغلايدىغانلىقىنى سۆزلىيەلەيمەن. ئۆزىنى بىچارە ھېس قىلىۋاتقانلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۈنىگە ئاللىبۇرۇن يىغلاپ بولغانلىقىنى شۇڭا ئەمدى يىغلىماسلىقىنى ئېيتالايمەن.


             


Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز