رەزىللىكنىڭ تەبىرى


رەزىللىكنىڭ تەبىرى



رەزىللىككە مەپتۇن بولمىغان كىم بار؟


--مەرۋىن گېي

مەشھۇر يەھۇدىي سىياسىي پەيلاسوپ خانناھ ئارېنت 1963-يىلى «ئايچمان قۇددۇستا: رەزىللىكنىڭ ئاددىيلىقى ھەققىدە دوكلات» دېگەن كىتاۋىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا توشۇلۇشىنى باشقۇرغان بىر گېرمان قوغداش ئەترىتى خادىمىنىڭ قۇددۇستا ئېچىلغان سوتىغا قاتناشقاندىن كېيىن يېزىپ چىقىدۇ. كىتاب رەزىللىك ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ. سوتتا ئايچمان يەھۇدىي قەتلىئامىغا قاتناشقانلىق ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىك بىلەن جىنايى ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەس جۈملىلەر، تون ۋە كەيپىيات بىلەن ئۆزىنىڭ پەقەت يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغان ئاددىي بىر بيۇروكرات ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ. ئۆزى قاتناشقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا ھېچقانداق ئالاھىدە ئوي، پىكىرلىنىش ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ سوتتا سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «يىغىنچاقلىغاندا، شۇنى چوقۇم دېيىشىم كېرەككى، مەن ھېچنېمىگە پۇشايمان قىلمايمەن.»
ۋەھالەنكى، ئايچماننىڭ ئارېنتنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئوبرازى ھەيران قالارلىقتۇر—ئارېنت ئۇنى رەزىل ئالۋاستى ئەمەس، بەلكى «قورقۇنچلۇق ۋە شۈركۈندۈرگۈدەك دەرىجىدە نورمالدۇر» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ رەزىللىكنى ئالاھىدە بىر بوشلۇققا، كاتېگورىيىگە، مەنىگە ياكى ئوبرازغا جايلاشتۇرماستىن، ئادەمنىڭ ئۆزىگە—ئۇنىڭ نورماللىقىغا جايلاشتۇرىدۇ. نورماللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان رەزىللىك ئەنئەنىۋى ئىدراكتىكى بەدبەشىرىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان رەزىللىكتىنمۇ قورقۇنچلۇق بىلىنىدۇ. چۈنكى، رەزىللىك بىزگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ—كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا، ھاياتىمىزنىڭ نورماللىقىدا ۋە ئادەملەرگە بولغان ئاددىي ۋە سەمىمىي ئىشىنىشلىرىمىزدە. خۇددى ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق بىللە ياشىغاندەك، نورماللىق بىلەن ۋەھشىيەتمۇ بىللە ياشايدۇ. دەل بۇ خىل ياشاش رەزىللىكنىڭ ئاددىيلىقىنى، ئادەتتىكىلىكىنى ۋە نورماللىقىنى—خۇددى ياخشىلىقتەكلا نورماللىقىنى—بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇنى نىقابلايدۇ. ئۇنى ئۆزىنى بىر كۈنلىرى ئادەمنى زىلزىلىگە سالغۇچ شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا تەييار قىلىدۇ. ئارېنت كىتاۋىنى مۇنۇ قۇرلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «ئېچىنىشلىق ھەقىقەت شۇكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم رەزىللىكلەر كاللىسىدا ياخشى بولۇش بىلەن رەزىل بولۇشنىڭ پەرقى ئايرىلمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنىدۇ.» ئارېنتچە رەزىللىك چۈشەنجىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئۇ رەزىللىكنىڭ ئاددىيلىقىدىكى مۇرەككەپلىكنى ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپلىكىدىكى ئاددىيلىقنى كۆرىدۇ.
ئارېنتنىڭ قارىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ كوللېكتىپ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ئوبرازلارغا قارشى ھالدا، رەزىللىك قانداقتۇر بەدبەشىرە ئادەملەر تەرىپىدىن  ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنايى، ئەخلاقسىز ياكى نومۇسسىز قىلمىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئەتىگىنى ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن مېھىرلىك خۇشلىشىپ، ئازادە بېزەلگەن ئىشخانىلاردا كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيىپ بېشىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرغان، ھەرىكەتلىرى سىپتا، سۆزلىرى شېرىن بيۇروكراتلار ۋە ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ھېچقانداق زورۇقماستىن تەبىئىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياكى ئۇ ئاغزىدىن شېرىن سۆزلەر دۇردانىلەردەك تۆكۈلۈك تۇرىدىغان، ئەمما كۆڭلىدە شۇم پىلان سوقىدىغان سەمىمىيەتسىز ۋە ھىيلىگەر لىدېرلار تەرىپىدىن ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ—بەزىدە مەخپىي، بەزىدە ئاشكارا. ياكى ئۇ بەزىدە ياخشلىقنىڭ نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ—ئادەمنىڭ چۈشىنىشىدىن ھالقىپ كەتكەن رەزىللىكلەر قاتىللار، ئىرقچىلار ۋە مۇستەبىتلەر تەرىپىدىن قانداقتۇر ئۇلۇغۋار بىر ئىدېئالنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقاندەك پەردازلىنىدۇ. بۇ ھەقتە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا قىزىل تېررور يۈرگۈزگەن ستالىن مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىر تراگېدىيە بولسا، مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈمى پەقەت بىر ستاتىستىكىدۇر... ئىدىيىلەر مىلتىقلاردىنمۇ قۇدرەتلىكتۇر. بىز دۈشمىنىمىزنىڭ مىلتىققا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدىكەنمىز، ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىدىيىلەرگە ئىگە بولۇشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك؟... ئۆلۈم بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىدۇر. ئادەم قالمىسا، مەسىلىمۇ تۈگەيدۇ.» خىتايدىكى زىيالىيلارنى «سېسىق توققۇزىنچى» دېگەن قالپاق بىلەن ئانتى-زىيالىيلىك (ئانتى-ئىنتېللېكتۇئالىزم) ھەرىكىتىدە تۈرمىلەرگە سولىغان، پالىغان، قىرغان ۋە ياۋايىلارچە كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇق بەرگەن  ماۋ زېدوڭ مۇنداق دەيدۇ: «بەك جىق كىتاب ئوقۇپ كېتىش خەتەرلىكتۇر.» كامبودژىدىكى قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىقنىڭ پىلانلىغۇچىسى پول پوت ئۆزىنىڭ قانخورلۇقىنى ئاقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ۋەتىنىم ئۈچۈندۇر.» ياكى ئۇ ئېدمۇند بېرك، ئېينىشتېيىن، ھېلېن كېلېر ۋە مارتىن لۇتېر كىڭلار تەرىپدىن ئوخشىمىغان شەكىلدە ئەمما ئوخشاش مەزمۇندا ئېيتىلغان مۇنۇ ئەقلىيىدىكى ھېكمەتنى قايتا-قايتا تەستىقلايدۇ: «رەزىللىك ياخشىلارنىڭ سۈكۈتى ۋە پەرۋاسىزلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.» ھەتتا، جازا لاگىرىدا باشقىلارغا پۈتمەس-تۈگىمەس ئازاب ئېلىپ كېلىۋاتقانلارمۇ، ئۇلارنى ھايۋاندەك بوغۇزلاۋاتقانلارمۇ—خۇددى ئايچمانغا ئوخشاش—ئۆزى ئورۇنداۋاتقان بۇيرۇقنىڭ ئەخلاقىي ئاقىۋىتىنى كەمدىن كەم سوئاللايدۇ. ياكى پەقەت سوئاللىمايدۇ. ئۇلار، خۇددى ئارېنت ئېيتقاندەك، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ پەرقىگە بېرىپ تۇرۇپ ئويلىمايدۇ. ھەتتا، ئۇلار بۇيرۇققا بوي سۇنۇش تەلەپ قىلىنىدىغان دەل ئاشۇنداق بيۇروكراتىك مۇھىتنى ئۆزىنىڭ رەزىل قىلمىشىنى ئاقلاشتا ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. غايەت زور سىستېمىدىن پايدىلىنىپ، ئادەتتە قويۇپ بېرەلمەيۋاتقان قورقۇنچلۇق سەدىستىك (خورلاش) ئەسەبلىرىنى «نورماللىق» سۈپىتىدە بىخەتەر قويۇپ بېرەلەيدۇ. ئۆزىنى ئاقلاشقا شۇنى باھانە قىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ نېمىنى قىلىشى يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئاللىبۇرۇن بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق تاللاش مۇمكىنچىلىكى يوق. تاللاش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن، ئۇلاردىن مەسئۇلىيەت ساقىت. مانا مۇشۇ خىل ئوي ئەندىزىسىنى توختىماستىن تەشۋىق قىلىدىغان بيۇروكراتىك سىستېما ئادەملەرنى تېگىدىن ھەرىكتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدىغان قىلىدۇ. ئۇلارنى ئادىمىيلىكىدىن ئۇلار ئۆزلىرى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئايرىۋېتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاشۇ نامسىز، يۈزسىز ۋە شەپقەتسىز سىستېمىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەرزىمەس  بىر ۋاسىتىگە ئايلانغانلىقىنى تۇيمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سىستېمىنىڭ ئادىمىيسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان ئادىمىيسىز شەپقەتسىزلىكىنى تەبىئىي شەكىلدە چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭغا قارىتا چىرايلىق «ئەقلىي» چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ.
يۇقىرىقى تەھلىل شۇنىڭدىن دالالەت بېرىدۇكى، رەزىللىكنىڭ مەنبەسى قانداقتۇر قەلبتىن تاشقىرى تۇرىدىغان، ئۇنى توغرا يولدىن ئېزىقتۇرىدىغان، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىشكە قىزىقتۇرىدىغان، ۋەسۋەسىگە سالىدىغان ۋە چىرىكلەشتۈرىدىغان  ھەممىگە قادىر «شەيتان» لا ئەمەس. ئەگەر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاشۇ ۋەسۋەسە، ئېزىقتۇرۇش ۋە چىرىكلەشتۈرۈشكە قارىتا ئالدىنئالا—ئاز-تولا—مايىللىق بولمىسا، ئۇنىڭ قەلبىنى ھېچنېمە ئازدۇرالمايدۇ. بۇ مەنىدىن، ھەركىمنىڭ قەلبىدە رەزىللىككە قارىتا ئاز-تولا مايىللىق باردۇر. شەيتانلىق قەلبتە ئاللىبۇرۇن يەرلەشكەن.  بۇ، شەيتانلىقنىڭ دىنىي نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن قارىلىشىدۇر. شۇنى دەۋاتىمىزكى، بىز رەزىللىككە قارىتا تۇغما سېزىمچانلىققا ئىگە. بىز ئۇنى ھېس قىلىپ ۋە بىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە پەيتى كەلسە ئۇنى ھېچ قىينالماستىنلا قىلالايمىز. بەزىدە ياخشىلىق قىلىشتا قىينالغىنىمىز بىلەن، رەزىللىكنى قىلىشتا ھېچ قىينالمايمىز. چۈنكى ياخشىلىق بەزىدە مۇۋاپىق پەيتنى، نازۇك پىلاننى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەنئىتىنى تەلەپ قىلسا، رەزىللىك بىر قارا قەلبنىڭ يامانلىققا ھېچ تەمتىرىمەستىن قەدەم بېسىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ رەزىللىكنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىمۇ مانا مۇشۇ قەلب سۈكۈتتە تۇرىۋالىدۇ، ئارىلاشمايدۇ ياكى پەرۋاسىز بولۇۋالىدۇ. بۇ مەنىدىن، بىز ھەممىمىز قەلبىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالۋاستىسىمان «شەيتان» نىڭ كۆلەڭگۈسىنى ھېس قىلىپ تۇرىمىز. بۇ يەردىكى پەرق خىلدا ئەمەس، بەلكى دەرىجىدىدۇر. مەسىلە قەلبىمىزدە قايسى تىپلىق «شەيتان» نىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنى قانداق ئىپادىلىشىدۇر: بۇ «شەيتان» نىڭ بىزنى قانچىلىك يامانلىققا باشلىيالىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك دەرىجىدە سىرتقا قويۇپ بېرەلىشىدۇر. ئەگەر بۇ «شەيتانلىق» بولمىسىدى، بىز ھېچ زامان خاتالىق، گۇناھ، شەپقەتسىزلىك، نومۇسسىزلىق، باغرىتاشلىق، كەمسىتىش، تۆھمەتخورلۇق، ساتقىنلىق ۋە قاتىللىق ھەققىدە سۆزلىمىگەن بولاتتۇق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، رەزىللىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشلىقنىڭ پەرۋىشىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. گېزى كەلسە، ئون ياخشىلىقنى بىر رەزىللىك بىردەمدىلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇكى، ئون رەزىللىككە بىر ياخشىلىق تەڭ كېلەلمەيدۇ. دېمەك، رەزىللىكنىڭ تەسىرى بەزىدە يىللاپ ۋە ھەتتا ئەسىرلەپمۇ يوقالمايدۇ. ئەمما، ياخشىلىقنىڭ تەسىرى تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، رەزىللىكنىڭ تەسىرى ئىنساننىڭ نېمىگە ئېرىشكەنلىكىگە قارىغاندا نېمىنى يوقاتقانلىقىغا زىيادە سەزگۈر كېلىدىغان پسىخىكىسىغا تايىنىدۇ. ئادەم رەزىللىك ئېلىپ كېلىدىغان يوقىتىشنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇكى، ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئاسايىشلىقنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتەلەيدۇ. تەسىرى ئۇزاق سوزۇلىدىغان ۋە چوڭقۇر قالىدىغان رەزىللىكنى ئويلاش بەزىلەرنى قورقۇنچقا سالسا، بەزىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. مۇشۇ مەپتۇنلۇق، مەلۇم مەنىدىن، ئۇلارنى باشقىلارنىڭ قەلبىگە رەزىللىك ئارقىلىق ئۆچمەس، ئۇنتۇلماس ۋە كۆتۈرەلمەس جاراھەت سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.
ھەرقانداق بىر ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىرەر ئەخلاقىي قانۇنىيلىقتىن كۆرە كۆپ ھاللاردا بىر يۈرۈش، سىستېمىلىق مۇئەسسەلەشتۈرۈلگەن  ۋە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېلىنغان يامانلىقلار، سۇيىقەستلەر ۋە رەزىللىكلەرگە تايىنىدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى سىياسىي سەرخىللارنىڭ  مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ سىستېما ئۆزىگە قارشى بارلىق ئامىللارنى يوقىتىشنى كۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان بارلىق ئامىللارنى قوللايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى قاتمۇ قات بيۇروكراتىك، سۇيىقەستچان ۋە باستۇرۇشچان سىياسىي مۇھىتتا ئۆزىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىدۇ. خەلق ھاكىممۇتلەقنىڭ ھوقۇق ئىرادىسىنى يۈرگۈزۈشىدىكى ئەرزىمەس بىر ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق سىستېمىدا تەبىئىتىنىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇشدىن قەتئىينەزەر، ئادەم رەزىللىك قىلىشقا قىزىقتۇرۇلىدۇلا ئەمەس، بەلكى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ ۋە ھەتتا ئاسترىتتىن زورلىنىدۇ. ھەتتا ئۇنى قىلىشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قاراشقا يېتەكلىنىدۇ. بۇنداق سىستېمىدا ئامان قېلىش ئۈچۈن ئادەم كۆپ ھاللاردا «جاڭگالدا ئامان قېلىش قانۇنى» غا تايىنىدۇ. رەزىللىك قاپلىغان شارائىتتا ئامان قېلىشنىڭ پەقەت ئىككىلا يولى بار—ياكى باشقىلاردىن قېلىشمىغۇدەك ۋە ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئۆتە شەپقەتسىز بولۇش ياكى بۇ جاڭگالنى تەرك ئېتىش. ئالدىنقى مۇمكىنچىلىك ئۇنى ئامان قالدۇرىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي قىممەتلىرىنى، غۇرۇرىنى ۋە ۋىژدانىنى قۇربان قىلىدۇ؛ كېيىنكىسىدە، ئەخلاقىي قىممەتلەر، غۇرۇر ۋە ۋىژدان ئامان قالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ جېنى خەتەردە قالىدۇ. نەتىجىدە، رەزىللىككە بولغان پوزىتسىيە ھايات قېلىشنىڭ تۈپكى ئالدىنقى شەرتىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق دۇنيادا ئامان قېلىش ئۈچۈن شەپقەتسىز بولۇش كېرەك، خۇددى يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋانلار قاپلىغان جاڭگالدا ئامان قېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ يىرتقۇچ بولۇش كېرەك بولغاندەك. شەپقەتسىزلىكنى سېزىدىغان قەلبنى سەزگۈسىز قىلىش كېرەك. ئۇنى ئەيىبلەيدىغان ۋىژداننىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماسلىق كېرەك. مۇشۇنىڭ بىلەن، رەزىللىككە سېزىمسىزلىشىش ئادەمنىڭ قەلبىدىكى بارلىق ئىزگۈلۈكلەرنىڭ قولىشىشىنى ۋە ھەتتا يوقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم شارائىتىنىڭ رەزىللىكىگە ياكى رەزىللىك ئارقىلىق ماسلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. ئالدىنقىسىدا، ئادەم ئۆزىدىكى ياخشىلىق ھېسلىرىنى ئاستا-ئاستا رەزىل ھېسلارغا ئالماشتۇرىدۇ. قىلمىشىدىن ھار ئالمايدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايدۇ. باشقىلارنىڭ رەزىل قىلمىشىنىمۇ قوبۇل كۆرەلەيدۇ. ئاقىۋەت، رەزىللىك سىستېمىلىق شەكىلدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يۇقىرىسىدىن تارتىپ تاكى تۆۋىنىگىچە نورماللىشىدۇ. بۇنداق دۇنيادا، پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرلا رەزىللىككە قارشى تۇرىدىغان، قالغانلىرى ئۇنىڭغا ماسلىشىدىغان ۋە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىدىغان بولىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەرنى ئەخلاقىي رەزىللىك ھەققىدە بولدى دەپ قارىساق، ئۇنداقتا تەبىئەتنىڭ بالايى ئاپەتلىرىنى تەبىئىي رەزىللىك دېيىشكە بولامدۇ؟ بۇ سوئالنى تۆۋەندىكى سوئاللارغا كېڭەيتىپ باقايلى:  نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلغان غايەت زور تەبىئىي ئاپەتلەرنى—مەسىلەن قاتتىق يەر تەۋرەش ۋە سۇنامىنى—رەزىللىك دېيىشكە بولامدۇ؟ نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشقان، داۋاملىشىۋاتقان ۋە ھەتتا ئېغىرلىشىۋاتقان نامراتلىقنى رەزىللىك دېيىشكە بولامدۇ؟ مىليونلىغان خەلقنىڭ بىھۇدە ئۆلۈم كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىقنىچۇ؟ كۆپ ھاللاردا، رەزىللىك بولۇش ئۈچۈن، ئۇنى چوقۇم بىر يامان غەرەز يېتەكلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەبىئەتنىڭ ئادەملەرگە سالىدىغان تالاپىتى ئۇنىڭ ئادەملەرنى ۋەيران قىلىشنى كۆزلىشىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. چۈنكى، غەرەز بولۇش ئۈچۈن، بۇ يەردە ئالدى بىلەن چوقۇم بىر ئاڭ بولۇشى كېرەك. ئەمما، تەبىئەتتە ئاڭ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەبىئەتنىڭ تالاپىتى ئىنسانلارنى كۆزلەپ يۈز بەرمەيدۇ—بەلكى ئۆزىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە ئاساسەن يۈز بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، تەبىئەتنىڭ تالاپىتى ئىنسانلارنىڭ ئىدراكىدا كۆپ ھاللاردا رەزىللىك سۈپىتىدە قارىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە تالاپەت ئېلىپ كەلگەن تەبىئەتنى ئادەملەشتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىرەر يامان ۋە شۇم غەرەزنى يۈكلەيدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تالاپىتىنىڭ سەۋەبىگە ئەقلىي تۈس بېرىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ قاراش رادىكاللاشقاندا، بىز بەزىلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ تالاپىتىنى خۇدانىڭ ئىنسانلارنى جازالىشى دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، ھەتتا بۇ يەردىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تەلتۆكۈس بىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ. ۋەھالەنكى، تەبىئەتنىڭ تالاپىتى ئىنسانغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ—ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تەدرىجىي تەرەققىياتىنىلا ئىشقا ئاشۇرىدۇ، خالاس.  
ئۇنداقتا، رەزىللىكنىڭ تەبىرى نېمە؟ ئۇشبۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ دىنىي مەنىسى ھەققىدە توختىلايلى. رەزىللىكنىڭ دىنىي مەنىسى ھەققىدە توختالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ باشقا مەنىلىرى ھەققىدە توختىلىش قىيىندۇر. چۈنكى، رەزىللىكنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئەڭ تىرەن ۋە ئەڭ كەسكىن ئىزدىشىلەر دىنىي ساھەدە (بولۇپمۇ ئىلاھىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە) ئېلىپ بېرىلغان؛ شۇنداقلا، ئۇنىڭ دىنىي مەنىسىدە ئۇنىڭدىكى مۇرەككەپلىكلەر تېخىمۇ ئېنىق ئايان بولىدۇ. رەزىللىكنىڭ دىنىي رامكىدا ئىدراكلىنىشى بىر خۇدالىق ئاساسىدىكى بارلىق ئىبراھىم دىنلىرىغا توغرا كېلىدۇ—ئىسلام، يەھۇدىزم ۋە خرىستىيانلىق. بۇ دىنلار تەرىپىدىن بىردەك ھالدا مەجۇسىي پەيلاسوپ دەپ قارالغان ئەپلاتون ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ تەبىرىنى بېرىدۇ. بۇ ئېنىقلىما يۇقىرىقى ئۈچ دىننىڭ ئىلاھىيەتشۇناسلىرىغا ھەم قىزىقىش ھەم يىراقلىشىش ئېلىپ كېلىدۇ. قىزىقىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەپلاتوندىن ئىككى دۇنيا قارىشىنىڭ دىندىن خالىي مۇكەممەل شەرھىنى ھەيرانلىقتا كۆرىدۇ. يىراقلىشىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەپلاتون دىنىي زات ئەمەس. ئۇنىڭ پەلسەپىسى تېخىمۇ بىر دىن ئەمەس—ياكى بىرەر دىن ئۈچۈن ئەمەس. ئۇ بىر خۇدالىق ئېتىقادچىلارنىڭ نەزەرىدە باشتىن-ئاخىر بىر مەجۇسىي پەيلاسوپتۇر.
ئەپلاتون دۇنيانى ئىككى خىل ئىدراكلايدۇ—ئىدىيىلەر ۋە سەزگۈلەر دۇنياسى. ئۇنىڭچە، پانىيلىققا، ئۆزگىرىشكە، كېسەللىككە ۋە بۇزۇلۇشقا مايىل بۇ دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئىدىيىلەر دۇنياسى مەڭگۈ ئۆزگەرمەي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ياخشىلىق دۇنياسىدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ دۇنيا—سەزگۈلەر دۇنياسى—رەزىللىك دۇنياسىدۇر. چۈنكى، ئالدىنقىسىدا ھەقىقەت، گۈزەللىك ۋە ئادالەت بولسا، كېيىنكىسىدە كۆزقاراشلار، سەپسەتىلەر، سەتلىك ۋە ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، ياخشىلىق دۇنياسى ساپ دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭدا رەزىللىك بولمايدۇ. رەزىللىك پەقەت سەزگۈلەر دۇنياسىدىلا بولىدۇ. ئىدىيە سۈپىتىدىكى ياخشلىق بۇ دۇنياغا بىر خىل ئىككىلەمچى رېئاللىق سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. ئۇ بۇ دۇنيادا رەزىللىك بىلەن يانمۇ يان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپمۇ قالىدۇ. رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت مانا مۇشۇ مەسىلە ئەپلاتوندىن كېيىنكى نۇرغۇن ئىلاھىيەتشۇناسلارغا مۇنداق سوئالنى قويۇپ كېلىدۇ—ئەگەر يارىتىش ياخشلىقتىن بولسا، بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەر نېمىدىن؟—نېمە ئۈچۈن ياخشى ياراتقۇچى رەزىللىككە يول قويىدۇ؟
يۇقىرىقى نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشىنىش ئۈچۈن، قەدىمكى گرېك پەيلاسوپى ئېپىكۇرۇسنىڭ ئەپلاتوننىڭ يۇقىرىقى ئىككى-دۇنيا قارىشى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان تۆۋەندىكى ئۈچ-ھۆكۈملۈك نۇقتىئىينەزەرىگە قىسقىچە قاراپ چىقايلى: (ئا) ئەگەر ھەممىگە قادىر، مېھرىۋان ۋە ھەممىنى بىلىدىغان خۇدا مەۋجۇت بولسا، رەزىللىك مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك؛ (ب) دۇنيادا رەزىللىك مەۋجۇت؛ (س) شۇڭا، ھەممىگە قادىر، مېھرىۋان ۋە ھەممىنى بىلىدىغان خۇدا مەۋجۇت ئەمەس. مەزكۈر نۇقتىئىينەزەر  ئىلاھىيەتشۇناسلىقتىكى مۇكەممەل خۇدانىڭ نېمە ئۈچۈن رەزىللىككە يول قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان تىئودىسى (theodicy) دېگەن نەزەرىيىنىڭ كېلىش مەنبەيىدۇر. ئېپىكۇرۇسنىڭ يۇقىرىقى نۇقتىئىينەزەرى لوگىكا نۇقتىسىدىن رەت قىلىش ئارقىلىق رەت قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئاقىۋىتىنى رەت قىلىش» (لاتىنچە رەت قىلىش ئارقىلىق رەت قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ) نۇقتىئىينەزەرىدۇر. ئۇ شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇكى، ئەگەر بىر ئۈچ-ھۆكۈملۈكنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى توغرا بولسا، نەتىجىسى تەبىي ھالدا زۆرۈرىيەت نۇقتىسىدىن توغرا چىقىدۇ. يۇقىرىقى ھۆكۈم بۇ شەرتنى شەكلەن قاندۇرغاچقا، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ. تارىختىكى نۇرغۇن ئىلاھىيەتشۇناسلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ نۇقتىئىينەزەر قارىماققا توغرىدەك قىلغان بىلەن، ئىنچىكىلەپ قارىساق يەنىلا مەسىلىلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ نېمىشقا ۋە قانداق مەۋجۇتلۇقىنى شەرھلەپ بېرەلمىگىنىدەك، ئۇنىڭ نېمىشقا ۋە قانداقسىگە مەۋجۇت بولماسلىقىنىمۇ شەرھلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇ ھۆكۈمدە خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت ئۇنىڭ ئىقتىدارىغىلا  باغلانغانكى، ئۇنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىنىڭ ئاساسى بولمىش مەۋجۇتلۇقىغا باغلانمىغان. كەسكىن ئېيتساق، بۇ نۇقتىئىينەزەردە خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا تارايتىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەڭلەشتۈرۈپ ئويلاشتەك خاتالىققا يول قويىدۇ. ئاددىي ئېيتقاندا، بۇ ئالمىنى ئالما بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامۇت بىلەن سېلىشتۇرۇش خاتالىقىدۇر. يەنە بىر نۇقتىدىن، ئۇشبۇ نۇقتىئىينەزەردە خۇدانىڭ رەزىللىكنى يارىتىشىدىكى ھېكمىتىنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىي تەپەككۈرى ۋە قىياسىدىن ھالقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭدا، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى بولمىش خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىمۇ قارشى قويۇلىدۇ، ئەمما خۇدانىڭ سۈپىتىنىڭ ئېھتىمال ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى دۇئالىستىك توقۇنۇشتىن ھالقىپ كېتىدىغان ئۈچىنچى بىر ئىلاھىي رېئاللىق بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ھېچقانداق ئورۇن قالدۇرمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ خۇدانىڭ ئېھتىمال رەزىللىكنى ئىلاھىي دۇنيانىڭ ئېپىك درامىسىغا ئەقىلدىن ھالقىيدىغان شەكىلدە قاتناشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگىمۇ ھېچ ئورۇن قالدۇرمايدۇ.  بۇ يەردىكى ماھىيەتلىك نۇقتا شۇكى، خۇدا ئىنساننىڭ چۈشىنىشىدىكى ياخشىلىق ۋە رەزىللىكتىن ئىبارەت بۇ دۇئالىستىك ئۇقۇم ئىشارىلەيدىغان بارلىق بوشلۇقلاردىن، ئۇقۇملاردىن ۋە مەنىلەردىن تېخىمۇ كەڭ، تىرەن ۋە چەكسىز بارلىقتۇر.  
شۇنداقتىمۇ، ياخشى خۇدا بىلەن ئۇ ياراتقان رەزىل دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىلاھىيەتلىك ۋە لوگىكىلىق نۇقتىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە رېئال ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ ئازابىنى ئىدراكلاش نۇقتىسىدىنمۇ ئالدىراپ تۈگىمەيدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ ياخشىلىقىغا ئىشىنىش قانچە تىرەن ۋە تەۋرەنمەس بولغانسېرى، ھاياتتىكى رەزىللىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مەنبەسى ۋە تەسىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىشمۇ شۇنچە قىيىنلىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېپىكۇرۇسنىڭ ئەرۋاھى ئارىمىزنى ھېلىھەم كېزىپ يۈرىدۇ—ياخشى خۇدا رەزىللىكنىڭ—بولۇپمۇ ئادەمنىڭ چۈشىنىشىدىن ھالقىپ كېتىدىغان مىسلىسىز ۋە پەۋقۇلئاددە رەزىللىكنىڭ—يۈز بېرىشىنى توسالمامدۇ ياكى توسۇشنى خالىمامدۇ؟ بۇ سوئال يەنىلا ئازابقا ئىتتىرىلگەن، تىغدەك تەنھا ۋە تەسۋىرلىگۈسىز قىرغىنچىلىقتا ئۆلۈمنىڭ شەپىسىنى يېقىنلا يەردىن سېزىۋاتقان ئېتىقادچىنى توختاۋسىز قىينىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ كۆككە تىكىلىپ، خۇدادىن ياردەم سورىسا، ئۇنىڭ نالە-پەريادى ئىنكاسسىز قالسا، ئۇنىڭ ھاياتى خەتەرگە بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ كىرسە ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزۈلەيلا دېسە، ئۇ ئېغىر ئىزتىراپ چېكىدۇ—ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنىمۇ سوئاللاپ قالىدۇ. ياكى ئۆزىنىڭ سوئاللىشىدىن ئۆزى چۆچۈپ، تېخىمۇ ئىزتىراپ چېكىدۇ.  بولۇپمۇ، ناتىۋانلارنىڭ ۋە گۇناھسىزلارنىڭ ئۆلۈمى بۇ ئىزتىراپنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. مەسىلەن، يېڭىلا تۇغۇلغان بالىسى كېسەل بىلەن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن ئانا خۇداغا مۇنداق نالە قىلىشى مۇمكىن: «نېمىشقا مېنىڭ بالام كېتىدۇ؟ ئۇنىڭ ياشلا كەتكۈدەك نېمە گۇناھى بار ئىدى؟» دىنىي نۇقتىدىن، بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئادەتتە ھاياتتىكى ھەر بىر يوقىتىشنىڭ ئېتىقادچى ئۈچۈن بىر سىناق ئىكەنلىكىگە مەركەزلىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئېغىر ماتەم زەربىسىدە تولغىنىۋاتقان ئانا ئوخشاش سوئالنى توختىماستىن سوراۋېرىشى مۇمكىن. مەيلى قايسى نۇقتىدىن قايسى خىل چۈشەندۈرۈش بېرىلمىسۇن، خۇدالىق ئالەمدە رەزىللىكنىڭ گۇناھسىزلارنى  ۋەيران قىلىشى يەنىلا ئىلاھىي ياخشىلىقنىڭ قانداقسىگە رەزىللىككە يول قويۇشىغا قارىتا ئېتىقادچىلارنىڭ، مەيلى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا بولسۇن، سوئال قويۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. بولۇپمۇ، بىر كوللېكتىپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، چىدىغۇسىز تەنھالىق ۋە تايىنچسىزلىقتا قالغاندا ۋە كەلگۈسىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا، ياراتقۇچىسىغا چەكسىز سېغىنىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياراتقۇچىنىڭ ئۆزىگە يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى ۋە ئۆزى ۋەدە قىلغان مېھرىبانلىقنى يەتكۈزۈشنى ئەڭ تۆۋەنچىلىكتە تىلەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بېشىدا ئويناۋاتقان رەزىللىك توختىماي ئەدەۋەرسە، ئۆلۈم دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى بىر سىناق سۈپىتىدە كۆرۈپ ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىشقا ئەھد قىلىشى، يەنە بىر قىسمى ئۆزىنى ياراتقۇچى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن دەپ قارىشى مۇمكىن. كېيىنكى گۇرۇپپىدىكىلەر ئەنە شۇ مىنۇتتا ياخشىلىقنىڭ ئەدەبىيلىك مەنبەسى دەپ قارىلىدىغان ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سوئال قويۇشىمۇ مۇمكىن—ھەتتا بۇ ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا خىلاپ بولسىمۇ.
بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى مىسالنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدىغان يەھۇدىي قەتلىئامى (خولوكوست ياكى شوئاھ) يەھۇدىي مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ دىنىي تەپەككۈرىنى كۆرۈلۈپ باقمىغان خىرىسقا دۇچار قىلىدۇ. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ناتسىستلار تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈلۈشى ئۇلارنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يولباشچىلىقىدا مىسىردىن قۇتۇلدۇرغان خۇداسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى يەنە نېمىشقا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قورقۇنچلۇق جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلدۇرمىغانلىقى بىلەن قايمۇقتۇرىدۇ.  بولۇپمۇ، ئىلاھىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، بىر قىسىم يەھۇدىي مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ خۇدانىڭ قەتلىئامدىكى ئورنىنى سوئاللىشى خۇددى ئاشۇ قەتلىئامنىڭ ئۆزىدەكلا رادىكال ۋە ئۈزۈل كېسىل بولىدۇ. بىر قىسىملار يەھۇدىي قەتلىئامىدىن كېيىن، «خۇدا ئۆلدى» دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولغان بولسا، ئۇ دەرھەقىقەت خولوكوستنى توسقان بولاتتى. دېمەك، خۇدا ئۇنى توسمىغانىكەن، ئۇ زامان ئەنئەنىۋى مەنىدىكى خۇدا ياكى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ئۇ مەلۇم مەنىدىن ئۆزگىرىپ كەتتى.  بەزىلەر ئۈچۈن، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بەردىكى، خۇدا ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. ھەتتا بەزىلەر—مەسىلەن، شېرمان ۋاين قاتارلىقلار—خولوكوستتىن كېيىن يەھۇدىيلارنى يېڭى مەجۇسىيلىككە بۇرۇلۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ. يەھۇدىي پەيلاسوپى ماتىن بۇبېر بولسا «خۇدانىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشى» (خۇددى ئاينىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىدەك) دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، خۇدانىڭ تارىختىكى بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى تولۇق زاھىرلىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ بۇ ئاتالغۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى  20-ئەسىردە  ئۆزىنى ئازاب چېكىۋاتقان يەھۇدىيلارغا ئايان قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەھۇدىي مۇتەپەككۈر ئېليېزېل بېركوۋىتسنىڭ قارىشىچە، خۇدا ھەممىگە قادىر؛ ئەمما، ئۇ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، خولوكوستتەك قاباھەتلىك قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە، خولوكوست بىزنىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزگە تۆلەيدىغان ئېغىر بەدىلىمىزدۇر. دېمەك، خولوكوست يۈز بېرىۋاتقاندا چۈشىنىكسىز سۈكۈتتە تۇرىۋالغان، ئۆزىنى ئايان قىلمىغان ۋە ئۇلارنى ئۆلۈمگە تاشلىۋەتكەن دەپ قارالغان خۇدانى ئىدراك قىلىش بىر قىسىم يەھۇدىي مۇتەپەككۈرلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك بەھىسلىك شەكىللەردە بولىدۇ. بۇ قاباھەت مەيلى قايسىلا نۇقتىدىن قارالسۇن، ئاخىرى بېرىپ ياخشى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ رەزىل جىنايەتنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇشىنى چۈشىنىشكە بېرى تۈگەللىنىدۇ. بۇ تۈگۈنچ تا ھازىرغىچە ئەخلاقشۇناسلار، ئىلاھىيەتشۇناسلار ۋە پسىخولوگلار ھېلىھەم بەس-مۇنازىرە قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.   
گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ھېچقانداق بىر ئۇقۇم رەزىللىك ئۇقۇمىدەك ئۇ قەدەر خىرىسلىق، قايمۇقارلىق ۋە ۋەيران قىلغۇچ ئەمەستۇر. رەزىللىكنىڭ تەبىرى شۇكى، ئۇ ئىلاھىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئەخلاقنىڭ نوپۇزىغا خىرىس قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ياخشىلىقنى ۋەيران قىلىدىغان ۋە ئادەمنىڭ ھاياتىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈچ، قىلمىش ۋە ئوي-پىكىرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ دىنىي رامكىدىكى ئەڭ تولۇق تىمسالى «شەيتان» بولسا، ئۇ ئادەمنى ھەقتىن ئازدۇرىدىغان ھەم ئايرىۋېتىدىغان ۋەسۋەسە، قىزىقتۇرۇش ۋە مەپتۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقنىڭ مەھسۇلى دەپ قارالسا، ئۇ ئادەمنىڭ نېمىشقا يامانلىقنى بىلىپ تۇرۇپ قىلالايدىغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالالايدىغانلىقىنىڭ ھەمدە باشقىلارنىڭ يامان قىلمىشىغا سۈكۈت قىلالايدىغانلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بولالايدۇ. ئەگەر ئۇ ئانتى-جەمئىيەتلىك بولسا، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھر-مۇھەببەتنى نەپرەتكە ئايلاندۇرىدۇ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىدۇ. دېمەك، رەزىللىك ساپ ياخشىلىق سۈپىتىدىكى خۇدا بىلەن ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە تولغان دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى چۈشىنىشنى ئىدراكتا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ گارمونىيە، ئادالەت ۋە ئورتاق ياخشىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىجتىمائىي قىممەتلەرنى بۇزىدۇ ۋە شۇنىڭدەك شەخسىيەتچىلىك، نەپرەتلىنىش، قىساسخورلۇق، ياۋۇزلۇق ۋە قاتىللىقنى يوشۇرۇن رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى چىرىكلەشتۈرىدۇ—قارايتىدۇ. ئۇنى مېھرىبانلىق، مۆرۈۋەت ۋە سۆيگۈنى ھېس قىلىشتىن، ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
            رەزىللىك ياخشىلىق ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق قىممەتلەرنىڭ قارشىسىدا تۇرىدۇ—مېھرىبانلىق، ھەمدەردلىك، دۇرۇستلۇق، سەمىمىيلىك، خاراكتېر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇلۇغۋارلىق، قاتارلىقلار. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۇ تارىختىن بېرى ياخشىلىقنىڭ قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزى بوپ كېلىدۇ. ياخشىلىق، ماھىيىتىدىن، رەزىللىك ئۆزىدە ئىپادىلەيدىغان بارلىق قىممەتلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىدۇر. ئەمما، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىق ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر نۇقتىدىكى دېئالېكتىلىكىلىق باغلىنىشنى چەتكە چاقمايدۇ. مېتافىزىلىكىلىق مەنىدىن، رەزىللىك بولمىسا، ياخشىلىقنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەكسىمۇ توغرا. شۇڭا، بەزىلەر شۇنداق قارايدۇكى، ياخشىلىقنىڭ بىلىنىشى، چۈشىنىلىشى ۋە سەلتەنەت سۈرۈشى ئۈچۈن، رەزىللىك مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنى ئىلاھىي ئالەمگىمۇ تەدبىق قىلغىلى بولىدۇ: خۇدانىڭ سەلتەنىتى، ياخشىلىقى ۋە قۇدرىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەيتان مەۋجۇت بولۇشى كېرەك—شەيتان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېزىقىش، گۇناھ ۋە جىنايەت مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. ھەتتا، ئۇلار شۇنداق قارايدۇكى، دەل شەيتان خۇدانىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن ئېزىشىنى كېلىشتۈرىدىغان زۆرۈرىي بارلىقتۇر. يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، رەزىللىك ياخشلىققا بېقىنماستىن، ئۆز ئالدىغا مەۋجۇتتۇر—ئۇ ئۆزىگە خاس مۇستەقىل رېئاللىققا ئىگە. بۇ قاراشقا كۆرە، رەزىللىك قانداقتۇر ئىزگۈ ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاپىرىدە قىلىنغان ئالەمنىڭ گارمونىيىسىدىكى بىماسلىق، چەكلەنگەن ئازدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بارلىق ياكى بۇزغۇنچىلىق ئەمەس. ياكى ئۇ ئادەمنىڭ  يامانلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن غالىپ كېلەلمىگەن غاپىل قەلبىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئەمەس. ياكى ئۇ ئادەمدىن ۋە ھەتتا ياراتقۇچىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەن بىر ۋەيران قىلغۇچ  يامانلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى ئەمەس. بەلكى ئۇ، ئالدى بىلەن، خۇددى ياخشىلىققا ئوخشاش، ئۆزىگە خاس رېئاللىققا ئىگە مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر. بۇ رېئاللىق، خۇددى ياخشلىقنىڭ رېئاللىقىدەك، ھەم ئەسلى ھەم ھەقىقىيدۇر. بۇ يەردە مانىخەيچە توقۇنۇش ھېلىھەم مەۋجۇتتۇر—ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئىككى خىل پەرقلىق رېئاللىق سۈپىتىدە بىر-بىرى بىلەن ئەبەدىي توقۇنۇشتا ئۆتىدۇ. بۇ توقۇنۇشقا شۇنداق قاراش سىڭگەنكى، ياخشلىق ھەر ۋاقىت قوغلىشىلىدۇ، قىلىنىدۇ ۋە ھەممىدىن غالىب كېلىدۇ—ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئاداققى نىشانىدۇر. ۋەھالەنكى، (ئۆز-ئۆزىنى) ۋەيران قىلغۇچ كۈچ سۈپىتىدىكى رەزىللىكتىن قېچىلىدۇ، نەپرەتلىنىلىدۇ ۋە مەغلۇب قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ توقۇنۇش ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. رەزىللىك، خۇددى رومانتىك ۋە ئاقارتىشلىق پەيلاسوپلار قىياس قىلغىنىدەك، ئەقىلنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تەدرىجىي ياخشىلىنىدىغان ئەخلاقىي ۋىژدان تەرىپىدىن ھەل قىلىنىدىغان ھالەت ئەمەس. ياكى ئۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى مەغلۇبىيەتمۇ ئەمەس.
يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رەزىللىكنىڭ مۇنداق ئىككى خىل مەنبەسى بار. ئۇ ئىنسان ياشايدىغان رەھىمسىز، خەتەرلىك ۋە پەرۋاسىز تاشقى دۇنيادىن كېلىدۇ.  ئۇنى ئادەم ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىن سىرت تاشلانغان ۋە پۈتۈنلەي كونترول قىلالمايدىغان شارائىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ—جەمئىيەت، تارىخ، ئىجتىمائىي نوپۇز ۋە قۇرۇلما قاتارلىقلار. ئىككىنچىسى، رەزىللىك ئادەمنىڭ قەلبىگە جايلاشقان—ئادەم زاتىدىن رەزىلدۇر. ئالدىنقىسى ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە يۈكسىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىجتىمائىي مىزانلارنىڭ، مۇئەسسەسىلەرنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ نامۇۋاپىقلىقىغا ئىشارە قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتا ئەمەلىيەتتە ئىنساندىكى تۇغما ياخشىلىقنىڭ جەمئىيەتتە بۇرمىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئۇ شۇنى يوشۇرۇن ئالدىنقى شەرت قىلىدۇكى، ئىنساننىڭ تەبىئىتى بىلەن ئۇ ياشايدىغان جەمئىيەتنىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاش ۋاقىتتا تەڭلا ناچارلىققا، نامۇۋاپىقلىققا ۋە خاتالىققا تولغان بولمايدۇ. شۇڭا، بۇلاردىن بىرىنى تاللاش كېرەك. ئەگەر ئىنساننىڭ تەبىئىتى ياخشىلىق ئىكەن، ئۇ زامان ئۇ ياشايدىغان جەمئىيەت يامانلىققا تولغان بولۇشى كېرەك. مانا مۇشۇ يامانلىق ئىنساندىكى ياخشى تەبىئەتنى بۇزىدۇ. كېيىنكىسىدە ھۇجۇمچان قوزغىلىشلار—ھەمدە باشقا قوزغىلىشلارمۇ ھەم—ئادەمنىڭ پىسخىك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبلىرىدۇر. ئۇلار ھەر ۋاقىت جەمئىيەتنىڭ ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكتىن تۈزۈلگەن دۇئالىستىك ئەخلاق سىستېمىسى، ئېڭى، كۇلتۇرى ۋە تارىخى بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئالدىنقى قاراش قارىمۇ قارشى قۇرۇلمىغا ئىگە—ئىنسان تەبىئىتى تەبىئىتىدىن رەزىلدۇر، ئەمما دۇنيا ياخشىلىققا تولغان ياكى دۇنيا ھېچ بولمىسا ياخشلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈستقۇرۇلما ئۈستىگە قۇرۇلغان  ھەمدە رەزىللىككە تولغان ئىنسان تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىشتەك بۇرچنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇنداق بولمىسا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئادەملەرنىڭ رەزىللىككى سەۋەبلىك ئاللىبۇرۇن ۋەيران بولغان بولاتتى.
ئەگەر ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىكى قوزغىلىشلار مۇۋاپىق كونترول قىلىنمىسا، ئۇنىڭ ئاڭلىق ھاياتى غايەت زور پاراكەندىچىلىكتە قالىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماستىن، بۇ قوزغىلىشلار تاشقى دۇنيانىڭ مەۋجۇت ئۈستقۇرۇلمىسىغىمۇ غايەت زور تەھلىكە شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، خۇددى فرويىد ئېيتقاندەك، بۇ قوزغىلىشلار مەنلىك بىلەن ئۈست-مەنلىكنىڭ سېنزورلۇقى ئارقىلىق كونترول قىلىنىپ تۇرۇلىدۇ. ئەمما، بۇ قوزغىلىشىلارنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئادەمنىڭ ھاياتلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، بۇ قوزغىلىشلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئىپادىلەشنى، ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق شادلىنىشنى ئىزدەيدۇ. ئادەمنىڭ  رېئاللىقى بۇ قوزغىلىشلارنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنىسى، ئۇلار قارىغۇ، ۋەيران قىلغۇچ، شەخسىيەتچى ۋە پەرەز قىلغۇسىز كېلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۇلار بىلەن ئەخلاقىي قىممەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئادەمنىڭ قەلبىدە ھەر ۋاقىت توقۇنۇش بولۇپ تۇرىدۇ—بۇ توقۇنۇشلار بەزىدە ئەندىشە، بەزىدە تىتتىتلىق ۋە بەزىدە گۇناھ تۇيغۇسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قەلبىدە ھەر ۋاقىت توقۇنۇش بولۇپ تۇرىدىغان ئادەم ئۇنى تاشقىيلاشتۇرىدۇ—توقۇنۇش سىرتقا يۆتكىلىدۇ. بۇ ھەقتە فرويىدنىڭ ئېينىشتېيننىڭ ئەبەدىي تىنچلىق ھەققىدە سورىغان سوئالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ دىئالوگنى كۆرۈپ ئۆتۈش مۇھىمدۇر. ئېينىشتېيىن مۇنداق سورايدۇ: «ئادەمنىڭ كاللىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆچمەنلىك ۋە ۋەيران قىلىشتىن خالىي قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟» فرويىد مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بىزنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ھۇجۇمچان خاھىشلىرىنى بېسىش مۇمكىنچىلىكىمىز يوق».
فرويىدنىڭ ئەبەدىي تىنچلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى جاۋابى ئۈمىدسىز ئاڭلىنىدۇ. ئۇنىڭچە، بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ھايۋانىي قوزغىلىشلارغا ئىگە ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇشتا ئاداققى نۇقتىدا—ئاڭسىزلىقىدا—ھېچقانداق ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان، رېئاللىق بىلەن فانتازىيىنىڭ ۋە تېخىمۇ ئەندىشىلىكلىكى ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ پەرقىگە بارمايدىغان قوزغىلىشلارنىڭ، ئىستەكلەرنىڭ ۋە ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ تەلىپى ئاستىدىلا بولىدىكەن، ئۇ ھېچ ۋاقىت تىنچ ياشىيالمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن، ئادەم تەبىئىتىدىن ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىگە قارشى ھالدا ياشايدۇ. دۇنيادا تىنچلىق تېپىشتىن ئىلگىرى، ئادەم ئۆزىدە—ئۆزىنىڭ قەلبىدە—تىنچلىق تاپالىشى كېرەك. ئادەمدە بىئولوگىيىلىك ئىستەكلەر بىلەن ئىجتىمائىي نورمىلار ھەر ۋاقىت توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئادەمنىڭ كاللىسى—خۇددى دەيۋىد  ھيۇم تەسەۋۋۇرلىغىنىدەك—بىر سەھنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت رەزىل ئىستەكلەر بىلەن ياخشلىقنى چىقىش قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئەھكاملار توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ توقۇنۇش بىزنىڭ سۆزلىگىنىمىزدىنمۇ مۇرەككەپتۇر—ئۇنىڭدا تۈرلۈك قوزغىلىشلار، ئىستەكلەر ۋە ئېنېرگىيىلەر بار. ئۇلار بىزنىڭ ھاياتلىق ئېنېرگىيىمىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنى ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان ئىستەكلەردۇر. بۇلار ئىجتىمائىي بوشلۇققا ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ تەبىئىي ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىدىغان كۈچلەر سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدا جەمئىيەت مۇشۇ كۈچلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى قايتا يارىتىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ ئىنساننىڭ پسىخىكىسىمۇ جەمئىيەتنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزىدىكى ۋەيران قىلغۇچ كۈچلەرنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ. مانا مۇشۇ يەردە «ماسلىشىش» ئۇقۇمى مەنىگە ئىگە بولىدۇ.  دارۋىن بىلەن فرويىدلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ شارائىتىغا ماسلىشىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردۇر. ئەمما، شۇنىسى تەكىتلىنىشى كېرەككى، پەقەت ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ماسلىشىشنى تەكىتلەش بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. ئۇ شۇنى يوشۇرۇن ئالدىنقى شەرت قىلىدۇكى، ئىنسان تەبىئىتى شەخسىيەتچى، شۇڭا رەزىل دەپ قارالغىنىدا، ئۇنى پەقەت ئىجتىمائىي مۇئەسسەسىلەرنىڭ فۇنكسىيىسى ئارقىلىق يېتەكلەش، تەربىيىلەش، جازالاش ۋە چەكلەش كېرەك. ھالبۇكى، بۇ قاراش ھېچ زامان ئۇشبۇ مەسىلىگە قارشى نۇقتىدىن قارىمايدۇ: يەنى، ئىجتىمائىي مۇئەسسەسىلەر، قۇرۇلمىلار، مۇناسىۋەتلەر ۋە قائىدە-يوسۇنلارمۇ ئادەمنىڭ ئەڭ تىرەن ئىستەكلىرىگە ماسلىشىش ۋە ئۇلارنى چىقىش قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاڭقىرىلغان ۋە ئاڭقىرىلمىغان نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت تەلتۆكۈس ئۇتۇق قازانغىنى يوق. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاجىزلىقى ئىجتىمائىي تەلەپلەر بىلەن ئىنساننىڭ تەلپۈنۈشى ئوتتۇرىسىدىكى—چەكلىگۈچى ئەھكاملار بىلەن توسۇۋالغۇسىز ئىستەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى—تىرەن توقۇنۇش ۋە ھەتتا ياتلىشىشنى تولۇق بىر تەرەپ قىلالماسلىقىدۇر. ئادەمنىڭ رېئاللىقى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىكىگە يېتىشكە قانچىلىك ئۇرۇنغانسېرى، جەمئىيەت ئۇنىڭغا قارشى قويۇلىدىغان تەقىپلەش مۇئەسسەسىلىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى شۇنچە كۈچەيتىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئىستەكنىڭ رېئاللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، توسىدۇ ۋە ھەتتا مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندۇرىدۇ. چۈنكى، جەمئىيەت ئۇنىڭ ئىستىكىنى—بولۇپمۇ ئاڭسىز ئىستىكىنى—ئۆزىگە خىرىس ۋە ھەتتا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە، ئۆزىنىڭ نەقەدەر قاتتىق كونتروللۇقتا ئىكەنلىكىنى ئاڭقارغان ئادەم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەۋجۇت ئىجتىمائىي كۈچلەرگە يېڭىۋاشتىن تاقابىل تۇرماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ تاقابىللىقى ئاشقانسېرى، جەمئىيەتنىڭ تەقىبلىشىمۇ ماس قەدەمدە ئاشىدۇ. ئاخىرىدا، ئادەم ئۆزىنى يامان دەۋرىيلىنىشنىڭ قاينىمىدا كۆرىدۇ.
كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، رەزىللىكنىڭ ئىككى خىل مەنبەسى بار. ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قەلبىمىزنىڭ تەكتىدىكى ۋەيران قىلغۇچ قوزغىلىشلارنى ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا قويۇپ بېرىشكە تامامەن قادىرلىق بىلەن شەرتلەنگەنمىز. ئىجتىمائىي نۇقتىدىن، نورمىلار ۋە قائىدە-قانۇنلار بىزنىڭ تىرەن ئىستەكلىرىمىزنى يۈگەنلەپ، ئۇلارنى ئىچكىيلەشتۈرۈشىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىش خاھىشىغا ئىگە. مەيلى ئەخلاقىي ئاڭ ۋە قانۇنىي پرىنسىپلار شەكلىدىكى ئىجتىمائىي نورمىلار قانچلىك كۈچلۈك بولسۇن، بىز يەنىلا رەزىللىك قىلالاشقا تامامەن قادىرمىز. بۇ ھەرگىزمۇ قەلبىمىزنىڭ تېگى-تېگىدىن چىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ، ياكى بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ سېپى ئۆزىدىن ئادالەتسىز ۋە شەپقەتسىز بولۇشىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس. ئۇ پەقەت بىزنىڭ ئالدى بىلەن، ماھىيەتلىك مەنىدىن، ئەركىن ئىكەنلىكىمىزنىڭ سەۋەبىدىندۇر. رەزىللىك قىلالاش خۇددى ياخشىلىق قىلالاشتەكلا مۇمكىندۇر. كەسكىن ئېيتقاندا، بىز ياخشىلىقنى قانداق تاللىيالىغان بولساق، رەزىللىكنىمۇ شۇنداق تاللىيالايمىز. رەزىللىك، يىغىپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ تاللىشىدۇر. ئادەم ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن رەزىل بولالايدۇ—ياخشىمۇ ھەم.
بۇ يەردە شۇ نۇقتا تەكىتلىنىشى كېرەككى، ئىنساننىڭ ئەركىن بولۇشى رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ زۆرۈر لېكىن يېتەرلىك شەرتى ئەمەس. بولۇپمۇ، رەزىلىكنىڭ قۇربانلىقى سۈپىتىدە، نارەسىدىلەرنىڭ، گۇناھسىزلارنىڭ غايەت زور بىر قىرغىنچىلىقتا—مەسىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا—قىرىلىشى نوقۇل ھالدا قىرغۇچىلاردا ئەركىن ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭلا مەھسۇلى ئەمەس. ئەكسىدىن قارىساق، قىرىلغۇچى نارەسىدىلەر يالغۇزلا ئۆزىنى يوقىتىشنى كۆزلىگەن ئەركىن ئىرادىنىڭلا قۇربانى ئەمەس.  بۇ يەردە ئەركىن ئىرادىنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغان شۇنداق بىر مۇدھىش قاراڭغۇلۇق باركى—شۇنداق بىر تەگسىز ئىرادە باركى—ئۇنىڭدىن ئىنسانىيلىقنىڭ بارلىق نۇرلىرى ئۆچكەن بولىدۇ. ئۇ قارغىشتەككۈر ۋە قارا بېسىشقا ئوخشايدىغان قاباھەتنى باشقىلارغا—بولۇپمۇ نارەسىدىلەرگە، گۇناھسىزلارغا ۋە ئاجىزلارغا—قويۇپ بېرىشتىن ھۇزۇرلىنىشتەك كېسەلمەن پسىخىكىغا ئىگە. ئۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى—خۇددى ئارېنت ئېيتقان—ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ پەرقىگە بېرىشتىن قالغان ئادەمنىڭ يامانلىق قىلىشىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، ئۇ ھەتتا بۇنداق بىر پەرقمۇ مەۋجۇت بولمىغان—پەقەت قورقۇنچلۇق، چۈشىنىكسىز، قاپقاراڭغۇ ۋە قاپقارا—بىر كاللىدىكى ئادەمنىڭ چۈشىنىشىدىن ھالقىغان ۋەيران قىلىشقا بولغان بىر خىل بىنورمال مەستانلىقتۇر. ئۇ، يەنە خۇددى ئارېنت ئېيتقاندەك، نورماللىق شەكلىدە بىز بىلەن ئارىلىشىپ ياشىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭ تېگى-تېگىدە پەۋقۇلئاددە بىنورماللىق—ئالۋاستىسىمان بىنورماللىق—بار. ئۇ ئىنسانغا قارىتا زەررىچە مەسئۇلىيەت بولمىغان مانا مۇشۇ بىنورمال قەلبتىن بىخ ئۇرۇپ چىقىدىغان زەھەرلىك ئىدىيە، قورقۇنچلۇق پىلان ۋە ئۇنىڭ شەپقەتسىزلەرچە ئەمەلىيلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ يادروسى ۋەيرانچىلىق پرىنسىپى بولۇپ، زىيادە كۆپتۈرۈلگەن ئۆزلۈك ئىرادىسىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇ تامامەن ئىسانىيسىزلاشقان ئىرادىنىڭ ئىنسانىيلىقنى ۋەيران قىلىشتىكى غالجىرانە ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ مەنىدىن، رەزىللىكنىڭ ۋەيران قىلىدىغىنى نوقۇل ھالدا ياخشىلىقلا ئەمەس، بەلكى، تېخىمۇ تىرەن مەنىدىن، ياخشلىقنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدىغان ئىنسانىيلىقىمىزدۇر. رەزىللىك، مەيلى قايسى شەكىلدە ۋە كىمگە يۈز بەرسۇن، ئانتى-ئىنسانىيلىقتۇر.  
ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى بىزگە يەنىلا رەزىللىككە قاراش ھەققىدە يېڭى كۆزنەك ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، رەزىللىكنىڭ مەنبەسى نوقۇل ھالدا ئادەمنىڭ قەلبىدىلا ئەمەس، ھەتتا بىز ئۇنىڭدا شەيتاننىڭ ھەر ۋاقىت بىزگە پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ. ياكى ئۇ نوقۇل ھالدا جەمئىيەتتىلا ئەمەس، ھەتتا بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت مۇكەممەللىكتىن، ئادالەتتىن ۋە باراۋەرلىكتىن ئۇ قەدەر يىراق بولسىمۇ. ئۇنىڭ روي بېرىشى قانچىلىك دەرىجىدە ئادەمنىڭ يامانلىق قىلىشقا بولغان ئاڭسىز مايىللىقىغا تايانسا، جەمئىيەتنىڭ يامانلىققا قانچىلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىقىغىمۇ شۇنچىلىك تايىنىدۇ. مۇھىمى، رەزىللىك ئادەمنىڭ يامانلىققا بولغان مايىللىقى، سېزىمچانلىقى، پوزىتسىيىسى ۋە ئىنكاسى  بىلەن جەمىيەتنىڭ نامۇۋاپىقلىقى، ئادالەتسىزلىكى ۋە باغرىتاشلىقى ئوتتۇرىسىدىكى كېسىشىش نۇقتىسىدا ئاپىرىدە بولىدۇ. ئەنە ئاشۇ كېسىشىشتە، ئادەم ئەركىنلىكى ئارقىلىق بىر نەچچە مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي قىممەتلىرىگە ئاساسەن تاللايدۇ. بۇ تاللاشلارنى ياكى مەقسەتلىك تاللايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بىلەن تۈگەللىنىشى ئالدىنئالا بىلىنگەن بولسىمۇ. ياكى ئۇ مەقسەتسىز تاللايدۇ—ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ۋەزنى ئىش ئۆتكەندىن كېيىن بىلىنىدۇ. ياكى، رەزىللىكنى ياخشىلىق دەپ چۈشىنىۋېلىش سەۋەبلىك ئۇنى تاللايدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئادەم ياخشلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ بىرىنى ھەر ۋاقىت تاللاشقا يېتەكلىنىدۇ ۋە ھەتتا مەجبۇرلىنىدۇ.
ئادەم مەڭگۈ ئەخلاقىيدۇر. ئەخلاق ياخشلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ بىرىنى توختىماي تاللاش جەريانىدۇر. بۇ مەنىدىن، ئۇ ياخشلىق بىلەن يامانلىقنى تاللاشنىڭ قارغىشىغا كەتكەن دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەر ۋاقىت ئەخلاقنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە تاللاشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۇلاردىن بىرىنى تاللىماسلىق مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ئۇلاردىن ھالقىغان ئۈچنچى بىر بىر نۇقتىسىنى تاللاشمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەيلى ئۇ شاھ ياكى گاداي، مەيلى يەڭگۈچى ياكى يېڭىلگۈچى، مەيلى يېتەكلىگۈچى ياكى يېتەكلەنگۈچى ۋە مەيلى ئەقىللىق ياكى دۆت بولۇپ كەتسۇن، ئۇنىڭ قىلمىشى ھەر ۋاقىت ياخشىلىق ۋە رەزىللىك بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەخلاقىي قىممەتتە ئادەملەر ئىجتىمائىي تەبىقىسى، رولى ۋە كىملىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى قىلغان ياخشلىق ۋە رەزىللىك بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئۇلار قىلغان ياخشىلىق ئۇلارنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ—ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. مانا مۇشۇ نۇقتىدا، ياخشىلىق ئادەملەرنى باراۋەرلەشتۈرىدۇ. ئادالەت نۇقتىسىدىن، ئۇلارنىڭ تاللىشى ئۇلارنىڭ قايسى خىل ئەخلاقىي قىممەتتە قارىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
ئەگەر دۇنيا دېتېرمىنىستىك بولسا، ئۇ ھالدا ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى بىلەن  رەزىللىك ۋە ياخشلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇرەككەپ تۈسكە كىرىدۇ. بۇنداق دۇنيادا كىمنىڭ رەزىل ۋە كىمنىڭ ياخشى بولۇشى ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەن—بەلگىلەنگەن—بولىدۇ. ئەگەر بىراۋنىڭ قىلمىشىنىڭ ياخشى ياكى رەزىل بولۇشى ئاللىبۇرۇن بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇ ھالدا رەزىللىك قىلغۇچى ئەركىنلىكىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئاستىدا كۆرمەيدۇ. چۈنكى، ئەركىنلىكنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى مەسئۇلىيەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مەسئۇلىيەت يوقالسا، ھەممە نەرسىگە ئىجازەت بېرىلىدۇ، رەزىللىكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەگەر رەزىللىكنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا بىر ئاڭ، بىر ئەركىن ئىرادە بولمىسا، رەزىللىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئىگىسى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغانلار نامسىز بىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. ھېچكىم گۇناھكارلىققا تارتىلمايدۇ . بۇ ئاقىۋەت رەزىللىكنىڭ ئۆزىدەكلا قورقۇنچلۇقتۇر. شۇنىسى دېيىلىشى كېرەككى، ھەرقانداق بىر رەزىللىكنىڭ ئارقىسىدا بىر قارا پرىنسىپ، بىر ۋەيرانچىلىق ئىرادىسى مەۋجۇت. ئۇ ياخشىلىقنىڭ يىتكەنلىكىنىڭ ياكى زاھىر بولمىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. بەلكى ئۇ بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزدىن ھالقىپ كېتىدىغان بىر مۇدھىش رەزىللىك ئىرادىسىنىڭ (the will to evil) ئۆزىنى ئىپادىلىشىدۇر. بۇ ئىرادىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەسەبىيلىكىدۇر—ياخشىلىق، گۈللىنىش ۋە نىجادىيەت ئاتالغۇلىرىنىڭ سۇيىئىستىمال قىلىنىشى بىلەن.
رەزىللىكنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدىكى مانا مۇشۇ ئىرادە—نورماللىققا، ئاددىيلىققا ۋە ناتىۋانلىققا  يوشۇرۇنغان مانا مۇشۇ ئىرادە—ئىنسان ھاياتىغا ھەر ۋاقىت ئارىلىشىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى مۇئەسسەسىلىرىگە ھەر ۋاقىت سۇقۇنۇپ كىرىدۇ. ئادەمنىڭ قەلبىنى ھەر ۋاقىت كونترول قىلىشنى كۆزلەيدۇ. جەمئىيەتلا بولىدىكەن، رەزىللىك ئىجتىمائىي تەرتىپ-ئىنتىزام، مۇئەسسەسىۋى ھەمكارلىق ۋە بيۇروكراتىك ئۈنۈمدارلىق قاتارلىق دەبدەبىلىك ناملارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. ئادەمنىڭ كاللىسىلا بولىدىكەن، رەزىللىك ھەر ۋاقىت ۋە ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇشنى كۆزلەيدىغان تۈرلۈك تۈمەن ئىستەكلەرگە ئايلىنىدۇ. ئادەمنى ئەقىلنىڭ، ئەخلاقنىڭ، دىننىڭ ۋە ئىجتىمائىي قىممەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا قىزىقتۇرىدۇ، كۈشكۈرتىدۇ ۋە زورلايدۇ. ھەتتا، ئوخشاش بىر جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشىلىقنى مۇقەددەس دەپ بىلىدىغانلار بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۆكسىمەيدۇ. ئادەمنىڭ كاللىسىدىمۇ ھەم. بۇ توقۇنۇش ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوقالماي كەلدى. ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىشنى كۆزلەپ تەشكىللەنگەن جەمئىيەت مەۋجۇتلا بولىدىكەن، بۇ توقۇنۇش داۋاملىشىدۇ. مەيلى بۇ توقۇنۇشنىڭ كۆلىمى قانچىلىك ۋە خاراكتېرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەزىللىك ئىنسان ھاياتىغا نوقۇل ھالدا ياخشىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنلا قاتناشمايدۇ. بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ نىقابلانغان ئۆزلۈكىنىڭ ھەر ۋاقىت ۋەيران قىلغۇچ تەركىبلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نۇقساندىن خالىي ئەمەسلىكىنى ھەم خالىي بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىنسان قەلبىنىڭ ئويلىغاندىنمۇ قاراڭقۇ، بەدبەشىرە ۋە قورقۇنچلۇقىنى تەھقىقلەپ تۇرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئۇ ئادەمگە ياخشىلىق چۈشەنجىسىدىن كېلىدىغان ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئارقىسىدىكى ناھايىتى سوغۇق بىر رېئاللىقنى ئىشارە قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ شۇنداق رېئاللىقكى، ھەر بىر پەخىرلىنىش، قەدىرلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە دىققەت قىلىنمىسا ئۆزىنى زىيادە مەركەز قىلىش ۋە ئىپادىلەش مەستانىلىقىنىڭ خەتىرى كۆرۈلىدۇ. 






Comments

  1. The King Casino Archives - Hertzaman
    The King Casino Archives, including news, articles, videos, address, gaming info, The King Casino & herzamanindir.com/ Hotel deccasino in Henderson, herzamanindir NV is one of the newest 도레미시디 출장샵 hotels and motels 1xbet login on

    ReplyDelete

Post a Comment

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز