قۇتۇپلاشقان تەپەككۈر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى



قۇتۇپلاشقان تەپەككۈر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى



بىر مىللەتنىڭ تەپەككۈرىنىڭ فورمىلىرى نۇرغۇن بولىدۇ. ئۇ بەزىدە بىر-بىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش قىيىن بولغان مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ھايات-ماماتلىق مەسىلىلەردە، قارىمۇ قارشىلىققا تولغان پىكىر ئەندىزىسى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، چېرچىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە قىستالغاندا، خەلقىنىڭ يا ھىتلېرگە قارشى تۇرۇش يا ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشتىن ئىبارەت بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان تاللىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە قالغاندا، ئۇ 1940-يىلى 4-ئىيۇندا ئۆزىنىڭ مەشھۇر «قان، مېھنەت، كۆز ياشلار ۋە تەر» دېگەن نۇتقىنى سۆزلەپ، «بىز ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز»؛ ئەكسىچە «بىز ساھىللاردا ئۇرۇش قىلىمىز» دەپ خەلقىگە خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنى غالىبىيەتكە يېتەكلەيدۇ. ئەمما، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تەپەككۈرى ھەر ۋاقىت قارىمۇ قارشىلىققا تولسا ۋە ئۇ بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمىسە ياكى بىر تەرەپ قىلىشتا مەغلۇپ بولسا، ئۇ چاغدا بۇ مىللەت مانا مۇشۇ زىددىيەت ئىچىدە ئىچ-ئىچىدىن پارچىلىنىپ ۋەيران بولىدۇ. تەكتۆكۈس ۋەيران بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق قارىمۇ قارشىلىق قۇتۇپلىشىش شەكلىگە كىرىپ، بۇ مىللەتنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيدىغان ۋە ھەر ۋاقىت خۇددى پسىخىك كىرىشىپ قېلىشتەك پاتالوگىيەلىك ئەھۋالغا ئۆزگىرىدۇ ھەمدە قايتا-قايتا تەكرارلىنىدۇ.

        ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ۋە كۈنىمىزدىكى ئەھۋالى دەل مۇشۇنداقتۇر. سۆزىمىزنى قىسقىچە قىلىپ ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلارنىڭ توقۇنۇشىدىن باشلايلى. ئاق تاغلىقلار بىلەن بىلەن قارا تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ توقۇنۇش ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ساھەدىكى بۆلۈنۈشىنى كۈچەيتىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۈزۈل كېسىل مۇنقەرز بولۇشىغا يول ئېچىپ بەردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئۇنتۇلغۇسىز بىر پسىخىك يارىنى قالدۇرۇپ كەتتى—ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇشنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك ئۆرنىكىنى ياراتتى. دەۋرىمىزدىكى يېڭى ئىزباسارلارغا ماياك بولدى.

        جەدىدىزم دەۋرىدە يېڭىلىقپەرۋەرلەر بىلەن كونىلىقپەرۋەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئاقارتىش ھەرىكىتىدىكى پەننىيلىك بىلەن دىنىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەل قىلىنماستىن، ئەكسىچە ھېلىھەم بەزىدە ئاشكارا بەزىدە يوشۇرۇن داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان ئۇيغۇر» دېگەن نىداسىنىڭ ئەھمىيىتى ھېلىھەم يۈتكىنى يوق.

ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزدىكى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن كوممۇنىزم، سوۋېتپەرەسلەر بىلەن گومىنداڭچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بىزنى سىياسىي نىشانىمىزدىن ئاداشتۇرۇۋەتتى. ئىنقىلاپ سېپىمىزنى قاتتىق قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭرىتاغ نەشرىياتى بىلەن ئالتاي نەشرىياتىدىكلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قىلىشقان شەپقەتسىز «قەلەم كۈرەشلىرى» 1949-يىلىدىكى مۇنقەرزلىككىچە داۋاملاشتى. 1949-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدىن ھەل قىلىنمىغان پەننىيلىك بىلەن دىنىيلىك، ئىسلامچىلىق بىلەن كوممۇنىزىم ۋە كېيىنچە كۈچەيگەن ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار تەرىپىدىن قىلچە زورۇقماستىن ھەل قىلىندى—ئۇيغۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇلىشىپ كەلگەن يېڭىدىن يېڭى توقۇنۇشلارغا، بۆلۈنۈشلەرگە قاتناشتۇرۇلدى. ئالدى بىلەن، ئۇيغۇرلار بىر-بىرىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بايلار بىلەن پرولېتارىياتلاردىن ئىبارەت ئىككى سىياسىي لاگېردا كۆردى ۋە بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىندى.

بولۇپمۇ، 1980-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ سىياسىي ئېڭى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى بىلەن «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنىڭ ھىمايىكارلىرى» سۈپىتىدە يېتەكلەنگەن «كەڭ خەلق ئاممىسى» ئوتتۇرىسىدا سۈنئىي يارىتىلغان بۆلىنىش ئىچىگە ئېلىپ كىرىلدى. مۇشۇ توقۇنۇشنىڭ باھانىسىدە ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى «بىر ئوچۇملار» دەپ ھاقارەتلىنىپ، خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇلدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار  تېررورچىلار بىلەن تېررورچى ئەمەسلەرگە بۆلۈندى ۋە ئاخىرى تېررورچى قالپىقى بىلەن بىر مىللەت سۈپىتىدە قىرىلىشقا باشلىدى.

چەتئەلدە بولسا، ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتىن ھېچ زامان ئىچكى توقۇنۇشسىز قالمىدى. ئىلگىرى مۇستەقىلچىلەر بىلەن ئاپتونومىيەچىلەر ۋە شەرقىي تۈركىستانچىلار بىلەن ئۇيغۇرىستانچىلار دەپ بۆلۈنگەن بولساق، مانا ئەمدى ھازىر ئۇلۇسچىلار بىلەن ئۇيغۇرىستانچىلارغا بۆلۈنىۋاتىمىز.

        بىز بۇ يەردە ئۇلۇسچىلىق ۋە ئۇيغۇرىستانچىلىقنىڭ زادى قانداق سىياسىي تەشەببۇسلارغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە كەڭ توختالماقچى ئەمەس. توختالماقچى بولغىنىمىز پەقەت بۇ بۆلۈنۈش ۋە ھەتتا قۇتۇپلىشىشىنىڭ ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىزگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قىسقىچە قاراپ چىقىشتۇر.

        كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇلۇسچىلىق بىلەن ئۇيغۇرىستانچىلىق ئۇيغۇر تەپەككۈرىدىكى كونا توقۇنۇشنىڭ يېڭى ۋارىيانتىدۇر. گەرچە بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرقىي تۈركىستانچىلىق بىلەن ئۇيغۇرىستانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇشقا تۈگەللەنگەن ۋە كېيىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىدە دىققەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشى مەۋجۇتلۇقى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلىشىشىدىن ئىبارەت تەخىرسىز زۆرۈرىيەتنى تېخىمۇ مۇمكىنسىزلەشتۈرۈۋېتىۋاتىدۇ. 

        شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئىدىيىۋى توقۇنۇش ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۈرىدىكى تارىختىن بېرى داۋاملىشىشپ كېلىۋاتقان قۇتۇپلىشىش، ئۆز-ئارا تىركىشىش، دۈشمەنلىشىش ۋە تاشقى خەۋپ بىلەن كارى بولماي ئىچكى زىددىيەتنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭغا كىرىشىپ قېلىشتەك  ئەجەللىك  ئىللەتنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ پەقەت ھەقىقىي دۈشمىنىمىز خىتاينى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئورۇندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن دۈشمەن تېپىشقا ھېرىش بولۇشتەك بىنورماللىقتۇر. يەنى بۇ ئارىمىزدىكى ھەقىقىي دۈشمەننىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبلىك قەھرىمان بولۇشقا كۆزى يەتمىگەن بەزىلەرنىڭ ئۆزىدىكى قەھرىمانلىق ھەۋىسىنى ئۆزىدەك بەقۇرۇ قېرىندىشىنى دۈشمەن كۆرۈپ بوزەك قىلىش ئارقىلىق قاندۇرۇپ ئويناشتەك كېسەلمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كېسەلمەنلىك، خۇددى تارىختىكىدەك، «ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» دەپ شەرھلىنىدۇ. 

        ئەمەلىيەتتە، ھازىر بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشقا كىرگەن ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چەتئەلدىكى «ئىككى توك توك» ئۇيغۇرلارنى ئىككى لاگېرغا بۆلۈۋېتىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغان بۇ ھالەت پسىخىك كېسەلمەلىكتىنلا ئەمەس، بەلكى نۇقتىئىينەزەرلىرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكتىنمۇ خالىي ئەمەستۇر.

        ئەمدى بۇ ئىككى قاراشنى قىسقىچە سېلىشتۇرۇپ باقايلى. ئۇلۇسچىلىق تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قايتىدىن قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ نەزەرىدىكى «ئاز سانلىق» لىقتىن دۆلەت قۇرۇش سالاھىيىتىدىكى ئۇلۇسلۇق ئالاھىدىلىكىگە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. ئەمما، بۇ كۆتۈرۈلۈش قەدىمكى تۈركىستان سىياسىي گەۋدىسىنىڭ قايتا تىكلىنىشىگە تەلپۈنۈشتەك يوشۇرۇن بىر ھالەتكە كېڭىيىپ كەتكەن. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئىدېئالراق قارىلىشى كېرەك بولغان سىياسىي قارىشىدا پان تۈركىزم بولمىسىمۇ ھەر ھالدا پان تۈركىستانچىلىق ئىدىيىسى ئېغىرلىق بېسىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغ تۈركىستاننى قايتا قۇرۇشتىكى بىر يول خالاس. بۇلار ئۈچۈن، «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامى يېقىنقى گەپ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ قازاقىستان، ئۆزبەكىستان ۋە قىرغىزىستان نامىدا مىللىي دۆلەت قۇرۇۋېلىشى ئۇلارنىڭ «ئىچى پۇشۇپ قالغانلىقى» نىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇڭا، ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى تەكرارلىماي ۋە «ئىچى پۇشۇپ قالغان» دەك ئاللىقانداق يېڭى مىللەت بولمىش «ئۇيغۇرىستان» نىڭ چۈشىنى كۆرمەي، ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ ۋە تېخىمۇ بۈيۈك مەنىدىن  ئۇلۇغ تۈركلۈكنىڭ چۈشىنى كۆرۈشى كېرەك. بۇنىڭغا يېتىشتىكى ئەڭ رېئال بىر ئېھتىماللىق «ئۇيغۇرىستان» ئەمەس بەلكى «شەرقىي تۈركىستان» دىن ئىبارەت بۇ سىياسىي رامكىغا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان باشقا تۈرك (تۈركىي) مىللەتلەرنىڭ قايتا كېلىپ، بۇ دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىشىدۇر. قانچىلىك خام خىيالغا تولغانلىقىغا قارىماي، بۇ نىشاننى ئەقىلگە مۇۋاپىق قىلىش ئۈچۈن، بۇلارنىڭ بىر قىسمى  بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى بولغان ۋە تارىختىكى بۈيۈك دۆلەتلەرنى—مەسىلەن، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە قۇچۇ ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنى—قۇرغان ئۇيغۇرلارنى خۇددى 1920-يىلى ئوتتۇرىغا تاسادىپىي ھالدا سوۋېت سۇيىقەستى بىلەن مەيدانغا چىقىپ قالغان «يىتىمچى» مىللەتتەك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. تېخىمۇ ئىزتىراپلىقى شۇكى، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا بۇددىست ئۇيغۇرلارنى «كاپىر» سۈپىتىدە ھاقارەتلىگەن قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىي ھېسسىياتىنى سۇيىئىستىمال قىلىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇققا قارشى يېڭى دىنىي ئۆچمەنلىكنى قوزغىتىشقا ئۇرۇنىدۇ.  نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر دېگەن نامنى كەمسۇندۇرىدۇ، بېسىشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە ھەتتا ئۇنى تۈرك كىملىكىگە تېگىشمەكچى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان پەرقىنى ئاداققى نۇقتىدا يوقىتىپ قويىدۇ—شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش.

ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، مۇنداق بىر يۈرۈش خاتا «تەڭلىكلەرنى» ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش، سۆيۈش ۋە قەدىرلەش ھېسسىياتىنى ۋەيران قىلماقچى بولىدۇ: ئۇيغۇرلۇق شىنجاڭلىققا، شىنجاڭلىق ئاپوتونومىيەچىلىككە، ئاپتونومىيەچىلىك تەسلىمچىلىككە ۋە تەسلىمچىلىك خائىنلىققا باراۋەردۇر. ئۇيغۇرلۇقنىڭ خائىنلىققا مەيلى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا شەكىلدە تەڭلەشتۈرۈلۈشى ئاداققى نۇقتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشتە چىڭ تۇرغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولىشىدىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ—ھەر ئىككىسى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ۋەيران قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. بىرى دۆلەت تېررورىنى ئىشلەتسە، يەنە بىرى گۇرۇھۋازلىشىش، گەپدانلىق قىلىش ۋە ئاتالمىش ئۇنۋانىنى پەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كۆزلىنىدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى، يەنە خۇددى تارىختىكىدەك، يەنىلا ئۇيغۇرلار بولىدۇ.

        ئۇلار شۇنى ئېسىدىن ياكى قەستەن ياكى كالتا پەملىكى بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلىدۇكى، بۇ نۇقتا ئۇيغۇرىستانچىلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئادەتتىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلەنمىسىمۇ ھېچبولمىسا ئۇنىڭدىن ۋايسىمايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىنى زىدە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئاللىبۇرۇن قولدىن كەتكەن بىر ۋەتەندۇر. ئەمدى قولدىن كېتىۋاتقىنى بۇ ۋەتەن ئەمەس، بەلكى بۇ ۋەتەننى ۋەتەن قىلىپ تۇرغان، تۇرىۋاتقان ۋە تۇرىدىغان ئۇيغۇرلۇق روھىدۇر. بۇ روھ مىڭ يىللاردىن بېرى بۇ خەلقنى تارىخنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا گاھى ئېنىق ۋە گاھى تۇتۇق ھالدا يېتەكلەپ كېلىۋاتقان قۇتۇپ يۇلتۇزىدۇر. بۇ يۇلتۇز ساقىسا، شەرقىي تۈركىستانلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ۋەتەن قىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ تارىخنىڭ ئاسمىنىدىن ساقىيدۇ. ئۆچىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى رېئال ۋە تەخىرسىز نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەيران قىلىنىۋاتقىنى، پان تۈركىزم، پان تۈركىستانلىق ۋە ھەتتا غەربىي تۈركىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى بولمىش ئۇيغۇرلاردۇر.  ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىرىلىشىغا نە تۈركلەر، نە تۈركىستانلىقلار پىسەنت قىلمىغانىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگە ئىگە چىقىشى كېرەك. 

        ئۇيغۇرىستانچىلارنىڭ بەزىلىرى بولسا 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم قۇرۇلغان ۋە مۇنقەرز قىلىنغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ھازىرقى ئەھمىيىتىنى ياكى پۈتۈنلەي ياكى مەلۇم نۇقتىدىن ئىنكار قىلماقچى بولىدۇ. ئۇلار مىللەتچىلىك ۋە ھەتتا تار ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىدىن چىقىپ تۇرۇپ، كۆپ مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شەرقىي تۈركىستانچىلىق ئەنئەنىسىگە پاسسىپ ۋە بەزىدە سەلبىي نەزەردە قارايدۇ. ئۇچىغا چىققاندا، بۇ ئىسىم بىلەن قۇرۇلغان دۆلەتلەرنى تارىختىكى چوڭ بىر خاتالىق سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئايانمايدۇ. ئەنئەنىۋى دۆلەتچىلىكنىڭ ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشىنى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىق ئىنكار قىلىش ئۇلارنى ھەممىنى ئەمدى يېڭىدىن باشلاشتەك  ۋاقىتسىىز سىياسىي تەۋەككۈلچىلىكنىڭ قىزغىنلىقلىرىغا مەستخۇش قىلىدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتىدا، ئۇلار شەرقىي تۈركىستانچىلىق ئەنئەنىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈپىتىدە قارىلىپ، ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانچىلار ۋە ھازىرقى ئۇلۇسچىلار تەرىپىدىنمۇ قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ. ئەڭ قاتتىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پاكىتنىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئىرىق ئېتىنىمۇ ئاتاتقۇزمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

        مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھەر ئىككى تەرەپ تىرەن قورقۇنچتىن مەنبەلەنگەن: ئۇلۇسچىلار 1949-يىلىدىن كېيىن تا ھازىرغىچە خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇشقا ھەقىقىي كەلمىگەن ۋە ئالدىراپ كەلمەيدىغانلىقى بارغانسېرى بىلىنىۋاتقان قازاقلار، قىرغىزلار ۋە ئۆزبېكلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭلا دۆلىتى بولۇشتەك مەنىنى بېرىپ قويىدۇ دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇرىستان نامى بىلەن يوقىتىپ قويۇشتىن قورقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ نامىنى بېسىش ۋە ھەتتا بەزىدە ھاقارەتلەش ھېسابىغا ئۇلارغا ياخشىچاق بولماقچى بولىدۇ.  ئۇلارغا يېلىنىش ئارقىلىق خىتايغا قارشى بىرلىكسەپنى قايتا قۇرۇپ چىقماقچى بولىدۇ. ھەمدە، بۇنى چوڭ تۈركچىلىك ۋە تۈركىسچانچىلىق بىلەن يوشۇرىدۇ.

        ئۇيغۇرىستانچىلىق بولسا، ئۆزىنىڭ تۈرك نامىدا ئاتىلىپ قېلىپ، دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تۈرك دۈشمەنلىكىنىڭ بىھۇدە قۇربانى بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ. ئەمما، بەكلا ئارتۇقچە بىلىنىدىغان بۇ قورقۇنچ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ تۈركلۈكىدىن ئىبارەت ھەممىگە ئايدىڭ پاكىتنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. ياكى ئۇنى كۆرمەسكە سېلىۋالماقچى بولىدۇ. شۇنىسى چوقۇم ئېيتىلىشى كېرەككى، بۇ پاكىت خىتايغىمۇ ئاڭدىڭدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇر-تۈرك بىرلىكىنىڭ قايتا زەرەتلىنىپ ئۆزىگە قارشىلىق سېپىنىڭ قۇرۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تارىخىي ۋە ئىرقىي باغنى جان-جەھلى بىلەن ئىنكار قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، تەكىتلىمەكچىمىزكى، تۈرك بولۇش ئۇيغۇرلۇقنى كەمسىتىشنىڭ، بېسىشنىڭ ۋە ئىنكار قىلىشنىڭ ئاساسى بولوپ قالماسلىقى كېرەك—يوقىتىلىۋاتقىنى تۈرك ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردۇر. شۇڭا قۇتقۇزۇلۇشى كېرەك بولغىنىمۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار بولۇشى كېرەك.


       ئۇلارنىڭ تارىخ قارىشىغىمۇ قىسقىچە نەزەر ئاغدۇرۇش مۇھىمدۇر. ئۇلۇسچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلۈك ياكى تۈركلۈككە تەۋە تارىخىنى ۋە ئۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدە دەپ قارىلىدىغان 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشنى ئاساس قىلسا، ئۇيغۇرىستانچىلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر ئېتنىك، ئۇلۇسال، كۈلتۈرال ۋە ھەتتا مەدەنىيەت توپلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئالدىنقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىنى 20-ئەسىرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسە، كېيىنكىسى ئۇ تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرغان قاراخانىلار خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى، قەشقەرىيە دۆلەتلىرى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇرلار ئوينىغان مەركەزلىك رولنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇڭا، ئەگەر بۇ تارىخ قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلسە، كېيىنكىسى تارىخىي نۇقتىدىن ئۇيغۇرىستان دېيىشنىڭ سىياسىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، بەلكى كۈلتۈرال نۇقتىدىنمۇ ئەقىلگە ۋە رېئاللىققا ئەڭ ئۇيغۇنلۇقىنى كەسكىن ئېيتالايدۇ. ئالدىقىسغا تەۋە بەزىلەر ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ئېتىراپ قىلغىنىدەك، كېيىنكىسىنىڭ بىر قىسمىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلۈك كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقنى نەگە قويۇشىدا يەنىلا پەرق ساقلانغان--ئالدىنقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك كىملىكىنى تېخىمۇ تەكىتلىسە، كېيىنكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى تارىخىي، رېئال ۋە كېلەچەك نۇقتىسىدىن تەكىتلەيدۇ. شۇڭا، ئالدىنقىسى تارىخ نۇقتىسىدىن ئىدېئالىستىك خاھىشقا ئىگە بولۇشتىن ساقلىنالمىسا، كېيىنكىسى ئۇيغۇرلۇقنى تارىخىيلىقتىن رېئاللىققا قايتا ئېلىپ كىرىشتە ۋە ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى سىياسىي قىسمىتىنى ئويلاشتا پراگماتىزملىق قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.  

        يۇقىرىقى قارىمۇ قارشىلاشقان تەپەككۈر ئەندىزىسى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنىڭ ئىزتىراپلىق يۈزىدۇر. بۇ ئەندىزە ھەم دۈشمەن تەرىپىدىن بىزگە تېڭىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىز بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن قىلىندۇق. بۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز خالاپ تۇرۇپ ئارىمىزدىن دۈشمەن ئىزدەش قىزغىنلىقلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن بولدۇق. ئەڭ ئېچىنىشلىق نەتىجە شۇ بولدىكى، مەيلى قايسىلا ئۇسۇلدا بولسۇن، ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىمىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇردى، تېزلەتتى ۋە ئۈنۈملۈك قىلدى. تېخىمۇ يامىنى، بۇ خىل قۇتۇپلاشقان تەپەككۈر بىلەن مەنبەلەنگەن توقۇنۇشنىڭ ئەدىشى ۋە ئۇزاققا داۋاملىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دەماللىققا ئۆزىنىڭ مەسىلىىسنى توقۇنۇشتىن ھالقىتىپ ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكىنى بىلدۈردى.

        بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىشىغا قارىماي ھەر ئىككى تەرەپ نەزەرىدىن ساقىت قىلىۋاتقان مۇنداق بىر ئورتاقلىق بار—ھەر ئىككىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش يولىنىڭ  مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ—ھېچ بولمىسا جامائەت ئالدىدا. بۇ نۇقتىدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ھەم بولماسلىقى كېرەك—ئەگەر ئۇلار پەقەت دۈشمەنلىشىش ئۈچۈنلا دۈشمەنلىشىۋاتمايۋاتقان بولسا. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ئېقىم بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ—ئۇلۇسچىلىقنىڭ يادروسى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى بولۇشى كېرەكتەك، ئۇلۇسچىلىقنىڭ نىشانىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دۆلەتچىلىك بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇيغۇرسىز ئۇلۇسچىلىق قۇرۇق غايە بولغىنىدەك، ئۇلۇسسىز ئۇيغۇرلۇقمۇ كېلەچەكسىز مىللەتچىلىكتۇر.  

        ئۇيغۇرلاردا بىر ئاتا سۆزى بار—«جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان». پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئاۋۋال مەۋجۇتلۇق، ئاندىن ماھىيەت بولۇشى كېرەك، دېمەكتۇر. مەۋجۇتلۇقىمىزنى تاللىيالمايمىز ئەمما ماھىيىتىمىزنى تاللىيالايمىز ھەم تاللىشىمىز كېرەك. ئەمما، مەۋجۇتلۇق بولمىسا، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ماھىيەت بولمايدۇ. شۇڭا، ھازىرقى قۇتۇپلىشىش پەقەت ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىشنى ئۇلغايتىۋېتىدۇ، بىزنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشالماس قىلىۋېتىدۇ، خالاس. بۇ يەردە ئاخىرىدا خىتايدىن باشقا ھېچقايسىمىز غەلىبە قىلالمايمىز. ھازىرقى ئەھۋالدا، ھېچقايسى تەرەپ ھەقنىڭ ئېگىسى ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي قاراشلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى بىر تەرەپلىمىلىككە شۇڭا رادىكاللىققا تولغان. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دېيىشتەك پىكىر غالجىرلىقىغا پاتقان. بۇنى مۇنازىرە بىلەنمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپتە ئىلمىي سوغۇققانلىق كەمچىل. ئورتاق نۇقتىسى يوق دېيەرلىك.

        ئەسلىدە بۇ توقۇنۇش، لوگىكىلىق نۇقتىدىن، ساختا قارىمۇ قارشىلىق تۈسىگىمۇ ئىگە. يەنى ئەسلىدىن بىر-بىرى بىلەن قارىمۇ قارشىلىقى يوق ھەم بولماسلىقى كېرەك بولغان ئىككى ئۇقۇم قەستەن قارىمۇ قارشى ئورۇنغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن، ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىغا بۆلۈنۈش كېپ چىققان. چۈنكى، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ھەقىقىي قارىمۇ قارشى سۆزى ئۇنى بېسىۋالغان ۋە يوق قىلغان «خىتاي دۆلىتى» كى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ۋە قانۇنىي ئىگىسى بولغان «ئۇيغۇرلار» ۋە ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان «ئۇيغۇرىستان» ئەمەستۇر. «ئۇيغۇرىستان» ئۇقۇمى ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي قارشى ئۇقۇمى يۇقىرىقىدەكتۇر. شۇڭا، بۇ قارىمۇ قارشىلىق پەقەت بىر سىياسىي ئويۇننى ئويناشقىلا يارايدۇكى، كەسكىن بىر مۇنازىرە قىلىشقا لوگىكا نۇقتىسىدىن ھەم يارىمايدۇ ھەم يارىماسلىقى كېرەك. 

        شۇڭا، بۇ خىل ساختا قارىمۇ قارشىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئالدى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ دۈشمەنلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغان بارلىق ۋەزخانلىقتىن توختىشى كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپ سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مەيدانىغا قاراپ چىقىشى، ئۆزىنىڭ نۇقتىىينەزەرلىرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلىشىشى كېرەك. ئاندىن، ھەر ئىككى تەرەپ دىققىتىنى مۇنۇ ھەقىقىي قۇتۇپلاشقان سىياسىي تەپەككۈرگە يۆتكەپ، ئورتاق نۇقتىدا ھەمكارلىشىشنىڭ يولىنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدۇ: «يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم». بىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق قۇتۇپلىشىش زىيانلىقتۇر.




Comments

  1. Anonymous22:37

    bu maqalini her idilogiyeni terghipqiliwatqan we uni ozining kimliki qiliwatqanlar oqushi lazim ken.
    hazirqi xelqara siyasi weziyette/qaidida, shu wetinimizdiki Uyghur we bashqa tilida sozleydighan musulman lani yiqinqi tarihta bisiwalghan dolitimizni qaytidin musteqqilqilish bilen qutquzush eng muhim sizdigendek. siyasi jewettin hakmiyetni qogha ilip, wetinmiz diki Uyghur Musulmanlirini qutquzimiz disek bir hakimiyet igisi bolghiche bizge East Turkistan republic dek practical/realist isim yoq.(Islamic repuclic dimisekla) Xittay bisiwalghan Uyghuristan emes East Turkistan republic digen dolet isim bekerek toghra emesmu? Hakimiyetni qolghan alghandinkin, biz bir xeritide ba emilyette qonchaq bir hakimiyet/millet(ulush) bolushini xalisaq uyghuristan dep ozgertiwalsaq bolidighu shuwaqitta.. (gheripning ulus dolet idilogiye ramkisi astida ozimiznining ming yilliq idilogiyerimizni tashlap)

    ReplyDelete

Post a Comment

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز