مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر 1

ژان پول سارتر

مەمتىمىن ئەلا تەرجىمىسى
مېنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىم مەۋجۇدىيەتچىلىكنى قوغداش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا قارىتىلىپ كېلىنىۋاتقان بىر نەچچە خىل ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بېرىشتۇر.
ئالدى بىلەن، مەۋجۇدىيەتچىلىك كىشىلەرنى ھاياتقا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارايدىغان كۋايتىزمغا[2] يېتەكلەيدۇ، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلدى. ھەل قىلىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى توسىلىپ كەتسە، ئادەم بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق ھەرىكەتنى پۈتۈنلەي نەتىجىسىز دەپ قارىمىسا بولمايتتى ۋە ئاخىرى بىر خىل پىكىرلىنىش پەلسەپىسىگە بېرىپ توختايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پىكىرلىنىش بىر خىل ھەشەمەت بولغاچقا، ئۇ پەقەت يەنە بىر خىل بۇرژۇئازلار پەلسەپىسى بولاتتى. كوممۇنىستلار بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەيىبلىدى.
بىز ئۇچرىغان يەنە بىر ئەيىبلەش بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ شەرت-شارائىتىدىكى بارلىق نومۇسسىزلىقلارنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىمىز، پەسكەش، مەينەت ياكى رەزىل نەرسىلەرنى سۈرەتلەپ، سېھرىي كۈچ ۋە گۈزەللىككە ئىگە ھەم ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نۇرانىراق تەرەپلىرىگە تەۋە بولغان نەرسىلەرگە سەل قارىغانلىقىمىز بولدى: مەسىلەن، كاتولىك دىنى تەنقىدچىسى مېرسىئې خانقىز بىزنى بوۋاقنىڭ قانداق كۈلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، دەپ قارىدى. بىز ئوڭچىلار تەرىپىدىنمۇ، سولچىلار تەرىپىدىنمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا كۆز يۇمۇپ، ئادەمگە يەككە- يىگانە سۈپەتتە مۇئامىلە قىلدى، دەپ ئەيىبلەندۇق. شۇنداق بولغاچقا، كوممۇنىستلار بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزنىڭ نەزەرىيىمىزنىڭ ساپ سۇبيېكتلىق ئۈستىگە –دېكارتنىڭ بۇ يەككە-يېگانە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئېرىشىدىغان چېغى بولغان «ئويلايمەن» ى[3] ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىدىن دەپ قارىدى—يەنى، بىزنىڭ نەزەرىيىمىزنى ئۆزلۈكنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولغان باشقا كىشىلەر بىلەن قايتا مۇناسىۋەت قۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان مەۋقە ئۈستىگە قۇرۇلغان، دىدى. مەنلىك ئۇلارغا «كوجىتو»[4] ئارقىلىق يېتەلمەيدۇ.
خرىستىئان دىنى ساھەسىدىكىلەر بىزنى ئىنسانىيەت ئىشلىرىنىڭ رېئاللىقى ۋە كەسكىنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. بىز خۇدانىڭ ئەمر- مەرۇپلىرى ۋە مەڭگۈلۈك دەپ قارالغان بارلىق قىممەتلەرگە سەل قاراشنى تاللىۋالغاچقا، بۇ يەردە ئېشىپ قالىدىغىنى پەقەت قارىسىغىلا ئىش كۆرۈش بولارمىش. ھەركىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش كۆرەلىگەچكە، ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىدىن چىقىپ تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ كۆزقارىشى ۋە ھەرىكىتىدىكى خاتالىقنى ئەيىبلەشكە ئامالسىز قالارمىش.
بۈگۈن مەن بۇ خىلمۇ خىل ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشكە ھازىرلانغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ قىسقا ئەسىرىمنى «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك» دەپ ئاتىدىم. نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىنسانپەرۋەرلىكنى مەۋجۇدىيەتچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ تىلغا ئالغانلىقىمدىن تەئەججۈپلىنىشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئىنسانپەرۋەرلىكنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىمىز ھەققىدە توختالماقچىمەن. نېمىلا بولمىسۇن، بىز ئالدى بىلەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىزنىڭ قارىشىمىزچە مەۋجۇدىيەتچىلىك كىشىلىك ھاياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل تەلىماتتۇر؛ ئۇ مۇھىتنى ۋە ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپلىقىنى ئىشارە قىلىدىغان ھەرقانداق ھەقىقەت ۋە ھەرقانداق ھەرىكەتنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان تەلىماتتۇر. كىشىلەر بىزگە يۈكلىگەن ئاساسلىق گۇناھ ئەلۋەتتە بىزنىڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىگەنلىكىمىز بولدى. يېقىندا بىرەيلەن ماڭا بىر خوتۇننىڭ نېرۋىسى قوداڭشىپ كېتىپ چاكىنا گەپلەرنى قىلىۋەتكەندە، ئۆزىنى ئاقلاپ: « مەن ئۆزۈمنىڭ بارغانسېرى بىر مەۋجۇدىيەتچىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىمغا ئىشىنىمەن» دەپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
شۇڭا، سەتلىك بىلەن مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر ئىشتەك كۆرۈنىدۇ. بۇ بەزىلەرنىڭ بىزنى نېمە ئۈچۈن «ناتۇرالىزمچى» دەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. راستىنلا مۇشۇنداق بولسا، بىزنىڭ ئۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە يىرگىندۈرگەنلىكىمىز ۋە ساراسىمىگە سالغانلىقىمىز بەكلا غەلىتە ئىش بولىدۇ، چۈنكى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تېخى ھېچكىم مۇۋاپىق يوسۇندا ناتۇرالىزم دەپ ئاتالغان بۇ ئېقىمدىن ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتكىنى ياكى ئۇنىڭدىن خورلۇق تارتقىنى يوق. بەزىلەر زولانىڭ بىرەر پارچە ھېكايىسىنى، مەسىلەن «زېمىن» نى، ئۇجۇر- بۇجۇرىگىچە ئوقۇۋېتىدۇكى، بىرەر پارچە مەۋجۇدىيەتچىلىك ھېكايىسىنى ئوقۇسا كۆڭلى ئېلىشىپ كېتىدۇ. بىر خىل قايغۇلۇق ئەقىل-پاراسەت بولغان خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلار بولسا يەنىلا بىزنىڭكىنىڭ تېخىمۇ قايغۇلۇق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ھالبۇكى، «خەير-ساخاۋەت ئائىلىدىن باشلىنىدۇ»، «ماكانسىزغا ھىممەت كۆرسەتسەڭ، مېنى زىيانغا ئۇچراتتى دەپ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىدۇ، ئۇچۇغداپ قويساڭ، ساڭا بەيئەت قىلىدۇ» دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەر ئادەمنى تېخىمۇ بەكرەك مەيۈسلەندۈرۈپ قويىدىغۇ؟ بىز ھەممىمىز بۇ خىل ئۈنۈمگە قارىتا قانچىلىك كۆپ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسى ئوخشاش: ھوقۇقدارلارغا قارشى تۇرۇپ بولماس؛ ئۆزۈڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچكە ئۆكتە چىقما؛ ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي، دېگەندەك. ياكى بولمىسا، بەزى ئەنئەنىلەرگە ماس كەلمەيدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت پەقەت رومانتىزمدۇر؛ ياكى ئىسپاتلانغان تەجرىبىنىڭ قوللىشى بولمىغان ھەرقانداق ئىش ئوڭۇشسىزلىققا ئاپىرىدۇ؛ ياكى تەجرىبىلەر ئادەملەرنىڭ ھەمىشە رەزىللىككە مايىللىقىنى ئىسپاتلاپ كېلىۋاتقاچقا، چوقۇم كەسكىن قانۇن- بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئۇلارنى قاتتىق چەكلەش كېرەك، بولمىسا ئانارخىزم بارلىققا كېلىدۇ، دېگەندەك. بۇنداق كۆڭۈلسىز ھېكمەتلەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، ھەمدە بەزى يىرگىنىشلىك ئىشلارنى ئاڭلىسىلا: «بۇلار ئىنسان تەبىئىتىگە نېمىدىگەن ئوخشىغان ھە!» دەيدىغان كىشىلەر ئىزچىل ھالدا رېئالىزم دەپ ۋالاقلايدۇيۇ، مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ شەيئىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بەك چۈشكۈن دەپ ئاغرىنىدۇ. راست گەپنى قىلسام، ئۇلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە قارشىلىقلىرى مېنى شۇنداق گۇمانغا سالىدۇكى، ئۇلارنى چىچاڭشىتىۋاتقىنى بىزنىڭ پېسسىمىزمىز[5] ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۈچلۈك ئوپتىمىزىمىزمىكى[6] دەپ قالىمەن. چۈنكى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، مەن سىلەرگە چۈشەندۈرمەكچى بولغان بۇ تەلىماتنىڭ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىشىنىڭ—ئۇنداق ئەمەسمىدى يە؟—سەۋەبى دەل ئۇنىڭ ئادەمنى تاللاش مۇمكىنچىلىكىگە يۈزلەندۈرۈشىدۇر. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىز بارلىق مەسىلىلەرنى كەسكىن پەلسەپىۋى ئۆلچەم بويىچە بايان قىلىمىز. خوش، بىز دەۋاتقان بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك زادى قانداق نەرسە؟
بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىدىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ قانداق مەنىسى بارلىقىنى شەرھلەشكە توغرا كەلگەندە قايمۇقۇپ قالىدۇ. چۈنكى مەۋجۇدىيەتچىلىك مودا بولۇپ كەلگەندىن بېرى، كىشىلەر دائىم پالانى مۇزىكانت ياكى پۇستانى رەسسامنىڭ «مەۋجۇدىيەتچى» ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن خۇرسەنلىك بىلەن جاكارلىشىدۇ. «نۇر» ژۇرنىلىنىڭ بىر مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى «مەۋجۇدىيەتچى» دەپ قويىدىكەن، ئەلۋەتتە، بۇ سۆز نۆۋەتتە كىشىلەر تەرىپىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە خالىغانچە قوللىنىلغاچقا، قىلچە مەنىسى يوق بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالاي دېدى. قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان ئەڭ يېڭى سەتچىلىك ياكى ھەرىكەتگە قاتنىشىشقا خۇشتار بەزى كىشىلەر ئۈسترېئالىزمغا ئوخشاش يېڭى تەلىماتلارنىڭ كەملىكىدىن ئۇشبۇ پەلسەپىگە مەھكەم ئېسىلىۋالغاندەك قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ يەردىن دىتىغا ياقىدىغان نەرسىلەرنى تاپالمايدۇ. راست گەپنى قىلغاندا، بۇ بارلىق تەلىملەر ئىچىدىكى سەتچىلىك ئەڭ بولمىغان ۋە ئەڭ كەسكىن تەلىم بولۇپ، پۈتۈنلەي كەسپىي خادىملار ۋە پەيلاسوپلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇنى تەبىرلەش يەنىلا ئاساندۇر.
مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى ئىككى خىل مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ بولغانلىقىدىن بولدى. بىرى، خرىستىئانلاردۇر، بۇلاردىن كارل ياسپېرس بىلەن گابرېل مارسېلنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ، ئىككىلىسى ئۆزىنى ئوچۇق-ئاشكارا كاتولىك دىنى مۇرىتى دەپ ئاتىغان. يەنە بىرى، مەۋجۇدىيەتچى ئاتېئىزمچىلاردۇر، بۇ كىشىلەر ھايدېگېر، فرانسۇز مەۋجۇدىيەتچىلىرى ۋە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى ئاددىي ئېيتقاندا شۇنداق پاكىتكى،ئۇلار مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ ياكى سۇبيېكتلىق بىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىمىز بولۇشى كېرەك، دېگەنگە ئىشىنىدۇ. بۇ گېپىمىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نېمە؟
بىر ھۈنەر- سەنئەت بويۇمى، مەسىلەن، كىتاب ياكى قەغەز كېسىش پىچىقىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇنى بۇ ھەقتە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بىر ھۈنەرۋەننىڭ ياساپ چىققانلىقىنى كۆرىمىز؛ ھۈنەرۋەن ئوخشاشلا قەغەز كېسىش پىچىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا ھەمدە تېگى-تەكتىدىن ئالغان بىر ڧورمۇلا بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئۇقۇمنىڭ بىر قىسمى بولغان ھەمدە ئۇ (قەغەز كېسىش پىچىقى) ياسىلىشتىن ئىلگىرى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان (ئۇنى) ئىشلەپ چىقىرىش تېخنىكىسىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولىدۇ. شۇڭا، قەغەز كېسىش پىچىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇئەييەن شەكىلدە ياساپ چىققىلى بولىدىغان بۇيۇمدۇر ھەمدە يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئېنىق مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان نەرسىدۇر، چۈنكى بىز بىر ئادەمنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، بىر قەغەز كېسىش پىچىقىنى ياسايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. شۇڭا، بىز قەغەز كېسىش پىچىقىنىڭ ماھىيىتىنى—يەنى ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە تەبىرىنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان فورمۇلالار ۋە سۈپەتلەرنىڭ يىغىندىسىنى—ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىلگىرى تۇرىدۇ، دەيمىز. بۇ خىل پاسوندىكى قەغەز كېسىش پىچىقى ياكى كىتابنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئاللىبۇرۇن قارارلاشقان دەيمىز. مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. بۇ بۇ يەردە دۇنياغا تېخنىكىلىق كۆرۈش نۇقتىسىدىن نەزەر سېلىۋاتىمىز، ھەمدە ياساش مەۋجۇتلۇقتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ، دېيەلەيمىز.
بىز خۇدانى ياراتقۇچى دەپ ئويلىغاندا، كۆپ ھاللاردا ئۇنى ساماۋى كۆكتىكى ھۈنەرۋەن سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىمىز. مەيلى قايسىلا تەلىماتنى تەلقىن قىلمايلى، مەيلى ئۇ دېكارتنىڭ ياكى لائىبنىزنىڭ تەلىماتىغا ئوخشاش تەلىمات بولسۇن، بىز شۇنى داۋاملىق ئىشارە قىلىمىزكى، ئىرادە چۈشىنىشكە ئاز- تولا ئەگىشىدۇ ياكى ھېچبولمىسا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ، شۇڭلاشقا خۇدا ياراتقاندا ئۆزىنىڭ زادى نېمىنى يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، خۇدانىڭ كاللىسىدىكى ئادەم چۈشەنچىسى بىلەن ھۈنەرۋەننىڭ كاللىسىدىكى قەغەز كېسىش پىچىقى چۈشەنچىسىنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ: خۇددى ھۈنەرۋەن تەبىر ۋە فورمۇلا بويىچە قەغەز كېسىش پىچىقىنى ياسىغىنىدەك، خۇدامۇ تەرتىپ ۋە چۈشەنچە بويىچە ئادەمنى يارىتىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەم ئىلاھىي چۈشىنىشتىكى مەلۇم ئۇقۇمنىڭ رېئاللىشىشىدۇر. 18- ئەسىردىكى ئاتېئىزملىق پەلسەپىدە، خۇدا ئاتالغۇسى مەنئى قىلىنغانىدى، شۇنداقتىمۇ ماھىيەت مەۋجۇدىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ دېگەن ئىدىيە يوقالمىغانىدى؛ بۇ خىل ئىدىيىنى دىدرو، ۋولتېر ھەتتا كانتتىن تاپالايمىز. ئادەم بىر خىل ئىنسان تەبىئىتىگە ئىگە؛ ئادەم چۈشەنچىسى سۈپىتىدىكى بۇ «ئىنسان تەبىئىتى» ھەممە ئادەمدە تېپىلىدۇ؛ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ھەر بىر ئادەم بۇ ئۇنىۋېرسال چۈشەنچىنىڭ، يەنى ئادەم چۈشەنچىسىنىڭ، ئالاھىدە بىر مىسالىدۇر. كانتنىڭ پەلسەپىسىدە بۇنداق ئۇنىۋېرساللىق رادىكاللىققا ئىتتىرىلىپ، ئورماندىكى ياۋايى ئادەم، ئىپتىدائى ئادەم ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ئوخشاش تەبىر جۈملىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ ۋە ئوخشاش ئاساسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىپ قويۇلىدۇ. بۇ يەردە ئادەمنىڭ ماھىيىتى بىز تەجرىبىلەردە يولۇقىدىغان تارىخىي مەۋجۇتلۇقتىن يەنە ئىلگىرى تۇرىۋاتىدۇ.
مەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتېئىزملىق مەۋجۇدىيەتچىلىك خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، ھېچبولمىغاندا مەۋجۇتلۇقى ماھىيىتىدىن ئىلگىرى كېلىدىغان، يەنى ھەرقانداق بىر ئۇقۇم بىلەن تەبىرلىنىشتىن ئاۋۋاللا مەۋجۇت بولىدىغان بىر بارلىقنى تەلتۆكۈسرەك بولغان ئىزچىللىقتا جاكارلايدۇ. بۇ بارلىق ئادەمدۇر، ياكى ھايدېگېرنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئېيتقاندا ئىنسان رېئاللىقىدۇر. مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ دېيىشىمىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئادەم ئالدى بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ، ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، دۇنيادا نامايان بولىدۇ—ئاندىن كېيىن ئۆزىنى تەبىرلەيدۇ. ئەگەر ئادەمنى خۇددى مەۋجۇدىيەتچىلەر قارىغىنىدەك تەبىرلىگىلى بولمىسا، بۇ شۇ سەۋەبتىنكى ئۇ دەسلىپىدە ھېچنېمە ئەمەس. ئۇ تاكى خېلى كېيىنگىچىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ، پەقەت كېيىن ئۇ ئۆزى يارىتىدىغان شەيئى بولىدۇ. شۇڭا، ئىنسان تەبىئىتى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى بۇ ھەقتە چۈشەنچىسى بار خۇدا مەۋجۇت ئەمەس. ئادەم ئاددىي ھالدىلا مەۋجۇتتۇر. ئۇ ئاددىي ھالدىلا ئۆزى ئويلىغىنىدەك مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى ئۇ ئۆزىنى ئىرادە قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولىۋاتقاندىن كېيىنلا ئويلايدىغان مەۋجۇتلۇقتۇر-- خۇددى ئۇ مەۋجۇتلۇققا سەكرىگەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىرادە قىلغاندەك. ئادەم ئۆزىنى يارىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مانا بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ بىرىنچى پرىنسىپىدۇر. شۇنداقلا بۇ كىشىلەر ئاتايدىغان مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ «سۇبيېكتىپلىق» ى بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ سۆزنى بىزنى ئەيىبلەشكە ئىشلىتىدۇ. لېكىن، بىز ئېيتقان سوبيېكتىپلىقنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ دېيىشىمىزنىڭ، لېكىن ئادەم بىر تاش ياكى بىر ئۈستەلگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇلۇغراق غۇرۇرغا ئىگە دېيىشنىڭ مەنىسى نېمە؟ چۈنكى بىز بۇ ئارقىلىق شۇنى دېمەكچىمىزكى، ئادەم ئالدى بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ—يەنى ئادەم ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆزىنى كەلگۈسىگە ئىتتىرىدىغان نەرسە بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋاتقىنىنى ئاڭقىرىپ تۇرىدۇ. ئادەم ئەمەلىيەتتە سۇبيېكتىپ ھاياتقا ئىگە بىر پىلانكى، ھەرگىزمۇ بىر خىل مۇخ ياكى بىر خىل زەمبۇرغ ۋە ياكى بىر تال چېچەكسەي ئەمەس. ئۆزلۈكنىڭ ئاشۇ پىلانىدىن ئاۋۋال ھېچ نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ ھەتتا ئۇنىڭ ئىدراك جەننىتىدىمۇ ھەم شۇنداق: ئادەم پەقەت ئۆزى مەقسەت قىلغان نەرسە بولغاندىلا مەۋجۇدىيەتكە ئېرىشىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزى ئارزۇ قىلسا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. چۈنكى بىز ئادەتتە چۈشىنىدىغان «ئارزۇ قىلىش» ياكى «خالاش» كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ نېمىلىكىنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىنىدىغان ئاڭلىق قاراردۇر. مەن بىر قېتىملىق زىياپەتكە قاتناشماقچى، بىر كىتاب يازماقچى ياكى توي قىلماقچى بولسام، بۇنداق ئەھۋالدا، ئادەتتە مېنىڭ ئىرادەم دەپ ئاتىلىدىغىنى ئېھتىمال ئاۋۋالقى[7] ۋە تېخىمۇ ستېخىيىلىك تاللاشنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، ئەگەر مەۋجۇدىيەت ھەقىقەتەن ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرسا، ئادەم ئۆزىنىڭ نېمىلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. شۇڭا، مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ تۇنجى نەتىجىسى شۇكى، ئۇ ھەر بىر ئادەمنى ئۆزى سۈپىتىدە ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ پۈتكۈل مەسئۇلىيتىنى تامامەن ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان قىلىدۇ. شۇنداقلا، بىز ئادەم ئۆزىگە مەسئۇل دېگەندە، ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بارلىق ئادەملەرگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى كۆزدە تۇتىمىز. «سۇبيېكتىۋىزم» دېگەن بۇ سۆز ئىككى مەنىدىن چۈشىنىلىشى كېرەك، ھەمدە بىزنىڭ مۇخالىپلىرىمىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرلا مەنە بىلەن ئوينىشىدۇ. «سۇبيېكتىۋىزم» بىر تەرەپتىن ئىندىۋىدۇئال سۇبيېكتنىڭ ئەركىنلىكىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم ھالقىيالمايدىغان ئىنسان سۇبيېكتلىقىنى كۆرسىتىدۇ كېيىنكىسى مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ تىرەنرەك مەنىسىدۇر. ئادەم ئۆزىنى تاللايدۇ دېگىنىمىزدە، ھەر بىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىزنى تاللىشىمىز كېرەك دېگەننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئادەم ئۆزى ئۈچۈن تاللىغاندا پۈتكۈل ئادەملەر ئۈچۈنمۇ تاللايدۇ دېگەننى كۆزدە تۇتىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ئايلىنىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمدەك ئىجاد قىلىشتا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان بارلىق ھەرىكەتلەر ئىچىدە ئۇنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزۈم جەزمەن شۇنداق بولۇشۇم كېرەك دەپ ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ ئوبرازىنى ياراتمايدىغىنى يوق دېيەرلىك. ئۇنى ياكى بۇنى تاللىغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاللىغان نەرسىمىزنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز؛ چۈنكى بىز ھەرگىز ناچىرىنى تاللىيالمايمىز. بىزنىڭ تاللىغىنىمىز ھەر ۋاقىت ياخشىراقىدۇر؛ ئەگەر ئۇ ھەممەيلەن ئۈچۈن ياخشىراقى بولمىسا، بىز ئۈچۈنمۇ ياخشىراقى بولالمايدۇ. ئۇندىن باشقا، ئەگەر مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرسا، شۇنداقلا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ۋاقىتتا مەۋجۇت بولساق، بۇ ئوبراز بارلىق ئادەملەرگە ۋە بىز ئۆزىمىزنى تاپىدىغان پۈتكۈل دەۋرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئىلگىرى پەرەز قىلىنغاندىنمۇ ئېغىر بولۇشى ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چېتىلىدىغانلىقىدۇر. ئالايلى، مەن بىر ئىشچى بولسام، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بىر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەمەس بەلكى خرىستىئان دىنىنىڭ بىر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشنى قارار قىلىمەن. ئەگەر ئاشۇ ئەزالىق ئارقىلىق مەن ۋاز كېچىشنىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پوزىتسىيە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ پادىشاھلىقىنىڭ[8] بۇ دۇنيادا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى تاللىسام، مەن بۇ قاراشنى پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا ياقىلاۋاتقان بولمايمەن. ۋاز كېچىش مېنىڭ باشقىلارغا بولغان ئىرادەمدۇر، ئاقىۋەتتە مېنىڭ ھەرىكىتىم بولسا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋەكالىتەن قىلىنغان ياقىلاش بولىدۇ. ياكى شەخسكە تەۋەرەك بولغان يەنە بىر مىسالنى ئالايلى، مەن توي قىلىشنى ياكى بالىلىق بولۇشنى قارار قىلسام، بۇ قارارىم ئۆزۈمنىڭ شەرت-شارائىتى، ھېسسىياتى ياكى ئارزۇسى بويىچە چىقىرىلغان تەقدىردىمۇ بۇ ئۆزۈمنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى مونوگومىنىڭ[9] ئىجراسىغا چاقىرغانلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن ئۆزۈمگىمۇ ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكىمۇ مەسئۇل بولغان بولىمەن، ھەمدە مەن ئادەمنىڭ مەن ئايلىنىشنى خالايدىغان مۇئەييەن ئوبرازىنى يارىتىۋاتقان بولىمەن. ئۆزۈمنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا ئادەمنىمۇ قۇرۇپ چىقىمەن.
بۇ بىزگە ئازاب، غېرىبلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك—بەلكىم بىر ئاز مۇبالىغە بولۇپ كەتكەندۇ –قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. تۆۋەندە سىلەر بۇنىڭ ئەسلىدە ئىنتايىن ئاددىي ئىكەنلىكىنى كۆرىسىلەر. بىرىنچى، بىز ئېيتقان ئازابنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەۋجۇدىيەتچى توغرىدىن- توغرا ئادەم ئازابتىدۇر، دەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىر ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغاندا، ئۇ ئۆزى ئىرادە قىلىدىغان نەرسىنى تاللاپلا قالماستىن، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ قانۇن چىقارغۇچى ئىكەنلىكىنى قارار قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىۋاتقان بولىدۇ—بۇ چاغدا ئۇ تەلتۆكۈس ۋە تىرەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق تەشۋىشتە بولمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ پەقەت بۇ خىل ئازابنى يوشۇرىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۇنىڭدىن قاچىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. توغرا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشتا باشقىلارنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايمەن دەپ ئويلايدۇ: ئەگەر ئۇلاردىن: «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلغان بولسا قانداق قىلغۇلۇق؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ: «ھەممە ئادەم بۇنداق قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. راست گەپنى قىلغاندا، ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئۆزىدىن ئەگەر ھەممە ئادەم مەن قىلىۋاتقاندەك قىلسا قانداق بولاتتى، دېگەننى ھەر ۋاقىت جەزمەن سوراپ تۇرۇشى كېرەك؛ ئادەم بۇنداق ئارامسىز ئويدىن پەقەت ناچار ئەقىدە[10] ئارقىلىقلا قېچىپ كېتەلەيدۇ. «ھەممە ئادەم بۇنداق قىلمايدۇ» دەپ ئۆزىنى ئاقلايدىغان يالغانچىلار ۋىجدانىي جەھەتتە چوقۇم ئارامچىلىق تاپالمايدۇ، چۈنكى يالغان سۆزلەش ئۇ ئىنكار قىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممىتىنى ئىشارە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئازابىنىڭ يوشۇرۇلۇشى دەل بۇ ئازابنى ئاشكارىلايدۇ. بۇنداق ئازاب كىركېگارد ئاتىغان «ئىبراھىمنىڭ ئازابى»[11] دۇر. سەن بۇ ھېكايىنى بىلىسەن: بىر پەرىشتە ئىبراھىمغا ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇيدۇ؛ ھەمدە ئەگەر ئىبراھىمنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغىنى ھەقىقىي پەرىشتە بولۇپ، «ئىبراھىم، سەن ئوغلۇڭنى قۇربانلىق قىلىشىڭ كېرەك» دېسىغۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغىلى بولمايتتى. بىراق، ھەرقانداق ئادەم بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە بىرىنچىدىن، بۇ ھەقىقىي پەرىشتىمۇ- ئەمەسمۇ، ئىككىنچىدىن، مەن ھەقىقىي ئىبراھىممۇ- ئەمەسمۇ دەپ شۈبھىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىللىرى نەدە؟ خام خىيالغا بېرىلىشكە گىرىپتار بولغان بىر ساراڭ ئايال بىراۋنىڭ ئۆزىگە تېلىفۇن بېرىپ بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭدىن: «سەن بىلەن سۆزلەشكىنى كىم؟» دەپ سورىسا، ئۇ: «ئۇ ئۆزىنى خۇدا دەيدۇ» دەپتۇ. شۇنداقلا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا سۆزلىگۈچىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان قانداق پاكىت بار؟ ئەگەر بىر پەرىشتە پەيدا بولسا، ئۇنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قانداق ئىسپات بار، ياكى مەن ئاۋازلارنى ئاڭلىسام، كىم ئۇلارنىڭ دوزاقتىن ئەمەس بەلكى جەننەتتىن، ياكى يوشۇرۇن ئېڭىمدىن كەلگەنلىكىنى ۋە ياكى مەلۇم بىر خىل پاتالوگىيلىك كېسەللىك ھالىتىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؟ كىم بۇ ئاۋازلارنىڭ راستىنلا ماڭا قارىتىپ دېيىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؟ كىم ئاندىن مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ تاللىشىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئادەم ھەققىدىكى ئۇقۇمۇمنى ئىنسانىيەتكە تېڭىشتا لاياقەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؟ مەن ھېچقانداق پاكىت تاپالمايمەن؛ مېنى ئۇنىڭغا ئىشەندۈرىدىغان ھېچقانداق بەلگە بولمايدۇ. بىر ئاۋاز ماڭا گەپ قىلسا، ئۇنىڭ پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ياكى ئەمەسلىكىنى قارار قىلىشى كېرەك بولىدىغىنى يەنىلا مەن. ئەگەر مەن مەلۇم بىر ھەرىكەتنى ياخشى دەپ قارىسام،پەقەت مەنلا ئۇنىڭ ناچار ئەمەس بەلكى ياخشى ئىكەنلىكىنى دېيىشنى تاللايمەن. مېنىڭ ئىبراھىم ئەمەسلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھېچ نەرسە يوق؛ ۋەھالەنكى، مەن ھەرۋاقىت ئۆرنەك خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقىمۇ مەجبۇرلىنىمەن. ھەر كىم بىر ئىش قىلسا، خۇددى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ نەزەرى ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىغا تىكىلىۋاتقاندەك بولۇپ، ئۇ شۇنىڭغا قاراپ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى دەڭسەيدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق ئادەم جەزمەن: «مەن زادى ئىنسانىيەت مېنىڭ ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسىگۈدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئادەممۇ؟» دېمىكى لازىم. ئەگەر ئادەم بۇنداق سورىمىسا، ئۆزىنىڭ ئازابىنى يوشۇرغان بولىدۇ. ئېنىقكى، بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان ئازاب بىزنى ھەرگىزمۇ كۋايتىزم ياكى يالقاۋلىققا يېتەكلىيەلمەيدۇ. ئۇ ئىنتايىن ئاددىي ۋە ساپ ئازاب بولۇپ، ئۇنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى پىششىق بىلىدۇ. مەسىلەن، بىر ھەربىي رەھبەر ھۇجۇم تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان ۋە بىر نەچچە ئەسكەرنى ئۆلۈمگە ئۇزاتقاندا، ئۇ شۇنداق قىلىشقا قارىتا تاللاش ئېلىپ بارغان بولىدۇ ۋە تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىلا بۇنى تاللايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئەمما يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىر قەدەر تومتاق بولۇپ، ئۇنىڭ شەرھلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئون، ئون تۆت ياكى يىگىرمە ئادەمنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ بۇ بۇيرۇقنى قانداق شەرھلىشىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بۇ قارارنى چىقىرىشتا ئامالسىز ئازابلىنىدۇ. بارلىق رەھبەرلەر بۇ خىل ئازابنى چۈشىنىدۇ. بۇ ئازاب ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىنى توسىماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنقى شەرتى بولىدۇ. چۈنكى، ھەرىكەت كۆپ خىل مۇمكىنچىلىكلەرنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاشتا ئۇلار ئۇنىڭ پەقەت تاللانغانلىقى ئۈچۈنلا قىممىتىنىڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇڭا، مەۋجۇدىيەتچىلىك سۈپەتلىگەن ئازاب ھازىر دەل مۇشۇ خىل ئازابتۇر، شۇنداقلا تۆۋەندە بىز باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بىۋاسىتە مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىش ئارقىلىق بۇ خىل ئازابنى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئۇ بىزنى ھەرىكىتىمىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان توساق ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتنىڭ ئۆزىنىڭ بىر شەرتىدۇر.
ھايدېگېر ئامراق ئىبارە «تاشلىۋېتىش» نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق پەقەت شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدا مەۋجۇت ئەمەس، ھەمدە بىز ئۇنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە تاكى ئاداققىچە ئىگە چىقىشىمىز زۆرۈر. مەۋجۇدىيەتچى خۇدانى ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئېلىپ تاشلاش كويىدا بولىدىغان بىر خىل سېكۇلارچە[12] ئەخلاقچىلىققا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. 1880- يىللىرىغا كەلگەندە، فرانسىيىدە بىر تۈركۈم پروفېسسورلار بىر خىل سېكۇلار ئەخلاق تەلىماتىنى يارىتىشقا خېلى كۈچىگەندە، ئۇلار: «خۇدا بولسا زۆرۈرىيىتى يوق، قىممەت توختايدىغان قىياستۇر، شۇڭا بىز ئۇنى كېرەك قىلمايمىز» دېگەنىدى. ھالبۇكى، بىزگە ئەخلاق، جەمئىيەت ۋە قانۇننى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۇنيا لازىم ئىكەن، مەلۇم قىممەتلەرگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىنىشى، ئۇلارغا چوقۇم تەجرىبىدىن-بۇرۇن تۇرىدىغان مەۋجۇتلۇق بېرىلىشى كېرەك. مەسىلەن، سەمىمىي بولۇش، يالغان سۆزلىمەسلىك، خوتۇنىنى ئۇرماسلىق، بالىلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىقلار مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىق تەجرىبىدىن-بۇرۇنلۇق دەپ قارىلىشى لازىم؛ شۇڭا، بۇنداق قىممەتلەرنىڭ گەرچە خۇدا مەۋجۇت بولمىسىمۇ ھەرۋاقىت ئىدراك جەننىتىدە ئوخشاشلا مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئاز- تولا توختالماقچىمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا –مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ بىز فرانسىيىدە رادىكالچىلىق دەپ ئاتايدىغان ھەممە نەرسىنىڭ مەنىسىدۇر—خۇدا مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ھېچ نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ؛ بىز سەمىمىيلىك، تەرەققىيات ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشاش ئۆلچەملىرىنى قايتا بايقايمىز، شۇنداقلا بىز خۇدانى ئۆزلۈكىدىن ئۈن- تىنسىز يوقىلىدىغان ۋاقتى ئۆتكەن قىياسقا ئايلاندۇرىۋەتكەن بولىمىز. مەۋجۇدىيەتچى ئەكسىچە خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن قاتتىق تەڭقىسلىقتا قالىدۇ، چۈنكى خۇدانىڭ يوقىلىشى بىلەن ئىدراكىي جەننەتتىكى قىممەتلەرنى تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ يوقالغان بولىدۇ. بۇ يەردە تەجرىبىدىن-بۇرۇنقى ياخشىلىق ئەمدى مەۋجۇت بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى ئويلايدىغان چەكسىز ۋە مۇكەممەل ئاڭ يوق. ھېچ يەردە «ياخشىلىق مەۋجۇت»، ئادەم چوقۇم سەمىمىي بولۇشى، يالغان سۆزلىمەسلىكى كېرەك دەپ يېزىلغىنى يوق، چۈنكى بىز ھازىر پۈتۈن پەقەت ئادەملەرلا بار ساھەدە تۇرىۋاتىمىز. دوستويىۋىسكى: «خۇدا مەۋجۇت بولمىغان بولسا، ھەرقانداق ئىش ئىجازەتلىك بولاتتى» دەپ يازغانىدى؛ ھەمدە بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. توغرا، خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، ھەممىگە ئىجازەت قىلىنغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئادەم ئاقىۋەتتە غېرىبلىقتا قالىدۇ، چۈنكى ئۇ مەيلى ئۆزىدىن ياكى سىرتتىن ئۆزى تايانغۇدەك ھېچنېمە تاپالمايدۇ. ئالدى بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق باھانە تاپالمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ دېيىلسە، ئادەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىن بېرىلگەن ياكى ئالاھىدە ئىنسان تەبىئىيىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرەلمەيدۇ؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دېتېرمىنىزم[13] مەۋجۇت ئەمەستۇر—ئادەم ئەركىن، ئادەم ئەركىنلىكتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، ئىش-ھەرىكىتىمىزنى قانۇنلاشتۇرالايدىغان ھېچقانداق قىممەتلەر ۋە بۇيرۇقلار بولمايدۇ. شۇڭا، بىزدە مەيلى ئالدىمىزدا ياكى ئارقىمىزدا بولسۇن، قىممەتلەرنىڭ نۇرلۇق ساھەسى، ئىسپاتلاش ۋاسىتىسى ياكى سەۋەب بولمايدۇ. –بىز سەۋەبسىزلا يالغۇز قالدۇرۇلىمىز. مېنىڭ ئادەم ئەركىن بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن دېگىنىم دەل مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئەيىبلەنگەن، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ياراتمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەركىندۇر، شۇنداقلا ئۇ بۇ دۇنياغا تاشلانغان مىنۇتتىن تارتىپ ئۆزى قىلىدىغان ھەممە نەرسىگە مەسئۇل بولىدۇ. مەۋجۇدىيەتچى قىزغىن ھېسسىياتنىڭ كۈچىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇ ئەزەلدىن كاتتا قىزغىن ھېسسىياتلارنى بىر خىل ۋەيران قىلغۇچ قىيان سۈپىتىدە ئادەمنى خۇددى تەقدىرگە ئوخشاش مەلۇم ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ دەيدۇ ۋە ئۇنى ئۇلارنىڭ باھانىسى دەپ قارىمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئۆزىنىڭ قىزغىن ھېسسىياتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مەۋجۇدىيەتچى ئادەمنى ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى يۆنۈلۈشىنى بەلگىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئاللىقانداق بەلگىلەرنى تاپالايدۇ دەپ قارىمايدۇ: چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ھەر بىر ئادەم ئۆزى تاللايدىغان بەلگىنى ئۆزى شەرھلەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ھەر بىر ئادەم ئۆزى تاللىغان بەلگىنى ئۆزى شەرھلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق ئادەم ھېچقانداق قوللاش ياكى ياردەم بولمىغان ئەھۋالدا ھەر بىر مىنۇتتا ئادەمنى ئىختىرا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندۇر. خۇددى پونگ بىر پارچە نادىر ماقالىسىدە ئېيتقاندەك، «ئادەم ئادەمنىڭ كەلگۈسىدۇر.» بۇ گەپ تامامەن توغرا. مۇبادا بىز بۇ گەپنى كەلگۈسى ئەرشىئەلادا، خۇدا بۇ كەلگۈسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدۇ، دەپ قارىۋالساق خاتالاشقان بولاتتۇق، چۈنكى ئۇ چاغدا ھەتتا كەلگۈسىمۇ بولماي قالاتتى. ناۋادا ئۇنىڭ گېپىنىڭ مەنىسى ئادەم مەيلى قايسى ھالەتتە كۆرۈنسۇن، ئۇنىڭ يارىتىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر يۈزى ئېچىلمىغان كەلگۈسى ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ دېسەك، مانا بۇ توغرا ئېيتىلغان سۆز بولىدۇ. ھالبۇكى، ئادەم ھازىر تاشلىۋېتىلدى.
«تاشلىۋېتىلىش» دېگەن بۇ ھالەتنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن مېنى تۆۋەندىكى ئەھۋال ئۈچۈن ئىزدىگەن بىر ئوقوغۇچۇمنى مىسال كەلتۈرۈپ بېرەي. ئۇنىڭ دادىسى دائىم ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن ئۇرىشىدىكەن، ھەمدە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ «ھەمكارلاشقۇچى»[14] بولۇش خاھىشى بار ئىكەن؛ ئۇنىڭ ئاكىسى گېرمانلارنىڭ 1940- يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىدا ئۆلگەنىكەن، قەلبىدە ئىپتىدائىيراق بولسىمۇ يەنىلا مەرتلىك ھۆكۈم سۈرگەن بۇ بالا ئاكىسى ئۈچۈن قىساس ئالماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان ھەمدە ئېرىنىڭ يېرىم ۋەتەن ساتقۇچلۇق قىلمىشىنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بۇ ئانا ئۈچۈن بۇ ياش بالا بىردىنبىر تەسەللى ئىكەن. ئۇ بۇ چاغدا يا ئەنگلىيىگە بېرىپ ئەركىن فرانسىيە قوشۇنىغا قاتنىشىش ياكى ئانىسىنىڭ يېنىدا قېلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىغانلىقىنى، ئۆزى كەتسە ياكى ئېھتىمال ئۆلۈپ تارتىپ قالسا، ئانىسىنىڭ ئۈمىدسىزلىككە پاتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن. ئاقىۋەتتە، كونكرېتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ۋە ئەمەلىيەتتە، ئۇ شۇنىمۇ ھېس قىلىپ يەتكەنكى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ھەرىكىتى ئېنىقكى ئۇنىڭ ياشىشىغا ياردەم بېرەتتى، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ ئايرىلىپ كېتىش ۋە ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ھەرىكىتى قۇمغا سىڭگەن سۇدەك يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى ھەم مەنىسىز بولغان ئېنىقسىز ھەرىكەت بولاتتى. مەسىلەن، ئەنگلىيىگە بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاۋۋال ئىسپانىيىدىن ئۆتىدىكەن، تېخى ئىسپانىيىدىكى بىرەر لاگىردا قەرەلسىز كۈتۈپ تۇرىدىكەن؛ ياكى ئەنگلىيىگە ياكى ئالجىرىيىگە بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىدا جەدۋەل تولدۇرۇشقا قويۇلۇشىغىمۇ بىرنەرسە دېيەلمەيدىكەن. نەتىجىدە، ئۇ بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل ھەرىكەتكە دۇچ كېلىپ، ئارىسالدى بوپتۇ: بىرى، ئىنتايىن كونكرېت ۋە بىۋاسىتە بولۇپ، بىرلا ئىندىۋىدۇئالغا قارىتىلغان؛ يەنە بىرى چەكسىز چوڭ گۇرۇپپىغا يەنى مىللىي كوللېكتىپقا قارىتىلغان، لېكىن دەل مۇشۇ سەۋەبلىك تۇتۇق ھەمدە ئېلىپ بېرىلىش يولىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ھەرىكەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئىككى خىل ئەخلاقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ قاپتۇ: ھېسداشلىق ۋە شەخسنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەخلاق بىلەن كەڭ دائىرىلىق لېكىن توغرا- خاتالىقى تېخىمۇ بەھىسلىك بولغان ئەخلاق. ئۇ بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللىمىسا بولمايتتى. ئۇنىڭ تاللىشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ خرىستىئان تەلىماتىمۇ؟ ياق. خرىستىئان ئەقىدىسىدە خەير-ساخاۋەت بىلەن ئىش تۇت، قوشناڭنى سۆي، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزۈڭدىن كەچ، ئەڭ مۇشەققەتلىك يولنى تاللا ۋەھاكازالار دېيىلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ قايسىسى تېخىمۇ مۇشەققەتلىك يول؟ كىم ئۈچۈن بىراۋ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىق مۇھەببىتىگە قەرزدار؟ ۋەتەنپەرۋەرمۇ ياكى ئانىمۇ؟ قايسىسى تېخىمۇ كېرەكلىك مەقسەت، پۈتۈن جامائەتتە ۋە جامائەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي مەقسەتمۇ ياكى بىر ئالاھىدە شەخسنىڭ ياشىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت كونكرېت مەقسەتمۇ؟ كىم تەجرىبىدىن-بۇرۇن تۇرىدىغان بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ ھېچكىم. ھېچقانداق بىر ئېتىكا ۋەسىقىسىدىمۇ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىلمىگەن. كانتنىڭ ئېتىكىسى بىر ئادەمنى ھەرگىز ۋاسىتە قىلماستىن بەلكى دائىم مەقسەت قىلىش كېرەك، دەيدۇ[15]. خوش، ناۋادا مەن ئانام بىلەن تۇرسام، مەن ئۇنى ۋاسىتە ئەمەس بەلكى مەقسەت قىلغان بولىمەن؛ لېكىن مۇشۇ بويىچە بولغاندا، مەن مېنىڭ ئورنۇمدا جەڭ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ۋاسىتە قىلىۋېلىش خەۋپىدە قالىمەن؛ بۇنىڭ ئەكسىمۇ ھەم توغرا، يەنى ناۋادا مەن شۇ جەڭچىلەرگە ياردەم قىلىشقا بارسام، ئۇلارنى مەقسەت، ئانامنى بولسا ۋاسىتە قىلىش خەۋپىدە قالىمەن. ئەگەر قىممەتلەر ئېنىقسىز، شۇنداقلا ئەگەر ئۇلار بىز توختىلىۋاتقان ئالاھىدە ۋە كونكرېت نەرسىنى بېكىتىشكە قارىتا بەكلا ئابستراكت بولسا، بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئىنستنكتلىرىگە[16] ئىشىنىشتىن ئۆزگە يول قالمايدۇ. مانا بۇ مۇشۇ يىگىتنىڭ قىلماقچى بولغىنىدۇر؛ شۇنداقلا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۇ ماڭا: «ئاخىرىدا، ھېسسىيات مۇھىمكەن؛ مەن ھەقىقەتەن ئىتتىرىلىۋاتقان نىشان مەن جەزمەن تاللىشىم بولغان نىشاندۇر. ئەگەر مەن ئانامنى ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەممە نەرسىنى-- مېنىڭ قىساس ئېلىش ئىرادەم ، مېنىڭ ھەرىكەتكە ۋە تەۋەككۈلچىلىككە بولغان بارلىق ئىنتىلىشلىرىمنى-- قۇربان قىلغۇدەك دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىمنى ھېس قىلسام، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىمەن. ئەكسىچە، ئەگەر ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارىسام، كېتىمەن» دېدى. لېكىن، ئادەم بىر ھېسسىياتنىڭ كۈچىنى قانداق ئۆلچەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىغا بولغان ھېسسىياتىنىڭ قىممىتى دەل ئۇنىڭ ئانىسىغا قاراۋاتقانلىقىدەك پاكىت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. مەن مەلۇم دوستۇمنى ئۇنىڭغا مەلۇم سوممىدا پۇل خەجلەشتىن ئايانماسلىقىم بىلەن ياخشى كۆرىمەن دېيەلەيمەن، لېكىن شۇنداق قىلماي تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقمنى ئىسپاتلىيالمايمەن. ئەگەر مەن ھەقىقەتەن ئانام بىلەن بىللە قالسام، «مەن ئانامنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرىمەن» دېيەلەيمەن. مېنىڭ ئانامغا بولغان بۇ مېھرىمنىڭ كۈچىنى پەقەت ئۇنى تەبىرلەيدىغان ۋە تەستىقلايدىغان بۇ ھەرىكەتنى قىلغاندىلا ئاندىن ئۆلچىيەلەيمەن. ئەگەر مەن بۇ مېھىرگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەرىكىتىمنى دەستەكلىمەكچى بولسام، ئۇ ھالدا ئۆزۈمنى بىر رەزىل چەمبەر[17] ئىچىدە كۆرىمەن.
شۇنىڭدەك، خۇددى ژىد ناھايىتى جايىدا ئېيتقاندەك، ساختا كەيپىيات بىلەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە كەيپىياتلار بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن ئىككى نەرسىدۇر. ئانامنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى قارار قىلىشىم بىلەن بىر كومېدىيىنىڭ ئاخىرىسىدا شۇنداق قىلىدىغان بىر رولنى ئېلىشىم ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش ئىشلاردۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، ھېسسىيات بىراۋ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلاردىن شەكىللىنىدۇ؛ شۇڭلاشقا، مەن ئۇنى بىر ھەرىكەتكە يېتەكچى سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلالمايمەن. دېمەككى، مەن ئۆز ئىچىمدىن بىرەر ھەرىكەتنى قىلىشتىكى ھەقىقىي قوزغىلىشنى ھەم ئىزدىمەيمەن، ھەم مېنى ھەرىكەت قىلدۇرالايدىغان بەزى ئېتىكىلىق ڧورمۇلالارنى كۈتەلمەيمەن. سەن ئېھتىمال ئۆزۈڭنىڭ ھېچ بولمىسا بىر پروڧېسسورنىڭ ئالدىغا مەسلىھەتكە بارغانلىقىڭنى ئېيتىشىڭ مۇمكىن. لېكىن ئەگەر مەسلىھەت ئىزدەيدىكەنسەن، مەسىلەن بىر پوپتىن دەيلى، ئۇ ھالدا سەن ئۇ پوپنى تاللىغان بولىسەن؛ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، سەن ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ساڭا قانداق مەسلىھەت بېرىدىغانلىقىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلگەن بولىسەن. باشقىچە ئېيتقاندا، بىر مەسلىھەتچىنى تاللاش يەنىلا ئۆزىنى ئاشۇ تاللاشقا بېغىشلاشتۇر. ئەگەر بىر خرىستىئان بولساڭ، پوپ بىلەن مەھلىھەتلىشىشنى ئېيتىسەن؛ ۋەھالەنكى، بۇ يەردە ھەمكارلاشقۇچىلار، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر سۈپىتىدىكى پوپلار ۋە جاھاننىڭ ئوڭشىلىشىنى كۈتىۋاتقان پوپلار بار: قايسىسىنى تاللايسەن؟ ئەگەر بۇ ياش قارشىلىق كۆرسىتىش تىپىدىكى ياكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان پوپنى تاللىغان بولسا، ئۇنىڭدىن قايسى خىلدىكى مەسلىھەتنى ئالىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن بەلگىلىگەن بولاتتى. ئوخشاشلا، ئەگەر ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كەلسە، مېنىڭ نېمە مەسلىھەت بېرىشىم كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا مېنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان بىرلا جاۋابىم بار. سەن ئەركىنسەن، شۇڭا تاللا، يەنى، ئىجاد قىل. ئومۇمىي ئەخلاقنىڭ ھېچقانداق بىر ئەھكامى سېنىڭ نېمىنى جەزمەن قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ: بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بەلگىلەر كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. كاتولىكلار: «ھەئە، لېكىن بۇ يەردە بۇنداق بەلگىلەر بار!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ناھايىتى ياخشى؛ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدە بۇ بەلگىلەرنى شەرھلەيدىغىنى يەنىلا مەن. مەن تۈرمىگە سولانغاندا، جېزيۇئىتچىلىققا[18] تۆۋەندىكىدەك يول بىلەن ئەزا بولغان ھەم ئادەمنىڭ دىققتىنى ئاز-تولا قوزغايدىغان بىر جېزيىئۇت[19] بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئۇ ھاياتىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۇلىشىپ كەلگەن بەختسىزلىكلەرگە ئۇچراپتۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تۈگەپ كېتىپ، نامراتچىلىقتا ياشاپتۇ، ھەمدە ئۆزىنى داۋاملىق خەير-ساخاۋەت يۈزىسىدىن قوبۇل قىلىندىم دېگەن قاراشقا كەلتۈرىدىغان بىر دىنىي ئىنستىتۇتنىڭ بىكارلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن، نەتىجىدە، ئۇ بالىلارنى خۇش قىلىدىغان باشقا ئاتاقلار ۋە شەرەپلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپتۇ. كېيىنچە، ئون سەككىزگە كىرگەندە، ئۇ ئازابلىق مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ؛ ئاخىرىدا گەرچە ئۆزى ئانچە مۇھىم بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشتۇرىدىغان ئىش يۈز بېرىپتۇ—ئۇ ھەربىيلىككە كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەپتۇ. بۇ ياش شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى پۈتۈنلەي بىر مەغلۇبىيەتچى دەپ قاراپتۇ: بۇ بىر بەلگە ئىدى—ئەمما ئۇ نېمىنىڭ بەلگىسى؟ ئۇ ئېھتىمال ئاچچىقچىلىق ياكى ئۈمىدسىزلىككە غەرق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ ناھايىتى ئەقىللىقلىق بىلەن ئۇنى شۇنداق بىر بەلگە سۈپىتىدە قوبۇل قىپتۇكى، ئۇ پانىيلىق غەلىبىسىگە مەقبۇل كۆرۈلمىگەن، پەقەت دىنىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشلا –يەنى مۇقەددەسلىك ۋە ئەقىدىگە ئېرىشىشلا—ئۇنىڭغا مەقبۇل كۆرۈلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارخىپىنى خۇدادىن كەلگەن ئۇچۇر دەپ شەرھلەپتۇ ۋە بۇ تەرىقەتنىڭ ئەزاسى بوپتۇ. كىممۇ ئۇنىڭ بۇ بەلگىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى قارارىنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ، پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭلا قارارى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانسۇن؟ بىراۋ يۇقىرىقىلارنىڭ بىر يۈرۈش ئەكسى بولىدىغان ئەھۋاللاردىن—مەسىلەن ئۇ ياخشىسى بىر ياغاچچى ياكى بىر ئىنقىلابچى بولغان بولسا—پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىگەن بولاتتى. ۋەھالەنكى، بۇ بەلگىنىڭ مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن، ئۇ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ «تاشلىۋېتىش» ئىشارىلەيدىغان نەرسىدۇر، يەنى بىز ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى بەلگىلەيمىز. بۇ تاشلىۋېتىش بىلەن ئازاب بىللە ماڭىدۇ.
«ئۈمىدسىزلىنىش» تىن ئىبارەت بۇ ئىپادىلەشنىڭ مەنىسى زىيادە ئاددىي. ئۇ پەقەت شۇنى بىلدۈرىدۇكى، بىز ئۆزىمىزنى بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزنىڭ دائىرىسىدە بولغان نەرسىلەرگە ياكى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى ئەمەلگەئاشۇرىدىغان ئېھتىماللىقلارنىڭ يىغىندىسىغا تايىنىش بىلەن چەكلەيمىز. كىمىكى بىرەر نەرسىنى ئارزۇلىسا، ئېھتىماللىقنىڭ بۇ ئېلېمېنتلىرى دائىم مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر مەن مېنى يوقلىماقچى بولۇپ ياكى پويىزدا ياكى ترامۋايدا كېلىشى مۇمكىن بولغان بىر دوستۇمنى كۈتىۋاتقان بولسام، شۇنى ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە ئويلايمەنكى، پويىز بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يېتىپ كېتىدۇ ياكى ترامۋاي رېلىستىن چىقىپ كەتمەيدۇ. مەن يەنىلا مۇمكىنچىلىكلەر ساھەسىدە تۇرغان بولىمەن؛ لېكىن، بىراۋ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە كەسكىن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق مۇمكىنچىلىكلەردىن ھالقىپ كەتكەن مۇمكىنچىلىكلەرگە تايىنالمايدۇ. مېنىڭ ھەرىكىتىمگە تەسىر كۆرسىتىشتىن قالغان مۇمكىنچىلىكلەردىن ھالقىپ كەتكەن ئاشۇ نۇقتىغا جەزمەن قىزىقماسلىقىم كېرەك. چۈنكى، دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرىنى مېنىڭ ئىرادەمگە لايىقلاشتۇرۇپ بېرىدىغان خۇدا يوق، ئالدىنئالا لايىھىمۇ يوق. دېكارت «دۇنيانى بوي سۇندۇرغىچە، ئۆزۈڭنى بوي سۇندۇغىن» دېگەندە ئۇنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئوخشاش—يەنى بىز چوقۇم ئۈمىدسىزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.
ماركسىزمچىلارغا بۇنى دېسەم، ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەردى: « ئېنىقكى، سېنىڭ ھەرىكىتىڭ ئۆلۈمىڭ تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئوچرايدۇ؛ لېكىن سەن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنالايسەن. يەنى، سەن ھەم باشقىلارنىڭ ساڭا باشقا جايلاردا، مەسىلەن، جۇڭگودا ۋە رۇسىيىدە، قىلىۋاتقان ياردىمىگە، ھەم ئۇلارنىڭ كېيىنچە سەن ئۆلگەندىن كېيىن ھەرىكىتىڭنى تاكى ئۇنىڭ ئاداققى تاماملىنىشى بولىدىغان ئىنقىلابقىچە داۋاملاشتۇرۇشىغا تايىنىسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن چوقۇم بۇنىڭغا تايىنىشىڭ كېرەك؛ بۇنداق قىلماسلىق ئەخلاقسىزلىقتۇر.» بۇنىڭغا جاۋابىم شۇكى، بىرىنچى، كۈرەشتە مەن ھەر دائىم سەپداشلىرىمغا تايىنىمەن، چۈنكى ئۇلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش ئېنىق ۋە ئورتاق مەسىلىگە ئۆزلىرىنى بېغىشلىغان؛ ھەمدە مەن ئاز-تولا كونترول قىلالايدىغان، يەنى ئۇنىڭغا مەن بىر ھەربىي سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ھەم ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەر ۋاقىت ماڭا بىلىنىشلىك بولغان بىرەر پارتىيە ياكى گۇرۇپپا بىرلىكىگە تايىنىمەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پارتىيە بىرلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە تايىنىش خۇددى مېنىڭ پويىز ۋاقتىدا كېلىدۇ ياكى ترامۋاي رېلىستىن چىقىپ كەتمەيدۇ دەپ قارىغىنىمغا ئوخشايدۇ. لېكىن، مەن ئىنساننىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىگە ئاساس بولالىغۇدەك ھېچقانداق بىر ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، ئۆزۈم بىلمەيدىغان ئادەملەرگە تايىنالمايمەن، ئىشەنجىمنى بولسا ئىنسان ئىزگۈلۈكى ياكى ئىنساننىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىزگۈلۈكىگە بولغان قىزىقىشى ئۈستىگە قۇرالمايمەن. مەن رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ نەگە باشلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن ئۇنىڭغا قايىل ھەم ئۇنىڭغا بىر ئۆرنەك سۈپىتىدە قارايمەن، چۈنكى شۇ نەرسە پاكىتكى بۈگۈن باشقا ھېچقانداق دۆلەتتە ئەمەس بەلكى رۇسىيىدىلا پرولېتارىيات رول ئويناۋاتىدۇ. لېكىن، مەن بۇنىڭ پرولېتارىياتنىڭ زەپەر قۇچۇشىنى زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە يېتەكلەيدىغانلىقىغا جەزم قىلالمايمەن: مەن چوقۇم ئۆزۈمنى ئۆزۈم كۆرەلەيدىغان نەرسە بىلەن كۇپايىلىشىم كېرەك. سەپداشلىرىمنىڭ مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئىشلىرىمغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ماكسىمال مۇكەممەللىككە ئاپىرىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەركىن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە تاڭلا ئەتە ئادەمنىڭ ئۇ ۋاقىتتا نېمە بولۇشىنى ئەركىن قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. تاڭلا ئەتە، مەن ئۆلگەندىن كېيىن، بەزىلەر ڧاشىزمنى ئورنىتىشنى قارار قىلىشى، يەنە بەزىلەر ئۇ قەدەر قورقۇنچاقلىق ياكى ئۇ قەدەر بوشاڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ڧاشىزم ئادەمنىڭ ھەقىقىتى بولىدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى زور كېلىشمەسلىك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىشلار كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قانداق بولۇشىنى قارار قىلىشىغا بېقىپ شۇنداق بولىدۇ. بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنى كۋايتىزمغا ئېتىشىمنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. بىرىنچىدىن، مەن جەزمەن ئۆزۈمنى بېغىشلىشىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بېغىشلىشى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن «ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئۈمىدكە موھتاج بولمايدۇ» دېگەن ڧورمۇلاغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشىم كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ھېچقانداق پارتىيىگە تەۋە بولماسلىقىمنى ئەمەس، بەلكى پەقەت مېنىڭ ھېچقانداق خام-خىياللاردا بولماسلىقىم ھەم ئۆزۈم قىلالايدىغاننى قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئۆزۈمدىن «بۇنداق بىر ئىجتىمائىي ئىدېئال رېئاللىققا ئايلىنارمۇ؟» دەپ سورىسام، بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن، پەقەت شۇنىلا بىلىمەنكى، مېنىڭ قۇدرىتىم دائىرىسىدىكى ئىشلا بولسا، قىلىمەن؛ بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكىنى بولسا، ھېچنېمىگە تايىنالمايمەن.
كۋايتىىزم «مەن قىلالمايدىغاننى باشقىلار قىلسۇن» دەيدىغانلارنىڭ پوزىتسىيىسىدۇر. مەن بۇ يەردە سىلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەلىمات دەل بۇنىڭ ئەكسىدۇر، چۈنكى ئۇ شۇنى جاكارلايدۇكى، ھەرىكەتتىن تاشقىرى بولغان رېئاللىق مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەلۋەتتە شۇنى قاتىدۇكى، «ئادەم پەقەت ئۆزى نىيەت قىلغان شەيئىدۇر، ئۇ پەقەت ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇش بىلەنلا مەۋجۇت بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر، پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتى نېمە بولسا شۇ بولىدىغان شەيئىدۇر.» شۇڭا، بىز نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ بىزنىڭ تەلىملىرىمىزدىن ۋەھىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئازابىدا ساقلاپ تۇرىدىغان بىرلا بايلىق بار، يەنى بۇ «شەرت-شارائىتلار ماڭا قارشى بولۇپ كەلدى، مەن ئەسلىدە ھازىرقىدىنمۇ بەك ئەرزىگۈدەك ئىدىم» دەپ ئويلاشتۇر. ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەندە ئەزەلدىن ئۇلۇغ مۇھەببەت ياكى ئۇلۇغ دوستلۇق بوپ باقمىدى؛ لېكىن بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، مەن بۇنىڭغا ئەرزىگۈدەك بىرەر ئەرنى ياكى ئايالنى ئۈچرىتىپ باقمىدىم؛ ئەگەر مەن ناھايىتى ياخشى كىتابلارنى يېزىپ باقمىغان بولسام، بۇنىڭ سەۋەبى مەندە شۇنداق قىلىشقا ئەركىن ۋاقىت بولمىغانلىقىدىن؛ ياكى ئەگەر مېنىڭ ئۆزۈمنى بېغىشلىيالىغۇدەك بالىلىرىم بوپ باقمىغان بولسا، بۇ مېنىڭ بىلەن بىللە ياشىيالىغۇدەك بىرەر ئادەمنى تاپالمىغانلىقىمدىن بولىدۇ. شۇڭا، مەندە ماڭا مېنىڭ ھەرىكەتلىرىمنىڭ يۈزەكى تارىخىدىن تۈرلەپ چىققىلى بولماس ئەرزىش ئاتا قىلىدىغان ئىشلىتىلمىگەن لېكىن مۇكەممەل ھالدىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان كەڭ دائىرىدىكى قابىلىيەتلەر، ئىنتىلىشلەر ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارلار مەۋجۇتتۇر. ئەمما، رېئاللىقتا ۋە بىر مەۋجۇدىيەتچى ئۈچۈن، مۇھەببەتنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئايرىلغان مۇھەببەت يوق؛ مۇھەببەتنىڭ ئۆزىدە ئىپادىلەنگەن پوتېنسىئاللىقتىن باشقا پوتېنسىئاللىقى يوق؛ سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن جىنيېسلىكتىن[20] باشقا جىنيېسلىك يوق. پرۇستنىڭ جىنيېسلىكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىيسىنى كۆرسىتىدۇ؛ راسىننىڭ جىنيېسلىكى ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا نەرسىنى ئەمەس پەقەت ئۆزىنىلا كۆرسىتىدىغان بىر يۈرۈش تراگېدىيىلىرىدۇر. بىز نېمە ئۈچۈن راسىنگە ئەمەلىيەتتە ئۆزى يازمىغان يەنە بىر تراگېدىيىنى يازالاش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلىشىمىز كېرەك؟ ھاياتتا، ئادەم ئۆزىنى بېغىشلايدۇ، ئۆزىنىڭ پوترېتىنى—باشقا نەرسىنى ئەمەس پەقەت ئۆزىنىڭ پوترېتىنى—سىزىدۇ، ھەمدە بۇ يەردە پەقەت ئاشۇ پوترېتلا بار. شەكسىزكى، بۇ ئوي ھاياتىدا غەلىبە قىلىپ باقمىغان ئادەمنى راھەتسىزلەندۈرىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ ھەممە ئادەملەرنى پەقەت رېئاللىقنىڭلا ئىشەنجلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان ئورۇنغا قويىدۇ؛ يەنى ئارمانلار، كۈتۈشلەر ۋە ئۈمىدلەر ئادەمنى ئالداشچان ئارمانلار، مەغلۇب ئۈمىدلەر، ئەمەلگە ئاشمىغان كۈتۈشلەر سۈپىتىدە تەبىرلەشكە خىزمەت قىلىدۇ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئادەمنى ئىجابىيلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى سەلبىيلىك بىلەن تەبىرلەيدۇ. ۋەھالەنكى، بىرسى: «سەن ئۆزۈڭ ياشايدىغان نەرسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېسە، ئۇ بىر سەنئەتكارنىڭ پەقەتلا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىقلا باھالىنىدىغانلىقىنى ئىشارىلىمەيدۇ، چۈنكى يەنە باشقا كۈرمىڭ نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭ ئادەم سۈپىتىدىكى تەبىرىگە تۆھپە قوشۇشتا ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. دېمەكچى بولغىنىمىز ئادەم بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر، يەنى ئۇ بۇ ئېلىپ بېرىلىشلەرنى تەشكىل قىلىدىغان بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى ۋە تەشكىللىنىشىدۇر.
بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىشىلەرنىڭ بىزنى ئەيىبلەۋاتقىنى يەنىلا بىزنىڭ پېسسىمىزمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئوپتىمىزمىزنىڭ قاتتىقلىقىدۇر. ئەگەر كىشىلەر بىزنىڭ پەس، ئاجىز، قورقۇنچاق ۋە بەزىدە توغرىدىن توغرا رەزىل پېرسۇناژلارنى تەسۋىرلەيدىغان ھېكايىلىرىمىزنى ئەيىبلىسە، بۇ ئۇشبۇ پېرسۇناژلارنىڭ پەس، ئاجىز، قورقۇنچاق ياكى رەزىل ئىكەنلىكىدىنلا ئەمەس. چۈنكى، بىزمۇ خۇددى زولادەك بۇ پېرسۇناژلارنىڭ قىلمىشىغا ئېرسىيەت ياكى ئۇلارنىڭ مۇھىتى ۋە ياكى پىسخىك ياكى ئورگانىك بەلگىلىگۈچى ئامىللار سەۋەب بولغان دېگەننى كۆرسەتتۇق دەپ پەرەز قىلايلى. كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنگەن ھالدا: «قارا، بىز مانا مۇشۇنداق، ھېچكىم بۇنىڭغا قارىتا بىرەر ئىش قىلالمايدۇ» دەيتتى. لېكىن، بىر مەۋجۇدىيەتچى بىر قورقۇنچاقنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنى بىزگە ئۆزىنىڭ قورقۇنچاقلىقىغا مەسئۇل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ قورقۇنچاق يۈرىكىنىڭ ياكى ئۆپكىسىنىڭ ۋە ياكى مېڭىسىنىڭ تەسۋىرى ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ ڧىزىئولوگىيىلىك ئورگانىزمى سەۋەبىدىن قورقۇنچاققا ئايلىنىپ قالغىنى يوق؛ ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇنچاقكى، ئۇ ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قورقۇنچاق قىلىپ چىققان. بۇ يەردە قورقۇنچاق مىجەز دەيدىغان نەرسە يوق. جىددىيلىشىشچان مىجەزلەر بار؛ قان ئازلىق ھەمدە باشقا مىجەزلەر بار. لېكىن، بىر ئادەمنىڭ قېنى ئاز بولسا، ئۇ شۇ سەۋەبتىن قورقۇنچاق بوپ قالمايدۇ، چۈنكى قورقۇنچاقلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغىنى ۋاز كېچىش ياكى يول قويۇش ھەرىكىتىدۇر، شۇنداقلا مىجەز ھەرگىزمۇ ھەرىكەت ئەمەس. قورقۇنچاق ئۆزى قىلىپ بولغان ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق تەبىرلىنىدۇ. كىشلەرنىڭ ۋەھىمە بىلەن غۇۋا ھېس قىلىدىغىنى بىز تونۇشتۇرىۋاتقان بۇ قورقۇنچاقنىڭ قورقۇنچاق بولۇشتەك گۇناھىدۇر. كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ياكى بىر قورقۇنچاق ياكى بىر قەھرىمان بولۇپ تۇغۇلۇشتۇر. Chemins de la Liberté [21]غا قارىتىلغان تەنقىدلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى بۇنىڭغىراق ئوخشايدۇ: «لېكىن، يەنىلا، شۇ قەدەر پەس بۇنداق كىشىلەرنى قانداق قىلىپ قەھرىمانغا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟» بۇ رەددىيە راستىنلا ناھايىتى كۈلكىلىكتۇر، چۈنكى ئۇ شۇنى ئىشارىلەيدۇكى، كىشىلەر تۇغما قەھرىمانلاردۇر: بۇ، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئاشۇ كىشىلەر ئويلاشنى خالايدىغان نەرسىدۇر. ئەگەر سىلەر تۇغما قورقۇنچاق بولساڭلار، سىلەر بۇنىڭغا قەۋەتلا رازى بولىسىلەر، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ نېمە قىلالمايسىلەر، شۇنداقلا پۈتۈن ھاياتىڭلاردا نېمىلا قىلماڭلار، قورقۇنچاق بولغىنىڭلار بولغان؛ ئەگەر سىلەر تۇغما قەھرىمان بولساڭلار، سىلەر بۇنىڭغا قەۋەتلا رازى بولىسىلەر، پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قەھرىمانلارچە يەپ-ئىچىپ، قەھرىمان بولۇپ قېلىۋېرىسىلەر. ۋەھالەنكى، مەۋجۇدىيەتچىنىڭ قارىشىچە، قورقۇنچاق ئۆزىنى قورقۇنچاق، قەھرىمان ئۆزىنى قەھرىمانە قىلىدۇ، شۇنداقلا قورقۇنچاقنىڭ قورقۇنچاقلىقىنى تاشلىشى بىلەن قەھرىماننىڭ قەھرىمان بولۇشتىن قېلىشىغا ھەر زامان مۇمكىنچىلىك بار. مۇھىمى تولۇق بېغىشلاش، ھەمدە بۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ مۇئەييەن ئەھۋالغا ياكى مۇئەييەن ھەرىكەتكە ئۆزۈڭنى پۈتۈنلەي بېغىشلاشنى كۆرسەتمەيدۇ.
مېنىڭچە، بىز مەۋجۇدىيەتچىلىككە قارىتىلغان بىر نەچچە ئەيىبلەشلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ كەلدۇق. سىلەر شۇنى كۆرۈپ كەلدىڭلاركى، مەۋجۇدىيەتچىلىكنى كۋايتىزم پەلسەپىسى دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەمنى ھەرىكىتى ئارقىلىق تەبىرلەيدۇ؛ ئۇ ئادەمنىڭ پېسسىمىستىك تەسۋىرىمۇ ئەمەس، چۈنكى ھېچقانداق بىر تەلىمات ئۇنىڭدەك ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىدە دېيىشتەك ئوپتىمىستىك خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. ئۇ ئادەمنى ھەرىكەت قىلماسلىققا ئۈندەيدىغان ئۇرۇنۇشمۇ ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىزگە ھەرىكەتتىن باشقا يەردە ئۈمىد يوق، ئادەمنى ھاياتقا ئىگە بولۇشقا يول قويىدىغىنى ئىش-ھەرىكەتتۇر دەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ نۇقتىدا بىزنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنىمىز ھەرىكەت ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئېتىكىسىدۇر. ۋەھالەنكى، بىز يەنىلا مۇشۇ بىر نەچچىلا ماتېرىياللار سەۋەبلىك ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئىدىۋىدۇئال سۇبيېكتىغا چەكلەپ قويۇش بىلەن ئەيىبلىنىمىز. بۇ يەردە كىشىلەر بىزنى يەنە قاتتىق خاتا چۈشىنىۋاتىدۇ.
ئەلۋەتتە، بىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىمىز كەسكىن پەلسەپىۋى سەۋەبلەرگە كۆرە ئىندىۋىدۇئالنىڭ سۇبيېكتلىقىدۇر. بۇ بىزنىڭ ھەرگىزمۇ بۇرژۇئازلاردىن بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تەلىملىرىنى ئۈمىدكە تولغان لېكىن رېئال ئاساسى كەمچىل بولغان ئېسىل نەزەرىيىلەرنىڭ توپلىمى ئۈستىگە ئەمەس بەلكى ھەقىقەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇشنى ئىزدىگەنلىكىمىزدۇر. شۇنداقلا، باشلىنىش نۇقتىسىدا ئاڭنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە ئىگە قىلىدىغان « ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دىن ئىبارەت مۇتلەق ھەقىقىتىدىن بۆلەك ھەقىقەت بولمايدۇ. ئادەمدىن باشلىنىدىغان—يەنى ئۆزلۈككە ئېرىشىش مىنۇتلىرىدىن تاشقىرى تۇرىدىغان ھەرقانداق نەزەرىيە ھەقىقەتنى باسىدىغان نەزەرىيىدۇر، چۈنكى كارتېزىئانچە « ئويلايمەن» نىڭ سىرتىدا ھەممە ئوبيېكتلار پەقەت ئېھتىمالدۇر، ھەمدە ئېھتىماللىقلار ھەققىدىكى ھەقىقەت بىلەن باغلانمىغان ھەرقانداق تەلىمات يوقلۇققا غۇلايدۇ. ئېھتىمال شەيئىنى تەبىرلەش ئۈچۈن ئادەم چوقۇم ھەقىقەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. نەتىجىدە،خالىغان بىر ھەقىقەت بولۇشتىن ئىلگىرى، چوقۇم بىر مۇتلەق ھەقىقەت بولۇشى كېرەك، ھەمدە بۇ يەردە شۇنداق ئاددىي، ئاسانلا ئېرىشكىلى بولىدىغان ۋە ھەرقانداق ئادەم يېتەلەيدىغان بىر ھەقىقەت بار؛ ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزلۈكى ھەققىدىكى بىۋاسىتە تۇيغۇسىدا.
ئىككىنچى نۇقتىدا، پەقەت مۇشۇ نەزەرىيىلا ئادەمنىڭ غۇرۇرى بىلەن سىغىشالايدۇ، ئۇ ئادەمنى ئوبيېكت قىلىپ قويمايدىغان بىردىنبىر نەزەرىيىدۇر. ماتېرىئالىزمنىڭ ھەرقانداق تۈرى بىراۋنى ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئادەمگە ئوبيېكت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەيدۇ—يەنى، ئالدىنئالا-قارارلاشقان بىر يۈرۈش ئىنكاسلار بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئادەم سۈپەتلەرنىڭ نۇسخىلىرى ۋە بىر ئۈستەل، ئورۇندۇق ياكى تاشنى تەشكىل قىلىدىغان ھادىسىلەردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز دەل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ماددىي دۇنيادىن پەرقلىنىدىغان قىممەتلەرنىڭ نۇسخىسى سۈپىتىدە قۇرۇپ چىقىشتۇر. لېكىن، بىز ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە قىياس قىلىدىغان سۇبيېكتلىق ھەرگىزمۇ تار دائىرىدىكى ئىندىۋىدۇئال سۇبيېكتىپلىق ئەمەس، چۈنكى بىز كۆرسىتىپ كەلگەندەك، ئادەمنىڭ كوجىتودا بايقايدىغىنى ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىلا بولماستىن، بەلكى يەنە باشقىلارنىڭمۇ ئۆزلۈكىدۇر. دېكارتنىڭ ۋە كانتنىڭ پەلسەپىسىگە قارشى ھالدا « ئويلايمەن» دېگىنىمىزدا، بىز ئۆزىمىزگە باشقىلارنىڭ ھازىر بولۇشى بىلەن ئېرىشىۋاتىمىز، ھەمدە بىز باشقىلارنى خۇددى ئۆزىمىزگە ئوخشاشلا جەزملەشتۈرىمىز. شۇڭا، ئۆزىنى كوجىتودا بىۋاسىتە بايقايدىغان ئادەم باشقىلارنىمۇ بايقايدۇ، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ شەرتى سۈپىتىدە بايقايدۇ. ئۇ شۇنى تونۇيدۇكى، باشقىلار ئۇنى شۇنداق قارىمىسا (مەسىلەن بىرسى يەنە بىرىنى دىنىي، ناچار ياكى كۆرەلمەس دەپ قارىغاندەك)، ئۇ ھېچنېمە بولالمايدۇ. مەن ئۆزگىنىڭ ۋاسىتىسىز ئۆزۈم ھەققىدە ھېچقانداق ھەقىقەتكە ئېرىشەلمەيمەن. ئۆزگە مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمغا كەم بولسا بولمايدۇ، ھەمدە ئۇ ئوخشاشلا مېنىڭ ئۆزۈم ھەققىدە ھەرقانداق بىلىمگە ئىگە بولۇشۇمدا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا، ئۆزۈمنى يېقىن بايقىشىم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزگىنىڭ مېنىڭ ئەركىنلىكىم بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋە ياكى مېنى قوللاشنى ياكى ماڭا قارشى چىقىشنى ئاشۇنداق قىلماي تۇرۇپ ئويلىيالمايدىغان ياكى ئىرادە قىلالمايدىغان بىر خىل ئەركىنلىك سۈپىتىدە زاھىر بولۇشىدۇر. شۇڭا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئۆزىمىزنى «سۇبيېكتئارالىق» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادا كۆرىمىز. مانا مۇشۇ دۇنيادا ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ نېمىلىكىنى قارار قىلمىسا بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، گەرچە ھەر بىر ئادەمدىن ئىنسان تەبىئىتى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال ماھىيەتنى تاپقىلى بولمىسىمۇ، بۇ يەردە يەنىلا شەرت-شارائىتنىڭ ئىنسانىي ئۇنىۋېرساللىقى بار. شۇ نەرسە تاسادىپىي ئەمەسكى، بۈگۈنكى مۇتەپەككۈرلەر ئادەمنىڭ تەبىئىتى توغرىلىق سۆزلەشكە قارىغاندا شەرت-شارائىت ھەققىدە سۆزلەشكە تېخىمۇ بەك تەيياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاز-تولا ئېنىقلىق بىلەن چۈشىنىشىدىكى ئادەمنىڭ شەرت-شارائىتى ئۇنىڭ كائىناتتىكى ماھىيەتلىك ھالىتىنى تەبىرلەيدىغان تەجرىبىدىن-بۇرۇنقى بارلىق چەكلىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ تارىخىي شارائىتى ئۆزگىرىشچاندۇر: ئادەم ياكى كۆپ-خۇدالىق دىنىي جەمئىيەتتە قۇل، ياكى ڧېئۇدال بارون ۋە ياكى پرولېتارىيات بولۇپ تۇغۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن، ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغىنى دۇنيادا بولۇشنىڭ، ئەمگەك قىلىشنىڭ ۋە ئۇ يەردە ئۆلۈشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدۇر. بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ياكى سۇبيېكتىپ ياكى ئوبيېكتىپ ئەمەس، ياكى ئۇلارنىڭ ھەم سۇبيېكتىپ ھەم ئوبيېكتىپ ئامىلى بار. ئوبيېكتىپ دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىز ئۇلارنى ھەممە يەردە ئۇچرىتىمىز ۋە ئۇلار ھەممە يەردە تونۇشلۇق: شۇنداقلا سۇبيېكتىپ دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ياشالغان ۋە ئەگەر ئادەم ئۇلارنى ياشىمىسا، ئۇلار ھېچنېمە ئەمەس—ئەگەر، يەنى، ئادەم ئۆزىنى ئەركىن قارار قىلمىسا ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇلارغا باغلانمىغان بولسا. شۇنداقلا، ئادەمنىڭ مەقسىتىنىڭ قانچىلىك كۆپ خىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچبولمىسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ماڭا پۈتۈنلەي ناتونۇش ئەمەس، چۈنكى ھەر بىر ئىنسان مەقسىتى ئۆزىنى ياكى بۇ چەكلىمىلەردىن ھالقىش، ياكى ئۇلارنى كېڭەيتىش ياكى ئۇلارنى ئىنكار قىلىش ۋە ياكى ئۆزىنى ئۇلارغا لايىقلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇرۇنۇش سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە، ھەرقانداق مەقسەتنىڭ، مەيلى ئۇ قانچىلىك دەرىجىدە ئىندىۋىدۇئال بولسۇن، ئۇنىۋېرسال قىممىتى بار. بىر ياۋروپالىق ھەرقانداق مەقسەتنى، ھەتتا ئۇ بىر جۇڭگولۇقنىڭ، ھىندىستانلىقنىڭ ۋە ئاڧرىقىلىقنىڭ مەقسىتى بولسۇن، چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنى چۈشىنەلەيدۇ دېيىشىمىزنىڭ مەنىسى شۇكى، 1945-يىلىدىكى ياۋروپالىقلار مۇئەييەن شارائىتتىن چىقىپ تۇرۇپ ئوخشاش شەكىلدىكى ئوخشاش چەكلىمىلەرگە قارىتا ئامالنىڭ بارىچە كۈرەش قىلىشى مۇمكىن، ھەمدە ئۆزىدە جوڭگولۇقنىڭ، ھىندىستانلىقنىڭ ۋە ئاڧرىقىلىقنىڭ مەقسىتىنى قايتا ئويلىشى مۇمكىن. ھەر بىر مەقسەتتە ئۇنىۋېرساللىق بار، بۇ مەنىدىن ئالغاندا ھەرقانداق مەقسەت ھەممە ئادەمگە چۈشىنىشلىك بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ-بۇ مەقسەتلەر ئادەمنى مەڭگۈلۈك تەبىرلەيدۇ دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئۇ قايتا-قايتا باشتىن ئۆتىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئەگەر بىرسىدە يېتەرلىك ئۇچۇر بولسا، ئۇنىڭ بىر دۆتنى، بالىنى، بىر ئىپتىدائىي ئادەمنى ياكى بىر چەتئەللىكنى چۈشىنەلەيدىغان بەزى مۇمكىنچىلىكلىرى بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز شۇنى ئېيتالايمىزكى بۇ يەردە ئىنسان ئۇنىۋېرساللىقى بار، لېكىن ئۇ بېرىلگەن نەرسە ئەمەس؛ ئۇ توختىماستىن بارلىققا كەلتۈرۈلىدىغان نەرسىدۇر. مەن ئۆزۈمنى تاللىغاندا بۇ ئۇنىۋېرساللىقنى بارلىققا كەلتۈرىمەن، مەن يەنە بۇ ئۇنىۋېرساللىقنى باشقا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ—مەيلى ئۇ قايسى دەۋردە ياشاۋاتقان بولسۇن—مەقسىتىنى چۈشىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىمەن. تاللاش ھەرىكىتىنىڭ بۇ مۇتلەقلىقلىقى ھەر بىر دەۋرنىڭ نىسبىيلىكىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ دەل مەركىزىگە جايلاشقىنى ئەركىن بېغىشلاشنىڭ مۇتلەق خاراكتېرىدۇر. ھەرقانداق بىر دەۋردە ياشايدىغان ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان بۇ خىل بېغىشلاش ئارقىلىق ھەر بىر ئادەم بىر خىل ئىنسانىيەتنى رېئاللاشتۇرۇشتا ئۆزىنى ۋە ئاشۇنداق مۇتلەق بېغىشلاشتىن نەتىجىلىنىدىغان كۇلتۇرال شەكىلنىڭ نىسبىيلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى رېئاللاشتۇرىدۇ. ئادەم چوقۇم كارتېزىئانىزمنىڭ نىسبىيلىكىنى ۋە كارتېزىئانچە بېغىشلاشنىڭ مۇتلەق خاراكتېرىنى ئوخشاشلا كۆزىتىشى كېرەك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، خالىساڭ شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ھەر بىرىمىز نەپەس ئېلىش، يېيىش، ئۇخلاش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق مۇتلەق نەرسىنى مەيلى قايسىلا پاسۇندا بولسۇن بارلىققا كەلتۈرىمىز. بۇ يەردە ئەركىن بارلىق—يەنى ئۆزىنى بېغىشلاش سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى تاللايدىغان مەۋجۇدات—بىلەن مۇتلەق بارلىق ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. شۇنداقلا، بۇ يەردە مۇتلەق، ۋاقىتلىق جايلاشقان، يەنى تارىخقا جايلاشقان بارلىق بىلەن ئۇنىۋېرسال ئەقلىي بارلىق ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. بۇ سۇبيېكتىۋىزم ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى پۈتۈنلەي رەت قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ رەددىيە باشقا نۇرغۇن شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇنىڭ بىرىنچىسى تۆۋەندىكىچە. كىشىلەر بىزگە دەيدۇكى: «ئۇنداقتا، سېنىڭ نېمە قىلىشىڭ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس»، ھەمدە ئۇلار بۇنى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلدا دەيدۇ.
بىرىنچىسى، ئۇلار بىزنى ئانارخىيە بىلەن ئەيىبلەيدۇ؛ ئاندىن ئۇلار: «سەن باشقىلارغا باھا بېرەلمەيسەن، چۈنكى بىر مەقسەتنى يەنە بىر مەقسەتتىن ياخشى كۆرۈشكە قارىتا ھېچقانداق سەۋەب يوق» دەيدۇ، ئاخىرىدا ئۇلار: «سېنىڭ ھەممە نەرسە پەقەتلا خالىس بولىدىغان بۇ تاللىشىڭدا، بىر قولۇڭدا بەرمەكچى بولغىنىڭ يەنە بىر قولۇڭدا ئېرىشمەكچى بولغىنىڭدۇر» دېيىشى مۇمكىن. بۇ ئۈچى ئۇنچە قاتتىق رەددىيە ئەمەس. بىرىنچى رەددىيىگە نىسبەتەن، سېنىڭ نېمىنى تاللىشىڭ مۇھىم ئەمەس دېيىش توغرا ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، تاللاش مۇمكىن. ئەمما مۇمكىن بولمايدىغىنى تاللىماسلىقتۇر. مەن دائىم تاللىيالايمەن، ئەمما شۇنى بىلىشىم كېرەككى، مېنىڭ تاللىماسلىقىمنىڭ ئۆزىمۇ بىر تاللاشتۇر. گەرچە بۇ ڧورمالدەك كۆرۈنسىمۇ، ڧانتازىيە ۋە قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشكە قارىتا قارىتا بىر چەك سۈپىتىدە غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، رېئال ئەھۋالغا يولۇققاندا—مەسىلەن، مەن بىر جىنسىي بارلىق سۈپىتىدە باشقا جىنستىكى باشقا بىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە—مەن ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىمەن، ھەمدە ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈمنى بېغىشلىغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بېغىشلىنىدىغان تاللاشقا مەسئۇل بولىمەن. ھەتتاكى مېنىڭ تاللىشىم ھەرقانداق شەكىلدىكى تەجرىبىدىن-بۇرۇن تۇرىدىغان قىممەت تەرىپىدىن قارارلاشمىسا، ئۇنىڭ ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرۈش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ: شۇنداقلا، كىمىكى بۇنى يەنە پەقەتلا ژىدنىڭ t acte gratui [22] دېگەن نەزەرىيىسى دەپ ئويلىسا، بۇ نەزەرىيە بىلەن ژىدنىڭ نەزەرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پەرقنى كۆرۈشتە مەغلۇب بولغان بولىدۇ. ژىد شەرت-شارائىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىر خىل ساپ ھالدىكى ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرۈشتۇر. ئەكسىچە، بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئادەم ئۆزىنى ئۆزى مۇناسىۋەتلەشكەن تەشكىللىك شەرت-شارائىتتا بايقايدۇ: ئۇنىڭ تاللىشى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ھەمدە ئۇ تاللاشتىن ساقلىنالمايدۇ. ياكى ئۇ چوقۇم توي قىلمىغان بولۇشى، ياكى توي قىلغان لېكىن بالىسى بولماسلىقى ياكى توي قىلغان ھەم بالىسى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ قايسىلا بىرىدە بولسۇن ۋە ئۇ نېمىنى تاللىسۇن، ئۇنىڭ شەرت-شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شەكسىزكى، ئۇ ئالدىنئالا قۇرۇلغان ھەرقانداق قىممەتكە مۇراجىئەت قىلماستىن تاللايدۇ، لېكىن ئۇنى ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرۈش بىلەن ئەيىبلەش ئادىللىق ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئەخلاقىي تاللاش سەنئەت ئەسىرىنى قۇراشتۇرۇشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ دەيمىز.
لېكىن، بۇ يەردە تېمىدىن چەتنەپ شۇنى ئېنىق قىلىۋېتىشىم كېرەككى، بىز ئېستېتىك ئەخلاقنى ئوتتۇرىغا قويمايۋاتىمىز، چۈنكى بىزنىڭ مۇخالىپلىرىمىز سەمىمىيەتسىزلىكتە بىزنى ئاشۇنىڭ بىلەن ئەيىبلىشى مۇمكىن. مەن سەنئەت ئەسىرىنى پەقەت سېلىشتۇرما قىلىش ئۈچۈن تىلغا ئالدىم. ئەگەر شۇنداق چۈشىنىلسە، بىرەرسى تەجرىبىدىن-بۇرۇن بېكىتىلگەن قائىدىلەرگە ئەگەشمەي رەسىم سىزغان بىر سەنئەتكارنى ئەيىبلەمدۇ؟ بىرەرسى ئۇ جەزمەن سىزىشى كېرەك بولغان رەسىمنىڭ نېمىلىكىنى سوراپ باقتىمۇ؟ ھەركىمگە ئايان بولغىنىدەك، بۇ يەردە ئۇ سىزىدىغان ئاللىبۇرۇن تەبىرلەنگەن رەسىم يوق؛ رەسسام ئۆزىنى بىر پارچە رەسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا تەدبىقلايدۇ، ھەمدە ئۇ جەزمەن سىزىشى كېرەك بولغان رەسىم دەل ئۇ سىزىپ چىقىدىغان رەسىمدۇر. ھەركىمگە ئايان بولغىنىدەك، بۇ يەردە تەجرىبىدىن-بۇرۇن تۇرىدىغان ئېستېتىك قىممەتلەر يوق، لېكىن رەسىمنىڭ بىردەكلىكىنىڭ مۇۋاپىق پەيتىدە ئىجاد قىلىش ئىرادىسى بىلەن تاماملانغان ئەسەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئايان بولىدىغان قىممەتلەر بار. ھېچكىم ئەتىكى رەسسامچىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ؛ بىراۋ پەقەت ئەسەر تاماملانغاندىلا ئۇنىڭغا باھا بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئەخلاق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نېمە؟ بىز ئوخشاش ئىجادىي شەرت-شارائىتتا تۇرىۋاتىمىز. بىز ھەرگىزمۇ بىر پارچە سەنئەت ئەسىرىنى مەسئۇلىيەتسىز دېمەيمىز؛ پىكاسسونىڭ بىر پارچە سىزمىسى ھەققىدە توختالغاندا، بىز شۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمىزكى، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پىكاسسو ئۇنى سىزغان چاغدىكى نەرسىگە ئايلىنىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
بۇ ئەخلاق ساھەسىدىمۇ شۇنداق. سەنئەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇنداق ئورتاقلىقى بار، يەنى ھەر ئىككىسى ئىجاد قىلىش ۋە ئىختىرا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز نېمىنىڭ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالدىنئالا بېكىتەلمەيمىز. مېنىڭچە سىلەرگە مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئاشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىدىن شۇ نەرسە يېتەرلىك دەرىجىدە ئېنىق بولدىكى، ئۇ قايسىلا خىلدىكى ئېتىكا سىستېمىسىغا، مەيلى بۇ كانتچە ياكى باشقا ئېتىكا سىستېمىسى بولسۇن، مۇراجىئەت قىلمىسۇن، ئۇ ھېچقانداق بىر يېتەكچىلىكنى تاپالمايدۇ؛ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن قانۇن ئىختىرا قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئېنىقكى، بىز بۇ ئادەمنى ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇشنى تاللاشتا—يەنى ئۆزىنىڭ ئەخلاق ئاساسلىرى سۈپىتىدە ھېسسىياتنى، شەخسىي بېغىشلاشنى ۋە كونكرېت خەير-ساخاۋەتنى تاللاشتا—مەسئۇلىيەتسىز تاللاش ئېلىپ بارىدۇ دېيەلمەيتتۇق، ئەگەر ئۇ ئېنگلەندكە كېتىشتىن ئىبارەت قۇربان بېرىشنى تاللىسىمۇ، ئۇنداق دېيەلمەيتتۇق. ئادەم ئۆزىنى يارىتىدۇ؛ ئۇ تەييار قىپ قويۇلغان ئەمەس؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىنى يارىتىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بىر ئەخلاقنى تاللىماي ئىلاجى يوق، بۇ شارائىتلارنىڭ ئۇنىڭغا چۈشۈرىدىغان بېسىمىدۇر. بىز ئادەمنى پەقەت ئۇنىڭ بېغىشلاشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن تەبىرلەيمىز؛ شۇڭا، بىزنى بىزنىڭ تاللىشىمىزدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەش بىمەنىلىكتۇر.
ئىككىنچى، كىشىلەر بىزگە «سەن باشقىلارنى باھالىيالمايسەن» دەيدۇ. بۇ بىر نۇقتىدىن ئالغاندا توغرا، ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا خاتادۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن توغرىكى، ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەقسىتى ۋە بېغىشلىشىنى بارلىق ئېنىقلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن تاللايدىكەن، مەيلى بۇ مەقسەتنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ يەنە باشقىسىنى خالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن توغرىكى، بىز ئىلگىرىلەشكە ئىشەنمەيمىز. ئىلگىرىلەش ياخشىلىنىشنى ئىشارىلەيدۇ؛ ئەمما ئادەم ھەر زامان ئوخشاش بولۇپ، دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شەرت-شارائىتقا يۈزلىنىدۇ، ھەمدە تاللاش يەنىلا ھەرۋاقىت ئاشۇ شەرت-شارائىت ئىچىدىكى تاللاشتۇر. ئەخلاقىي مەسىلە قۇللۇق بىلەن ئانتى-قۇللۇقنى تاللاش ۋاقتىدىن بېرى ئۆزگەرمەي كەلدى—مەسىلەن بۆلۈنۈپ چىقىش ئۇرۇشى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ئادەم ئاممىۋى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن كوممۇنىستلارنى تاللايدىغان ھازىرقى ۋاقىتقىچە.
بىز يەنىلا باھا بېرەلەيمىز، چۈنكى، ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئادەم ئۆزگىلەرنى ئويلاپ تۇرۇپ تاللايدۇ، ئۆزىنى باشقىلارنى ئويلاپ تۇرۇپ تاللايدۇ. ئادەم ئالدى بىلەن باھا بېرىدۇكى—ھەمدە ئېھتىمال بۇ قىممەت ھەققىدىكى ھۆكۈم بولماستىن بەلكى لوگىكىلىق ھۆكۈمدۇر—بەزى ئەھۋاللاردا تاللاش خاتالىق ئۈستىگە، يەنە بەزى ئەھۋاللاردا ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بىرسى يەنە بىرسىنى ئۆزىنى ئالدايدۇ دەپ باھالىيالايدۇ. بىز ئادەمنىڭ شەرت-شارائىتىنى ھەرقانداق باھانە ۋە ياردەمدىن مۇستەسنا ھالدىكى ئەركىن تاللاش سۈپىتىدە تەبىرلەپ كەلگەچكە، ئۆزىنىڭ قىزغىن ھېسسىياتىنىڭ باھانىسىنىڭ ياكى بەزى دېتېرمىنىستىك تەلىماتنى ئىجاد قىلىشنىڭ ئارقىسىدا پاناھلىنىدىغان ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى ئالدىغۇچىدۇر. بىراۋ بۇنىڭغا: «لېكىن، ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئالداشنى تاللىماسلىقى كېرەك؟» دەپ قارشى تۇرۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جاۋابىم شۇكى، ئۇنى ئەخلاق جەھەتتىن باھالايدىغىنى مەن ئەمەس، ئەمما مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئالدىشىنى خاتالىق دەپ تەبىرلەيمەن. بۇ يەردە ئادەم ھەقىقەتنىڭ ھۆكۈمىنى جاكارلاشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئۆزىنى ئالداش ئېنىقكى خاتادۇر، چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ بېغىشلىشىنىڭ تولۇق ئەركىنلىكىنىڭ يوشۇرۇلۇشىدۇر. ئوخشاش نۇقتىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر مەن مەلۇم قىممەتلەرنى ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەر دەپ جاكارلاشنى تاللىسام، بۇمۇ ئۆزىنى ئالداشتۇر؛ ئەگەر مەن بۇ قىممەتلەرنى ئىرادە قىلسام ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا تاڭىدۇ دېسەم، ئۆز-ئۆزۈمگە قارشى چىققان بولىمەن. ئەگەر بىرەرسى ماڭا: «ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئالداشنى خالىسام نېمە بولىدۇ؟» دېسە، جاۋابىم شۇكى: «سەن ئۇنداق قىلىشقا تامامەن يوللۇقسەن، لېكىن شۇنى جاكارلايمەنكى، سەن شۇنداق قىلىۋاتىسەن، پەقەت كەسكىن بىردەكلىكنىڭ پوزىتسىيىسىلا ئىزگۈ ئەقىدىنىڭ پوزىتسىيىسىدۇر.» ئۇنىڭدىن سىرت، مەن بىر ئەخلاقىي ھۆكۈمنى ئېلان قىلالايمەن. چۈنكى، شۇنداق جاكارلايمەنكى، كونكرېت ئەھۋاللار نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئەركىنلىكنىڭ ئۆزىدىن باشقا مەقسىتى ۋە نىشانى بولالمايدۇ؛ ھەمدە ئادەم قىممەتلەرنىڭ ئۆزىگە تايىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ كەلگەندىلا، ئۇ ئاشۇ تاشلىۋېتىلىش ھالىتىدە پەقەت بىرلا ئىشنى ئىرادە قىلالايدۇ، ھەمدە ئەركىنلىك بارلىق قىممەتلەرنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ ئەركىنلىكنى ئابستراكتلىقتا ئىرادە قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس: بۇ ئاددىي ھالدا شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئىزگۈ ئەقىدىلىك ئادەملەرنىڭ ھەرىكەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاداققى ئەھمىيىتى سۈپىتىدە ئەركىنلىكنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش بار. بەزى كوممۇنىستىك ياكى ئىنقىلابىي جەمئىيەتكە تەۋە ئادەم ئەركىنلىك ئىرادىسىنى ئىشارىلەيدىغان مەلۇم كونكرېت مەقسەتلەرنى ئىرادە قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئەركىنلىك جامائەت ئىچىدە ئىرادە قىلىنىدۇ. بىز ئەركىنلىكنى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللار ئارقىلىق ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىرادە قىلىمىز. ھەمدە ئەركىنلىكنى مانا مۇشۇنداق ئىرادە قىلىشتا ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە، ئۆزگىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزگە تايىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئېنىقكى، ئادەمنىڭ تەبىرى بولۇش سۈپىتىدىكى ئەركىنلىك ھەرگىزمۇ ئۆزگىلەرگە تايانمايدۇ، لېكىن بېغىشلاشلا بولىدىكەن، مەن باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكىدەك ئىرادە قىلىشقا مەجبۇرلىنىمەن. مەن ئۆزگىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ئوخشاش ھالدا ئۆزۈمنىڭ مەقسىتى قىلماي تۇرۇپ، ئەركىنلىكنى ئۆزۈمنىڭ مەقسىتى قىلالمايمەن. نەتىجىدە، مەن—تامامەن ھەقىقىي بولغان سۈپەتتە—ئادەمنىڭ بارلىقىنىڭ ماھىيىتىدىن ئىلگىرى تۇرىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن باشقا نەرسىنى ئىرادە قىلالمايدىغان ئەركىن بارلىق ئىكەنلىكىنى تونۇغىنىمدا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىرادە قىلماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ تونۇيمەن. شۇڭا، ئەركىنلىكنىڭ ئۆزىدە ئىشارىلىنىدىغان ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ نامىدا، مەن ئۆزلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ پۈتۈنلەي خالىس ماھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ تولۇق ئەركىنلىكىنى يوشۇرۇشنى ئىزدىگۈچىلەرگە قارىتا ھۆكۈملەرنى تۈزىمەن. مەن بۇ تولۇق ئەركىنلىكنى كەسكىنلىكنىڭ نىقابى ياكى دېتېرمىنىستىك باھانىلەر بىلەن يوشۇرغۇچىلارنى قورقۇنچاقلار دەپ ئاتايمەن. مەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى ئايان بولۇشىنىڭ پەقەت تاسادىپىيلىقى بولغاندا، زۆرۈر قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغانلارنى ئىپلاسلار دەپ ئاتايمەن. قورقۇنچاقلار بىلەن ئىپلاسلارنىڭ ھېچقايسىسىنى كەسكىن ھەقىقىيلىقنىڭ ساھەسىسىز پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، گەرچە ئەخلاقنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىرىشچان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەلۇم شەكلى ئۇنىۋېرسالدۇر. كانت شۇنى جاكارلىدىكى، ئەركىنلىك ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىرادە قىلىشتۇر. بۇنىڭغا قېتىلىمەن: ئەمما ئۇ ڧورمال ۋە ئۇنىۋېرسال شەيئىنى ئەخلاقنىڭ بەرپا بولۇشىغا يېتەرلىك دەپ قارايدۇ. بىز بۇنىڭ ئەكسىچە ھەرىكەتنى تەبىرلەشتە پرىنسىپلار بەكلا ئابستراكت بولغاچقا تەدبىقلاش تەس دەپ قارايمىز. ھېلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاھۋالىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقايلى: سەن ئۇنى ئەخلاقنىڭ ئالتۇن قانۇنى نامىدىكى قايسى نوپۇزغا تايىنىپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ياكى ئانىسىدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇشنى تاللىيالايتتى دەپ قارايسەن؟ بۇ يەردە باھا بېرىشنىڭ يوللىرى يوق. بۇ مەزمۇن دائىم كونكرېتتۇر، شۇڭا ئالدىن پەرەز قىلىغىلى بولمايدۇ؛ ئۇ دائىم ئىختىرا قىلىنىپ تۇرمىسا بولمايدۇ. مۇھىم نەرسە ئىختىرانىڭ ئەركىنلىكنىڭ نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان-بېرىلمايدىغانلىقىنى بىلىشتۇر.
مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئىككى پاكىتنى تەكشۈرۈپ باقايلى، شۇنىڭدا سەن ئۇلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قارىماي يەنىلا قانچىلىك دەرىجىدە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. «يىپەكتىكى تۈگمەن»[23] دېگەن مىسالنى ئالايلى. بىز بۇنىڭدا قىزغىن ھېسسىياتنىڭ نامايەندىسى بولغان ۋە ئۇنى ئاڭقىرىپ تۇرغان ياش ئايال مەگى تالىۋېرنى بايقايمىز. ئۇ ئۇنچە تارتىملىق بولمىغان يەنە بىر ئايال بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ستېڧېن بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ. بۇ مەگى تالىۋېر ئۆزىنىڭ بەختىنى ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمىغان ھالدا قوغلاشماستىن، ئۆزىنى ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى نامى بىلەن قۇربان قىلىشنى تاللايدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ سۆيگەن ئادىمىدىن ۋاز كېچىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ستېندالنىڭ «پارمادىكى كارتۈژېن[24] موناستىرى» دېگەن ئەسىرىدىكى قىزغىن ھېسسىياتنىڭ ئادەمگە ھەقىقىي قىممەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان لا ساسېۋېغىن ئۇلۇغۋار ھېسسىيات ئۆزىنىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئاقلايدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇلۇغۋار ھېسسىياتنىڭ ستېڧېننىڭ بېشىنى ئۇ پۈتۈشكەن دۆت قىز بىلەن باغلايدىغان ئاشۇ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ مەنىسىزلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولاتتى. ئۇ قۇربان بېرىشنى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەختىنى ھېس قىلىشتا ستېڧېننى تاللىغان بولاتتى، ھەمدە، ستېندال كۆرسەتكىنىدەك، ئەگەر ھايات ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلسا، ئۇ قىزغىن ھېسسىيات ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلاتتى. بۇ يەردە بىز بىر-بىرى بىلەن قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئەخلاققا دۇچ كەلدۇق؛ لېكىن شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەر ئىككى پاكىتتا ھەممىنى باشقۇرىدىغان مەقسەت ئەركىنلىك بولغاچقا، ئۇلار ئوخشاشتۇر. سەن ئۈنۈمى تامامەن ئوخشاش بولغان ئىككى پوزىتسىيىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسەن، يەنى بىر قىز ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ سۆيگۈنىدىن ۋاز كېچىشى، يەنە بىرى بولسا جىنسىي ئىستەكلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇشى داۋامىدا ئۆزى سۆيگەن ئادەمگە ئاللىبۇرۇن چاي ئىچۈرۈلگەنلىكىگە سەل قارىشى مۇمكىن؛ ھەمدە، تاشقىي جەھەتتىن بۇ ئىككى پاكىت بىز ھېلى نەقىل ئالغان ئىككى پاكىتقا ئوخشاش كۆرۈنۈشى مۇمكىن، گەرچە ئۇلار ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي پەرقلىق بولسىمۇ. لا سانسېۋېنىغنىڭ پوزىتسىيىسى پەرۋاسىز ئاچكۆزلۈككە قارىغاندا مەگى تالىۋېرنىڭ پوزىتسىيىسىگە ناھايىتى يېقىندۇر. شۇڭا، سەن ئىككىنچى رەددىيىنىڭ بىرلا ۋاقىتا ھەم توغرا ھەم خاتالىقىنى كۆرىسەن. ئادەم ھەرقانداق نەرسىنى تاللىيالايدۇ، پەقەت ئۇ ئەركىن بېغىشلاش ئۈستىگە قۇرۇلسىلا.
«سەن بىر قولۇڭدا بەرگەننى يەنە بىر قولۇڭدا ئېلىۋالىسەن» دېگەن ئۈچىنچى رەددىيىنىڭ مەنىسى ماھىيەتتە شۇكى، «سېنىڭ قىممەتلىرىڭ كەسكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنى ئۆزۈڭ تاللايسەن.» بۇنىڭغا قارىتا شۇنىلا دېيەلەيمەنكى، مەن ئۇنىڭ شۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىدىن ئەپۇ سورايمەن؛ لېكىن، ئەگەر خۇدائاتىنى چىقىرىۋەتكەن بولساق، بۇ يەردە چوقۇم بىرسى قىممەتلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. بىز شەيئىلەر قانداق بولسا، شۇنداق قوبۇل قىلمىساق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ قىممەتلەرنى ئىختىرا قىلىمىز دېگىنىمىزنىڭ مەنىسى دەل شۇكى، ھاياتنىڭ تەجرىبىدىن-بۇرۇن تۇرىدىغان مەنىسى يوق. ھايات ياشالمىغۇچە ھېچ نەرسە ئەمەس؛ ئۇنى مەنىگە ئىگە قىلىدىغىنى سەن، ھەمدە ئۇنىڭ قىممىتى سەن تاللىغان مەنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا، بۇ يەردە ئىنسان جامائىتىنى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرەلەيسەن. مەن مەۋجۇدىيەتچىلىكنى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ بىر شەكلى دېگەننى تەشەببۇس قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئەيىبلىنىپ كەلدىم: كىشىلەر مەندىن: «لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ <كۆڭلى ئېلىشىش> دېگەن ئەسىرىڭدە ئىنسانپەرۋەرلەرنى خاتا دەپ يازغانىدىڭ، ھەتتا مەلۇم خىل ئىنسانپەرۋەرلىكنى زاڭلىقمۇ قىلغانىدىڭ، ئەجەبا ئەمدىلىكتە نېمىشقا بۇ ۋەدەڭدە تۇرمايسەن؟» دەپ سوراپ تۇرىۋاتىدۇ. رېئاللىقتا ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن سۆزنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىككى خىل مەنىسى بار. بىراۋ ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە-مەقسەت ۋە ئالىي قىممەت ئىكەنلىكىنى قوللايدىغان نەزەرىيە دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلەن كوكتونىڭ «دۇنيانى 80 سائەتتە ئايلىنىش» دېگەن ئەسىرىدىكى بىر پېرسۇناژنىڭ ئايروپىلاندا تاغلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋېتىپ، «ئادەم كارامەتتۇر!» دەپ جاكارلىغىنىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، گەرچە مەن ئۆزۈم ئايروپىلانلارنى ياساپ باقمىغان بولساممۇ، مەن ئاشۇ ئالاھىدە ئىختىرالارنىڭ خاسىيىتىدىن نەپ ئالدىم ھەمدە ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنى ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلەرگە تەئەللۇق بولغان غەلىبىلەرگە مەسئۇل ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلەندىم دەپ قارىيالايمەن. بۇ شۇنى قىياس قىلىشكى، بىز ئادەمگە مەلۇم ئادەملەرنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قىممەت ئاتا قىلالايمىز. بۇ خىل ئىنسانپەرۋەرلىك بىمەنىدۇر، چۈنكى پەقەت ئىت ياكى ئاتلا ئادەمگە ئومۇمىي باھانى جاكارلايدىغان ئورۇندا بولىدۇ ۋە ئادەمنى ئۆزلىرىنىڭ دۆتلۈكىدىن چىقىپ تۇرۇپ قىلىپ بولالمايۋاتقان ئىشلارنى قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك كارامەتتۇر دەپ جاكارلايدۇ. لېكىن، بىر ئادەمنىڭ ئادەم ھەققىدىكى باھانى جاكارلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. مەۋجۇدىيەتچىلىك بۇ تۈردىكى ھۆكۈمنىڭ ھېچقاندىقىنى ئىشلەتمەيدۇ: بىر مەۋجۇدىيەتچى ئادەمنى ھەرگىزمۇ مەقسەت دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەنىلا بەلگىلىنىدۇ. ھەمدە بىزنىڭ ئىنسانىيەتنى—خۇددى ئوگۈست كونتنىڭ پەدىسىدە—بىز بىر تەرىقەت تۈزۈپ بېرىدىغان نەرسە دەپ قاراشقا ھوقۇقىمىز يوق. ئىنسانپەرۋەرلىك چوقۇنۇشى كونتچە ئىنسانپەرۋرلىكتە، ئۆز-ئۆزىگە بېكىنىشتە ھەمدە—بۇ چوقۇم دېيىلىشى كېرەك—ڧاشىزمدا ئاياقلىشىدۇ. بىزگە بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك كېرەك ئەمەس.
لېكىن، بۇ سۆزنىڭ مۇنداق ماھىيەتلىك مەنىسىمۇ بار: ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سىرتىدادۇر: ئۆزىنى ئۆزىدىن ھالقىغان ھالدا پرويېكسىيىلەش ۋە يوقىتىشتا ئۇ ئادەمنى مەۋجۇت قىلىدۇ ھەمدە، يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھالقىما نىشانلارنى كۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنى مەۋجۇت قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەم ئۆزىدىن ھالقىش ھەمدە ئوبيېكتلارنى ئۆزىنىڭ ئۆزلۈك-ھالقىشىغا مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق چۈشىنىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھالقىمىلىقىنىڭ يۈرىكى ۋە مەركىزىدۇر. ئىنسان ئالىمىدىن، ئىنسان سۇبيېكتلىقىنىڭ ئالىمىدىن، باشقا ئالەم يوقتۇر. بىز بۇ ھالقىمىلىق[25] مۇناسىۋىتىنى، يەنى ئادەمنى (بۇ خۇدا ھالقىمىدۇر دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزلۈكنىڭ ھالقىشى دېگەن مەنىدىدۇر) سۇبيېكتلىق (ئادەم ئۆزىگە بېكىنگەن مەنىدە ئەمەس بەلكى مەڭگۈ ئىنسان ئالىمىدە ئاياندۇر دېگەن مەنىدىدۇر) بىلەن بىللە تەشكىل قىلىدىغان ھالقىمىلىقنى مەۋجۇدىيەتچە ئىنسانپەرۋەرلىك دەپ ئاتايمىز. بۇ ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر، چۈنكى بىز ئادەمنىڭ ئېسىگە ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا قانۇن تۈزگۈچىنىڭ يوقلۇقىنى؛ ئۇنىڭ ئۆزىلا، تشلىۋېتىلگەچكە، چوقۇم ئۆزى ئۈچۈن قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى سالىمىز؛ شۇنداقلا چۈنكى بىز ئۆزىگە قايتىپ كېلىش بىلەن ئەمەس بەلكى داۋاملىق ئۆزىدىن ھالقىپ تۇرۇپ ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدىغان ئەركىنلىكنىڭ بىرى بولغان ياكى بەزى ئۆزگىچە رېئاللىشىش سۈپىتىدىكى بىر نىشاننى ئىزدەيدۇ دەپ كۆرسىتىمىز.
بۇ بىرنەچچە چوڭقۇر ئويلىنىشلاردىن سەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ كىشىلەرنىڭ بىزگە قاراتقان رەددىيىلىرىدىنمۇ ئۆتە ناھەق ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيسەن. مەۋجۇدىيەتچىلىك داۋامىي ئاتېئىزملىق مەۋقەدىن تولۇق يەكۈنلەرنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئادەملەرنى ئۈمىدسىزلىككە غەرق قىلىش ئەمەس. ھەمدە ئەگەر ئۈمىدسىزلىكنى بىرسى خرىستىئانلار چۈشەنگەندەك چۈشەنسە—يەنى ئەقىدىسىز پوزىتسىيە دەپ چۈشەنسە، مەۋجۇدىيەتچىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىكى بۇنىڭدىن پەرقلىقتۇر. مەۋجۇدىيەتچىلىك بۇ مەنىدىن ئاتېئىزمچى ئەمەس، يەنى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىشلار بىلەن ھاردۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ شۇنى جاكارلايدۇكى، ھەتتا خۇدا مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئۇنىڭ قارىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى. بىز خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىمىز دېمەيۋاتىمىز، بىزنىڭ قارىشىمىزچە رېئال مەسىلە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسى ئەمەس؛ ئادەمگە كېرىكى ئۆزىنى قايتا تېپىش ۋە ھېچنېمىنىڭ ھەتتا ھەتتا خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ پاكىتلىق ئىسپاتلىنىشىنىڭمۇ ئۇنى ئۆزىدىن قۇتقۇزالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشتۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەۋجۇدىيەتچىلىك ئوپتىمىستىكتۇر. ئۇ ھەرىكەت تەلىماتىدۇر، خرىستىئانلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى بىزنىڭكىگە چېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئۆزىنى ئالداشتىلا بىزنى ئۈمىدسىزلىك سۈپىتىدە تەسۋىرلىيەلەيدۇ.
نەقىللەر


[1]سارترنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كارول مەكامبېرنىڭ 2007-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن 1970-يىلى ڧولىئو نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ڧرانسۇزچە نۇسخىسىغا ئاساسەن ئىشلەندى—تەرجىماندىن (بۇنىڭدىن كېيىن ت ھەرپى بىلەنلا قىسقارتىلىپ ئېلىنىدۇ).
[2] كۋايتىزم 17-ئەسىردە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ھەرىكەت قىلماسلىق، پاسسىپ پىكىرلىنىش، ئىچكى ھاياتقا دىققەت بېرىش ھەمدە رېئال دۇنيا بىلەن ئارىلاشماسلىقنى تەرغىب قىلىدىغان خرىستىئان مىستىسىزمىدۇر--ت.
[3] «ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» ڧرانسىيە پەيلاسوپى رېنې دېكارتنىڭ مەشھۇر پەلسەپىۋى بايانى بولۇپ، لاتىنچىسى Cogito ergo sum ؛ ڧرانسۇزچىسى Je pense donc je suis؛ ئىنگلىزچىسى I think, therefore I am دۇر. بۇ بايان ئۇنىڭ بارلىق گۇمانلاردىن خالىي ھەمدە ئېنىق ۋە خاس ئىدىيىگە يېتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاسىلاتىدۇر. يەنى، مەن ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىشتە مەيلى ناھايىتى ھىيلىگەر ئالۋاستى تەرىپىدىن ئالدىناي، ياكى بۇ مېنىڭ بىر خام خىيالىم ۋە ياكى چۈشۈم بولسۇن، شۇ نەرسە ئېنىق ۋە شەكسىزكى، مەن ئويلاۋاتىمەن. «(مەن) ئويلاۋاتىمەن» (كوجىتو، ياكى لاتىنچىسى Cogito) پۈتكۈل بىلىمنىڭ ئاساسىدۇر، چۈنكى مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىم ئېھتىمال خاتا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، مەن ئويلاۋاتىمەن: مېنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىم، مېنىڭ تېنىم، باشقىلار ۋە تاشقى دۇنيا توغرىسىدىكى بارلىق تۇيغۇلىرىم ۋە تەسىراتلىرىم باشقا بىر ھىيلىگەر ئالۋاستى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ساختىلىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ ئويلاۋاتقانلىقىمدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ساختا .ئەمەس ، بەلكى ھەقىقىيدۇر. بۇ نۇقتىدا مەن خاتالاشمايمەن ھەم ھېچكىم مېنى ئالدىيالمايدۇ شۇڭا، بۇ پەلسەپىۋى بايان ئۆز-ئۆزىدىن ئېنىق پاكىت بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ھەقىقەتلەر تۈرلىنىپ چىقىدۇ--ت.
[4] كوجىتو دېكارتنىڭ «ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېگەن بايانىنىڭ لاتىنچىسىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى بولۇپ، «ئويلايمەن»--يەنى ئويلايدىغان سۇبيېكت—دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ--ت.
[5] پېسسىمىزم لاتىنچە pessimus (ئەڭ ناچار) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ھاياتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتەك ۋاقىتلىق پىسخولوگىيىلىك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈمىدسىزچىلىك» دەپ ئېلىشقا بولىدۇ--ت.
[6] ئوپتىمىزم لاتىنچە optimum (ئەڭ ياخشى) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ھاياتنى پۈتۈنلەي مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ۋاقىتلىق پىسخولوگىيىلىك ھالەتنى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا كەلگۈسىدىكى ئەڭ ياخشى مۇمكىنچىلىكتىكى نەتىجىنى كۈتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈمىدچىلىك» دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ--ت.
[7] بۇ سۆز ئەسلى لاتىنچە a prior بولۇپ، لۇغەت مەنىسى بېرىلگەن تەبىرلەر ۋە قىياسلانغان پرىنسىپلار ئارقىلىق نەتىجىنى دېدۇكسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش (دېدۇكسىيىلەش) ياكى خۇلاسىلەشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا، تەجرىبە ئارقىلىق ئەمەس بەلكى پەقەت ئەقىل ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدىغان—مەسىلەن ماتېماتىكىلىق ھۆكۈمنى (شەيئىنى)، يەنى تەجرىبىدىن-بۇرۇنقى شەيئىنى—كۆرسىتىدۇ. بۇ كانتنىڭ پەلسەپىسىدە تەبىر ئارقىلىقلا مەلۇم ھۆكۈمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئايرىشتەك ئانالىتىكىلىق ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن «بويتاق» سۆزىنىڭ تەبىرى ئارقىلىقلا بىز ئۇنىڭ «توي قىلمىغان ئادەم» ئىكەنلىكىنى تەجرىبىگە تايانماستىن بىلەلەيمىز—ياكى ئۇنى دېدۇكسىيەلەيمىز. ئۇشبۇ تەرجىمىدە بۇ سۆز كەلگەن تىل كونتېكىستىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، «ئاۋۋالقى» ياكى «تەجرىبىدىن-بۇرۇنقى» دەپ ئېلىندى. كېيىنكى ئېلىنىش ئۇنىڭ كانتنىڭ پەلسەپىسىدىكى ئانالىتىكىلىق قوللىنىلىشىنى ئاساس قىلغان--ت.
[8] خرىستىئان دىنىغا كۆرە،«ئىنساننىڭ پادىشاھلىقى» ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خرىستىئان دىنىدا «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى» ئۇشبۇ سۆزنىڭ قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزى بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھوقۇقلۇق خۇدانىڭ جەننەت ۋە پانىي دۇنيادىكى بارلىق يارالمىش ۋە شەيئىلەرگە قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدۇ.—ت.
[9] بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم دېگەن مەنىدە—ت.
[10] بۇ سۆزنى يەنە ئۆزىنى ئالداش دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ («ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت» دېگەن ماقالىگە قاراڭ)—ت.
[11] سارتر بۇ يەردە ئىسلام دىنى، يەھۇدىزم ۋە خرىستىئان دىنلىرىدىكى ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ—ت.
[12] بۇ ئاتالغۇ سېكۇلارىزم (ئىنگلىزچىسى Secularism، ڧرانسۇزچىسى Le sécularisme) دېگەن ئاتالغۇدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ياكى دىنىي ئېتىقادلاردىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەسلەكتۇر--ت.
[13] دېتېرمىنىزم (ئىنگلىزچىسىDeterminism، ڧرانسۇزچىسى Le déterminisme) ھادىسىلەرنى بېرىلگەن كونتېكىستتە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن شۇنداق بەلگىلەنگەنكى، ئۇلار ئىلگىرىكى ھالەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ياكى قارارلاشقان دەپ قارايدىغان ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ. پەلسەپىۋى نۇقتىئىينەزەرلەردە، دېتېرمىنىزم ئادەتتە ئەركىن ئىرادە بىلەن قارىمۇ قارشى قىلىپ چۈشىنىلىدۇ. دېتېرمىنىزم ئەخلاقىي دېتېرمىنىزم، ئالەملىك دېتېرمىنىزم ۋە تېئولوگىيىلىك (ئىلاھىيەتچىل) دېتېرمىنىزم دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئەخلاقىي دېتېرمىنزمنىڭ قارىشىچە، ئىرادىنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ئۇنى بەلگىلەيدىغان شۇنداقلا ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدىغان سەۋەبلەردىن بارلىققا كېلىدۇ. ئالەملىك دېتېرمىنىزمنىڭ قارىشىچە، تەبىئەتتىكى بارلىق ھادىسىلەر ئالدىنقى سەۋەبلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ياكى تەبىئەت قانۇنى بويىچە يۈز بېرىدۇ. ئىلاھىيەتچىل دېتېرمىنىزم بارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن دەپ قاراش بولۇپ، تەقدىرچىلىكنى كۆرسىتىدۇ--ت.
[14] «ھەمكارلاشقۇچى» دېگەن بۇ سۆز گېرمانلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ڧرانسىيىگە بېسىپ كىرگەندە ، ڧرانسىيىدە قۇرۇلغان قورچاق ھۆكۈمەت ۋىچى دەۋرىدە (1940-يىلى ئىيۇلدىن 1944-يىلى ئاۋغۇستقىچە) گېرمانلار بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۇقىرى دەرىجىدە ھەمكارلاشقان ڧرانسۇزلارنى كۆرسىتىدۇ—ت.
[15] بۇ كانتنىڭ ئېتىكىسىدىكى مۇتلەق بۇيرۇقنىڭ ئىككىنچى پرىنسىپىدۇر: «شۇنداق ھەرىكەت قىلغىنكى، سەن ئىنسانىيەتكە—مەيلى ئۇ سەن ياكى باشقا ھەرقانداق بىر شەخس بولسۇن—ھەرگىزمۇ پەقەت بىر مەقسەتنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دائىم بىر مەقسەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان» (ئىممەنيۇل كانت، «ئەخلاق مېتاڧىزىكىسىنىڭ ئاساسى»، مەرى ج. گرېگېرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى (كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1997-يىلى)، 36-بەت). كانتنىڭ مەزكۇر مۇتلەق بۇيرۇقى كانتچە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئاساسى بولۇپ، باشقىلارنى—گەرچە ئۇلار بەزىدە مېنىڭ مەقسىتىم ئۈچۈن ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزىگە مەقسەت بەلگىلەيدىغان ۋە خۇددى ماڭا ئوخشاش ئەپتونومىيىلىك ئىرادىگە ئىگە ئەقلىي بارلىقلارنى—ھەرۋاقىت ھۆرمەتلەشنى بىر خىل مۇكەممەل مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئات بىلەن بىر تاكسى شوپۇرىنى ئالساق، كانتنىڭ قارىشىچە ئاتنى ھەرۋاقىت قاتناشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلانغىلى بولىدۇ؛ گەرچە تاكسى شوپۇرىنىمۇ قاتناشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئاتقا ئوخشاش پەقەتلا بىر مەقسەتنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدىلا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېچقانداق ۋاسىتىگە تارايتقىلى بولمايدىغان ھەمدە ئۆز-ئۆزىگە مەقسەت بولىدىغان ئەقلىي بارلىقتۇر--ت.
[16] ئىنستىنكت (ئىنگلىزچىسى Instinct، ڧرانسۇزچىسى L'instinct) بولۇپ، جانلىق ئورگانىزملاردىكى تەبىئىي ھەم ئېرسىي يۈزلىنىش، قوزغىلىش ياكى ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ--ت.
[17] رەزىل چەمبەر (ئىنگلىزچىسى Vicious circle، ڧرانسۇزچىسى Cercle vicieux) لوگىكىلىق سەپسەتە بولۇپ، ئالدىنقى شەرت يەكۈننى، ھەمدە يەكۈن ئالدىنقى شەرتنى ئىسپاتلاشتا قوللىنىلىدىغان دەلىللەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۇ بىر يەكۈننىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئاشۇ يەكۈندىن مۇستەقىل ھالدا تۇرغۇزغىلى بولمايدىغان ئالدىنقى شەرتلەردىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەلىللەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «قانچە سەمىرىپ كەتسەم، شۇنچە كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، شۇڭا كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە يەيمەن، بۇ مېنى تېخىمۇ سەمرىتىۋېتىدۇ»—مانا بۇ رەزىل چەمبەردۇر--ت.
[18] بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Jesuitism، ڧرانسۇزچىسى Le Jésuitisme بولۇپ، 1534-يىلى سېينت ئىگناتىئۇس لويولا تەرىپىدىن قۇرۇلغان خرىستىئان دىنىي جەمئىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قائىدە-قانۇن ۋە پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان دەلىللەشنى رەت قىلىپ، شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ۋىجداننىڭ ئەركىنلىكىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دىنىي تەرىقەت سۈپىتىدىكى بۇ دىنىي جەمئىيەت ئۆزىنىڭ مۇخالىپلىرى تەرىپىدىن ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى ئەقىللىق ئەمما ساختا بولغان دەلىللەر ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىدۇ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ—ت.
[19] جېزيىئۇتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىنى كۆرسىتىدۇ—ت.
[20] جىنيېس (ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىدا گېنىئاللىق دەپمۇ ئېلىنغان) نىڭ ئىنگلىزچىسىgenius A، ڧرانسۇزچسى Un genie دۇر. ئۇ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىجادىي پائالىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان كەم ئۇچرايدىغان ۋە پەۋقۇلئاددە ئەقلىي كۈچنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ھالقىما ئەقلىي ئۈستۈنلۈككە، كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىجادچانلىققا ۋە كەم ئۇچرايدىغان ئەقىلگە ئىگە ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ تالانتتىن پەقلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئەقلىيە سۆزلەردىن جىنيېس بىلەن تالانتنىڭ پەرقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ: «تالانت ھېچكىم تەگكۈزەلمەيدىغان نىشانغا تەگكۈزىدۇ؛ جىنيېس ھېچكىم كۆرەلمەيدىغان نىشانغا تەگكۈزىدۇ.» (ئارتۇر شوپېنخاۋېر)؛ «باشقىلار ئۈچۈن قىيىن بولغاننى ئاسانلا قىلىش تالانتتۇر؛ تالانت ئۈچۈن مۇمكىن بولمىغاننى قىلىش جىنيېستۇر» (ھېنرى-ڧرېدېرىك ئامېل)--ت.
[21] بۇ سارترنىڭ «ئەركىنلىك يوللىرى» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسقىسىدا تەرجىمە قىلىنماي، ڧرانسۇزچە پېتى ئېلىنغان. شۇڭا، بۇ ئەسەر ئىسمى ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىگە ئوخشاش، تەرجىمە قىلىنماي، ئۆز پېتى ئېلىندى.
[22] acte gratuitڧرانسىيە يازغۇچىسى ئانجرې ژىدنىڭ 1914-يىلى ئېلان قىلغان «ۋاتىكان يەر ئاستى ئۆيلىرى» دېگەن رومانىدا ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، پۈتۈنلەي مەقسەتسىز ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى پويىزدا بىر بوۋاينى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا پويىزدىن پەسكە ئىتتىرىۋېتىدۇ. بۇ ئۇقۇم نۇرغۇن بەھسنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ—مەسىلەن بەزى ئۈسترېئالىستلارنىڭ—ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇشبۇ سۆز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسدە ڧرانسۇزچە پېتى ئېلىنغان—ت..
[23] بۇ جورج ئېلىئوتنىڭ 1860-يىلى نەشر قىلىنغان ئەسىرىدۇر--ت.
[24] كارتۈژېن دېگەن بۇ سۆز كاتولىك دىنىنىڭ 1084-يىلى كېلونلۇق سېينت برۇنو تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەمدە مۇناستېردا جەمئىيەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ جامائەت سۈپىتىدە ياشاشنى تەرغىب قىلىدىغان كارتۈژېن تەرىقىتىنى كۆرسىتىدۇ--ت.
[25] بۇ سۆز ئەسلى لاتىنچە transcendens (مەنىسى ھالقىش) بولۇپ، ئىنگلىزچىسى transcendence ، ڧرانسۇزچىسى transcendence دۇر. ئۇشبۇ سۆزنىڭ مەزكۇر تېكىستتە ئىككى خىل مەنىسى بار. بۇنىڭ بىرى، «بارلىق ۋە يوقلۇق» تا سارتر ئۇشبۇ ئاتالغۇنى ئۆزلۈكنىڭ ئوبيېكتكە يۈزلىنىشچان دۇنياغا بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەمدە بىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان كونكرېت مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. سارتر بەزى چاغلاردا ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى (بۇ ھەقتە «ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت» دېگەن ماقالىگە قاراڭ) نى ھالقىمىلىق دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر ئۆزگە ماڭا دۇنيادىكى باشقا ئوبيېكتلاردەك بىر ئوبيېكت سۈپىتىدە كۆرۈنسە، ئۇ ھالقىمىلانغان-ھالقىمىلىققا ئايلىنىدۇ (transcendence-transcended). ئەگەر ئۆزلۈك ئۆزگىنى ئۆزگىلەرنىڭ دۇنياسىدا ۋە ئۆزىنىڭ سۇبيېكتلىقىغا ساھىب چىققان ھالدا بايقىسا، بۇ ھالقىمىلايدىغان ھالقىمىلىق دەپ ئاتىلىدۇ (transcending-transcendence). دېمەك، سارتر ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھالقىمىلىق ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. (ژان پول سارتر، «بارلىق ۋە يوقلۇق»، خېيزېل بارنېس ئىنگلىزچە تەرجىمىسى (كولورادو ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، 2001-يىل)، 185-بەت. )
يەنە بىرى ئۇنىڭ دىنىي مەنىسى بولۇپ، ڧىزىكىلىق مەۋجۇتلۇقتىن ھالقىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان شارائىتنى ياكى بارلىقنىڭ بىر خىل ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇرغۇن دىنلاردا ئىلاھىي ئۇقۇمدا جەزملىشىدۇ. سارترنىڭ بۇ يەردە ھالقىمىلىق ئۇقۇمى ئارقىلىق دېمەكچى بولىۋاتقىنى ئىنسانلار دۇنياسىدىن—پانىي دۇنيادىن—ھالقىغان مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھالقىمىلىقنىڭ ئەكسى ئىنگلىزچە immanence بولۇپ، مېتاڧىزىكىلىق ۋە پەلسەپىۋى قاراشلارغا كۆرە بەزى ئىلاھىي ماھىيەتلەر ياكى مەۋجۇتلۇق ڧىزىكىلىق—ماددىي—دۇنيادا ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئايان قىلىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزنى ئۇيغۇر تىلىدا ياكى «پەسلىمىلىك» ياكى «ھەر-يەردە-بولماق» («ھەر-يەردە-بولۇنما») دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ--ت.

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز