تىلنىڭ چېكى


تىلنىڭ چېكى

ئوسۋېنچىندىن كېيىن، شېئىر يېزىش ياۋايىلىقتۇر.
--ئادورنو

تىل ئىنسانلار ياراتقان بىردىنبىر چەكسىزلىكتۇر. ئۇنىڭ چەكسىزلىكى بۇ چەكسىز ئالەمگە تەققاسلىنىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئەرزىمەس ھېسلىرىدىن تارتىپ ئەڭ بۈيۈك غايىلىرىگىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ بىمەنە غەلدى-غەشلىرىدىن تارتىپ ئەڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىرىغىچە ھەممىنى پۈتمەس-تۈگىمەس مۇمكىنچىلىكتە ئىپادىلىيەلەيدۇ. تىل، بۇ مەنىدىن، ئىنساننى چەكسىزلىكتە تەبىرلىيەلەيدۇ. ئۇنى چەكسىزلىككە ئاچالايدۇ.  
ئەمما، بىر قەتلىئامدىن كېيىن ئۇ چەكسىزلىكىدىن قالىدۇ. ئادورنو ئۈچۈن،شېئىر ئوسۋېنچىندىن بۇرۇن مەدەنىيلىك بولسا، ئوسۋېنچىندىكى ناتزى قەتلىئامىدىن كېيىن  ياۋايىلىققا ئۆزگىرىدۇ. مەن ئۈچۈن، تىل ئۇيغۇر قەتلىئامىدىن ئىلگىرى چەكسىزلىك بولسا، بۇ قەتلىئامدىن كېيىن چەكلىكلىككە ئۆزگىرىدۇ. ئادورنو ئۈچۈن، شېئىر يېزىش ئوسۋېنچىندىن كېيىن شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايىلىقكى، ئۇنىڭدا سۆزلىگۈسىز بىر ۋەھشىيلىكنى بىلىپ-بىلمەي گۈزەللەشتۈرۈپ قويۇش قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ھەتتا ئۇ مەھرۇمىيەت مىنۇتلىرىدا، يوقىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ئىنسان ئۈچۈن بىر تەسەللى بولالىسىمۇ. شۇڭا، ئۇ سۆزلىگۈسىز ۋەھشىيلىكتىن كېيىن سۆزلىمەسلىكى كېرەك. بولمىسا، ئۇ خۇددى ئاشۇ قەتلىئامدىكى ۋەھشىيلىكتەكلا ياۋايىلىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
مەن ئۈچۈن،  تىل ئۇيغۇر قەتلىئامىدىن كېيىن ئىپادىلىگۈسىز بىر كوللېكتىپ ئازاب ئالدىدا ئۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش قۇدرىتىدىن قالىدۇ، گەرچە بۇ قانچىلىك دەرىجىدە قارىمۇ قارشىلىققا تولغان ھۆكۈم بولسىمۇ. ئازابنىڭ ئىپادىلىگۈسىزلىكى تىلنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ—چۈنكى بۇ ئۇ قەدەر ئېغىر، چەكسىز ۋە مەڭگۈلۈك بىر ئازابكى، ئۇنى ھېچقانداق بىر تىل—ئىنسان ئىجاد قىلغان ھېچقانداق بىر تىل—ئىپادىيەلمەيدۇ.
جازا لاگېرلىرىدا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خورلۇقتا، قىيىن-قىستاقتا ۋە ئۈمىدسىزلىكتە، دۇنيانى ئىدراك قىلىشتىن بارغانسېرى قېلىۋاتقان كاللىسىدا ئۆلۈمنى ئىزلەپ ياراتقۇچىسىدىن ئۇنىڭ يېنىغا تېزرەك كېتىش ئۈچۈن يېلىنىپ-يالۋۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاھۇ-زارىنى ھېچقانداق بىر تىل ئىپادىيەلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلى تېخىمۇ ھەم. چۈنكى، لاگېردىكىلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ چەكسىز ئەلىمىنى ئىپادىيەلەيدىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىنى ئاللىبۇرۇن ئىشلىتىپ بولدى. باش-ئاخىرى ھېلىھەم كۆرۈنمەيۋاتقان يېڭىدىن يېڭى ئازابلارغا يېڭى سۆزلەر ئەمدى يەتمەي قالدى.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازراق ۋىژدانى بارلىرىنىڭ باشقىلارغا لاگېردىكىلەرنىڭ ئاھۇ-زارىنىڭ مىڭدىن بىرىنى بولسىمۇ ۋاسىتىلىق شەكىلدە ئاڭلىتىشتا، دېمىگەن گېپى، يېمىگەن پوقى قالمىدى. ئەمما، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۈكۈتىنى بۇزالمىدى. سەۋەب، بۇ دۇنيا يا بۇ تىلنى چۈشەنمىدى، يا ئۇنى چۈشەنمەسلىككە سېلىۋالدى، يا بۇ تىلنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەشكە جان-جەھلى بىلەن تىركىشىشىنى تاماشا قىلدى.
چەتئەلدە ئۇيقۇدىن بىدار قەلبلەر كېچىچە يۇم-يۇم يىغلاپ لاگېردىكى قەدىردانلىرىغا ئاسايىشلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك تىلىگەندە، ئاخىرىدا تىلەكلىرىگە سۆز يەتمەيۋاتقانلىقىنى چىدىغۇسىز ئازاب ئىچىدە تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
بۇ مىللەتنىڭ ئاھۇ-زارىدىن قوپۇرۇلغان تەختتە ئولتۇرۇشقا ئالدىراۋاتقانلارمۇ بۇ تىل ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرنى قەلبىدىن ئۇتۇشقا كىرىشكەنسېرى،  مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئاجايىپ بىر ئىزتىراپتا ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ سۆزلەردىن بەزگەنلىكىنى بايقىدى. نەتىجىدە، قۇرۇق سۆزلەر، ساختا ۋەدىلەر ۋە ئالدامچى ھېسسىياتلىنىشلار ھاۋادا لەيلەپ قالدى.
بىر-بىرى بىلەن قىر-پىچاق بولۇشۇپ، بىر-بىرىنى خۇددى غالجىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كەبى ۋەھشىي ۋە ئەپسانىۋى تىلدا تىللاشقا خۇمار بولغانلارمۇ تېخىمۇ ۋەھشىي ۋە تېخىمۇ ئەپسانىۋى سۆزلەرنى ئەمدى بۇ تىلدىن تاپالمايدىغانلىقىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
بۇ مىللەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان مەردۇ مەردانىلەرنىڭ سۆزلىرىمۇ ھېچكىمنى تەسىرلەندۈرەلمەس بوپ قالدى. ھەتتا ۋەيرانلىق، پارە-پارىلىك ۋە يوقىلىش ھەققدىكى ۋەھىيسىمان ئاگاھلاندۇرۇشلارمۇ بۇ مىللەتنىڭ روھىنى ئۇلار كۈتكەندەك سىلكىيەلمىدى.
ئۇلارنىڭ دۈشمىنى خىتتايلارنىڭ يىراق-يىراقلاردىن كېلىدىغان كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاھانەت، چىدىغۇسىز مەسخىرە ۋە ئۇنتۇلغۇسىز پوپۇزىلىرىمۇ ئۇلارنى قەددى پۈكۈلگەن، روھى سۇنغان يېرىدىن دەسسىدە تۇرغۇزالمىدى.
ئاخىرى، ئۇلار ئۆزىنىڭ تىلىنىڭ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاشلا نەقەدەر ئاددىي ۋە نەقەدەر بەقۇرۇلۇقىنى تەن ئېلىشقا قالدى. ھەتتا تەن ئېلىشتىن باش تارتىۋاتقانلارمۇ تىلىدىكى ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان چەكلىمىلىكتىن ھالقىيالمايدىغانلىقىنى خىرە-شىرە ھېس قىلىپ يەتتى. پەخىرلىك ئالىم ئالىم ئەخەت تەرىپىدىن ئالگورىزىملىق ئۇسۇللارغا كۆرە  50 مىليوندىن ئارتۇق سۆز بايلىقىغا ئىگە دەپ قارالغان ئۇيغۇر تىلى ئۇلارنىڭ ئازابىنى يا ئاللاھقا، يا باشقىلارغا يا ئۆزىگە يەتكۈزۈشتە ئاجىزلىق قىلدى.
ئەمىسە بۇ تىل ئەمدى نېمە؟ بۇ تىلدا بۇ قەتلىئام پەيتىدە قانداق سۆزلەش كېرەك؟ بۇ تىلنى تاشلىۋېتىش كېرەكمۇ؟ يېڭى بىر تىل نەدە؟
شۇنىسى ئېنىقكى، ئەمدى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق، ئۇ ئىپادىيەلمەيدىغان بوشلۇقنى ئىشارە قىلىش ياۋايىلىقتۇر. بۇ تىل چېكىگە يەتتى. بۇ تىل ئۆزىنىڭ قۇدرىتىدىن قالدى. ئەمدى، تىلدىن سىرت تۇرىدىغان يېڭى بىر بوشلۇققا كۆز تىكمەك لازىمدۇر. بۇ بوشلۇق سۆزنى ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتنى، شېئىر يېزىشنى ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ سۈكۈتىنى قاراملىق بىلەن بۇزۇشنى، تەۋەررۈك جانباقتىلىقنى ئەمەس بەلكى ئۈزۈل-كېسىل قۇربانلىقنى، نەپرەتنى ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتنى، ھايات قېلىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆلۈشنى ئىشارە قىلىدىغان بوشلۇقتۇر. مانا مۇشۇ بوشلۇقتا ئۆزىنى قايتا تېپىشقا ئۇرۇنالىغانلارلا، ئۆزىنى سۆزلەشنى ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى سۆزلىتىشنى ئۆگىىنەلەيدۇ. بۈگۈن بۇلارنى قاڭغىر قاقشاتقانلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، سۈكۈتى بىلەن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: «مەن مەڭگۈ ھايات» دېيەلەيدۇ.  


Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز