تەننىڭ ئېتىكىسى: قىسقىچە شەرھ 1



«بەدەن قۇياشلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن؟» دەپ سۈرەن سالدى كىچىكلەر.
--روبېرت بروۋنىڭ، «مەلۇم خەلق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش»

تەنلىنىش ياخشىلىقتۇر.
--ۋىليام دېزموند، «مەۋجۇتلۇق ۋە ئوتتۇرىلىق»


ئادەمنىڭ پېشانىسىگە ماتېرىياللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دۇنيادا ياشاش قىسمىتى پۈتۈلگەن، شۇنداقلا  ئۇنىڭ ماتېرىياللىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تېنى بار. رېنې دېكارتنىڭ  «ئويلاۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېگەن نۇقتىئىينەزەرىنى «مېنىڭ تېنىم بار، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئېيتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى شۇ يەردىكى، خۇددى دېكارت ئېيتقاندەك، ئادەم ئويلايدىغان نەرسىدۇر.  گەرچە بىز ماددىيلىق تەرىپىدىن قورشالغان بولساقمۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ماددىيلىقىدىن ئەڭ قايمۇقساق كېرەك. تۆۋەندىكى سوئاللار بۇ قايمۇقۇشنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىۋېتىدۇ: مەن تەندىن بۆلەك نەرسە ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ تېنىم مەن ئۈچۈن نېمە: ئۇ مېنىڭ ئۆيۈممۇ، مېنىڭ مەن خالىمايدىغان سەپەرداش ھەمراھىممۇ، مەن ۋاقتىنچە تۇرىدىغان تۇرالغۇمۇ ياكى تۆرەلمىشمنىڭ ياخشىلىق   ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىمۇ؟
            تەننى تەپەككۇر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەر يازغان پەيلاسوپلار ئۈچۈن شۇ نەرسە ئالدى بىلەن بىلىنىشلىككى، تەن ھادىسىسى بەكلا مۇرەككەپ ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەك بەكلا قىيىن، چۈنكى ئۇ بىزگە شۇنچىلىك يېقىنكى ئۇنىڭ بىزگە شۇ قەدەر ئايرىلغۇسىز دەرىجىدىكى تونۇشلۇقىنى دېمەيلا قويايلى. يەنى تەن ھەققىدىكى ھەرقانداق ئويلىنىش تەننىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلمىغاچقا، ئۇنى تەپەككۇرنىڭ ئوبيېكتى قىلىش ھەقىقەتەن تەس، چۈنكى ئۇ چاغدا بىز بۇ تەپەككۇرنىڭ سۇبيېكتى بىلەن  ئوبيېكتىنىڭ زادى كىملىكىنى ئايرىۋېلىشقا ئامالسىز قالىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت، خىلمۇ خىل كۈچلەرنىڭ ئېقىمى، مەيلى بۇ كۈچلەرنى تەبىئەتنىڭ كۈچلىرى ياكى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى كۈچلەر بولسۇن، دەل تەن ئارقىلىق مۇئەييەن شەكىلگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەنبەسىنى ۋە خىلمۇ خىل مۇناسىۋەتلىرىنى بىلىش ھەقىقەتەن قىيىندۇر.
            بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئىنساننىڭ تېنىنى ئىلىم-پەننىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ ھالدا تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ—بۇنىڭدا ئۇ خۇددى باشقا ئورگانىزملارغا ئوخشاش پەقەت بىر نېترال ئورگانىزم سۈپىتىدە قارىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، تەننىڭ مەنىسى بۇنىڭدىنمۇ كەڭرى بولۇپ، يارىتىلغان ۋە بىز توختىماستىن يارىتىپ تۇرىدىغان مەۋجۇتلۇقنىڭ بۇ پانىي دۇنيادىكى بىر خىل ئۆزگىچە شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەن بىزنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە، ئاندىن دۇنياغا خۇددى مۆھۈردەك ئۇرۇلۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر يولى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ دۇنياغا قاتنىشىشمىز مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدۇ. تەن بىزنىڭ ئەڭ تىرەن ۋە تۈپكى پاكىتچانلىقىمىز ۋە ماددىيلىقىمىزدۇر، بۇ ئارقىلىق بىز ئەتراپىمىزدىكى ۋە بىزدىن ھالقىغان باشقا پاكىتچانلىق ۋە ماددىيلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشەلەيمىز.
            بىز ئۆز تېنىمىزگە بىرلا قېتىم شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم چۈشكەن. بۇ شۇنى  چۈشەندۈرىدۇكى، بىز ئۇنىڭغا ئۈزگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە باغلانغان، شۇنداقلا بىزدە ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنقى-چۈشىنىش بار. ۋەھالەنكى، بىزدە تەنگە قارىتا ئالدىنقى- چۈشىنىشنىڭ بولۇشى بىلەن بىزنىڭ تەنلىك (تەن شەكلىدىكى) پاكىتچانلىقىمىز شۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇكى، بىزنىڭ تەننى پەلسەپىۋى نۇقتىدىن تەتقىق قىلىشنىڭ ئوبيېكتىگە ئايلاندۇرۇشتا تەرەپسىز ئورۇندىكى  كۈزەتكۈچىلىك رولىنى ئېلىشىمىز بەسى مۈشكۈلدۇر. مەسىلە دەل تەننى ھەم ئىچىمىزدىكى ياكى بىزدىكى شۇنداقلا سىرتتىكى ياكى بىزدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئوبيېكت سۈپىتىدە قاراشنىڭ ئىنتايىن قىيىن بولۇشىدۇر. تەنگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى پەلسەپىۋى تەتقىقات بىرلەمچىلىك ياكى قوش ياقىلىمىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئەمەس، بەلكى زىددىيەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. چۈنكى، شۇنداق دېيىش تامامەن مۇمكىنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ تېنىدۇرمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن پەقەت تەنلا ئەمەس. خۇددى كۆپ قىسىم پەيلاسوپلار تەپەككۇرىنى ئالدى بىلەن ئۆزى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئادەتتىكى ئوبيېكىتنى پەۋقۇلئاددە ئويېكىتقا ئايلاندۇرۇشتىن باشلىغىنىدەك، بىزنىڭ تەن ھەققىدىكى بۇ قىسقىچە شەرھىمىزمۇ ئالدى بىلەن بىز ئادەتتە ئارىلىق ساقلىيالمايدىغان نەرسىدىن ئارىلىق قالدۇرۇشتەك يەنى بىزنىڭ مەلۇم نەرسىنى ئوبيېكت قىلىشىمىزغا قاتنىشىدىغان نەرسىنى «ئوبيېكت» قىلىشتەك ئۇرۇنۇشىمىزدىن باشلىنىدۇ: تەن. بىز ئۇچرايدىغان يەنە بىر قىيىنچىلىق ئۆزلۈكنىڭ ئۆزىنىڭ تېنى بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئۆزگە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شەرھلەش مەسىلىسىدۇر.
            يۇقىرىقى قىيىنچىلىقلارنى كۆزىمىزدىن قاچۇرىۋەتمىگەن ئاساستا، ماقالىمىز ئەپلاتوندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى زامان غەرب پەلسەپىسىگىچە تەن بىلەن ئېتىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىش ۋە تەكرارلىنىش ھادىسىسىگە قىسقىچە قاراپ چىقىدۇ.
*****
ئادەم سورايدىغان سوئاللارنىڭ تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى كۆپ ھاللاردا كەڭ مەنىدىن ئالغاندا «مەۋجۇت بولۇش» نىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە بولسا، تار دائىرىدىن ئالغاندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدىكى سوئاللار بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بۇ سوئاللار ئۆزىدە ئىنساننىڭ كاللىسى دائىم دۇچ كېلىدىغان مۇنداق بىر يوشۇرۇن سوئالنى ساقلىغان بولىدۇ: دۇنيادىن ئىبارەت سىستېمىلاشقان ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىچىدىكى  ئىنساننىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇقى بولغان تەننىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھادىسىلەرنىڭ بىرى دەل ئىنساننىڭ دۇنيادىن قېچىپ، ئۆزىنى ئايرىم بىر بوشلۇققا—ئىنسان تېنىگە—ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بۇ ئايرىلىپ تۇرۇشنى ئاڭقىرىپ تۇرۇشىدۇر. تەنگە خاراكتېر بېكىتكەندە ئۇنىڭ كائىناتتىن ئايرىلغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماتېرىياللارنىڭ مۇستەقىل ۋە ئايرىلغان بىر جۇغلانمىسى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. كائىنات ئەلۋەتتە تەننىڭ تۈرلۈك مۇمكىنچىلىكتىكى بوشلۇقىنى تەشكىل قىلىپ تۇرسىمۇ، ئىنساننىڭ ئىچكى «كائىناتى» ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلمىسى ئۇنىڭ ماددىيلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قىسمى بىلەن ئايرىلغۇسىز دەرىجىدە باغلانغان—بۇ ئۇنىڭ پسىخىك-ئىچكى دۇنياسىنى ياكى قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئۈچۈن مانا مۇشۇ ئىككى تەرەپنى يەنى روھ بىلەن تەننى بىز پۈتۈن مەۋجۇتلۇق ئىچىدە—يەنى ۋۇجۇتتا—بىر بىرىگە كېلىشتۈرۈپ ياشاشتىنمۇ قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك. ئادەم بۇ ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي توقۇنۇشىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالالمىغاچقا، ئۇلارنىڭ توقۇنۇشىغا نېترال پوزىتسىيىدە بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ تەننىڭ پانىيلىقى، چەكلىمىلىكى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتچانلىقى بىلەن ئۇنىڭدىن ھالقىشقا بولغان مەڭگۈلۈك ئىستەك ئوتتۇرىسىدا توختىماستىن يۈز بېرىپ تۇرىدىغان توقۇنۇش ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر. ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مانا مۇشۇ توقۇنۇش ئۇنىڭ بۇ پانىي دۇنيادىكى تەقدىرىگە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تامغىسىنى ئۇرغان.           
            ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قاراڭغۇ تۇپراققا كىرىشتىن ۋەھىمە ھېس قىلىدۇ.[2] بۇ يەردىكى ئۆلۈم ئەلۋەتتە تەننىڭ ئۆلۈمىنى كۆرسىتىدۇ. تەننىڭ بۇزۇلۇشچانلىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى، بولۈنۈشچانلىقى ۋە پانىيلىقى مۇنداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: ئىنساننىڭ قەلبى بۇ توقۇنۇشقا جاۋاب ئىزدىشى كېرەك. بۇ جاۋاب ئەلۋەتتە دائىم رادىكال ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلىدە بولىدۇ. ئىنسان ئەنە شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ تېنىنى قېچىپ قۇتۇلغۇسىز سايە، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سەپەرداش ياكى  نومۇسلۇق ھايۋانلىق سۈپىتىدە قارىشى مۇمكىن. (ياكى ئادەم ئۆزىنىڭ تەنلەنگەنلىكىنى خۇددى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قوبۇل قىلغاندەك ئاددىيلا ۋە پەرۋاسىزلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىمۇ مۇمكىن.) ئەگەر رادىكال ئىنكاس ئالدىنقىسىدەك بولسا، ئادەم ئۆز روھىغا بەدەنگە قارىمۇ قارشى بولغان بارلىق مۇكەممەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاتا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا روھ ئىنسان ھاياتىنىڭ پانىيلىقتىكى ئۆزگەرمەس تەرتىپىگە، ھەقىقەتنىڭ مەنبەسىگە، يورۇقلۇققا ۋە ئۆلۈمدىن ھالقىغان ئەبەدىيلىككە يېتىشتىكى يولىغا ئايلىنىدۇ. بۇ يەردە مەن روھ چۈشەنجىسىنىڭ قانداق قىلىپ ۋە نېمە ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى تۈرلۈك قاراشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە خىلمۇ خىل مەدەنىيەتلەردىكى ئوخشاش بولمىغان تەرىزدە چۈشىنىلىشى ھەققىدە توختالمايمەن.
 مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئۆلۈمگە يۈزلىنىدىغان تەن ئىنسان قەلبىدە يوقلۇقتىن ھالقىپ كېتىش ئىستىكىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ (چۈنكى تەننىڭ ھالاك بولۇشى ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ يوقلۇققا ئايلىنىشىدۇر.) شۇڭلاشقا، تەننى ئاجىزلىققا ۋە ھالاك بولۇشقا دۇچار قىلىدىغان بارلىق ماتېرىياللىقنىڭ ھەممىسى ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىنىڭ ئونتولوگىيىلىك مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى ئويلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. يەنى، يوقلۇقنىڭ بىردىنبىر رېئاللىقى سۈپىتىدىكى ئۆلۈمنىڭ ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەن ۋە ئۇنى تەپەككۈر قىلغان ئىنسان ئەقلى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئونتولوگىيىلىك ئويلىنىشلىرىنىڭ چەكلىمىسىنى ھېس قىلىدۇ. زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن يوقلۇق ئارقىلىق ئايان بولىدىغان ئىنساننىڭ تەنلىكى (ئىنساننىڭ تەن سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقى) ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سەزگۈلۈكتىن، پانىيلىقتىن ۋە ھامان ئۆلىدىغانلىقتىن ھالقىپ كېتىشكە—يەنى تەن ئالىمىدىن ھالقىپ كېتىشكە—بولغان كۈچلۈك ئىستەكنى ئادەمنىڭ قەلبىدە ياندۇرىدۇ. تەننىڭ رېئاللىقى تېگى تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئونتولوگىيىلىكتۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ مېتافىزىكىلىق خاراكتېرگىمۇ ئىگە، چۈنكى ئىنساننىڭ روھىنى تەنگە قارىتا قارىمۇ قارشى ھالدا چۈشىنىشىنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنساننىڭ ئەقلى ئنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چەكلىمە ئېلىپ كېلىدىغان ۋە ئۇنى يوقلۇققا يۈزلەندۈرىدىغان ماتېرىياللىقنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، روھنى  ئىدېئال دۇنياغا يۈكسەلدۈرۈش خاھىشىغا ئىگە.
تەن، دەسلەپتە قارىماققا، قانچىلىك سەلبىي مەنىدە چۈشىنىلىشتىن قەتئىينەزەر، بۇ ماددىي دۇنيادا ياشىغۇچى بىزلەر ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقا، بولۇپمۇ ئەمگەك قىلىشقا موھتاجمىز. تەن ھەرىكەت ۋە ئۆزگە بىلەن ئالاقىلىششنىڭ ئورنىدۇر: مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئادەمنى ئىجتىمائىي جامائە ھاياتىنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىنى ئۆزگەرتىپلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتىمىز. مانا بۇ كۇلتۇرنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى سۆزلەيدۇ: كۇلتۇر تەبىئەتنىڭ ئەسلى قىممىتىنى ئىنساننىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق قايتىدىن باھالاپ، ئۆزگەرتىپ ۋە يېڭىلاپ چىقىش جەريانىدۇر.
روھ بىلەن تەن ئۆزلىرىنىڭ توقۇنۇشقا تولغان بىللە تۇرۇشىدا ئىنسان ھاياتىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەل ئەنە شۇ سەۋەبلىك تەننىڭ خۇددى ئىنسانشۇناس مارى دوگلاس كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك ئىنتايىن چوڭقۇر سىمۋوللۇق مەنىسى بار:« خۇددى ھەممە نەرسىنىڭ بەدەننى سىمۋوللايدىغانلىقى ھەقىقىيلىق بولغىنىدەك، بەدەننىڭمۇ ھەممە نەرسىنى سىمۋوللايدىغانلىقى ئوخشاشلا ھەقىقىيلىقتۇر.»[3] تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، روھنىڭ تەنگە بولغان قانائەتسىزلىكلىرى ۋە قارشىلىقى تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئىچكى بۆلىنىشنى—زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرلىشىش ئىچىدىكى ئايرىلىپ تۇرۇشنى—بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل بۆلىنىش دەل تەن بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى دۇئالىزىمنىڭ (ئىككىلىك، يەنى بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككى ئۇقۇمنىڭ ياكى ئويېكتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ) سىمۋوللۇق مودېلىدۇر. شۇڭلاشقا، شۇ نەرسە بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇكى، باشقا بارلىق دۇئالىستىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى، يەنى مۇقەددەسلىك بىلەن پەسلىك، باقىيلىق بىلەن پانىيلىق، ئەقىل بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدىكى دۇئالىستىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شەكلىنى ۋە مودېلىنى تەن بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى دۇئالىستىك مۇناسىۋەتتىن تاپىدۇ. مانا بۇ پەلسەپىدىكى مەشھۇر تەن-روھ دۇئالىزمىدۇر.
قەدىمدىن تارتىپ پەيلاسوپلار تەن-روھ دۇئالىزمىغا دىققىتىنى بېرىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا تەننىڭ ماكان-زاماندىكى كونكرېت مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يېتىشى قىيىن بولغان سىرلىق ماھىيىتى پەيلاسوپلارنى تىنماستىن ئىزدىنىشكە چاقىرىپ كەلدى. ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىسىنى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان روھ-تەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا بېغىشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دۇئالىزم ئۇنىڭ پەلسەپىسىدە ئىدېئال بىلەن رېئال، ھەقىقەت بىلەن كۆزقاراش ۋە مەڭگۈلۈك ھايات بىلەن پانىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك باغلىنىپ كەتكەن. ئىنسان ھاياتىدىكى تەرتىپنىڭ مەنبەسى دەپ قارالغان روھ ئەپلاتون تەرىپىدىن تەننىڭ رولچىسى سۈپىتىدە چۈشىنىلگەن: يەنى بۇنىڭدا تەن كېمە بولسا، روھ رولچى دەپ قارالغان.[4]  شۇ نەرسە چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەككى، ئەپلاتون ھەرگىزمۇ خۇددى بەزى تەتقىقاتچىلار ئېيتقاندەك تەننى رەزىللىك ياكى رەزىللىكنىڭ مەنبەسى دەپ قارىمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە «ھەقىقىي» ئادەم تەنگە ئەسىر بولغان شۇنداقلا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن بولۇشنى ئىستەيدىغان ئەقىلدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ خىل دۇئالىستىك ئىدىيە دەل ئېتىكىنىڭ تەۋەللۇت بولۇشىدىكى ئالدىنقى شەرتتۇر: ئېتىكا چوقۇم  ئالدى بىلەن ئادەمدىكى روھ بىلەن تەننىڭ توقۇنۇشىغا دىققىتىنى بېرىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىنسان  ھاياتىغا تەرتىپ ئىزدىشى كېرەك. بۇ شەكسىز يوسۇندا روھنىڭ تەندىن ۋە تەن ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان يات-تەسىرلەردىن قۇتۇلۇپ، ئەقىلنىڭ ساپلىقىغا ئىگە بولۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەقىلنىڭ ئۆزى دائىم ئۇچرايدىغان ۋە مەلۇم مەنىدىن تەننىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھېسسىيات، تەرتىپسىزلىك، نىشانسىزلىقنىڭ تەھدىتىگە ۋە ئېزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، تەن بىلەن بۇ پانىي دۇنيادا بىللە تۇرۇشنى خالىمايدىغان روھ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەننىڭ تەرتىپسىز قۇرۇلمىسىغا تەرتىپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ تەرتىپ دەل ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان تەرتىپتۇر. بۇ خىل ئېتىكىلىق قاراش غەرب پەلسەپىسىدە شۇ قەدەر نوپۇزلۇق قاراش بولۇپ قالغانكى، ئەپلاتوندىن كېيىن ئۆتكەن پەيلاسوپلارنىڭ ھەممسى دېگۈدەك مۇشۇ مەسىلىگە دىققىتىنى بەرمەي قالمىغان. بۇ قاراشنىڭ نېگىزى شۇكى، ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەنگە باغلىنىشلىق بولغان تۇتۇقلۇق، ياتلىق، تەسىرچانلىق، تەرتىپسىزلىكتىن ئازاد بولۇشتۇر.
ئەپلاتونچە ئېتىكا قارىشىدىن بىز شۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىزكى، ئېتىكا تەننىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن زىچ باغلانغان، چۈنكى بىز بۇ يەردە دەۋاتقان ئېتىكا ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئېتىكىسىدۇر. مودېرنلىق دېكارتنىڭ يېڭى، لېكىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىق ئالاھىدىلىكنى تولۇق ھازىرلاپ بولالمىغان تەن-روھ مەسىلىسىنى كۆردى. يەنى، دېكارت تەن-روھدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي دۇئالىستىك مۇناسىۋەتنى ئۇنىڭ چېكىگىچە تۈرتۈپ ئاپاردى: روھ بىلەن تەن بىر بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل سۇبستانسىيىدۇر (مەۋجۇتلۇق)، ئۇلارنىڭ تەبىرىگە كۆرە ئۇلار «ئۆز-ئۆزىدىن يېتەرلىك ۋە مۇستەقىل» مەۋجۇداتلاردۇر. مانا بۇ پەلسەپىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان دىكارتچە تەن-روھ ئىككىلىك (دۇئالىزمى). دېكارتچە دۇئالىزم روھنى تۇغما ئىدىيىلەر بىلەن تارتۇقلايدۇ ھەمدە ئۇنى ھەقىقىي بىلىمنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. تەن ئەكسىچە ئىنسانغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق تاشقىي دۇنيادىن كېلىدىغان شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىرادىسىنى نىشانسىزلاشتۇرىدىغان ۋە چالغىتىۋېتىدىغان ئېنىقسىز ۋە بىر بىرىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان «ئىدىيىلەر»، «ھېسسىياتلار» ۋە «قىزغىنلىقلار»نىڭ ئورنىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە ئادەمنىڭ تېنى ماشىنىغا ئوخشايدۇ—ئۆزلىكىدىن ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە روھتىن مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. روھمۇ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقا، ئۇمۇ گۇمانلىنىشتا، بىرەر نەرسىنى ئويلىنىشتا ۋە تەستىقلاشتا ئەركىندۇر. دېكارتنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقىنى خۇددى ماشىنىدەك ھەرىكەت قىلىدىغان غەيرىي ئەقلىي، مۇستەقىل ئەركىنلىك ئەمەس، بەلكى روھنىڭ، يەنى ئەقىل ئارقىلىق يېتەكلەنگەن ۋە ئېنىق ۋە پەرقلىق بولغان «ئىدىيىلەر» گە يۈزلەنگەن روھنىڭ ھېچنېمىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىكىدۇر. ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى تەنگە ئەمەس بەلكى روھقا تەۋەدۇر. ئېنىق ۋە پەرقلىق ئىدىيىلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ خىل دۇئالىزم قارىشى ساقلانغۇسىز تەرىزدە بىزنىڭ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى مەركەز قىلغان ئېتىكىنى چۈشىنىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: مەن قەلبىمدىكى ئېنىق ۋە پەرقلىق ئىدىيىلەرگە قانچىلىك ئەگەشسەم، مەن ئۆزۈمنى شۇنچە ئەركىن سېزىمەن ۋە ئەركىن بولىمەن. چۈنكى، دەل ئەنە ئاشۇ مىنۇتلاردا تەنلىك شۇڭا پانىيلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى سەۋەبلىك ھەر ۋاقىت خاتالىق ۋە خام خىيالنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغان سۇبيېكت  ئەقىلنىڭ شۇڭا روھنىڭ يېتەكلىشىگە ئۆزىنى پۈتۈنلەي تاپشۇرىدۇ. روھ بىلەن ئەقىل ئادەمنى ياخشىلىققا باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، دېكارت ئۆزىنىڭ تەننى ئەقلىي روھنىڭ مۇكەممەلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قارايدىغان ئەپلاتوننى يوشۇرۇن قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىز دېكارتنىڭ ئەپلاتوننىڭ تەننىڭ ئونتولوگىيىلىك مەنىسىگە كىرگۈزگەن ھالقىلىق ئۆزگەرتىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى دېكارت تەننى ئەپلاتوننىڭ ئونتولوگىيىلىك تەرتىپىدە ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشتىن تارتىپ چىقىپ، ئۇنى روھ بىلەن روبىرو ۋە سىممېترىك ئورۇنغا قويىدۇ، گەرچە ئۇنىڭدا تەنگە قارىتا خۇددى ئەپلاتونغا ئوخشاش ئاز تولا تۆۋەن كۆرۈش خاھىشى بولسىمۇ.
ئىنساننىڭ كاللىسىنىڭ (قەلبىنىڭ) تەننىڭ ئىچىدە بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ زىتلىق ھالىتى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىكلەر—يەنى ئەركىنلىك بىلەن زۆرۈرىيەت، يەككە ئىندىۋىدۇئال بىلەن جامائە، ئىدېئال بىلەن رېئال ۋە سەزگۈلۈك بىلەن ھالقىما سەزگۈلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىكلەر—كانتنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنىڭ ئۇمۇرتقىسىدۇر، شۇنداقلا ئۇلار ئۇنىڭ ئېتىكا ئىدىيىسىنىڭ مەركىزىدۇر. قارىماققا، ماداراسىز راسىئونالىست (ئەقىلچى) سۈپىتىدىكى كانت ئىنساننىڭ ساپ ئىرادىسىدىن يەنى ئۇنىڭ ساپ پراكتىكىلىق ئەقلىدىن تەندىن مەنبەلەنگەن يات-تەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىشنى ئىستەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ يات-تەسىرلەر ئىنساننىڭ ئاپتونومىيىسىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ (چۈنكى ئاپتونومىيە بۇ يەردە ئەقىلنىڭ ئۆزىنى ھېچقانداق يات تەسىرنىڭ تەسىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ). ۋەھالەنكى، كانت بىزنىڭ ئۆزىمىزنى بۇ تەنلەنگەن مەۋجۇداتلار سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىمىزغا سىڭىپ كەتكەن قايمۇقۇشلارغا نەزىرىنى چوڭقۇر ئاغدۇرغان. بۇ قايمۇقۇشلار تەبىئەت ۋە سۇبېيكت ھەققىدىكى مودېرنلىق بايقاشلاردىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن. كانتنى ئىزتىراپقا سالغىنى ئىنساننى ئۆزىمۇ كونتول قىلالمىغان ھالدا تەبىئەتنىڭ تۈگىمەس سەۋەب-نەتىجە زەنجىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان قانۇنىيەتلىرىگە بوي سۇنىدۇ دەپ قاراش سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى تەبىئەت ساھەسىگە تارايتىۋېتىدىغان ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى قاراشلىرى ئىدى. نيوتوننىڭ ئىلىم-پەن ئىدىيىسىدىن ئىلھاملانغان بۇ قاراشلارغا جاۋابەن كانت دۇنيانىڭ-ئۆزىدە-بىر-پۈتۈنلۈك سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشىنى ئىنساندا ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ بولۇشىنى تەكشۈرۈشتىكى بىردىنبىر ئورۇن سۈپىتىدە تاللىۋالىدۇ. بۇنىڭدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يەنىلا ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنىڭ بۇ خىل مېخانىكىلىق دۇنيادىكى مۇمكىنچىلىكىنى تەكشۈرۈشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى تەبىئەتتىكى باشقا جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسە دەل ئۇنىڭ «سەۋەبلەنمىگەن سەۋەب» بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەركىنلىكىدۇر، چۈنكى ئىنساندىكى ساپ ئەقىل تاشقىي دۇنيادىن كېلىدىغان بارلىق يات-تەسىرلەرگە قارشى تۇرىدۇ. يەنى ئادەم ئەقىلگە ئىگە جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبىئەتنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئۆز ئەركىن ئىرادىسىنى «سەۋەبلەنمىگەن سەۋەب» سۈپىتىدە يۈرگۈزەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەنلەنگەن مەۋجۇدات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تەبىئەتنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. چۈنكى، كانتقا شۇ نەرسە ئايانكى بىز ھەم ئەقلىي ھەم تەنلەنگەن، ياكى بىز تەنلەنگەن بىر پۈتۈن تەبىئەتتىكى ئەقىلنىڭ تەنلىشىشىدۇرمىز. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ئىنساننىڭ تەنگە ئىگىلىكى كانتنىڭ ئېتىكىسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ئادەم ئەقىلنىڭ تەنلىشىشى، ھەرگىزمۇ تەننىڭ ئەقىللىشىشى ئەمەس.[5]   
ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان غەرب پەلسەپىسىدە ئەنئەنىۋى مېتافىزىكىغا نىسبەتەن تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولغان ھادىسىشۇناسلىق ئىلمىدىن ئىلھاملانغان بىر تۈركۈم فرانسۇز پەيلاسوپلىرى، مەسىلەن گابرىئېل مارسېل، مېرلو-پونتې ۋە سارت قاتارلىقلار دىققىتىنى بىزنىڭ ئەڭ تۈپكى (ئىچكى) سەزگۈمىزنىڭ بىرى بولغان تەن سەزگۈسىگە دىققىتىنى يېڭىۋاشتىن قاراتتى. گەرچە ئۇلار ئىنساننىڭ ئېڭىنىڭ ۋە تۆۋەنكى ئېڭىنىڭ رولىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، تەننىڭ بۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى نەزەرلىرىدىن ساقىت قىلمىدى. سارت ئادەمنى تەنلەنگەن ئاڭ دەپ قارىدى ۋە شۇ ئارقىلىق تەننىڭ ئوبرازلارنى بارلىققا كۈلتۈرۈش ۋە ھېسسىي تەجرىبىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى  ئېچىپ بەردى. مارسېل بولسا ئادەمنى «تەنلەنگەن مەۋجۇدات» دەپ قارىدى، ئۇنىڭدا شەخس-سۈپىتىدىكى مەن تەننىڭ ئىچىگە ئېلىنغان. مارسېلنىڭ ئۇشبۇ مەسىلىدىكى ئويلىنىشى ئادەمنىڭ بىر پۈتۈنلۈكتىكى «مەن» ى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، تۆۋەندىكى  سوئالغا تۈگەللىنىدۇ: ئادەم ئۆزىنىڭ بەدىنىنى تەجرىبىسىدىن قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟
بۇ پەيلاسوپلار يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دىققىتىنى تەنلىنىشنىڭ سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىكى مۇھىملىقىغىمۇ قاراتتى. دەل تەنلىنىش ئۆزگىنىڭ مېنىڭ تەجرىبە دۇنياسىمغا (سەزگۈ دۇنياسىمغا) كىرىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغاچقا، ئۇ ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بولۇپمۇ ئېتىكىلىق مۇناسىۋەتنىڭ تىكلىنىشىنىڭ باشلىنىشى ۋە ماددىي ئاساسىدۇر.
******
يىغىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ بەدەنلىك بولۇشىنىڭ ئىنتايىن تىرەن ئېتىكىلىق مەنىسى بار بولۇپ، بۇ تارىختىن بېرى نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ دىققىتىنىڭ مەركىزىدە بولۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىدە پۈتۈنلەي ماددىسىز مەۋجۇتلۇق دەپ قارىلىپ كەلگەن ئەقىل بىلەن روھنىڭ تامامەن ماددىي مەۋجۇدات بولغان تەننىڭ ئىچىگە «يەرلىشىشى» قانچىلىك قايمۇقۇش ۋە ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلغان بولسا، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىگە بولغان سەزگۈلىشى ۋە چۈشىنىشىمۇ شۇنچىلىك قايمۇقۇش ۋە ئېنىقسىزلىق قوزغىدى: مەن تەنمۇ ياكى تەنگە ئىگە مەۋجۇداتمۇ؟ تەننىڭ بىلەن روھنىڭ مەسىلىسىدىكى قايسىسىنىڭ بىرلەمچىلىكى ۋە قايسىسىنىڭ قايسىسىنى بەلگىلىشى مەسىلىسى پۈتكۈل ئېتىكىلىق ئويلىنىشنىڭ نىشان بەلگىلىگۈچىسى بوپ  قالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئادەم ھەم ئەقلىي ھەم غەيرىي ئەقلىي مەۋجۇدات سۈپىتىدە قارالغان بولۇپ، ئۇ روھنىڭ ماكانى بولغان مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق بىلەن تەننىڭ دەرگاھى بولغان يوقلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاۋسىز ئېزىققۇچى ۋە نۇسرەت ئىزدىگۈچىدۇر. ياخشىلىق ۋە رەزىللىك دەل مانا مۇشۇ ئوتتۇرىلىقتا: تەن بىلەن روھنىڭ ۋە مەڭگۈلۈكلۈك بىلەن پانىيلىقنىڭ ئوتتۇرىلىقىدا يۈز بېرىدۇ.




[1] ئۇشبۇ ماقالە مېنىڭ ئىنگلىز تىلىدا يازغان «تەن ئېتىكىسى: تەن بىلەن ئېتىكىنىڭ غەرب پەلسەپىسىدىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قىسقىچە تەتقىقات» دېگەن ماقالەمدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. 
[2]  نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە، ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۇپراق ئادەتتە ھاياتلىقنىڭ، كۆپىيىشنىڭ ۋە گۈللىنىشنىڭ  مەنبەسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئادەتتە ئانىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بىر خۇدالىق دىنلاردا ئېيتىلغان، خۇدا تەرىپىدىن تۇپراقتىن يارىتىلىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا تۇپراققا قايتىشتىن ئىبارەت چەمبەرسىمان ھەرىكەت مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ۋە ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاداققى قارارگاھىنىڭ ۋەدىسىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۇ بەزى كۇلتۇرلاردا (ئاڭسىز ھالدا) ئۆلۈم بىلەنمۇ باغلاپ چۈشىنىلىدۇ ۋە سەزگۈلىنىدۇ. چۈنكى بوشلۇق جەھەتتىكى پەسلىك ۋە مۇقەددەسلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۇپراقنىڭ ئۆزى قۇياشلىق ئاسمانغا سېلىشتۇرغاندا قاراڭغۇ جاي بولۇپ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىغان ۋە قايتىشى كېرەك بولغان  ئاخىرقى دەرگاھنى  كۆرسىتىدۇ. بۇ يەر ئەلۋەتتە يوقلۇق ماكانىنى كۆرسەتكەچكە، تۇپراق بەزى كۇلتۇرلاردا بىر خىل ۋەيران قىلغۇچ كۈچ (بار يەر) سۈپىتىدىمۇ چۈشىنىلىدۇ.
[3] مارى دوگلاس، «ساپلىق ۋە خەتەر: بۇلغىنىش ۋە تابۇ ئۇقۇملىرى ھەققىدە ئانالىز» (نيۇ يورك: پراگېر، 1966-يىل)، 122-بەت.
[4] ئەپلاتون، «قانۇنلار»،    961e XII
[5] بۇ يەردە كانت بىلەن نىچېنىڭ تەن ھەققىدىكى قارىشىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتۈش مۇھىمدۇر. نىچې ئىنساننىڭ تەندىن ئىبارەت پاكىتچانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارىشى تەننى يوشۇرۇن ۋە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئادەمنىڭ بىئولوگىيىلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەرغىپ قىلىدىغان تەننى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش خاھىشىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، خۇددى بىز تارىختىن بېرى تەننى ئۇنتۇپ روھنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇلۇغلاپ كەلگەندەك، بۇ خىل قاراشمۇ يەنە بىر خىل ئوخشاش ماھىيەتلىك رادىكاللىققا ئىگە: روھنى ئۇنتۇپ تەننى يۈكسەلدۈرۈش.  نىچې ئادەمنى «بويسۇندۇرۇلغان ھايۋان» دېيىش ۋە ئۇنىڭ ماتېرىيالىزملىقىنى ۋە بىئولوگىيىزملىقىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ تەنگە ئىگىلىگىدەك پاكىتچانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ (قاراڭ فرېدرىك نىچې، «زارۇسترانىڭ ئېيتقانلىرى»، (ئىنگلىزچە)، (نيۇ يورك: ۋايكىڭ نەشرىياتى، 1980-يىل)، 279-بەت.). ئۇ تەننى «كاتتا ئەقىل» دەپ ئاتايدۇ، شۇنداقلا بۇ «ئەقىل» ئادەمنىڭ پزىكو-بىئولوگىيىلىك ۋە ئەخلاقىي-روھىيەت تەرەپتىكى تۈپكى قىممەتلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر. (يۇقىرىقى ئەسەر، 61-بەت). ھەقىقەتەن، تەننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ۋە ئورنىغا سەل قارىماسلىق كېرەك، لېكىن ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي، كۇلتۇرلۇق، دىنىي ۋە روھىيەتلىك كونتېكىستتىن ئايرىۋېتىلىپ يەككە يېگانە ھادىسە سۈپىتىدە قارالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئىنساننىڭ تەنگە ئىگە بولۇشتەك پاكىتچانلىقىنى زىيادە تەكىتلەش ئىنساننى ئەخلاقىي ۋە دىنىي قائىدە يوسۇنلاردىن «ئازاد» قىلىپ، ئۇنى «ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەسلىسىگە قايتۇرۇپ» كېتىش يولى دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا بىز ئادەمنى تۇغما قوزغىلىشلارنىڭ تەنلەنگەن ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويىمىز—دە باشقىلارغا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە  روھىيەتچىلىكنى بىر ياققا قايرىپ قويغان بولىمىز. 

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز