سىيىت نوچى ۋە ئۆلۈم



مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات،
نائۇستاڭ يېقىن كەلمە.
سىيىت نوچى

ھەر دائىم بىر نەرسە يېزىشتىن بۇرۇن ناھايىتى تىرەن دېلىغۇللۇققا چۆمىمەن. بۇ ھەرگىزمۇ نېمىنى يېزىش ياكى قانداق يېزىش ھەققىدىكى ئەمەس، بەلكى يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى دېلىغۇللۇقتۇر. يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن مانا مۇشۇ دېلىغۇللۇق بىلەن مادارا قىلىش جەريانىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. يېزىقچىلىقتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش بىلەن ئۇنىڭغا يېپىشىش ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا قاتتىق قىينىلىمەن ھەمدە ھەر بىر يازمامنى خۇددى ئەڭ ئاخىرقى يازمامنى يېزىۋاتقاندەك كەيپىياتتا يازىمەن. گەرچە دېلىغۇللۇقنىڭ ئادەم قارشى تۇرۇپ بولغۇسىز كۈچى مېنى بەزىدە ئۈمىدسىزلىككە ۋە ھەتتا ۋاز كېچىشكە دۇچار قىلسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېزىشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ تۇرىمەن.
            مېنىڭ بۇ خىياللىرىم مەن ئۆلۈم توغرىسىدا—ئاددىي، سىدام ۋە ساپ ئۆلۈم توغرىسىدا، يەنى ناھايىتى ئاددىي ئادەمنىڭ يەنە كېلىپ بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا—قەلەم  تەۋرەتكىنىمدە تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. ئۆلۈم توغرىسىدا يېزىش مېنى يېزىقچىلىقنىڭ ماھىيىتىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا يېزىقچىلىق ئۆلۈم ئالدىدىكى تۈگىمەس دېلىغۇللۇققا ئايلىنىدۇ. ياكى يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن خۇددى بىرەر بالا-قازادىن ياكى تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان  قاچقۇننىڭ قېچىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزى بالا قازا ياكى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولىدۇر. شۇ سەۋەب مەن تۆۋەندە تەقدىرىدىن قېچىپ كېتىشكە نىيەت قىلىپ قېچىپ كېتەلمىگەن بىر تراگېدىيىلىك قاچقۇن قەھرىمان ھەققىدە يازماقچىمەن.
            مېنىڭ ھازىر يازماقچى بولغىنىم مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشتىكى ئەسلى مەقسىتىمنى بەربات قىلىدىغاندەكلا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۆلۈمنىڭ قارشى تۇرۇپ بولغۇسىز ھادىسە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بۇ يازمام ئاخىرى بېرىپ ئۆلۈمنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدەك بىمەنە يەكۈن بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندەكلا قىلىدۇ. مېنى بۇ يەردە چوڭقۇر دېلىغۇللۇققا دۇچار قىلىۋاتقان نەرسە ئالدى بىلەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ ماۋزۇسىدۇر. مەن ھەر دائىم ئەسەرلىرىمنىڭ ماۋزۇسىنى قويۇشتا بىر ھازا دېلىغۇللۇققا چۆكىمەن. «سىيىت نوچى ۋە ئۆلۈم» دېگەن بۇ ماۋزۇ ھېلىھەم مېنى قاتتىق ئارىسالدى قىلماقتا، چۈنكى ئەگەر ماۋزۇ مۇشۇنداقلا قويۇلۇپ كەتسە، بۇ يازمامدا مۇشۇ ماۋزۇ تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر توقاي توقۇنۇشلارنىڭ ئىچىدە قېلىپ،  قەلەمنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇشۇم ئېنىق. پۈتكۈل يازمىنىڭ ئاخىرىنىڭ پەرەز ۋە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىشى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ.
            شۇنداقتىمۇ يەنىلا بۇ ماۋزۇدىن ۋاز كېچەلمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭدىن لايىقراق باشقا بىرەرىنى تاپالمىدىم. ماۋزۇنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن، «سىيىت نوچى» دېگەن سۆز بىلەن «ئۆلۈم» دېگەن سۆزنىڭ بىر بىرىگە سىغىشالمايۋاتقانلىقىنى ۋە بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ توقۇنۇشتىن سىرت، ئۇشبۇ يازمامنىڭ تېكىستى بىلەن ماۋزۇسىمۇ كۆزۈمگە بىر بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. بۇ ئالدىنقى توقۇنۇشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتەتتى. بۇ توقۇنۇش تەرەققىي قىلغانسېرى ۋە يازمام ئاخىرلاشقانسېرى تېكىست بىلەن ماۋزۇ  بىر بىرىدىن بارغانسېرى ئاجرىلىپ كېتىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى.
            شۇنىسى ئېنىقكى، «سىيىت نوچى» بىلەن «ئۆلۈم» ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش، مەيلى ئۇ ھەقىقىي ياكى توقۇپ چىقىرىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ماڭا ھەم قايمۇقۇش ھەم ھەيرانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. مېنىڭ قايمۇقۇشۇمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا ياشاپ كەلگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى تەسەۋۋۇرۇمغا سىغدۇرۇش ماڭا تەس كېلىدۇ. مېنىڭ ھەيرانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، «ئۆلۈم» سۆزى بۇ يەردە ماڭا سىيىت نوچىنىڭ تەقدىرىنىڭ پۈتكۈل ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمەيدىغاندەكلا بىلىنىدۇ.
            قەشقەردىكى ۋاقىتلىرىمدا ماڭا خۇددى سىيىت نوچى ئۆلمىگەندەك، خۇددى ئۇ ئۆزى يالغۇز قەشقەرنىڭ مۇڭ باسقان غېرىب رەستىلىرىنى مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈرىۋاتقاندەك ھەم غەلىتە ھەم تۇتۇق بىر سېزىم ھەمراھ ئىدى. ھەتتا بەزى چاغلاردا مەنمۇ ئۆزۈمنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ شەھەرنىڭ خۇددى ئېزىتقۇ قەسىرگە ئوخشايدىغان قاراڭقۇ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم.
            مەن قەشقەردە خىلمۇ خىل كىشىلەردىن ئۇ ھەقتىكى نۇرغۇن ھېكايەتلەرنى ئاڭلاپ كەتكەنىدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ سىيىت نوچى ھەققىدىكى قاراشلىرى كۆپ ھاللاردا بىر بىرىگە زىت چىقاتتى. بەزىلەر ئۇنى غەمكىنلىككە ۋە سۈكۈتكە چۆككەن بۇ شەھەرنى بىر زامانلاردا ئۆزىنىڭ مەردۇ مەردانىلىقى ۋە تىللاردا داستان بولغۇدەك ھاياتى بىلەن  تۈرتۈپ ئۆتكەن قەھرىمان دەپ قارىسا، بەزىلەر ئۇنى ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي ئۆلۈم بىلەن ئويناشقان بىچارە قىزىقچى دەپ قارايتتى.
            ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ مەندە  قالدۇرغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىققۇسىز دەرىجىدە سىزىلغان ئىنتايىن ئاددىي ھەم رەڭسىز سىزما رەسىمى ئىدى. بۇ رەسىمدە ئۇ ئۆلۈم ئالدىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈچى چىرىكلەرگە مەردانە يۈزلىنىپ تۇرغان ھالەتتە سىزىلغانىدى. بۇ رەسىم مېنىڭ سىيىت نوچى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمنىڭ مەنبەسى ئىدى.
            ئەمەلىيەتتە، مەن ئۇنىڭ پۈتكۈل ئوبرازىنى ۋە قىسمىتىنى ئاشۇ رەسىمدىكىدەك دەپلا ئويلاتتىم. بۇ رەسىم، خۇددى ھەرقانداق رەسىمگە ئوخشاش، ھەرىكەتسىزلىك (جىملىق) بىلەن ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن تەركىب تاپقانىدى. دەل ئەنە شۇ ھەرىكەتسىزلىككە رەسىم سەنئىتىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان قۇدرىتى يوشۇرۇنغانىدى. ھەرىكەتسىزلىك (جىملىق) رەسىمنى ھېسسىي، دولقۇنسىمان ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەمنىڭ دىققىتىگە تەلپۈنىدىغان كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ رەسىمدىكى ھەممە نەرسىگە رادىكال ھالەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرتىپنىڭ ئېلىپ كېلىنىشىدۇر: ئۇ ئارقىلىق، ۋاقىت خۇددى مەڭگۈلۈك بولغاندەك، ئۇنىڭدا سىزىلغان ئادەم خۇددى ئۆلمىگەندەك، ئۇنىڭدا ۋۇجۇتقا كۈلتۈرۈلگەن بوشلۇق چەكسىزلىككە سوزۇلغاندەك سېزىم يارىتىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، رەسىمدىكى ئوبرازلارنىڭ ھەرىكەتسىزلىكى ئارقىلىق رەسىمنى كۆرگۈچىدە رەسىمنىڭ رېئال بولماسلىقىغا قارىتا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن بولغان ئىشىنىشلەرنىڭ ھەممىسى توختاپ (قېتىپ) قالىدۇ، كۆرۈش سەزگۈسى بولسا خام خىيالغا غەرق بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رەسىمدىكى ھەرىكەتسىزلىك (جىملىق) رەسىمدىكى زامان، ماكان، ئىشىنىش ۋە كۆرۈش سەزگۈسى قاتارلىقلارنىڭ توختاپ (قېتىپ) قېلىشىدەك تۇيغۇ ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، ھەرىكەتسىزلىك (جىملىق) ئارقىلىق مەن ئۆزۈمنىڭ سىيىت نوچىنىڭ ئۆلمىگەنلىكى ۋە ئۆلمەيدىغانلىقىغا بولغان بالىلارچە ئىشىنىشمنى قوغداپ قالالايمەن.[1] شۇڭلاشقا، كاللامغا خۇددى رەسىمدىكى ئوبرازلاردەك سىڭىپ كەتكەن بۇ ئادەم گەرچە ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ماڭا يەنىلا خۇددى فرانسىيە تەسىراتچىلار ئېقىمى رەسسامى پول سېزان جىمجىت ئوبيېكت سۈپىتىدە سىزغان ئالمىلاردەك ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالەتتە كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
            لېكىن، ھەرىكەتسىزلىك (جىملىق) رەسىمدىكى بىردىنبىر ئامىل ئەمەس. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ ئاساسى سۈپىتىدىكى ھەرىكەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. رەسىمدە ھەرىكەت تۇيغۇسى ھەرىكەتسىزلىكنىڭ ئىچىدە باش كۆتۈرىدۇ. ھەرىكەتسىزلىك ھەرىكەتنىڭ مومېنتلىق ئۇيۇپ قېلىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا ۋە ئارقىسىدا ئاللىبۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ھەرىكەتلەرنى يوشۇرۇن ئىشارە قىلىدۇ. ئۇ ھەرىكەتنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ باشقا ئامىللىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، سىيىت نوچىنىڭ كاللامدىكى تەسەۋۋۇرلۇق ئوبرازى تارىخنىڭ ئۇ ياشىغان قىسمىنى «توختىتىپ» قويۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلارنىمۇ يوشۇرۇن ئىشارىلەيدۇ. بۇ، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تىنچسىز قەشقەرنىڭ كىندىكىدە ياشاپ ئۆتكەن سىيىت نوچىنىڭ ئادەم ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان ئۆلۈمىدۇر. ئۇنىڭ كاللامدا قالغان ئوبرازى، يەنى ھەرىكەتسىزلىك بىلەن ھەرىكەتنىڭ توختاۋسىز ئالمىشىشىدىن تەركىب تاپقان ئوبرازى، ئۇنتۇلغۇسىز جانلىقلىققا ۋە چۈشەندۈرۈپ بەرگۈسىز سىرلىقلىققا تولغان.  

******
سىيىت نوچىنىڭ ھېكاياتى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ، ئۇنى ئېچىپ باقمايلا ئۆزىنى قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ قىسمىتىنى سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىسسىدە ئەكس ئەتكەن قىسمىتى ئالدى بىلەن قويۇق تراگېدىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەركىنلىك بىلەن تەقدىر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەركەزلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. تراگېدىيە، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ قەھرىمانە تىركىشىشىنىڭ سىرىنى ئايان قىلىپ بېرىدىغان سەنئەت شەكلىدۇر: ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى تەقدىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن بەلگىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت شارائىتتا ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىدۇ. بۇ ئەركىنلىكنىڭ مۇمكىنلىكى دەل ئۆلۈمنىڭ ھەممە نەرسىنى مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىشىدىن ئىبارەت مۇمكىنلىكى بىلەن توقۇنۇشىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئۇ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەھرىماننىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ  ئەركىنلىكى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەلۇم قىممەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. سىيىت نوچى ھەققىدىكى ھېكايەتنىڭ ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغايدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى مانا مۇشۇ تراگېدىيىلىك توقۇنۇشنىڭ ئۆزگىچە ۋە تىرەن مەنىسىدۇر.
            خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن ھېكايەتلەرگە كۆرە، سىيىت نوچى شىنخەي ئىنقىلابىدا قەشقەردە قۇرۇلغان گېلاۋخۈيچىلەرنىڭ ئەزاسى ئىدى. كېيىنچە بۇ تەشكىلات قەشقەرنىڭ دوتىيى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا، سىيىت نوچى بۇ بالا قازادىن بېشىنى ئاران ئېلىپ قېچىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قوغلىنىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۇنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ھەقىقەت سۆيەرلىكى بىلەن ئەل ئارىسىدا قازانغان شۆھرىتى بولۇپ، بۇ قەشقەردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئارامسىز قىلىۋېتىدۇ. ئۇ بىر نەچچە يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن، ئىلىدىن ئۈچتۇرپانغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى پائالىيەتلىرىدىن خەۋپسىرىگەن چېقىمچىلار ئۇنى ئۈچتۇرپاننىڭ دوتىيى ما شاۋۋۇغا چاقىدۇ. ما شاۋۋۇ ئەسلىدە قەشقەرنىڭ دوتىيى بولۇپ، گېلاۋخۈيچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋە تازىلاشتا  سېسىق نامى پۇر كەتكەن قانخور جاللات ئىدى. دەل مۇشۇ ئادەم سىيىت نوچىنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ كۆرۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ساختا ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلغان خىزمىتىگە يارىشا قەشقەر دوتىيى ما تېتەيگە ئۇنىڭغا بىرەر خىزمەت بېرىش ھەققىدە خەت يېزىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ.
            سىيىت نوچى ما شاۋۋۇ ئۆزىگە يېزىپ بەرگەن خەتنى ئېلىپ قەشقەرگە يولغا چىقىدۇ. ئۇ مارالۋېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرىگە كەلگەندە ئېتى شورلۇققا پېتىپ قالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە بىر تۇزچى بوۋاي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سەپىرىدە بىرەر خەۋپ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. سىيىت نوچى بولغان ئەھۋاللارنى ئېيتىدۇ.  بوۋاي: «ئوغلۇم، سەن ئۇ خەتنى ئوقۇپ باقتىڭمۇ؟ ئوقۇپ باقمىغان بولساڭ ئەكەل ھازىر ئوقۇپ باقايلى» دەيدۇ. سىيىت نوچى ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن «ئامانەتكە خىيانەت» قىلىشتەك نامەرتلىك بىلەن باراۋەر ئىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە قەشقەرگە كېلىپ، بۇ خەتنى ما تېتەيگە تاپشۇرىدۇ. خەتنى ئوقۇپ چىققان ما تېتەي سىيىت نوچىنى ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىشكە ۋە كېڭىشىدىغان بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ يولغا سالىدۇ. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە سىيىت نوچى ھەزرەتكە جۈمە نامىزىغا چىققاندا، بىر توپ چىرىكلەر ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ما تېتەينىڭ قېشىغا يالاپ ئېلىپ بارىدۇ. ما تېتەي ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، نېمە قىلىشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، سىيىت نوچى: « خاننىڭ يارلىق بولسا تەڭلىكتە قالما، جېنىمنى ئالساڭ ئال» دەيدۇ.  سىيىت نوچىنى تۇتالماي ئارماندا يۈرگەن ما تېتەي بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ ۋە سىيىت نوچىغا ئاز تولا ئېچىنغاندەك قىلىپ قويۇپلا ئۇنى تېزلىكتە قەتل قىلىدۇ.
            ھېكاياتنىڭ تراگېدىيىلىك مەنىسىنى تەھلىل قىلىشقا ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن ئىلگىرى شۇ نەرسىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ما شاۋۋۇنىڭ خەتنى قايسى خىل ئويدا ۋە مەقسەتتە سىيىت نوچىغا بەرگەنلىكى ھېكايەتتىكى مۈجمەل نوقتىدۇر. ما شاۋۋۇ خەتنى سىيىت نوچىغا بېرىشتە ئۇنى راستىنلا خەتنى ئېچىپ ئوقۇمايدۇ دېگەن پەرەزگە تايانغانمۇ دېگەننى ئىسپاتلاپ چىقىش ھەقىقەتەن قىيىن. يەنى شۇنىسى بىزگە تامامەن قاراڭغۇكى، سىيىت نوچىنىڭ ھېكايىسىدە ما شاۋۋۇنىڭ سىيىت نوچىنىڭ خەتنى ما تېتەيگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئوقۇماسلىقىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.[2] لېكىن، ئۇنىڭ ھېچبولمىغاندا سىيىت نوچىنىڭ خەتنى ئاچماسلىقىنىڭ ئېھتىماللىقىغا بولغان ئىشەنجى ئۇنى ئېچىپ ئوقۇشىنىڭ ئېھتىماللىقىغا بولغان ئىشەنجىدىن يۇقىرىراق تۇرىدۇ، دېيىش مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغىنىدا، ئۇ سىيىت نوچىنى ئالدىراپ قولدىن چىقىرىپ قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويمىغان بولاتتى. بۇ يەردە يەنە سىيىت نوچىمۇ ئىككى قولى قانغا بويالغان بۇ جاللاتلارغا ئىشەنج باغلىغان: يەنى ئۇ ما شاۋۋۇنىڭ (شۇنداقلا ما تېتەينىڭ) ئۆزىگە شەپقەت كۆرسىتىشىگە ئۈمىد باغلىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن. مانا مۇشۇ ئىككى خىل ئىشەنجنىڭ بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشى  سىيىت نوچىنىڭ تەقدىرىنى قېچىپ قۇتۇلغۇسىز قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئامىللاردۇر. ئەگەر بىز بۇ خىل مۇناسىۋەتلىشىشنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، سىيىت نوچىنىڭ ما شاۋۋۇغا بولغان ئىشەنجى ئالدى بىلەن ما شاۋۋۇنىڭ سىيىت نوچىنىڭ «ئامانەتكە خىيانەت» قىلمايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنجىنىڭ ئاساسى بولۇپ بەرگەن. 
            سىيىت نوچى تۇزچى بوۋاينىڭ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ بېقىش تەلىپىنى رەت قىلغاندا ھېكايىنىڭ تراگېدىيىلىك تۈسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. بۇ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىيىت نوچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ۋاز كەچكەنلىكى ۋە ئۆزىنى ئۆز دۈشمەنلىرى ئۆزىگە تەييارلاۋاتقان ئۆلۈمنىڭ رەڭۋازلىقلىرىغا تۇتۇپ بەرگەنلىكىدۇر. ئۇنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ ئەركىن ئىرادە ئارقىلىق، ئىشىنىش بىلەن گۇماندىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇمكىنچىلىكنى تاللاشنى رەت قىلغانلىقىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئالدىن بەلگىلەنگەن—يەنى پشانىسىگە پۈتۈلگەن دېيىلسە، ئۇ دەل ئۇنىڭ ئىشىنشنى دەپ ئەركىنلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىيىت نوچىنىڭ ئىككى خىل مۇمكىنچىلىكنى ئەركىن تاللاش ئوبيېكتى قىلماسلىقنى تاللىشى ئۇنىڭ ئاخىرى بېرىپ ئۆلۈمنى تاللىشى بوپ قالغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گەرچە سىيىت نوچى قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ كېتىپ قەشقەر دوتىيىنىڭ باستۇرۇشىدىن قۇتۇلغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ—قەشقەر دوتىيى ما تېتەي بىلەن ئۈچتۇرپان دوتىيى ما شاۋۋۇنىڭ—ھىيلە مىكىرگە تولغان زوراۋانلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن قېچىپ چىقىپ كېتەلىگىنى يوق. ئۇ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەسلىرى ئارىسىدىن چىقىپ كېتەلمەي پىتراپ يۈرگۈچىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۆز قەلبىدە ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە بولغان ئەجەللىك ئىشەنجنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن ئادەمدۇر.
            سىيىت نوچىنىڭ ئىشەنجىنىڭ تېخىمۇ تىرەن ۋە قارىمۇ قارشىلىققا تولغان يۈزى بار. ئۆزىنىڭ سىياسىي مەۋقەسى تۈپەيلىدىن سەرسان-سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلانغان سىيىت نوچىنىڭ يەنە كېلىپ دەل مۇشۇ مەۋقەنىڭ دۈشمىنى بولغان ئادەمگە، ما شاۋۋۇغا ۋە ما تېتەيگە ئىشەنج باغلىشى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سىياسىي مەۋقەسى بىلەن قارىمۇ قارشى ئورۇنغا قويىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەۋقەسىنىڭ دۈشمىنىگە ئىشەنج باغلاش تېگى تەكتىدىن ئالغاندا دەل مۇشۇ مەۋقەنى تۈپتىن ئىنكار قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىچكى ئىنكارلاش ئاخىرى بېرىپ سىيىت نوچىنى ئۆز ئىچىدىن ئۆز ئۆزىگە قارىمۇ قارشى قىلىپ چىقىدۇ: سىيىت نوچى ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە بولغان ئەجەللىك ئىشەنجى سەۋەبىدىن ئۆز ئۆزىگە ئەجەللىك دۈشمەن بولىدۇ. نەتىجىدە ئەسلىدىكى ئۆزىگە قارشى چىققان سىيىت نوچى ئۆزىنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈمى دەل مەۋقەسى سەۋەبلىك ئاللىبۇرۇن ئۆز ئۆزىنى قەتىل قىلغان ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەتل قىلىنىشىدۇر.

******

ھېكايەت قەھرىمانىمىزنىڭ جازا مەيدانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پىغانلىق توۋىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «ئەي قەشقەرلىك، مەندەك بولماي دېسەڭلار ھەرگىز نادان بولماڭلار!» جامائەت ئالدىدا ئۆزىنى ئەجەللىك نادانلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ توۋا قىلىش ۋە ئۇلارنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئۆزىدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىش ئۆزىنى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە جازالاش شەكلىدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان ما شاۋۋۇ بىلەن ما تېتەينىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈشىدىنمۇ ئېغىر ھەم ئەلەملىكتۇر. ئادەتتە ئادەم خورلۇق تارتسا ھەم بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىنلا كۆرسە ئۆزىنى جازالايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنى جازالاش بىلەن ئۆزىدىن نەپرەتلىنىش بىر بىرىگە باغلىنىپ كېتىدۇ. ئۆزىنى جازالاشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بار، بۇنىڭدا ئادەم كۆڭلىدە بىر بىرىگە كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ئىشىنىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئارىسىدا قالسا،  ئۇ ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى جازالايدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئادەم باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆز ئۆزىگە دۈشمەن بولىدۇ-دە، ئۆزىنى جازالاش ئارقىلىق ياكى بۇ دۈشمەنلىكتىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭدا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان تەرەپنى ياقىلاش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقان يەنە بىر قاراشنى قوللايدىغان يەنە بىر ئۆزىنى شەپقەتسىزلەرچە جازالايدۇ. سىيىت نوچىنىڭ ئۆزىنى جازالىشى دەل ئىككىنچى تۈرگە كىرىدۇ. ئۇ ۋۇجۇدىدا تېخى يوقالمىغان قەھرىمانلىقى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن ئەجەللىك ئىشىنىشىنى قوللىغان يەنە بىر ئۆزىنى جازالاش سۈپىتىدە ئۇنىڭغا نەپرەت ياغدۇرىدۇ. قەشقەرلىكلەرنى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياسالمىلىق، شەپقەتسىزلىك ۋە سۇيىقەست تەرىپىدىن ئالدانغان سىيىت نوچى ئۆزىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ۋە كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان مۇنداق ئىككى ھالەتنى كۆرىدۇ: ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك مەرتلىك پەزىلىتى بىلەن ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغان بوي سۇنۇش—يەنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە ساددا ئىشەنج بىلەن بوي سۇنۇشتىن ئىبارەت زىددىيەتلىك خاراكتېرنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ قەلبىدىكى مانا مۇشۇ قارىمۇ قارشىلىقنى ئۇنىڭغا، شۇنداقلا بىزگە ئايان قىلىدۇ. سىيىت نوچىنىڭ قەلبى قەھرىمانلىق بىلەن ساددىلىق، كۈچ بىلەن بوي سۇنۇش ۋە ئەركىن ئىرادە بىلەن ۋاز كېچىشنىڭ توقۇنۇشىدىن پۈتكەن بىر ئاددىي ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدۇر.  

******

سىيىت نوچى، خۇددى ئۆزىگە ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلاردەك، ئاددىي بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدە ئۆلدى. لېكىن ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە تا ھازىرغىچە بىر خىل پەۋقۇلئاددە ئوبراز سۈپىتىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئادەمنى چوڭقۇر سوئالغا باشلايدىغان ئۆلۈمى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى مۇشۇ ئۆلۈمنىڭ يەككە شەخسنىڭ ئۆلۈمى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئۆلۈم بولغانلىقىدۇر. يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەخسسىزلىك خاراكتېرىگە ئىگە ئۆلۈمدۇر. بەزىدە ماڭا ئۇنىڭ مەن ئۇنتۇيالمايدىغان ھېلىقى ئوبرازى تېخىمۇ زورىيىپ كېتىپ بارغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئاشۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنى بىر ئۇيغۇر ياكى يەككە شەخس سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى، زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەخسسىز شەخس سۈپىتىدە كۆرىمەن. بەزىدە ئۇنىڭ رەسىمدىكى ھەرىكەتسىز ئوبرازى ھەرىكەتكە كېلىپ ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا ئادەملەرگە ئۆلۈمنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇشقا كەلگەنلىكىنى سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئېھتىمال ئۇنىڭ بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغىنى دەل ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىدۇر.
سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈمى ماڭا ئۆلۈمنىڭ چۈشەندۈرۈپ بەرگۈسىز سىرىنىڭ شاھىدىدەك بىلىنىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ شەخسسىز ماھىيىتى تېخىمۇ ئايان بولىدۇ: سىيىت نوچى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئىنسان قىياپىتىدە بۇ دۇنياغا كەپ كەتكەن ئۆلۈمنىڭ ئۆزىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇ ئۆلۈمنىڭ نائۇستا رەسسام تەرىپىدىن رەڭسىز قىلىپ ۋە زورۇقۇپ سىزىلغان رەسىمىمۇ؟ ھەر بىر ئادەم خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى قولىدا كۆتۈرۈۋېلىپ كىملەرگىدۇر بېرىش ئۈچۈن يۈرگىچىلەرمۇ؟ بۇلارنى ھەقىقەتەن بىلمەيمەن.
ھازىر مەندە قالغىنى پەقەت تراگېدىيىلىك ھېكايىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئادەمدە بولىدىغان ئېيتىپ بەرگۈسىز ۋە ئېغىر بولغان تەسىراتلاردۇر. بۇنداق تەسىراتلار ئۆلۈمنىڭ دائىم قەھرىمانلارنىڭ قىياپىتىدە بۇ دۇنياغا كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەھقىقلەپ تۇرسا كېرەك.  







           






[1] ئەمەلىيەتتە بۇ يەنە بىزنىڭ ئەپسانە، چۆچەك ۋە ھەر خىل ھېكايەتلەردىن زوق ئالالىشىمىزدىكى تۈپكى پسىخكىلىق مېخانىزىمنىڭ فۇنكسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇلارنى ئوقۇۋاتقاندا ياكى ئاڭلاۋاتقاندا ئۇلاردىكى پېرسۇناژلارنى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ئادەم سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تىرىك ئادەم سۈپىتىدە قارىۋالىمىز. بۇ خىل خام خىيال دەل بىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوقلىنىۋاتقان چېغىمىزدا بارلىققا كېلىدىغان «ئىشىنىشلەرنىڭ توختاپ قېلىشى» ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
[2] گەرچە بەزى مەنبەلەردە سىيىت نوچى ساۋاتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىمال خەتنى ئوقۇپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، لېكىن بۇلار ئۇنىڭ خەتنى باشقىلارغا بولسىمۇ ئوقۇتۇپ بېقىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قېقىشقا يېتەرلىك سەۋەب بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تۇزچى بوۋاينىڭ خەتنى ئوقۇپ بېقىش تەلىپىنى رەت قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭدا خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ بېقىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھەتتا سىيىت نوچى ساۋاتسىز بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئەھۋال  بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەھلىلىمىزگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ.

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز