قورقۇنچ ۋە ئەركىنلىك




ئەگەر بىر ئادەم ياكى بىر توپ ۋە ياكى بىر مىللەت غايەت زور قورقۇنچنىڭ ئاستىدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەت قىلغان ياكى ئويلىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

— بېرتراند رۇسسېل

قورقۇنچ ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىدىن ياكى بىلىشى ھەم قىياسىدىن ھالقىپ كەتكەن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا تەھلىكە شەكىللەندۈرىدىغان ئوبيېكتتىن ۋەھىمە ھىس قىلىش ھېسسىياتىدۇر. قورقۇنچ بەزىدە ئادەمدە ئۆزى قورقۇۋاتقان ئوبيېكتقا ئۆچمەنلىك ھېسسىياتىنى قوزغىسا، بەزىدە ئۇنىڭدىن يىرگەندۈرىدۇ، يەنە بەزىدە بولسا ئادەم ئۇنىڭدىن قېچىشنى ئىستەيدۇ. شۇنىڭدەك، يەنە شۇنداق قورقۇنچمۇ باركى، ئۇ ئىنساننىڭ قەلبىدىن تاكى ئۇ ئۆلگىچە يۈتمەيدۇ، ئۇنى داۋاملىق ئارامسىزلاندۇرۇدۇ ۋە چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئازابلاپ تۇرىدۇ. دېمەك، قورقۇنچتا ئادەم بىلەن ئۇ قورقۇۋاتقان ئوبيېكت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپ ھاللاردا ياتلىشىش ھالىتىدە بولىدۇ.                         بۇ يەردە ئادەم، قورقۇنچ ئوبېكتى ۋە قورقۇنچتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئامىل ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان بىلىش پائالىيىتى بىلەن باغلانغان 
قورقۇنچنى مۇشۇ مەنىدىن كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. بىرى، ئادەم ئۆزىنىڭ فىزىكىلىق ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن لېكىن قانداق سۈپەتلىكلىكى بىلىنىشلىك ئوبيېكتتىن قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئادەم ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى دەڭسىيەلمەيدىغان ھەم بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئوبيېكتتىن قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ. ئالدىنقىسى بىزگە ئۆزىنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ياكى يىراقتىكى دائىمىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن تەھلىكە سېلىپ تۇرىدىغان ئوبيېكتنىڭ بىزدە قوزغايدىغان قورقۇنچىنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى بىزنى، بىزنىڭ بىلىش ۋە ھەتتا ئەكس ئەتتۈرۈش قابىلىيىتىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن ئوبيېكتنىڭ داۋامىي ۋە ئىزتىراپلىق دەككە-دۈككىگە سېلىپ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇخىل قورقۇنچنى تەشۋىش دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. تەشۋىش ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن نامەلۇم، ئېنىقسىز ۋە تۇتۇق ئوبيېكتتىن تەھلىكە ھېس قىلىپ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇنى ھەتتا يوقلۇق ھەققىدە ئادەمدە كۆرۈلىدىغان تىرەن ۋە ئاسانلىقچە يوقالمايدىغان قورقۇنچ دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئالدىنقى تۈردىكى قورقۇنچتا ئادەم قورقۇنچ ئوبيېكتى بىلەن بىلىش نۇقتىسىدىن مۇئەييەن مۇناسىۋەت قۇرالىسىمۇ—گەرچە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ قانچىلىك پاسسىپ ۋە ياتلىشىش ھالىتىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر—كېيىنكىسىدە بۇنداق مۇناسىۋەت يوقالغان بولىدۇ: بۇنىڭدا ئادەم (زىتلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا) ئوبيېكت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئايان قىلىدىغان نامەلۇملۇق، يوقلۇق ۋە ئېنىقسىزلىق تەرىپىدىن ۋەھىمىگە چۆكىدۇ. قورقۇنچنىڭ مانا مۇشۇ ئىككى خىل مەنىسى بىز مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان ئەركىنلىك مەسىلىسىگە زىچ باغلانغان
ئەركىنلىك ئادەتتە ھېچقانداق زورلۇق كۈچى (زورلاش) ۋە بېسىم كۈچى ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدىكى پسىخىك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. پەيلاسوپ ئىزاك بېرلىننىڭ تەبىرى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ «زورلىنىشتىن خالىي بولغان ئەركىنلىكتۇر.» بۇ خىل ئەركىنلىك زورلۇق كۈچى بولمىغان ياكى ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان شارائىتنى چىقىش قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلالىشىنى كۆرسىتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل ئەركىنلىك دەل قورقۇنچتىن خالىي ۋە ئۇنىڭدىن ئازاد بولغان ئەركىنلىكتۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەركىنلىك ھەققىدىكى يۇقىرىقى تەبىردە ئەركىنلىك ئاكتىپ مەنىدە ئەمەس بەلكى پاسسىپ مەنىدە يەنى ئۆز-ئۆزىدىن يېتەرلىك بولغان ئەركىنلىك سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى مەلۇم ئامىللارنىڭ يوقلۇقى ھەم كەمچىللىكى مەۋجۇت بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا مەيدانغا كېلىدىغان پسىخىك ھالەتنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ
بىرەر كوللېكتىپنىڭ، توپنىڭ ياكى مىللەت ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىمۇ ئۇلارنى ئىچكى ۋە تاشقىي جەھەتتىن يۈرگۈزۈلىدىغان بېسىم ۋە زورلۇقنىڭ بولۇش بولماسلىقى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن ئۆلچۈنۈدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ماقالىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كوللېكتىپ پسىخىك ساپاسىغا كۈچلۈك ئەكس تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قورقۇنچ ئېڭىنى شەرھلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىدىكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرگە تولغان ئەركىنلىك ئېڭىغا قىسقىچە قاراپ چىقىدۇ. شۇ ئارقىلىق قورقۇنچ بىلەن ئەركىنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە (ھەم مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە قانداق كوللېكتىپ پسىخىك ساپانىڭ بولۇشىدا) ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

*****
ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستىلاسىغا ۋە زۇلمىغا چۈشۈپ قالغان ئەللىك نەچچە يىلدىن بېرى خىتايلار ئىنسان  قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۇلتۇر جەھەتتىن تالان-تاراج قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تۈرمىدە ياتقان بىر مەھبۇسنىڭكىگە سېلىشتۇرساق، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. گەرچە تۈرمىدىكى ئادەم ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ كىچىككىنە بوشلۇقتا ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ قامالسىمۇ ۋە ئۆز بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان خىلمۇخىل قىيىن قىستاقلاردىن قورقۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆز كەلگۈسى ھەققىدە كۆپ ھاللاردا (لېكىن دائىم ئەمەس) ئاز تولا ئېنىقلىق بېرىلگەن. مەسىلەن: ئۇنىڭغا نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن مەھبۇسلۇققا بۇيرۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭ قانچىلىك ۋە قايسى خىل ئۇسۇلدا داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات  گەرچە ئاز تولا بولسىمۇ—بېرىلىدۇ. ئادەتتە قەدىمدىن بېرى بىرەر جىنايەتچىنى تۈرمىگە قاماشتىكى تۈپكى سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇپ كەلدى، لېكىن بۇلارنى يىغساق تۆۋەندىكىدەك ئورتاقلىقلار بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى جىنايەتچىنى زورلۇق ئۇسۇلى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قاماپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە جىنايىتىگە توۋا قىلدۇرۇش بولسا، ئىككىنچىسى ئۇنى تۈرمىگە سولاپ ئۇنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ يەنە ئوخشاش خىلدىكى جىنايەتنى ياكى باشقا جىنايەتنى سادىر قىلىشىنى توسۇش ھەم ئالدىنى ئېلىش، ئۈچىنچىسى بولسا ئۇنى جازالاش ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا ئادالەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەم ئۇنىڭ قىلمىشىدىن باشقىلارغا ئىبرەت قىلدۇرۇش، تۆتىنچىسى بۇ ئارقىلىق مەزكۇر جىنايەتچى بۇزغان، تەھلىكە شەكىللەندۈرگەن ۋە كوللېكتىپنىڭ ھاياتى ۋە مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان قىلمىش ۋە ئىدىيىگە قارىتا قايتىدىن سىمۋوللۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلاردۇر.
لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت كوللېكتىپى سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئۆچۈن تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان ۋەتىنىدە—يەنى ئۆزىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا كوللېكتىپ مەھبۇسقا ئايلىنىشى يۇقىرىقى مىسالدىكى مەھبۇسنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ قورقۇنچلۇقتۇر: ئۇيغۇرلار قايسى گۇناھى ئۈچۈن بۇ جازاغا ئۇچرىدى؟ ئۇلار بۇ تۈرمىدە قايسى گۇناھى ئۈچۈن كىمگە قانداق تۆۋە قىلىشى كېرەك؟ ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ مەھبۇسلۇقى ئادالەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ كىمنىڭ ئادالىتى ۋە بۇ قانداق ئادالەت؟ ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىنى (سۈرۈكىنى) ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلىش ھەم بىلىش ھوقۇقى بېرىلدىمۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇ تۈرمىدە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگىمۇ—يەنى ئۇلار خۇددى ھەرقانداق بىر مەھبۇستەك گەرچە تېنى بوغۇشلانغان بولسىمۇ ئەقلىنى ئەركىن ئىشلىتىپ پىكىر قىلالامدۇ؟                          
خىتاي ھوكۇمدارلىرى تەرىپىدىن كوللىكتىپ تۇتقۇنلۇققا چۇشۇرۇپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ «گۇناھى» دەل ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ يۇتۇۋەتمەكچى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق، تارىخىي ۋە كۇلتۇرلۇق ئىگىسى بوپ قالغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن خەلق ئىكەنلىكىنى خىتاي ئۇنتۇلدۇرۇشقا شۇنچە كۈچىسىمۇ ئۇنتۇماي، ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويمىغانلىقىدۇر. ئۇ خىتايغا شۇنىڭ ئۈچۈن «توۋا» قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ۋە يوشۇرۇن ھالەتتكى ئىدىيىگە ئىگە بولۇشى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خەتەرلىكتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋە قىلىش يولى ئارقىلىق خىتايغا بىلىنىشى ۋە ئاشكارىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇلارنى بېسىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بەرگەن «مېھىر شەپقىتىگە» رازى بولۇپ، خىتاينىڭ يۇۋاش پۇخراسى بولۇشى ۋە خىتاينى قۇتقۇزغۇچىسى دەپ بىلىشى كېرەك. مانا بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە ئوپئوچۇق تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئادالەت دەپسەندىچىلىكىنىڭ—ئادالەتسىزلىكنىڭ ساختا نىقابلار بىلەن پەردازلىنىپ «ئادالەت» سۈپىتىدە بازارغا سېلىنىشىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ بۇ كوللېكتىپقا كەلتۈرۈۋاتقان ئاخىرقى زوراۋانلىقى دەل ئىدىيە زوراۋانلىقىدۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىدىيە زوراۋانلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئىدىيىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە يول قويماسلىقىنى ئەمەس بەلكى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىرلا خىل ئىدىيىگە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىدىيىنى ئۇيغۇر كوللېكتىپىنىڭ ئېڭىدا چوقۇم قىلىش كېرەك بولغان ھەرىكەت ۋە ئوي مىزانى سۈپىتىدە يىلتىز تارتقۇزۇۋېتىش خىتاينىڭ ئىدىيە مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تۈپكى خاراكتېرىدۇر. بۇ ئارقىلىق خىتايلار ئۇيغۇرلارنى بۇ ھەرىكەت ۋە ئوي مىزانىغا خىلاپلىق قىلسا تەبىئىي ھالدىلا گۇناھ ھېس قىلىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى سورايدىغان ۋە خىتاينىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنىڭ پەقەت خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر كوللېكتىپىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا خىتايغا قارىتا تارىختىن بېرى سەۋرچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنتايىن تىرەن قورقۇنچ ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بۇنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، شۇنداقلا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. دەل قورقۇنچ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇقەددەس تۇپرىقى بولغان ئېڭىنىمۇ (قەلبىنىمۇ) مۇنقەرز قىلىشنىڭ يولىغا ئايلانغان. بۇ مۇنقەرزلىك ئۇ قەدەر ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇكى، ئۇنى ئاڭقىرىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش شۇ قەدەر تەسكە چۈشىۋاتىدۇ، چۈنكى ھەچنېمە ئەمەس دەل قورقۇنچ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك ھېسسىياتىنى ۋە كۇلتۇر پەرقىنى ئۇستىلىق بىلەن نىقابلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدىن ئۆز ئۆزىگە دۈشمەن قىلىپ قويىۋاتىدۇ.  
ئۇيغۇر مەۋجۇدىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىغا بولغان قورقۇنچنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا كۈنسېرى ئېغىرلاپ بېرىشى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنجىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشىدۇر. خىتاي مائارىپتىن ئىبارەت بۈ ئىنتايىن ھالقىلىق تەلىم تەربىيە بازىسىنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرلىك تەربىيىسى نامىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئارمىيىگە ۋە ئاتالمىش بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەدەنيەت تارىخىغا، شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈنسېرى روناق تېپىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈن چارە ئاماللار بىلەن بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا قورقۇنچ شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنتايىن ستراتېگىيىلىك يوسۇندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ھەيۋەتلىك تەشۋىقاتنىڭ ئۈنۈم بېرىشى نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدا خىتاينىڭ بۇرۇنقى ئاجىز، رەزىل ۋە ئەخلاقسىز مىللەتلىك سەلبىي ئوبرازى بارغانسېرى يوقۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئوبرازى—يەنى ھەر تەرەپتىن گۈللىنىۋاتقان ۋە خەلقئارادىكى ئورنى كۈندىن كۈنگە ئۆسىۋاتقان بىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىك ۋە مىللەتلىك ئوبرازى تىكلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بارغانسېرى قورقۇنچ ھېس قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ قورقۇنچ ئويېكتى بولغان خىتايلارغا ئۆزلىرى بىلىپ بىلمەي نۇرغۇنلىغان ئاكتىپ سۈپەتلەرنى قوشۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىۋېتىپ (ئىدېئاللاشتۇرۇپ) بېرىۋاتىدۇ. شۇنداق قىلغانسېرى، قورقۇنچى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ—مانا بۇ قورقۇنچ بىلەن قورقۇنچ ئوبرازىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىدىن كېلىپ چىققان رەزىل ئايلانمىدۇر. نەتىجىدە بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاڭسىز ھالدا ئۆز قەلبىدە ئىچكىيلەشتۈرىۋالغان خىتايلارنىڭ زىيادە كۆپتۈرۈلگەن ئوبرازىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمدە قىيىن ـ قىستاققا ئۇچراش، جازالىنىش ۋە ئۆلۈمگە قارىتا تۇغما قورقۇنچ تۇيغۇسى بار. ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتىدە مېدىئا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۆپتۈرۈپ تەرغىپ قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى» دەپ قارىلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەركىنلىك ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى، ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتى ۋە خانۇ ۋەيران بولغان ئائىلىۋى ھاياتى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇلارنى خىتاينىڭ قەبىھ شەكىلدىكى قىساس ئېلىشىدىن ئىھتىيات قىلىدىغان قىلدى. تاشقىي سەۋەبتىن ئېلىپ ئەيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دولەتنىڭ، جۇملىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئەزا دولەتلەرنىڭ، خىتاي بىلەن بولغان ئىچقويۇن-تاشقويۇن سىياسىتى مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولغان ۋە بولماقچى بولغان دولەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك چەمبىرىكىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلارنى ئېغىر ئۇمىدسىزلىككە دۇچار قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇشبۇ رايوندىكى پائالىتىگە ئېغىر قامال ئېلىپ كەلدى.
خىتايلار مۇشۇ ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇر ئاممىسىغا ئىبرەت قىلغۇزۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قورقۇش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدا كوللېكتىپ ھالدىكى قورقۇنچنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۇيغۇرلارنى ئۆز كەلگۈسىگە قارىتا ئىشەنچىنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشىنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتىدۇ. دېمەككى، ئىچكى ۋە تاشقىي ئامىللارنىڭ رولى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن زىيادە ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىلغان قورقۇنچ ئېڭى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇلدى—يەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېخىمۇ ئىچكىيلەشتۈرۈلدى. ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك بولغاچقا ئۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بىردىنبىر تاللاش ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ قورقۇنچ قانچە چوڭقۇر يىلتىز تارتسا خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۇنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈشى شۇنچە ئوڭاي بولىدۇ. ھەتتا خىتايلار قىلچە كۈچىمەيلا ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ھازىرقى سىياسىي تەقدىرىنى ھېچقانداق قارشىلىقسىز قوبۇل قىلدۇرالايدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى مۇستەقىل بولۇش غايىسىدىن بىر پاي ئوق چىقارماي تۇرۇپ ۋاز كەچتۈرەلەيدۇ.
ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن قورقۇنچ ئېڭى تاشقىي جەھەتتىن پوپۇزا ۋە بېسىم كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان قورقۇنچتىنمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. چۈنكى ئۇنىڭدا قورقۇنچ ئىچىدىن يەنى قەلبتىن ھېس قىلىنىپلا قالماستىن تېخىمۇ يامىنى قورقۇنچ ئويېكتى بولغان خىتاي ئوبرازى قەلبتە ھەر ۋاقىت ئىنتايىن قۇدرەتلىك ۋە يېڭىلمەس كۈچ ئوبرازى سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ. ھەتتاكى بۇ ئوبراز قەلبتە مېنىڭ يەنە بىر ھالىتىمگە يەنى مېنىڭ يەنە بىر «مەن» ىمنىڭ شەكلىگە كىرىۋېلىپ ئەسلىدىكى «مەن» ىم بىلەن توقۇنۇشىدۇ. خىتاينىڭ تەھدىتى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۇشۇ يول ئارقىلىق ھېس قىلىنىپ تۇرىدۇ. قارىماققا، شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ئوقىتى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋاتقاندەك قىلىۋاتقىنى بىلەن، لېكىن چوڭقۇر دەرىجىدە ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ۋە كۆرۈنمەس قورقۇنچ ئېڭى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى ۋە پىكىر قىلىشىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولى ۋە يولى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ئوبرازنىڭ ئۇيغۇر كوللېكتىپ ئېڭىدا يوشۇرۇن رول ئوينىشى ئارقىسىدا بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى خۇددى خىتايلار تەكشۈرىۋاتقاندەك تەكشۈرۈشكە چۈشىدۇ ۋە قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە كۈچەيدۇ. خىتايلار دەل مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتىۋاتىدۇ.
زىيادە قورقۇنچنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ۋە كۆپتۈرۈلگەن ئوبرازى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىنى ۋە ئىرادىسىنى ئىچكى جەھەتتىن بىر نەچچە قاتلامغا بۆلىۋېتىدۇ. بۇ بۆلىنىش ئەركىنلىكنى خالايدىغان ۋە ئۇنى تاشقىي جەھەتتىن كېلىدىغان ھېچقانداق بېسىمنىڭ توسقۇنلۇقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۈرگۈزۈشنى ئىستەيدىغان ئەسلىدىكى «مەن» بىلەن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى توسىدىغان ۋە ئۇنى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنىڭ خىلمۇ خىل تەسەۋۋۇرلىرى ئارقىلىق كونترول قىلماقچى بولغان يەنە بىر «مەن» يەنى خىتاينىڭ ئوبرازىنىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلۈشى ئارقىلىق مېنىڭ ئېڭىمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىۋالغان يەنە بىر «مەن»  ئوتتۇرىسىدىكى بۆلىنىش ۋە توقۇنۇشتۇر. ئىككىنچى مەنىدىكى «مەن» دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان نەچچە ئون يىللىق دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ «مەن» ئۆزىدىن پۈتۈنلەي ياتلاشقان «مەن» بولۇپ، ئۆزى بىلىپ-بىلمەي دەل ئۆزىنىڭ ئەزگۈچىسىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. مەسىلىنىڭ ئەڭ ئىزتىراپلىق تەرىپى شۇكى، بەزى ئۇيغۇرلار ئۆز قەلبىدىكى مانا مۇشۇ ياتلاشقان «مەن» نىڭ ئۆزىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىنىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ئوبرازى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان ھەر بىر پىكىرنى ۋە ئىدىيىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ۋە پىكرى دەپ قارايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدا ئوينىتىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇم ئېلىپ كەلگەن قورقۇنچنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىچكىيلەشتۈرۈۋېلىپ، سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئاڭقىرىشىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىۋالدى. ئەڭ دەھشەتلىكى، شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە «ئۇيغۇرلۇق» بىلەن «خىتايلىق»تىن ئىبارەت چوقۇم ساقلىنىشى كېرەك بولغان كۇلتۇر پەرقى ئەسلىدىكى «مەن» بىلەن ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن «مەن» نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ يوقۇلۇشىغا ئەگىشىپ يوقۇلۇشقا باشلايدۇ: مەن ئاخىرىدا ئۆز ئىچىمدىن ئۆزۈم سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆزەمنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرىلىمەن. مېنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىم بولغان خىتاي بولسا مېنى ئۆزىنىڭ ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن ئوبرازى، سۈرى ۋە ھەيۋىتى ئارقىلىق يوشۇرۇن تەرىزدە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭى مانا مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ئېلىپ كەلگەن قۇتۇلغۇسىز قورقۇنچتا ياشاشقا مەجبۇرلانغاچقا، ئۇلار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى بارغانسېرى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ، ئۆز ئۆزىدىن—ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىۋاتىدۇ ۋە بەزىدە ھەتتا ئۆز ئۆزىدىن ئۆزى بىلىپ بىلمەي نەپرەتلىۋاتىدۇ.
ئۆزىدىن نەپرەتلىنىش قورقۇنچ ئېلىپ كەلگەن يەنە بىر ئاقىۋەت بولۇپ، ئەسلىدىكى «مەن » بىلەن ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن «مەن» نىڭ—يەنى خىتاينىڭ «مەن» سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئەسلىدىكى مەننى كونترول قىلىشى ۋە داۋاملىق توختىماي ئەيىبلەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا خۇددى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىۋاتقان تۇيغۇغا كېلىش ۋە ئۆزىنى گۇناھ ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرۇشتۇر. ئەڭ ئاخىرىدا، ئادەم ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلاۋېرىش جەريانىدا ئۆزىدىن نەپرەتلىنىدۇ.
خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىيسىدىن كېلىپ چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ پسىخىكىسىغا قارىتا بىر قوللۇق ئېلىپ بېرىلغان پسىخىكا زوراۋانلىقى ۋە زىيانكەشلىكىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدىكى قورقۇنچ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىلا ئەمەس بەلكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى قورقۇنچنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىقى بولىۋاتىدۇ دېسەك، ۋەتەن سىرتىدىكىلەر ئۇنىڭ ۋاسىتىلىق قۇربانلىقى بولىۋاتىدۇ، دېيىش مۇمكىن. ئەگەر ئالدىنقىسى بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بىرىنچى خىل قورقۇنچقا—ئۆزى بىۋاسىتە تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ھەم ئاز تولا بىلىدىغان لېكىن ئۆزىنىڭ پىزىكىلىق قابىلىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن ئوبيېكت ئېلىپ كېلىدىغان ئىزتىراپنى كۆزدە تۇتسا، كېيىنكىسى ۋاسىتىلىق ھەم ئاسارەت خاراكتېرلىق تەشۋىشنىڭ ئوبيېكت ھازىر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى ئادەمنى قىيناپ تۇرىدىغان دەككە-دۈككىلىك روھىي ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھېلىھەم خىتايدىكى ۋاقتىدا قەلبىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچ ئىچىگىچە سىڭدۈرىۋەتكەن قورقۇنچنىڭ ئاسارىتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى گەرچە غەرب ئەللىرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى جارى قىلدۇرۇشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئۇنى قانۇنىي يوللار بىلەن قوغدايدىغان ۋە ئۇنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن قاندۇرىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقىنىغا قارىماي، يەنىلا قەلبىدە ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن قورقۇنچتىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. مەسىلىنىڭ ئەڭ سەزگۈر تەرىپى شۇكى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تاشقىي جەھەتتىن ھېچقانداق توسقۇنلۇق، بېسىم ۋە پوپۇزا يوق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار قەلبىدە يەنىلا ئەركىن ئەمەس—چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۇلارنىڭ قورقۇنچى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە تۇنجۇقتۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ قەلبى خىتاينىڭ ئۇلارنى بىر مىنۇتمۇ ئارامىدا قويمايدىغان سۈرلۈك ئوبرازى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىغلىق ۋە باشقۇرۇقلۇق. خىتايلار دەل ئەنە ئاشۇ قورقۇچنىڭ ئاسارىتى ئارقىلىق ئۇلارنى نەچچە ئون مىڭ كىلومېتېرنىڭ نېرىسىدىكى بىخەتەر جايدىمۇ خۇددى ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندا باشقۇرغاندەكلا باشقۇرىۋاتىدۇ. دېمەك ئۇلار خىتاي تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق تەرىزدە ئېزىلگۈچىلەردۇر: ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەركىنلىكنى رەت قىلىپ، قورقۇنچ ئېلىپ كەلگەن ئىچكى ئاسارەتنى بىر خىل بىنورمال پسىخكىنىڭ يوشۇرۇن رول ئوينىشى ئارقىسىدا قوبۇل قىلغۇچىلاردۇر.

*****

          دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر زىندان ئىنساننىڭ ئۆز قەلبىدىكى قورقۇنچنىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئۆتە قورقۇنچلۇق ئەمەستۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كوللېكتىپ ئېڭى خىتاينىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان قورقۇتۇپ باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئەگەر بىزنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىمىز چوقۇم ساغلام بولغان كوللېكتىپ پسىخىك ساپاغا موھتاج دېيىلىدىكەن، بۇ چوقۇم ئالدى بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزنى قورقۇنچتىن ئازاد قىلىشتىن باشلىنىشى كېرەك. قەلبىمىزنى قورقۇنچتىن ئازاد قىلماي تۇرۇپ، ئەركىن پىكىر قىلغىلى بولمايدۇ، ئەركىن پىكىر قىلماي تۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقى ھەققىدە ئىنسانىي مەنىدىكى قارارنى ئالغىلى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر بىر چىمدىم تۇپرىقىدىن خىتاي باسقۇنچىلىرىنى ئۈزۈلكېسىل قوغلاپ چىقىرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى چوقۇم ئالدى بىلەن قەلبىمىزدىن بىزنى قورقۇنچقا سېلىپ كەلگەن خىتاينىڭ ئوبرازىنى پاكپاكىز قوغلاپ چىقىرىشتىن، قەلبىمىزنى ھەرقانداق يات كۈچنىڭ ۋە ئوبرازنىڭ كونتروللىقىدىن ئازاد قىلىشتىن باشلىنىشى كېرەك. دەل مانا مۇشۇ چاغدا بىز ھەقىقىي ئەركىنلىكنى ئىزدەش، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىشىش ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئېرىشىش قەدىمىنى باسقان بولىمىز. قەلبنىڭ قورقۇنۇچتىن خالىي ئەركىنلىكى بىزنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر.

2006-يىل، بېلگىيە


Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز