ئاشۇ يىللار

ئاشۇ يىللار

مەمتىمىن ئەلا


مەن سېنى يات ئەللەرگە ئېلىپ بارماقچى ئەمەس، بەلكى مەن سېنىڭ ئېھتىمال ئۆز ئېلىڭدە ياتۋاش ئىكەنلىكىڭنى ئېيتماقچىمەن.
--نىكولا مېئىلبرانچ

ئاشۇ يىللار مېنىڭ دۇنيانىڭ رەڭگا - رەڭلىكىگە بولغان قىزىقىشلىرىمنى، بالىلارچە خىياللىرىمنى ۋە ئۈمىد - ئارزۇلىرىمنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ كەتتى. ھازىر ئۇلارنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەنلىكىمنى ۋە ھېلىھەم ئاشۇ خىياللارنىڭ قوينىدا ياشاۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. يات ئەللەردە سەرسان بولۇش داۋامىدا، ئاشۇ يىللارغا قايتىش ماڭا يەنىلا نەگە تەۋە ئىكەنلىكىمنى ۋە تەۋە بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ: ئاشۇ يىللار مېنىڭ ئۆتمۈشۈم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مېنىڭ كەلگۈسۈمدۇر—مېنىڭ ھەممە ھەممەمدۇر. ئۇلارنى ئەسلەش بىرخىل ھايات شەكلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى بايقاش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى ئاشۇ يىللار ئىچىدە ئۇنتۇشتۇر. تۆۋەندە مەن ئوقۇرمەنلەر ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ئىلىم ھاياتىمنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسىنى سۇنماقچىمەن.


****

مەن ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ پەننى كىچىكىمدىن ياخشى كۆرەتتىم. ئەگەر ئەدەبىيات مېنىڭ ئادەمنىڭ ئىچكىلىكىنى بايقاشتىكى كۆزنىكى، ماتېماتىكا ئەقىلنىڭ مىقدارلار ھەققىدىكى ئويۇنى بولسا، پەلسەپە مېنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇلۇم ئىدى. مېنىڭ پەلسەپە بىلەن ھەقىقىي تونۇشۇشۇمنى مېنىڭ مەغلۇبىيىتىم بىلەن باشلاندى دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن.
ھېلىمۇ يادىمدا، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتېنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئىلىم - پەنگە ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئۆز تۇرمۇشۇمغا ئەركىنرەك ئىگىدارلىق قىلىش ئېلىپ كەلگەن چېچىلاڭغۇلۇق ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنىدىم. گەرچە نۇرغۇن پەنلەرنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان بولساممۇ، مەن ياخشى كۆرىدىغان دەرسلەر لوگىكا، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى. بۇ دەرسلەر ھەققىدىكى بىلىملەر ماڭا مەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئەسقېتىپلا قالماستىن تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك بىلىم ئاساسىمنى قۇرۇپ چىققانىدى.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ قاراخانىلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۇستازىم يارمۇھەممەت تاھىرنىڭ مەندە ئۇنتۇلماس خاتىرە قالدۇرغان دەرسلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇم. ئۇ ۋاقىتلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇت قەشقەرى بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى چۈشىنىشىمىزدىكى ئالتۇن ئاچقۇچ ئىدى. قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرىدە ئۆز مىللىتىمنىڭ ئىدىيە تارىخىنى ئۆگىنىش مېنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ تېزلا ئاشكارىلاشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن ئالغاندا، مەن مەدەنىيىتىم ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۇنىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ تىڭشاۋاتاتتىم. يەنە بىرتەرەپتىن، مەدەنىيىتىمگە زىيادە يېقىنلىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا ساقلىنىشى كېرەك بولغان تەنقىدىي ئارىلىقنى يوقىتىپ قويغانىدىم. ئۆز مەدەنىيىتىمگە بەكلا يېقىنلىق مېنى ئۆز نۆۋىتىدە باشقا مەدەنىيەتلەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالدۇرغانىدى.
ئۆز مەدەنىيىتىمنى ناھايىتى ئىدېئاللاشتۇرۇۋېلىش مېنى خالىغانچە بەزلەپ كەلگەنىدى، بىر قىسىم دەرسلەرنىڭ قىلچە قىزىقتۇرۇشىنىڭ بولماسلىقى ۋە ناھايىتى قاتتىق مەمۇرىي تۈزۈم مېنى ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئەقلىي ھاياتتا ئەمەس، بەلكى ئاڭسىز قوزغىلىشلىرىمنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ئېلىپ كەلگەن يوشۇرۇن شادلىقنى قوغلىشىدىغان ھاياتتا ياشاشقا قىزىقتۇردى. ھاياتىمنى كۈچلۈك ئەقلىيلىك ۋە پرىنسىپلاردىن خالىيلاشتۇرۇشقا تىرىشىش بيۇروكراتلىققا تولغان ۋە ھاياتىي كۈچى كەمچىل ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە قارىتا قوزغالغان ئىچكى قارشىلىقنىڭ مۇقەررەر ئىنكاسى ئىدى. كونترول قىلىش بەسى مۈشكۈل بولغان ئىستەكلەرنىڭ ساراسىمى بالىلارچە ئارامىمنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ نىشانى بوپقالدى. قەلبىمنىڭ ناھايىتى يىراقلىرىدىن ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان كۈچنىڭ قۇدرىتى مېنى پۈتۈنلەي ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. مەن مەن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈز بېرىشىنى روياپقا چىقىرىۋاتقان بۇ كۈچنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش ئارقىلىق كونترول قىلماقچى بولدۇم. بۇنىڭ مەن ئۈچۈن پەقەت ئىككىلا يولى بار ئىدى: بىرى، فانتازىيىلىك خام - خىياللار بېرىلىش؛ يەنە بىرى، باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇش ياكى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىش.
ئەنە ئاشۇ ئۆتكۈنچى يىللاردا مەن ئاۋسترىيە روھانالىزچىسى سىگمۇند فرېئۇد بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدىم. ئىنساننىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى سىرلار ئارقىلىق تاپماقچى بولغان فرېئۇد مېنى قاراڭغۇلۇق ۋە تىلسىماتقا تولغان بوشلۇققا باشلىدى. ئۇنىڭ ناھايىتى يېڭى، يوچۇن ۋە ھەتتا رادىكال بىلىنىدىغان نەزەرىيىلىرى مېنى ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى قانداق چۈشىنىشنى ئۆگەتتى، ئاندىن دۇنيانى قانداق كۆزىتىشكە ئۆتتۈم.
فرېئۇدنىڭ مەندە قوزغىغان خىلمۇخىل زىلزىلىسى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن قايمۇقۇشلار داۋامىدا ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئەخلاق كرزىسى مەسىلىسىگە دۇچ كەلدىم. ئەگەر ئىستەكنىڭ مەدەنىيەتنىڭ توسالغۇسىدىن خالىي ھالدا ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە قاندۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ بەختلىك ياشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى دەپ قارالسا، مەن بۇ خىلدىكى ۋەدىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايتتىم، نېگىزلىك مەسىلە شۇ ئىدىكى، ئۇ ماڭا ئىنساننىڭ ئەخلاقىي ھاياتىنىڭ بىز كونترول قىلالمايدىغان تەگسىز مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.
ئۆز مەدەنىيىتىم ئەينى ۋاقىتتا ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغان بۇنداق ئىدىيە بىلەن ئالاقىدا بولۇش مېنى بەزىدە خۇددى چەكلەنگەن بىرەر دىنغا يوشۇرۇن ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. تۇرۇپ - تۇرۇپ ئۆزۈم ياكى ئىنسانىيەت ھەققىدىكى باشقىلارغا ئېيتقىلى بولمايدىغان مەلۇم مەخپىيەتلىكنى تۇيۇقسىز بىلىپ قالغاندەك تۇيغۇدىمۇ ئىدىم. تۇيۇقسىز بىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن روھى بېسىم ۋە گۇناھ تۇيغۇسىدا تېڭىرقىغانىدىم. خۇددى فرېئۇدچە ئاڭسىز ئۆزلۈكۈم ئىدېئال ئۆزلۈكۈم ۋە جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت قائىدە - تۈزۈملىرى تەرىپىدىن ھەرۋاقىت ئەيىبلىنىۋاتقاندەك. ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىل مانا مۇشۇنداق تېڭىرقاش، بۇرۇقتۇرمىلىق ۋە تىت-تىتلىق بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.
فرېئۇد ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى «بوھران» بىلەن ئۆز ئىزىدىن چىقىپ كەتكەن نىشانسىز ھاياتىم قىزىقىشىنى فرانسىيە پەيلاسوپى ژان ژاك سارتنىڭ قويۇق مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپە ئەسەرلىرىگە بۇرىدى. ئېھتىمال ئىنسان ھاياتىدىكى غەيرىي ئەقلىيلىكنىڭ پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىكىلا ئەمەس، بەلكى پەلسەپە نۇقتىسىدىكىمۇ سىرىغا بولغان قىزىقىشىم سارتتىن فرېئۇدقا ناھايىتى ئاسانلا يۆتكەلگەن بولسا كېرەك. ياكى مەن ئىنساننىڭ غەيرىي ئەقلىيلىكىنى بىر قەدەر ئەقلىيلەشكەن بىلىش ئۇسۇلىدا — مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدە—تۇرۇپ كۆزەتمەكچى بولغاندىمەن.
سارتنىڭ پەلسەپىسىگە ناھايىتى تېزلا ئىچىكىپ كەتتىم. ئۇنىڭ« مەۋجۇتلۇق ۋە يوقلۇق»  ناملىق ۋەكىل خاراكتېرلىك پەلسەپە ئەسىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىشكە ساق بىر مەۋسۇم كەتتى. نەتىجە قانائەتلىنىشتىن بەكلا يىراق ئىدى. مەن بۇ كىتابنى ھەقىقەتەن قانچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىگەنىدىم.
سارت مەندە بىر ئۇلۇغ پەيلاسوپنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى ئاسانلا تىكلىدى. ئۇنى گەرچە تەلتۆكۈس چۈشىنەلمىسەممۇ، ئاز - تولا بىلىمەن دېيەلەيتتىم. ئۇنىڭ شوئار تۈسىنى ئالغان بەزى ئىدىيىلىرى—مەسىلەن، «ئەركىن تاللاش»، «ئىنسان ھاياتىنىڭ بىمەنىلىكى» ۋە «ئۆزگىنىڭ دوزاخ» ئىكەنلىكىدەك ئىدىيىلىرى—مېنىڭ دەماللىققا ياقتۇرۇشۇمغا نائىل بولدى. چۈنكى بۇ شوئارلار ماڭا ئۆز نۆۋىتىدە مەنىۋى سەرسانلىقتا ئۆزۈمدىن قايتا - قايتا سورىغان سوئاللىرىمنىڭ نەق جاۋابىدەك بىلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنى ھېچقانداق تەنقىدسىز قوبۇل قىلغاچقىمىكىن، ئۇنى پەلسەپە ماڭا بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋالغانىدىم.
سارتقا ئۇلىشىپ، يەنە بىر مەشھۇر مەۋجۇدىيەتچى  ئالبېخ كەميۇ بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «يېگانە ئادەم» دېگەن ئەسىرى ئارقىلىق تونۇشۇشقا باشلىدىم. ھاياتنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتى ۋە ئادەمنىڭ كۈندىن - كۈنگە يوقىلىۋاتقان ئىززەت - ھۆرمىتىنىڭ قايتا تىكلىنىشىگە ئۆزىنىڭ ئويلىنىشىنى ئاتىغان بۇ پەيلاسوپ مېنى ئۆز ھاياتىمنىڭ ماڭا نېمە ئۈچۈن قىممەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
شەخسنىڭ قىممىتى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئاتالغان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە بولغان مەستانىلىق داۋامىدا، مەن بارغانسېرى سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئۆزۈمگە يۈزلەندىم. ئۆزۈمنىڭ تېڭىرقاشلىرى، قايغۇ - ئەلەملىرى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقىلا بەنت بولۇپ كەتتىم. بۇ تۇيغۇلار گەرچە رېئاللىق بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، لېكىن مېنى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتكەنىدى. ئۆزۈمنى دۇنيا بىلەن روبىرو قويۇشقا ئۇرۇندۇم، چۈنكى دۇنيا ماڭا يات، چۈشىنىكسىز ۋە ئادالەتسىز بىلىنگەنىدى.
دېمەك، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا روھى بۆلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا ئوخشاپ قالدىم. كاللام توقۇنۇشقا، يەنى ئوتتۇرا ئەسىرچە مەدەنىيەت سەلتەنىتى سەۋەبىدىن ئۆز مەدەنىيىتىنى ئىچكى جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش تەرەپدارى بولغان مەن بىلەن بۇ مەدەنىيەتكە ئارىلاشماسلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي قوزغىلىشىنى ھېس قىلىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ھاياتىنىڭ ھەمدە ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ تۈپكى مەنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بېرىلگەن مەن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا تولغانىدى. باش - ئاخىرى چىقماس توقۇنۇش ئىچىدە ياشاۋېرىش مېنى ئۆز مەدەنىيىتىمنىڭ ئىچىدىكى يات ئادەمگە ياكى سۈرگۈندىگە ئايلاندۇردى. مەن ئەمدىلىكتە ئۆز مەدەنىيىتىمدىن خېلىلا ئارىلىق پەيدا قىلغانلىقىمنى،شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باشقىچە — تەلتۆكۈس ھالقىما بولمىغان—قاراش كۆزنىكىگە ئىگە بولغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدىم.
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ يەنە بىر ماھىيەتلىك ئىدىيىسى بولغان مەسئۇلىيەت ئىدىيىسىنى، يەنى ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىشىغا، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ قىممىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېگەن ئىدىيىسىنى ناھايىتى فورمال تەرزدە چۈشىنىۋالغانىدىم. ئۇنى چۈشەندىم دېگەندىن كۆرە، بىلىۋالدىم دېسەم سەل توغرىراق بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتا مەندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مېنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئايرىلغان، خىيالىي ۋە زىيادە سېزىمچان ھاياتىمغا چىڭراق يېپىشىش ئارزۇيۇمنى قوغداپ قېلىش بىلەنلا چەكلىنەتتى، خالاس. باش تارتىپ بولماس ئۆزلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مېنى پەرۋاسىز قىلىۋەتكەنىدى. پەرۋاسىزلىق بولسا مېنى ھەرقانداق قىممەت بىلەن ئۆزۈمنى باغلىيالمايدىغان ۋە ئاخىرى رېئاللىقتىن تامامەن ئايرىلغان ھالەتكە ئاپارغانىدى. نەتىجىدە، سوغۇق قانلىق بىلەن بويسۇندۇرۇلغان ئۆزلۈكۈم مېنى مەن ياشاۋاتقان تۇپراقنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.
قىسقا مەزگىللىك پەلسەپە ئۆگىنىش ئارقىلىق مەغلۇپ بولغان ۋە ئىززەت - ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنغان ئۆزۈمى تاپتىم. بۇ ئۆزلۈك شۇ قەدەر يەككە - يېگانە ئىدىكى، ئۇ كىمگە ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ئېيتىشنى ياكى ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەيتتى. بۇ، مەۋجۇدلۇقنىڭ تېگى - تەكتىدىن كېلىدىغان ئازاب ئىدى. مانا بۇ مېنىڭ مەغلۇبىيەتنى پەلسەپە ئارقىلىق تۇنجى قېتىم تەن ئېلىشىم بوپقالغانىدى.
ھاياتىمنىڭ قۇپقۇرۇقلۇقى ئېلىپ كەلگەن كەيپى بوشلۇق ئىچىدە 1992 - يىللىرىنىڭ كۈز ئايلىرىدا قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوقۇتۇش ۋە جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەكشۈرۈش پراكتىكىسىغا چۈشتۈق. بۇ مېنىڭ يۇرتۇم ئاتۇش ۋە قەشقەردىن كېيىن ئۇزاقراق تۇرۇپ ياشىغان ئۈچىنچى ماكانىم ئىدى. ئۇ يەردىكى ئۆزگىچە خەلق، ئۆرپ - ئادەت ۋە ھاياتلىق ھالىتى مېنىڭ ئوي - خىيالىمنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى. مەن ھەممە نەرسىگە قايتىدىن سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم.
ئوقۇتۇش پراكتىكىسى قىلىشتىن ئاۋۋال، بىز بىرقانچە كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، يېزىمۇ يېزا يۈرۈپ، خەلق ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ تەۋەررۈكلەرنى يىغىشقا باشلىدۇق. ھەر كۈنى بىرنەچچەيلەن يىراق يېزىلارغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى خەلق قوشاقچىلىرى ياكى سەنئەتكارلىرىدىن يېڭى نەرسىلەرنى تېپىشقا تىرىشاتتۇق. بىزنى چوڭ شەھەردىن كەلدى دەپ قارىغاچقا، كىشىلەر بىزگە گۇمان بىلەن قارايتتى ۋە ئۆزلىرىنى قاچۇراتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي كۈرەشلەرگە شاھىت ئەسلىمىسى شۇ پېتى ئىدى. ئۇلار ھېچنېمىگە ئارىلاشماسلىق ئېلىپ كېلىدىغان جىمجىت ۋە شاۋقۇنسىز ھاياتنىڭ كاپالىتىنى قەلبىنى بىز بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت بىرەر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىككە تېگىشىۋېتىشنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى. شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس توساق بەكلا قېلىن ئىدى.
نامرات تۇرمۇشقا باغلىنىپ يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبە بازىرىدىن نېرىغا ئۆتۈپ باقمىغان بۇ كىشىلەر ماڭا دۇنيانىڭ ئەپسانىلەر دەۋرىدىكى سىماسىنى بېرىۋاتاتتى. ئۇ خەلق مەن پەخىرلىنىپ ئادەتلىنىپ قالغان قاراخانىلار مەدەنىيىتىنىڭ ئۇ قېتىدىن—ئېھتىمال ھېچكىم بىلمەيدىغان قېتىدىن كەلگەندەك ئىدى. ئۇلار ماڭا ھەم ناتونۇش ھەم شۇنداق تونۇش ئىدى. لېكىن، مەن ئۇلارغا نىسبەتەن، ئېھتىمال ئىشەنسە بولمايدىغان ياتۋاش ئىدىم.
شۇندىمۇ، ئوخشاش تىلداسۆزلىشىش، ئوخشاش تۇپراقتا بىر - بىرىگە يېقىنلىشىش، دۇنيانى ئوخشاش سەزگۈدە سەزگۈلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئورتاقلىقلار بىزنىڭ بىر - بىرىمىزگە ئۇنچىۋالا يات ئەمەسلىكىمىزنى ئېسىمىزگە سېلىشقا باشلىدى. ئۇلار بىلەن ئاستا - ئاستا ئېچىكىش داۋامىدا، ئۆز مەدەنىيىتىم ھەققىدە ئۇزاق ۋاقىتقىچە سۈرمىگەن خىياللارنى قايتا سۈرۈشكە باشلىدىم: مەن نېمىنى كىم ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتىمەن؟ غەرب پەلسەپىسى ياكى پەلسەپە بىلەن بۇ خەلق ئوتتۇرىسىدا نېمە مۇناسىۋەت بار؟ سارت ۋە كەميۇلارنىڭ تەكلىماكاننىڭ ئۇنتۇلغان بۇرجەكلىرىدە ھاياتنىڭ ئارقىسىدىن ھالسىز ۋە ئامالسىز ئەگىشىپ مېڭىشقا بۇيرۇلغان بۇ خەلققە دەيدىغان نېمە گەپلىرى بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ قىممىتى «ئەركىن تاللاش» تا بولسا، ئۇلار نېمىنى ئەركىن تاللايدۇ، قانداق تاللايدۇ؟ ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى نېمە ئارقىلىق كېلىدۇ؟ جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە—خىلۋەتتە—جىمجىت ھايات كەچۈرۈش بىلەنمۇ ياكى مەندەك روھى ئېزىقىش ئىچىدە جاھانغا ئارىلاشماسلىق ئارقىلىقمۇ؟
بۇ سوئاللارغا ئەينى ۋاقىتتا جاۋاب تاپالمايتتىم. زىيالىيلىق، پەلسەپە مەستانىلىقى ۋە ئادىمىيلىك ھەققىدىكى خىياللار دىققىتىمنىڭ مەركىزىگە كەلدى. مەن گەرچە مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىدە ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتتىن ئارىلىق ھاسىل قىلىپ يىراقلىشىپ كەتكەن بولساممۇ، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆز مەدەنىيىتىمدىن ھەرگىز چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمنى، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا چوقۇم مەسئۇل بولۇشۇم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەن ئۈچۈن زىيالىيلىق مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ئەڭ سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشىنى يېتەكلەش بىلەن ئۆلچىنەتتى. زىيالىيلىق، ئېتىكىلىق مەنىسىدىن ئالغاندا، ئۆزى تەۋە مەدەنىيەتكە ئەڭ مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇلۇشنى قوبۇل قىلىش جاسارىتىنى بىلدۈرەتتى.
مەن ئۆزۈمگىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزگىگىمۇ مەسئۇل بولۇشۇمنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى بىزنى ئورتاق قىممەت ۋە ئورتاق ئەتە بىرلەشتۈرەتتى. ئورتاق قىممەت ئاستىدا بىللە ياشاش شۇنىڭ ئۈچۈن مەندە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى قوزغىيالايتتىكى، ئۇ مېنىڭ «ئەركىن تاللاش» ىمنى بىر قىممەت رامكىسى، پايدىلىنىش نۇقتىسى ۋە ئىجتىمائىي بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيتتى. بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن نېمە ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيىتىمگە چوقۇم مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك؟ زادى نېمە ماڭا بۇ مەسئۇلىيەتنى يۈكلىيەلەيدۇ؟ پەقەت ھەرقانداق ئەركىن تاللاشقا نىسبەتەن قىممەت بەلگىلەش رولىنى ئۆتەيدىغان ۋە ھەربىرىمىزنىڭ كىملىكىنى قۇرۇپ چىققان مەدەنىيەت، تىل، ئۆرپ - ئادەت، ئورتاق ھېس ۋە بارلىق ئەقلىي تەۋەررۈكلەر بۇ مەسئۇلىيەتنى بىزگە يۈكلىيەلەيدۇ. بىز ئەركىن تاللاشتىن ئىلگىرىلا ئەركىنلىكىمىزنى يوقاتقانىدۇق، چۈنكى بىز مەدەنىيىتىمىز تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئەركىن تاللانغانىدۇق. ئۇ بىزنىڭ قىممەت تاللىشىمىزنى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ئادىمىيلىك قىممىتىگە ئىگە.
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە توشۇپ كەتكەن كاللام مېنى ئورىغان مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ماڭا بولغان چۈشەندۈرۈپ بەرگۈسىز يېقىنلىقى بىلەن سەگىشكە باشلىدى. مەن مەدەنىيىتىمگە ئۇنىڭ ساپ ھالىتى بويىچە يۈزلىنىشىم ۋە ئاخىرىدا ئۇنى تولۇقى بىلەن قوبۇل قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. مەدەنىيىتىمگە ئەمدىكى قايتىشىم ئالىي مەكتەپكە يېڭىلا چىققاندا ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت سەلتەنىتى ئويغاتقان رومانتىك ۋە ساددا قىزغىنلىق ئەمەس ئىدى. ئۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى مەندە يېتىشتۈرگەن ئۇزاق مەزگىللىك ئىلمىي سوغۇق قانلىق بىلەن قايتىش ئىدى. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ماڭا ئۆزۈمنىڭ مەدەنىيىتىنى تەنقىدىي ئۇسۇلدا كۆزىتىشكە كۆزنەك بولدى دېسەم توغرا بولاتتى. پەلسەپە ئارقىلىق مەۋجۇدىيىتىمىزگە قايتىدىن سەپسېلىپ قاراش مېنى ئۆزۈم تەۋە قىممەتلەرنى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا ئۈندىدى. شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتنىڭ ئەمدى مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى بىلەن ئاقمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. چۈنكى ناھايىتى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتكە باغلانغان مەۋجۇتلۇقۇم مەۋجۇداتچىلارغا نىسبەتەن مەن ئازاد بولۇشۇم كېرەك بولغان مەنىۋى يۈك بولسا، مەن ئۈچۈن ئۇ مەندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئەسكەرتىلىپ تۇرۇلۇشى ئىدى. يەنى مەۋجۇداتچىلار ئابستراكت مەنىدىكى ئەركىن تاللاشنى، ئاندىن بۇ تاللاش ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشنى قوللايتتى. ئۇلار ئەركىنلىكنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق نەرسىنىڭ — ئۆتمۈش، تىل، ئىرق ۋە مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ--بولۇشىنى رەت قىلاتتى. مەن بولسام ئۇنداق قىلالمايتتىم، چۈنكى مەن ئەركىن تاللاشتىن ئىلگىرىلا مېنى تاللىغان مەدەنىيىتىمگە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك ئىدى. ماڭا نىسبەتەن، مەسئۇلىيەت ئەركىنلىكتىن ئىلگىرى تۇرۇشى كېرەك ئىدى، مانا بۇ مەن بىلەن مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدە كۆرۈلگەن ئىدىيىۋى سۈركىلىشنىڭ نېگىزلىك تەرىپى ئىدى.
قىسقىسى، سارتنىڭ ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتى ھەققىدىكى مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەن بايانلىرىغا تەكلىماكان قۇلاق سالمايدىغاندەك ئىدى. چۈنكى بۇ مەدەنىيەت بەكلا كونىرىغان، ھېسسىيلاشقان ۋە جاھىللاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۆزىنىڭ ئىچكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە دەلىللىشى بوپقالغانىدى—خۇددى ئۆز-ئۆزىگە قايتا - قايتا ئۇرۇلىدىغان ئەكس سادادەكلا.
كېيىن ئوقۇتۇش پراكتىكىسى باشلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشكە باشلىدىم، ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇڭداشتىم. ئۇلاردىن ھاياتىغا قانداق قارايدىغانلىقى، قانداق تەلەپلىرىنىڭ بارلىقى ۋە كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى، ۋەھاكازالار ھەققىدە گەپ ئېلىپ باقتىم. مېنى ھەيران قالدۇرغان يېرى، ئۇلارمۇ ئىلگىرىكى ماڭا ئوخشاش ئۆتمۈشنى كۆپ ئويلىمايدىغان، بۈگۈندە بىپەرۋالىق بىلەن ياشايدىغان ۋە ئەتىگە ۋايىم يېمەيدىغانلاردىن ئىدى. بۇنداق غەلىتە ئوخشاشلىق مېنى راستىنلا چۆچۈتتى. بىرخىل تۇرمۇش رېتىمى ئۇلارنى رېئاللىقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئىنكاس قايتۇرمايدىغان، پىكرى ئاددىي، تەلىپى تۆۋەن ئادەملەردىن قىلىپ قويغانىدى، مېنى بولسا زىيادە سەزگۈر، لېكىن سوغۇق قان ۋە جىمغۇر قىلىۋەتكەنىدى.
شۇنىڭدىن تارتىپ، مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ ھاياتىمدىكى رولىدىن ۋە مېنىڭ ئىلمىي يېتىلىشىمدىكى مۇھىملىقىدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. گۇمانلىنىش ئۆزۈم قوبۇل قىلغان قىممەتتىن ئۆزۈمنى ئاجرىتىش بولغاچقا، ئۆزۈم تەنقىدسىز قوبۇل ئەتكەن نەرسىلەرنى ئالدىمغا قايتىدىن تىزىپ قاراشقا باشلىدىم. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە بولغان گۇمانىم دەل ئۆزۈمنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان گۇمانىم بولۇپ ئاخىرلاشتى. چۈنكى، ھاياتقا گۇمان بىلەن قاراشقا ئۆگەتكەن بۇ پەلسەپىنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىش مېنى ئەلۋەتتە مەن مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك بولغان ھايات شەكلىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ باراتتى. گۇماندىن گۇمانلىنىش ھەممىدىن گۇمانلىنىشتا، ئاخىرىدا نىھىلىزمدا (ھەممىنى ئىنكار قىلىش) ئاخىرلىشاتتى.
خەتەرلىك ئاقىۋەت كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپلا تۇرغانىدى: مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىگە خەير-خوش دېيىش ماڭا ئانچە تەس كەلمىگىنى بىلەن، شۇنىڭغا ئۇلىشىپ كېلىدىغان نىھىلىزمچە ئىنكارلاشنىڭ ئارىسىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىمگە قېلىشىم (ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىم) مېنىڭ ھەربىر ئۇرۇنۇشۇمنى بىرەر قىممەتكە ئىگە بولۇشتىن مەھرۇم قالدۇراتتى. مەن يەنىلا بىر قىممەت ئاساسىغا موھتاج ئىدىم. مەن ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئاڭقارغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىلمەيتتىم. مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش بىلەن نېمە قىلىشنى بىلمەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مېنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىم بىلەن بولغان ناھايىتى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت شەكىللىرىمنى قۇرۇپ چىققانىدى.
يوپۇرغىدا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىم مېنى ئۆز مەدەنىيىتىم ھەققىدىكى مەسئۇلىيىتىم توغرىسىدا ئويلاتقۇزغان بولسىمۇ، ئەمدى بۇ مەدەنىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەجەللىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىنىمۇ كۆرگەنىدىم. ئەپسۇسلىنارلىقى، مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ كېسەللىكتىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەيتتىم.
پراكتىكانت ئوقۇتقۇچى بولۇپ نۇرغۇنلىغان سەبىي كۆزلەرنىڭ تىكىلىشىگە دۇچ كەلگىنىمدە ھەمدە تاملىرى ئۆرۈلەي دەپ قالغان سىنىپلاردا، توپا - چاڭ ئۆرلەپ تۇرغان مەيدانلاردا ۋە تار كەلگەن كوچىلاردا يۈرگەن توپ - توپ بالىلارنى كۆرگىنىمدە ۋە بىللە بولغىنىمدا، كەلگۈسىنىڭ بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىنپۈتۈپ قالغانىدىم، ھەممە نەرسە شۇ قەدەر قۇرغاق، تاتىراڭغۇ ۋە تۇرغۇن بىلىنەتتى...
دەرس ئۆتۈشتە ئوقۇغۇچىلارنى خالىغان سوئالنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرەتتىم، مەقسىتىم ئۇلارنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلەش ئىدى.
بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى شۇنداق رىغبەتلەندۈرۈۋاتقىنىمدا، بىر ئوغۇل بالا مەندىن:
— مۇئەللىم، سىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟— دەپ سوراپ قالدى.
نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتىم. شۇ نەرسە كاللامغا تېزلا كەلدىكى، بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئەجەللىك سوئال ئىدى. مەۋجۇدلۇقۇمنىڭ قىممىتىنىڭ زادى نېمىلىكىنى سارتتىن تاپالمىغانلىقىمنى ئىچىمدە يەنە بىر قېتىم تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. لېكىن ئەگەر مەۋجۇدلۇقۇم راستىنلا قىممەتكە ئىگە بولمىسا، ئېھتىمال بۇ سوئال ئالدىدا ئۇنچە تەمتىرىمەس ئىدىم. ئىدېئال نۇقتىدىن ئالغاندا، سارتچە ئەركىن تاللاش شەكلى ھاياتنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك سەۋەبچىسى بولالايتتى، لېكىن مەن تاللاش ئەمەس، تاللىنىش باسقۇچىدا ئىدىم. ماڭا ئۆزۈمنىڭ جاۋابى كېرەك ئىدى.
— ئۆزۈم بولالىشىم ئۈچۈنلا ياشايمەن،— دېدىم بوغۇق ئاۋازدا. راستىنلا شۇنداق ئويلايدىغانلىقىمغا كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيتتىم.
— سىزچۇ؟— دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن بىر ھازادىن كېيىن.
— بىلمەيمەن،— بۇ ناھايىتى سەمىمىي جاۋاب ئىدى. ئۇ ئۆز ئەتراپىدا ئېغىر ئايلىنىۋاتقان ھاياتلىقنىڭ قۇپقۇرۇقلۇقىنى ئېتىراپ قىلماسلىققا چارىسىزلىقىنى ئاشكارىلىدى. شۇ سوئال - جاۋابتىن كېيىن، ياشاشنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇستەقىل، يەنى سارتنىڭ ياردىمىسىز ئويلاشقا باشلىدىم. شۇنىسى ناھايىتى غەلىتە ئىدىكى، ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىگە ئاتالغان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنى ئۆگىنىۋېرىش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۇنتۇپ قېلىشقا باشلىغانىدىم.
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ياكى فرېئۇدچە روھانالىزنىڭ ماڭا ياردەم قىلالمايدىغانلىقى ئاخىر ئايان بولدى. ماڭا مېنى ئەتراپىمدىكى ھەممە قىممەتلەردىن ئايرىلىپ كېتىشتەك ياكى ھەممە قىممەتنى نېھىلىزمچە ئىنكارلاشتەك خەتەرلىك ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدىغان يېڭى بىر مەنىۋى كۈچ لازىم ئىدى. مەن ياشاشنىڭ كەسكىنلىكىنى تۇيۇشتىن مەھرۇم قالغاندەك ئىدىم. مەۋجۇتلۇقۇم ھېچنېمىگە ئۆزىنى باغلىيالماي، لەيلەپ قالغانىدى. لەيلەپ قېلىش بىزنىڭ ماھىيەتلىك مەۋجۇتلۇق شارائىتىمىز ئىدى. ئۇ ھەممە تاللىشىمىز بەرىبىرلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندەك، شۇڭا ھەرقانداق تاللاش ئاللىبۇرۇن ئۆز - ئۆزىنى (ئىچكى) ئىنكارلاشتەك ھالەتنى كۆرسىتەتتى. تراگېدىيە شۇكى، بىز ئۈچۈن خۇددى تاللاش تاللىيالماسلىق تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن بەلگىلەنگەندەك ئىدى.
يوپۇرغىدىن قايتتۇق. مەن خۇددى ئۆزۈم تەۋە ھەممە نەرسىدىن قايتقاندەك ئىدىم. سۈكۈت مەن بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر ئالاقىگە ئايلاندى. مەن مەسئۇلىيەتنى تېگى - تەكتىدىن ھېس قىلدىميۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ھەقىقىي ئاتىيالمىدىم. يەنە ھېچنېمىدە ئۆزۈمنى كۆرەلمەسلىككە قالدىم. ئاخىرى ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم. ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرى باش - ئاخىرى چىقماس سورۇنلاردا ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا زورۇقىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈمگە ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ھەممىنى ئارقىغا تاشلىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن نېھىلىزىمچە بوشىنىش ماڭا ھاياتىمنىڭ چىدىغۇسىز يۈزەلىكىنى كۆرسەتتى.
ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ئىجتىھاتلىق ئوقۇغۇچى ئاخىرى كىتابلىرىنى كۈنلەپ - كۈنلەپ ۋاراقلاپمۇ قويماس بولدى. ئۇنىڭ پەلسەپە كىتابلىرىنى كۆرسە كۆڭلى غەش بولىدىغان بولدى. ئېنگلىزچە ئۆگىنىشمۇ توختىدى. ئۇنىڭ كۇتۇپخانىغا يۈزلىنىدىغان قەدەملىرى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى قاۋاقخانىلاردا لەيلەپ قالدى… دېمەك، مەن پەلسەپىنى ئەمەس، بەلكى پەلسەپە مېنى تاشلىۋەتكەنىدى.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز نىچېنىڭ «زاراستۇرا شۇنداق دەيدۇ» دېگەن كىتابىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. پەلسەپە كىتابلىرىدىن ئۈركۈپ كەتكەن قوللىرىم ئۇنىڭ ۋاراقلىرىنى ئاستا ئېچىشقا، سېزىمىنى يوقىتاي دەپ قالغان كۆزلىرىم قۇرلار ئۈستىدە ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى. بىرخىل يېقىنلىق تۇيغۇسىنىڭ ئىلكىدە قالدىم… مەلۇم نەرسىلەر تولىمۇ تونۇشتەك قىلاتتى، خۇددى مەن ئۇلارنى بىر چاغلاردا بىر يەرلەردە كۆرگەندەك، ئاڭلىغاندەك، تۇتقاندەك...
ھەممە قىممەتتىن گۇمانلىنىش سەۋەبىدىن چۆلدەرەپ قالغان كاللامنى نىچېنىڭ ھەممە قىممەتلەرنى قايتا ئۆلچەشتەك چاقىرىقى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. نىچېنىڭ غەرب ئەنئەنىۋى مېتافىزىكىسىغا قارشى تۇرۇشى، ھاياتنىڭ ئەسلى ھالىتىگە (زېمىنغا) قايتىشقا بولغان چاقىرىقى، يېڭى قىممەتنىڭ مەنبەسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان ھوقۇق ئىرادىسى ئىدىيىسى ماڭا كېچىدە ئازغان ئادەمگە كۆرۈنگەن خىرە شولىدەك بىلىندى. نىچېنىڭ قارىشىچە، ئىجادىيلىققا تولغان يېڭى قىممەت يارىتىش ئىرادىسىنىڭ كونا ۋە ۋاقتى ئۆتكەن قىممەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىشى ھاياتنىڭ غۇرۇرىنى نامايان قىلاتتى. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىرادىسى تەرىپىدىن يارىتىلاتتى.
راستىنى ئېيتقاندا، نىچې ماڭا فرېئۇد بىلەن سارتلار قالدۇرغان قىممەت كرىزىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسەتتى، مەنمۇ ئۆزۈم تەۋە قىممەتلەرنى قايتىدىن تەنقىدىي باھالاپ چىقىشىم كېرەك ئىدى. نىچېنىڭ مۇشۇ پاجىئەلىك پانىيلىق ۋە ئىنساننىڭ قۇتۇلغۇسىز چەكلىكلىكىنى تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئېتىراپ قىلىشى ئۆزۈم تەۋە قىممەتلەرگە—مەدەنىيىتىمگە، تىلىمغا ۋە ئېتىقادىمغا—بولغان ئىشەنچىمنى قايتا تۇرغۇزۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. ۋەھالەنكى، بۇ ئىشەنچ مەدەنىيىتىمگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسكىن تەنقىدلەش ئارقىلىق تۇرغۇزۇلاتتى. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىچە مەسئۇلىيەت مانا ئەمدى قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالاشنىڭ تەخىرسىزلىكى ئېلىپ كەلگەن مەسئۇلىيەتكە، ئەركىن تاللاش بولسا ئۆزلۈك - مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتىغا، ھاياتنىڭ ئەقلىي ئاساسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىنىش ھاياتقا ئاكتىپ ئارىلىشىشقا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىشارىلىدى. نىھايەت، مەن پەلسەپىگە قايتىپ كەلدىم، لېكىن پۈتۈنلەي يېڭى ھالدا.
نىچې ماڭا ئۆزۈمنى تەنقىدىي يوسۇندا بايقاشنى ئۆگەتتى، شۇڭا مەن ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەت قىممەتلىرىگە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارىيالايدىغان بولدۇم. نىچې ماڭا ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ ئازابىنى قوبۇل قىلىشقا ئۆگەتتى، شۇڭا ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتنىڭ يارىلىرىنى مۇھەببەت بىلەن سىلىيالايدىغان بولدۇم. نىچې ماڭا كەلگۈسىگە قاراشنى ئۆگەتتى، شۇڭا مەن ئۆزۈم تەۋە مەدەنىيەتنىڭ كېسەلدىن ساقىيىشىغا ئۈمىد باغلىيالايدىغان بولدۇم. نىچې ئاخىرىدا ماڭا ئۆزۈمگە سادىق بولۇشنى ئۆگەتتى، شۇڭا مەن ئۆزگىگە سادىق بولالىدىم.
ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ئۇ 1993 - يىلى ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەش ماڭا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ۋە خىرىسلارنى ساقلاپ قويغانىكەن. تىرىشىپ - تىرمىشىپ يۈرۈپ، ياراملىق مۇھەررىر بولۇشنى ئۆگەنمەك مەندىن ئۆزۈمدە بار بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى جارى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەن بۇرۇنقىدىنمۇ سەۋرچان، ئەستايىدىل، گەپ - سۆزدە ئىخچام بولۇشقا، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ھەر دائىم كۆزىتىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئۇرۇنۇشلىرىم كۈتكەن يەردىن چىقمىدى. چۈنكى، مەن ئۆزۈم ھەققىدە ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغانىدىم، مۇھەررىر ۋە ئاددىي كىتابخان بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئۆزگىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيىلەرنىڭ قورشاۋىدا قالدىم.
جاھانسازلىق سەۋداسى مېنى پەلسەپىدىن قايتۇرۇپ، ھاياتتىكى ئەڭ ماھىيەتلىك قوزغىلىشقا — ھايات قېلىش ئىستىكىگە تايىنىپ ياشاشقا بۇيرۇدى. خىزمەت قىلىش ھاياتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كېلىشىمىگە ئايلاندى. ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزلۈك قىممىتى ئۇنتۇلدى. ئۆزلۈكۈم تۈگىمەس ئىشۋازلىق تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. ئۇنىڭدىن سىرت، يېگانىلىقنىڭ ئارىسىدا يوشۇرۇنغان ئۆزلۈكۈم باشقا ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يۈكسەلگەن ئاساستا ئېتىراپ قىلىش ۋە تونۇشقا بولغان تەبىئىي موھتاجلىقىنى ئاشكارىلىدى. ھاياتنىڭ كاتتا «سىرلىرى» غا قىزىقىدىغان كاللامنى ئۆيلىنىش تەقەززاسى ئىگىلىۋالدى.
ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولدۇم. مەنىۋى سەرگەردانلىقىم مۇقىم بوشلۇققا ئىگە بولدى. ھاياتنى ئۆزۈم تەۋە  ئۆيدە ئايالىم بىلەن بىللە ھېس قىلىدىغان، كۆزىتىدىغان ۋە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. سىرتلاردىكى يەكلىنىش، ئۆچمەنلىك ۋە تەھلىكىنى ئۆيدە ئۇنتۇشقا بولىدىغانلىقىنى، مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقى ئېلىپ كېلىدىغان چارچاشنى پەقەت ئۆزۈمگە تەۋە ئويدىلا يەڭگىللىتەلەيدىغانلىقىمنى بايقىدىم. ئۆزۈمگە ۋە ئۆزۈم تەۋە ھاياتقا ئۆيۈمدە ئىگە بولدۇم،
ئۆينىڭ مەن ياقتۇرىدىغان سۈكۈتى ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن بۇزۇلدى. ئۇ مېنىڭ ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا ئىنگلىزچىنى قايتىدىن قولۇمغا ئېلىپ ئۆگىنىشىمگە «ئۆكتە» چىقتى. ئۇ مەندىن ئۆزىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاتىلىق مۇھەببىتى مەندە ئۆزگىگە باغلانغان مەسئۇلىيەتنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا مەسئۇل بولىدىغان مۇقەددەسلىك تەرىپىدىن بېرىلگەنىدى: ئۇ ماڭا بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ئىدى.
ئوغلۇم مېنى پەلسەپە ۋە ئەدەبىياتتىن ئەپسانىگە قايتۇردى. ئۇ ماڭا ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىقى ۋە ئېۋولۇتسىيىسىنى (تەدرىجىي تەرەققىياتى) كۆزىتىشتىكى ئەۋرىشكە بولدى. لېكىن، ئۇنىڭدىن كۆرگىنىم ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۈزۈم بولۇپ چىقتى. ئۇ يەنىلا مەن، مەن يەنىلا ئۇ ئىدىم. ئۇنىڭ چۈچۈك ۋە ئېغىر تىلدا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە باشلىشى ماڭا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ مەلۇم مەدەنىيەت قىممىتىگە تەۋە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ جەريانىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلۈك - ئىپادىلىنىشىنى كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ مۇشۇ يول بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشتۈرۈلۈۋاتاتتى. ئۇ ئانا تىلىدا، ئانا تىلى ئۇنىڭدا قايتا - قايتا تۇغۇلۇۋاتاتتى. بۇ خۇددى نىچې ئېيتقان «مەڭگۈلۈك قايتىش» ئىدى—ئوخشىماسلىق ئوخشاشلىق سۈپىتىدە توختاۋسىز قايتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا نېسىپ قىلىنغان تىل ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىگەنىدى. ئۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش بۇ تىل، بۇ دىل ۋە بۇ قەۋم تەرىپىدىن تاللانغانىدى.
ھايات رېتىمىنىڭ كۈندىلىكلىشىشى مېنى يەنە دۇنيا بىلەن ئارازسىز ئارىلىشىشقا ئۈندىدى. كۈندىلىكلىك مەن بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يوقىتىشقا باشلىدى. ئاخىرىدا مەنمۇ باشقىلاردەك بولدۇم: باشقىلاردەك سۆزلەشكە، باشقىلاردەك ئويلاشقا ۋە باشقىلاردەك سەزگۈلەشكە باشلىدىم. ئۆزۈمنى باشقىلار ئىچىدە يېتتۈرىۋېتىش قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ھەر قېتىم دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بۇلۇڭۇمدا ئۆزگىرىش بولغاندا، پەلسەپە مەن بىلەن بىللە ئىدى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. ئەمدى پەلسەپە ماڭا ئۆزۈمنى تاپالايدىغان دۇنيانى ئىزدىشىمنىڭ سەۋەبچىسى بوپقالدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئىزدەش مەن تەۋە ھەممە نەرسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلاتتى. مەن ئەمدى ئۆزۈمنى مەن ھەقىقىي چۈشىنىدىغان پەلسەپە ئارقىلىق، پەلسەپىنى بولسا ھەممىدىن ئايرىلغان ئۆزۈم ئارقىلىق تېپىشقا قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
ئىنگىلىزچە سەۋىيەمنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىن، چەت ئەلگە چىقىپ پەلسەپە ئوقۇشقا تەۋەككۈل قىلىش قارارىغا كەلدى. نۇرغۇن بەدەللەرنىڭ مېنى كۈتۈۋاتقانلىقى مۆلچەرىمدە ئىدى. شۇندىمۇ، ھېچقانداق تەۋەككۈلچىلىك ئۆزلۈكنى ھەقىقىي تونۇشقا بولغان تەۋەككۈلچىلىككە يەتمەيتتى. ئۇ بىر قاراڭغۇ، بىلىنمەس ۋە ئېزىتقۇ ئۆزلۈككە ئاتالغان تەۋەككۈلچىلىك ئىدى. مەۋجۇدات تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا بىر تاسادىپىي تەۋەككۈلچىلىك ئىدى.
مەكتەپ ئۇقۇشۇش، توفېل ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش، ئەلچىخانا رەسمىيىتىنى ئۆتەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تۈگەتتىم. مەن بېلگىيىنىڭ لېۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىنستىتۇتىدا غەرب پەلسەپىسى بويىچە سىستېمىلىق ئوقۇشقا تاللاندىم، ئۆزۈم تەۋە قەدىرلىك نەرسىلىرىمدىن ۋە ئادەملىرىدىم ئايرىلىپ، بېلگىيىگە يول ئالدىم.
بېلگىيىگە كېچىكىپ كېلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە پسىخىك جىددىيلىك سەۋەبىدىن دەسلىپىدە ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالمىدىم. ئۆزۈمنىڭ يەر شارىدىكى فىزىكىلىق ئورنۇمغا بولغان سەزگۈم پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ يۈزۈمدە ئەكس ئەتكەن چوڭقۇر ئېسەنكىرەش، ۋەھىمە ۋە ئۈمىدسىزلىكنى خىرە - شىرە تۇيغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. مەن ئۇ چاغدا باشقىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە خۇددى بىر ئۆلچەملىك — تەكشىلىكتىكى ئادەم سۈپىتىدە كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسام كېرەك. قەلبىمدىكى پىنھان تۇيغۇلىرىمنىڭ مېنىڭ ئىختىيارىمسىز ئۆزگىگە نامايان قىلىنىشى مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنى ئۇلارغاسۆزلىدى. ئەنە شۇ چاغدا مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇياتلىق بىر ھالەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
دەسلىپىدە بۇ ئىنستىتۇتتا پەلسەپە سىمنارىيىسى دېيىلىدىغان بىرخىل دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا چوقۇم قاتنىشىشىم ئۇقتۇرۇلدى. سىمنارىيە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئوقۇشى تەلەپ قىلىنغان مەلۇم پەلسەپە تېكىستى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىلىشى ئىدى. مەن كىرسەم باشقا ئوقۇغۇچىلار ئاللىبۇرۇن بۈيۈك گېرمان پەيلاسوپى ئىممانۇئېل كانتنىڭ ئەخلاق مېتافىزىكىسى ھەققىدىكى تېكىستىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە بۇ ھەقتە كىچىك بىر پارچە ماقالىمۇ يېزىپ بولغانىكەن. كانتنىڭ بۇ تېكىستى ئەڭ كلاسسىك ۋە ئەڭ قىيىن پەلسەپە تېكىستىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى پەلسەپە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم پىششىق بىلىشى تەلەپ قىلىناتتى.
ئوقۇتقۇچى ماڭىمۇ بۇ تېكىست ھەققىدە كىچىك بىر پارچە ماقالە يېزىشنى تاپشۇردى. تېكىس ئەسلىدىنلا قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېنىڭ كانتنىڭ ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولغاچقا، ئۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىش ماڭا ھەقىقەتەن تەس كەلدى. شۇندىمۇ بۇ ۋەزىپەمنى پۈتتۈردۈم ۋە ماقالىنى ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇردۇم.
كۆزلىرىمگە ئىشىنەلمەي تۇرۇپ كەتتىم. ماقالىگە ئاران قىرىق نومۇر بېرىلگەنىدى. يىگىرمە پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلىش، يەتتە يىللىق مۇھەررىرلىك تارىخى ماقالەمنىڭ سۈپىتىنى ھېچقانداق كېپىللىك بىلەن تەمىنلىمىگەنىدى. مېنىڭ سەل چېچىلغان، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئاز - تولا ھارسىنغانلىقىمنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچۇم مېنى كىچىكرەك بىر قاۋاقخانىغا پىۋا ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى.
— بۇ نومۇر مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بەكلا ھەيران قېلىۋاتىمەن،— دېدىم ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، — شۇڭا مەن سىزنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىڭىزنى سورايمەن.
ئۇ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى:
— كانتنىڭ تېكىستىنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىنى بىلىمەن. تېخى ھېچكىم كانتنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىشنى ئاسان دەپ باققىنى يوق. سېنىڭ يازغان ماقالاڭدىن شۇ نەرسە چىقىپ تۇرىدۇكى، سەن ماقالىنى چۈشىنىشكە خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىپسەن ۋە خېلى توغرا چۈشىنىپسەن. ئەپسۇس، سېنىڭ ئەجەللىك خاتالىقىڭ شۇكى، ماقالەڭدە ئۆزۈڭنىڭ ئويلىرىنى ئىپادىلىشىڭ ياخشى ئەمەس، تەپەككۈرۈڭنىڭ ئىزچىللىقى تۆۋەن ۋە مۇنتىزىم ئەقلىيلىق تۈسىنىڭ ئورنىنى بىرخىل ئابستراكتلاشتۇرۇلغان تىل ئىگىلەپ كېتىپتۇ. بىلەمسەن، پەلسەپە يېزىقچىلىقى خۇددى پەننىي ئەسەرلەرنىڭ يېزىقچىلىقىغا ئوخشايدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىۋاتقان ئۇقۇملارنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلىشىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشىڭ كېرەك.
ئۇ ماڭا ماقالەمنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىر - بىرلەپ يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئىنچىكىلىكى ۋە لوگىكىلىقىغا ھەيران قالدىم. ئاستا - ئاستا ماقالىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن نۇقسانلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئىلگىرى يازغان ماقالىلىرىمدە بەزى قۇرۇق ئاتالغۇلار ئويۇنىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىمنى، ئەقلىي قۇرۇلمىنىڭ تۆۋەنلىكىنى قايتىدىن بايقاشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈۋاتقانلىرى مەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقلىرىدا ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەر ئىدى. ئۇنى تەكرارلاي: مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەردە ئاۋۋال ئاپتورنىڭ مەقسىتى ئېنىق تاپشۇرۇلۇشى، ئاندىن نۇقتىئىينەزەر ئىسپاتلىنىشى، ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىنىشى كېرەك، ۋەھاكازالار. بۇلارنى بىلەتتىميۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كەمدىن كەم رىئايە قىپتىمەن. چۈنكى مەن ماقالە يېزىشنىڭ ئەقلىي قۇرۇلمىسى ۋە جەريانى تېخىچە تولۇق شەكىللىنىپ بولمىغان مەدەنىيەت كوللېكتىپىغا تەۋە ئىدىم. شۇنداقلا، ئۇنىڭ خېلى چوڭقۇر ھەم ئاسان سەزگىلى بولمايدىغان تەسىرىگە ئۇچرىغانىدىم. مەن يېتىلگەن مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى دەۋرداشلىرىمنىڭ ماقالىلىرى نۇقتىئىينەزەردىكى تۇتۇقلۇق (ياكى قەستەن سىرلىقلاشتۇرۇۋېلىش)، ئابستراكتلىق (ئاپتور ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىك) ۋە ئېغىر لوگىكىسىزلىق (ئەقلىي قۇرۇلمىنىڭ كەمچىللىكى، پىكىردىكى ئىزچىلسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان چېچىلاڭغۇلۇق) بىلەن تولغانىدى. بۇنىڭ نېگىزى دەل بىزدىكى يىگىلەپ قالغان ئەقلىي تەپەككۈردە ئىدى.
ئۇ پەلسەپە يېزىقچىلىقىنى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
— پەلسەپە تېكىستلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللاڭدىكى بارلىق ئويلارنى ئامال بار چىقىرىۋەت. ئاندىن پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن قۇرمۇ قۇر، ھەرپمۇ ھەرپ ۋە ھەتتا تىنىش بەلگىلىرىگىچە دىققەتتە ئوقۇ. بارماقلىرىڭدىن قان چىققۇچە ئوقۇ. بىلەمسەن، مەن يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. يەھۇدىي ئەنئەنىسىگە كۆرە، بىز ئائىلە ياكى مەكتەپ مائارىپىمىزدا مۇقەددەس تېكىستلەرگە پۈتۈن زېھنىمىز، پۈتۈن ئەقلىمىز ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يېقىنلىشىشقا بۇيرۇلىمىز. بىزدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر مەشھۇر يەھۇدىي راببىنىڭ (يەھۇدىي دىنى ئەربابى بولۇپ، ۋەزىپىسى خرىستىئان دىنىدىكى پوپلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ) تەۋرات تېكىستىلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈنلەپ - كۈنلەپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە پۇتلىرىنى تاتىلاپ قان چىقارمىغۇچە ئورنىدىن قوپمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەشھۇر ھېكايەت بار. بىزدە مۇقەددەس تېكىستلەرنى ئوقۇغاندا ئۇنى ئۆرنەك قىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر تېكىست بىر ناتونۇش ۋە سىرلىق ئالەم، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەقىلنى پەقەت يۈكسەك دەرىجىدىكى سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك ۋە پاراسەت بىلەنلا كۆرۈش مۇمكىن. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ، پەلسەپە ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ پەننىڭ قىيىنلىقى دېمەككە ئاسان، قىلماققا قىيىن بولغان مانا مۇشۇ پرىنسىپنى ئالدىنقى شەرت قىلغان.
ئاشۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇزاق قىش ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندەك بولدۇم. ئالدى بىلەن مائارىپىمىزنى ئويلىدىم، مائارىپ بىزگە تېكىستنى قانداق ئويلاشنى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۇنى قانداق ئوقۇشنى يېتەرلىك ئۆگەتمىگەچكە، ناھايىتى ئاز بىر قىسمىمىزلا تېكىستنى «بارماقلىرىمىزدىن قان چىققۇچە» ئوقۇشنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان پەزىلەت ۋە ھەتتاكى تېكىستكە بولغان مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلىگەنىدۇق. مۇقەددەس تېكىستلىرىمىزنى، بولۇپمۇ دىنىي تېكىستىلىرىمىزنى ئوقۇش ۋە شەرھلەش كەسكىن ئىلىم سۈپىتىدە قارالمىغاچقا، بىز باشقا تېكىستلەرنى ئوقۇشنىڭ، چۈشىنىشنىڭ ۋە شەرھلەشنىڭ ئاخىرقى ئۆلچىمىگە تېخىچە ئىگە بولالماي كەلگەنىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقەددەس كىتابلىرىمىزنى شەرھلەش ۋە (ئىجادىي) خاراكتېرىك ئوقۇش ئېلىپ كېلىدىغان بىر قەدەر قېلىپلاشقان، لېكىن تەنقىدىي تۈزىتىشكە مايىل ئەنئەنىۋى تېكىست ئوقۇش ئۇسۇلى بىزدە تاكى ھازىرغىچە يېتىلمىگەنىدى.
ئەگەر نىچېچە مەدەنىيەتكە دىئاگنوز قويۇش بارلىق قىممەتلەرنى تەنقىد ئارقىلىق باھالاپ ئاندىن ئىجادىيلىق ئارقىلىق يېڭىۋاشتىن يارىتىش بولسا، مېنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىمنى قايتىدىن باھالىشىم ئۇنىڭدىكى كېسەللىكنىڭ يىلتىزىنى تېپىش بىلەن باشلاندى. كېسەللىكنى ئاۋۋال ئۆزۈمدە بايقىدىم، ئاندىن مەدەنىيىتىمگە يۈزلەندىم. بۇ يەردىكى ماھىيەتلىك مەسىلە شۇكى، ئەقىلنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھايات شەكلىنى تەلتۆكۈس تاللىماسلىقىمىز بىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى تراگېدىيىلىرىمىزنىڭ مەنبەسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەربكە سېلىشتۇرغاندا بىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئاقارتىش دەۋرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزمىگەچكە، ئەقلىيلىق، تەرەققىيات، ئىنسان ئەركىنلىكى ۋە ئەقىل تەنقىدچىلىكى ھەققىدە بىلىشتە تولىمۇ ئارقىدا قالغانىدۇق.
ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بىرەر جۈملە سۆز ياكى ئابراسنى تېكىستتىن تېپىۋېلىشنىڭ بىزنىڭ تېكىستلەرنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى ئۆلچەشتىكى ئۆلچەمگە ئايلىنىشى ئادەمنىڭ تەپەككۈرىگە جىددىي مۇراجىئەت قىلىدىغان پەلسەپە تېكىستلىرىنى بۇ ئويۇندىن ئاللىبۇرۇن سىقىپ چىقارغانىدى. بىزدە ئەقلىي سوغۇق قانلىق ھېسسىياتچانلىق تەرىپىدىن ئادەمنى چۆچۈتكۈدك دەرىجىدە بېسىۋېلىنغانىدى. پەلسەپە كەچۈرگۈسىز ساددىلىق سەۋەبىدىن دېداكتىكا ۋە جاھاندارچىلىق ئەقلىيىلىرى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان، زىيالىيلىق كەسكىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان قوشاقچىلىق ئىقتىدارىغا تېگىشىۋېتىلگەنىدى. قىسقىسى، (پەلسەپە پېنى تەلەپ قىلىدىغان) سىستېمىلىق ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش بىرخىل كۈچلۈك غەيرىي ئەقلىيلىكنىڭ، مىستىكىلىقنىڭ،  ھېسسىياتچانلىقنىڭ ۋە سۇبيېكتىۋىزىملىقنىڭ بېسىشى ئاستىدا بولۇپ كەلگەنىدى.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا شۇنداق يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنكى، ئەقلىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەنئەنىسى بولمىغان مىللەتتە دەل مۇشۇ ئەقىلنى ئۆز نۆۋىتىدە ئەقلىي تەنقىدلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا، مەدەنىيەت پائالىيىتى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان قىممەت قارىشىنىڭ ئەقلىي دەلىللىشىنى كۆرمەيدۇ. مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پەقەت ئەنئەنە بولالاش مۇمكىنچىلىكىدىكى قىممەتلەرنىڭ توسۇۋالغۇسىز يۈزلىنىشى ۋە مۇئەييەن دائىرىدە جۇغلىنىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەقىلنىڭ مۇتلەق فۇنكسىيىسىنىڭ تولۇق ئارتقۇرۇلماسلىقى ئۇنىڭ ئۆز - ئۆزىگە ۋە ئۆزگە مەدەنىيەتكە بولغان ئاڭلىق تەنقىدىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. يەنى زەئىپ ئەقىل ئۆزىنىڭ زەئىپلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بىلەلمەيدۇ.
ئاشۇ قېتىمقى سۆھبەت مېنى پەلسەپىدىن ئىبارەت يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىي پەنگە قانداق كىرىش ۋە ئۇنى ھەقىقىي چۈشىنىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. پەلسەپە ئىزدىنىشىمگە قەدىمكى گرېكلەرنىڭ پەلسەپىنى قانداق بايقىغانلىقىغا تەققاسلاشنى بىرىنچى قەدەم قىلدىم. قەدىمكى گرېكلەر ئەقىل (لوگوس) نى خۇددى ئىلاھتەك ئۇلۇغ بىلگەن ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى روھنىڭ يۈكسەلگەن يۈزلىنىشى ۋە تاكامۇللىشىشى دەپ قارىغانىدى.
شۇڭا مەنمۇ ئالدى بىلەن قانداق قىلغاندا ئەقىلنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلغىلى ۋە ئۇنىڭ شەپىسىز يېتىلىشىگە ئەگەشكىلى بولىدىغانلىقىغا دىققىتىمنى بەردىم. ئۆزۈم ئۆگىنىۋاتقان پەيلاسوپلارنىڭ دۇنيانى ۋە سۇبيېكتنى قانداق چۈشىنىشى ۋە شەرھلىشى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق، قانداق پىكىر قىلىشنى ئۆگەندىم. يەنى پەلسەپە ئارقىلىق پەقەت ۋە پەقەتلا ئەقلىي پىكىر قىلىشنىڭ يولىنى ئۆگەندىم، خالاس.
ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىكى كەسىپ تاللاشتا ماتېماتىكا بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشتا سەل تېڭىرقىغان ۋە ئاخىرى ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىۋالغانىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا پەلسەپىنى خۇددى ماتېماتىكا پېنىدەك كۆردۈم. چۈنكى، ھەر ئىككىسى ئەقلىيلىكنىڭ سىستېمىلاشقان، ئېنىق ۋە پەرقلىق قۇرۇلمىسىنى، يەنى لوگىكىلىق باسقۇچلىرىنى ئۆزىدە نامايان قىلاتتى.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە سارت ۋە كەميۇلارنىمۇ قايتا كۆردۈم. لېكىن ئۇلار ئەمدى مەن ئۈچۈن ئۇ قەدەر ئۇلۇغ ئەمەس ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ پەلسەپىسىدە ئەقلىيلىكنىڭ كەملىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ غەرب ئىدىيە تارىخىدىكى ۋە پەلسەپە ھەرىكىتىدىكى ناھايىتى كىچىك بىر بۆلەككە ۋەكىللىك قىلغانلىقىدا ئىدى.
ھەربىر پەيلاسوپ مەن ئۈچۈن ئايرىم بىر دۇنيا ئىدى. ئۇلار بىلە ئۈنسىز سىردىشىش ماڭا ماھىيەتتە سىرلىق ئەقىل بىلەن سىردىشىشتەك بىلىنەتتى. ئۇلۇغ راسىئونالىزىملىق (ئەقلىيەتچىلىك مەسلىكى) پەيلاسوپلاردىن ئەپلاتون، ئارىستوتېل، دىكارت، سپىنوزا، كانت ۋە لائىبنىزلارنىڭ، گېرمان ئىدېئالىزىمچىلىرىدىن ھېگىل ۋە شېللىڭلارنىڭ، ھادىسىشۇناسلاردىن ھايدېگىر ۋە لېۋىناسلارنىڭ پەلسەپىلىرى ماڭا ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ ئادەمنى لال قىلىدىغان سېھرىي قۇدرىتنى نامايان قىلدى. پەلسەپىنى بىلىشتىن چۈشىنىشكە ئۆتۈش ماڭا ھاياتىمدىكى غەرىي ئەقلىيلىكتىن ھەقىقىي ئەقلىيلىك باسقۇچىغا ئۆتۈشتەك بىر جەريانغا ئوخشاپ كەتتى. شۇنىڭغا چىنپۈتۈپ قالدىمكى، مەن پەلسەپىنى ئەمدى چۈشىنىشكە باشلىغانىدىم. ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، نىچېنىڭ «پەلسەپىدىكى ئالۋاستى» سۈپىتىدە قارىلىدىغان ئەرۋاھى مېنى پات - پات يوقلاپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئارىلاپ - ئارىلاپ ئوقۇپ قويۇش ماڭا باشقا بارلىق پەيلاسوپلارنى چۈشىنىشكە يول ئېچىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بارلىق غەرب پەيلاسوپلىرىغا دېگۈدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئەنە شۇنداق ئۆگىنىش ئارقىلىق ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا فرانسىيىلىك يەھۇدىي پەيلاسوپى ئېمانۇئېل لېۋىناسنىڭ ۋاقىت ئىدىيىسى بىلەن ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاتاپ يېزىلغان «ياخشىلىقنىڭ ۋاقتى: ئېممانۇئېل لېۋىناسنىڭ پەلسەپىسىدە ۋاقىتنىڭ ئېتىكىلىق يۈزلىنىشى ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن دېسسىرتاتسىيىمنى ياقىلاش ئارقىلىق ئېرىشتىم. ئۆزىگە يات ھەم تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىرق دەپ قارالغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ پەلسەپىدەك ئومۇم ئېتىراپ قىلغان مۇرەككەپ پەندە ياخشى نەتىجە قازىنىشىنىڭ ساۋاقداشلىرىم ۋە پروفېسسورلىرىمنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ھەر ۋاقىت سېزىپ تۇرۇپتىمەن. بۇ ھەم مەن ئۈچۈن بىر دائىمىي خىرىستۇر. ياۋروپا مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى ئىدېئولوگىيىسىگە تويۇنغان لېۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەقەت ياۋروپالىقلارنىڭ ئەقلىي ئىختىراسى دەپ قارىلىدىغان پەلسەپىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدىم ۋە تاللاندىم، شۇنىڭدەك، بېلگىيە فلاندېرلار جامائىتى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان دوكتۇرلۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتىم. دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا تاللىنىش ئارقىلىق ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمگە ئىشىنىشكە ئېرىشتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بالىلىقىمدىكى مۇنداق بىر ئاددىي ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدىن دەپ ئويلايمەن: مەن كىچىكىمدە دۇنيانى ھەقىقىي چۈشىنىپ بېقىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم، ئېھتىمال پەلسەپە مەن ئۈچۈن مۇشۇ ئارزۇنىڭ ئۆزى بولسا كېرەك.

2005-يىل، بېلگىيە

 

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز