تاش ۋە تارىخ



مەڭگۈ تاشلار ھەققىدە پەلسەپىۋى يازما

تاش دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جىسىمدۇر. ئۇ ھەممە يەردە تېپىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭ قارىماققا قاتتىقلىق، چىڭلىق ۋە چىدامچانلىقتىن باشقا ھېچ قانداق ئالاھىدە خىسلىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ ناھايىتى ئاسانلا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: ئۆزىنى تاشقى دۇنيادىن توختاۋسىز يوسۇندا كېلىپ تۇرىدىغان ئەرزىمەس ۋە كېرەكسىز سەزگۈ ئۇچۇرلىرىدىن قوغداش ئىنسان مېڭىسىنىڭ نۇرغۇن فۇنكسىيىلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بىرىدۇر. بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارغا — مەسىلەن، تاشقا ئوخشاش ناھايىتى ئادەتتىكى جىسىملارغا ئالاقىدار سەزگۈ ئۇچۇرلىرىغا — دىققىتىنى بەرمەسلىك مېڭىنى ئۇچۇرلارنىڭ چەكسىز زەنجىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئىنسان ئېڭىنىڭ يېپىقلىقى تەھلىكىگە ئۇچرايتتى، نەتىجىدە ئۇنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالىتى — ئىچكىيلىك بىلەن تاشقىيلىقنىڭ پەرقى — يوقاپ كەتكەن بولاتتى.
ئاڭنىڭ ئۆزىگە خاس تىرەنلىكى بار ياكى ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكىلىكىنىڭ كۆرۈنمەس ۋە ماددىسىز تىرەنلىكىدۇر؛ ئۇ سۇبيېكتىپلىقنىڭ بىر  پۈتۈنلۈك، مۇستەقىللىق ۋە يەككىلىك ئارقىلىق پاسىللانغان تىرەنلىكىدۇر. ئاڭ ئىچىدىن بوغنۇققان بولماستىن، تاشقىي دۇنياغىمۇ يۈزلەنگەن بولىدۇ؛ بۇنىڭدا سەزگۈ ئەزالار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان سەزگۈلەر ئىچكىلىك بىلەن تاشقىلىقنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئىچكىلىك بىلەن تاشقىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ئاددىيلاشقان چۈشەندۈرۈلىشىدۇر، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تاشقى دۇنيا، باشقا سۇبيېكىتلار ۋە ئۆزىمىز بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەت جەريانىغا ئاڭ تەرىپىدىن تاللانغان خاتىرىنىڭ (ئەسلىمىنىڭ) قاتنىشىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ھېنرى بېرگسوننىڭ قارىشىچە، ئاڭ ئىنسان بەدىنى ئارقىلىق ھازىر ئارتقۇرۇلماقچى بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان خاتىرە ئوبرازلىرىنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن تاللايدۇ. بۇ ئاڭنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە بولغان فۇنكسىيىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاڭ ھەر ۋاقىت رېئاللىقتا بىز ئېھتىياجلىق بولغان تەجرىبىلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئەسلىمىلەرنى شۇ ھامان بىزنىڭ ئىچكى سەزگۈمىزگە يوللاپ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ تەجرىبىسىنىڭ ئىچىدە گەرچە (ھازىر) دا ئېرىشىلگەن تەجرىبە ئەڭ چىن ۋە ئاڭ رېئال تەجرىبە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆپ ھاللاردا ئۆتمۈش توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر بىلەن بىز سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە بىرىكىپ كېتىدۇ. ئادەم ھازىردىلا ئەمەس  بەلكى ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ توختاۋسىز مۇناسىۋەتلىشىش نۇقتىسىدا ياشايدۇ (ئەلۋەتتە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ھازىر) دىكى تەجرىبىسىگە كەلگۈسىنى قىياس قىلىش ۋە كۈتۈش شەكلىدىكى سەزگۈلەشمۇ ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ ھازىرقى مومېتىلىق سەزگۈ-تەجرىبىسىگە ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمە بىلەن كەلگۈسىنى غۇۋا قىياس قىلىپ مېڭىش سەزگۈلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ھەربىر «ھازىر» ۋە ئۇنڭىدىكى سەزگۈرلەر شۇ ھامان ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ ھەمدە يېڭى«ھازىر» سەزگۈمىزگە كىرىدۇ. لېكىن ئۆتمۈشكە ئايلانغان «ھازىر» يوقىلىپ كەتمەستىن، بەلكى ئۆزى مۇناسىۋەتلەشكەن باشقا ئەسلىمە شەكىللىرىگە خۇددى رېئاللىقتىكى ئەسلىدىكى ھالىتى بويىچە باغلىنىپ ۋاقتىنچە يوشۇرۇنلۇققا ئۆتىدۇ. ئەگەر بۇ ئەسلىمىلەر بىزنىڭ ھازىرقى تەجرىبىمىزگە ئالاقىدار بولسا، ئاڭ ئۇنى شۇ ھامان بىزنىڭ دىققىتىمىزگە ئېلىپ كېلىدۇ — ئەسلىمە مۇشۇ شەكىلدە ھازىردىكى تەجرىبىلەرگە تەكرار - تەكرار قاتنىشىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجىمىزغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان باشقا خاتىرە ئوبرازلىرى كۆپ ھاللاردا ياكى ۋاقىتلىق بېسىپ تۇرۇلغان بولىدۇ. تاشنىڭ خاتىرە ئوبرازى، مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، خاتىرىنىڭ ناھايىتى يوشۇرۇن ۋە ھەتتاكى ئۇنتۇلغان بوشلۇقىدا ساقلانغاچقا، ئۇنىڭ ئەسلىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق رېئاللىققا قايتا قاتنىشىشى سىرتقى دۇنيادىن كېلىدىغان مۇۋاپىق ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان ئۇچۇرنىڭ غىدىقلىشىغا موھتاج. خۇددى ئانچە مۇھىم بولمىغان باشقا جىسىملارنىڭ خاتىرە ئوبرازلىرىغا ئوخشاش، تاشنىڭمۇ خاتىرە ئوبرازى كۆپ ھاللاردا پراگماتىك مېڭىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.
«تاش قوراللار دەۋرى» دىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاش ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى بولۇپ، ئۇ ھاياتنى پاناھگاھ ۋە ئوت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئاۋۇندۇراتتى، گۈللەندۈرەتتى ۋە ساقلاپ ماڭاتتى. بۇ يەردە بىز تەبىئەت بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ناھايىتى مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىگە شاھىت بولالايمىز: تەبىئەتتىكى ئەڭ تەبىئىي جىسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاش ناھايىتى كۈچلۈك مەدەنىيەت مەنىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. كۆپ ھاللاردا ئېيتىلغىنىدەك، مەدەنىيەت ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكىنى (تەبىئەتكە تەۋە بىر جانلىق بولۇشىنى) ئۆزگەرتىشى، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشى ۋە ھەتتا ياتلىشىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ دەپ قارالسىمۇ، تەبىئىيلىك ياكى تەبىئەت كۇلتۇرغا ئارىلاشقان ھالەتتە بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى قېلىن پاسىل تارتىش ھېچ بولمىغاندا بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى تېمىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، شۇ نەرسە بىزنى ھەيران  قالدۇرمايدىكى، قەدىمدىن بېرى كۆپ خىل كۇلتۇرلارانىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئىدېئاللاشقان ۋە يۈكسەلگەن شەكىللىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئىزناسىنى تاش ئارقىلىق ياكى تاشقا قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بارلىق مەدەنىيەتلەر دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنىتىنى ئىنسانىڭ خاتىرىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىغا ئەسلىمە شەكلىدە قالالايدىغان قاتتىق، چىداملىق ۋە ئۇيۇل جىسىم بولغان تاشقا ئويغان. تاشنىڭ ئۆزگەرمەس يۈزى كىملىكنىڭ (سالاھىيەتنىڭ) — ئۆزلۈك ئوخشاشلىقىنىڭ — ۋەدىسى بوپ كەلدى. ئىنسانلار تەرتىپسىز ھالەتتىكى تاشلارغا تەرتىپ ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گارمونىيىلىك، داۋامىي ۋە تىنچ ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشىنى ئىپادىلەپ كەلدى. سەنئەتنىڭ ئەقەللىي قانۇنىيەتلىرىدىن بولغان گارمونىيىلىك ماسلىشىشچانلىق (سىممېترىك قۇرۇلما) تاشتىن قوپۇرۇلغان بىناكارلىق ۋە گۈزەل سەنئەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ تەرتىپ ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىپتىخارلىنىشى، ئىشىنىشى، قورقۇنچى ۋە غايىسىنى ھېس قىلدى. بەرجەس قامەتنى يارىتىشقا زۆرۈر بولغان ناھايىتى ئىنچىكە تۇيغۇ، ئۇلغىيىۋاتقان كۈچكە بولغان تەلپۈنۈش، مەڭگۈللۈك ھاياتقا بولغان توختاۋسىز ئىستەك قاتارلىقلار تاش سەنئىتى ئارقىلىق ماددىيلاشتۇرۇلدى — تاشقىيلاشتۇرۇلدى. تاش سەنئىتى ئۆزىنىڭ تۈرگۈن جىسمىدا ئىنساننىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك قوزغىلىشى بولغان ھاياتلىق ئىرادىسىنى ئېلىپ ماڭدى. يىغىپ ئېيتقاندا، تاش قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەممە ئەلدە، ھەممە ۋاقىت ئىنسان بىلەن تىنىقداش بولۇپ كەلدى: پىچىرلاپ ئېيتىلغان دۇئالار قەدىمكى ئىبادەتخانىلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن ھېلىھەم ئەكس سادا قايتۇرۇپ؛ تاشلىۋېتىلگەن قورغانلار يۈكسەك تەنھالىقنىڭ قىزغىنلىقىغا چۆمگىنىچە جىممىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇردى؛ تاشقا ئايلانغان ئادەم بەدىنى ۋاقىت يوقىتىۋېتەلمىگەن ھارارىتىنى سۇس تارىتىپ كەلدى؛ بۇزۇلغان ھەيكەل ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى گۈزەللىكىگە ئۆزىگە تىكىلگەن ئادەمنىڭ نەزەرى ئارقىلىق قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلشىقا تىرىشتى
ۋەھالەنكى، تاش ساقلانغىلى بولمايدىغان زىتلىققا ئىگىدەك قىلىدۇ: ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئەڭ ئەرزىمەس جىسىم بولۇشىغا قارىماي، تارىخنىڭ ئەڭ تىرىك ۋە ئەڭ مۇھىم قىسمى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىنغان ۋە ساقلانغان. گەرچە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسىمۇ، ئەسلىمە بەزىدە ئۇ ئارقىلىق ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى ئادەمگە ئېغىر، قارشى تۇرغۇسىز ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ماتېرىيال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قالدۇرىدۇ. تاشنىڭ سوغۇق كەلگەن كۆرۈمسىز ماتېرىياللىقى ھەم ئۇنتۇلىدۇ ھەم ئۇنتۇلمايدۇ: بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئۇنىڭغا ئىمزادەك ئۇرۇلغان قىممەتتۇر. ئۇنىڭغا ئويۇلغان ھەر بىر خەت ۋە شەكىل دەل تارىخنىڭ ئىمزاسىدۇر — ئۇنىڭدا ھەقىقىيلىق ۋە ئەسلىلىك بار. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يوقالماي داۋاملىشىشى كېرەك بولغان قىممەت بەزىدە تاشقا ھاۋالە قىلىندى، چۈنكى تاش ئەۋلاد بىلەن ئەجداد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۇلىيالايدۇ. ئۇ سۇلالىلەردىن ھالقىيالايدۇ ۋە تارىخ بىلەن بىللە ئۆرە تۇرالايدۇ. ئۇ ۋاقىتنى «توختىتىپ» قويالايدۇ. ماكاننى بولسا پىرىسلاپ، خۇددى تارىم ئويمانلىقىدىن يېقىندا قېزېۋېلىنغان مومياغا ئوخشاش ئابىدىگە ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ. تاش قاتتىق ھەم ئۇزاق ياشايدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىگە ئارتقۇرۇلغان قىممەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە ئۇزاققا ئېلىپ ماڭىدۇ.
ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ تاشنىڭ قىممىتى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىشى ئوخشىمايدۇ. دۇنيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار تاشقا قارىتا ناھايىتى سېزىمچان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت قۇرغان. بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن، مىمارچىلىقىدىن ۋە باشقا سەنئەتلىرىدىن، كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. تاشنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئالاھىدە فۇنكسىيە ئارتقۇرۇشى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەسلىك قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ مۇقەددەسلىك ئالدى بىلەن ئۇلار قوغداپ قالماقچى بولغان ۋە تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىشىنىنى ئۈمىد قىلغان قىممەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىدىكى مۇقەددەسلىك ئېڭىنىڭ ئىپادىسى بولغان مەڭگۈ تاشلار بىزنىڭ ئۇلارنىڭ روھىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىدىكى بىزگە ھازىرغىچە ئايان بولمىغان ياكى نەزەردىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقان ئامىللارنى چۈشىنىشمىزدىكى ئالتۇن ئاچقۇچتۇر. مۇھاكىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھاياتىدا مۇقەددەس دەپ قارالغان تاشلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ھاياتلىق ئېڭىدا تۇتقان ئەھمىيىتىنى تەھلىل قىلىشتىن باشلىنىدۇ.
تارىخ دېگەن نېمە؟ بۇنىڭغا بېرىلگەن، بېرىلىۋاتقان ۋە بېرىلىدىغان جاۋابلارنىڭ خىلمۇ خىللىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە بەس - مۇنازىرىگە تولغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا نۆۋەتتىكى مۇھاكىمىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك تۆۋەندىكى بايانلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ تەھلىلىنى كونترول قىلماقچىمەن. تارىخ ناھايىتى تار دائىرىدىن ۋە ھازىرقى مۇھاكىمىنىڭ لوگىكىلىق تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھادىسىلەرنىڭ جەريانلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، ئەسلىنىشى (ئۇنتۇلۇشىنىمۇ) ئىبارەت مۇرەككەپ بىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان تەبىردۇر. شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، ئونتولوگىيىلىك مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ مۇئەييەن ماكان ۋە زاماندا يۈز بەرگەن ئىنسان پائالىيەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئەسلىمىنىڭ — ئەسلىمىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭسىستېمىلاشتۇرۇلغان شەكلىنىڭ ئۆزىدۇر. خۇددى ئادەمسىز پائالىيەت بولمىغاندەك، ئەسلىمسىز تارىخمۇ بولمايدۇ. بىز ئەسلىمە ئارقىلىقلا ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىدىغان سۇبيېكتىمىزنىڭ ئوخشاش كىملىكتە بولالىشىنى ساقلاپ قالىمىز. (خاتىرىسىز ئاڭنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، ئاڭقىرىلمىغان خاتىرىسىز كىملىكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى كىملىك ۋە ئۇنىڭ بىردەكلىكى خاتىرىنىڭ بىردەكلىكى، بىر بىرىگە باغلىنىشى ۋە بىر پۈتۈنلىكىدىن  ئايرىلالمايدۇ؛ ۋەھالەنكى خاتىرىنىڭ بىردەكلىكى بولسا ئاڭنىڭ، يەنى مۇئەييەن شەخسكە تەۋە بولغان يەككە ئاڭنىڭ، بىردەكلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.) يەنە شۇ ئەسلىمە ئارقىلىق ھادىسىلەرنى ۋاقىتنىڭ ھېچنېمىگە پەرۋاسىز ئېقىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇلارنى ۋەقەلىك سۈپىتىدىكى تارىخ سۈپىتىدە بايان قىلىمىز. دېمەك تارىخ تىرىكلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈستىدىن يازىدىغان گۇۋاھلىقدىدۇر. تارىخ ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سۇبيېكتنىڭ ئىرادىسىنىڭ ھەم قاتنىشىشى ھەم قاتناشماسلىقى ئارقىلىق بوشلۇقتا — ماكان ۋە زامان بوشلۇقىدا —«ئايان بولۇشى»، «ئاشكارىلىنىشى» ۋە «ئېچىلىشى» دۇر.
ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سۇبيېكتىپلىق ھەر زامان ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبكارى ۋە باشلىغۇچىسى ئەمەس؛ دەل ئەكسىچە، ھادىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى سۇبيېكتىپلىققا ئۆزىنىڭ كۈچى، تاسادىپىيلىقى، «ھازىر بولۇشى» ۋە زىلزىلىسى ئارقىلىق يۈز بېرىدۇ. ئادەم ھەر زامان ئۆز بېشىغا كېلىدىغان كەچمىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبكارى بولالمايدۇ، باشقا ھادىسىلەر دۇنيادىكى ھادىسىلەرنىڭ ئىچىدىكى يېگانە ھادىسە سۈپىتىدىكى ئادەم مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق ئۆزىنى مەۋجۇتلايدۇ — ھادىسە ئادەم ئارقىلىق ئەمەس، ئادەمگە يۈز بېرىدۇ.
ئەمدى ماقالىمىزدىكى مەركىزىي مەسىلىگە قايتىپ كېلەيلى. مەڭگۈ تاشلارنى قوپۇرۇشنىڭ ئونتولوگىيىلىك  ئەھمىيەتلىرىنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۇيغۇرلاردا روي بېرىشىدىكى ئەڭ تىرىك پۈتۈكتۇر — ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت تارىخى ھەققىدىكى تاش پۈتۈكتۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا بۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ قانداق «ئايان بولغانلىقى» «ئايان قىلىنغان». ئۇنىڭ بىز تۆۋەندە تەتقىق قىلماقچى بولغان ئۈچ خىل مەنىسى بار. بۇلار ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
ئۇنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنشى دەل ئۇيغۇرلاردىكى ئۆزلۈك - ئېڭىنىڭ مۇستەھكەم تىكلىنىشىدۇر — بۇ ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئۆزلۈك - ئېڭى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش تەرىزدە ئاڭقىرىلمىغان (ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بۇ خىل تەكشىسىز ۋە پەرقلىق بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىدىكى سەلبىي، ھەتتاكى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالمايمەن.) شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ئۆزلۈك - ئېڭىغا ئىگە بولۇشى كېرەك بولغان خەلققە ئاتاپ تىكلەنگەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. شۇڭلاشقا، مەڭگۈ تاشلار «بىز» — «ئوزىمىز» — نىڭ ھازىر كىم ئىكەنلىكىمىز ۋە كىم بولۇشىمىز كېرەكلىكى بىلەن «ئۇلار» — «ئۆزگىلەر» — نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى مەقسەت قىلغان پاسىلغا ئوخشايدۇ.
پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزلۈك - ئوبرازى ۋە ئۆزلۈك ئويلىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. گېرمان پەيلاسوپى خېگېلنىڭ قارىشىچە، روھ ئۆزىگە ئۆزگىدە ۋە ئۆزگە ئارقىلىق قايتىشىنى ئىزدەيدۇ: بۇ دەل ئاڭدىن ئۆزلۈك - ئېڭىغىچە بولغان توختاۋسىز ھەرىكەتتۇر. يەنى، ئاڭ ياكى روھ دەسلىپىدە ئابستراكت، قۇپقۇرۇق ۋە ئۇقۇملۇق بولغاچقا، ئۇ ئۆزگىگە ئارتقۇزۇلغان ھەرىكەت ئارقىلىق كونكرېتلىققا، تولۇقلۇققا ۋە سەزگۈلۈككە ئىگە بولۇشنى ئىستەيدۇ؛ بۇ دىئالېكتىكىلىق جەريان ئۆزلۈكنىڭ تويۇنغان شەكلىگە، يەنى ئۆزلۈك - ئېڭىغا، ئىگە بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، روھ ئالدى بىلەن ئابستراكت ۋە قۇپقۇرۇق بولۇپ، ھېچقانداق مەزمۇنغا ئىگە ئەمەستۇر، ئۇ پەقەت ئۆزىنى دۇنيادىن ئىبارەت بۇ تاشقى شەكىلگە ئىگە يۈزلىنىش ئارقىلىق ئۆز ئىچىدىن بۆلىنىپ، ئۆزىگە ئۆزى ئۆزگە بولىدۇ — ئۆزىنى ئۆزگىلەيدۇ. بۇ ئۆزلۈك يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماكان ۋە زاماندا تاشقىيىلىشىپ ئۆزىنىڭ تارىخىيلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئۆزىدىن ياتلىشىپ ئۆزىنى دۇنيالىقم يەنى تاشقى دۇنيالىق، شەكلىگە ئىگە قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق تارىخىيلىققا ئىگە بولۇش دەل روھنىڭ مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھ ئۆزىنىڭ يەنە بىر خىل ئۆزلۈكى سۈپىتىدىكى ئۆزگە بولغان دۇنيادىن ئۆزىگە مۇنۇ تەكرالانما شەكىلدە قايتىدۇ. روھئۆزگەئۆزلۈك ئېڭى. مەسىلەن، روھنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشى ئارقىلىق تاشقىيلىشىشىنىڭ ھاسىلاتى بولغان دۇنيا ئارقىلىق ئۆزىگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئاساسلىق جەريانىدۇر.  دېمەك، ئاڭنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇشى مۇقەررەر ھالدا ئۆزگىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى--مەيلى ئۇ ئاڭنىڭ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنگەن ئۆزلۈك بولسۇن ياكى ئاڭنىڭ سىرتىدىكى ئۆزلۈك بولسۇن-- تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزگە ئۆزى ھەققىدىكى ئاڭغا ئۆزگىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئېرىشىدۇ. مەڭگۈ تاشلار دەل مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېڭىنىڭ ئۆز بىلەن ئۆزگىنىڭ پەرقىنى ئاڭقىرىشى ئارقىلىق ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مەڭگۈ تاشلار، ئۇيغۇر ئىدىيە ۋە كۇلتۇر تارىخىدىكى ئاڭ باسقۇچىدىن (ئەكس - ئەتتۈرۈشسىزچان ئاڭدىن) ئۆزلۈك - ئېڭى باسقۇچىغا (ئەكس - ئەتتۈرۈشچان ئاڭغا) كۆچۈشتەك تارىخىي رېئاللىقنى سۆزلەيدۇ.
ئەكس - ئەتتۈرۈشسىزچان ئاڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەكس - ئەتتۈرۈشچان ئاڭدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ: ئۇ ئىنساندىكى فۇندامېنتال ئىقتىدار ۋە سەزگۈلەش قابىلىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدا ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئېنىق بولمايدۇ. ئەكس - ئەتتۈرۈشسىزچان ئاڭ تاشقى دۇنياغا يۈزلەنگەن بولىدۇ، ئۇنىڭدا «مەن» ھەققىدىكى ئاڭقىرىش مەۋجۇت بولمايدۇ — ئۇ دۇنيا ھەققىدىكى سەزگۈ ھەم ئەكس ئەتتۈرۈش، خالاس. ئۆزلۈك - ئېڭى بولسا مېنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى سەزگۈ ھەم ئەكس ئەتتۈرىشىم ھەققىدىكى ئەكس ئەتتۈرۈشتۇر: مانا بۇ يەردە «مەن» ھەققىدىكى ئاڭ بار بولغان بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى خىل ئاڭ شەكلى پەرقلىق بولسىمۇ، بۇيەردە ئۇلار ئورتاق پايدىلىنىدىغان نۇقتا مەۋجۇتتۇر: ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك سۇبيېكتىپلىق پەقەت ئۆزگىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇتتۇر. ئۆزگىنىڭ ئاللىبۇرۇن بار بولۇشى بىزنى ئۆزىمىزگە قايتۇرىدۇ؛ بىز ئۆزگە بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئايلىنالايمىز. ياكى ئۆزگە «مەن» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ھەم ئايرىلماس ھەمراھ ھەم خىرىستۇر، چۈنكى ئۆزگىمۇ ئۆزىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەندىن ئىبارەت يات ئۆزگە ئارقىلىق ئاڭقىرىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئاۋامغا قىلغان خىتابلىرىدا ناھايىتى ئېنىق سۆزلەنگەن. مەڭگۈ تاشلارنىڭ كۆپ قىسمىدا «بىز» بىلەن «ئۇلار» ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كۈچىيىشىدىكى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۆزلۈك كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى تاشقىلاشقان مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان پەرقنى ئاڭقىرىشقىلا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكە يۈزلەنگەن زىددىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. تاشقىي پەرق ئىچكى پەرقنىڭ ۋەزىنىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئىچكى بۆلىنىش  ۋە پەرق ئەلۋەتتە كوللېكتىپ سۇبيېكتىپلىقنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھازىر كىم بولۇۋاتقانلىق ۋە كىم بولۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرڭسڭدڭكڭ توقۇنۇشقا تۈگەللەنگەن. بۇ ئىچكى بۆلىنىش ماھىيەتتە ئۇيغۇر قاغانلىرى ئۆز خەلقىدىن كۈتكەن تەلەپلەرنىڭ كوللېكتىپنىڭ ئېڭىدا ئىچكىيلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇنىڭدەك بۇ بۆلىنىش  ئۆز نۆۋىتىدە قاغانلار تەرىپىدىن خەلقتىن كۈتۈلگەن ئەخلاقىي ۋە كۇلتۇر تەلەرلىرى بىلەن ئۇنىڭ رېئاللىشىشى ئوتتۇرىسىدى زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆلىنىشتۇر. ياكى بۇ «ھازىرقى مەۋجۇتلۇق» بىلەن «كېرەك» (كەلگۈسى)، قاغانلارنىڭ ئۈمدى — تىلەكلىرىنىڭ ئىچكىلەشتۈرۈلگەن (قەلبتىكى) چاقىرىقى بىلەن ئىرادە، «مەن» بىلەن يەنە بىر «مەن» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى بۆلىنىشتۇر.
بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەڭگۈ تاشلار ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تارىخىي پۈتۈكىدۇر. كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭى «بىز» نىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاڭقىرىش بولۇپ، ئۆزگىچە ۋاقىتچانلىق قۇرۇلمىسىغا ئىگىدۇر. ئۇ پۈتۈلمىشىشىنى، يەنى ئۇنىڭ ئېڭى كوللېكتىپنىڭ ئالىبۇرۇن بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بۇلۇشىدەك مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى مەۋجۇتلۇق ئورنىنى ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مۇمكىنچىلىكنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىدىن ھالقىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ۋاقىتچانلىقنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. مەڭگۈ تاشلاردا ئۆزىنى تونۇش خاراكتېرلىك كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ئۆزگىچە ۋاقىچانلىق قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ ھەقىقىي تارىخىيلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ۋاقىت قۇرۇلمىسىدا دۇنياغا كېلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىگە ئىگە بولۇش كوللېكتىپنىڭ ئەسلىمىسى بىلەن زىچ باغلانغان. بۇ ئەسلىمە كوللېكتىپ تەۋە كۇلتۇرنىڭ شەجەرىسىنىڭ ساقلىنىشىدۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا قانداق كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئىشىنىش ۋە ئەپسەنىلەردە ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بىلىش ۋە ئىشىنىش سىستېمىسىدىكى دۇنياغا كېلىش چۈشەنچىسى بولغان «كۆكتىن تېمىش» ۋە «يەردىن ئۈنۈش» دەل «بىز» نىڭ دۇنيادا قانداق ئاپىرىدە بولغانلىقىمىزنى سۆزلەيدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى قارىشىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمىي دۇنيا قارىسىغا كۆرە، كۈللى جانلىقلار ئەركەكلىك خاراكتېرىگە ئىگە كۆك بىلەن چىشلىق خاراكتېرىگە ئىگە يەر - زېمىننىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنىڭدا دۇنيا كۆك بىلەن يەر - زېمىن ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بوشلۇق بولۇپ، «بىز» مانا مۇشۇ يەردە ئاپىرىدە بولىدۇ. مانا بۇ كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىدۇر — يەنى بۇ ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەلۇم قەۋمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا پۈتۈلۈپ كېتىشىدۇر؛ ياكى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتقاندا «بىز» نىڭ ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇتلۇققا «كۆكتىن تېمىشى» ۋە «يەردىن ئۈنۈشى» دۇر.
ئۇيغۇر تىلىدا «پېشانىسىگە پۈتۈلۈش» دېگەن ناھايىتى قەدىمىي بولغان قاراش بار. مەزكۇر قاراشنى ئېھتىمال ھەممە نەرسىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ئاللىبۇرۇن مەلۇم بىر ھالقىما كۈچ (مەسىلەن، بۇ كۈچ خۇدا بولۇشىمۇ مۇمكىن) تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئۇنىڭدا ئەركىن تاللاش بولمايدۇ، دېگەن قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان كەڭ مەنىدىكى تەقدىرچىلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ چۈشىنىش مۇمكىن. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە توختىلىۋاتقىنىز كەڭ مەنىدىكى  ياكى بىردەر دىنىي مەنىدىكى تەقدىرچىلىك قارشى ئەمەس، بەلكى ئونتولوگىيە نۇقتىسىدىكى تەقدىرچىلىك، تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئونتولوگىيىلىك پۈتۈلمىش قارىشىدۇر. ئۇ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭى ئاڭقىرىدىغان دۇنياغا كېلىشتىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنى — يەنى ئونتولوگىيە نۇقتىسىدىكى مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. دەل مانا مۇشۇ مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنىڭ پۈتكۈل ئۆتمۈشى مەڭگۈ تاشلارغا پۈتۈلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا «بىت» تىن تۈرلىنىپ چىققان ۋە كېيىن فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغان «پۈت» يەنى «خاتىرىلە» دېگەن بۇ سۆز كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئاڭقىرىلغان مەۋجۇتلۇق — ئۇيغۇرلۇق پۈتۈلمىشى بىلەن تاش پۈتۈن سۈپىتىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ بىر - بىرىگە جىپلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئايان قىلىدۇ. بۇ ئىككى ھادىسىنى ئوخشاش بىر تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تىلشۇناسلىق ۋە ئونتولىگىيىلىك نۇقتىدىن چىقىپ قارىغاندا شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، مەڭگۈ تاشلارغا پۈتۈلگىنى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئايان بولغان مەۋجۇتلۇق — ئۇيغۇرلۇق پۈتۈلمىشىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلۇق كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئايان بولغان مەۋجۇتلۇق — ئۇيغۇرلۇق پۈتۈلمىشىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلۇق كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ خاتىرىلىنىشى، پۈتۈكى ۋە ئىزناسىدۇر.
كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ۋاقىتچانلىقىنىڭ يەنە بىر تەركىبىي قىسمى كوللېكتىپنىڭ ھازىردا ئۆزگە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىقتۇر. بۇنىڭدا دوستلۇق بىلەن دۈشمەنلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ھالىتى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. خۇددى گېرمان سىياسىي پەيلاسوپى كارل شمىدت ئېيتقاندەك، پۈتكۈل سىياسىي دوست بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. مەڭگۈ تاشلاردا كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن ئىبارەت ئەڭ رېئال مەسىلە «مەن» بىلەن «ئۆزگە» نىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىيلاغشتۇرۇلۇشىم يەنى «دوست» ۋە «دۈشمەن» مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ قارىلىشىغا زىچ باشلانغان. بۇ ھەم كوللېكتىپ كىملىكنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ سىياسىي پەلسەپە نۇقتىسىدىكى دەستىكىدۇر.
كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ۋاقىتچانلىقىنىڭ يەنە بىر تەركىبىي قىسمى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مۇمكىنچىلىكىنى ئاڭقىرىش ۋە كەلگۈسىگە ھالقىشتۇر. ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆزلۈك ئېڭىدا كەلگۈسىگە قاتىنىشىش شەكلى بار بولغان بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىنى دەڭسەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزلۈكنىڭ ھالقىشى (ياكى ئۆزلۈك ھالقىمىلىقى سۈپىتىدە) ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كەلگۈسى چۈشەنچىسى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋاقىت قۇرۇلمىسىنىڭ يادروسىدۇر. ئۆتمۈش ھازىر مانا مۇشۇ يادرو ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان بۇ يادرونىڭ تۈپكى مەۋجۇتلۇق ھالىتى دەل تەشۋىشتۇر. تەشۋىش، خۇددى گېرمان پەيلاسوپى مارتىن ھايدېگگىر ئۆزىنىڭ مەشھۇر پەلسەپە ئەسىرى «مەۋجۇتلۇق ۋە ۋاقىت» تا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، مەۋجۇداتنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ھالىتىدۇر. تەشۋىشتە كوللېكتىپنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزى بولۇشىدىن ئىبارەت يەككىلىكى ئايان بولىدۇ؛ ئۇ ئارقىلىق كوللېكتىپ ئۆزىنىڭ  بۇ دۇنيادىكى ئورنىنى ۋە ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئېنىقراق تونۇيدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى مۇمكىنچىلىكلىرىگە يۈزلىنىدۇ. دەل تەشۋىشتە كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ۋاقىتچانلىق قۇرۇلمىسى بىرلىشىدۇ، نەتىجىدە كوللېكتىپ ئۆزىنىڭ يەككىلىكى ۋە پەرقلىقلىقىنى تونۇيدۇ: ئۇ ھەقىقىي ئۆزى بولالايدۇ. تەشۋىشتە ئېچىلىدىغان كەلگۈسى ھەققىدىكى مۇمكىنچىلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇمكىنچىلىك، زىتلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەم يۈزلىنىدىغان مۇمكىنسىزلىكتۇر — ئۆلۈم. تەشۋىشتە ئايان بولىدىغان ئۆلۈم ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئايان قىلىدۇ، ئۇنى ئۆزى بىلەن ھەقىقىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۆلۈم — ئادەمنىڭ ئۆز كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىدىكى قۇندامېنتال مۇمكىنچىلىكتۇر.
مەڭگۈ تاشلاردا ئېيتىلغان «شاھزادە بولىدىغان ئوغۇللىرىڭ قۇل بولدى، خانىش بولىدىغان قىزلىرىنىڭ دېدەك بولدى» دېگەن بۇ بايانلارغا ئۇيغۇر كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئەكس ئەتكەن چوڭقۇر تەشۋىش يوشۇرۇنغان. يۇقىرىقى باياندا ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تەشۋىشتە بۇ قوۋمنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى بىرىكىپ كەتكەن ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ ھايات - ماماتلىق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. بۇ ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ھەققىدىكى ئارامسىز ۋە ئازابلىق تەشۋىشتۇر.
مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكىلىنىشىنىڭ ئىككىنچى مەنىسى ئۆزىنى يېزىشتا (سۆزلىشىشتە ئەمەس) تاپىدۇ. سۆزلىشىش، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، دىسكورسنىڭ  سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ ھەقىقەتنى تەدرىجىي ھالدا ئۆزئارا بايقىشىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. يېزىش بولسا دىسكورسنىڭ مەلۇم ماكاندا تارقىلىشىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇرمەننىڭ ئوقۇش جەريانىدا ئەگىشىپ مېڭىشى مۇمكىن بولغان نىشاننى بەلگىلەپ ماڭىدۇ. سۆزلىشىش پاراڭلاشقۇچى ھەمراھنىڭ نەق مەيداندا ھازىر بولۇشىنى تەلەپ قىلسا، يېزىش يات جايلارغا كېتىدۇ، ۋە ھەتتاكى ناتونۇشنىڭ ئوقۇشىغا سۇنۇلىدۇ.
«پېئادرۇس» تا ئەپلاتون سۆزلىشىش بىلەن يېزىشنى بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى قويۇپ سۆزلەيدۇ. بۇنىڭدا «ھازىر — بولۇش» بىلەن «ھازىر بولماسلىق» ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىققا كۆرە، يېزىش سۆزلىشىشكە بوي سۇنۇشى كېرەك. (بۇ يەردە ھازىر بولۇش سۆزلىشىشكە، ھازىر بولماسلىق يېزىشقا ھازىر بولماسلىق ماس كېلىدۇ.) ئەپلاتون ئىككى سۇبيېكتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ۋە شۇ ھامانلىق خاراكتېرىدىكى ئۆزئارا ئالاقىنى يېزىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ قارىشىچە، سۆزلىشىش ئىدېئال ئالاقىلىشىشنىڭ نەمۇنىسىدۇر، چۈنكى ئۇ ھازىر — بولۇش كاتېگورىيىسىنى ياقلايدۇ. يېزىش بولسا مەغلۇپ بولۇشنى، تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەپلاتون مۇنداق يازىدۇ:
 «يېزىشقا ئىگە بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىمىسىنى ئىشقا سېلىشنى توختىتىدۇ ۋە ئۇنۇتقاق بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇلار نەرسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى بايلىقلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يېزىشقا تايىنىدۇ. سېنىڭ نېمىلەرنى بايقىغانلىقىڭ ئەسلىمە ھەققىدىكى ئەمەس بەلكى ئەسكە ئېلىش ھەققىدىكى تاپشۇرۇلمىدۇر. پاراسەتكە كەلسەك، سېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭ نام چىقارغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدا رېئاللىق يوقتۇر؛ ئۇلار مۇۋاپىق يېتەكلەش بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدۇ، نەتىجىدە گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى بىلىمىلىك چاغلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىلىمسىزلەردۇر. ئۇلار ھەقىقىي پاراسەتكە ئەمەس، بەلكى پاراسەتنىڭ ماختانچاقلىقىغا تولغاچقا، جەمئىيەتكە يۈك بولىدۇ.»(ئەپلاتون، پېئادروس -  a-b 275 -) 
ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، يېزىش ئېلىپ كېلىدىغان خەتەر ئۇنىڭ ئالدامچىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يېزىشقا ئىگە بولغان ئادەمنى يازما سۆزنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان تىلنىڭ خوجايىنىدەك ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئىندىۋىدۇئال ئىنسان نەتىجىدە ئەسلىمىگە ئانچە تايانماستىن، ئادەمنىڭ ئەقلىنى گاللاشتۇرۇپ قويىدىغان يازما مەھسۇلاتلارغا كۆپرەك تايىنىدىغان بولىدۇ. گەرچە يېزىش تېخىمۇ كۆپرەك ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى ساقلاپ قېلىشنى (مەسىلەن، ئىدىيىلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىقلارنى) بارلىققا كەلتۈرسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا كەمچىلىكىمۇ بار: ئۇ نامۇۋاپىق ھوقۇق قۇرۇلمىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ۋە كىشىلەرنىڭ بىلىمنى ئىچكىلەشتۈرۈشنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەپلاتوننىڭ يېزىش ۋە ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان بىلىمدىن ئەسلىمىدىكى بىلىمنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشىدىكى تۈپكى سەۋەبنى ئۇنىڭ بىلىم توغرىسىدىكى تۈپكى قارىشىدىن ئىزدەش مۇمكىن. بۇ قاراشقا كۆرە ئادەم دۇنياغا كېلىپ بىلىم ئالمايدۇ بەلكى ئۇ روھنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشتىن ئاللىبۇرۇنلا ئىدىيىلەر دۇنياسىدا ئىگە بولغان بىلىملىرىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتا ئەسلەيدۇ. يەنى بىلىم ئېلىش روھنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىن بار بولغان يوشۇرۇن بىر خىل ئەسلەش جەريانىدۇر. بۇ بىلىملەر روھنىڭ سەزگۈ دۇنياسىغا يەنى بۇ پانىي دۇنياغا كېلىشى سەۋەبىدىن خىرەلىشىپ، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. ئۇنى پەقەت مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق ئوبيېكتنىڭ قوزغىتىشى بىلەن ئەسكە ئالغىلى ۋە قايتا بىلىگىلى بولىدۇ. بۇ دۇنيادا ئىنسان ئېلىشقا تېگىشلىك يېڭى بىلىم يوق، ھەممە بىلىم ئۇنىڭ روھىدا ئاللىبۇرۇن ساقلانغان. يەنى بىلىم روھنىڭ ئۆزىدىن ئەسلىدىن بار بولغان يوشۇرۇنلۇقنى بىر خىل ئەسلەش جەريانىدۇر. شۇڭلاشقا ئەپلاتوننىڭ يېزىشنى تۆۋەن ئورۇندا قويۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئادەم يېزىشقا زىيادە بېرىلسە ۋە ئۇنى بىلىم ئېلىشنىڭ ھەم تارقىتىشنىڭ يولى دەپ قارىۋالسا، ئۆزىنىڭ  قەلبىدىكى ھەقىقىي بىلىمنى ئەسلىمەيدىغان بوپ قالىدۇ.
ئەپلاتونغا نىسبەتەن، يېزىش «ھازىر – بولماسلىق» خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇ «ھازىر – بولۇش» قا يەتمەيدۇ. مەسىلەن، باشقىلار ئەۋەتكەن سالام خەتنى ئوقۇشنى ئالساق، بىز باشقىلارنىڭ يازغان خېتىنى ئوقۇيمىز، چۈنكى ئۇلار يېنىمىزدا «ھازىر بولۇپ»، ئۆزلىرىنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىۋاسىتە ۋە يۈزمۇيۈز ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. «ھازىر – بولماسلىق» سۈپىتىدىكى يېزىش ئۆلۈمگە تەققاس قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ يوقلۇق خاراكتېرىگە ئىگە ھەم ئۇنتۇشقا يول قويىدۇ.
مەڭگۈ تاشلار بىزنى يېزىش، خاتىرە ۋە تارىخقا نىسبەتەن ناھايىتى نازۇك ئېھتىماللىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئۈچ ئۇقۇم «ھازىر – بولماسلىق» تىن، يەنى يوقلۇققا يېقىن كېلىدىغان، شۇڭلاشقا ئۆلۈمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان «ھازىر — بولماسلىق» تىن ئىبارەت بۇ بىر نۇقتىدا ئۈستمۇ ئۈست چۈشىدۇ. يېزىش يازغۇچىنىڭ ئالاقىلىشىشتا «ھازىر – بولماسلىق» ىنى ئىپادە قىلسا، خاتىرە يوشۇرۇن، بېسىۋېلىنغان شۇڭلاشقا ۋاقىتنچە «ھازىر – بولمىغان» ئۆتمۈشكە، يەنى ئۆتمۈش تەجرىبىلىرىگە باغلانغان؛ تارىخ، تار مەنىدىن ئالغاندا، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ۋە ھازىرنىڭ ئۆزىدە «ھازىر – بولمىغان» ھادىسىلەرنى مۇئەييەن كۆرۈش نۇقتىسى، بايان مېتودى، شەرھلەش ئۇسلۇبى ئارقىلىق قايتا - سۆزلەش ۋە قايتا - قۇراشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەڭگۈ تاشلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇنىڭدا يۇقىرىدىكى ئۈچ ئامىل مەۋجۇت ھەمدە دەل مۇشۇ ئامىللار ئۇنى ئالاھىدە خاتىرە بەلگىسىگە ئايلاندۇرغان. بەلگە دېگەن نېمە؟ بەلگىشۇناسلىق ئىلمىگە كۆرە، بەلگە كۆرسىتىش فۇنكسىيىسىنى ئارتقۇرىدىغان شەكىل ۋە ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى بەلگىلىگۈچى ۋە بەلگىلەنگەن دېگەندىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بولىدۇ، يەنى ئالدىنقىسى «ھازىر – بولغۇچى» نى كېيىنكىسى «ھازىر – بولمىغان» نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سىز ئوقۇۋاتقان بۇ قۇرلاردىكى ھەرپلەرنىڭ «ھازىر – بولۇش» ى بۇ يەردە «ھازىر -  بولمىغان» سۆز مەنىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بەلگىلەر سىستېمىسى سۈپىتىدىكى مەڭگۈ تاشلار نېمىنىڭ «ھازىر – بولمىغانلىقى» نى ئىشارىلەيدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى تارىخىدىكى  مۇھىم ۋەقەلەر، ساۋاقلار، قاغانلارنىڭ خىتابلىرى،  كەلگۈسىگە ۋايىم يېيىش، ئىپتىخارلىنىش، قاتارلىقلاردۇر. لېكىن شۇ نەرسە ئەستە تۇتۇلۇشى كېرەككى، مەڭگۈ تاشلاردا «ھازىر – بولۇشچانلىق» ئالاھىدىلىكىمۇ ھازىرلانغان. ئەپلاتون ئېيتقان «ھازىر – بولماسلىق» بىلەن ئۇنتۇشنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئويلىغىنىمىزدا، مەڭگۈ تاشلاردا «ھازىر – بولماسلىق» ئالاھىدىلىكىنىڭ بولۇشى ھەرگىز ئۇنىڭ خاتىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە يوقىلىشىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى بىز ئۇنىڭ قانداق «ھازىر – بولۇش» ئالاھىدىلىكىگە ئىگىلىكى ھەققىدە توختىلىمىز.
شۇنىسى ئېنىقكى، مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنىشىگە كوللېكتىپ ئۇنۇتقاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋەب بولغان.  مەڭگۈ تاشلار بىر چاقىرىقتۇر، ئۇنىڭدا ئادەم سەل قارىيالمايدىغان ئىلتىجا بار — ئۇلار خەلقنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق ئىرادىسىنىڭ ئەسلىگە قايتىشقا ۋە ئۇنى رېئاللاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن بۇ چاقىرىق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنتۇلۇش تەقدىرىدىنمۇ قۇتۇلالمايدۇ. شۇ سەۋەب، ئەگەر ئاۋام قەلبى خاتىرىسىدە چوقۇم ئەستە تۇتۇشى كېرەك بولغاننى تۇتالمىسا، ماددىي بەلگىلەر، يەنى كىتابلار، خاتىرە مۇنارلىرى، ھەيكەللەر، مەڭگۈ تاشلار قاتارلىقلار، ئۇلارنى خاتىرىگە ئېلىش ۋە ساقلاش فۇنكسىيىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئاۋامنىڭ قەلبى تاشتەك قېتىپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمايدىغان بولۇپ قالسا، تاش ھەممىنى خاتىرىسىگە ئېلىپ ساقلايدىغان قەلبكە ئايلىنىدۇ. ئۆزىگە ئويۇلغان قىممەتنى ئۈستىگە ئالغان تاشنىڭ مەۋجۇتلۇقى كوللېكتىپ خاتىرىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىنى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇ ئەسلەشنىڭ ھەقىقىي جايىغا ئايلىنىدۇ. بۇ يەردە تاش قەلبكە ئايلىنىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ قەلب كوللېكتىپ ئاڭنىڭ ئىچىگە ئەمەس، بەلكى سىرتىغا جايلاشقان قەلبتۇر. شۇ سەۋەب، كوللېكتىپ قەلبنىڭ سىرتىدىكى «تاش قەلب»--  مەڭگۈ تاشلار مەڭگۈ «ھازىر – بولۇش» بىلەن ھازىر بولماسلىقنىڭ، ئۇنتۇش بىلەن خاتىرىنىڭ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدۇر.
ئەگەر قاغانلارنىڭ خىتابلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ساۋاقلىرى تاشقا ئويۇلمىغان ۋە بۇ تاشلار باشقىلار تەرىپىدىن (ئۆزىمىز تەرىپىدىن ئەمەس!) يېقىنقى ئەسىردە تۇيۇقسىز بايقالمىغان بولسا، ئېھتىمال ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كېتىلەتتى. نەتىجىدە بىز بۇ ئەۋلاد ئۆزىمىزنىڭ نېمىنى ئۇنتۇغانلىقىمىزنىمۇ پاك - پاكىز ئۇنتۇپ كەتكەن بولاتتۇق  — پۈتكۈل بەلگە، ئىزنا ھەم يادنامە مەڭگۈلۈك يوقىلاتتى ھەم ھېچكىمگە قايتا «ئايان بولمايتتى». مەڭگۈ تاشلار ئادەمنىڭ نېمىنى ئۇنتۇغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشدەك مۇمكىنچىلىككە ئاتالغان بىرخىل قىياستۇر، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئۇلار «مۇتلەق ئۇنتۇش» — ئۇنتۇشنىڭ ئۇنتۇلۇشى — ئېلىپ كەلگەن مۇتلەق «بىل(ىن)مەسلىكنى بىل(ىن)دۈرىدىغان نىشانىدۇر: مانا بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭگەن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان زىتلىقتۇر. بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك ئىككى يەكۈنگە ئېرىشىمىز: بىرى، ئىنسان سۇبيېكتىنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقى تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنتۇش شەكلىدىكى مەۋجۇتلۇقتۇر. يەنە بىرى، ئىنسان سۇبيېكتى پانىيلىق پۈتۈلمىشىدە ياشايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەسلىمىسى ھەر ۋاقىت ئۆلۈمنىڭ سايىسى ئاستىدا بولىدۇ —ئىنساننىڭ ئەسلىمىسى ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدىغان يوقلۇققا يۈزلەنگەن بولىدۇ. تەشۋىشتە تېخىمۇ ئايان بولىدىغان ئۈلۈمنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئادەمنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىنى يوقلۇققا ئايلاندۇرۇۋېتىشىدىن ئىبارەت قۇدرىتى ھەققىدىكى تونۇش مەڭگۈ تاشلارنىڭ ھەربىر سۆزىگە دېگۈدەك سىڭىپ كەتكەن. مەڭگۈ تاشلار ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇمكىنچىلىك بولغان ئۆلۈمدىن ھالقىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە بولغان ئۇرۇنۇشتۇر — ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەڭ ئاخىرىدا ئەقىلنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ھالقىپ كېتىدىغان مەۋجۇتلۇقتۇر. مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنىشىدە تېگىدىن ئالغاندا ئادەمنىڭ پانىيلىقىغا، يەنى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆتە ۋە ھامان ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئەسلىمىسىنىڭمۇ پانىيلىق ۋە ئۇنتۇشچان خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە بولغان چوڭقۇر تونۇش بار. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، مەڭگۈ تاشلارنى ئىنساننىڭ پانىيلىقى ۋە چەكلىمىلىكىدىن ھالقىش ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن.
يۇقىرىقى مۇھاكىمىلەر بىزنى مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئۈچىنچى مەنىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. مەڭگۈ تاشلار بىزگە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدىكى كۆچمەنلىك تىپىدىكى تەپەككۇر شەكلى بىلەن شەھەرلىشىش (مۇقىم ئولتۇراقلىشىش) شەكلىدىكى تەپەككۇر شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ كىرىشىش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاغزاكى كۇلتۇر، يەنى سۆزلىشىشنىڭ تورى ئۈستىگە قۇرۇلغان كۇلتۇر، كۆپ ھاللاردا توختاۋسىز كۆچۈش شەكلىدىكى كۆچمەنلىك — چارۋىچىلىق — ھاياتىنىڭ بەلگىسى بولسا، يازما ياكى يېزىلما كۇلتۇر، يەنى دىسكورسنىڭ كۈچىنىڭ مۇئەييەن ماكانغا تارقىلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان كۇلتۇر، دىسكورسنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئورنىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى خىل ھاياتلىق شەكلى كۆچمەنلىك تىپىدىكى تەپەككۇر شەكلى ۋە شەھەرلىشىش تىپىدىكى تەپەككۇر شەكلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تەپەككۇر شەكلىنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر.
 كۆچمەن تەپەككۇر شەكلىدە دۇنيا بىر - بىرىگە ئەگىشىپ يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ يىغىندىسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ئاداققى مەنىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋە ئويلىنىش «قانداق»  — دۇنيا زادى قانداق؟— دېگەن سوئالغا تۈگەللەنگەن. ئونتولوگىيىلىك سوئال سۈپىتىدىكى «نېمە» — دۇنيا زادى نېمە؟ گە مەركەزلەشكەن مۇقىم ئولتۇراقلىشىش خاراكتېرىدىكى تەپەككۇر دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ ھادىسىلىرىنى قائىدە - پرىنسىپلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئەقلىي بىر پۈتۈنلۈك دەپ قارايدۇ. ئەگەر كۆچمەن تەپەككۇر شەكلى ئوبرازلارنىڭ موللىقىنى بايانچىلىق فۇنكسىيىسىدە بىر تەرەپ قىلسا، شەھەرلىشىش تەپەككۇر شەكلى ئوبرازلارنىڭ ئېقىشىنى ئابستراكىتلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كۆتۈرىدۇ: بۇ ئابستراكت ھەمدە ئۇقۇملۇق تەپەككۇرنىڭ نېگىزلىك ئالاھىدىلىكىدۇر، شۇنداقلا مانا بۇ يەردە ھەقىقىي پەلسەپە ئەپسانىلىق ۋە شېئىرلىشىشتىن ئايرىلىپ ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر كۆچمەن تەپەككۇر شەكلىدە ھادىسىلەر يەككە ھالىتى بويىچە ئويلىنىلسا، شەھەرلىشىش تەپەككۇرىدە ھادىسىلەر مۇئەييەن ئومۇمىيلىقنىڭ بىر بۆلىكى دەپ قارىلىدۇ. دۇنيا ۋە ئۇنىڭ بىر - بىرىگە باغلانغان ھادىسىلىرى ئۇقۇملارنىڭ ياردىمىدە بىر پۈتۈنلەشكەن تەپەككۇرنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ.
مەڭگۈ تاشلار مۇقىملاشقان ۋە گۈللەنگەن ھاكىمىيەت ئېڭى ھەققىدىكى ھۆججەت  خاراكتېرلىك ئويلىنىش ۋە ھەرىكەت پروگراممىسىدۇر — بۇ ئەلۋەتتە پىشىپ يېتىلىۋاتقان شەھەرلىشىش تەپەككۇر شەكلىنىڭ مەھسۇلىدۇر (بۇ يۈزلىنىش ئۆزىنىڭ كامالىتىنى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىلىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە كۆرىدۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ھازىرچە توختالمايمەن.( بىر قوۋمنىڭ روھىيىتىنىڭ ۋە مەۋجۇدىيىتىنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىش مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسمىنى قۇرۇپ چىققان، بۇ ماكان ۋە زاماننىڭ بىر - بىرىگە قانۇنىيەتلىك باغلانغان سىستېمىسىدا ئويلىنىلغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. روھنىڭ مۇكەممەللىك ئىزدىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى سەلتەنىتىنى ئۆرنەك قىلىش ۋە ئۇنى كەلگۈسىدە داۋاملاشتۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان.  دەل تەشۋىش بۇ داۋاملىشىشىشىدىكى ھالقىلىق مەۋجۇتلۇق ھالىتى ۋە كەيپىياتىدۇر. كەلگۈسىدىكى يىراق ئۆتمۈشنىڭ سەلتەنىتىنى كۈتۈش ۋە ئۇنى توختاۋسىز رېئاللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىش كوللېكتىپ روھىنىڭ مەڭگۈگە داۋاملىشىدىغان قۇدرىتى سۈپىتىدە قارالغان. روھنىڭ داۋامىي مەۋجۇتلۇقى مەۋجۇداتنىڭ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىچكى ئاساسىدۇر. مەۋجۇتلۇق بولسا ئۆزلۈكنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىرادە قىلىدىغان ئىرادىسىنىڭ قوزغىلىشىدىكى ئاساستۇر. چۈنكى مەۋجۇت بولۇش ئىرادە قىلىش دېمەكتۇر؛ ئىرادە قىلىش بولسا ئىرادە قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتۇر؛ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش بولسا مەۋجۇدلۇقنىڭ ئىچ - ئىچىدىن كېلىدىغان چاقىرىقنى ئاڭلاش ۋە ئىلتىجاغا جاۋاب قايتۇرۇشتۇر. بىز مەڭگۈ تاشلاردا پۈتكۈل قەۋمنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى تەنقىدىي ئويلىنىشنىڭ ئابستراكىتلاشقان كۆرۈش نۇقتىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان يېرىم مېتافىزىكىلىق شەكلىنى بايقايمىز. ئۇنىڭدا خۇدا، ئىنسان ھاياتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ھاياتلىق ئىرادىسىنى مەركەز قىلغان. بىر قەۋم ھەققىدىكى ئويلىنىش ئۇلۇغۋارلىقنىڭ، مۇقەددەسلىكنىڭ ۋە ئەبەدىيلىكنىڭ نۇرىغا چۆمگەن تاشلارغا سىڭىپ كەتكەن. بۇ، خۇداغىلا خاس ئەدەبىيلىك بولۇپ، قايمۇقۇش، ئۈمىدسىزلىك ۋە پارچىلىنىش ۋەھىمىسىدە ئېزىققان خەلققە بەخت نۇرىنى چۈشۈرىدۇ.
ئۆز نۆۋىتىدە، مەۋجۇتلۇق بىلەن خاتىرىمۇ بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان. خاتىرە تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، مەۋجۇتلۇقنىڭ نىشانىدۇر ياكى مەۋجۇتلۇق — بولۇپمۇ ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى — خاتىرە شەكلىدىكى مەۋجۇتلۇقتۇر. ئۆزىنىڭ ھازىردىن يېنىشى ياكى ھازىردا «ھازىر – بولماسلىق»ى ئارقىلىق، خاتىرە ھاياتىمىزنىڭ تىرەن ۋە يوشۇرۇن ئۇپۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئۆزىنىڭ «ھازىر – بولۇش» ى ئارقىلىق بولسا، خاتىرە بىزنى ئەسلىمىنىڭ سىمۋوللۇق مەنبەسىگە يۈزلەندۈرىدۇ: بۇ ئاخىرقى ھېسابتا تاشنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا مەڭگۈلۈك ئايان بولغان ۋە كەلگۈسىدىكى تەشۋىشلىك خىياللىرىمىزدا يوقالمايدىغان بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزدۇر.

ئىزاھاتلار


ھېنرى بېرگسون (Henri Bergson) « ماددا ۋە ئەسلىمە» (لوندون: جورج ئاللىن ۋە ئۇنۋېن نەشرىياتى، 1917-يىل)، 122-بەت.
خېگېل، «روھنىڭ ھادىسىشۇناسلىقى» (ئىنگلىزچە) ( نيۇ يورك: ماكمىللان 1900 - يىل،) 134 - بەت.
دىسكورس (discourse) - بۇ سۆزنى ئەسلىدىكى ئېنگلىزچىسى بويىچە ئەينەن ئېلىش بەلكىم بىزنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان سۆز مەنىسىنىڭ كەمتۈك ۋە تولۇقسىز بولۇپ قېلىشىدەك ئەھۋاللاردىن خالاس قېلىشى  مۇمكىن. بۇ سۆز ئۆزىنىڭ ئېتمولوگىيىلىك مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىدىتلىق ۋە تەرتىپلىك پىكىر قىلىش ۋە بىر خىل جەرياننى؛ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر تېما ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان نورمال ۋە تەرتىپلىك ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئاتالغۇ يەنە ئىدىيىلەرنىڭ (بولۇپمۇ دىئالوگدا) ئاغزاكى ئالماشتۇرۇلۇشنى، جۈملىدىن (ھېكايىدىكى ۋە سۆزلىشىشتىكى) چوڭراق بولغان تىل بۆلىكنى كۆرسىتىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك بولغاننىڭ كوللېكتىپ ئاڭنىڭ سىرتىدا بولۇشى ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇشىنى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا توسۇپ قالالمايدۇ ھەم قالالمىدى. مانا بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئىلتىجاسىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ئۇنتۇلۇپ كەلگەنلىكنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر. بىراۋ شۇنى سورىماي تۇرالمايدۇكى، مەڭگۈ تاشلار ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك بولغاننى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئورنىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۇيۇپ يېزىلغانلىرى ھەقىقەتەن ئەپلاتون ئېيتقاندەك، ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك بولغاننى «ئەسكە ئالماسلىقىمىز ئۈچۈن يېزىلغانمۇ؟» مانا بۇ ئەپلاتوننىڭ لوگىكىسىنىڭ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھاكىمىمىزگە بولغان خىرسى بولۇپ، ئۇ بىزنى مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئىلتىجاسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ يازما ھۆججەت بولغانلىقىغا ئىشىنىشكە زورلايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ مۇھاكىمىمىز ئارقىلىق ئەپلاتوننىڭ سۆزلىشىش ۋە يېزىشنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق زىددىيىتىدىن قوزغالغان ئەسلىمە ۋە ئۇنتۇش ھەققىدىكى ئىدىيىسىنىڭ تار رامكىسىدىن قۇتۇلۇش قارىماققا مۇمكىنسىزدەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، خەلق بىلەن قاغانلار ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلۇشى مۇمكىن بولغان سۆزلىشىش شەكلىدىكى مەڭگۈ تاشلار ئۇنتۇلغاننىڭ ۋە ئۇنتۇلۇشى مۇمكىن بولغاننىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماسلىقى ئۈچۈن تىكلەنگەن. مەڭگۈ تاشلارنىڭ «ۋاقىتلىق» ئۇنتۇلۇشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭدىكى ئىلتىجا ئۇنتۇغۇچىغا، يەنى ئۇنتۇغانغا، ئۇنتۇۋاتقانغا ۋە ئۇنتۇيدىغانغا قىلىنغان ئىلتىجادۇر. خەلقنىڭ قەلبىنىڭ سىرتىدىن قاغانلار تەرىپىدىن قىلىنغان خىتابلار شۇڭلاشقا خەلقنىڭ قەلبىنىڭ سىرتىدىكى مەڭگۈ تاشلارغا ئويۇلغان. ماكان نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۆتۈكەن تاغلىرى ئەتراپىدىن ئايرىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان بۇ خەلقنىڭ يىراق - يىراقلارغا كۆچۈپ كېتىشى مەڭگۈ تاشلارنى ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ تېخىمۇ سىرتىدا يالغۇز قالدۇرغان. ئۇنىڭدىكى ئىلتىجا ۋە خىتابلارنىڭ «ئۇنتۇلغانلىقى ياكى ئۇنتۇلمىغانلىقى» ھەققىدىكى مۇنۇ يازمىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقنىڭ ئىسپاتى، چۈنكى لوگىكا نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مەڭگۈ تاشلار ھەققىدە يازما مۇھاكىمە قىلىش «ئەسكە ئالماسلىق ئۈچۈن» تىكلەنگەن ئابىدىنى قايتا ئەسكە ئالماسلىق ئۈچۈن بولمايدۇ.




2006-يىل، بېلگىيە

  

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت

رەزىللىكنىڭ تەبىرى