ئۆي ۋە كېچىدە كەلگۈچى

  
ئۆي مېنىڭ يېگانە تېنىمدۇر.

قاراڭغۇ چۈشەي دېگەن پەيت، ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ئەپلاتوننى ئوقۇۋاتاتتىم. ئىشىك تۇيۇقسىز ئەنسىز چېكىلدى. قەلبىمگە يات بىر سېزىم كىردى. ئەپلاتوندىن قايتتىم ۋە ئىشىكنى ئاچتىم. تۇنجى قېتىم ھېس قىلغىنىم كېچىنىڭ نەمخۇش ئاۋازى بولدى. ھەممىنى ئاڭلىدىم، ئۇ كىردى.   
  ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ناھايىتى سالماق ھەرىكەتلەر بىلەن كونا ۋە كۆرۈمسىز دەرىزىنى ئېچىۋەتتى. بۇ قېتىم ھېس قىلغىنىم ئۆكسۈپ يىغلاشقا ئوخشاپ كېتىدىغان قالايمىقان سادالار بولدى.
  --كېچىسى دېرىزىنى ئېچىۋېتىش كۆڭۈللۈك ئىش،--دېدى ئۇ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن. مەن يەنىلا ئابايقى تۇيغۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغانىدىم. ئۇ سۆزلىدى. مەن ئۇنى تونۇيدىغانلىقىمنى خىرە ئېسىمگە ئالالىدىم. ئېھتىمال ئۇ باشقا بىرسىدۇر ياكى ئۇ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەستۇر، بۇلار ماڭا بەرىبىر.
 --سېنى بۇ شەھەرنىڭ رەستىلىرىدىن ئىزدەپ قېزىۋەتتىم. سېنى بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىلمەيدىكەن، ئىسمىڭنىمۇ ئاڭلاپ باقماپتۇ. مەن سېنى ئۆيىدىغۇ دەپ تەخمىن قىلىپ ئۇدۇللا كېلىۋەردىم. مەن سېنى تېخى كۆچۈپ كەتكەن چېغى دەپتىمەن.  ئۇنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنج بىلەن ئېيتىۋاتقان ۋە باش-ئاخىرى كۆرۈنمەس سۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى سۇس پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدىم. بۇ كۆزلەردىن ئېيتقۇسىز بىر بىپەرۋالىق ۋە ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.  
   --مەنمۇ ئۇلارنى تونۇمايمەن،--دېدىم سوغۇقلا. 
    --نېمە ئۈچۈن تا ھازىرغىچە باشقا بىر جايغا كۆچمىدىڭ؟ قارا بۇ نەس بېسىپ كەتكەن ئۆيۈڭگە. تېنىڭمۇ ئۆيۈڭگە سىڭىشىپ كېتىپتۇ. بولدى بەس، بۇلار ئاخىرلىشىشى كېرەك.
   --كۆچكۈم يوق، كۆچكىدەك يېرىممۇ يوق.  ئالدىمدىكى يۈز بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىدى. يۈز ۋە قورۇقلار. مەندىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان ۋە كېچىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرى يوشۇرۇنغان خىلمۇ خىل ئاۋازلار. يۈزنىڭ ئارقىسىدىكى دېرىزىدىن كېڭەيگەن قاپقاراڭغۇلۇق. 
   --ئۇلار سېنى قارغىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاشلا بىچارىدۇر. ئۇلار سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلمەيدۇ. لېكىن ئۇلار ساڭا ئاپەت تىلەۋاتىدۇ. بۇ سېنىڭ تۇغۇلغانلىقىڭنىڭ تەبرىكى. 
  --ماڭا بەرىبىر. مەن مۇراسىمغا قاتناشمىغىلى ئۇزاق بوپ كەتتى.
   زېرىكىش مېنى ھەممە نەرسەمدىن ئايرىپ يالىڭاچلاشقا باشلىدى. كاللامغا يەنە ئەپلاتون كىرىۋالدى: «ئەپلاتون نېمىشقا ئۆزىنىڭ غايىۋى دۆلىتىدە ئاجىزلارنى يوق قىلىش توغرىلىق توختالغان بولغىيدى؟ ئۇ توي قىلغان بولغىيمىدى؟ ئۇنىڭ چوقۇم ئۆيى بار، ئۇ ئەنە شۇ يەردە تەننىڭ ئاستا-ئاستا ۋەيران بولۇشىنى تاماشا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.»   
   ئۆي يەلكەمگە يىقىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېپ قالدىم. سىقىلىش ۋە ئامالسىزلىق كۆزۈمنى لەرزان ئۈزىۋاتقان سائەتكە ئاپاردى. سائەت بىردىنلا ئايالنىڭ كۆكسىگە ئايلاندى. ۋاقىت ئىشرەتنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا سويلاپ ئېقىۋاتاتتى. ھەممە نەرسە يالىڭاچ ئادەم تېنى شەكلىگە كىردى. مەۋجۇدات ئەسلىدە بىر بەدبەشىرە يالىڭاچلىق ئىدى. قەدىمقى گرېك پەيلاسوپى پارمانىدېس «مەۋجۇدات دېگەن مەۋجۇدات، مەۋجۇدات يوقلۇقتىن بار بولمايدۇ ھەم بارلىقتىن يوقلۇققا ئايلانمايدۇ. شۇڭا ئۇ يوقالمايدۇ» دېگەن. ياق، بۇ يەردە يەنە بىر قەدىمقى گرېك پەيلاسوپى ھېراكلېتنىڭ تۇيغۇسى توغرا: «دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىشتۇر.» ئېھتىمال ھەممىمىز نامەلۇم بوشلۇققا سۆرۈلۈپ كېتىۋاتقۇچىلارمىز. بىزنىڭ تاشقا ئايلىنىپ ئابىدىگە ئايلانغىمىز يوق. «ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەيمۇ؟» 
   --سېنىڭ ئىچ ئاغرىقىڭ ۋە ئازابىڭ ماڭا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىدۇ.   ئۇنىڭغا يالتتىدە قارىدىم. كۆرگىنىم چىدىغۇسىز بىسەرامجانلىق بولماستىن، بەلكى ئۇزاق كۈتۈشتىن كېيىنكى ۋاز كېچىش ئېلىپ كەلگەن غەلىتە خاتىرجەملىك ئىدى.  
    --سۆزلىيەلمەسلىك بىزنى قارىغۇ قىلدى. بىز گۇناھ ئۆتكۈزىۋاتىمىز،--دېدىم بوغۇق ئاۋازدا.   
   --ياق گۇناھنى سەن ئۆتكۈزىۋاتىسەن، چۈنكى سېنىڭ كاللاڭغا ناھايىتى ئاددىي بىر ئوي قېتىپ قالغان: گۇناھتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى تالاغا چىقماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك. لېكىن، سەن بۇ ئۆيگە كېلىشتىن ئىلگىرىلا گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدىڭ. بۇلارنى يوق قىلالمايسەن. گۇناھكار كۆزدە دۇنياغا باقساڭ، ئۆزگىنىڭ يۈزىدىكى نەپرەتنى ئېنىق كۆرىسەن. بۇ ئۆيدىن كەت، بۇ يەردىن يوقال.
            يۈز ۋە تىنىق. 
     --لېكىن، مەن گۇناھنىڭ ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇرالىشىدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان،--دېدىم بىر ھازادىن كېيىن. 
    --بىلەمسەن، سەن ئوچاقنىڭ ئالدىدا تۇغۇلغانىدىڭ. ئەشۇ پەيتتە كۆزۈڭ ئوچاقتىكى چوغقا چۈشتى. ئۇ ساڭا دۇنيادا گۈزەل بىلىنگەن تۇنجى نەرسە ئىدى. چۈغقا قولۇڭنى ئۇزاتتىڭيۇ، قورقۇپ توختاپ قالدىڭ. ئۈمىدسىزلىك: تەۋەررۈك ئۈمىدسىزلىك. سەن ئۆزۈڭگە گۈزەل بىلىنگەن نەرسىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەيلا ئۈن تىنسىز رەت قىلدىڭ.   بىز ھازادىن كېيىن ئاغزىمدىن نۇرغۇن تاۋۇشلارنىڭ رېتىمسىز لېكىن تېز-تېز چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم: 
   --ھەركىمنى قورقۇنچ ئېتىقادسىز قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك ماڭا نەپرەت ئېلىپ كەلدى، مەن ئاسىيلىقنىڭ ساختا ئۈمىدكە باشلايدىغان يول ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە، ئۈمىدتىن ئۈمىدسىزلەندىم.
  --بۈگۈن مەن سەل سەندىن نەپرەتلەنگىلى كەلدىم. 
  --بەلكىم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نەپرەتلا بىزنى بىر بىرىمىزگە باغلاپ تۇرىدىغان بىردىنبىر رىشتە بولۇشى مۇمكىن. پەقەت نەپرەتلا مېنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ، سېنىڭمۇ ھەم. سېنى نەپرەت بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن بولسا، مېنى نەپرەت بۇ يەردە قالدۇرىۋاتىدۇ.   --ھاھاھا، ئۆلۈمتۈك قۇرت. سەن ھامان بىر كۈنى ھەممىنى ئۇنتۇيسەن. خۇددى كىچىكلىكىڭگە قايتقاندەك شۇنداق خاتىرجەم بوپ قالىسەن. شۇ چاغدا بەلكىم ھېلىقى چوغنى يەنە ئېسىڭگە ئېلىشىڭ مۇمكىن.    
      ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ كېچىسى قېلىن ۋە ناتونۇش ئورماندا ئېزىقىپ قالغان ئادەمنىڭ قاراڭغۇلۇققا پېتىپ كېتىۋاتقان ئاياق تاۋۇشلىرىنى ئەسلىتەتتى.     قاراڭغۇ ئورماندا يىلانغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورقىمەن، بۇ مېنىڭ گۇناھقا بولغان زىيادە سەزگۈرچانلىقىمدىن بولسا كېرەك. ۋاقىت خۇددى قاراڭغۇ ئورماندىكى يىلاندەك كېتىۋاتىدۇ. ئۇ قاراڭغۇلۇقتا بىر ئەسەبىي تولغىنىش بار—يات تىلدا سۆزلەيدىغان بىر ئايال بار. ئۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمنى چۈشەنمەيدۇ.
      يۈز ۋە ئەسەب. 
    --خاتالاشتىڭ،--بۇ ئاۋاز باشقا ئاۋازلاردىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ قۇلىقىمغا ئېتىلىپ كىردى،--ئەپلاتون ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپ، ئۇنىڭ دېگەن غايىۋى دۆلىتى سېنىڭ مۇشۇ ئۆيۈڭگە ئوخشايدۇ. 
   --بىلىمەن. بۇ ئۆيدە ئەمدى قۇياش بەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. ئىلگىرىكى ئاۋازلار يىتتى. بىلىمەن، ھەممە جىمىدى. بۇ ئۆيدە ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سېزىشكىلا قالدىم. بۇ ئۆيدە كۈندە ئويلىنىمەن خۇددى دېكارت ئېيتقاندەك: «ئويلىنىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت.» لېكىن مۇشۇ ئوينىڭ ئىگىسى بولمىش ئۆزلىكىم مەندىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، بۇنى ھەقىقەتەن كونترول قىلالمايۋاتىمەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن. كۆرگىنىڭدەك، دېرىزىنى ئاچمىدىم، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قارغىشىنى ۋە سېنىڭ نەپرەتلىك ئاۋازىڭنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۈزۈمنىڭ قارغىشىنى ۋە نەپرىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاش ئۈچۈندۇر. 
   --بولدى بەس، ئاغزىڭنى يۇم،--يۈز شەكلىنى جىددىي ئۆزگەرتىۋاتاتتى. يىلان يىراق قاراڭغۇ ئورماننىڭ ئىچكىرىسىدە سويلاپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى،--بۇ ئۆي سېنىڭ قەبرەڭگە ئايلىنىدۇ.    
   --مەن ھازىر ئۆيۈمدە.  
  بىر بىرىگە ئوخشىشپ كېتىۋاتقان ئاۋازلارنىڭ ئۇنىڭ تېنىدىن ئايرىلىپ ھاۋاغا تارقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر ھازادىن كېيىن بۇنىڭغا نەمخش سۆيۈشكە، تەرلەشكەن يالىڭاچ ۋە يىلانسىمان تەنگە ھەم گۇڭگا چىراق نۇرى ئاستىدىكى ئۇھسىراشقا ئوخشايدىغان ئاۋازلار ئارىلىشىپ كىردى.    
   --يامغۇر يېغىۋاتىدۇ،--دېدى ئۇ سەل روھلىنىپ،--قەدىمقى يەھۇدىيلار يامغۇرلۇق كۈننى بەك ئۇلۇغلايدىكەن. 
    --يامغۇر ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ،--دېدىم ئىرەنسىزلەرچە. 
        ئىچىمدىكى ماڭا ئۇزۇندىن بېرى ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئېغىرلىق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ئېغىرلىقنىڭ مېنى ھەر ۋاقىت تۇپراققا سۆرەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قىلاتتىم. بۇ ئېغىرلىقنى بەزىدە تۆمۈرنىڭ ئېغىرلىقىدەكمۇ ھېس قىلاتتىم. ئىچىمدە خۇددى تۆمۈردەك ياكى تۆمۈرنىڭ ئۆزى بولغان ئېغىرلىق ئاستا-ئاستا ئۈستىگە سىلجىيتتى.   قولۇمغا نەم ئۇرۇلدى. بىرى يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەتراپىمغا قارىدىم، ھېچكىم يوق. ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم. ئۇ راستىنلا كەلدىمۇ؟ يۈز ۋە ئېغىرلىق.  
  ئىچىمدىكى ئېغىرلىق مېنى يامغۇرنىڭ ئەدىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ھالسىزلاندۇرىۋېتىۋاتاتتى. «ئاشۇ كۈنى يامغۇر ياغارمۇ؟»    
     --قايسى كۈنى؟     
    ئۇنى يەنە كۆردۈم. يۈز ۋە يامغۇر. 
  «ئاشۇ كۈن» نى كۈچەپ خىيال قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ زادى قايسى كۈن؟ ئۇ كۈنى راستىنلا ھەممە نەرسە يوقاپ كېتەرمۇ؟ ياكى كىچىكىمدە كۆرگەن ھېلىقى غەلىتە چال كۆتمەك راۋابىنى كۆتۈرىۋېلىپ بىزنى يەنە قورقۇنچقا سالارمۇ؟ ئۇ كۈنى مەن راستىنلا ئەسلىمەمنى يوقاتقانلىقىمنى ئەسلەمدىمەن؟ مەن ۋە پۈتۈن ئۆيۈم بىراقلا جىمجىتلىققا ئايلىنىپ كېتەرمىزمۇ؟ خۇددى ھېراكلېت ئېيتقاندەك مەن جىمجىتلىققا پەقەت بىرلا قېتىم لېكىن ئاخىرقى قېتىم كىرىپلا بەلكىم ئەبەدىي يوقاپ كېتەرمەنمۇ؟  
         يۈز ۋە جىمجىتلىق.  
  ئۇ كۈنى ھەممە نەرسە قايتىدۇ. مەن قولۇمنى چوغقا ئۇزىتىمەن. ئۆيۈمنىڭ غىرىسلاۋاتقانلىقى ماڭا ئايان بولىدۇ. شامال ئاق قۇشلارنى كۆكتە ھەيدەيدۇ. بىز ئۈمىدنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرىدە بىر بىرىمىزگە روبىرو قاراپ شۇ كەمگىچە كۆرۈلمىگەن بىر تەرىزدە سۆزلەيمىز، بىر بىرىمىزنى كۆرىمىز. ئۇ كۈنى بىمەھەل يامغۇر يېغىشىمۇ مۇمكىن. مەن ئىچىمدىكى ئېغىرلىقنى تېخىمۇ ھېس قىلىمەن ھەم ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولىمەن.
            يۈز ۋە تۆمۈر.    
        ئۇ كۈنى پۈتۈن خالايىق ماڭىدۇ. ئۇ كۈنى...  
          ئىشىك تۇيۇقسىز ئەنسىز چېكىلدى.




   2003-يىل

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز