رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى
رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى يېقىندا بېرلىندا چاقىرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان سترات ې گىيە يىغىنىدىن كېيىن باشلانغان قالايمىقانچىلىقلار ۋەتەند ىكى زۇلۇم ئوتى نىڭ دەردىدە يۈرىكى پۇچىلىنىۋاتقان خەلقىمىزگە بىر روھىي زىلزىلە ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ، رابىيە خانىمنىڭ ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۆمە ر قاناتلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەقق ى دىكى يازما قارارىنىڭ ۋە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىسمى بار ئەمما ئىمزاسى يوق خېتىنىڭ تورلاردا ئۇچۇپ يۈرۈشى بۇ زىلزى لىنى ڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۇ يەردە ئۇ قەدەر كۆپ ئاۋاز، قاراش ، غەرەزلەر ، يىللارسېرى پىشقان غۇملار ۋە غەزەبلەر باركى، ئادەم كىمنىڭ توغرا ۋە كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. ئەمما، ھازىرچە بىلىدىغىنىمىز شۇكى، ب ۇ بىر سىياسىي سەتچىل ى كتۇر. بۇ خەلقىمىز ياردەمگە ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ۋاقىتت ا يۈز بېرىۋاتقان كۆڭۈلسىز ۋە نومۇسلۇق بىر سەتچىلىكتۇر. مەيلى بۇ سەتچىلىكنىڭ ماھىيىتى نېمە بول سۇن ، شۇنىسى ئېنىقكى بۇ...