Posts

Showing posts from January, 2019

قەھرىمانلىقنىڭ بەدىلى

Image
قەھرىمانلىقنىڭ بەدىلى خۇددى ئىنساننىڭ ھەر بىر ئۇرۇنۇشىدا بىر بەدەل بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىدىمۇ بىر بەدەل باردۇر. قەھرىمانلىق، لۇغەت مەنىسىدىن ئالغاندا، بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرلا  كۆرسىتەلەيدىغان پەۋقۇلئاددە جاسارەتنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە،   قەھرىمانلىق بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغانلار تۆلەيدىغان بەدەلنىڭ يۈكسەك شەكلىدۇر. قەدىمقى گرېكلەر قەھرىمانلىققا مەپتۇن بولغان. ئۇنى تراگېدىيىلىك يۈكسەكلىكتە ئىدراك قىلىشنىڭ ۋە ئاجايىپ گۈزەل بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. ئۇلارچە، قەھرىمانلىق، تەگ مەنىسىدىن، تراگېدىيىلىكتۇر، چۈنكى ئۇ ئىنسان مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدا كۆپ ھاللاردا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان توقۇنۇشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئۆلۈم—يەنى قەھرىماننىڭ ساقلانغۇسىز ئۆلۈمى—بۇ توقۇنۇشنى كېلىشتۈرىدۇ، يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە ئەبەدىيلەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۆلۈم ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە مەۋجۇتلۇق شارائىتىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى قېچىپ قۇتۇلغۇسىز تەقدىر شەكلىدە رەھىمسىزلەرچە ئاشكارىلايدۇ.  ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، تراگېدىي

نۆۋەتتىكى پسىخىك ھالەتلىرىمىز

Image