قەھرىمانلىقنىڭ بەدىلى








قەھرىمانلىقنىڭ بەدىلى


خۇددى ئىنساننىڭ ھەر بىر ئۇرۇنۇشىدا بىر بەدەل بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىدىمۇ بىر بەدەل باردۇر. قەھرىمانلىق، لۇغەت مەنىسىدىن ئالغاندا، بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرلا  كۆرسىتەلەيدىغان پەۋقۇلئاددە جاسارەتنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە،  قەھرىمانلىق بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغانلار تۆلەيدىغان بەدەلنىڭ يۈكسەك شەكلىدۇر.

قەدىمقى گرېكلەر قەھرىمانلىققا مەپتۇن بولغان. ئۇنى تراگېدىيىلىك يۈكسەكلىكتە ئىدراك قىلىشنىڭ ۋە ئاجايىپ گۈزەل بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. ئۇلارچە، قەھرىمانلىق، تەگ مەنىسىدىن، تراگېدىيىلىكتۇر، چۈنكى ئۇ ئىنسان مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدا كۆپ ھاللاردا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان توقۇنۇشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئۆلۈم—يەنى قەھرىماننىڭ ساقلانغۇسىز ئۆلۈمى—بۇ توقۇنۇشنى كېلىشتۈرىدۇ، يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە ئەبەدىيلەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۆلۈم ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە مەۋجۇتلۇق شارائىتىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى قېچىپ قۇتۇلغۇسىز تەقدىر شەكلىدە رەھىمسىزلەرچە ئاشكارىلايدۇ.  ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، تراگېدىيە قەھرىماننىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق باشقىلاردا (بولۇپمۇ تاماشىبىنلاردا) «ئەپسۇسلىنىش ۋە قۇرقۇنچ» ھېسسىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىنى «پاكلايدۇ» ۋە «يۈكسەلدۈرىدۇ». ئۇلارنى رېئاللىقنىڭ كەسكىنلىكىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئۇلۇغۋار قىممەتلەر بىلەن قايتىدىن ئۇچراشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياننى «كاتارسىس» (پاكلىنىش) دەپ ئاتايدۇ. 

كلاسسىك مەنىدىكى قەھرىمانلىق تراگېدىيىسى كىشىلەرنى قەھرىمان ھالقىشنى ئىزدىگەن ئەمما ھالقىيالمىغان رېئاللىقتىن ئۇلارنى ھامان ھالقىيالايدۇ دەپ قارايدىغان ئېستېتىك بوشلۇققا ئېلىپ كىرىدۇ. ئۇلارنى قەھرىماننىڭ دۈشمەنلىككە، ساتقىنلىققا، توسقۇنلۇققا ۋە رەزىللىككە تولغان دۇنياسىدىن ياخشىلىققا، مۇھەببەتكە، مۆرۈۋەتكە ۋە نىجادلىققا تولغان ئەخلاقىي دۇنياغا يۈكسەلدۈرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنى زۆرۈرىيەت ئالىمىدىن ئازاد قىلىپ، مۇمكىنچىلىك ئالىمىگە باشلايدۇ.

بۇ قەھرىماننىڭ ئۆلۈمىنىڭ تراگېدىيدىن ئىبارەت قەدىمقى سەنئەت شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىنىشىدۇر. مېنىڭ بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغىنىم ئۇلۇغۋار شەخسلەرنىڭ كلاسسىك تراگېدىيىدە ئىدراكلانغان قەھرىمانلىقى ئەمەس. بەلكى ئاددىي ئادەملەرنىڭ پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىقىدۇر. يەنى، ئۇ، خۇددى ئۇيغۇرلاردەك، كوللېكتىپ ھالدا ئۆلۈمگە يۈزلەندۈرۈلگەنلەرنىڭ شەكلى ئاددىي ئەمما ئەھمىيىتى پەۋقۇلئاددە قارشىلىقىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىقىدىغان قەھرىمانلىقى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن كوللېكتىپ بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆلۈمگە ئىتتىرىلىشى ئۇلارنى تەگسىز بىر چارىسىزلىققا، مەھرۇملۇققا ۋە يوقىتىشقا دۇچار قىلدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ يوقاتمىغىنى ئۇلار ئاللبۇرۇن يوقالدى دەپ قارىغان قەھرىمانلىق روھىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدۇر. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەتلىئامغا ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن نۇرغۇن قەھرىمانلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ قەھرىمانلار—مەيلى ئۇلار ناملىق ياكى نامسىز ئوتتۇرىغا چىقسۇن—مەردانىلىق بىلەن خىتتايلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت زوراۋانلىقىغا—دۆلەت تېررورلۇقىغا—«ياق» دېيەلىدى. ئۇلار خىتتاينىڭ لاگېرلىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆلۈمىنى كۈتۈپ ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا قارىتا ھەر كۈنى دېگۈدەك قارشىلىق كۆرسىتەلىدى.   

بۇ قارشىلىق ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ تارىخنىڭ ئالاھىدە مىنۇتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئەسلىنىدىغان قەھرىمانلىقى ئەمەس، بەلكى ئاددىي ئادەملەرنىڭ ئادەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ۋە كېيىن باشقىلار ۋە ھەتتا شۇلارنىڭ ئۆزى تەرىپىدىنمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن بولغان كۈندىلىك قارشىلىقىدۇر. بۇ قارشىلىقتا ئۇلۇغ شەخسلەر دۇچ كېلىدىغان ئالەمشۇمۇل مەسىلىلەر ئەمەس، بەلكى غۇرۇرى ھەر كۈنى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ئاجىزدەك كۆرۈنىدىغان ئەمما يۈرىكىنىڭ قات-قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان چۇقانى بار. ئۇنىڭدا شېكىسپېرنىڭ مەكبېس ۋە ھاملېتلىرىدەك تراگېدىيىلىك شەخسلەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى تىرەن دېلىغۇللۇقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئۇرۇنۇش يوق. ئۇنىڭدا بارى ئىنسانىيلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدىكى ۋىژداننىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا بولغان  ئاجىز، تارقاق ۋە ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشى نائېنىق ئەمما ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىدىغان قارشىلىقتۇر. ئۇ كلاسسىك تراگېدىيىلەردىن جىمجىت ئولتۇرۇپ زۇق ئالىدىغان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىگە—خۇددى ئارىستوتېل ئېيتقاندەك—«ئەپسۇسلۇق ۋە قورقۇنچ» ھېسلىرىنى سېلىپ، ئۇلارنى پاكلاشنى كۆزلىمەيدۇ. بەلكى ئۇ زوراۋانلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا پىسەنت قىلمىغۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىشنى ۋە مەنسىتمەسلىكنى يوشۇرۇن ئىپادىلەيدۇ.  ئۇنىڭدا، زوراۋانلىق ئالدىدىكى سۈكۈتنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بار. ئۇنىڭدا ئۆزلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئۆلۈمنىڭ ئەمەلىيەتتە، كەڭ مەنىدىن، ئىنىسانىيەتنىڭ ۋىژدانىنىڭ ئۆلۈمى ئىكەنلىكىگە بولغان تەھقىقلەش بار. ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان تراگېدىيىنىڭ ۋەزنى كلاسسىك تراگېدىيىدىكى ئۆلۈمنىڭ ۋەزنىدىنمۇ ئېغىردۇر—چۈنكى ئۇ قەھرىماننىڭ ئۆلۈمىنى ئەرزىتىدىغان ئادىمىيلىكنىڭ دۇنيانىڭ سۈكۈتىدە ئۆلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ—مەيلى ئۇ قانچىلىك دەرىجىدە ئايانچلىق، يوشۇرۇن ۋە سىمۋوللۇق جاكارلاش بولسۇن. ئۇ «شەرقىي تۈركىستان قەتلىئامىدا دۇنيانىڭ ئادالىتى ئۆلدى» دەپ جاكارلايدۇ.  ئەنە شۇ جاكارلاش مىنۇتلىرىدا، بۇ قەھرىمانلار ئىنسانىيەتكە ياردەم تەلەپ قىلىش، تەلمۈرۈش ۋە يالۋۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە بولغان تولۇپ-تاشقان ئىشىنىش بىلەن تىكىلىپ قارىيالايدۇ.

تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل قەھرىمانلىق كلاسسىك قەھرىمانلىق چۈشەنجىسى بىلەن قارىمۇ قارشى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆلۈمدىن ھالقىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆلەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە بەدەل سۈرۈشتۈرمەي يۈزلىنىشنى كۆزلەش بار. ئەگەر كلاسسىك قەھرىمانلىقتا ئاداققى ئۆلۈمدىن ھالقىش ئۇلۇغۋارلاشسا، ئادەتتىكى شەخسلەرنىڭ قەھرىمانلىقىدا كۈندىلىكلەشكەن ئۆلۈم ئادەتتىكىچىلىشىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئۆلۈمدىن ھالقىش ئەمەس، بەلكى  ئۆلەلمەسلىكتىن ھەر كۈنى دېگۈدەك ھالقىش بار. تېخىمۇ توغرىسى، ئۇنىڭدا كۈندە نەچچە، ئۆلۈپ نەچچە تىرىلىش بار. ئەگەر ئالدىنقىسىدا بىرلا ئۆلۈم ئارقىلىق رېئاللىقتىن، تەقدىردىن ۋە ئادىمىيلىكنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن ھالقىش كۆزلەنسە، كېيىنكىسىدە ئۆلۈمنىڭ تۈگىمەسلىكىدەك بىمەنىلىكتىن ھالقىش كۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆلۈمدىن ھالقىغان ھاياتلىققا ئۆزىنى تەسەددۇق قىلىش ئەمەس، بەلكى ھاياتلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ئۆلۈمنى ئاكتىپلىق بىلەن قورقۇمسىزلارچە ياشاش بار.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمىزدا، ئارىمىزدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار كۆرسىتىۋاتقان قارشىلىق دەل مۇشۇ خىلدىكى قارشىلىققا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارشىلىقىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان قەھرىمانلىقمۇ ھەم. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن  ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس غەزەب-نەپرەتتىن مەنبەلەنگەن قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى كۆرىمىز. قورقۇنچنى يېڭىپ، پاسسىپلىقتا تۇرۇۋېرىشنى رەت قىلىپ، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشقا ئۆزىنى بېغىشلاش پوزىتسىيىسىنى كۆرىمىز. بۇ خىل قەھرىمانلىقنىڭ ئۇلۇغۋار تەرىپى ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار شەخسلەر تەرىپىدىن ئۇلۇغۋار نىشاننى كۆزلەپ قىلىنىدىغانلىقىدا ئەمەس، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھېچقانداق تەمەسىز ھالدا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ نامايان بولۇشىدۇر. 

 بۇ قەھرىمانلىرىمىز بىزگە كاتتا نۇتۇقلارنى سۆزلىمەيدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىگە—ئۆزىنىڭ ۋىژدانىغا—سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەيدۇ. باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى ئەمەس، بەلكى قانچىلىك ئادەتتىكىلىكىنى—ئۆزىنىڭ  ئەلەملىرىنى، ئاجىزلىقلىرىنى، تەشۋىشىنى، خورلۇقلىرىنى، يالغۇزلۇقىنى ۋە ئۈمىدسىزلىكىنى—سۆزلەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ؛ ئەمما، كۈچلۈكلەرگە بوي سۇنۇشنى رەت قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دەل ئەنە ئاشۇ كۈچسىزلىك ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى توغرا تۇيۇشقا، كۈچىنى مۇۋاپىق دەڭسەشكە ۋە ئۆزى ئىرادە قىلغان ئىشقا ئۆزىنى ئاكتىپ بېغىشلاشقا ئۈندەيدۇ.

بەزىدە ئۇلار قايغۇ ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. قايغۇدا ئۆرە تۇرىدۇ. قايغۇدىن تەسەللى تاپىدۇ. ۋە ھەتتا قايغۇدىن جاسارەتلىنىدۇ. ئۇلار بەزىدە شۇنداق يالغۇز قالىدۇ. ئۆزىنى بىر توپ قورقۇنچاقلارنىڭ، شەخسىيەتچىلەرنىڭ، نومۇسسىزلارنىڭ ۋە جانباقتىلارنىڭ ئىچىدە كۆرىدۇ. ئۆزىنى يېتەكلەيدۇ دەپ قارالغانلارنىڭ تەرەپبازلىقى، ساتقۇنلۇقى ۋە ئىقتىدارسىزلىقىدىن قەلبى ئۆرتىنىدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىغا پاتىدىغىنى دۈشمىنىنىڭ زوراۋانلىقىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوخشاش زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقان مىللەتداشلىرىنىڭ قورقۇنچاقلىقىدۇر. ئۇلارنى ئەلەمگە قويىدىغىنى، دۈشمىنىنىڭ ئۆزىنىڭ غۇرۇرىغا كۈندە تېگىدىغان خورلۇقىلا ئەمەس، بەلكى يەنە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىككە مەجبۇرلايدىغان خورلۇقلىرىدۇر. شۇندىمۇ، ئۇلار چىدايدۇ. ھەممىگە چىدايدۇ—گەرچە كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولسىمۇ، يۈرىكى لەختا-لەختە قان بولسىمۇ.

تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خورلۇقلار ئىچىدە، بۇ ئاددىي قەھرىمانلار ئارقىغا داجىمايدۇ. ئۇلارغا شۇنىسى ئايانكى، ئارقىغا داجىش ئەڭ ئېغىر خورلۇقتۇر. دۈشمىنىنىڭ خورلۇقىغا يەنىلا چىداپ ياشىغىلى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما خورلۇققا قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ خورلۇقتا چىدىغىلى بولمايدۇ. قورقۇنچ ئىچىدە خورلۇققا چىداشنى تاللىۋېلىش ئۆز-ئۆزىنى خورلاشتۇر—تاشقى بېسىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خورلۇقنى ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قوبۇل قىلىش ئۆزىنى تېخىمۇ تىرەن مەنىدىن خورلاشتۇر. بۇ، خورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كېچىش ئېلىپ كېلىدىغان خورلۇقتۇر. بۇ خىل ۋاز كېچىش ۋىژدانىدىن، ئادىمىيلىكىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىدىن ۋاز كېچىشتۇر. ئۇ ئادەتتىكى قەھرىمانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىشىنىڭ ھەممە سەۋەبلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. ئادەمنى ئۆزىدىن ياتلاشتۇرىدۇ—ئۇنى ئادىمىيلىكتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. ئېچىنىشلىقى، بۇ ئۆزىنى ئۆزىنى خورلىغان دۈشمىنى ئۈچۈن خورلاپ بېرىش شەكلىدۇر.  

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قەھرىمانلار كۆپىنچە تەنھا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلارنى تەنھالىقىدا ھەر ۋاقىت چۈشكۈنلۈك يوقلاپ تۇرىدۇ. شۇنىسى ئادالەتسىزكى، چۈشكۈنلۈك ھېچ زامان جانباقتىلارنى، شەخسىيەتچىلەرنى، سەمىمىيەتسىزلەرنى ۋە نومۇسسىزلارنى يوقلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلاردا ھاياتنىڭ نامەرتلىكىدىن قايغۇرغۇدەك قەلب يوق. ئۇنىڭ يۈزسىزلىكىگە قارشى تۇرالىغۇدەك جاسارەت يوق. شۇڭا، ئۇلار چۈشكۈن بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ. ئۇلار ئىچىدىن تۈگەشكەنلەردۇر: ئۇلار ھەقىقىي ھاياتتا مەۋجۇت ئەمەس.

ئەكسىچە، چۈشكۈنلۈك ئادەتتە ئەقىللىق، زەردىسى قاينايدىغان، دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىگە چىدىمايدىغان ۋە ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتايدىغانلارنى يوقلاپ تۇرىدۇ. ئۇلارنى قەلبىدىن قاماللايدۇ. ئۇلارنى تۈگىمەس تەشۋىشكە گىرىپتار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىگە چاڭ سالىدۇ. ئۇلارنى چېكى يوق بىر روھىي قىيناققا غەرق قىلىدۇ. قەھرىمان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى روھىدىن جازالىماقچى بولىدۇ. ئەمما، ئۇلار باش ئەگمەيدۇ—چۈشكۈنلۈكىدىمۇ ھەم.   

بۇ قەھرىمانلار تەنھالىقتا، تاشلىۋېتىلگەندە، خاتا چۈشىنىلگەندە ۋە چۈشكۈنلەشكەندە، ھاياتقا ئەڭ يېقىنلىشىدۇ. ھاياتنى ئەڭ قاتتىق سوئاللايدۇ، ھەتتا بۇ ھاياتنىڭ ئۇنى يەنە بىر قېتىم داغدا قويىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ. ھاياتنىڭ مانا مۇشۇ چوڭقۇرلۇقلىرىغا چۆكەلىگەن ئادەملا ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ئەڭ كەسكىن، ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ قىزغىنلىقتا تۇيالايدۇ. ئۇنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشالايدۇ. ئۇلار ياشاشنى تاللىغان بۇ ھايات شەكلى—مەيلى ئۇ قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلىق، ئادالەتسىز ۋە تراگېدىيىلىك بولسۇن— ياشاشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ يارقىن ھايات شەكلىدۇر. ئۇ ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، قەلبىنى ئىزگۈلۈككە ئورايدىغان ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىدىغان ھاياتتۇر. ئۇ ھەقىقىي ئىنسان ياشايدىغان ھاياتتۇر.

بۇ قەھرىمانلىق، يەنە بىر نۇقتىدىن، بىز ئادەتلەنگەن مۇنداق قاراشنى رەت قىلىدۇ: تراگېدىيە زۆرۈرىيەت نۇقتىسىدىن چۈشكۈنلۈككە باشلايدۇ. ئەمما، بىز دەۋاتقان بۇ قەھرىمانلىقتا—يەنى قەھرىماننىڭ ھەسرىتىدە، مەغلۇبىيەتلىرىدە ۋە ئۈمىدسىزلىنىشلىرىدە ئىپادىلىنىدىغان قەھرىمانلىقتا—ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئۈمىدۋارلىق بار. بۇ ئۈمىدۋارلىق قانداقتۇر بىرەر غەلىبىنىڭ تەنتەنىسىگە باغلانغان ئۈمىدۋارلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ۋىژدانىنىڭ زوراۋانلىق ۋە ھەتتا مەغلۇبلۇق ئىچىدىمۇ يوقالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باغلانغان ئۈمىدۋارلىقتۇر. ئۇ ئىنسانلىققا باغلانغان ئۈمىدۋارلىقتۇر. ھەر كۈنى ئۆلۈم ئىچىدە ياشاشنىڭ يەنىلا مەنىلىك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلالاش جاسارىتىگە باغلانغان ئۈمىدۋارلىقتۇر. 






Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز