Posts

سەن

سەن ئەي مەڭگۈلۈكتە ياشىغۇچى! مەن سېنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان. ئەمما، سەن مېنى كۆرۈپ تۇرىسەن—مېنىڭ ئىچ-ئىچرىلىرىمگە قەدەر كۆرۈپ تۇرىسەن.  مېنى كۆرۈپ تۇرىسەنلا ئەمەس، بەلكى مېنى باشقىلارغا كۆرسىتىسەن—مېنى زاھىرلايسەن، كۆرۈندۈرىسەن. سەن كۆرۈنمىكىمنىڭ سەۋەبىدۇرسەن—ئەگەر قۇياش پەلەكتە چاقنىسا، سەن ئىچىمدە چاقنايسەن؛ ئەگەر قۇياش بەدىنىمنى يورۇتۇپ كەلسە، سەن روھىمنى يورۇتۇپ كېلىسەن. سەنسىز قەلبىمدىكى زۇلمەتنى كۆرۈندۈرەلمەيمەن. سەنسىز ئىچىمنى ئايان قىلالمايمەن. سەنسىز مەن مەن بولالمايمەن.                   ئەي چەكسىز سۈكۈتچى! سەن ماڭا ئەزەلدىن سۆزلەپ باقمىغان. ئەمما، مەن ساناقسىز كېچىلەرنى ساڭا پىچىرلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن. سەن تىل ئەمەسسەن، ئەمما تىل سەنسىز بولماس. سەن سۆز ئەمەسسەن، ئەمما سۆز سەنسىز بولماس. سەن ئاۋاز ئەمەسسەن، ئەمما ئاۋاز سەنسىز بولماس. سەن سۈكۈتسەن—ئۆزىنى سۆزلىگەندەك ھېس قىلدۇرالايدىغان. سەن سۆزلىمىدىڭ—ئەمما مېنى توختاۋسىز سۆزلەتتىڭ. مېنى ئادەمنىڭ، شەيتاننىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ تىلىدا سۆزلەت...

رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى

رابىيە قادىر دۈشمەنلىكى   يېقىندا   بېرلىندا چاقىرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان سترات ې گىيە يىغىنىدىن كېيىن باشلانغان   قالايمىقانچىلىقلار ۋەتەند ىكى زۇلۇم ئوتى نىڭ دەردىدە   يۈرىكى پۇچىلىنىۋاتقان خەلقىمىزگە بىر روھىي زىلزىلە ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ، رابىيە خانىمنىڭ ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۆمە ر   قاناتلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەقق ى دىكى يازما   قارارىنىڭ   ۋە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىسمى بار ئەمما ئىمزاسى يوق خېتىنىڭ تورلاردا ئۇچۇپ يۈرۈشى بۇ زىلزى لىنى ڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.   بۇ يەردە ئۇ قەدەر كۆپ ئاۋاز، قاراش ،   غەرەزلەر ،   يىللارسېرى پىشقان غۇملار ۋە غەزەبلەر باركى، ئادەم كىمنىڭ توغرا ۋە كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. ئەمما،   ھازىرچە   بىلىدىغىنىمىز شۇكى، ب ۇ بىر   سىياسىي سەتچىل ى كتۇر.   بۇ خەلقىمىز ياردەمگە ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان ۋاقىتت ا يۈز بېرىۋاتقان كۆڭۈلسىز ۋە نومۇسلۇق بىر سەتچىلىكتۇر.   مەيلى بۇ سەتچىلىكنىڭ ماھىيىتى نېمە بول سۇن ،   شۇنىسى ئېنىقكى بۇ...