بىركىم ۋە ھېچكىم
--ئېمىلى دىككىنسىننىڭ «مەن ھېچكىمدۇرمەن! سەن ئۆزۈڭ كىمسەن؟» دېگەن شېئىرىغا قىسقىچە شەرھ شېئىرنى ئۇقۇملاشتۇرۇپ چۈشىنىش ۋە شەرھلەشنىڭ ئىنتايىن ناتوغرا ۋە ھەتتاكى خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكى بىلىپ تۇرۇقلۇق، تۆۋەندە ئېمىلى دىككىنسىننىڭ ( Emily Dickinson ) شېئىرىغا قارىتا دەل پەلسەپىۋى شەرھلەش ئېلىپ بارماقچىمىز. مەقسىتىمىز شېئىرنىڭ ئەقلىي چۈشىنىشىمىزدىن كۆپ ھاللاردا ھالقىپ كېتىدىغان بوشلۇقىغا قارىتا سىستېمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەمەس. ياكى ئۇ شېئىرنىڭ بىلىشىمىز ۋە تەجرىبىمىزگە ئانچە ماس كەلمەيدىغاندەك كۆرىنىدىغان قىسملىرىغا ئەقلىي تۈس بېرىشكە ئۇرۇنۇشمۇ ئەمەس. ۋە ياكى ئۇ پەلسەپىنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان يوشۇرۇن كونترول قىلىشى ۋە تەقىپىنى كۆز-كۆز قىلىشمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت شېئىردا ئىنساننىڭ ئەقلىي ھاياتىنىڭ تەگسىز ۋە سىرلىقلىققا تولغان تەركىبلەردىن تەشكىل تاپقانلىقىدەك پاكىتنىڭ شېئىردا قانداق ئىپادە قىلىنغانلىقىغا قىسقىچە قاراپ چىقىشتۇر. ئۇشبۇ يازما دەل مۇشۇ ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلدى. ئېمىلى دىككىنسىن (1830-1886) ئۆزىنىڭ شائىرانە فانتازىيە ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئالىمىدە پانىي ئالەمنىڭ...