بىركىم ۋە ھېچكىم



--ئېمىلى دىككىنسىننىڭ «مەن ھېچكىمدۇرمەن! سەن ئۆزۈڭ كىمسەن؟» دېگەن شېئىرىغا قىسقىچە شەرھ

شېئىرنى ئۇقۇملاشتۇرۇپ چۈشىنىش ۋە شەرھلەشنىڭ ئىنتايىن ناتوغرا ۋە ھەتتاكى خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكى بىلىپ تۇرۇقلۇق، تۆۋەندە ئېمىلى دىككىنسىننىڭ (Emily Dickinson) شېئىرىغا قارىتا دەل پەلسەپىۋى شەرھلەش ئېلىپ بارماقچىمىز. مەقسىتىمىز شېئىرنىڭ ئەقلىي چۈشىنىشىمىزدىن كۆپ ھاللاردا ھالقىپ كېتىدىغان بوشلۇقىغا قارىتا سىستېمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەمەس. ياكى ئۇ شېئىرنىڭ بىلىشىمىز ۋە تەجرىبىمىزگە ئانچە ماس كەلمەيدىغاندەك كۆرىنىدىغان قىسملىرىغا ئەقلىي تۈس بېرىشكە ئۇرۇنۇشمۇ ئەمەس. ۋە ياكى ئۇ پەلسەپىنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان يوشۇرۇن كونترول قىلىشى ۋە تەقىپىنى كۆز-كۆز  قىلىشمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت شېئىردا ئىنساننىڭ ئەقلىي ھاياتىنىڭ تەگسىز ۋە سىرلىقلىققا تولغان تەركىبلەردىن تەشكىل تاپقانلىقىدەك پاكىتنىڭ شېئىردا قانداق ئىپادە قىلىنغانلىقىغا قىسقىچە قاراپ چىقىشتۇر. ئۇشبۇ يازما دەل مۇشۇ ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلدى.
ئېمىلى دىككىنسىن (1830-1886) ئۆزىنىڭ شائىرانە فانتازىيە ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئالىمىدە پانىي ئالەمنىڭ غەلدى-غەشلىرىدىن ئۆزىنى پىنھان تۇتۇپ ئۆتكەن يېگانە شائىرەدۇر. ئۇنىڭ نامى كۆپ ھاللاردا ئامېرىكا شائىرى ۋالت ۋىتمان بىلەن بىرلىكتە 19-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئامېرىكا شائىرلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بىز تۆۋەندە مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان بۇ شېئىردا ئىپادىلەنگەن «ھېچكىم» لىكتىن ئىبارەت ئالاھىدە مەۋجۇتلۇق ھالىتىگە قايتىش خاھىشى ئۇنىڭ يېگانىلىققا تولغان زاھىدلىق ھاياتىنى سۆزلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېئىردا شائىرەنىڭ ئۆزىنى «ھېچكىم» لىك ھالىتىدە زاھىر قىلىشى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۆزلۈكىنى، مەيلى ئۇ قانچىلىك رادىكاللىق ۋە زىتلىققا تولغان ئۆزلۈك بولسۇن، تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرىگە بولغان ئىزدىنىشىنى بىزگە ئايان قىلىدۇ.

مەن ھېچكىمدۇرمەن! سەن ئۆزۈڭ كىمسەن؟
سەنمۇ ئوخشاش ھېچكىممۇ زادى؟
ئۇ ھالدا ئىككىمىز قوشماق بولىمىز!
ھېچكىمگە تىنما، بىلىسەن ئۇلار بىزنى قوغلايدۇ.

بىركىم بولۇش نەقەدەر ئازاب!
خۇددى پاقىدەك—شۇقەدەر تونۇلۇش—
ئىسمىڭنى ئېيتقىن، ئۇزاققا سوزۇلغان ئىيۇندا—
ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاشۇ سازلىققا!
                    
دىككىنسىن ئۆزىنى «مەن ھېچكىممەن» دەپ جاكارلىغاندا، ئۆزلۈك-بىلىشىنىڭ ياكى تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تۇيۇشنىڭ—يەنى ئۆزىنى باشقىلاردەك جامائەتچىلىكى بار ئادەم سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى «ھېچكىم» سۈپىتىدە تۇيۇشنىڭ— مىنۇتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇنىڭ جاكارسى ئەلۋەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەنىلەرگە ئىگە.
«ھېچكىم» دىن ئىبارەت بۇ ئالماش ئالدى بىلەن «ئانچە مۇھىم بولمىغان ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بۇ ئالماش دىككىنسىننىڭ ئۆزلۈك-كىملىكىنى ئىپادىلىشىدە «بىركىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىچكى توقۇنۇش ھالىتىدە ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا ئىدى، ئۇ بىزنىڭ سوئال-سوراقلىرىمىزغا دۇچ كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەۋجۇت بولماسلىق (مەۋجۇتسىزلىق) تىن ئىبارەت بۇ ئىدىيە  ئۇشبۇ سۆزگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بارلىققا كەلتۈرىغان سېلىشتۇرما ھالەتنى كۈچەيتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
                دىككىنسىننىڭ ھېچكىم بولۇشنى تاللىشىنى ئىجتىمائىي تونۇش ۋە ئورۇنغا قاتتىق بېرىلگەن «بىركىم» لەرگە بولغان مەسخىرە دېيىش مۇمكىن. بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەسخىرە «ھېچكىم» لەر ئىجتىمائىي سورۇنلارغا قاتناشتۇرۇلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ئارىلىشىشى ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئېنىقلىقلىقى، ئشەنجلىكلىكى ۋە ئوچۇق-يورۇقلىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدىغان بىركىملەرنىڭ بىمەنە ھاكاۋۇرلىقىغا قارىتىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇشبۇ مەسخىرە دىككىنسىننى ئىجتىمائىيلىقى كۈچلۈك ھەم مۇئەييەن جامىئە تەرىپىدىن تونۇلغان سۇبيېكتنىلا ئېتىراپ قىلىدىغان جەمئىيەتتىن چىقىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، تونۇش دۇنيادىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ناتونۇش دۇنياغا كىرگەن دىككىنسىن ھېچكىمگە كۆرۈنمەسلىك، يەنى «ھېچكىم» بولۇش ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن شادلىقتىن ھوزۇرلىنىدۇ. بۇ خىل شەكىل ئۆزگىرىش شائىرەنى ھېچقانداق بىر مۇقىم كىملىكى ياكى ئىندىۋىدۇئاللىقى بولمىغان ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ دەل ئۆزلۈكنى رادىكال ھالەتتە ئىجتىمائىيسىزلاشتۇرۇشتىكى بىر خىل شائىرانە ئۇرۇنۇشتۇر—يەنى ئۆزلۈكنىڭ مۇقىملاشقان كىملىكىنى قايتىدىن چۇۋۇپ چىقىشتۇر. شۇ سەۋەب، ئۇ ئۆزىنى نامسىزلىقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇش ئارقىلىق رېئاللىققا قارىتا پايدىلىق لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلغان كۆرۈش نۇقتىسىغا ئىگە بولىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق «بىركىملەر» نىڭ دۇنياسىنى كۆزىتىدۇ. بۇ كۆرۈش نۇقتىسى ئۇنى ئەلۋەتتە بەدقىلىقلىق، يەنى مارىلاش سەۋداسى[1] ئېلىپ كېلىدىغان شادلىقتىن  ھوزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
                ۋەھالەنكى، شائىرەنىڭ بۇ دۇنيادىن يېنىپ چىقىشى ئۇنىڭ مۇتلەق نامسىزلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، ئۇ ئىزدىگەن نامسىزلىق قوش قاتلاملىققا ئىگىدۇر: بۇ نامسىزلىق دىككىنسىننىڭ كىملىكىنى يوق قىلىپلا قالماستىن، يەنە، زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى ئۇ چىقىپ كەتمەكچى بولغان جامائەت بىلەن قايتىدىن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نامسىزلىق دىككىنسىننىڭ يېڭى بەدىئىي كىملىكىنى ئۇ ئۆزى ئىنكار قىلماقچى بولغان نەرسە—بىركىملەرنىڭ ئىجتىمائىي دۇنياسى—بىلەن قايتا مۇناسىۋەتلەشتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنى «ھېچكىمدۇرمەن» دەپ ئاتىغان ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ  ئۆزى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بېسىپ بولۇنمىغان مۇنۇ ئىستىكى، يەنى ئىسمىنى كىتابخانلارغا بىلدۈرۈش ئىستىكى ئاشكارا بولىدۇ. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئوقۇرمىنىنىڭ بولماسلىقىنى خالىمايدىغان يوشۇرۇن ئارزۇسىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۆزلۈكىنى ئوقۇرمەنلىرىگە نامسىز شەكىلدە ئىپادىلەش ئۇنىڭ ئونتولوگىيىلىك ھالىتى بىلەن ئۇنىڭ شائىرانە كىملىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى—يەنى ئۇنىڭ بىركىم بولۇشى بىلەن ھېچكىم بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك مۇناسىۋەتتىن پۈتكەن توقۇنۇشنى—ئايان قىلىدۇ.
                ئۇشبۇ شېئىردا «ھېچكىم» بولۇش ھالىتىگە سىڭىپ كەتكەن ۋە مۈجمەللىك تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇنداق زىتلىق بار: ئۆزىنى شېئىرىدا «ھېچكىم» دەپ ئاتاۋاتقان شائىرە ئۆزىنىڭ يېگانە رېئاللىقىدا شەكسىزكى بىركىمدۇر ياكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچكىملىكىنى باشقىلارغا سۆزلەۋاتقان ھېچكىمدۇر.  ئۆزىنى زىيادە ئىجتىمائىي توپلۇقتىن رادىكال ھالەتتە ئايرىۋاشلاش ئۇرۇنۇشى ئەلۋەتتە ئۇنى تېخىمۇ چوڭراق بولغان ئۇنىۋېرسال شەكىلگە، يەنى «ھېچكىم» بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆزىنى بىزگە «ھېچكىمدۇرمەن» دەپ جاكارلاش ئارقىلىق ئۆزىدە چوقۇم «بىركىم» بولۇش ئېلىپ كېلىدىغان خىلمۇ خىل يۈكلەردىن—يەنى بىرلا خىل ئۆزگەرمەس كىملىكتە ياشاش ئېلىپ كېلىدىغان چىدىغۇسىزلىق ۋە ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە يېپىشىپ ياشاش ئېلىپ كېلىدىغان بۇرۇقتۇرمىلىقتىن —بىراقلا قۇتۇلماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزلۈكنىڭ ئۆزىنى ئۆزىدىن ئازاد قىلىش ئۇرۇنۇشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل قۇتۇلۇش يولىنىڭ شائىرە ئاڭسىز قوغلىشىدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان مۇنداق بىر ئاكتىپ شەكلىمۇ بار: رېئاللىقتىكى ئۆزىگە يەنىلا ساھىب چىقىش ۋە  شۇ ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە سۆزلەش.
شائىرە شۇنى چوڭقۇر تۇيۇپ تۇرىدۇكى، نامسىزلىق ياكى «ھېچكىم» بولۇش ئۇنىڭ شەخسىي ئاۋازىنى يوقىۋەتمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنى سەنئەت ئارقىلىق تۇيۇشىنى ۋە ئىپادىلىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇنى ئۆزى سۈپىتىدە ئۆزى ھەققىدە تېخىمۇ سۆزلەش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ سەۋەب، ئۇ ئىجتىمائىي بىركىم ئەمەس، پەرقسىز ھەركىممۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزگىچە ھېچكىمدۇر، خالاس. شېئىردا ئىپادىلەنگىنى شەخسىي كىملىكنىڭ بېسىۋېلىنىشى ياكى يوقىلىپ كېتىشى بولماستىن بەلكى ئۆزى بىلەن نامسىز ھالەتتە بىللە بولۇش ئىستىكىنىڭ تېخىمۇ تېرەن چوڭقۇرلۇققا يۈزلىنىشىدۇر.
 نامسىزلىق دىككىنسىننىڭ بىر قەلەمكەش بولۇشتەك ئۆزلۈك كىملىكىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنى نارسىستىك ئۆزلۈك يېقىنلىقىدا تۇرۇپ قايتا بايقىشىغا يول ئاچىدۇ. شۇنداقلا نامسىزلىق شائىرەنى بىركىملەرنىڭ ئۇنۇتقاقلىققا، بىپەرۋالىققا ۋە كۈندىلىكلىككە تولغان ئىجتىمائىي دۇنياسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزىنى ئەڭ ئەركىن ئىپادىلەشكە ئىنتىلىشتەك ئەڭ تىرەن ئىستىكىنى  قاندۇرۇشىغا يېتەكلەيدۇ. دىككىنسىن ئۈچۈن نامسىز بولۇش بىركىملىكنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، تونۇشقا ۋە كۆرۈنمىلىككە تولغان دۇنيانى ئەمەس بەلكى ئۆزلۈكنىڭ يوچۇن لېكىن ئىپادىلىنىشكە مايىل قەلبىنى ئاچىدۇ. شېئىردىكى نامسىزلىق ئادەمنىڭ ھەرقانداق نام-ئاتاق، ئىجتىمائىي ئىمتىياز ۋە ئورۇن تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغان—يەنى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەقلىي چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلىدىغان قىسمىنىڭ—يەنى ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ ئېھتىمال مەڭگۈ ئاشكارىلانمايدىغان قىسمىنىڭ يادروسىدۇر. نامسىزلىق ئەڭ ئاخىرىدا شائىرەنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنىڭغىلا تەۋە دەپ قارىلىدىغان ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى ھالەتتە ئەركىن ئىپادىلىنىشىگە يول قويىدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ كىملىكىمىزگە تەۋە بولمايدىغان كىملىكىمىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىنىڭ شېئىرلاشتۇرۇلىشىدۇر. «مەن مەندۇرمەن» دەيدىغان بۇ «مەن» ئەڭ تىرەن قاتلاملىرىدا نامسىزدۇر: شېئىرنىڭ زىتلىققا تولغان غەلىتە ۋە سىرلىق بوشلۇقىدا بۇ «مەن» ھەم مەن، ھەم مەن ئەمەستۇر.



[1] مارىلاش سەۋداسى—باشقا كىشىلەرنى يۇشۇرۇن كۆزىتىش (مارىلاش) ئارقىلىق جىنسىي شادلىققا ئېرىشىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب ۋە بەختسىزلىكتىن ھوزۇرلىنىش خاھىشىنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ.


2007-بېلگىيە

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز