مەۋجۇتلۇقنىڭ غۇرۇرى


مەۋجۇتلۇقنىڭ غۇرۇرى


گېپىمىزنى ئادەمنى ئىزتىراپقا سالىدىغان ھەم قېچىپ قۇتۇلغۇسىزلىقى بارغانسېرى بىلىنىۋاتقان مۇنۇ سوئالدىن باشلايلى: «ئۇيغۇرلار راستىنلا يوقاپ كېتەمدۇ؟» مەيلى ئېتىراپ قىلايلى-قىلمايلى، بۇ سوئال ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بارغانسېرى پاراكەندە قىلىشقا باشلىدى. بىر يوشۇرۇن ۋەھىمىنىڭ  سۈرىنى ئىلگىرى يىراق-يىراقلاردىن ھېس قىلغان بولساق، ئەمدى ئۇنى تېخىمۇ يېقىندىن ھېس قىلىدىغان بولدۇق. بولۇپمۇ، 5--ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈلكېسىل يوقىتىشنى كۆزلەيدىغان غالجىرانە سىياسەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەدىشى ئۇشبۇ سوئالنى تېخىمۇ تەخىرسىزلىككە ئىگە قىلدى. بۇ سوئال خۇددى ھېلىلا يۈز بېرىدىغان ئاقىۋەتتەك، خۇددى توسۇۋېلىش بەسى مۈشكۈل يۈزلىنىشتەك،  خۇددى قارا بېسىشقا ئوخشاپ كېتىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كوللېكتىپ ساراسىمە شەكىللەندۈردى.  
            ئەلۋەتتە، ئۈمىدۋارلار ئۈچۈن، مەزكۇر سوئالنىڭ ۋەيران قىلغۇچ ئاقىۋىتىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھايات ياشاۋاتقان ۋە ئۆز كەلگۈسىگە تولۇپ-تاشقان ئىشەنج بىلەن قارىشى كېرەك بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز كەلگۈسىنى—يەنە كېلىپ تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان بىر مۇمكىنچىلىكنى—ھېچقانداق ئاساسسىز ئىنكار قىلىشقا يېتەكلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئېتىكىشۇناسلار ئۈچۈن، مەزكۇر سوئال بەخت-سائادەتنى كۆزلەيدىغان كوللېكتىپ ياشاش ئىرادىسىنى—مەيلى ئۇ قانچىلىك مېتاڧىزىكىلىق ۋە ياكى سۇبيېكتىۋىزملىق بولسۇن—نەزەردىن ساقىت قىلىشتۇر. چۈنكى مەيلى ئۇ قانچىلىك ئىپتىدائىي ياكى يۈكسەلگەن بولسۇن،  ھەرقانداق ھاياتلىق شەكلىنىڭ تۈپكى مەۋجۇتلۇق پرىنسىپى ھاياتنى تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئېتىراپ قىلىشتۇر. تەشۋىقاتچىلار ئۈچۈن، مەزكۇر سوئال خەلقنى تەشۋىقات ئارقىلىق ھەم كونترول قىلىش ھەم يېتەكلەشتىكى مۇنداق تۈپكى ئالدىنقى شەرتنىڭ ئىنكار قىلىنىشىدۇر: تەشۋىقاتنىڭ ئاددىي ئەمما ئۈنۈمى پەۋقۇلئاددە ئالتۇن قانۇنى شۇكى، ھەرقانداق تەشۋىقىي تەربىيە مۇئەييەن خەلقنى ياكى گۇرۇپپىنى ئۆزلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەرقانداق شەكىلدىكى توسالغۇلارنى يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. پىسخولوگلار ئۈچۈن، مەزكۇر سوئال ھايات ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا يۇقىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئۆز كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنجىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. رېئالىستلار ئۈچۈن، مەزكۇر سوئال ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى خىرىسقا تولغان مەۋجۇتلۇق ئەھۋالىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى بولغاچقا، ئۇنىڭغا جىددىي قاراش كېرەك.  
            ئادەمنى بىسەرەمجان قىلىدىغان يۇقىرىقى نۇقتىلار ھەققىدە بىرمۇ بىر توختىلىشتىن كۆرە، گېپىمىزنى ئۇلارنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئومۇمىي تەسىرىگە يىغىنچاقلايمىز: بىزنى مەزكۇر سوئالغا يوشۇرۇنغان رېئاللىقنىڭ كەسكىنلىكى جىددىيلىك تۇيغۇسى بىلەن تۈرتسە، ئۇنىڭ ئادەمنى باش-ئاخىرى چىقماس ئەنسىزلىككە باشلىشى ئارامسىزلاندۇرىدۇ، قورقۇنچقا سالىدۇ. شۇ سەۋەب، ئېھتىمال بەزىلەر ئۈچۈن بۇ بىر سورىلىشى كېرەك بولمىغان سوئال بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى تېخى رېئاللاشمىغان ياكى رېئاللىشىشى ناتايىن بولغان مۇمكىنچىلىكنى قىياس قىلىش ئادەمنى بىھۇدە ئەنسىزلىككە سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بەزىلەر ئۈچۈن، ئۇشبۇ سوئالدا ئەكس ئېتىۋاتقىنى بەرىبىر ئۇيغۇرلار سەل قارىسا بولمايدىغان رېئاللىق بولغاچقا، ئۇنى يوشۇرغىلى ياكى ئۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ چوقۇم سورىلىشى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى ئىزدىلىشى كېرەك.
ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بۇ سوئالدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولىۋاتقان ھالىتىدىن چىقىپ ئۆزى مەۋجۇت بولالمايدىغان ھالىتىنى قىياس قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھالاك بولۇشىنى ھازىردىن چىقىپ تۇرۇپ قىياس قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئاقىۋەتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا شاھىد بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئىككى خىل رول ئويناۋاتىدۇ: ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم خىتايلار تەرىپىدىن ئىچكى جەھەتتىن ئاستا-ئاستا ھالاك قىلىنىۋاتىدۇ ھەم تاشقى جەھەتتىن بۇ ھالاك قىلىش جەريانىغا شاھىد بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭى مانا مۇشۇ بۆلۈنۈشتىن مۇنداق ئىككى تەركىبكە ئىگە بولىدۇ: بىرى ھالاك قىلىنىش خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغان تۈگىمەس ئەنسىزلىك ، يەنە بىرى مۇشۇ ھالاك قىلىنىشقا شاھىد بولۇش ئېلىپ كېلىدىغان كوللېكتىپ ئامالسىزلىق تۇيغۇسى ۋە گۇناھقا پېتىش.
شۇڭا، بۇ سوئال، مەيلى قىياس ياكى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولغان رېئاللىق بولسۇن، ھەر بىر ئۇيغۇرنى چوڭقۇر قورقۇنچقا سالىدۇ. بۇ قورقۇنچ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ قورقۇنچ ئۇيغۇرلارنىڭ تىرەن ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدېئالى بىلەن يۇغۇرۇلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كىملىكىنىڭ يادروسى بولغان بىر قەدىمىي كۇلتۇرنىڭ خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ سەۋەبىدىن يەر شارىدىن مەڭگۈلۈككە يوقىلىشىغا بولغان قاتتىق ئەنسىرەش پىسخىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، مەسىلىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرگىنىمىزدە بۇ قورقۇنچنىڭ ئۆزىنىڭ ئاداققى چېكىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن قورقۇشى ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ئىرادىسى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق ئىككى خىل مۇمكىنچىلىك بار—ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن قانچىلىك ۋايىم يېگەنسېرى، ياكى مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن، ياكى ئۆزىدە ئىلگىرى بايقالمىغان غايەت زور مەنىۋى كۈچنى يېڭىۋاشتىن ۋە تېخىمۇ تولۇقى بىلەن ھېس قىلىپ ئۇنى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى خىل مۇمكىنچىلىك شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق بىر ئورتاقلىقنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىدۇ: كوللېكتىپ غۇرۇر. كوللېكتىپ غۇرۇر يوقىلىش ھەققىدىكى قورقۇنچنىڭ ئەڭ ئاداققى چېكىدۇر—ياكى غۇرۇرغا ئەگىشىش ياكى ئۇنىڭدىن ئاستا-ئاستا ۋاز كېچىش كېرەك.
يوقىلىش ھەققىدىكى قورقۇنچتا كوللېكتىپ-مىللىي غۇرۇر چىداشلىق بېرەلەيدىغان ئاخىرقى چەك ئايان بولىدۇ. بۇ چەك كوللېكتىپ غۇرۇرنىڭ يوقىلىپ، يوقىلىش ھەققىدىكى قورقۇچتىن قورقۇنچلۇق تەرزدە مەھرۇم قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇشبۇ سوئالدا ئەكس ئېتىۋاتقان قورقۇنچنىڭ مەنىسى شۇكى، يوقىلىش ھەققىدىكى قورقۇنچنىڭ يوقىلىشى ھەقىقىي يوقىلىشتۇر، چۈنكى قورقۇنچ، ڧزىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىش ۋە تىركىشىشنىڭ ئىپادىسى ئىكەن، ئۇ يوقالسا ھاياتلىق نۆل نۇقتىغا—ئۆلۈمگە--چۈشىدۇ. شۇڭا، بۇ قورقۇنچ، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قورقۇنچنىڭ يوقىلىشى ھەققىدىكى قورقۇنچتۇر.
ئەمدىكى سوئال شۇكى، بىزنىڭ بىرىنچى سوئالىمىز ئارقىلىق يەتمەكچى بولىۋاتقان مەقسىتىمىز نېمە؟ بۇنىڭدىكى مەقسەتلەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىسى، بۇ يەردە بىز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنى ھامان يوقىلىپ كېتىدۇ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى ئەمەس.  ئەكسىچە، مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن قورقۇش پىسخىكىسىدىن قول سېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاداققى چېكى سۈپىتىدىكى كوللېكتىپ غۇرۇرنىڭ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىشتۇر. ئىككىنچىسى، دېئالېكتىكىلىق نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يوقىلىش (يوقلۇق) ھەققىدە ئويلانماي تۇرۇپ، مەۋجۇتلۇق (بارلىق) ھەققىدە ئويلانغىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى ئۇقۇم مەنتىقىي جەھەتتىن بىر-بىرىنى ئالدىنى شەرت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆلۈم (يوقىلىش) ھەققىدە ئويلانماي تۇرۇپ، ھاياتلىق (ياشاش) ھەققىدە ئويلانغىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى ئۇقۇممۇ مەنتىقىي جەھەتتە بىر- بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە، مەقسىتىمىز، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يوقىلىش ھەققىدىكى ئوينى (قورقۇنچنى) ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى ئوينىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش. يەنى، يوقىلىش ھەققىدىكى قىياسىي قاراش  ۋە كوللېكتىپ قورقۇنچنى پاسىللايدىغان مۇنداق ئوينى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر: مىللەتنىڭ يوقالماسلىقى نېمىگە تايىنىدۇ؟ بۇ خۇددى ئۆلۈم گىرداۋىدىن قايتىپ كەلگەن ئادەمنىڭ ئۆلۈمنى ئاداققى چەك قىلىپ تۇرۇپ، ھاياتلىق ھەققىدە قايتىدىن تىرەن تەپەككۈر يۈرگۈزۈشىگە ئوخشايدۇ.
دىققىتىمىزنى ئەمدى مۇنۇ سوئالغا بېرەيلى: يۇقىرىقى چەك ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئېنىقلىق نېمە؟ ئۇ دەل ئادەمنىڭ ئۆزى ئويلىيالمايدىغان بوشلۇقتا تۇرۇپ، ئۆزى ئويلىيالايدىغان رېئاللىق ھەققىدە ئويلىنىشىدۇر. بۇ ئويلىنىش بىزنىڭ ھازىرقى تەھلىلىمىزدە بىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ غۇرۇرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىگە ئېلىپ بارىدۇ.  
غۇرۇر دېگەن نېمە؟ كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غۇرۇر قەدىرلىنىشكە، شەرەپلىنىشكە ۋە ھۆرمەتلىنىشكە لايىق سۈپەتنى كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەب، غۇرۇر مۇئەييەن شەخسنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن تونۇلغان، ئېتىراپ قىلىنغان، يارىتىلغان ۋە بېرىلگەن قەدىر-قىممەت (ياكى مۇشۇ قەدىر قىممەتلەرگە ئەرزىش) تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىق خاراكتېرىگە ئىگە سۈپەتلىرى ۋە پەزىلەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ سۈپەتلەر ئادەمنىڭ  باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش (ياكى ئۇنى قوزغاشتا مەغلۇب بولۇش) ئېلىپ كەلگەن پەخىرلىنىش، نومۇس قىلىش، خۇشاللىنىش ۋە قورقۇش ھېسسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەزىلەتلەر ھەر قانداق ۋاقىت ۋە شارائىتتا ئىپادىلىنىدىغان ئېغىر بېسىقلىق، ئۆزىنى كونترول قىلىش، سەۋرچانلىق، كەسكىنلىك، ياسالمىلىقتىن خالىيلىق، بىردەكلىك، ئەركىن ئىرادىنى ئىپادە قىلىش قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىنى يىغىنچاقلىغىنىمىزدا شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، غۇرۇر ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە بەلگىلىك پەزىلەتلەر بىلەن مۇقىملاشقان ھاياتلىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىدۇ.  تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئادەمنىڭ باشقا قىممەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ياكى ئۆلچەشكە بولمايدىغان، قىسقىسى ھېچقانداق قىممەتكە تەۋە بولمايدىغان ئىچكى ماھىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، تونۇلۇشى، ئېتىراپ قىلىنىشى ياكى رەت قىلىنىشىغا بولغان پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.
غەربتىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان گېرمان پەيلاسوپى كانتنىڭ قارىشىچە، ئادەمدە باشقا قىممەتلەر بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغان مۇنداق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك بار: ئەقىلگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەم ئۆز-ئۆزىگە مەقسەتتۇر، شۇڭا ئۇ ھېچقانداق مەقسەتكە ۋاسىتە قىلىنماسلىقى كېرەك.  كانتنىڭ قارىشىچە، ئۆز-ئۆزىگە مەقسەت بولىدىغان ئادەمنىڭ غۇرۇرىنىڭ ئەخلاقىي مەنىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەقىلگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن تاللاش ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ تاللاشلار ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكتىن ئىبارەت تۈپكى ئەخلاق ئۇقۇملىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ قارىشىچە، پەقەت ئەخلاققا ئىگە ئىنسانىيەتنىڭلا غۇرۇرى بولىدۇ.[1] ئىچكى قەدىر- قىممەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، غۇرۇر ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى بىلەن زىچ باغلانغان. ئىنساننىڭ غۇرۇرى، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاللاش ئېلىپ بارىدىغان ئىنسان سۇبيېكتىنىڭ باشقا سىرتقى كۈچنىڭ زورلىشىدىن مۇستەسنا ھالدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئەركىن تاللىشى ۋە شۇ ئارقىلىق كىملىكىنى توختاۋسىز قۇرۇپ چىقىش مۇمكىنچىلكىنى كۆرسىتىدۇ. غۇرۇر،يىغىپ ئېيتقاندا،يەككە ئىرادىنىڭ  تاللاش ئەركىنلىكىنىڭ ئپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. 
غۇرۇر ئادىمىيلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن تونۇلۇشىدۇر. ئادەم ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولغان غۇرۇرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ. تۈرمىدىكى ئادەمدە ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى بولمايدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ماھىيەتلىك قەدىر-قىممىتى سۈپىتىدىكى غۇرۇرى ساقلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەمنىڭ تۈرمىدە يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن بولىدىغىنى غۇرۇرى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىدۇر.  غۇرۇر ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادىمىيلىك بىلەن باغلانغان ئىكەن، ئۇ ھالدا بىر ئادەمنىڭ غۇرۇرى يەنە ئوخشاش ئادىمىيلىكنى ئىپادىلەشنى ئىزدەيدىغان يەنە باشقا بىر ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا زىچ باغلانغان بولىدۇ. باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشتۇر، چۈنكى بۇ يەردە ھۆرمەت قىلىنىۋاتقىنى ئادەمنىڭ ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ئۇنىۋېرسال ئادىمىي قەدىر-قىممىتىدۇر. شۇڭلاشقا، ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىراۋنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش باشقىلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنىمۇ دەپسەندە قىلىشتۇر. چۈنكى، بۇ ئۆزىنىڭ (شۇنىڭدەك ئۆزگىنىڭ) قەدىر-قىممىتىنىڭ ئاساسى بولغان ئۇنىۋېرسال ئادىمىيلىكنى ئىنكار قىلىشتۇر.
غۇرۇر خورلۇققا سۈكۈت قىلىش ۋە (ۋاقىتلىق) چىداشتا  يوقالمايدۇ. بۇ يەردە يوقىلىدىغىنى پەقەت خورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىدۇر. بۇ سۈكۈت ۋە چىدامچانلىق ئاشۇ شەخسنىڭ ئۆزلۈك ئوبرازى ۋە ئۆزىنى قەدىرلىشى بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە توقۇنۇشمىسۇن، ئۇلار ئۇشبۇ شەخسنى ئۆز-ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش ئىقتىدارىدىن ۋاقىتلىق مەھرۇم قالدۇرىدۇ—ئەمما ئۇنىڭ غۇرۇرى يەنىلا يوقالمايدۇ. ئەگەر بۇ شەخس سۈكۈت ۋە چىدامچانلىق داۋامىدا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ئارقىلىق ئۆزى ئىچكىيلەشتۈرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق مۇقەددەس دەپ قارىغان قىممەتلەردىن ۋاز كەچسە ھەمدە نەتىجىدە ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، غۇرۇرى يوقالغان بولىدۇ. شۇ سەۋەب، غۇرۇر مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىچكىلەشتۈرۈلگەن قىممەتلەر بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىردەكلىكى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىدۇر.
بىزنىڭ نۆۋەتتە مۇھاكىمە قىلماقچى بولغىنىمىز ئۇيغۇرلاردا ئىچكى قەدىر-قىممەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تار مەنىدىكى غۇرۇردۇر. بۇ ئارقىلىق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ غۇرۇرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ چىقىمىز. بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان كوللېكتىپ غۇرۇر مىللەت سۈپىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقىنىڭ بولۇشىغا، زوراۋانلىقنى رەت قىلىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ مىللىي كىملىكىنى قوغدىشىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر.  
ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە قالغان 69 يىللىق تارىختا ئۇلارنىڭ بىر مىللەت بولۇشىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن دەستەكلەيدىغان  ھەممە نەرسىسى—تىلى، دىنى، بايلىقى، ئىقتىسادىي ھاياتى، كۇلتۇرى—سىستېمىلىق تەرىزدە دەپسەندە قىلىنىپ كەلدى. شۇنداقلا، ئۇلار باشتىن- ئاخىر ساختا سىياسىي تۈزۈلمە بولمىش ئاپتونومىيىدە بىر مىللىي كوللېكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز كەلگۈسىنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقىدىن تەدرىجىي مەھرۇم قالدۇرۇلدى. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن بولىدىغىنى تىلى، كۇلتۇرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بولۇشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇ مىللىي قەدىرىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇش روھىنى دەستەكلەيدىغان  كوللېكتىپ غۇرۇرىدۇر.
شۇڭا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈلكېسىل بويسۇندۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى، بايلىقى، ئىقتىسادىي ھاياتى، كۇلتۇرى بوپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى قەلبىدىن ئىستىلا قىلىشتۇر—ئۇلارنىڭ ئاشۇ مىللىي قەدىرىيەتلىرىدە ھەر ۋاقىت ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان ئەنە ئاشۇ كوللېكتىپ غۇرۇرىنى ئۈزۈلكېسىل يوقىتىشتۇر. ئىنتايىن رادىكال مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار تىلىنى، كۇلتۇرىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مەلۇم تەركىبلىرىنى ياكى ھەممە قىسمىنى يوقىتىپ قويغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا يوقالمايدۇ، پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت ئۆزگىچە مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلەشتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئاشۇ كوللېكتىپ غۇرۇر ئۇلارنىڭ قەلبىدىن يوقالمىسىلا.  بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ غۇرۇرى ھاقارەتلەنگەنگە، جازالانغانغا، ئاجىزلاشتۇرۇلغانغا، تەقىپلەنگەنگە، دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانغا ۋە مەسخىرە قىلىنغانغا يوقاپ كەتمەيدۇ—ئۇ  پەقەت بۇ غۇرۇر ئۈزۈلكېسىل بوي سۇندۇرۇلغاندىلا يوقايدۇ.
خىتايلارنىڭ ھازىرقىدەك ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتى داۋاملىشىۋەرسە، دۇنيا بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە سۈكۈت قىلسا ۋە ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقىتىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغان تەقدىرمۇ، خىتايلارنىڭ كەلگۈسىدە يوقىتىشى  ئىنتايىن قىيىن بولىدىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ غۇرۇرىدۇر. ئۇنى يوقىتىش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيلىك ئىپتىخارىنىڭ، ئۆزىنى سۆيۈشىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسى بولغان ئەركىنلىكىنى نامايان قىلىشىنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇ مۇستەملىكىگە چۈشكەن كوللېكتىپ كىملىكنى ساقلاشتىكى ئەڭ جاھىل مەنىۋى قورغاندۇر. شۇڭا، كوللېكتىپ غۇرۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۈچۈن ھېچنېمە بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز، تېگىشكۈسىز ۋە يوقاتقۇسىز دەرىجىدە قەدىرلىكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ غۇرۇرىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشى ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى نامايان قىلىش ۋە ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشىدا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئەگەر بۇ غۇرۇر بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇ ھالدا يوقىلىپ كېتىش ھەققىدىكى قورقۇنچ ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدا ئۇ قەدەر زىلزىلىك، ئۇ قەدەر تىرەن، ئۇ قەدەر ئازابلىق بولمىغان بولاتتى. ئەگەر بۇ غۇرۇر بولمىغىنىدا ئىدى، دۇنيادىكى ئىنتايىن ئاجىز بىر مىللەت سۈپىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيادا ھازىر ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان خىتايلارغا تا ھازىرغىچە قورقۇمسىزلىق بىلەن تىز پۈكۈشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىدەك ھەقىقەتنى چۈشىنەلمىگەن بولاتتۇق. ئەگەر بۇ غۇرۇر بولمىغىنىدا ئىدى، تېخى يېقىندا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا قارشىلىقى، سەمەن ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ھەرىكىتى ۋە باي قارشىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆز ئالدىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي،  ئۆزلىرىنىڭ—تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ—قەھرىمانلىق روھىنى نامايان قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن بولاتتۇق.  
خىتايلار شۇ نۇقتىنى چۈشىنىشنى خالىمايۋاتىدۇكى، ئۇلار يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىسۇن، ياكى قاتتىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش ھەققىدە ئۇلارغا تەھدىد سالسۇن، ئۇيغۇرلار بۇلارغا بىردەك باش ئەگمەي كېلىۋاتىدۇ. خىتاينى ھازىر قايمۇقتۇرىۋاتقىنى چىدىغۇسىز تەنھالىق، ئامالسىزلىق، نامراتلىق، قايمۇقۇش، قورقۇنچ ۋە چېچىلاڭغۇلۇق تەقدىرىگە دۇچار بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن دۇنيادا ئۆزىنى كۈچلۈك ساناۋاتقان خىتايلارغا ياكى بوي سۇنۇشنى ياكى قوشۇلۇپ كېتىشنى خالىماسلىقىدۇر--خالىماسلىقىلا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭغا تىز پۈكمەي ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا توختاۋسىز قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا سىڭگەن كوللېكتىپ غۇرۇرى دۇنيانى ئەيمىندۈرگىدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غۇرۇرىغا ھەر ۋاقىت قاتتىق تېگىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە مۇستەملىكىچىنىڭ غۇرۇرى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچىنىڭ غۇرۇرى توقۇنىشىۋاتىدۇ—ئەگەر مۇستەملىكىچى ئۈزۈلكېسىل بوي سۇندۇرۇش ئىرادىسىنىڭ غۇرۇرىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنسا، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى بوي سۇنۇشنى رەت قىلىش ئىرادىسىنىڭ غۇرۇرىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇستەملىكە قىلغۇچى قۇدرەتلىك ئارمىيىسىنىڭ غۇرۇرىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنسا، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئاجىزلارنىڭ ئەركىنلىك ئىنتىلىشىنىڭ غۇرۇرىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇستەملىكە قىلغۇچى ئادىمىيلىك غۇرۇرىنى يوق قىلىشنى ئىستىسە، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى يوق قىلىنىش خەۋپىدە ئادىمىيلىك غۇرۇرىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. 
خىتاي يەنە شۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى ناھايىتى يىراقتىن ئىشارە قىلىپ كېلىۋاتىدۇكى، ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايلارغا قېتىلىپ كېتىشنى خالىسا ياكى مۇستەقىللىقىنى قايتا قولغا ئېلىشتەك سىياسىي غايىسىدىن ۋاز كەچسە، ئۇ ھالدا ئۇلار كەلگۈسىدە كوللېكتىپ سۈپىتىدە خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىيلاردەك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ يوقىلىپ كېتىش تەقدىرىدىن ئامان قالىدۇ. بۇ خىتايلارنىڭ 69 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يوشۇرۇن بىلدۈرمەكچى بولغان، ئەمما تا ھازىرغىچە بىلدۈرەلمەيۋاتقان بىر «شەپقىتىدۇر.» گەرچە ئۇيغۇرلار قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتسىمۇ، بۇ خىلدىكى تەھدىدلەرنىڭ ۋە «شەپقەتلەر» نىڭ ھەممىسىنى باشتىن- ئاخىر رەت قىلىپ كەلدى. بۇ ئارقىلىق، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ غۇرۇرىنى ۋە بۇ غۇرۇرنىڭ مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ئەنۋەر ناسىرىنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز ئەھمىيىتىنى ھېلىھەم يوقاتماي كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى شېئىرى يۇقىرىقى قاراشلىرىمىزنى دەلىللەيدۇ:

ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش، چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان.
تىلىنغان تەن، تۈرۈلگەن مۇش، كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەب ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان.

            دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ غۇرۇرىنىڭ خىتايغا قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسى يېلىنىش، پاناھ تىلەش، تەسلىم بولۇش ئەمەس، بەلكى «پۈتمەس غەزەب ئىزى» بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ 1949-يىلىدىكى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن بۇيان شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتايلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، خۇددى ئەنۋەر ناسىرى تەسۋىرلىگەندەك، يۈزلىرى ئاقىرىۋاتىدۇ، قاشلىرى قىيىلىۋاتىدۇ، ياشلىرى قۇيۇلىۋاتىدۇ، باشلىرى كېسىلىۋاتىدۇ، چاچلىرى چۇۋىلىۋاتىدۇ، قانلىرى تۆكۈلىۋاتىدۇ، تەنلىرى تىلىنىۋاتىدۇ، مۇشتلىرى تۈرۈلىۋاتىدۇ، چىشلىرى كىرىشىۋاتىدۇ، جانلىرى چىقىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىن  دۈشمىنىگە بولغان پۈتمەس-تۈگىمەس غەزەب يوقالمىدى. مانا بۇ كوللېكتىپ غۇرۇرنىڭ قۇدرىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىپادىسىدۇر—بۇ قۇدرەت بىزنى ھەر ۋاقىت ئەركىن بولۇشقا ئۈندەيدۇ، بىزنىڭ تاللاشلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىچكى زۆرۈرىيىتى سۈپىتىدىكى ئەركىنلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، بىزنى بىز ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان مەسئۇلىيەتكە ساھىب چىقىشقا ھەر ۋاقىت دەۋەت قىلىدۇ.
            بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خاتا قاراۋاتقان نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارشى تۇرۇشى ماھىيەتتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇمى سەۋەبىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە، قاچانىكى شەرقىي تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى، شۇنىڭدىن تارتىپ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇستەملىكە بىلەن ئانتى-مۇستەملىكە ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كۈرەش بولۇپ كەلدى. بۇ كۆرەش ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ زۇلۇمى قاچان كۆرۈلسە ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتا قارشى تۇرۇشىدەك پاسسىپلىقتا ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلۇقنىڭ غۇرۇر ئارقىلىق ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنىڭ تەبىئىي زۆرۈرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ئىپادىلەشنى ئىزدەشتەك ئاكتىپلىقتا ئىپادىلىنىپ كەلدى. غۇرۇر پاسسىپ قارشىلىقنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ھاياتلىق ئىرادىسىنىڭ ئۆزىنى ئاكتىپ ئىپادىلىشىدۇر. بۇ دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشىلىقى ھەرگىزمۇ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس. بەلكى ئۇ غۇرۇرنىڭ—جۈملىدىن ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت بىر ئۆزگىچە مەۋجۇتلۇقنىڭ غۇرۇرىنىڭ—ئۆزىنى توسقۇنسىز مۇئەييەنلەشتۈرۈش زۆرۈرىيىتىدىن ئوتتۇرىغا چىققاندۇر.  بۇ كۈرەش نوقۇل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، كۇلتۇرال ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشى بوپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غۇرۇر بىلەن زوراۋانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان كۈرەشتۇر.
خۇددى ئەقىلنىڭ لوگىكىسى بولغىنىدەك، قەلبنىڭمۇ لوگىكىسى بولىدۇ—بۇ لوگىكا غۇرۇردۇر.  بۇ لوگىكا شۇنى بىلدۈرىدۇكى، خۇددى ئەقىل نوپۇزدىن خالىيلىقنى ئىزدىگىنىدەك، قەلبمۇ ھەر زامان زوراۋانلىقتىن خالىيلىقنى ئىزدەيدۇ. مانا مۇشۇ لوگىكىدا ئەكس ئېتىدىغان زوراۋانلىقنى رەت قىلىش خاھىشى ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ چىدىغۇسىز ھاقارىتى، زوراۋانلىقى ۋە تەھدىتىگە قارشى تۇرغۇزىۋاتىدۇ. غۇرۇر ھەر بىر ئادەمنىڭ جۈملىدىن بىزدەك ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلارنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مەنىۋى كۈچىدۇر.  مانا مۇشۇ غۇرۇر—ياشاش ھوقۇقى ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەركىنلىكى سۈپىتىدىكى غۇرۇر—ساناقسىز ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ قوراللىرىغا دادىل يۈزلەندۈردى.  ئەركىنلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە چاقىردى، چۈنكى غۇرۇرنىڭ ئاداققى سىرى ئۇنىڭ ئادەمنى ئەركىنلىك بىلەن تەبىرلىنىشى كېرەك بولغان مەۋجۇتلۇقىنىڭ—جۈملىدىن ئادىمىيلىكىنىڭ—مۇكەممەللىك ئىزدىشىدۇر. غۇرۇرنىڭ زوراۋانلىقنى ئىنكار قىلىشى ئەركىنلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر. غۇرۇر، شۇڭا، ئەڭ ئاداققى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەركىنلىكنىڭ غۇرۇرىدۇر.
غۇرۇر، مەيلى ئۇ شەخسىي ياكى كوللېكتىپ بولسۇن، ھاياتتىكى ئەڭ قىيىن مىنۇتلاردا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ۋەيران قىلىش بەسى مۈشكۈل بولغان كۈچىنى يەنىلا ساقلاپ تۇرىدۇ (ياكى يوقىتىپ قويىدۇ). مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم قانچىكى ئېغىرچىلىقتا قالسا، ئۇنىڭ غۇرۇرى ئۆزىدىكى پۈتكۈل يوشۇرۇن قۇدرەتنى شۇنچە نامايان قىلىدۇ—بۇ قۇدرەت ياكى ئاخىرغىچە ئۆزىنى ساقلاپ،ئادىمىيلىكنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى نامايان قىلىدۇ؛ ياكى مەغلۇب بولۇپ، ئادىمىيلىكنىڭ ئۆزىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدىكى مەغلۇبىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ. ئامېرىكا يازغۇچىسى ئارنىست خېمىڭۋېي ئۆزىنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم يېڭىلىش ئۈچۈن يارىتىلمىغان. ئادەم ۋەيران قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما يېڭىلمەيدۇ.»  مەزكۇر ئەسەردە ئاپتور مەنىسىز دۇنيادا—باش-چېكى كۆرۈنمەس دېڭىزدا—باش قەھرىماننىڭ لەھەڭلەر بىلەن تەنھا ئېلىشىشىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ھەيران قالارلىق ئىرادىسىنى، چىدامچانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى، غۇرۇرىنى نامايان قىلىدۇ. بوۋاينىڭ چىدىغۇسىز ئازابى بىلەن ستويىكلارچە سوغۇققانلىقىنىڭ  ئارىلاشمىسى سەزگۈلۈك بىلەن ھالقىما سەزگۈلۈك، ئادەتتىكىلىك بىلەن پەۋقۇلئاددىلىك ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئىشارە قىلىدۇ. مانا مۇشۇ توقۇنۇش داۋامىدا، ئىنساننىڭ غۇرۇرى ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىنى بىزگە سۆزلەيدۇ—ئادەم مەنىسىزلىككە ئۆز تىركىشىشى ئارقىلىق ئادىمىي مەنە ئاتا قىلىدۇ. ھەتتا بۇ ئادەم ئاشۇ بالايى ئاپەتتە ۋەيران بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، ئادىمىيلىكى ئاتا قىلغان يوقالماس پەخىرلىنىشنى باشتىن-ئاخىر ساقلىغان بولىدۇ—ۋەيران قىلىنسىمۇ، ۋەيران قىلغىلى بولمايدىغان ئادىمىيلىكىنى ساقلىغان ۋە ئۇنى باشقىلارغا نامايان قىلغان بولىدۇ. بەرھەقكى، ئۇ ۋەيران بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ، خۇددى خېمىڭۋېي دېگەندەك، «يېڭىلمەيدۇ.» ئەنە شۇ ۋەيران قىلىنىشى مۇمكىن بولغان، ئەمما يېڭىلمەيدىغان نۇقتىغا ئادىمىيلىكنىڭ  تىرەن مەنىسى يوشۇرۇنغان.
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەدەللەرنى تۆلىدى ھەم تۆلەۋاتىدۇ. كەلگۈسى ئىنتايىن ئېنىقسىزلىققا تولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا ئالالاش-ئالالماسلىقىمۇ ئېنىقسىزلىققا ئىگە. ئۇلار قايتا قۇرماقچى بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان بىر ئىدىيىدۇر. ئىدىيە يوقالمايدۇ، ئەمما ئۇ رېئاللاشماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، مەيلى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرسۇن ياكى بۇ يولدا پۈتۈنلەي مەغلۇب بولسۇن، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىش-ئاشماسلىقىدىن كۆرە،  بۇ نىشانغا يېتىشتىكى جەرياننىڭ ئىزچىللىقىدۇر. غۇرۇر نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا غەلىبە قىلسۇن ياكى مەغلۇب بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۆز غۇرۇرىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ قېلىشىدۇر. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلار مەيلى ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرسۇن ياكى بۇ يولدا مەغلۇب بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسىنى ساقلاپ مېڭىشتۇر.  ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسىنى ساقلاش غۇرۇرنىڭ ساقلىنىشىدۇر. غايە نىشانغا يېتىشتىكى جەرياندا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھەقىقىي مەنىسىنى نامايان قىلغىنىدەك، غۇرۇرمۇ بالايى ئاپەت ئالدىدا ئادىمىيلىكنىڭ قۇدرىتى ۋە ھەقىقىي مەنىسىنى نامايان قىلىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، ئۆزىنى ساقلاپ مېڭىش روھى ئۈستىگە قۇرۇلغان غايە غۇرۇرنىڭ ھەقىقىي ئىپادىلىنىشىگە ئايلىنىدۇ.
ئەمدى بىرىنچى سوئالىمىزغا قايتايلى: «ئۇيغۇرلار راستىنلا يوقاپ كېتەرمۇ؟» جاۋاب شۇكى، ئۇيغۇرلار يوقالمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى، كۇلتۇرى ۋە ئەنئەنىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇشۇ غۇرۇر ئۇلارنىڭ قەلبىدىن يوقالمىسىلا!



[1] ئىممانۇئېل كانت، «ئېتىكا ۋە ئەخلاقنىڭ مېتاڧىزىكىسى ھەققىدە» (ئىنگلىزچە)، ۋىلدېر نەشرىياتى.

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز