ئۆزىگە قايتىدىغان ئادەم :تاھىر ھامۇت شېئىرلىرىدا تەۋەلىك تۇيغۇسى


مېنىڭ ماكانىم ماكانسىزلىقتۇر
مەۋلانا جالالىددىن رۇمى-
ماقالىمىزدا شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ «جەنۇبقا سەپەر» ۋە«قەشقەرگە قايتىش» دېگەن ئىككى پارچە ‏شېئىرىدا ئىپادىلەنگەن تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە‏ ئۇنىڭ قاتلاملىرى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىنىدۇ‏ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بۇ تۇيغۇنىڭ تاھىرنىڭ شېىرلىرىدا بىر كوللېكتىپ ئاڭسىزلىققا تەۋە موتىف(ئەسلى تىپ) ھالىتىدە ئىپادىلىنىشى بىزنى شېئىرنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن يېقىن ئوقۇشىمىزنى ‏تەلەپ قىلىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە تەھلىلىمىز بىزگە ئىنتايىن تونۇشلۇق تۇيغۇ بولۇشىغا قارىماي ‏سەنئەت ۋە پەلسەپە نەزەرىيىلىرىدە كەمدىنكەم سۆزلىنىدىغان ئۇشبۇ ئاتالغۇنى ئۇقۇملاشتۇرىدۇ. بۇ ‏ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى چۈشىنىشىمىزدىكى مۇھىم ئامىل بولغان بۇ ‏ھادىسىنى ھېسسىي تۇيۇشتىن نەزەرىيىۋى‏ بىلىشنىڭ ئوبيېكتىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر قەدەر ‏سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىمىز شۇنىڭدەك بۇ خىل تەتقىقات مېتودى ئۆز نۆۋىتىدە ماقالىمىزنىڭ‏ئومۇمىي نەزەرىيىۋى دائىرىسىنى ۋە مۇمكىنچىلىكلىرىنى كىتابخانلارغا تونۇشتۇرىدۇ. ئىككىنچى ‏قەدەمدە تاھىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن تەۋەلىك تۇيغۇسىنى بىز ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان تەبىرلەر ۋە نەزەرىيىۋى قاراشلار بويىچە تەكشۈرۈپ چىقىمىز. بۇنىڭدا مۇھىم قىلىپ تەھلىل ‏قىلىدىغىنىمىز كەڭ مەنىدىن ئالغاندا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، تار مەنىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ‏قەدىمىي تەجرىبىلىرىدىن بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ قاتلاملىق تەركىبلىرىنىڭ تاھىرنىڭ ‏شېئىرلىرىدا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. ئۈچىنچى قەدەمدە تاھىرنىڭ ‏شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ بىزنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان نەزەرىيىۋى ‏جاھازىمىزغا سىغمايدىغان قىسمى كۆرسىتىلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەھلىلىمىز «تەۋەلىك تۇيغۇسى ‏شېئىردا قانداق ئىپادىلەنگەن؟» دېگەن سوئالدىن باشلانغان ئىزدىنىشتىن «شائىر زادى نەگە ‏تەۋە؟» دېگەن‏ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا يۆتكىلىش ياسايدۇ. ماقالىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ‏شائىرنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ تېكىستىگە تەۋە بولۇشىنىڭ ئۇنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ھەم ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولۇشىدىكى يېڭى مۇمكىنچىلىك ئىكەنلىكىگە قىسقىچە قاراپ چىقىمىز.
ئا. تەۋەلىك تۇيغۇسى: تەبىرلەش

شائىرلار سەرسانلىق ۋە ماكانسىزلىقنى تراگېدىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھېس قىلغۇچىلار ۋە ‏ئىپادىلىگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك ياشاش تەجرىبىسى بولغان سەرسانلىق ۋە ‏ماكانسىزلىقنى چوڭقۇر خەيرىخاھلىققا ۋە ئىزتىراپقا تولغان ئاۋازدا بايان قىلىدۇ. لېكىن، شائىرلار سەرسانلىقتا قالسا، ماكانسىزلىقتا لەيلەپ يۈرسە، ئۇلارنىڭ سەرسانلىقى ۋە ماكانسىزلىقىنى ھېچكىم ‏ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدەك سۆزلىيەلمەيدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ سەرسانلىقى شائىرنىڭ سەرسانلىقىغا، ‏ئادەمنىڭ قۇتۇلغۇسىز تەقدىرى شائىرنىڭ ئۆزلۈكىنىڭ تراگېدىيىسىگە، ئادەمنىڭ تۇراقسىزلىققا ۋە ‏نىشانسىزلىققا تولغان مەۋجۇتلۇق ھالىتى شائىرنىڭ شېئىردا سەرسانلىق ۋە ماكانسىزلىقتىن ئىبارەت ‏مەۋجۇتلۇق شارائىتىنى ئىپادىلىشىنىڭ يولىغا ئايلىنىدۇ.
شائىرلارنىڭ سەرسانلىقى ۋە ماكانسىزلىقى ئۇلارنىڭ قەدىمدە ئىنسانلار قۇرۇشنى خىيال قىلغان ‏ئىرەمباغسىمان جەمئىيەتنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى بىلەن باشلانغان. بۇنىڭدا ئەپلاتون تۇنجى قېتىم شائىرلارنى ئوتوپىيىلىك ئىرەمباغدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىدى‏ شائىرلار قانداقتۇر مۇستەبىت شاھلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى دەل پەيلاسوپلار تەرىپىدىن‏ئۇتوپىيىدىن --غايىۋى دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ روھىي ‏سەرسانلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىلدى.
ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، شائىرلار سەزگۈ ئەزالىرىمىزدىن ھالقىغان ئىدىيىلەر ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەر ‏بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ پانىي سەزگۈلەر ئالىمىدىكى كۆلەڭگۈسىگە تەقلىد قىلغۇچىلاردۇر. شۇڭا ئۇلار ئىدىيىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى ئىزدىگۈچىلەردىن بولغان پەيلاسوپلاردىن‏ تۈپتىن ‏پەرقلىنىدۇ.  ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەشنىڭ ھامىيلىرىدىن بولالمايدىغانلىقى‏‎‎ئۇلارنىڭ ‏سەرسانلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسىدۇر-يەنى ئۇلارنىڭ سەرسانلىقى تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ‏ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سەرسانلىق ئىدى. ھەتتا ‏گرېكلارنىڭ شاھانە شائىرى خومېرمۇ ئەپلاتون تەرىپىدىن غايىۋى دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىلىش ‏تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانىدى. ئىنساننىڭ پانىيلىقتىكى ئالاھىدە ياشاش شارائىتى بولغان ‏ماكانسىزلىقنى ئۆز قەھرىمانى ئۇلىسىسنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ قىسمەتلىرىدە ئايان قىلغان بۇ شائىرمۇ‏ئوتوپىيىلىك دۇنياغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلارنىڭ قاتارىدا سانالغانىدى.
لېكىن، ئەپلاتون بىلەن خومېر ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا قانچىلىك پەرقنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەر ‏ئىككىسى گرېك ئىدىيە كۇلتۇرىدىكى مۇنداق بىر چۈشىنىشنى ئوخشاش بولمىغان يول بىلەن ئورتاق ‏ئىپادە قىلغانىدى: ئەسلىلىككە قايتىشقا بولغان زۆرۈرىيەت. بۇ زۆرۈرىيەت ئەسلى ماكان، ئۇنىڭدىن ‏ئايرىلىشىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا قايتىشتىن ئىبارەت چەمبەرسىمان ۋە قايتىلانما ھەرىكەت ‏داۋامىدا ئەمەلگە ئاشاتتى. ئۆزىدىن چىقىپ ئاخىرىدا ئۆزىگە قايتىلىنىدىغان چەمبەرسىمان ‏ھەرىكەت گرېك ئىدېئالىدىكى مۇكەممەللىك ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ سىمۋولى ئىدى، چۈنكى بۇنىڭدا ‏ئوخشاشلىق (ۋە ياكى ئۆزگەرمەس كىملىكپەرقكە يۈزلىنىش ۋە ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىگە قايتىش ‏ئارقىلىق ساقلاپ قېلىناتتى‏.  يەنى، خومېر ئۇلىسىسنىڭ ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا ‏سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشى ۋە ئاخىرىدا ئۆيىگە سالامەت قايتىشى ئارقىلىق ئادەمنىڭ ‏ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىغا قايتىشقا بولغان ئاڭسىز تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىسە، ئەپلاتون ئادەمنىڭ ئالۋۇنغا، ھېسسىي بىلىشكە ۋە تاسادىپىيلىققا تولغان سەزگۈلەر دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ ‏روھىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىگە، يەنى مۇتلەقلىك، زۆرۈرلۈك ھەم ئەسلىلىك ئالىمىغا قايتىشنى ‏زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە ئىستىشىنى ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولى دەپ قارىغانىدى. ئەگەر خومېرچە ئادەم ‏پەقەت ئۆيىگە قايتىش ئارقىلىقلا ئۆزى ئەسلىدە ئىگە بولغان خاتىرجەملىككە، غەمسىزلىككە ۋە ‏ناتىۋانلىققا ئېرىشىشنى ئىستىسە، ئەپلاتونچە ئادەم ئۆزىنىڭ ھەقىقەتكە ئاتىلىشى كېرەك بولغان ‏قەلبىنى ھەر ۋاقىت ئارامسىزلاندۇرىدىغان سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي ‏بىلىمنىڭ نىشانى بولغان ھەم ئۆزىنىڭ ئەقلىنىڭ مەنبەسى بولغان ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتىپ كېتىشنى ئىستەيدۇ. ماقالىمىز ئەپلاتوننىڭ يۇقىرىقى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ‏تەھلىل قىلىشنىڭ ئورنىغا دىققىتىنى ماكاننىڭ ئىنسان مەۋجۇتلۇقىدىكى رولىغا ھەم ئۇنىڭ تەۋەلىك ‏تۇيغۇسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئەھمىيىتىگە بۇرايدۇ.
ماكان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى جايلىشىشغا بولغان تۇيغۇسىنىڭ، ئېڭىنىڭ ھەم بىلىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئادەمنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئادەم دۇنياغا ئەسلى ‏ماكانىدىن چىقىپ تۇرۇپ يۈزلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئۆز ماكانىغا (دۇنيادىن) قايتىشنى ئىستەيدۇ. ئادەم ‏قايتىشنى ئىستەيدىغان ئەسلىدىكى ماكان كۆپ ھاللاردا ئەسلىلىك، تەۋەلىك ھەم ھەقىقىيلىقنىڭ ‏مەنبەسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ باشقا ماكانلار بىلەن پەرقلىنىدىغان ‏يېگانە ماكانغا ئەسلىدىن تەۋە ئىكەنلىكىدەك ئۆزگەرمەس پاكىتچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. مۇئەييەن ‏ماكانغا تەۋە بولۇش ئادەمنىڭ ئۆز ماكانى ۋە ئۇنىڭدىكى باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىدەك ‏تۇيغۇسۈنۈڭ يېتىلىشىنىڭ ئاساسىدۇر؛ ئەنە شۇ تۇيغۇ ئادەمدە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۇ
تەۋەلىك تۇيغۇسى دېگەن نېمە؟ تەۋەلىك تۇيغۇسى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ نەدىن ‏كەلگەنلىكىمىزنى ۋە ئەسلىدىن نەگە مەنسۇپ بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. تەۋەلىك تۇيغۇسى ‏ئادەمگە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئېنىقلىق تۈسى بېرىدۇ. ئۇ مەلۇم ماكان تەرىپىدىن ‏قوبۇل ۋە ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى‎‎كۆرسەتكەچكە، شەخسنىڭ ئىشەنجكە ‏ھەم ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. تەۋەلىك تۇيغۇسى ‏ئۆزلۈك-ئىززەت-ھۆرمىتى (ئۆزىنى قەدىرلەش پسىخىكىسى( نىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ‏ئامىل بولۇپلا قالماستىن، ئۆزلۈك-كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم تەركىبتۇر. پۈتۈنلەي پەرقلىق ‏ماكاندىن كېلىشتىن ئىبارەت بۇ پاكىتچانلىق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ‏كىملىككە ئىگە بولۇشىنىڭ ھەمدە مەلۇم جايغا مەنبەلەنگەنلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىشىنىڭ ئاساسىدۇر‎‎
تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ مەركىزىدە تۇرغان ئادەم ئۆزىنى خاتىرجەم سېزىدۇ. تەۋەلىك ئادەمنى تولۇپ تاشقان خۇشلۇق، ئۆزى بىلەنلا بولىدىغان پەرۋاسىزلىق ۋە شادىمان ئۇنتۇشنىڭ ۋەدىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەۋەلىكنىڭ قورشالغان بوشلۇقىدا، ئادەم ئۆزىنى تامام ئۇنتۇيدۇ ۋە‏ ھېچقانداق ‏ئايرىلىپ تۇرۇش، پەرق ۋە ئازابنى ھېس قىلمايدۇ--بۇ نىچې « ئىپتىدا بىرلىك»‏ دەپ ئاتىغان ۋە ‏كۇللى مەۋجۇدات بىلەن بىرلىشىپ كېتىشتىكى كۈچلۈك شادىمانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىپتىدائىي ‏‏«مەستخۇشلۇق» تۇر. شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، نىچې ئېيتقان ‏«ئىپتىدا بىرلىك» ئالەمدىكى ‏بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىدىن شەكىللەنگەن‎‎ناھايىتى كەڭ مەنىدىكى ئۇنىۋېرسال ۋە ‏مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ بىزنىڭ بۇ يەردە توختىلىۋاتقىنىمىز بىر قەدەر تار ‏دائىرىدىكى، يەنى مۇئەييەن ماكانغا ۋە شەخسكە مەركەزلەشكەن تەۋەلىك تۇيغۇسى بولسىمۇ، ‏نىچېنىڭ قارىشى بىزنىڭ بۇ‎‎ئۇقۇمنى چۈشىنىشىمىزنى يەنىلا ئىلگىرى سۈرىدۇ. نىچېنىڭ قارىشىدا ‏بىزنىڭ نوۋەتتىكى تەھلىلىمىزنى ئىلھاملاندۇرىغان مۇنداق بىر ھالەت بار، يەنى تەۋەلىك تۇيغۇسى چوڭقۇرلاشقاندا ھەم كۈچەيگەندە ئادەم ئۆزىنى ھەممىدە كۆرىدۇ، ئۆزىنى ھەممىگە‎‎يۇغۇرىۋېتىدۇ ۋە ‏ھەممىدە بىللە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.  ۋەھالەنكى، مەلۇم‏ ماكانغا تەۋە بولغان ئادەم بەزىدە ‏ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ سەرسانلىققا قەدەم قويىدۇ سەرسانلىق ئادەمنى ئۆزى تەۋە ماكاننىڭ ‏سىرتىدا تۇرۇۋاتقاندەك، ھەتتا ھېچبىر ماكانغا تەۋە ئەمەستەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەسلىدىكى بىرلىككە ‏تەۋە بولۇشنىڭ بىغۇبارلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئادەمدە ۋەھىمە، ئېنىقسىزلىق ۋە ئۆيىنى سېغىنىش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نىچې ئېيتقان «ئىپتىدا بىرلىك» نىڭ ئونتولوگىيىلىك، يەنى مەۋجۇتلۇق، مەنىسىدىن ئېلىپ ‏ئېيتقاندا، تەۋەلىك ئادەمگە‎‎ئەسلىلىكتىكى ھەممە نەرسە بىلەن بىرلىشىپ كېتىشتەك مەۋجۇتلۇق ‏بىرلىكىدە ئۇنىڭ نەگە تەۋە ھەم كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ ‏كىملىكىنى ھەممە نەرسە بىر بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىپتىدائىي مەنبەگە كىرىش ئارقىلىق ‏ھېس قىلىدۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئايرىملىقى ۋە ‏پەرقلىقلىقىنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن، ئانىنىڭ باغرىدىكى بوۋاق كىچىك ۋاقتىدا ئۆزىنى ئانىسى بىلەن ‏بىردەك ھېس قىلىدۇ. شۇ سەۋەب ئۇ ئانىسى بىلەن بولغان كىملىك پەرقىنى ھېس قىلالمايدۇ. لېكىن، ‏بوۋاقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كىملىك تۇيغۇسى زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مانا مۇشۇ «ئىپتىدا ‏بىرلىك» تە ئورتاق بىر كىملىككە بىرلىشىپ كېتىپ، ئۆزىدە ئىندىۋىدۇئال كىملىكنىڭ بولماسلىقىنى، ‏يەنى «كىملىكسىز» لىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېنىق كىملىك ئېڭى مانا مۇشۇ «كىملىكسىز»، ‏‏«پەرقسىز» ۋە «بىرلىشىپ‏‎‎كەتكەن» ھالەتتىن ئايرىلىپ چىقىشتىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق ‏بىر قەدەم دەل بوۋاقنىڭ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماسلىقىدىن ھەم ئانىسى بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاڭقىرىشىدىن، يەنى ئانىسىدىن ئايرىلىشىدىن باشلىنىدۇ. دېمەك،‎‎ئېنىق ‏كىملىككە ئېرىشىشنىڭ شەرتى دەل كىملىكنىڭ ئېنىقسىز ھالىتى بولغان ئەسلىلىكتىن ئايرىلىشتۇر. ‏ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئەسلىدىكى بىر پۈتۈنلۈك ۋە ئوخشاشلىق سۈپىتىدىكى ئەسلىلىكتىن ‏ئايرىلىپ چىقىش ئارقىلىقلا ئىگە بولالايدۇ. بۇ يەردە ئېنىق كىملىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ‏تۆلىنىدىغان بەدەل ناھايىتى ئېنىقتۇر: ئادەمنى پەرق، ياتۋاشلىق ۋە ئۆزگىلىك بىلەن ‏ئۇچراشتۇرىدىغان ئايرىلىش كىملىككە ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئايرىلىش دېمەك ‏ئەسلىلىكتىن ياكى ئايرىلىپ قېلىش ياكى، تراگېدىيىلىك مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنى ‏يىتتۈرۈپ قويۇشتۇر. دەل مانا مۇشۇ تراگېدىيىلىك يوقىتىش بىزنى تاھىرنىڭ ۋەھىمە، ئۆيىنى سېغىنىش ‏ۋە ياتلىشىشقا تولغان دۇنياسىغا باشلايدۇ.

ب. شېئىرغا كىرىشئەسلى تەۋەلىك ئىچىدىكى تەۋەسىزلىك
ئۆزىنىڭ «ئانالىتىكال پسىخولوگىيىنىڭ شېئىرىيەت سەنئىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە» ‏دېگەن ماقالىسىدا دوكتور س.گيۇڭ (C. G. Jung)شېئىرنىڭ پسىخولوگىيىلىك مۇھىملىقى ‏ھەققىدىكى قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بەزى شېئىرلاردا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىنى ‏غىدىقلايدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاڭلىق ئىنكاسىنى قوزغايدىغان ئاڭسىز كۈچلەر بولۇپ، بۇلارنى ئۇ ‎‎«ئىپتىدائىي ئوبرازلار» ياكى «ئەسلى تىپلار» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە بۇ ئەسلى تىپلار ‏‏«ئەسلى تىپ شەكلىدىكى ساناقسىز تەجرىبىلەرنىڭ پسىخىكىلىق قالدۇقى‏ بولۇپ»، ئۇلار يەككە ‏ئىندىۋىدۇئال شەخسلەرگە ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا يۈز بەرگەن. شۇنىڭدەك، بۇ ‏تەجرىبىلەر شەخسنىڭ تەجرىبىسىنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگۈچىسىدۇر.
 نۆۋەتتىكى ماقالىمىزدا يۇڭنىڭ يۇقىرىقى نەزەرىيىۋى قارىشى بويىچە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى بىر خىل ‏ئەسلى تىپ شەكلىدىكى ئىپتىدائىي تەجرىبە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ تاھىرنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ‏ئىپادىلەنگەنلىكىگە دىققىتىمىزنى بېرىمىز ۋە شۇ‎‎ئارقىلىق شېئىرىي ئىجادىيەتنىڭ مەخپىيىتىنىڭ ‏مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خۇددى يۇڭ ئۆزىنىڭ «پسىخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات» دېگەن ‏ماقالىسىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، مىستىكىلىققا قاتنىشىش ھالىتىگە قايتىشتا-يەنى يەككە شەخسنىڭ ‏تەجرىبىسىگە ئەمەس بەلكى ئىنسان تەجرىبىسىگە قايتىشتا-ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىمىز. بۇنىڭدا ‏تاھىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۇنىۋېرىسال ئىنسانلىق تەجرىبىسى ۋە يەرلىك كولتۇرلۇق تەجرىبە بولۇشتىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق مەنىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز. شۇنداقلا ‏تاھىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن بۇ «ئىپتىدائىي» ھەم «شەخسسىز»‏‎‎تۇيغۇنىڭ يەككە شائىرنىڭ ‏تەجرىبىسىدىن ھالقىغان چوڭقۇر كۇلتۇرلۇق قاتلاملىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ماقالىمىزنىڭ مۇھىم ‏نىشانىنىڭ بىرى بولغان مۇنۇ كوزقاراش نەزەرىيىۋى ھەم ئەمەلىي ئاساس بىلەن تەمىنلىنىدۇ: ‏ئۇتۇقلۇق چىققان ھەرقانداق سەنئەت ئەسىرىدە ئىپادىلىنىدىغىنى شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ‏‏(ھېسسىيات) تەجرىبىسى بولغاندىن كۆرە كۆپ ھاللاردا شەخسسىز ۋە ئىجادىي جەرياننىڭ ئۆزىنى ‏مەلۇم شائىرنىڭ شەخسىي تەجرىبىسى قىياپىتىدە ئاشكارىلىشىدۇر. مانا بۇ ھەرقانداق سەنئەتكارنىڭ ‏ئىجادىيىتىدە ئىپادىلىنىدىغان قارىمۇ قارشى يۈزلىنىشنىڭ بىردەكلىشىشىدۇر (سىنتىزلىشىشىدۇر‎‎(سەنئەتكار يەككە شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئال تەجرىبىلەرگە ئىگە، ‏شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شەخسىز ۋە ئىجادىي جەرياننىڭ ھاسىلاتىدۇر-ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىدىغىنى ‏ئەجدادى باشتىن كەچۈرگەن ئىپتىدائىي تەجرىبىلەرنىڭ قالدۇقىنىڭ سەنئەت يولى ئارقىلىق ئاڭسىز ‏ئىپادىلىنىشىدۇر. سەنئەت سەنئەتكارنىڭ ئاڭلىق ۋە مەقسەتلىك تاللىشى ئەمەس. بەلكى بۇ ‏ھۆكۈمنىڭ ئەكسى توغرا-سەنئەتكار سەنئەتنى ئەمەس، بەلكى سەنئەت سەنئەتكارنى يارىتىدۇ. بۇ ‏ھەقتە يۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «سەنئەت ئىنسانغا‏‎‎ تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئىچكى قوزغىلىش ‏شەكلى بولۇپ، ئىنسان ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىدىكى ۋاسىتىدۇر. سەنئەتكار ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ‏مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىزدەيدىغان ۋە ئەركىن ئىرادىگە ئىگە شەخس ئەمەس، بەلكى ئۇ ‏سەنئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئۆزى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يول قويىدىغان شەخستۇر. ئادەم ‏بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كەيپىياتقا، ئىرادىلەرگە ۋە شەخسىي مەقسەت-نىشانلارغا ئىگىدۇر، لېكىن ‏سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تېخىمۇ يۇقىرىراق مەنىدىكى ئادەمدۇر-ئۇكوللېكتىپ ئادەمدۇر، يەنى ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭسىز ۋە پسىخىك ھاياتىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان ۋە ‏خىلمۇ خىل شەكىللەيدىغان ئادەمدۇر» يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ ماقالىمىزدا ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭسىز ‏ھاياتى ۋە تەجرىبىسى سۈپىتىدىكى تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئەگەشمە ‏مەسىلىلەرنىڭ تاھىرنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ئىپادە قىلىنغانلىقىنى-تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا ‏ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى-تەھلىل قىلىمىز.
 يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاھىرنىڭ شېئىرلىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى شۇنى ئالدىنئالا ‏ئېيتىپ قويماقچىمەنكى، مېنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى تەۋەلىك تۇيغۇسى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ‏شەرھلىشىم ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىلا بۇ ھادىسىنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا قانداق ئىپادە قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭ شېئىرىي تېكىستىنى ئامال بار ئۆزىگە ‏يۈزلەندۈرۈپ سۆزلىتىش ۋە شائىرنىڭ شېئىردىكى تەۋەلىكىنى تېپىپ چىقىشتۇرشۇنىڭدەك، بىر ‏شەرھلىگۈچى سۈپىتىم بىلەن بۇ يەردە پەقەت تۆۋەندىكى رولنىلا، يەنى تاھىر بىلەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى ‏ۋە تېخىمۇ تىرەن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تاھىر بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرۈش ئېلىپ ‏بارىدىغان رولنىلا، ئېلىشنى خالايمەن. مۇشۇ مەقسەتنى بويلىغان ھالدا، مەن بۇ ماقالىدە تاھىرنىڭ ‏‏«جەنۇبقا سەپەر» ۋە «قەشقەرگە‏ قايتىش» دېگەن ئىككى شېئىرىنى بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە بىر ‏بىرىگە ئەركىن ئۆتىشىدىغان بىر قەدەر كەڭرى كونتېكىستكە قويىمەن.
بۇ ئىككى شېئىردا دىققىتىمىزنى ئالدى بىلەن چېكىدىغىنى جەنۇبقا ياكى قەشقەرگە ئازابلىق سەپەر ‏قىلىشتۇر. «جەنۇبقا‏‎‎سەپەر» ياققاللا قارىماققا شائىرنىڭ جەنۇب سەپىرىدە كۆرۈش سەزگۈسىگە ‏ئېتىلىپ كىرىۋاتقان تۇيغۇلىرىنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسىدەكلا بىلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، تېخىمۇ دىققەت بىلەن ‏ئوقۇساق، شائىرنىڭ ئۆزى تەۋە ماكانغا بولغان ئاستا لېكىن ئەلەملىك كىرىشىنىڭ‎‎ياتلىشىشقا ‏تولغان رىتىمىنى ھېس قىلالايمىز.
مەغلۇپ بولغان قاتار يېزىلار
ئۈمدنى ئۈزگەن يالغۇز شەھەرلەر
تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ.
ئادەم ئادەم ئۆلتۈرىدۇ،
ئادەم ھەم ئۆلتۈرىلىدۇ،
بىراق، جەنۇب ئوخشىمايدۇ.
»جەنۇبقا سەپەر»‏
جەنۇبقا ئىچكىرىلەپ كىرىش شائىرنىڭ ئۆزى تەۋە بوشلۇققا ئەمەس بەلكى ئۆزىگە تەدرىجىي ‏ناتونۇشلىشىۋاتقان بوشلۇققا‎‎كىرىشىدۇر. سەپەر جەريانىدا ئېچىلىپ ماڭىدىغان ناتونۇش ئىماگلار ‏سەۋەبىدىن تەدرىجىي كۈچىيىدىغان كۆڭۈلسىز ۋە ئەرۋاھسىمان تەسىراتلار چىداپ بولغۇسىز ۋەھىمىنى ‏ۋە ئازابنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ھەم ئاستا ھەم ئۈمىدسىز سەپەرنى يەنە بىر نۇقتىدىن ئاداققى پارلاشقا يېقىنلىشىۋاتقان روھنىڭ تەدرىجىي ساپلىشىشىغا تەققاس قىلىشقىمۇ بولىدۇ (مانا مۇشۇ يەردە ئۆلۈم ‏ئۇقۇمى دىققىتىمىزگە بۆسۈپ كىرىدۇ، چۈنكى روھنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇكەممەللىككە يېتىشى ‏مانا مۇشۇ بوسۇغىدىن ئۆتۈشكە بۇيرۇلىدۇ. بۇنى تۆۋەندە سۆزلەيمىز). ۋەھالەنكى، پۈتكۈل سەپەرنىڭ ‏يۆنىلىشى ئادەمگە تەتۈرگە يېنىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، خۇددى تاھىر جەنۇبقا بارماستىن ئەكسىچە ‏ئۇنىڭغا بېرىش يولىدا ئۇنىڭدىن ھېچكىمگە تۇيدۇرماي قايتىۋاتقاندەك.
سەرسانلىقتىن قايتماقچى بولغان شائىر سەرسانلىقىدىن ھەرگىز قايتالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ‏يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ‎‎ماكانىدىن ئايرىلغان ۋە دىلى «ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ھىجران ئازابى» دا ‏يارىلانغان شائىر سەرسانلىقىدىن قايتماقچى بولغىنىدا، ئۆزىنى يېڭى سەرسانلىق ئىچىدە كۆرىدۇ ۋە سەرسانلىقتىن قايتىشنىڭ ئەمدى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. تېخىمۇ تراگېدىيىلىكى‎‎شۇكى، ‏سەرسانلىقتىن ئايرىلىپ ئەسلىدىكى شادىمانلىققا، ئۇنتۇشقا ۋە پەرۋاسىزلىققا قايتىشقا بولغان ناتىۋان ‏ئىستەك ئۆزىنى زوراۋانلىقنىڭ سايىسى ئاستىدا كۆرىدۇ.  شۇنىڭدەك، شائىرنىڭ ئەسلىمىسىدىكى ‏ئەسلىلىك بىلەن ئۇ قايتىشنى ئىستەۋاتقان‎‎ ئەسلىلىكنىڭ بىر بىرىدىن تەدرىجىي شۇنداقلا ئەسلىگە ‏كەلتۈرگۈسىز تەرىزدە ياتلىشىشى ئۆلۈمنىڭ سوغۇق تەھلىكىسىدە تراگېدىيىلىك يۈكسىلىشكە ‏ئېرىشىدۇ.
»ئۆلۈم» شېئىرنىڭ مەنە بوشلۇقىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىدۇر. ئۆلۈم ئىنسانلار سەنئەتتە ئىپادىلىگەن تېماتىكىلار ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي شۇنداقلا ئەڭ مۇرەككەپلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇڭ ‏ئېيتقان «ئەسلى تىپ» لىق تەجرىبىگە كىرىدۇ. مەزكۇر شېئىردا ئىپادىلەنگەن ئۆلۈم ھادىسىسى دەل ‏ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان «ئەسلى تىپ» لىق تەجرىبىدۇر. شائىرنىڭ بۇ شېئىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ‏ئىپادىلەشنى ئىزدەۋاتقان ۋە قەدىمكى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ ئەسلىلىك سۈپىتىدىكى ‏تەجرىبىسىنىڭ شولىسىنى كۆرەلەيمىز. ئادەم ئۆزى ئەسلى تەۋە بولغان يەردە ئۆزىنى بىخەتەر ۋە ‏غەم-غۇسسىسىز ھېس قىلىدۇ-لېكىن بۇ پەقەت بالىياتقۇدىكى بوۋاقتىلا ھەقىقىي مەۋجۇتتۇر. بالىياتقۇ ‏خاتىرجەم ماكاننىڭ ئەسلى تىپلىق سىمۋولىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ ‏پىسخولوگىيىلىك يىلتىزىنى دەل ئادەمنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتىدا بەھرىمەن بولغان خاتىرجەملىكى ۋە‏ بىغۇبارلىقىغا سۈرۈش كېرەك. مانا بۇ تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ تىرەن پسىخولوگىيىلىك مەنبەسىدۇر. ‏شۇڭلاشقا ئادەمنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە ئۆزىنى خاتىرجەملىك ھېس قىلىشىنى ئۇنىڭ ‏بالىياتقۇدىكى خاتىرجەملىكىنىڭ ئاڭسىز ھېس قىلىنىشى دېيىش مۇمكىنئادەمنىڭ ئۆزى تەۋە ‏بولغان جاي بىلەن ئانىسىنى ئاڭسىز ھالدا باغلىۋېلىشىنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ، ئۇ ‏ئىنساننىڭ ئۆزى ئەسلىدىن تەۋە بولغان جايغا-ئانىنىڭ ئىللىق باغرىغا-يەنى بالىياتقۇغا-قايتىشقا ‏بولغان ناتىۋان ئىستىكىنى كۆرسىتىدۇئادەمنىڭ ئەسلى تەۋە يېرىگە قايتىپ، شادىمانلىققا ۋە ‏خاتىرجەملىككە ئېرىشىشكە بولغان ئاڭسىز ئىستىكى ماھىيەتتە ئۇنىڭ بالىياتقۇدىكى ئەسلى ‏خاتىرجەملىككە قايتىشقا بولغان ئاڭسىز ئىنتىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى ھەم ئىنكاسىدۇر. شۇنداقتىمۇ ‏ئادەمنىڭ بالىياتقۇغا قايتىشى مۇمكىن بولمىغاچقا، ئۇ كۈچلۈك ئىزتىراپلىق تۇيغۇسىدا قىينىلىدۇ ۋە ‏ئۇنى فىزىكىلىق تەۋەلىك بوشلۇقىغا چىڭ يېپىشىش ۋە ئۇنىڭغا قايتىشقا قارىتا كۈچلۈك ئىستەكنى ‏ئىپادىلەش ئارقىلىق يوقاتماقچى، تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، تولۇقلىماقچى بولىدۇ. ئادەم ‏ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي ھەم فۇندامېنتال ئىستىكى بولغان بالىياتقۇغا قايتىشنى ئۆزى تەۋە بولغان ‏فىزىكىلىق بوشلۇققا تەۋە بولۇش ئىستىكى بىلەن ئالماشتۇرۇۋېلىشقا مايىل كېلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ‏ئېيتقاندا، ئۆزى تەۋە فىزىكىلىق ماكانغا قايتىشقا بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستەك ماھىيەتتە ‏ئادەمنىڭ ئۆزى بىر ۋاقىتلاردا ياتقان بالىياتقۇغا قايتىشقا بولغان مۇمكىنسىز ئىستىكىنىڭ ئاڭسىز‏ قاندۇرۇلۇشىدۇر.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ئىككى خىل ئىستەك، يەنى ئىنساندىكى ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ‏بالىياتقۇسىغا قايتىشقا بولغان ئاڭسىز ئىستەك بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى تەۋە فىزىكىلىق بوشلۇققا قايتىشقا ‏بولغان توسۇۋالغۇسىز ئىستەك، تېگى تېگىدىن ئالغاندا مۇنۇ ئورتاق پسىخىك خاھىش ئۈستىگە ‏قۇرۇلغان: ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدىغان تەشۋىشتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇش. يۇقىرىقى ئىككى ئىستەك ‏ئادەمنىڭ ئەسلىدە ئانىسىغا ئۇنىڭ بالىياتقۇسىدا خۇددى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەۋە بولۇشىدىن ئايرىلىپ تۇغۇلۇشى، يەنى مەلۇم فىزىكىلىق بوشلۇققا تەۋەللۇت بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ‏مەنبەدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە پانىي دۇنيادا ياشاپ قېلىشتەك ھالەتنى ئىنكار قىلىشقا بولغان ‏يوشۇرۇن ئىستەكنىڭ ئىنكاسىدۇر. چۈنكى تۇغۇلۇش ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلىنىشىنىڭ باشلىنىشى ‏بولغاچقا، يۇقىرىقى ئىككى ئىستەك ماھىيەتتە ئادەمنىڭ ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭ ۋەھىمىسىدىن قېچىش ‏ئارزۇسىدىن كېلىپ چىققان پسىخىك قوغدىنىش مېخانىزمىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاقىتچانلىق نۇقتىسىدىن ‏ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە ئەمەس بەلكى ئۆتمۈشكە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنى ‏ئېچىپ بېرىدۇ، چۈنكى كەلگۈسىنىڭ ئۇپۇقلىرىغا ئۆلۈم ۋە ئۇنتۇلۇش يوشۇرۇنغان بولغان، ئۆتمۈشنىڭ قىرغاقلىرىدا تۇغۇم ۋە ئەسلىمە سويلاپ ياتىدۇ-ئالدىنقىسى تەشۋىشنى ئېلىپ كەلسە، كېيىنكىسى ‏ئارامبەخشلىك ۋە خاتىرجەملىكىنى ئاتا قىلىدۇ. بالىياتقۇغا قايتىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەسلى ‏تەۋەلىككە قايتىش ئىستىكى دەل كەلگۈسىدىن يىراقلىشپ-كەلگۈسىدە ساقلاپ تۇرغان ئۆلۈمدىن ‏يىراقلىشىپ-ئۆتمۈشنىڭ تىمتاس قوينىغا قايتىشقا بولغان ئاڭسىز‎‎ئىستەكلەردۇر.
تاھىرنىڭ شېئىرىدا كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن ئۆلۈم ھادىسىسىنى يۇقىرىقى ‏تەھلىلىمىزگە كۆرە شائىرنىڭ تۇغۇلۇش ئېلىپ كەلگەن تىرەن ۋە يوقالماس ۋەھىمىگە بولغان ‏ئىزتىراپلىق تۇيغۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشى دېيىش مۇمكىن. ئۇ بىر بىرىگە باغلانغان شۇنداقلا مەلۇم ‏نۇقتىدا بىر بىرى بىلەن كېسىشىپ كېتىدىغان قوش يونىلىشلىك سەپەردە يوشۇرۇن شۇڭا ئاڭسىز ئىپادە ‏قىلىنغان: ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن سەپىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش سەپىرى. ‏ئالدىنقىسىنى ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ساقلانغۇسىز ئاقىۋىتى دېسەك، كېيىنكىسىنى سەرسانلىق ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەۋەلىك سۈپىتىدىكى فىزىكىلىق بوشلۇققا قېچىش ‏دېيىش مۇمكىن.
ئۆلۈم قەدىمدىن بۇيان ھەرقايسى كۇلتۇرلاردا ئادەتتە ئىنسان مۇتلەق يوسۇندا يۈزلىنىشى كېرەك ‏بولغان لېكىن ئىنسان ئۆز پانىيلىقىدا مەڭگۈ بىلەلمەيدىغان سەپەر-ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن ‏كېيىن ئېھتىمال ئاللىقاياقلارغىدۇر باشلىنىدىغان سەپەر-سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ. ئۆلۈم ئىنسان ‏ھاياتىدىكى بارلىق سەپەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ئەڭ سىرلىق سەپەردۇر. بۇ ھادىسە ‏ئۇيغۇر كۇلتۇرىدا»ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ ‏بىلىك»‏ دېگەن ئەسىرىدە ئۆلۈم مۇنداق ئىپادىلەنگەن:
كارۋانغا ئوخشار بۇ ئادەم ئوغلانى،
تۇرالمايدۇ مەنزىلدە، مەنزىل قېنى؟ (قۇتادغۇ بىلىك، 1386-بىيىت)
كۈنى بىر مېڭىم ئۇ، تۈنى بىر مېڭىم،
ئۆلۈمگە ئاپىرار قۇرۇتۇپ ئوڭىم. (قۇتادغۇ بىلىك، 1389-بىيىت(
جاھان بىر قونالغۇ، گورۇڭ بىر توشۇن،
قوپساڭ بۇ توشۇندىن توشۇن ئۇ ئاجۇن. (قۇتادغۇ بىلىك، 1390-بىيىت(
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ئۆلۈمنى ئىنساننىڭ بىلىشىدىن ‏ھالقىغان مېتافىزىكىلىق ھادىسە سۈپىتىدە قارىغان بۇنىڭدا ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەن قارارسىز لېكىن ‏مۇقەررەر ھادىسە بولغان ئۆلۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھايات جەريانىدا سەپەر قىلىشقا قالغان-بۇ دەل ‏ئۆلۈمگە قىلىنىدىغان سەپەردۇر. ھاياتنىڭ قارارسىزلىقى ماھىيەتتە ئۆلۈمنىڭ قارارسىزلىقىنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. ئۆلۈم ئۆزىدە بىر خىل تەقدىرچىلىك نوپۇزىنى يوشۇرۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەمنىڭ بۇ ‏دۇنيادىكى ئېگىز-پەسلىككە ۋە خېيىم-خەتەرگە تولغان ھاياتىنى بىر نىشانسىز سەيياھنىڭ سەپىرىگە ‏ئايلاندۇرغان: بۇ پانىي دۇنيادا ياشاشنىڭ قارارى)ئىرادىسى) دەل پۈتكۈل قارارلارنىڭ يوقىلىشىغا ‏يۈزلىنىشنى ئاللىبۇرۇن قارار قىلغان پۈتكۈل سەپەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارگاھى دەل ئۆلۈمدۇر.
‏ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىغا بىر خىل نىشانسىزلىق ۋە ھەتتا تاركىيدۇنياچىلىق تەركىبلىرى ‏ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت ئۆلۈملا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىق نىشانغا ۋە تەۋەلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆلۈم بىر خىل يوشۇرۇن، سىرلىق ھەم ‏ئاداققى تەۋەلىكتىن دالالەت بېرىدۇ. تاھىرنىڭ شېئىرىدا ئىپادىلەنگىنى دەل يۇقىرىقى كوللېكتىپ ‏ئاڭسىزلىق سۈپىتىدىكى ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ ئۇيغۇر كۇلتۇرىغا تەۋە بولغان قىسىملىرىنىڭ ئىنتايىن ‏ئاجىز لېكىن سېزىلەرلىك تۈستە ئىپادىلىنىشىدۇر بۇنىڭدا تاھىر ئەسلى تەۋەلىكنى فىزىكىلىق بوشلۇق ‏سۈپىتىدە قاراشتەك ئۇنىۋېرسال كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق بىلەن ئۇنى ئۇيغۇر كۇلتۇرىنىڭ كوللېكتىپ ‏ئاڭسىزلىقىدىكى بىر خىل ھەم ئەسلى ھەم ھەقىقىي بولغان تەۋەلىك دەپ قاراشتىن ئىبارەت ‏مەرەككەپ بىرىكىش ھەم ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتىدە يوشۇرۇن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ‏بىلەن بىرت ۋاقىتتا ئۇ يۇقىرىقى ئىككى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق قاتلىمى ئالدىدا چوڭقۇر تېڭىرقاش ‎‎ھېس قىلىدۇ: بۇ تېڭىرقاش ئۆز كۇلتۇرىنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىىدا ئەكس ئېتىدىغان‏ ئۆلۈمنى ‏مۇتلەق مېتافىزىكىلىق زۆرۈرىيەت سۈپىتىدىكى ئەسلى تەۋەلىك سۈپىتىدە تاللاش بىلەن ئۇنىڭدىن ‏ئايرىلىپ تۇرۇشى كېرەك بولغان پانىيلىقتىكى (فىزىكىلىق بوشلۇق‎‎سۈپىتىدىكى) ئەسلى تەۋەلىككە ‏قايتىش ئارقىلىق بالىياتقۇغا قايتىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمىنى ‏يېڭىش-ئۆلۈمنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇش-ئوتتۇرىسىدىكى تېڭىرقاشتۇر. بۇنىڭدا تاھىر ئۆزىنىڭ ‏كېيىنكى يۈزلىنىشكە كۆپرەك مايىللىقىنى ئىشارە قىلىدۇ.
خۇددى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، بالىياتقۇغا قايتىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئاڭسىز ھېس ‏قىلىقلىق شائىر بۇ يەردە تۇغۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈمگە سەپەر قىلىشنى ئۆز تەۋەلىكىگە ‏قايتىش ئارقىلىق ئاڭسىز ئىنكار قىلماقچى، ياكى ھېچ بولمىشغاندا ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان ۋەھىمىنى ‏يەڭگىللەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئەسلىلىككە قايتىش شۇڭا ئادەمنىڭ ئۆلۈمنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىشقا ‏بولغان ئاڭسىز ئىنتىلىشىدۇر. شېئىردا يېزىلغانى دەل بۇ خىل ئىنتىلىشنىڭ ئاڭلىقلاشتۇرۇلۇشى-يەنى ‏شېئىرلاشتۇرۇلۇشىدۇر.
ئۆلۈمنىڭ شېئىرنىڭ رېتىمىغا تۇيۇقسىز قىستۇرۇلۇشىدەك زىلزىلىسى شېئىرغا يېڭى تەرتىپ ئېلىپ كېلىدۇ ‏ياكى تېخىمۇ‎‎توغرىراقىنى ئېيتقاندا شېئىرنىڭ ئەسلىدىكى تەرتىپىنى بۇزۇۋېتىپ، تەرتىپسىزلىشىشنىڭ ئىچكى تەرتىپىنى بەرپا قىلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ شېئىرغا سىغدىلىپ كىرىشى شائىر ‏ئىزدەۋاتقان ئەسلىلىككە-ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش سەپىرىنىڭ روي بېرىشىنى يوقلۇققا ‏يۈزلەندۈرىدۇ: ئۆلۈم بۇ يەردە مەۋجۇداتنىڭ ئاددىيلا ھالدا يوقلۇققا‏ ئايلىنىشىنى كۆرسەتمەستىن ‏بەلكى يوقلۇق ئېلىپ ئېلىدىغان ياكى ئۇ تەرىپىدىن بېشارەتلىنىدىغان ئاياغلىشىشنىڭ كۆز ‏ئالدىمىزدىن يوقالماي تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇئەلۋەتتە، ئەپلاتون ئۈچۈن ئۆلۈم پانىي ھەم سەزگۈلۈك ‏ئالەمدىن ئەسلىلىك ئالىمىغا ھالقىشتىكى زۆرۈر باسقۇچتۇر. ئۇ ئادەمنى تەننىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد ‏قىلىپ مەڭگۈلۈككە قايتۇرىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە ئىپادە قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم ئەسلىلىك بىلەن ئۇنىڭغا قايتقۇچى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان نامسىز، ۋەيران قىلغۇچ ۋە تەرتىپسىزلىگۈچى كۈچنىڭ يۈز ‏بېرىشىدۇر. دەل مانا مۇشۇ كۈچ شائىر ئۆز ئەسلىگە قايتىشىدا تايانماقچى‏ بولغان ھەممە ‏مۇمكىنچىلىكلەرنى مۇمكىنسىز قىلىدۇ.
ئۆلۈم خۇددى گېرمان پەيلاسوپى مارتىن ھايدېگگېر ئېيتقاندەك ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتكۈل ‏مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ ‎‎مۇمكىنسىزلىككە ئايلىنىشىدۇر. ئەنە شۇ ئۆلۈمنىڭ شەپىسىنى تۇيۇش ‏مىنۇتلىرىدا شائىر ئۆزىنىڭ ئۇتوپىيىسىگە، يەنى «مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل يەر» ى بولغان ئەسلى ‏ماكانىغا، قايتىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ھېس قىلىشقا قالىدۇ. «بىراق»، شائىر بۇ يەردە يەنە‎‎ئۆلۈمنىڭ ئۇ قېتىدا ئۆزىنى غىل-پال ئايان قىلىپ تۇرىدىغان «غۇۋا» بوشلۇقنى تۇيغۇسىدىن ‏قاچۇرىۋەتمەيدۇ: بۇ بوشلۇق «غۇۋا چىراي بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ»‏ يەنە «ئۇزىتىپ» ‏قويىدىغان «جەنۇب» تۇر:
بىراق جەنۇب ئوخشىمايدۇ.
ئۇ غۇۋا چىراي بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ،
ئاندىن ئۇزىتىپ قويىدۇ
»جەنۇبقا سەپەر«
مەزكۇر كونتېكىستتە دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدىغىنى «بىراق» سۆزىدۇر. گرامماتىكىلىق فۇنكسىيە ‏نۇقتىسىدىن چىقىپ‎‎ئويلىغىنىمىزدا، «بىراق» سۆزى ئادەتتە ئالدىنقى بۆلەك بىلەن كېيىنكى بۆلەكنىڭ ‏مەنە جەھەتتىن بىر بىرى بىلەن قارىمۇ قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ. ئۇشبۇ سۆز شېئىردا قارىماققا ‏ئۆلۈم تۇيغۇسى بىلەن «جەنۇب» ئىماگى ئوتتۇرىسىدىكى سۇ بۆلگۈچ نۇقتىدەك بىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا ‏شائىر ئۆلۈمنىڭ ئۇ قېتىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھاياتلىقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ‏ۋەھالەنكى، تېكىستنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوقۇساق شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، شائىرنىڭ ئۆلۈمنىڭ ‏سىرلىق بېشارىتى بىلەن ئاستا-ئاستا ياتلىشىۋاتقان ئەسلىلىك ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ قېلىشىدەك بىر بىرى ‏بىلەن كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ھالىتى مانا مۇشۇ سۆزنىڭ قوللىنىلىشىدا يورۇتۇلۇپ بېرىلگەن. ‏ئۆلۈمنىڭ سىرتىدىكى سەرسانلىق ۋە ئەسلىلىك ئىچىدىكى ناتونۇشلۇق ئوتتۇرىسىدا لەيلەپ قالغان شائىر دەل مانا مۇشۇ سۆزدە ئۆزىنىڭ ئەسلى تەۋەلىككە قايتىش يولىدا ئەڭ ئاخىرىدا‏ تەۋەسىز ‏قېلىشىنى ئايان قىلىدۇ.
ئەمدى «قەشقەرگە قايتىش» شېئىرىغا قايتايلى. بۇ شېئىر ئالدىنقى شېئىرغا قارىغاندا تۇيغۇ ‏قاتلاملىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىپادىلەش رېتىمىدىكى دەللىك ۋە تېزلىك، ئىماگلارنىڭ ئەركىن ‏مۇناسىۋەتلىشىشىدە بارلىققا كېلىدىغان مەنە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشچانلىق بىلەن، تېخىمۇ مۇرەككەپ ‏شېئىرىي بوشلۇقنى ئۆزىدە نامايان قىلغان. بولۇپمۇ شېئىردىكى تۇيغۇ رىتىمىنىڭ تېزلىكى خۇددى ‏تەشۋىشتە قالغان ئادەمنىڭ نەپىسىدەك ئۈزۈك-ئۈزۈك ۋە تېز-تېز چىققان. شېئىر شائىرنىڭ تەشۋىشكە تولغان نەپىسىنىڭ خاتىرىلىنىشىگە ئايلانغان. شۇنداقلا، ئەگەر ئالدىنقى شېئىر شائىرنىڭ ئەسلىلىك ‏بىلەن ياتلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەۋەسىزلىنىشىنى سۆزلىسە، كېيىنكىسى شائىرنىڭ ‏ئەسلى تەۋەلىكتىكى تەۋەسىزلىكىنى سۆزلەيدۇ. لېكىن، ھەر ئىككى‎‎شېئىر قارىماققا بىزنىڭ ئەسلى ‏تەۋەلىكتىن چىقىش، سەرسانلىق ۋە ئاخىرىدا ئەسلى تەۋەلىككە قايتىشتىن ئىبارەت بىز ئالدىنئالا ‏تەييارلىۋالغان مودېلىمىزنى قوللايدۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ خىل مودېلنىڭ ياكى ‏ئىپتىدائىي موتىفنىڭ بىزگە ئايان قىلىدىغىنى مەنبەگە، ئوخشاشلىققا (ېوخشاش كۈملۈككە) ۋە ‏ئىپتىدا بىرلىككە قايتىپ، ئەسلىدىكى شادىمانلىققا، خاتىرجەملىككە ۋە نىجادلىققا ئېرىشىشتۇر. ‏لېكىن،«قەشقەرگە قايتىش» شېئىرىدىن بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز ئەسلىلىكتە يېڭىۋاشتىن باشلانغان تېخىمۇ تىرەن سەرسانلىق ۋە ئەسلىلىككە قايتىشنىڭ ئەسلىلىك ئىچىدىكى مۇمكىنسىزلىكىدۇر.
قەشقەرنىڭ سىرلىق ۋە ناتونۇش تۇرقىغا قاراپ
ئۈلۇغۋار ئاخشاملارنىڭ ۋەھىمىسىدىن تېنىم شۈركىنەر.
»قەشقەرگە قايتىش«
شېئىردىن شۇ نەرسە ئايانكى، قەشقەر تارىخنىڭ سىمۋوللاشقان گەۋدىسى شائىر مانا مۇشۇ ئېزىتقۇ ‏قەسىردەك شەھەردە لەيلەپ يۈرىدۇ ۋە يوقاتقان چۈشلىرىنى ئىزدەيدۇ. قەشقەر تارىخ سۆزلەيدۇ ۋە ‏تارىختا سۆزلىنىدۇ. قەشقەردە شائىر بىر ۋاقىتلاردا ئۆزىگە تەۋە ۋە ئۆزى تەۋە بولغان نەرسىلەر بىلەن ‏قايتىدىن بىرلىشىشنى جان جەھلى بىلەن ئىزدەيدۇ. لېكىن، ئۇ شۇنى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ‏بايقايدۇكى، نىچې ئېيتقان «ئىپتىدا بىرلىك» ئۇ يەردە يوقالغانىدى. تاھىر ئۆزىنىڭ ياقا يۇرتلاردىكى ‏سەرسانلىقىنى‎‎ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۇتوپىيىسىدە سەرسانلىقتا كۆرىدۇ . ‏ئۇ سەرسانلىقتىن سەرسانلىققا سوزۇلغان قاينامدا قالىدۇ، خۇددى نىچې ئېيتقان «مەۋجۇتلۇقنىڭ ‏قاينىمى» دا قالغاندەك‏:
كۆك كۆۋرۈك ۋە كۆكتات بازىرى خىرە يادىمدا،
سۆڭەكسىز مەخلۇقتەك ياتتىم سوزۇلۇپ،
قورسىقىم ئاچ، چىرايىم قارا، قەلبىم قۇپقۇرۇق!
»قەشقەرگە قايتىش«
ئەمدى بىز قەشقەرنىڭ "پاكار ئاسمانلىرى" دىن ئۆتۈپ، تېكىستنىڭ مەركىزىگە --شائىرنىڭ بىزنىڭ ‏تەكەللۇپسىز بۆسۈپ‏‎‎كىرىشىمىزنى توسالمايدىغان قەلبىگە --بارىمىز. شائىر ئەڭ ئاخىرىدا، ئېھتىمال ‏خۇددى توماس ئېلىئوت ئىپادە قىلغان جەزىرىدە، چىدىغۇسىز تەنھالىق ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ياتلىشىشتا ئۆزىگە يالغۇز قالىدۇ، ئۆزىگە تاشلىۋېتىلىدۇ.
قەشقەر-قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى دەقىقە،
قۇياش يۈزىگە چاپلانغان قەغەز، مەڭگۈلۈك قارا سىياھ،
كونىرىغان، شەلۋەرىگەن يارا، بىچارە مۇھەببەت.
»قەشقەرگە قايتىش«
شائىرغا ئېھتىمال ئۇنىڭ ئۆزى ئەسلىلىكتە ياتلىشىپلا قالماستىن ئەسلىلىكمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىلىكىدە ‏ياتلاشقاندەك بىلىنىشى مۇمكىن. ئەسلىلىكنىڭ ئىچكى ياتلىشىشى شېئىرنىڭ تراگېدىيىلىك قاتلىمىنى ‏تېخىمۇ تېرەنلىككە يۈزلەندۈرىدۇ ئەپلاتون ئۆز پەلسەپىسىدە ئىپادە قىلغان مۇكەممەللىكنىڭ ‏سىمۋولى بولغان چەمبەرسىمان قايتىش ئۆزىدە ياتلاشقان شەھەردە ئۆزىگە تاشلىۋېتىلىپ ئۆزىدىن ‏ياتلاشقان شائىردا بۇزۇپ تاشلىنىدۇ: بۇ يەردە نە ئەسلىلىككە قايتىش، نە مۇكەممەللىك ئەمەس، ‏بەلكى‎‎كېسەلمەنلىكنىڭ ئىزناسى بولغان «شەلۋەرەش» لا قالىدۇ. زىتلىق مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسلىلىك ئىچىدە تۇرۇپ ئەسلىلىككە يېقىنلىشالماسلىق بىزنىڭ ئادەتتە «شەلۋەرىگەن» ‏يارىغا بولغان پوزىتسىيىمىزدە ھەم بىزنىڭ كېسەلمەنلىككە بولغان چوڭقۇر سەزگۈرچانلىقىمىزدا ‏ئىپادە قىلىنغان.
‏«قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغان دەقىقە» دە شائىر يىراقلىشىش بىلەن نىشانسىزلىققا تولغان ‏ھېسسىياتنىڭ قىينىشىدا ‎‎تىپىرلايدۇ. بىر-بىرى بىلەن قارىماققا ھېچقانداق لوگىكىلىق باغلىنىش ‏ياسىمايدىغان «قەشقەر»، «قۇياش»، «قارا سىياھ»، «يارا» قاتارلىق ئىماگلارنىڭ ئىنتايىن‏ ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر بىرىگە يانمۇ يان چاپلىنىشى شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا جىددىي تەۋرىنىۋاتقان ‏ئەسلىلىكنىڭ تېز سىزمىسىنى سىزىپ چىقىدۇ ھەمدە شائىرنى قاپساپ كېلىۋاتقان يېگانىلىق ‏تۇيغۇسىنىڭ شېئىردىكى ئىچكى رىتىملىشىشىنى ئايان قىلىدۇ لېكىن، بۇ ئىماگلار شۇنىڭ بىلەن بىر ‏ۋاقىتتا ئەسلىلىككە قارىتا ئەمدى بىر يەرگە ئەكىلىش ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ھەم تەدرىجىي ‏يوسۇندا پارە-پارە بولۇۋاتقان تۇيغۇنى، سېغىنىشنى ۋە ھېسسىياتنى ئاشكارا قىلىدۇ. ھەممە نەرسە ‏ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە ئۆزگەرگەن ھەم ئاخىرلاشقان مىنۇتتا شائىر خۇددى مۇھىم بىر ‏نەرسىنى دەپ قويۇشنى لايىق تاپقاندەك يەنە بىر قېتىم «بىراق» دەيدۇ:
بىراق، سىز_
شامالنى پوملاپ ئاسمانغا ئېتىپ،
ئاندىن ماڭا قاراپ قويدىڭىز،
خىيالىمىزدا تەڭگىدەك تۆشۈكتىن يامغۇر تامچىلار.
»قەشقەرگە قايتىش«
‏«بىراق» تۇيغۇمىزنى ئىككىنجى قېتىم چېكىدۇ، ھەمدە بىز كۈتمىگەن ) يېڭى) بوشلۇقنى ئاچىدۇ. ‏ئۇشبۇ سۆز شېئىردىن زوقلىنىشىمىزغا بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىدۇ ۋە بىزنى ھەيرانلىقنىڭ سېھرىگە ‏چۆمۈلدۈرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ شېئىرنى ئىجادىي‎‎ئوقۇشىمىزنى كۆپ خىل مۇمكىنچىلىك بىلەن ‏تەمىنلەيدۇ، گەرچە ئۇلار بەزىدە بىر- بىرى بىلەن قارىمۇ قارشى مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ. ئەگەر «جەنۇبقا ‏سەپەر» دە ئۇشبۇ سۆز شائىر ئەڭ ئاخىرىدا تەۋە بولالىشى مۇمكىن بولغان بوشلۇقنى، يەنى ئۆلۈمدىن ‏يىراق بولغان ھەم تەۋەلىككە تەۋە بولالمىغان زىددىيەتلىك بوشلۇقنى، ئىشارە قىلسا، بۇ يەردە ‏ھەممە نەرسە ئاخىرلاشقاندا قېپ قالىدىغان قۇپقۇرۇقلۇقتا ئادەم تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالىدىغان ‏ئۆزگە «سىز» بىلەن بولىدىغان خىيالىي تونۇشلۇقنى ۋە بىر-بىرىگە‎‎ تىكىلگىنىچە بىر-بىرىدىن يوشۇرۇن ‏ۋە جىممىدە ئىسەدەشنى ئايان قىلىدۇ. تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتقاندا، ئۇشبۇ سۆز شائىرغا باشپاناھ ‏بولالايدىغان ئاخىرقى مۇمكىنچىلىكنى بىزگە بايان قىلىدۇ. بۇ مۇمكىنچىلىك شائىرنىڭ ‏قەشقەرگە-ئۆزىنىڭ قالغانلىقىنىڭ ئەسلىلىكىگە‏-‏- قايتىشتىن ئۆزىنىڭ ئەسلىلىكىگە-قەلبىگە-قايتىشقا ‏ئىقرارنامىسىدۇر. ئۇنداقتا شائىر زادى قەيەرگە تەۋە؟
س. ئەسلىلىكتىن تېكىستنىڭ ئەسلىلىكىگىچە: شائىرنىڭ تەۋەلىكى
ماقالىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىزنىڭ شەرھ خىزمىتىمىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ‏شائىرنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشتۇر. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، تاھىرنىڭ بۇ ئىككى شېئىرىدا ‏ئەسلىلىكتىن چىقىش، سەرسانلىق ۋە ئەسلىگە قايتىشقا بولغان جەرياننىڭ ھېسسىيات تارىخى ‏سۆزلىنىدۇ. لېكىن، بۇ شېئىرلاردا ئەسلىگە قايتىش ھەزگىزمۇ ئىلگىرى يىتتۈرگەن شادىمانلىققا قايتا ‏ئېرىشىشنى ئەمەس بەلكى يېڭى يوقىتىشنى، يەنى ئۆزى تەۋە بولغان ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان ‏ئەسلىلىكتە‎‎ياتلىشىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى يوقىتىشنى، كۆرسىتىدۇ. ئەمدىلىكتە ئەسلىلىكنى ئىزدەش جەريانىدا يېڭىۋاشتىن ماكانسىزلىشىشقا قالغان شائىرنىڭ قەيەرگە تەۋەلىكى نۆۋەتتىكى تەھلىلىمىزدىكى تەخىرسىز مەسىلىدۇر.
‏«قەشقەرگە قايتىش» تا شائىر ئۆزىنىڭ چۈشكە ئوخشايدىغان ئۇتوپىيىسى، يەنى قەشقەر، بىلەن ‏بولغان رومانتىك يېقىنلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك يوقالغانلىقىنى تەن ئالىدۇ. تاھىر قەدىمقى گرېك تىلىدا ‏‏«مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل يەر»  دېگەن مەنىنى بىلدۈرىغان ئۇتوپىيىدىن كەلگەن ۋە يەنە شۇ يەرگە ‏قايتىشنى ئىزدەيدۇدېمەك شائىر ھېچ يەردىن كەلمىگەن ۋە ھېچ يەرگە كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇ ‏‏«مەۋجۇت بولمىغان‏ گۈزەل يەر» گە تەۋەدۇر. شۇنى دېيىش مۇمكىنكى، شائىر مەلۇم نەرسىگە، جايغا ‏ھەم ئادەمگە تەۋە ئەمەس ھەم تەۋە بولالمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىگىلا، ئۆزىنىڭ ئىچكىيلىكىگىلا، يەنى ‏ئادەمنى ئىزتىراپقا سالىدىغان دەرىجىدە قۇپقۇرۇق بولغان ئىچكىلىكىگىلا، تەۋەدۇر. مانا مۇشۇ تەۋەلىكتىن شېئىر دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا، مانا مۇشۇ تەۋەلىكتە شېئىر ئۆزىنىڭ تەۋەللۇتىنى ئالەمگە جاكارلايدۇ.
تاھىر بۇ شېئىرلىرىدا بىزگە ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ جىددىيلىكنى ناھايىتى ‏سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەيدۇ: بۇ بىزگە ئۆزىگە تەۋە بولۇشقا قالغان ئادەمنىڭ يەنە توختاۋسىز ‏يوسۇندا ئۆزى تەۋە ھەم‏ ئۆزىگە تەۋە ئەسلىيلىكنى ئىزدەشكە ئۇرۇنۇشتەك مەخپىيىتىنى سۆزلەيدۇ. ‏شائىر تاشلىۋېتىلىش تەقدىرىگە پاتقىنىدا، قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقان قۇپقۇرۇقلۇقنى ھېس قىلىدۇ. ‏ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەۋەلىك تۇيغۇسى بىلەن قالىدۇ: ئۇ قەلبىدە ئۆزىدىن ئۆزىگە سەرسان بولغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن، يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلى «ئىپتىدا بىرلىكى» دە ئۆزى بىلەن ‏شادىمان بىللە بولۇشتىن، ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ قالغان. ئۇنىڭ قەلبى ھەر زامان ئارامسىزلىققا ‏تولغان--ئۇنىڭ قەلبى يارىلانغان ۋە قانىغان. ئۇنىڭ قەلبى، پەقەت ئۇنىڭ قەلبىلا ئۇنىڭغا، ئۇ ئەنە ‏شۇ يېگانە قەلبىگىلا تەۋەدۇر.
تاھىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادە قىلىنغان تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ ‏قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەۋجۇتلۇق موتىفىمىز بولغان ئۆيدىن ‏ئايرىلىش-سەرسانلىق-ئۆيگە قايتىشنىڭ بۇگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىن ‏تەدرىجىي يىتىشىگە بولغان تەشۋىشكە قايتۇرۇلغان ئاڭسىز ئىنكاسنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن. ‏شائىر ‎‎شېئىرلىرىدا ئەسلى بىرلىكنى، شادىمان تىمتاسلىقنى ۋە تارىختىن ئىلگىرى تۇرىدىغان خۇشلۇقنى ‏ئاڭسىز سېغىنىدۇ، ئۇنى ئىزلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شائىر ئەسلىلىككە تەۋە بولۇشنى ‏تۇيۇشنى بارغانسېرى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ھازىرقى زامان‎‎ئادەملىرىدە مەۋجۇت بولغان روھىي ‏سەرسانلىقنى شېئىرنىڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىدا ئايان قىلىدۇ. يەنى شائىر ئەسلىلىككە تەۋە بولۇشتىن ‏ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ يېگانە مەۋجۇتلۇقىغا تەۋە بولۇشقا قالغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە تاشلىۋېتىلىشى ئېلىپ ‏كەلگەن تۈرلۈك ‎‎مەسىلىلەرگە دىققىتىنى بېرىدۇ.
تاھىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئايان بولىدىغان ئەمدىكى تەۋەلىك دەل ئەسلىلىكتىن ياتلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يېڭى تەۋەلىك، يەنى ئۆزىگە-ئۆزىنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ قەلبىدىلا-تەۋە بولۇشتۇر. شائىرنىڭ تەرەددۇتلىنىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ ‏سىرتىغا جايلاشقان ئەپلاتونچە غايىۋى دۇنيا ياكى ئەسلى ماكانغا قايتىشنى ئىزدەش ئەمەس، بەلكى ‏باشقا ھەممە ئىزدەشلەرنىڭ بىھۇدىلىقى ئايان بولغاندىن كېيىنكى ئاخىرقى ۋە ئەجەللىك ئىزدەش: ‏ئۆزىنى ئۆزىنىڭ قەلبىنىڭ تىرەنلىرىدىن ئىزدەش. بۇنىڭدا شائىر قەلبىنىڭ سىرتىدىكى ئەمەس بەلكى ‏قەلبىنىڭ ئىچكىرىدە يوشۇرۇنغان ئەسلى تەۋەلىككە يۈزلىنىدۇ. بۇ يۈزلىنىشتە شېئىر كېلىشتۈرگىچىلىك ‏رولىنى ئوينايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىگە يۈزلىنىشكە قالغان شائىر ئۈچۈن پەقەت بىرلا يول بار، ‏يەنى ئۇ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىقلا يۈزلىنەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ‏ئايان قىلالايدۇ. شائىر‎‎شېئىرلىرىدىلا ئۆزى ئىزدەۋاتقان خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيدۇ. شېئىر-شائىر ‏تەۋە بولالايدىغان ماكاندۇر.
د. خۇلاسە
بىزنىڭ مەزكۇر ماقالىدا ئېلىپ بارغان خىزمىتىمىز شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ «جەنۇبقا سەپەر» ۋە ‏‏«قەشقەرگە قايتىش» دېگەن ئىككى‏ پارچە شېئىرىنى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق شەكلىدىكى موتىف ‏بولغان ئۆيدىن ئايرىلىش-سەرسانلىق-ئۆيگە قايتىش مودېلى بويىچە ئىجادىي ئوقۇپ چىقىشتۇر. ‏گەرچە شائىرنىڭ بۇ شېئىرلىرىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلما يۇقىرىدىكى مودېلنى قوللىسىمۇ، لېكىن شېئىردىكى ئىچكى يۈزلىنىش ئېلىپ كەلگەن كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق بىزگە بىز يۇقىرىدىكى مودېل ‏بىلەنلا ھەل قىلالمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ شېئىرلاردا ‏ئىپادىلەنگىنى ئىلگىرىكى سەرسانلىقنىڭ ئاخىرلىشىپ ئەسلى تەرتىپنىڭ، يەنى ئەسلىدىكى ‏خاتىرجەملىكنىڭ ۋە بىغۇبارلىقنىڭ، ئورنىتىلىشى ئەمەس بەلكى يېڭى تەرتىپسىزلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ‏جون مىلتون ئۆزىنىڭ «يوقالغان جەننەت»‏ دېگەن ئەسىرىدە ئىپادىلىگەن ھازىرقى زامان ‏ئادەملىرىگە ئورتاق بولغان مۇنۇ تراگېدىيىلىك ئاقىۋەت، يەنى ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بولغان ‏ئەسلىلىكىدىن ياتلىشىشى‎‎نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تۈرلۈك تەشۋىش، ئىزتىراپ ۋە ‏يېگانىلىق تۇيغۇسى، ئۇشبۇ شېئىرلاردىكى مەنە قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلغان. تاھىرنىڭ شېئىرلىرى بىزگە مىلتونچە «يوقالغان جەننەت» ھېسسىنى سۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ ئەپسانىلەر دەۋرىدىن ‏قالغان ئۇتوپىيە چۈشىمىزگە ۋە كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىمىز بولغان ئەسلى ماكانغا قايتىشقا بولغان ‏ناتىۋانلارچە ئۇرۇنۇشىمىزغا يوشۇرۇن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىدۇ تاھىرنىڭ شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلىش دەل ‏مۇشۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكىدەك زىتلىقتىن خالىي بولالمايدىغانلىقى ئاشكارا قىلىدۇ: ئۆزىنىڭ ‏ئەسلىلىكىگە تەۋە بولۇش تۇيغۇسىدىن، ئۇتوپىيىلىك چۈشىدىن ۋە ئىپتىدائىي سەزگۈسىدىن ‏تەدرىجىي يوسۇندا ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئادەمنىڭ قەلبىنى شېئىرىي تېكىست شەكلىدە چۈشىنىشنىڭ ‏بىردىنبىر ھەم ئىشەنجلىك يولى دەل ئۇنى ئەسلىلىك، ئۇتوپىيە ۋە ئىپتىدائىيلىقىغا قايتۇرۇش ھەم ‏ئاشۇ رامكىغا قايتا قويۇشتۇر. تەھلىلىمىز ئاخىرىدا تاھىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش داۋامىدا بارلىققا ‏كەلگەن مۇنۇ يەكۈن بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: خۇددى ھازىرقى زامان ئادىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ‏ئىپتىدائىي ئاڭسىز مودېللىرىغا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدەك، ئىپتىدائىي تۇيغۇلارنى ھەم مودېللارنى ‏چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ ھازىرقى زامان ئادەملىرىنى چۈشىنىشكە مۇراجىئەت قىلىمىز. مانا مۇشۇ قوش ‏ياقىلىمىلىق چۈشىنىشتە، ئىپتىدائىيلىق بىلەن ھازىرقى زامانلىقنىڭ پەرقى بارغانسېرى كىچىكلەپ ‏ماڭىدۇ.
‏ئىزاھاتلار:
ئوتوپىيىنىڭ قەدىمكى گىرىك تىلىدا «مەۋجۇت بولمىغان يەر» ۋە «گۈزەل يەر» دېگەن ئىككى ‏خىل مەنىسى بار بولۇپ، ئۇنى «مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل يەر» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەپلاتون دۇنيانى سەزگۈلەر دۇنياسى ۋە ئەقلىي (سەزگۈلىرىمىزدىن ‏ھالقىغان ئىدىيىلەر) دۇنياسى دەپ ئىككىگە بۆلگەنىدى. ئۇنىڭچە پەيلاسوپلارنىڭ ئىزدىنىدىغىنى مانا مۇشۇ ئەقلىي دۇنيا بولسا، شائىرلارنىڭكى بولسا ئەقلىي دۇنيانىڭ ھاسىلاتى، تەقلىدى ھەم ‏كۆچۈرۈلمىسى بولغان سەزگۈلەر دۇنياسىلا ئىدى. شۇڭلاشقا، شائىرلارنىڭ يازىدىغىنى ئەسلىلىك ‏سۈپىتىدىكى ئىدىيىلەر دۇنياسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەقلىدى بولغان پانىي دۇنيانى ئۈستىلەپ ‏تەقلىد قىلىش بولغاچقا، ئۇلار ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتكۈچىلەر ئىدى. ئۇلار زېھنىنى پەقەت ‏ئىدىيىلەر دۇنياسىدىنلا تاپقىلى بولىدىغان ھەقىقەتنى يېزىشقا ئەمەس، بەلكى پانىيلىقتىكى ‏ئۆتكۈنچى، ماھىيەتسىز ۋە ئىككىلەمچى شەيئىلەرنى يېزىشقا سەرپ قىلىدۇ. مانا بۇ شائىرلارنى ‏ھەقىقەتنىڭ ھامىيلىرى ئەمەس دەپ قاراشنىڭ ئەپلاتونچە شەرھلىنىشىدۇر.
 فرانسىيە پەيلاسوپى ئېممانۇئېل لېۋىناسنىڭ قارىشىچە پۈتكۈل غەرب پەلسەپىسى ئۇلىسىسنىڭ ‏ئۆيىدىن چىقىپ سەرسان بولۇشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيىگە ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىدىن ‏ئىبارەت مانا مۇشۇ چەمبەرسىمان ھەرىكەت يۈزلىنىشى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن ئىپتىدائىي موتىفلىق پەلسەپە مودېلىنى قوللايدۇ. شۇڭلاشقا غەرب پەلسەپىسى تارىختىن بېرى تەكىتلەپ ‏كېلىۋاتقان مۇھىم بىر پەلسەپىۋى مەسىلە مانا مۇشۇ تۈپكى قۇرۇلما بويىچە ئويلىنىلغان ۋە ھەل ‏قىلىنغانئوخشاشلىقنىڭ قايتىلىنىشىلا ئېتىراپ قىلىش، لېكىن ياتلىق، ئۆزگىلىك، باشقىلىق ۋە پەرقنى ‏مانا مۇشۇ ئايلانما تەكرارلىقتا ياكى ئىنكار قىلىش ياكى بېسىپ قويۇشلېۋىناسنىڭ تەنقىدىنىڭ ‏يادرولۇق نۇقتىسى شۇكى، پۈتكۈل غەرب پەلسەپىسى تارىختىن بۇيان ئوخشاشلىقنى پەرقتىن، ‏ئۆزلۈكنى ئۆزگىدىن، كىملىكنى كىملىكسىزلىكتىن ئۈستۈن كۆرۈپ كەلدى، شۇنداقلا بۇ خاھىش ئەڭ ‏ئاخىرىدا بېرىپ ھەممىدە ئۆزنى يەنى «مەن» نى مەركەز قىلىدىغان ھالەتنى يېتىشتۈردى. لېۋىناس ‏تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياتلىقنى،‎‎ئۆزگىلىكنى ۋە پەرقنى ئامال بار ئۆزلۈككە، ئوخشاشلىققا ۋە ‏پەرقسىزلىككە بوي سۇندۇرۇۋېتىشتەك خاھىشقا ئىگە دەپ قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. غەربنىڭ ئىدىيە ‏سىستېمىسى قوللايدىغان ئۇلىسىسنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشى، سەرسانلىقى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىپتىدائىي ئەندىزىگە قارىتا لېۋىناس قەدىمقى يەھۇدىي دىنىي ‏كىتابلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ كېتىپ، ‏يىراق-يىراقلاردىكى ناتونۇش جايلارغا سەپەر قىلىشى ۋە مەڭگۈ قايتىپ‎‎كەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ‏ئەندىزىنى قارىمۇ قارشى قويۇش ئارقىلىق، يەھۇدىي ئەنئەنىسى ۋە بەزى شەرق مەدەنىيىتى ‏قوللايدىغان چەمبەرسىمان ئەمەس بەلكى تۈز سىزىقسىمان ئىلگىرىلىمە يۈزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ‏تۈز سىزىقسىمان سەپەر ھەم ئۇنىڭدىكى سەرسانلىقتا ئادەم ياتلىقنى، پەرقنى ۋە ئۆزگىلىكنى ئۆزىگە ‏بوي سۇندۇرۇشنى ئىستىمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي رەۋىشتە ئۇچرىشىشنى ئىستەيدۇ، ‏ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ ۋە جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭچە، ئۆزگىلىك، مەسىلەن يات ئادەم، چەكسىزلىكتىن كېلىدۇ ۋە مېنىڭ ھەممىنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇشقا ۋە بوي سۇندۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان نىيىتىمنى ئۆزۈمگە ‏ئايان قىلىپ، مېنى نومۇسقا قويىدۇ. ئۆزلۈكنىڭ ۋە ئوخشاشلىقنىڭ چەمبەرسىمان ئايلىنىشىنىڭ ‏سىرتىغا جايلاشقان ھەم ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان ئۆزگىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا ئەخلاقتىن سۆز ئېچىش ‏مۇمكىن، چۈنكى ئەنە شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتىگە بوي سۇندۇرغىلى بولمايدىغان يېڭى ‏بوشلۇقنى بايقايمەن ھەم ئۇنىڭ ئىلتىجاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمەن: ئۆزگىگە جاۋاب ‏قايتۇرۇش ئۆزگىگە مەسئۇل بولۇشنىڭ باشلىنىشىدۇر. مانا بۇ لېۋىناسنىڭ غەرب پەلسەپىسىنى ئەخلاق نۇقتىسىدىن ھىقىپ تۇرۇپ تەنقىدلىشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىدۇر.
شۇڭلاشقا، ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە پەيلاسوپلار ئۆلۈۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۆلگەندىلا روھ سەزگۈ ئەزالار دۇنياسىدا مەنسۇپ بولۇشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولمىش تەندىن ۋە ئۇنىڭ خىلمۇ ‏خىل ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىغا-ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتىپ، ھەقىقىي ‏بىلىمگە ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ نۇرىغا چۆمۈلىدۇ. بۇنىڭدا تەن سەزگۈلەر دۇنياسىدا بولۇشنىڭ ۋە ‏ئۇنىڭغا قاتنىشىشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەمنىڭ روھلار ماكانى بولغان ‏ئەسلىلىككە قايتىشتىكى توسالغۇدۇر. مانا مۇشۇ توسالغۇنى يەڭگەندىلا ئادەم ئۆز ئەسلىلىكى بولغان ‏ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتالايدۇ،‎‎شۇنداقلا دۇنيا ھەققىدىكى ھادىسىۋى بىلىملەردىن ماھىيەتلىك ‏بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇدېمەك، ئەپلاتونچە سەرسانلىق ئەسلىدىن ئىدىيىلەر دۇنياسىدىكى تەۋە ‏بولغان روھنىڭ سەزگۈلەر دۇنياسىدا بىر تەنگە چۈشۈپ، يەنى ئورنىشىپ، بۇ دۇنيادا سەرسانلىقىنى‎‎باشلىشىنى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزى كەلگەن جايغا-ئىدىيىلەر ئالىمىگە-قايتىشى ئارقىلىق بۇ ‏چەمبەرسىمان ئايلىنىشنى تاماملىشىنى كۆرسىتىدۇ.
 شۇڭلاشقا، ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە پەيلاسوپلار ئۆلۈۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۆلگەندىلا ‏روھ سەزگۈ ئەزالار دۇنياسىدا مەنسۇپ بولۇشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولمىش تەندىن ۋە ئۇنىڭ ‏خىلمۇ خىل ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىغا-ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتىپ، ‏ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ نۇرىغا چۆمۈلىدۇ. بۇنىڭدا تەن سەزگۈلەر دۇنياسىدا ‏بولۇشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنىڭ تۈپكى سەۋەبچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەمنىڭ روھلار ماكانى ‏بولغان‎‎ئەسلىلىككە قايتىشىدىكى توسالغۇدۇر. مانا مۇشۇ توسالغۇنى يەڭگەندىلا ئادەم ئۆز ئەسلىلىكى ‏بولغان ئىدىيىلەر دۇنياسىغا قايتالايدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ھەققىدىكى ھادىسىۋى بىلىملەردىن ‏ماھىيەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. دېمەك، ئەپلاتونچە سەرسانلىق ئەسلىدىن ئىدىيىلەر ‏دۇنياسىدىكى تەۋە بولغان روھنىڭ سەزگۈلەر دۇنياسىدا بىر تەنگە چۈشۈپ، يەنى ئورنىشىپ، بۇ ‏دۇنيادا سەرسانلىقىنى باشلىشىنى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزى كەلگەن جايغا-ئىدىيىلەر ‏ئالىمىگە-قايتىشى ئارقىلىق بۇ چەمبەرسىمان ئايلىنىشنى‎‎تاماملىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكىلىق پسىخولوگ ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، ئىنساندا كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھايات ‏قېلىش، بىىەتەرلىك، مۇھەببەت ھەم تەۋەلىك، ھۆرمەت ۋە ئۆزلۈكنى رېئاللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش ‏تۈپكى تەلەپ بار. بۇلار ماسلوۋ تەرىپىدىن تۆۋەندىن يۇقىرىغا دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆرلەيدىغان ‏پرامىدا شەكلىدە قىياس قىلنغاچقا، ئىنساننىڭ تەلەپلىرىنىڭ دەرىجىلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا ‏تۆۋەندىكى تۆت تەلەپ ئورۇندالمىسا ئادەم ۋەھىمە ھېس قىلىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تەلەپ قاندۇرۇلسا ئادەم ئۆزىنى مۇكەممەللەشكەندەك ھېس قىلىدۇ. دېمەك، تەۋەلىك تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئۆزلۈك ‏قەدىر قىممىتىنى ھېس قىلىشىدىكى ۋە باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىدىكى ۋە باشقىلارغىمۇ ئۆز ‏مۇھەببىتىنى بېرىشىدىكى مۇھىم پسىخىك ھالەتتۇر.
مانا مۇشۇ سەۋەب ماھايىتى كۈچلۈك تەۋەلىك تۇيغۇسى ئۆزىدە پانتېئىزىملىق (خۇدا بىلەن ‏تەبىئەتنى بىر-بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن دەپ قارايدىغان تەلىماتنى كۆرسىتىدۇ) يۈزلىنىشنى يوشۇرۇن ساقلىغان بولىدۇ.
 ك.گ. يۇڭ، «پسىخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات»‏ئىنگلىزچە)، 20"-ئەسىردىكى ئەدەبىي ‏تەنقىدچىلىك"دېگەن كىتابتىن ئېلىندى، (لوندونلوڭمان نەشرىياتى، 1972-يىل نەشرى)، ‏‏186-بەت.

2007-يىلى بېلگىيە

Comments

  1. Anonymous07:21

    مەمتىمىن، بىلوگىڭىزنى يېڭىلا كۆردۈم، ماقالىلىرىڭىزدىن تاللاپ، ئوپچى توپلامغا كىرگۈزسەم بولامدۇ؟

    ReplyDelete

Post a Comment

Popular posts from this blog

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت

رەزىللىكنىڭ تەبىرى